大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 40- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 40- قىسىم aybarawazi
2023-07-20
5
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 41 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35

36
37
38
39
























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
40 - قىسىم


_ پاي چىكى چۈشۈپ كىتىپتۇ_ دېدىم مەن ئەنسىز بىر ئاھاڭدا.  ئۈمىد كۈلۈپ قويدى.

_ كېرەك يوق، بۇنچىلىك ئىشقا ھېچنىمە بولمايدۇ. بىپايان شىركىتىمىز ئۇنچىۋالا ئاجىز شىركەت ئەمەس، تارتقان زىياننى تېزلا تولدۇرىۋالالايمەن.

ئۈمىد قولىدىكى تاماكىنى چىكىپ بولۇپ تاماكا قالدۇقىنى يەرگە تاشلاپ دەسسەپ ئۆچۈرىۋەتتى.  مەن خېلى ئۇزۇن ئويلىنىپ ئاخىرى ئەڭ بىلىشنى خالايدىغان ئىشنى سورىدىم.

_ ئەزىمەت ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق ئۆچ ئاداۋەت بار ئىدى؟  ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە بىلەن بولغان ئىشنىمۇ سۆزلەپ بېرىڭ.

   ئۇ بىر نەچچە مىنۇتقىچە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.   نازىيەنىڭ گېپى چىقسا ئۇنىڭ كونا يارىسى تاتىلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما بىلىپ تۇرۇپ يەنە سورىدىم.  چۈنكى بۇ سۇئالىمغا جاۋاب تېپىلمىسا ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس.  ئۇنى سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەيدىغان بولدى دەپ ئويلاپ تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇ ئېغىز ئاچتى.

_ نازىيە مەن بىردىنبىر چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرگەن قىز.

«بىردىنبىر» دېگەن گەپ يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ قادالدى.  ئەمما ئۇنىڭ راستچىللىقىدىن سۆيۈنۈپمۇ قالدىم. ھەممە ئىشنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگەندىن كۆرە راستچىللىق بىلەن دەۋەتكەنمۇ ياخشى.  شۇنىڭدىن كېيىن نازىيە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇرغان بۇر ئەرنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

ئۆتكۈر ماڭا سۆزلەپ بەرگەندىكىدەك، نازىيە رېستۇراندا ناخشا ئېيتىدىكەن، ئۆتكۈر ماڭا ئۈمىد ئۇنى دەپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاندىن كېيىن تونۇشۇپ قالغان دېگەن، ئەمما ئۈمىدنىڭ دەپ بەرگىنى باشقىچە بولدى.  ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا تونۇشاتتىكەن.  ئۇلار بىر قېتىملىق تاغقا چىقىش ساياھىتىدە تونۇشۇپ قاپتىكەن.  ئۈمىد ۋېلىسپىت ھەيدەپ تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا، تاغنىڭ چوققىسىدىكى بىر تاشتا ئولتۇرىۋېلىپ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان نازىيەنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.  كېيىن رېستۇراندا نازىيە دەپ ئۇرۇشۇپ چىققان جىدەلمۇ شۇ تونۇشلۇقتىن كېيىن بولغان ئىكەن.  ئۇلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشى بولغاچقا گېپى بىريەردىن چىقىدىكەن، شۇنداق يۈرۈپ بىر بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ.  نازىيە بەكمۇ ئىقتىدارلىق قىزكەن، ناخشىنى ياخشى ئېيتىپلا قالماي ئۆزى ناخشا يازىدىكەن. ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئالاھىدە بولسىمۇ رېستۇراندا ئۆزى خالىغان ناخشىلارنى ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەپتۇ.  ئادەتتە مېھمانلار قايسى ناخشىنى تەلەپ قىلسا ئۇ شۇ ناخشىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ئۈمىدنىڭ ئائىلىسىنى بەك پۇلدار دېگىلى بولمىسىمۇ ھەرھالدا شارائىتى خېلى ياخشى،  يەنە كېلىپ تەقى تۇرقى كېلىشكەن بولغاچقا مەكتەپتە ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن.  نازىيە ئۆزىنى ئۈمىدكە ماس كەلمەيمەن دەپ ئويلايدىكەن، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىشى تارقىلىپ بېرىپ ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قاپتۇ.  ئۈمىدنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ ئىشىغا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپتۇ، بۇنىڭ بىلەن نازىيە ئۆزىنى تېخىمۇ تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ.  ئۈمىدنىڭ ئەزەلدىن دادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بەك ياخشى بولمىغاچقا دادىسىنىڭ گەپلىرىگە ئىرەن قىلىپ كەتمەپتۇ- ۋە نازىيە داۋاملىق يېقىن ئۆتىۋېرىپتۇ.  ئەينى ۋاقىتتا نازىيەمۇ چىرايلىق قىز بولغاچقا ئۇنى قوغلىشىدىغان يىگىتلەرمۇ نۇرغۇن ئىكەن، ئەزىمەت دەل شۇ قوغلىشىدىغان يىگىتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن.

نىمىشقىكىن، بىر كۈنى نازىيە ئۈمىدكە ئايرىلىپ كىتەيلى دەپتۇ، ئۈمىد سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، ئۇ باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپتۇ. ئۇ دېگەن باشقا بىرى ئەزىمەت ئىكەن.

  ئۈمىدمۇ ئەينى ۋاقىتتا قېنى قىزىق ياش يىگىت بولغاچقا بۇ ئەلەمگە چىدىماي باشقا بىر قىزنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپتۇ.  بىر كۈنى ئۈمىد ئۇ قىزنى ئېلىپ رېستۇرانغا بارغاندا نازىيە بىلەن ئەزىمەتنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.  ئۈمىد  ئەزىمەتكە مۇنداق دەپتۇ:

_  تولا كۆرەڭلەپ كەتمە،  يېنىڭدىكى مەن ئويناپ تاشلىۋەتكەن قىز.

   ئۈمىد بۇ گەپلەرنى دەپ بېرىۋېتىپ، شۇ چاغدا ئاچچىقىدا شۇنداق دەپ قويغانلىقىنى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ نازىيەنىڭ بېشىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.   شۇ كۈنى كەچلىكى ئۈمىد ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىۋېلىپ مەست بولۇپ كەتكەچكە  ئۆزىگە تېلېفون كەلگىنىنى بىلمەپتۇ. يېرىم كېچىدە ئازراق مەستلىكى يىشىلگەندە تېلېفونىغا قارىسا نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇلغان تېلېفون بىلەن نازىيەنىڭ ئۇچۇرى بار ئىكەن.

_«  سىز  ئۈمىدلىك ياش، ئەمما مەن شامالدىمۇ سۇنۇپ كىتىدىغان نازۇك بىر نوتا.  ئىككىمىزنىڭ دەسلەپتە تونۇشىشىمىزمۇ خاتا بولغان.  ئەمدىلىكتە سىزگە تېخىمۇ ماس كەلمەيدىغان بولدۇم. » .  «مەن پەقەت سىزگە خوش دېمەكچى. بەختلىك بولۇڭ».  ئۈمىد يېرىم مەست يېرىم سەگەك ھالەتتە بۇ خەتلەرنى ئوقۇپلا يەنە ئۇخلاپ قاپتۇ.

ئەتىسى ئەتىگەندە دوستلىرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ نازىيەنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.  ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ ئەزىمەت بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئويلاپ ھەرخىل يوللار بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرى ئەزىمەتنىڭ شۇ كۈنى كەچلىكى نازىيەنى ئالداپ ھۇشسىزلاندۇرۇپ بىر ياتاققا ئەكىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ.  ئۈمىد ماڭا نازىيەنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئارىسىدا ھېچقانداق ئىشنىڭ ئۆتۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئەزىمەت بىر پاك قىزنى نابۇت قىلىپ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.

ئەتىسى ئۇ مەكتەپتىن ئەزىمەتنى تېپىپ  راسا ئۇرۇپتۇ. ئۇ شۇ چاغدىكى ئاچچىقىدا ئەزىمەتنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىشنى ئويلاپتىكەن، لېكىن مەكتەپ رەھبەرلىرى كېلىپ توسۇۋاپتۇ، شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ مەكتەپتىن ھەيدىلىپتۇ.  ئۇ ئەسلىمۇ دوختۇرلۇق كەسپىگە قىزىقمايدىغان بولغاچقا مەكتەپتىن ھەيدەلگىنىدىن بەك ئۆكۈنۈپمۇ كەتمەپتۇ.

ئۇ نازىيە بىلەن بولغان ئىشلىرىنى شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى، مەنمۇ پۈتۈن دېققىتىم بىلەن ئاڭلىدىم.  ئۆتكۈر راست دەپتىكەن، ئەينى  چاغدا ئۇلار بىر بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشۈپتىكەن، ئەگەر  نازىيە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرمىسە، ئۈمىدنىڭ دادىسى قارشى تۇرمىغان بولسا ئۇلار ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەر ئىكەن.

ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىكىدىن ئىچىم ئاچچىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇھەببەتكە سادىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.   چىن كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئۇنىڭدىن بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم.

_ ھازىرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟_ دەپ سورىدىم.

ئۈمىد ماڭا بايىقى گەپلەرنى دەپ بېرىپ يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ كەتكەن ئىدى.

_ ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغىنىم راست، ئەمما مەن تەن بەردىم. پۇرسەت كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا  ئۆچ ئېلىش ئىستىكى پەيدا بولدى. لېكىن سىزگە بولغان كۆڭلۈم ھەقىقىي، چىن.  سىزنى بۇندىن كېيىن يەنە قالايمىقان ئويلاپ يۈرمىسۇن دەپ بۈگۈن ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي سۆزلەپ بەردىم.

ئۇ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلدى، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنمۇ يېشىلدى.  بەلكىم ئۇ بۈگۈن ماڭا راست گەپ قىلماي، يالغاندىن بىرنى توقۇغان بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشنىشكە رازى ئىدىم.  بەلكىم ئۇ نازىيەنى كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر ساقلىشى مۇمكىن، خۇددى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا مەلۇم بىرى بولغىنىدەك.

  ئۇ يەردىن يېنىپ داچىغا قايتىپ كەلدۇق. ئۈمىد يۇيۇنۇش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەندە تېلېفونى ئىككى قېتىم سايرىدى. ئادەتتە ئۇنىڭ تېلېفونىنى تۇمايتتىم،ئەمما بۈگۈن نىمىشقىدۇر قولۇمغا ئېلىپ قاراپ باقتىم.  يېڭىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئېچىپ قاراپ يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ كەتتى.   ئۇچۇر بىر نەچچە پارچە سۈرەت ئىدى، ئۇنىڭدا يالىڭاچ تۇرغان ئادەم مەن ئىدىم.  ئەسلىدە ئەزىمەتنىڭ مېنى نابۇت قىلىۋېتىمەن دېگەن نەرسىسى مۇشۇ سۈرەتلەر ئىكەندە.  سۈرەتكە قارىسام ئۇ ئەزىمەتنىڭ يۇرتىدىكى ئۆيىنىڭ تازىلىق ئۆيىدەك قىلاتتى.   شۇ چاغدا ئەزىمەت بىلەن ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا مەن يۇيۇنغىلى كىرىپ كەتكەندە ئىشىكنىڭ يېرىم ئېچىلىپ  قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەسلى ئىشىك شامالنىڭ تەسىرىدىن ئېچىلىپ كەتمەپتىكەن، مەن يۇيۇنىۋاتقان چاغدا ئۇ مېنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىۋالغان ئىكەن.  ئەزىمەت مۇشۇنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ ئۈمىدتىن مىكرو بولوگقا خەۋەر يوللىغان ئىشنى سۈرۈشتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭدىن 500 مىڭ يۈەن پۇل تەلەپ قىلغان ئىدى.  مۇنچىخانا تەرەپكە قارىدىم، سۇ تېخىچە شارقىراپ چۈشۈۋاتاتتى.  بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋېلىپ ئۇچۇر قايتۇردۇمئەتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، ئالتۇن جاي ئاشخانىسىدا كۆرۈشەيلى».

 مەن ھەممە سۈرەتلەرنى ئۆزۈمنىڭ تېلېفونۇمغا يوللىدىم ۋە ئۈمىدنىڭ تېلېفونىدىكى بارلىق خاتىرىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرىۋەتتىم. ئۇنىڭغىچە  سۇنىڭ شارقىرىشى توختىدى.  تېلېفوننى ئاستا جايىغا قويۇپ قويدۇم.

 ئۈمىد چېچىنى لۆڭگىگە سۈرتكەچ مونچىخانىدىن چىقتى.  بايىقى ئىشتىن يۈرىكىم تېخىچە ئەنسىز سېلىپ تۇراتتى.

_ئەمدى مەن يۇيۇنۇپ چىقاي_ شۇنداق دەپ تېزلىكتە مۇنچىخانىغا كىرىپ يۈزۈمنى مۇزدەك سۇ چۈشۈرۈپ نەچچە رەت يۇدۇم. ئەزىمەتنىڭ مېنى  ئاپام كېسەل، بىللە بارسىڭىز دەپ ئېلىپ بېرىشى مۇشۇ سۈرەتلەرگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئىكەندە.  بەك ئەخمەق ئىكەنمەن، بىر قېتىم بۇرنۇمغا يىگەن تۇرۇپ يەنە ئەقلىمنى تاپماي  ئەزىمەتنىڭ  كەينىدىن مېڭىپ مانا ئەمدى ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئىشنى تېرىپ ئولتۇردۇم.  ئۇ بىر نەچچە پارچە سۈرەت ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن پۇل ئۈندۈرمەكچىمىكەن؟ ئۇخلاپ چۈشى.

مۇنچىخانىدىن چىقسام ئۈمىد كارىۋاتتا يېتىپ تېلېفونىنى ئويناۋېتىپتۇ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ كەتتىم.  ئۇ مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ ئۆرە ئولتۇردى ۋە ماڭا قاراپ سورىدى.

_  بايا مەن بىر مۇنچە سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بەردىم، ئەمدى سۇئال سوراش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندۇ؟

 يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدىم، خۇددى ئۇ مەن جاۋاب بېرەلمەيدىغان قىيىن سۇئال سورايدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

_   نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىسىز؟ ئۇ يەردە ئۇ سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ؟ پۇتىڭىز قانداق بولۇپ قاپىرىپ كەتتى؟

ئەسلى مەنمۇ راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەرسەم بولىۋېرەتتى، ئەمما بايىقى سۈرەتلەر مېنى خۇدۇك قىلىپ قويغان ئىدى.  بۈگۈنغۇ سۈرەتلەرنى يۇۋەتتىم، ئەمما بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئۈمىد ئۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ قالسا مېنى نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟ تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم.  ئۇ مېنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىزلا يىغلاپ كىتىشىمنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، ئۆزىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى.

_  بولدى، بولدى، مەلىكەم، سورىمىغان بولاي.  يىغلىماڭ ھە.   سىزمۇ چارچىدىڭىز، ئەمدى ئۇخلايلى، بولامدۇ؟ كۆڭۈلسىزلىكلەر بۈگۈن بىلەنلا تۈگىسۇن. ھەممىنى كەينىمىزگە تاشلىۋېتىپ ئۇخلاپ، ئەتە ئەتىگەن يېپ يېڭى بىر سەھەرنى كۈتۈۋالايلى، مەلىكەم.

شۇنداق قىلىپ ئۇ سۇئاللىرىنى قايتا سورىمىدى.

ئەتىسى مەن نىگارە بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىمەن دەپ تۇرىۋالدىم، ئۈمىد مېنى ماشىنا بىلەن تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ كەتتى.  ماڭىدىغاندا ئىشىم تۈگىگەندە تېلېفون قىلسام ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئالتۇن جاي ئاشخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.  بۇ خېلى ئېسىل بېزەلگەن ئاشخانا ئىدى،  بۇ يەردە كۆرۈشىدىغاننى بىلسە ئەزىمەت ئۇچۇر قايتۇرۇپ كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمنىڭ مەن ئىكەنلىكىمدىن گۇمان قىلمايتتى.  ئاشخانىغا كىرىپ قارىسام  ئەزىمەت ئاللىبۇرۇن كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىكەن. ئۇ بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقاندەك ھېلىدىن ھېلىغا سائىتىگە قارايتتى.  مەن چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ ئۇدۇللا ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلگە بېرىپ ئورۇندۇقنى ئالدىمغا تارتىپ ئولتۇردۇم.  ئۇ مېنى كۆرۈپ ھەيران  قالدى.

_ سىز كەپسىزغۇ؟

مەن كۈتكۈچىگە بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتى بويرۇتۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ سوغۇق كۈلدۈم.

_ ئۇ ئالدىراش.

_ ئەمىسە سىز ئالدىرىماي ئىچىڭ، مېنىڭ ئىشىم بار. _ كېتىشكە ئالدىرىدى ئۇ.

_ 500 مىڭ يۈەنكەنغۇ شۇ، بۇنچىلىك پۇل ئۈمىدكە نىسبەتەن ھېچقانچە پۇل ئەمەس.

بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ قايتىدىن ئولتۇردى ئۇ.  ئۇنىڭغىچە كۈتكۈچى ئاپلىسىن شەربىتىنى ئەكىلىپ قويۇپ قويۇپ كەتتى. مەن شىلانكىنى چىقىرىپ ئىستاكانغا سېلىپ  بىر يۇتۇم ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي. 500 مىڭ يۈەن مېنىڭ ئېرىمغا نىسبەتەن كۆپ پۇل ئەمەس، ئەمما ئاۋۋال سۈرەتلەرنى ئۆچۈرىۋېتىپ مەڭگۈ ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە كېلىشىمگە قول قويىسىز.

ئەزىمەت سەت ھىجايدى.

_ مېنى ئەخمەق قىلىمەن دېمەڭ، مەن كىچىك بالا ئەمەس.

_ سىز ئەلۋەتتە كىچىك بالا ئەمەس، سىزنى كىچىك بالا  ئورنىدا كۆرسەم بالىلارغا ھاقارەت قىلغان بولۇپ قالىمەن.  سىزمۇ خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

_ مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا ئۆزۈڭلار مەجبۇرلىدىڭلار.  بۇ قەدەمنى ئالغان ئىكەنمەن، ھەممىگە تولۇق تەييارلىقىم بار.  ئۈمىد كاتتا سودىگەر، ئۇ قانداق قىلسا ئۆزىگە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.  لېكىن بىر كۈنلۈك ئەر خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بار دېگەن گەپ بار. بۇرۇن ئىككى يىل ئەر خوتۇن بولۇپ ئۆتكىنىمىزنىڭ يۈزىنى قىلاي.  ماڭا بىر كېچە ھەمرا بولسىڭىز ئون مىڭ يۈەننى كەچۈرۈم قىلىمەن.

ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە نۇمۇسسىز، پەسكەش ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن.

_ نۇمۇسسىز.

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ پىچىرلىغاندەك قىلىپ:

_ خاتىرجەم بولۇڭ، سۈرەتلەرنى ئوبدان ساقلاپ قويدۇم. يوققاپ كەتمەيدۇ_ دېدى.

_ ئەگەر قالايمىقان ئىش قىلىدىغان بولساڭ ئۈمىد سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

_ كۆرەمىز قېنى. _ ئەزىمەت شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى.

بۇ قېتىم ئەزىمەت ئۈمىد ئىككىمىز قاتتىق تۇتۇشۇش قارارىغا كەلگەندەك قىلاتتى. ئاشخانىدىن چىققاندىلا ئاندىن تېلېفونۇمنىڭ ئۈنگە ئېلىش كۇنۇپكىسىنى ئېتىۋەتتىم.   تۆنۈگۈن كەچتىكى سۈرەتلەر بىلەن بايىقى ئۈن خاتىرىسى بىلەن ئەزىمەتنى قاقتى سوقتى قىلدى دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلسام بولىۋېرەتتى.  لېكىن ساقچىغا مەلۇم قىلسام مېنىڭ نام شەرىپىم پۈتۈنلەي يوق بولاتتى.  ئۈمىد بۇ ئىشلارنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ.  ساقچى ئىدارىسى تەرەپكە مېڭىپ بولۇپ يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.  قايتا قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى يەنىلا ئەزىمەت دېگەن خۇمپەرنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش قارارىغا كەلدىم.  ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئەزىمەتتىن تېلېفون كەلدى.  تېلېفوننى ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ قالغانمىدۇ يا دېگەن خىيال بىلەن تېلېفوننى ئالدىم.

_  ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دېسىڭىزمۇ ئىختىايرىڭىز، ئەلۋەتتە سىزنى توسۇپ قالالمايمەن.  لېكىن ساقچىلار مېنى تۇتۇپ كېتىشتىن بۇرۇن مەن سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىۋېتىمەن. سىزغۇ يۈزىڭىزنىڭ تۆكۈلىشىدىن قورقمايسىز، ئەمما ئۈمىد قورقامدۇ يوق بىلمەيمەن. مېنىڭ سەۋر تاقىتىمنىڭمۇ چېكى بار.  سىلەرگە ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىمەن.

_ سەن...- مەن ئۇنى تىللاشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.  شۇنچىلىك ئىلاجسىز بىر ھالەتتە تېلېفوننى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ كەتتىم.  شۇ ھالەتتە تۇرسام ئۈمىدتىن تېلېفون كەلدى، ئۇ ھازىر مېنى ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.  ئەمدى تېلېفوننى قويۇپ تۇرۇشۇمغا بىرى كېلىپ مۈرەمگە ئۇردى، ئۆرۈلۈپ قارىسام  شۇنداق تونۇش چىراي بىرى ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.



داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k