
بۇ ئەسەرنىڭ 52 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
||
51-قىسىم
_ نىمىلا ئىش قىلىۋاتقان بولسىڭىز ئىشىڭىزنى تاشلاپ دەرھال بىزنىڭ ئۆيگە بىر كېلىپ كېتىڭ.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ تىنەپ چىقىپلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ئۇ كىشىنىڭ تېلېفوندا گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى يەنىلا شۇنداق سوغۇق بولسىمۇ مەن تېزلىكتە ئۇ ئۆيگە باردىم. مېھمانخانا ئۆيگە كىرسەم، ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمدىن باشقا ماڭا ئىنتايىن تونۇش ئىككەيلەن يەنى مېنىڭ ھاممام بىلەن نەۋرە ئاكام ئولتۇراتتى. ھاممام مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ دەرھال يېنىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ پىشانەمگە سۆيۈپ كۆرۈشۈپ كەتتى.
_ قانداق ئەھۋالىڭىز، نازىيە، قىزىم. ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ ئاتا-ئانىڭىز يوق، جاپا تارتىپ قېلىۋاتامسىز؟ قانداقلا ئىش بولسا ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئورنىدا مەن بار ھە.
ھاممامنىڭ بۇ قىزغىنلىقلىرىغا ئانچە كۆنەلمىدىم، شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي:
_ ياخشى تۇرۋاتىمەن. سىلەرمۇ ياخشى تۇرۋاتامسىلەر_ دەپ قويدۇم.
_ ۋاي بىز ياخشى. قاراڭە سىزنى، توي قىلغىنىڭىزغا شۇنچە ۋاقىت بولغۇچە بىزگە دەپ قويمىغىنىڭىزنى. تويىڭىزدا ئاتا ئانىڭىز يېنىڭىزدا يوق، يا بىز يوق، قانچىلىك بوينىڭىز قىسىلغاندۇ؟ قۇدىلارنىڭ ئالدىغىمۇ بالدۇرراق كېلىدىغان يەدىتى. مانا، يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئازراق ئالغاچ كەلگەن، يەنە بۇ ئۆزىمىز ئۆيدە باققان توخۇ تۇغقان يەرلىك تۇخۇم. سىلەر شەھەرلىكلەر يەرلىك تۇخۇم دەپ بەك ئەتىۋارلاپ يەيسىلەر، شۇڭا ئالغاچ كەلدۇق. يەنە بۇ ئۆز قولۇم بىلەن باققان يەرلىك توخۇنىمۇ ئالغاچ كەلدۇق.
ھاممام شۇنداق دېگەندىن كېيىن يەرگە قارىسام پولنىڭ ئۈستىدە بىر توخۇ يەرگە ماياقداپ بىر كەلتۈرىۋەتكەن، ئۆينىڭ ئىچىدىنمۇ توخۇ مايىقى پۇراپ كەتكەن ئىدى. ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ چىرايىغا قارىدىم، بىر بىرىدىن سوغۇق، ماڭا قارىغۇدەك ھالىمۇ يوق. بۇ ئىشتىن ئىزا تارتىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم.
ھاممام بىر ئائىلىلىك بىزگە ئەزەلدىن بۇنداق يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان، بولۇپمۇ دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىزنى كۆرسە قاچقۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ پۇلدار ئادەم بىلەن توي قىلغىنىمنى كۆرۈپلا پوزىتسىيىسىنى 180 گرادۇس ئۆزگەرتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرۈپ نومۇس قىلدىملا ئەمەس، ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم.
ھاممام ئاستا كېلىپ جايىدا ئولتۇردى. مېنىڭ بېرىپ كرىسلودا ئولتۇرۇشقىمۇ رايىم يوق ئىدى.
_ ھامما، ئاكا، قايتىپ كېتىڭلار_ دېدىم مەن ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ.
_ ۋاي ۋۇي، نىمە دەيدىغانسىز؟ شەھەرگە كەلمىكىمىز ئاسان ئەمەس، ئاران كەلگەندە بۇنداق ئالدىراپ كەتمەيمىز، شۇنداقمۇ، ئوغلۇم؟
نەۋرە ئاكام ھەئە دەپ قويۇپلا ئولتۇردى.
_ قۇدىلارمۇ شۇنداق مېھماندوست كىشىلەركەن، بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە قارىدىم، ئىككىيلەننىڭ ئالدىغا بىر ئىستاكاندىن قايناقسۇ قۇيۇپ قويغاندىن باشقا نەرسە يوق، مۇشۇ قىزغىن كۈتۈۋالغىنىكەن.
ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىمۇ مەن بىلەن تازا خۇشى يوق ئىدى، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مېنى ئىچىدە نەچچە مىڭنى تىللاپ كىتىۋاتقاندۇ ھەقىچان.
دەل مۇشۇ چاغدا پەلەمپەيدىن تاقىلداپ چۈشۈۋاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىسام فروزە ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشۈۋاتقان ئىكەن. ھاممام ماڭا قاراپ:
_ بۇ ياق كىم بولىدۇ؟_ دەپ سورىدى.
ئايگۈل ھەدەم دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، مەغرۇر بىر ئاھاڭدا:
_ مېنىڭ قىزىم _ دېدى.
_ ۋوي نازىيەنىڭ قېينى سىڭلىسى ئىكەندە. كۈيئوغلىمىز بىلەن سىڭلىسى بىر بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن.
مېڭەم پارتىلاپ كىتەيلا دېدى. ھاممامنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر ئېغىز گەپ يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ ئۇرۇلىۋاتاتتى. فروزە ھاممامنىڭ گەپلىرىگە ئىرەن قىلماي ماڭا قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى.
ھاممام ئەقىللىق ئايال، ئۇ بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەي قالمايدۇ، لېكىن ئۇ قەستەن بىلمەسكە سېلىپ ئولتۇرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئەپتىدىن بىرەر ھاجەت بىلەن كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. ھاممامنى بۇ ئىككىيلەننىڭ ئالدىدا قاملاشمىغان تەلەپتىن بىرنى قويۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇراتتىم. ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي ماشىنا سىگنال بېرىپ ئىشىك ئالدىدا توختىدى ۋە كەينىدىنلا ئۈمىد ئىشىكنى ئېچىپلا كىردى. نەۋرە ئاكام باشتىن ئاخىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرغان، ئۈمىدنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
_ ئىنىم، كەلدىڭىزما؟
ئۈمىد ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپلا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
_ ئۈمىد، ئۈستىگە چىقە، سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار.
ئابلەت ئەپەندىم شۇنداق دەپلا ئۈستۈنكى قەۋەتكە ماڭدى، ئۈمىدمۇ كەينىدىن ماڭدى. ئايگۈل ھەدەمنىڭمۇ ھامماملار بىلەن بىردەممۇ ئولتۇرغىسى كەلمىدىمۇ، ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا كېلىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم. ھاممام ئۆينىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغچە قاراپ چىقتى.
_ بەك تەلىيىڭىز كەپتۇ، نازىيە. قاراڭ نىمىدېگەن چوڭ ئۆي بۇ، پۇلى جىق ئادەملەرنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىمۇ چوڭ بولىدىكەن ھە. سىزنىڭ ئۆيىڭىزمۇ مۇشۇنداق چوڭدۇ؟
ھاممامنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي بىر چەتتە جىم ئولتۇردۇم.
_ بەك قالتىسكەنسىز، بۇنداق پۇلدار ئادەمنى قەيەردىن تېپىپ تىگىۋالغانسىز دەيمەن. ئاكام بىلەن يەڭگەم بۇرۇنلا كىتىپ قالدى، بولمىسا تازا راھەت ئىچىدە ياشايدىكەنتۇق.
ھاممامنىڭ گەپلىرىگە چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۈمىد دادىسى بىلەن دىيىشىدىغان گېپىنى تۈگىتىپ يېنىپ چۈشتى.
_ نازىيە، ماڭامدۇق؟ ھامما، سىلەرنى مەن ئاپىرىپ قوياي.
ھاممام دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىنىڭ ھەممە يېرىنى سىلاپ چىقتى. مەن بېرىپ كەينى ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىم. ھاممام بۇنداق ئېسىل ماشىنىغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرۇشىمىكىن، ماشىنىغا چىقىپلا ھاياجانلىنىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى. ماشىنا ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ھاممام ھەقىقىي مەقسىتىنى ئېيتتى.
_ مۇنداق ئىش نازىيە. نەۋرە ئاكىڭىزنىڭ ئايالىنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان. سىزمۇ بىلىسىز، بىز ھازىر قۇرۇلۇش ئورنىدىكى كىچىككىنە كەپىدە تۇرىۋاتىمىز، شارائىتى بەك ناچار. قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق، تۇغۇپ ئۇ ئۆيدە ياتسا ئانىغىمۇ، بالىغىمۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا يەڭگىڭىزنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بىر مەزگىل تۇرغۇزۇپ، يەڭگىسە قىرقىنى چىقىرۋالارمىزمىكىن دېگەنتىم.
زادى بىلەتتىم مۇشۇنداقراق بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى. ئۇلار ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ بارالىغان ئىكەن، دېمەك مېنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىمنىمۇ بىلدى دېگەن گەپ. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىزنى ئارتىلىۋالمىسۇن دېگەندەك قىلىپ كۈچۈپ كەتكەنلىرى ئېسىمگە كەلدى.
_ بولمايدۇ_ دېدىم مەن كېسىپلا.
داچىغۇ چوڭ، ئۇلار بىر ئائىلىىكنى تامامەن سىىغدۇرۇپ كېتەلەيمىز،، ئەمما ئۆزۈم خالىمىغان ئىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىغىم كەلمىدى. ئۈمىد بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن ھاممام يەنە ئېغىز ئاچتى.
_ قانداقلا بولمىسۇن بىر ئۇرۇق تۇققانغۇ، سىز راھەتتە ياشاۋاتقان يەردە، ئاكىڭىز بىلەن يەڭگىڭىز جاپا تارتىپ قالسا بولماس، بۇنىڭغا سىزنىڭ كۆڭلىڭىز قانداق ئۇنايدۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا دادام ئۆلۈپ كەتتى، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالدى، شۇ چاغدا بۇ ھاممام ئەجەب مەندەك ئۇرۇق تۇققىنى بارلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرمەپتىكەنغۇ؟ ئاكامنىڭ قىزى ئىكەن، يېنىمغا تارتاي، بېشىنى سىلاي دېمەكتە يوق، مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغانغۇ؟ ئۈمىد مېنىڭ ئېغىز ئاچالمايۋاتقىنىمنى ھېس قىلىپ قالغان بولسا كېرەك.
_ ئارتۇق ئادەم بولسا مەن كۆنەلمەيدىكەنمەن. _ دېدى. ھاممامنىڭ ئاغزى ئېتىلدى.
ئۈمىد كەينىدىن يەنە قوشۇمچە قىلىپ قويدى.
_ ئايال كىشىنى قانداق يەردە تۇرغۇزۇش، قانداق كۈن كۆرسىتىش، بالىسىنى قانداق مۇھىتتا چوڭ قىلىش ھەممىسى ئەر كىشىنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق ئىش.
ئۈمىدنىڭ بۇ گېپى ئۇدۇل بېرىپ نەۋرە ئاكامغىلا تەگدى. ئۇلارنى قۇرۇلۇش ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتتۇق. راستىمنى ئېيتسام ئۈمىدنىڭ ئالدىدا بەك نومۇس قىلدىم. لېكىن ئۈمىد ھېچ ئىش بولمىغاندەك قولۇمنى تۇتتى.
_ سىزدە ئۆزگىرىش چوڭ جۇمۇ، مەلىكەم.
ئۈمىدنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ رەت قىلىشنى ئۆگىنىپسىز_ دېدى ئۇ.
توغرا، بۇرۇن ئۆزۈم خالىغان، خالىمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە «ھەئە» دەپ ئاخىرى زىياننى ئۆزۈم تارتىپ ئولتۇراتتىم. ئەمدىلىكتە مەنمۇ «ياق» دىيىشنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتكەن ئىشى ئېسىمگە كېلىپ سورىدىم:
_ دادىڭىز بىلەن ئۈستىدە بەك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ كەتتىڭلارغۇ، نىمە دىيىشتىڭلار؟
ئۈمىد ماڭا بىر قارىۋېتىپ بىر دەم جىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.
_ شېرزات قايتا ئەرز سۇنىدىكەن.
شېرزاتنىڭ ئىشى توغرىلىق ئۈمىدنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا بەكرەك ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن باشقا ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيتتىم.
_ ئۇ قانداق بولۇپ تۈرمىگە كىرىپ قالغان؟_ سورىدىم مەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنى بۇرۇنلا سوراپ باققۇم بار ئىدى.
ئۈمىد چوڭقۇر بىرنى تىنىۋېتىپ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ماشىنىنى ھەيدەۋەردى. «سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان سوئالنى سوراپ قويدۇممۇ نىمە» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ۋە گەپنى باشقا بىر تېمىغا يۆتكەپ ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتەي دەپ تۇرسام، ئۈمىد ماشىنىنى توختاتتى، ماشىنىنىڭ سىرتىغا قارىسام، بىر سودا ساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىتىپتۇ.
_ بىرەر نەرسە ئالامسىز؟_ دەپ سورىدىم.
ئۇ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن:
_ سىزگە كىيىم ئالىمىز_ دېدى.
_ يەنە ئالامدۇق؟ مېنىڭ كىيمىم بار، يەنە ئېلىپ يۈرمەيلى بولدى.
_ پەسىل ئالماشتى، كۈزلۈك كىيىم ئالىمىز.
مەن يەنە باشقا بىر نەرسە دەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ رەت قىلغۇدەك ئىمكانىيىتىمنىمۇ قويمىدى.
_ ماشىنىدىن چۈشۈڭ.
ئامالسىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ سودا سارايغا كىردىم. ئادەتتە باشقىلار بازار ئايلانسا، ئاياللار توختىماي نەرسە كېرەك سېتىۋالىدۇ، ئەرلەر بىر چەتتە ئىچى پۇشۇپ تۇرىدۇ، ئەمما بىز دەل ئەكسىچە، ئۇ توختىماي ئۇنى بۇنى ئالىدۇ، مەن ئۇنى توسۇپمۇ توسۇپ بولالماي قالىمەن. ئاخىرى چوڭ كىچىك بولۇپ بىر مۇنچە خالتىلارنى كۆتۈرۈپ سودا سارايدىن چىقتۇق. ئۆيگە قايتىش يولىدا مەن ئۈمىدنىڭ بەتخەجلىكى توغرىلىق سەل ئاغرىندىم.
_ نازىيە. ئايالىغا ياخشى يىگۈزۈش، ياخشى ئىچكۈزۈش ، ياخشى كىيگۈزۈش ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيىتى.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تەسىرلەندىم، باشقىلار تەرىپىدىن ئاسرىلىش، قوغدىلىشنىڭ نەقەدەر راھەت ئىش ئىكەنلىكىنى شۇ دەقىقىدە چۈشىنىپ يەتتىم. يەنە ئۇنىڭ بۈگۈن دادىسىنىڭ ئۆيىدە مەن ئەڭ ئوڭايسىز ھالەتتە قالغاندا پەيدا بولۇپ مېنى قۇتقۇزىۋالغىنى ئېسىمگە كەلدى، شۇ چاغدا ئۇ كۆزۈمگە گىگانت ئادەمدەك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى. ئەگەر بۈگۈن ئۈمىد كەلمىگەن بولسا ھاممام ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ھېلىقى يولسىز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۈمىدنىڭ دادىسى بىلەن ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئالدىدا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كىتەر بولغىيتتىم.
_ ھە راست، بۈگۈن تۇيۇقسىزلا ئۇ ئۆيگە بېرىپ قاپسىزغۇ؟_ دەپ سورىدىم. ئۇ ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيى بولغان بىلەن ئادەتتە ئانچە بېرىپ كەتمەيتتى.
_ فروزە تېلېفون قىلىپتىكەن، سىزنى شۇ يەردە دېدى_ دېدى ئۈمىد قىسقىلا قىلىپ.
بۇ گەپتىن ھاڭۋېقىپ قالدىم ۋە فروزەدىن مىننەتدار بولدۇم. ئۇ بەك ئەقىللىق قىز، شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپلا تىگىگە يەتكەن گەپ.
ئۆيگە بارساق ئۆتكۈر تاماق ئىتىپ قويۇپتۇ.
_ تاماقنى سىلەر يەۋېرىڭلار، سەل مىجەزىم يوق تۇرىدۇ، مەن كىرىپ ئارام ئالاي_ دەپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ كەتتىم. ئۇخلىغان بىلەن ئۇخلىمىغاننىڭ ئارىلىقىدا ياتسام ئۈمىد ھۇجرىغا كىردى ماڭا قاراپ قويۇپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. بىر چاغدا لۆڭگە بىلەن بەدىنىنىڭ ئاستىنى ئوراپلا مۇنچىدىن چىقتى. كۆزۈم بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ بېلىدىكى تاتۇققا چۈشتى.
_ ئۈمىد_ دېدىم مەن. ئۇ مېنى ئۇخلاپ قالدى دەپ ئويلاپ قالغان چېغى، ئاۋازىمدىن چۈچۈپ كەتتى.
_ تېخى ئۇخلىمىغانمىتىڭىز؟
_ بۇ تاتۇق قانداق پەيدا بولۇپ قالغان؟
ئۈمىد بىردەم جىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا:
_ شېرزات پىچاق تىقىۋەتكەن_ دېدى.
بۇ گەپتىن بەك ھەيران قالدىم.
_ نىمىشقا؟ قانداقلا بولمىسۇن سىلەر ئاكا ئۇكىغۇ، نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟
ئۈمىد كۈلۈپ كەتتى، ئەمما كۈلكىسى سوغۇق كۈلكە ئىدى.
_ بەلكىم ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بىزنىڭ بىر بىرىمىزگە ئاكا ئۇكىلىق مېھرىمىز يوق. ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنى ئۆيىمىزگە ئېلىپ كەلگەندە ئۇ 12ياشقا كىرىپتىكەن. شۇ چاغدا ئىككىمىز بىر بىرىمىز بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايتتۇق.
ئوت بىلەن سۇدەك تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئايالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ پۇل بەرگەندىكىن، ئاكا ئۇكىلىق مېھرى مۇھەببەت پەقەتلا يوق دېگىلى بولمايدۇ.
_ شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ھە دېسە ئۇرۇشاتتۇق، گېپىمىز بىر يەردىن چىقماي قالسىلا مۇشتلىشاتتۇق. ئۇ ئۆيىمىزگە كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۇرۇشۇپ قالدۇق، ئۇ مېۋە ئاقلايدىغان پىچاقنى ئېلىپلا ماڭا تىقىۋەتتى، ھېلىمۇ ياخشى بەك چوڭقۇر كىرمەپتۇ، ساق قالدىم. لېكىن بۇ تاتۇق مەڭگۈ يوقىمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن چوڭ دادام مەندىن خاتىرجەم بولالماي مېنى يېنىغا ئېلىپ كەتكەن.
ھېلىقى كۈنى تۈرمىدە شېرزاتنى كۆرگەن ۋاقىت ئېسىمگە كېلىپ قالدى، ئۇ ھازىر 12 ياشلىق كىچىك بالا ئەمەس، لېكىن يەنىلا قاراملىقى قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
_ ئەمىسە ئۇرۇشۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ تۈرمىگە كىرگەنما؟_ سورىدىم مەن يەنە. بۈگۈن كۈندۈزدە گەپ سورىسام ئۇ سۇئالىمغا جاۋاب بەرمىگەن ئەمەسمۇ. ئۇ بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاندىن جاۋاب بەردى.
_ ساقچىلار ئۇنى تۇتقاندا يېنىدىن ئاق چىقىپ قاپتۇ.
ئۈمىدمۇ بۇ توغرىلىق ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدى، مەنمۇ سورىمىدىم. ئەمما كاللامدا يەنىلا مۇشۇ ئىشنى ئويلاۋاتاتتىم. ئەگەر ئۇ قايتا ئەرز قىلىپ يېڭىۋېلىپ، ئاقلىنىپ چىقىپ قالسا مېھراي بىلەن بالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلارمۇ؟
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن فەرۇقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بوپتۇ. ئۇ بىزنى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە تەكلىپ قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە 520 بەزمىخانىسىغا باردۇق. نىگارە بىزدىن بۇرۇنراق بېرىپ بوپتۇ. ئۆتكۈر، ئۈمىدنىڭ يەنە بىر دوستى نىجات ۋە مەن تونۇمايدىغان بىر نەچچەيلەنمۇ بار ئىدى.
فەرۇق بۈگۈن بەك خۇشال، ئۇ سەھنىگە چىقىپ مىكروفوننى ئېلىپ، بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر بىر ئۈستەلگە بىر پەتنۇس مېۋە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېھمانلار خۇشال بولۇپ چىرقىرىشىپ كەتتى، كەينىدىنلا فەرۇخقا ئاتاپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتتى.
ئۇ بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە قايتىپ كەلدى ۋە نىگارەگە قاراپ چاقچاق قىلدى.
_ بەزىلەر ماڭا ھېچقانداق سوۋغات تەييارلىمىدىمىكىنە؟
_ ھە، ماڭا گەپ قىلىۋاتامسىز؟ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىما؟ نىمە ئالغۇڭىز بار؟_ دېدى نىگارە.
_ نىمە دېسەم شۇنى بېرەمسىز؟_مەنىلىك قارىدى فەرۇق. نىگارەنىڭ بۇنچىلىك گەپنى چۈشەنگۈچىلىكى بار، فەرۇقنىڭ بۇ گېپىگە جاۋاب بەرمىدى.
_ ماڭا سىز كېرەك. (فەرۇقنىڭ گېپى)
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















