大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 89 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 89 - قىسىم aybarawazi
2023-09-07
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 90 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

89-قىسىم  


     ئۆتكۈر شورپىنى تەييارلاپ ئېلىپ چىقىپ ئۈستەلگە ئالدىن قويۇپ تەييارلاپ قويۇلغان ئېلىكتىر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن بىز يۇيۇپ توغراپ تەييار قىلىنغان كۆكتاتلارنى ۋە گۆشلەرنى ئېلىپ چىقىپ ئۈستەلگە تىزدۇق. قازاندىكى شورپا پورۇقلاپ قايناپ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالدى. تۆت بۇرجەك ئۈستەلنىڭ تۆت تەرىپىگە تۆتىمىز جايلاشتۇق. چوڭ دادام بۈگۈن ئالاھىدە خۇشال ئىدى.

_ مانا، بۈگۈن ئىككى نەۋرەم، نەۋرە كىلىنىم ھەممىمىز جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز،  مەن يىراقتا، ئىككىڭلار خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ بۇنداق جەم بولۇپ باقمىغىنىمىزغا بەك ئۇزۇن بوپتىكەن، باللىرىم. بۈگۈن بۇ بىر ۋاق تاماق ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە ھوزۇرلۇق تاماق بولىدىغان بولدى. شورپىنى ئاچچىق تەييارلىغانسەن ھە، ئۆتكۈر بالام؟ 

   _ چوڭ دادا، ئۆتكەندە ئۈمىدنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققان، بەك ئاچچىق يىسە بولمايدۇ، شۇڭا بەك ئاچچىق قىلىۋەتمىدىم.  

چوڭ دادام بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئۈمىدكە قارىدى، ئۈمىد بېشىنى تۆۋەن قىلدى.چوڭ دادام ھەم ئەيبلەش ھەم كۈيۈنۈش ئاھاڭىدا ئۇنىڭغا كايىدى. 

_ كىچىكىڭدىن تارتىپ شۇنچە گەپ قىلسام ئاڭلىمىدىڭ، ئۆزۈڭنى يا ئايىمايسەن، مانا ئەمدى ياپياش تۇرۇپ ئاشقازان ئاغرىقى تېپىپسەن. 

     ئۈمىد تۆۋەن ئاۋازدا كەچۈرۈم سورىدى.

_ مەن خاتا قىپتىمەن، چوڭ دادا. 

    ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى ھەر ھالدا خېلى سەمىمى بولدى. 

   تاماق ھەر ھالدا قىزغىن كەيپىياتتا يىيىلدى، لېكىن مەن تازا ئەركىن بولالمايۋاتاتتىم. نەچچە كۈندىكى ئەركىن ئازادىلىك يوق ئىدى، ئادەتتىكىدەك كۈلۈپ ئولتۇراي دېسەم، مەن ئۈمىدتىن خاپا بولۇپ قېلىپ كەلگەن، ھازىر ئۇمۇ بۇ يەردە ئولتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئاچچىقىم يانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسام بولمايتتى، ئاچچىقىم يانمىدى دەپ قاپىقىمنى تۈرۈپ ئولتۇرىۋالاي دېسەم تاماق يەۋاتقان ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يىتەتتى. شۇڭا تاماق يىگەندە كۆپ گەپ قىلماي جىملا ئولتۇردۇم.  مەن ئادەتتىمۇ يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارغا ئامراق بولغاچقا ئاساسەن سەي كۆكتاتلارنى يەپلا ئولتۇردۇم.  چوڭ دادام كۆپرەك سۆزلىدى، ئۇ بىزگە كەنتتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ، يەنە كىچىكىدە يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ ھەممىمىزنى ئۈچىيىمىز ئۈزۈلگۈدەك كۈلدۈرىۋەتتى. چوڭ دادامنىڭ روھى ھالىتىدىن قارىغاندا ھېچكىممۇ ئۇنى كېسىلى بار، يەنە كېلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان دەپ ئويلىمايتتى.  

   چوڭ دادام بىر چاغدا يۈگۈرۈپ كىرىپ كونا ئالبۇمنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ماڭا بۇرۇنقى كونا رەسىملەرنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. بىر چاغدا چوڭ دادام بىر پارچە سۈرەتنى قولىغا ئېلىپ بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆتكۈرگە قارىدى. 

_ ئۆتكۈر بالام، بۇ سېنىڭ كىچىك چېغىڭدىكى سۈرىتىڭغۇ، يېنىڭدىكى كىچىك قىز كىمۇ؟ 

    ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر سۈرەتكە تەڭلا قارىدى، مەن چوڭ دادامنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغاچقا سۈرەتنى كۆرەلمىدىم. 

_ ئەجەب تۇنۇشلا كۆرۈنىدىيا_ دەپ قوشۇمچە قىلدى چوڭ دادام. 

    ئۆتكۈر كۈلۈپ كەتتى. 

_ چوڭ دادا،  سۈرەتتىكى بۇ قىز ھازىر چوڭ بولۇپ كەتتى، ئۇ شۇ تاپتا سىزنىڭ ئۇدۇلىڭىزدا ئولتۇرۇپ بىز بىلەن بىللە تاماق يەۋاتىدۇ. 

_ ھە؟ بۇ نازىيە قىزىمما؟_ چوڭ دادام  سەل ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك بىر سۈرەتكە، بىر ماڭا قاراپ سۈرەتنى ماڭا ئۇزاتتى. 

_ قاراپ بېقىڭە، قىزىم، بۇ سۈرەتتىكى قىز سىز شۇمۇ؟

    سۈرەتنى ئېلىپ قارىدىم، سۈرەتتىكى كىچىك قىز راستلا مەن ئىدىم.  سۈرەتتە مەن بىر يوغان تاشنىڭ ئۈستىدە، ئۆتكۈر تاشنىڭ پەس تەرىپىدە تۇرۇپتۇ، ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا مەن دائىم بىلەن بىللە ئوينايدىغان بىر بالا بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ ئوينىغانتۇق، كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەچكە ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان.  ئۆتكۈر شۇ چاغدىكى ئىشنى ئەسلەپ:

_ شۇ چاغدا سىز مەن سىزدىن ئېگىز بولىمەن دەپ ئۇنىماي تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغانتىڭىز_ دەپ كۈلۈپ كەتتى. كىچىكىلىكتىكى ئەخمىقانە ئىشلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز  كۈلۈپ كەتتىم. 

_ كىچىكىمدە ئەجەبمۇ ئەخمەقكەنمەن. 

_ نەدىكىنى، بەك ئۇماق ئىدىڭىز. _ ئۆتكۈر بۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالدى بولغاي، دەرھال قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە مەندىن باشقا ئادەم دېققەت قىلمىدى بولغاي. 

    ئۈمىد ئۆتكۈر ئىككىمىزنىڭ كىچىكىمىزدە بىللە ئوينىغان دوستلاردىن ئىكەنلىكىمىزدىن ھەيران قالدىمىكىن، بۇ تېما چىققاندىن باشلاپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىستۇرماي جىملا ئولتۇردى. 

_ شۇ چاغدا كۆچۈپ كېتىشكە ئۇنىماي يىغلاپ تۇرىۋالغىنىڭ بىكار ئەمەسكەندە، ئەسلى نازىيە قىزىمنى  دەپ كەتكىلى ئۇنىماپتىكەنسەن ھە. _ دېدى چوڭ دادام. ئۆتكۈرگە قارىدىم، ئۇ كۈلۈپلا قويۇپ گەپ قىلمىدى.  ئەمما چوڭ دادامنىڭ شۇ گېپىدىن كېيىن ئارىنى ئوڭايسىزلىق قاپلىدى.  ئۈمىد قازاندا قايناۋاتقان گۆشتىن بىر پارچە ئېلىپ مېنىڭ چىنەمگە سالدى. 

_ بۈگۈن بۇ ساماۋار شورپىسى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك تېتىپ كەتتى._ ئۇنىڭ گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ، ئارىدىكى ئوڭايسىز كەيپىياتنى تۈگەتمەكچى بولىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى.   چوڭ دادام يەنە بىر پارچە سۈرەتنى ئېلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. 

_  بۇ سۈرەتكە قاراڭلار.  

    ئۆتكۈر سۈرەتنى قولىغا ئېلىپ كۈلدى. 

_ چوڭ ئانامنىڭ ياش ۋاقىتلىرى ئىكەن ھە.

_ ھەئە، چوڭ ئاناڭلار ياش ۋاقتىدا كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك ساھىبجاماللاردىن ئىدى.  ئەينى يىللاردا ئۇ چىرايلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئىقتىدارلىق زىيالىي ئىدى،  بىز يېڭى توي قىلغاندا ئۇ يېزىغا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتى،  ئۇ بەك چىرايلىق بولغاچقا باشقىلارنىڭ ئېپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىككى كۈندە بىر خەت يېزىپلا تۇراتتىم، ئۇزۇندا ئۇزۇندا بىر كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ۋاي دەپ قىلمىغانلىرىم قالمايتتى، ئۇنىڭغا ۋاي دېمىسەملا ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بىلىنىپ ئەنسىرەيتتىم. 

  بوۋامنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ تىگىدە گەپ باردەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ ئۈمىدكە شەپە بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ دادام چوڭ ئانام بىلەن ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ چاغلاردا ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىي قىلمىغان ، قاتناش تەرەققىي قىلمىغان، بىر ئايرىلىپ كەتسە نەچچە ئايدا ئاران بىر كۆرۈشىدىكەن،  لېكىن ئۇ چاغلاردىكى مۇھەببەت ھەقىقىي مۇھەببەت ھېسابلىنىدىكەن، ئەر ئاياللار بىر بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىكەن،  ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىكى كىشىلەر ھەقىقىي رومانتىك دېگەننىڭ قانداقلىقىنى بىلىدىكەن. 

    تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن چوڭ دادام ئارام ئېلىش ئۈچۈن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۆتكۈر ئىككىمىز قاچا قۇچىلارنى يۇيۇشنى تالىشىپ قالدۇق، بۇ چاغدا ئۈمىد :

_ مەن يۇۋېتەي بولمىسا_ دېيىشى بىلەنلا ئىككىمىز كېلىشىۋالغاندەك «مەيلى ئەمىسە» دەپ تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ كەتتۇق.  ئۇنىڭ قاچا قۇچىلارنى دەستىلەپ ئاشخانا ئۆيگە توشۇشلىرىنى كۆرۈپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى......

    قار تېخىچە يېغىۋاتاتتى.  مەن ئىشىك ئالدىدا قار ئويناپ ئولتۇراتتىم، بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۆتكۈر قار بوۋاي ياساۋېتىپتۇ.  مەن قاچانلاردا قار بوۋاي ياسىغانچە بولغىيتتىم.  تۇيۇقسىز كىچىك چاغلىرىمدىكى شوخلۇقۇم تۇتۇپ  يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆتكۈر بىلەن بىللە قار بوۋاي ياساشقا باشلىدىم. ئۆتكۈر بىلەن  كىچىك چېغىمىزدا قار ئوينىغان ئىشلارنى سۆزلەشتۇق، ئۇ چاغلاردا قار ئېتىشىپ ئوينايتتۇق،  قار بوۋاي ياسايتتۇق، ئىشقىلىپ قار ياغسا كۈنىمىز تۇغۇلۇپ كىتەتتى.  بىر قېتىم ئۆتكۈر ئاتقان قار پومزىكى بېشىمغا تىگىپ يىغلاپ كەتكىنىمنى دىيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا يىغلاپ تۇرۇپ «خەپ ھامىنى بىر كۈنى ئۆچۈمنى ئالىمەنغۇ» دېگىنىم ئېسىمگە كەلدى. ھە، توغرا، ھازىر ئۆچ ئېلىشنىڭ تازا ياخشى پۇرسىتى ئىكەنغۇ؟  ئۆتكۈر قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاندۇرماي ئېڭىشىپ قاردىن قار پومزىكى ياساپ ئۆتكۈرگە ئاتتىم، لېكىن ئۇنىڭ ئىنكاسىمۇ بەك تېزكەن،  ئۆزىنى شۇنچىلىك تېز دالدىغا ئېلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ قار ئېتىشىش ئويۇنىمىز باشلىنىپ كەتتى.  ھويلا ئىچىدە قار پومزىكى ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇشقا باشلىدى. بىر چاغدا ئۆتكۈر ئاتقان يوغان قار پومزىكى ماڭا قاراپ كېلىشىگە بىر قول كېلىپلا مېنى تارتتى، قارا دېگەندەك قارىسام ماڭا ئېتىلغان قار پومزىكى ئۈمىدنىڭ يۈزىگە تەگكەن ئىدى. ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.  ئۇ كېلىپ مېنى قۇچاقلىۋالدى، ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا خېلى تىرىشىپ باقساممۇ كۈچۈم يەتمىدى، ئۆتكۈر قاچانلاردا ئۆيگە كىرىپ كەتتىكىن، ئۆتكۈر كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئەندىكىپ ئەتراپىمغا قارىسام  ھويلىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق. 

_ سىزنى بەك سېغىندىم_ دېدى ئۇ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ. 

_ مېنى سېغىنغانمىش تېخى. تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، ئاچ قېلىپ قەدرىم ئۆتۈلگەندۇ تايىنلىق.

_ سىز يوق ئۆينىڭ يېرىمى يوقتەك بولۇپ قالىدىكەن، ئۆيىمىز سىز بىلەن ئۆيگە ئوخشايدىكەن مەلىكەم. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە بارسام ئۆيدىن بوران ئۇچىدۇ، سىز بار چاغدىكى ئىللىقلىقتىن ئەسەرمۇ يوق.  

    ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. 

_ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىم بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتەلمەيدۇ، شۇڭا يالغۇزلۇققىمۇ كۆنۈپ قويۇش كېرەك. مەنمۇ ئەمدى ھەممىلا ئىشتا سىزگە تايىنىۋالىدىغان مىجەزىمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمەن. 

_ سىز دېگەن مېنىڭ ئايالىم، ماڭا تايىنىشىڭىز كېرەك. ماڭا تايانماي كىمگە تايىنىسىز؟

_ تايىنىپ كۈنۈپ قالسام كۈنلەرنىڭ بىرىدە تايانچسىز قالسام تەمتىرەپ قالماي دەيمەن. 

_ بۇ نمىە دېگىنىڭىز؟ مېنىڭ تىنىم ساغلام، سىزگە قېرىغىچە،كۆزۈم يۇمۇلغىچە يار يۆلەك بولالايمەن. 

     ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. 

_ مەن ئالايىتەن رازىيە بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارمىغان_ دېدى ئۈمىد تۇيۇقسىزلا. _ رازىيە رول ئالىدىغان فىلىمگە شىركىتىمىز مەبلەغ سالغان،  شۇڭا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مېنى تەكلىپ قىپتۇ، شۇ چاغدا نەقلا ئىشلىرىممۇ تۈگەپ قالغان، شۇڭا بېرىپ قاتنىشىپ قويۇپلا كىتەي دەپ بارغانتىم. 

_ ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشمىدىم دەپ ھۆددە قلالامسىز؟_ مەن يەنە كىرىشىپلا قالدىم.

_ كۆرۈشتۈم. پەقەت تاماق يەپلا قايتتىم، مەلىكەم،  مەن رازىيەنى پەقەت سىڭلىم قاتارىدىلا كۆرىمەن. 

_ لېكىن ئۇ سىزنى ئاكىسى قاتارىدا كۆرىدىغاندەك ئەمەس_ دېدىم مەن.

_ نازىيە، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئادىمىيلىك پرىنسىپىم بار، مەندىن قالايمىقان گۇمان قىلىۋەرمەڭ، بولامدۇ؟ 

     ئۇ ھەقىقەتەن سەمىمىيلىك بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى، مەن كوچىلاۋەرمەي بولدى قىلدىم.  ھەر ئىكىمىز بىردەم سۈكۈت ئىچىدە تۇردۇق، ئاندىن جىمجىتلىقنى مەن بۇزدۇم. 

_ شۇ كۈنى مەن شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىپ بولۇپ چىقىپ ھەسەننى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ سىز بەرگەن يەرنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۇ يەرنى كۆرسىتىپ كىلەي دېدى، مەنمۇ قىزىقىپ ماشىنىسىغا چىقىپ بېرىپ يەرنى كۆرۈپ كەلدىم، نىمىشقا ئۇ يەرنى ئۇنىڭغا بېرىسىز؟ ئۇنىڭ ئۇ يەرگە نىمە سالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

      ئۈمىد گەپ قىلمىدى. 

_   ھەسەن بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئەسلى ھېلىقى يەرنى بېرىدىغان كېلىشىم ئىكەندە.  نىمە ئۈچۈن؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىدۇ؟  ئۇنىڭ مېنى تۇتقۇن قىلىپ ئاپىرىپ سىزنى مەجبۇرلاپ كېلىشىمگە قول قويدۇرۇشى ئەسلىمۇ قانۇنغا خىلاپ، كېلىشىممۇ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماقۇل دەپ قويسىڭىزمۇ كېيىن گېپىڭىزدىن يېنىۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرەتتىغۇ، ھېچبولمىسا ساقچىغا مەلۇم قىلساقمۇ بولاتتىغۇ. 

      ئۈمىد گەپلىرىمنى ئاڭلاپ خېلىغىچە گەپ قىلماي جىم تۇردى. خېلىدىن كېيىن ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلدى. 

_ ئۇ يەر بىپايان شىركىتى قارمىقىدىكى كىچىككىنە بىر پارچە يەر خالاس. ئۇنچىلىك يەرنى بەرگەنگە مېنىڭ بىر تال مويۇممۇ تەۋرەپ قالمايدۇ.

_ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ ئۇ يەرگە قەبرە ياسايدىكەن،  قەبرە ياسىسا ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ سودىسىغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ، سودىغا تەسىر يەتسە دادىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىدۇ، تەسىرى بولامدىكەن؟ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى سىز بۇرۇنلا بىلىدىكەنسىز، بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا ئۇ يەرنى بېرىسىز؟  

     ئۈمىد گېپىمگە جاۋاب بەرمەي مېنىڭ ئۈستى بېشىمدىكى قارلارنى قېقىپ چۈشۈردى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۈستى بېشىنى قېقىشتۇرغاچ:

_  دادا بولغۇچىلارنىڭ ھەممە گېپى توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن،  دادام ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا گېپىمىز بىر يەدىن چىقمايدۇ،  مېنىڭمۇ ئويلىغىنىم بار، ئەگەر ھېلىقى كۈنى ھەسەن سىزنى تۇتقۇن قىلىپ ئاپارمىغان بولسىمۇ ئۇ ئۇ يەرنى ئالىمەن دېسە يەنىلا بېرىۋېرەتتىم. 

ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم.  ھەسەننىڭ ئۈمىدلەرنىڭ ئائىلىسى ماڭا قەرز دېگەن گېپى ئېسىمگە كەلدى. ئۇ قانداق قەرزدۇ، چوقۇم بىر پارچە يەرنى ئالمىسا بولمايدىغان. 

   ئۇنىڭدىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سوراي دەپ تۇرسام چوڭ دادام چاقىرىپ قالدى. 

_ نازىيە قىزىم، كىرىپ ئوت سۇنىۋېلىڭ. ئۈمىد قارنى ياخشى كۆرسە  ئۆزى تۇرىۋەرسۇن، سىزگە سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن يەنە.

شۇنداق قىلىپ چوڭ دادامنىڭ گېپى بىلەن سۇئاللىرىم جاۋابسىز قالدى. ئۈمىد ئىككىمىز بىللە چوڭ دادامنىڭ يېنىغا كىردۇق. چوڭ دادام بىلەن ئۆتكۈر ئىككىسى مەشنىڭ يېنىدا ئوت سىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن. 

_ ھە، كېلىڭلار، كېلىڭلار، باللىرىم.  سىرت سوغۇق، قارنى ياخشى كۆردۇق دەپ قاردا تۇرىۋەرگەن بىلەن  سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قالساڭلار چاتاق چىقىدۇ باللىرىم. 

     شۇنداق قىلىپ ئۈمىد بىلەن ئارىدىكى ماي تارتىشىپ قېلىش ئاياقلاشتى.  شۇ كۈنى ئېتىۋەتكىلى بەش كۈن بولغان تېلېفونۇمنى ئاچتىم. تېلېفوننى ئېچىشىم بىلەن تېلېفونۇم تىتىلداپ توختىمىدى،  بەش كۈندىن بۇيان ئۈمىد بىلەن نىگارە نۇرغۇن قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىگارەنىڭ يوللىغان ئاخىرقى بىر تال ئۇچۇرى دېققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. ئۇ شۆھرەت بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ بوپتۇ، ئەتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن، مېنى قىز قولداش بولۇپ بېرىسەن دېگەن ئۇچۇركەن. چىرايىمنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۈمىد نىمە ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇنىڭغا  راست گەپنى دېگۈم كەلمىدى. 

_ نىگارەنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەسكەن،  يېنىمغا كەلسەڭ دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ.

     شۇنداق دەپلا نىگارەنىڭ ئۇچۇرىنى يۇۋەتتىم. ئۈمىد بۇرۇن شۆھرەت بىلەن ئۇرۇشقان، شۇڭا مېنى ئۇلارنىڭ تويىغا بارغۇزماي قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم، يەنە كېلىپ فەرۇق ئۇنىڭ يېقىن دوستى،  نىگارەنىڭ توي قىلىدىغان ئىشىنى فەرۇخقا دەپ قويۇشىدىنمۇ ئەنسىرىدىم.   نىگارەنىڭ توي قىلىدىغانلىقىنى بىلسە فەرۇقنىڭ نىمە بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس. 

    ئەتىسى ئەتىگەندە چوڭ دادام بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. چوڭ دادام كەينىمىزدىن تاكى قارىمىز يۈتكىچە قاراپ تۇردى.






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k