大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 77 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 77 - قىسىم aybarawazi
2023-08-26
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 78 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

77-قىسىم


   _  ھە ھە  ھە، مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەيلى.  قىزچاق، پۇل بېرىمەن دېسە ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن يانمىغۇدەكسىز ھە؟  ئۈمىد ئەپەندىم سىزگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، نازىيە ياخشى كۆڭلى بىلەن ئۆيىدە تۇرغۇزدى. ئۇلار سىزگە شۇنداق ياخشىلىق قىلىۋاتسا، سىز ئۆرۈلۈپلا  نان بەرگەن قولنى چىشلەيسىز دەڭە. ئادەم دېگەن ئۇنچىۋالا قارا نىيەت بولۇپ كەتمەيدىغان. 

رازىيە بۇ ئەيىبلەش ۋە بېسىملار ئاستىدا ئاخىرى يىغلاپ تاشلىدى. 

_ ئۈمىد ئاكا،  مېنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى. ھېلىقى كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە ئىستانسىىدىن چىقىشىمغا ئۇلار مېنى مەجبۇرىي بىر ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. كېيىن بىر يەرگە ئېلىپ بارغانتى، ئۇ يەردە دادىڭىز بار ئىكەن.  دادىڭىز ماڭا ئامال قىلىپ ئىككىڭلارنى ئايرىۋېتىشنى ئېيتتى، مەن دەسلەپتە ئۇنىمىدىم، لېكىن ئۇنىمىسام ئۇلار مېنى ئۇردى.  ئاخىرى ئامالسىز ماقۇل بولغانتىم. 

ئېسىمگە كەلدى، شۇ كۈنى ئۈمىد ئالىمنى رازىيەنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا ئەۋەتكەندە ئالىم ئۇنى تاپالمىدىم  دېگەن، ئەتىسى ئەتىگەن رازىيە ئۆيگە كەلگەندە قولىدا  كۆكىرىپ قالغان ئىز بار ئىدى.  

ئۈمىد يانچۇقىدىن بىر كارتىنى چىقىرىپ رازىيەنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى. 

_ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۈستىگە يېزىپ قويدۇم.   دادام بىلەن ھېساباتنى ئېنىق قىلىۋېتىپ ئاندىن بۇ فىلىمدە رول ئېلىشقا تىرىشىڭ.  مەن سىزگە رول ئېلىشنى ئۆگىتىدىغانغا مەخسۇس مۇئەللىم تېپىپ بېرىمەن. 

_ بۇنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن،  رازىيە رول ئېلىشقا شۇنداق ئۇستا تۇرسا.

مەن شۇنداق دەپ رازىيەگە قارىدىم، بۇ گېپىمدىكى مەسخىرە مەنىسىنى ھېچكىم ھېس قىلىپ بولالمىدى.  رازىيا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى،  تۇرقىدىن قارىغاندا تازا قايىل بولمىغاندەك قىلاتتى.  دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى،  ئۇ تېلېفونغا قارىدى، ئەمما ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.  ئېنىقكى  رازىيەنىڭ كەلمىگىنىنى كۆرۈپ ئابلەت ئەپەندىم  قىلغان تېلېفون ئىدى.  ئۈمىد تېلېفونغا بىر قاراپ قويۇپ پەس ئاۋازدا:

_ رازىيە، بۇ سىزگە بېرىلگەن ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەت، ئەگەر ئەمدى يەنە گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان بولسىڭىز سىز بىلەن كارىم يوق_ دېدى.  

بۇ گەپتىن شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم، ئۈمىد رازىيەگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ بىلىدىكەن.  رازىيە  بېشىنى ئىگىپ بىردەم  تۇردى، ئاندىن:

_ ئۈمىد ئاكا، كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن_ دېدى. 

ئۈمىد تۇيۇقسىز مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى. 

_  مەن ئەمدى مەلىكەمنى ماشىنا مەشق قىلغىلى ئېلىپ بارىمەن. 

نىگارەمۇ رازىيەگە ئالىيىپ بىر  قارىۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى.  ئۈمىد ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ يەنە كەينىگە قارىدى. 

_ رازىيە، باشقىلار سىزگە نىمە بېرىمەن دېگەن بولسا  مەن ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ بېرەلەيمەن. 

ئۈمىد ئىككىمىز قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشۇپ چىقىپ كەتتۇق.  رېستۇراندىن چىققاندىن كېين نىگارە ئىشىم بار ئىدى دەپ كىتىپ قالدى.  بىز ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىغا چىقتۇق. 

_ ھازىر شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارساق بەك كېيىن بولۇپ  كەتمەس؟_ ماشىنىنى قوزغاتقاچ سورىدى ئۇ.  مەن بېشىمنى چايقىدىم. 

_ كېيىن ئەمەس. 

   ئۇ ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئاستا قولۇمنى تۇتتى. 

_ ماشىنىنى كۆڭۈل قويۇپ ھەيدەڭ_ دېدىم مەن  سەل جىددىيلىشىپ. 

_ تۆنۈگۈن كەچتە مەن بىلەن راستتەكلا ئۇرۇشتىڭىز ھە؟_ دېدى ئۇ.

ئۇنىڭغا قارىسام ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن تۆنۈگۈن كەچتە ئۇ ماڭا يوللىغان ئۇچۇر ئېسىمگە كەلدى. «رول ئېلىشقا ئۇستىكەنسىز جۇمۇ!».  مەن ئۇنىڭغا مۇنداق قايتۇرغان ئىدىم.«سىزمۇ قېلىشمايدىكەنسىز». 

_ ئەمەلىيەتتە تۆنۈگۈن كەچتە يالغاندىن ئۇرۇشتۇق دېگەن بىلەن ھەر ئىككىمىز كۆڭلىمىزدىكىنى دەۋاپتىمىز، شۇنداقمۇ؟ 

_ تۆنۈگۈن كەچتە دېگەنلىرىڭىز سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرما؟_ ھەيرانلىق بىلەن قارىدى ئۇ. 

_ ھەئە.  سىز ھەر قېتىم رازىيەگە بەك ۋاي دەپ كەتكەندە مېنىڭ كۈندەشلىكىم تۇتۇپ قالىدىكەن_ دېدىم دومسىيىپ. 

_ دېمەك سىز مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز دېگەن گەپ. 

_ سىزچۇ؟_ بۇ گەپنى سوراپ بولۇپ پۇشايمان قىلىپ قالدىم،  بۇ سۇئالنىڭ ھەر ئىككىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشىدىن،  ككلۈمدىكى جاۋابقا ئېرىشەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم، شۇنىڭ بىلەن كەينىدىنلا يەنە ئۇلاپ قويدۇم. 

_ مەن بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز راستلا بەك ھارغۇزىۋېتەمدىكەنمەن؟

_ ياشاش ئەسلىمۇ ئادەمنى ھارغۇزىدىغان بىر ئىش،  ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايالىنى ھارغۇزماي، خۇشال خورام ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش. 

ئۇ سۇئالىمغا بەكمۇ ئۇستاتلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن ئىدى. قايتۇرۇپ مەندىن سورىدى

_ سىزچۇ؟ سىز ھارغىنلىق ھېس قىلامسىز؟

مەن دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە قارىغاچ ئويلىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم. 

_  ياشاش ئەسلىمۇ ئادەمنى ھارغۇزىدىغان بىر ئىش.  ئەمما كۆڭلىدىكى ئادەمنىڭ ھەمراھلىقى بولسا بۇ ھارغىنلىقمۇ بەختلىك ھارغىنلىق بولىدۇ. 

  ئۈمىد ماڭا قارىدى، مېنىڭ بۇنداق جاۋاب بېرىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك. مانا بۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقى بولسا كېرەك. ئەرلەر تولا ۋاقىتلاردا ئەقىل بىلەن ئىش قىلسا، ئاياللار ھېسسىياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىدىكەن.  ئۇ ماڭا قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ كۈلدى. 

_ مەن سىز بىلەن بىللە ھارغىنلىق ئىچىدە ياشاشنى خالايمەن. 

ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئۆزۈمنى ئالەمدىكى ئەڭ بەختلىك ئايالدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.  دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، مەن ئۇنىڭدىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىلىۋەرسەم ئۇنى راستلا ھارغۇزۇپ قويغىدەكمەن، ئۇنىڭمۇ كەمچىلىكى بولىدۇ، ئۇنىڭمۇ تېرىكىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۈمۈر بىللە ئۆتۈشنى تاللىغان ئىكەنمەن،  ئۇنىڭ ھېرىپ چارچاپ قېلىشىنى،  تېرىكىپ قېلىشلىرىنى توغرا چۈشىنىشىم كېرەك. 

_ قانداقلا گەپ بولسا ماڭا دېگەن چېغىڭىزدا مەن ئۆزۈمنى ئەڭ بىخەتەر سېزىمەن

بۇ گەپنى تۆنۈگۈن كەچتىمۇ دېگەن ئىدىم، بۈگۈن يەنە تەكرارلىدىم. ئۇ تۇيۇقسىز مەندىن سورىدى.

_ مەلىكەم، ئىككىمىزگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ 

ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم. 

_ يېرىم يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن_ ئۇ ئۆزىنىڭ سۇئالىغا ئۆزى جاۋاب بېرىۋەتتى. 

_ ھەئە_ دېدىم مەن. 

_ يېرىم يىلدىن ئېشىپ قالسىمۇ ھازىرغىچە مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىسىز.  بۇنداق قىلسىڭىز مېنى يات كۆرگەندەك ھېس قىلىپ قالمامدىكەنسىز؟ 

_ نىمە دەيمەن ئەمىسە؟_ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم مەن. 

_ ئۆزىڭىز بىلىڭ. 

بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم. 

_ ئاكا دەيمۇ يا؟  ئۈمىد ئەپەندىم دېسەم بولامۇ يا؟

_ ياق، ياق،   ئاكا دېمەيسىز،  مەن ئاكىڭىز ئەمەس،  ئۈمىد ئەپەندىممۇ دېمەيسىز،  مەن دېگەن سىزنىڭ ئېرىڭىز ئۈمىد. شۇڭا مېنى ئېرىم، جېنىم، قەدىرلىكىم  دەپ چاقىرىڭ.  مەن سىزنى مەلىكەم دېگەندىكىن،  شاھزادەم دېسىڭىزمۇ بولىدۇ بولمىسا. 

_ ۋاي ۋۇي، بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام  بىر خىل بوپ كىتىدىكەنمەن. 

_ مەنمۇ سىزنى بىر خىل قىلاي دەپ دەۋاتىمەن. ئۆزىڭىزلا بىر خىل بولماي، مېنىمۇ بىر خىل قىلىپ بېقىڭە، مەلىكەم. 

 ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتىم. 

_ مېنى بۇندىن كېيىن جېنىم دەپ چاقىرىسز ھە؟

_ ياق. 

_ بىر قېتىم دەپ قويۇڭە. 

_ ياق دېمەيمەن. 

_ دېمىسىڭىز ماڭمايمەن. _ ئۇ  ماشىنىنى يولنىڭ ئوتتۇرىدىلا توختاتماقچى بولدى.  مەن جىددىيلىشىپ كەتتىم. 

_ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىڭ. 

_ دەمسىز يوق؟ 

زادىلا ئامال قىلالماي، بېشىمنى پەس قىلىپ قىزىرىپ تۇرۇپ دېدىم. 

_ جېنىم. 

_ ئاڭلىمىدىم، ئۈنلۈكرەك. 

_ جېنىم، جېنىم، جېنىم، بولدىمۇ؟ ئەمدى ماشىنىنى كۆڭۈل قويۇپ ھەيدەڭ. 

_ ماقۇل، ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق، ئادەم بار يەردە ئۈمىد دېسىڭىز مەيلى، ئادەم يوق يەردە مېنى جېنىم دەپ چاقىرىسىز ھە؟ 

شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارغاندىن كېين مەن بېرىپ مەشق  ماشىنىسىغا چىقتىم، ئۈمىد مەشق مەيدانىنىڭ سرتىدا ماڭا قاراپ تۇردى،  ماشىنا ھەيدەپ مەيداننى بىر چۆگىلەپ كېلىپ قارىسام ئۈمىدنىڭ يېنىدا بىر ئادەم تۇراتتى، ئۇ دەل ھەسەن ئىدى.  بۈگۈن ھەسەنمۇ مەكتەپكە كەلگەن ئىدى.  بۇ ئۈمىدنىڭ ھەسەننى بۇ يەردە تۇنجى ئۇچرىتىشىغۇ دەيمەن.  شۇ تاپتا ئۇ ئىككىيلەن يېقىن تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى.  ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھېلىقى چاغدا كېلىشىمگە قول قويغاندىكىگە قارىغاندا ئاسمان زىمىن پەرقلىنەتتى. 

دىققىتىم چېچىلىپ كەتكەچكە ھە دېسە خاتالىق چىقىرىۋەردىم. يا ماينى بەك بېرىۋېتىپ ماشىنا ئالدىغا كىتەتتى،  يا تۇيۇقسىز توختاپ قالاتتى.  جىددىيلەشكىنىمدە قايسىسىنىڭ ماي كىلاپانى، قايسىسىنىڭ تورمۇز كىلاپانى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. 

_ توختىتىڭ. 

تېرىنېرنىڭ بويرۇقى بىلەن ماشىنىنى جىددى تورمۇز قىلدىم.  ماشىنا مەيداننىڭ ئوتتۇرىدىلا توختاپ قالغان ئىدى. 

«تازا تىل ئىشىتىدىغان بولدۇم-دە» دەپ ئويلاپ تىل ئاڭلاشقا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇردۇم. 

_ نازىيە،  تۇرۇپ تۇرۇپ تۇتىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ھە؟

تېرىنېر دەرھال تىللاپ كەتمىدى، لېكىن بۇ گېپىدىن خاپا بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.  ئالدىراپ تىنەپ كەچۈرۈم  سورىدىم. 

_ كەچۈرۈڭ، تېرىنېر.  تۆنۈگۈن كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمىغانتىم.  شۇڭا بۈگۈن دىققىتىمنى يىغالمىدىم. 

تېرىنېر دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى، مەنمۇ تەڭلا قارىدىم.  بۇ چاغدا ئۈمىد بىلەن ھەسەن گېپىنى توختىتىپ بىزگە قاراپ تۇرغان ئىدى.  بەلكىم بايىقى جىددى تورمۇز قىلىنغاندىكى ئاۋاز ئۇلانىڭمۇ دېققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك.  ھەسەن كۈلۈپ كەتتى.  تېرىنېر ماڭا قاراپ:

_ ياخشى ئارام ئالالمىغان ئادەم بۈگۈن ئارىمىڭىزنى ئالماي نىمىگە كەلدىڭىز، بولدى، كىتىپ ئارام ئېلىڭ_ دېدى.  

مەن تېرىنېردىن كەچۈرۈم سوراپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلانىڭ يېنىغا باردىم . 

_ قىزچاق، بۈگۈن نىمە بولدىڭىز؟ ياخشى ھەيدىيەلمىدىڭىزغۇ؟_ دېدى ھەسەن سەت ھىجىيىپ.  خۇددى ئۆزىنى مەن بىلەن يېقىن كۆرسەتمەكچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى.  ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويدۇم. ئۈمىد قولىدىكى تاماكىنى يەرگە تاشلاپ  دەسسەپ ئېزىۋېتىپ بولۇپ ماڭا قارىدى. 

_ بىر ئوبدان ھەيدەۋاتاتتىڭىز، بۈگۈن  جىددىيلىشىپ  قالدىڭىزمۇ نىمە؟ 

_ تۆنۈگۈن كەچتە ياخشى ئارام ئالالمىغاچقا  بۈگۈن دېققىتىمنى يىغالماي قالدىم، تېرىنېر ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ دېدى. 

_ ماقۇل، يۈرۈڭ ئەمىسە، قايتايلى. 

  مېنىڭمۇ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغۇم يوق ئىدى، چۈنكى ھەسەننىڭ ئاغزىدىن ياخشى چىقمايدۇ دەپ ئويلايتتىم.  بىز ماشىنىغا چىققاندىمۇ ھەسەن جايىدا مىدىرلىماي تۇراتتى.   ئۇ مېنىڭ قارىغىنىمنى كۆرۈپ قالغان بولسا كېرەك ، ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتتى. 

شوپۇرلۇق مەكتەپتىن چىقىپ ئۈمىد شىركەتتە ئىشى بارلىقىنى ئېيتتى، بەرىبىر مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم بولمىغاندىكىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارماقچى بولدۇم. يولبۇيى ئۇ ھەسەن بىلەن نىمە دىيىشكەنلىكى توغرىلىق ھېچنىمە دېمىدى، مەنمۇ سورىمىدىم.   يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى، ئۇ  تېلېفونىنى ماشىنىغا ئۇلاپ قويغان ئىدى. 

_ ۋەي، ئۈمىد، كەچتە بەزمىخانىغا كېلە. _ بۇ فەرۇقنىڭ ئاۋازى ئىدى. 

_ نىمە، مېھمان قىلامسەن؟_ دېدى ئۈمىد. 

تېلېفوندىن فەرۇقنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ بۈگۈن كەچتە سىلەرگە ئۇقتۇرىدىغان مۇھىم بىر ئىش بار،  سەل جىددىيلىشىپ تۇرىمەن،كېلىپ ماڭا ھە ھۇ دىيىشىپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ.  ھە، بولدى، شۇنداق بولسۇن، كەچتە كۆرۈشەيلى ئەمىسە، نىجات بىلەن ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىمەن ئەمدى. 

شىركەتكە بارغاندىن كېيىن ئۈمىد خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.  يىل ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا شىركەتتىكىلەر ھەممىسى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى، ياردەمچىمۇ ھېلى ئۇ يانغا، ھېلى بۇ يانغا يۈگۈرۈپلا يۈرەتتى.  ئۈمىد بىر ھۆججەتنى كۆرۈپ، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئېلىپ ئىككى  قېتىم ئىچكى لىنىيە تېلېفونى ئۇردى، لېكىن قارشى تەرەپ ئالمىدى. مەن ئولتۇرىۋېرىپ ئىچىم پۇشۇپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم. 

_ ياردەمچىڭىز بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ، مەن قىلالىغۇدەك ئىش بولسا مەن ياردەملىشەي بولمىسا. 

ئۇ ئالدىدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتىپ:

_ بازار ئېچىش بۆلۈمى يوللىغان بۇ ھۆججەتتە مەسىلە بار ئىكەن،  قايتا ئىشلىمىسە بولمايدىكەن.  بۇنى بازار ئېچىش بۆلۈمىدىكى  فروزەگە ئەچىقىپ بېرىدىغان ئىش ئىدى، قايتا ئىشلىمىسە بولمايدىكەن. 

_ بازار ئېچىش بۆلۈمى نەچچىنچى قەۋتتە؟ مەن ئەچىقىپ بېرەي.

ئۈمىد نەچچە سىكۇنت ئويلىنىپ تۇرىۋېلىپ ھۆججەتنى ماڭا سۇندى. 

_ بازار ئېچىش بۆلۈمى 5-قەۋەتتە. ئەگەر فروزە ئىشخانىسىدا بار بولسا يېنىمغا بىر كىرسۇن. 

مەن ھۆججەتنى ئېلىپ لىفىت بىلەن باشىنچە قەۋەتكە چۈشتۈم.  بەشىنچى قەۋەت سەل غەلىتە ئىكەن، نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئادەم يوق، قۇرۇقلا تۇرۇپتۇ.  بىر يەردە بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاۋازنى بويلاپ بارسام، بازار ئېچىش بۆلۈمىدىكى بارلىق خادىملار بىر رەت بولۇپ تۇرۇپتۇ. 

_  چاغان بايرامنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگۈڭلار يوق ئىكەن دە ھە؟ خىزمەتكە مۇشۇنداق پوزىتسىيەدە بولساڭلار بولامدۇ؟

فروزە ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھە دەپ تەنقىد قىلىۋاتاتتى.  ھەممەيلەن بېشىنى پەس سېلىپ تۇراتتى، بىرەرىمۇ گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.  مەن فروزەنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.  مېنىڭ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، فروزە  بېشىنى بۇراپ مېنى كۆردى ۋە دەرھال تەنقىدلەشنى توختاتتى. 

_ روھى ھالىتىڭلارنى توغرىلاپ، جانلىق بولۇپ خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەڭلار.  بولدى، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار. 

   سەپ تۈزۈپ تۇرغانلار تارقالدى. 

_ نازىيە، مېنى ئىزدەپ كەلگەنمىتىڭىز؟ 

مەن قولۇمدىكى ھۆججەتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. 

_ ئۈمىد باش دېرىكتور بۇنى سىزگە ئەچۈشۈپ بېرىڭ دېگەنتى. 

_ ئىشخانامغا كىرەيلى_ دېدى ئۇ. 

ئۇ ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پىشانىسىنى تىرەپ بىردەم ئولتۇرىۋالدى. 

_ مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟_ دېدىم مەن كۈيۈنگەن تەلەپپۇزدا. 

_ ياقەي، چارچاپ قاپتىمەن. 

_ ھە راست، ئۈمىد سىزنى ۋاقتى بولسا يېنىمغا بىر كىرسۇن دېگەنتى، سىز بىلەن بۇ لايىھە توغرىلىق سۆزلىشەمدىكىن_ دېدىم مەن. 

ئۇ قولىدىكى ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى،  ئىككىمىز بىللە ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتۇق.  مەن فروەنى تۇنۇغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتايىن ئوچۇق، يورۇق قىز ئىدى، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك غەمكىن تۇرقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. ئۈمىدنى ئۇنىڭغا قاخشاپ كىتەمۇ دەپ ئەنسىرىگەنتىم  لېكىن ئۈمىد ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىنتايىن سىلىق پاراڭلىشىدىكەن. ئۇلار پاراڭلىشىدىغان تېمىنى مەن چۈشەنمىگەچكە بىر چەتتە قاراپ ئولتۇردۇم،  ئۈمىد ئازراقلا دەپ بېرىۋىدى، فروزە قانداق قىلىشنى بىلىۋالدى.  

_ بەك چارچاپ كېتىۋاتقان ئوخشايسىز، بۈگۈن كەچتە 520 بەزمىخانىسىغا بارماقچىتۇق، سىزمۇ بىللە بېرىڭە، كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالا_ دېدىم مەن.

_ بۇ لايىھەنى قايتا ئىشلىمىسەم بولمايدۇ، رەھمەت سىزگە_ دېدى ئۇ. 

مەن ئۈمىدكە قارىدىم. 

_ نازىيە توغرا دەيدۇ، كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلىڭ. قايتىپ كەلگەندە يېڭىچە ئىلھام بىلەن ئىشلەپ كىتەمسىز تېخى. 

_ بۈگۈن  خېلى كۆپ ئادەم يىغىلىمىز، نىجات، ئۆتكۈرلەرمۇ بارىدۇغۇ دەيمەن. 

      ئىككىلىنىپ تۇرغان فروزە ئاخىرقى گېپىمنى ئاڭلاپ دەرھال ماقۇل بولدى. 

_ ماقۇل، باراي ئەمىسە. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k