
بۇ ئەسەرنىڭ 42 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
_ ۋوي، نازىيە، راستلا سىزكەنسىزغۇ؟ مەن ھاممىڭىز، تونۇمىدىڭىزما؟
ئەلۋەتتە تونۇدۇم، ئۇ دادامنىڭ سىڭلىسى. ئەمما دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەممە تۇغقانلىرىمىز بىزدىن ئۆزىنى تارتىپ ئىزدىمەس بولۇپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇ ھاممام بىزنى بېرىپ ئاۋارە قىلمىسۇن دەپ باشقا كۆچۈپمۇ كەتكەن ئىكەن تېخى. مەن ئەنە شۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. دادام ھايات چېغىدىمۇ بۇ ھاممام بىز بىلەن ئانچە باردى كەلدى قىلىپ كەتمەيتتى. ھاممامنىڭ يېنىدا بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپتۇ، ئۇ ھاممامنىڭ ئوغلى، يەنى مېنىڭ نەۋرە ئاكام ئىدى. ھاممام ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي بىز ئۇنداق يېقىن تۇغقان، بۇنداق يېقىن تۇغقان دەپ سۆزلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى.
_ نازىيە، بۇلار كىملەر؟_ ئۈمىد كېلىپ بولغان ئىدى.
ھاممام بىلەن نەۋرە ئاكام ئۈمىدنىڭ ئۈستى بېشىغا قاراپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
_ نازىيە، بۇ سىزنىڭ يولدىشىڭىزمۇ؟ ھە، مەن نازىيەنىڭ دادىسىنىڭ سىڭلىسى، بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، يەنى نازىيەنىڭ نەۋرە ئاكىسى بولىدۇ.
ھاممام زوق شوق بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ كەتتى. بىر ياندا گەپمۇ قىلماي تۇرغان نەۋرە ئاكام تۇيۇقسىزلا ئۈمىدكە قولىنى ئۇزاتتى.
_ ئۈمىد باش دېرىكتور. مەن نازىيەنىڭ نەۋرە ئاكىسى، ئادەتتە قۇرۇلۇش كۆتۈرە ئالىمەن. يېقىن تۇغقان ئىكەنمىز، بۇندىن كېيىن كۆپرەك قاراپ قويارسىز ھە.
ئەمدى چۈشەندىم. ئۇلار ئۈمىدنىڭ توردا ئېلان قىلغان چۈشەنچىسىنى كۆرۈپتۇ، شۇڭا بۈگۈن مېنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئالاھىدە قىزغىن بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بىپايان شىركىتى يەر مۈلۈك سودىسى قىلىدۇ، نەۋرە ئاكام قۇرۇلۇش كۆتۈرە ئالغاندىكىن، ئۈمىدنىڭ شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىۋالسا بۇندىن كېيىن ئىشى ئوڭدىن كەلدى دېگەن گەپ.
ئۈمىد نەۋرە ئاكامغا قولىنى بەرمىدى ۋە ماڭا قاراپ:
_ نازىيە، راست يېقىن تۇغقانلاركەن ھە؟ لېكىن قېينى ئاپام تۈگەپ كەتكەندە ئەجەب بۇ يېقىن تۇغقانلارنى كۆرمىگەنتىمغۇ؟ _ دېدى. نەۋرە ئاكام ئوڭايسىزلىنىپ قولىنى تارتىۋالدى، ھاممامنىڭ بۇ گەپتىن چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.
_ ئاچام ئۆلۈپ كەتتىما؟ نازىيە، بۇ ئىشىڭىز بولماپتۇ، نىمىشقا بىزگە خەۋەر قىلمىدىڭىز دەيمەن. بىلگەن بولسام كېلەتتىم ئەمەسمۇ.
خەۋەر قىلماپسىز؟ قانداق خەۋەر قىلىمەن؟ راستىمنى ئېيتسام ئۈمىدنىڭ ئالدىدا بۇ تۇغقانلىرىمدىن نۇمۇس قىلدىم. ئۈمىد سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ، ھاممام بىلەن نەۋرە ئاكامغا قاراپ:
_ كەچۈرۈڭلار، جىددى ئىشىمىز بار ئىدى، بىز مېڭىۋېرەيلى_ دېدى.
ماڭايلى دەپ تۇرساق ھاممام يېڭىمدىن تارتىپ:
_ نازىيە تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ، دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىز ئىككىسىلا كىتىپ قالدى، ئەمدى مەن ئاپىڭىزنىڭ ئورنىدا ئاپا، دادىڭىزنىڭ ئورنىدا دادا بولىمەن. بىرەر ئىش بولسا ماڭا دەڭ_ دېدى. تېلېفون نومۇرۇمنى دەپ بەرگۈم يوق ئىدى، لېكىن ئاخىرى يەنىلا ئامالسىز دەپ بەردىم. ماشىنا ماڭغاندىن كېيىنلا ئاندىن قۇلىقىم تىنجىدى.
_ مەن ئۇلار بىلەن بېرىش كېلىش قىلىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى_ دېدىم مەن ئۈمىدكە چۈشەندۈرۈپ.
_ ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسە. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چېغىڭىزدا يېنىڭىزدا ھېچكىمنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئازراق كۆتۈرۈلۈپ قالسىڭىز سىزنى ئىزدىمىگەن ئادەم قالمايدۇ. بولدى، ئۇلارنى ئويلىماڭ، ھازىر يېنىڭىزدا مەن بار.
ئۈمىدنىڭ بۇ گېپىدىن يۈرىكىم ۋىللىدە ئىللىپ قالدى. ئۈمىد تۇيۇقسىز يەنە بىر گەپنى قىلىپ قالدى.
_ دادام بىزنى كېلىپ تاماق يەپ كېتىڭلار دەيدۇ. سىزنى بىللە ئېلىپ بېرىشىمنى ئالاھىدە تاپىلىدى تېخى.
ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم ماڭا دېگەن گەپلىرى ئېسىمگە كېلىپ ئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم.
_ دادىڭىزنىڭ مەن بىلەن خوشى يوق_ دېدىم مەن. مېنىڭچە ئۇ كىشىمۇ توردىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۈمىد بىلەن داۋاملىق بىللە ئۆتىمەن دەيدىكەنمەن، ھامان ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈزلىنىشىم كېرەك. مېنىڭ بىئارام بولۇۋاتقىنىمنى ھېس قىلىپ قولۇمنى چىڭ سىقتى ئۈمىد.
_ سىز دېگەن مېنىڭ ئايالىم، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ يۈرۈڭ.
ھەر خىل گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم.
ھېلىقى كۈنى كەچتە ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئالدىدا مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ يۈك تاقىلىرىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتىمدا ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئېتىراپ قىلىنمىغان كېلىن سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىىۋاتاتتىم. ئۇ كىشىنىڭ ماڭا ھاقارەت قىلىپ دېگەن گەپلىرى ۋە مېنى كەمسىتىش نەزىرىدە قاراشلىرى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. مەن بۈگۈن يەنە بارسام ئۇ مېنى يەنە بىر قانداق مۇددىئاسى بار دەپ ئويلاپ قالارمۇ؟ شۇ دەقىقىدە ئۈمىدنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم، مۇھەببەتنىڭ كۈچى بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا قايتا بېرىشقا ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئاخىرى چىقماس خىياللار قاينىمىدىن چىقالماي تۇرۇپلا ئۇ ئۆيگە بېرىپ قاپتىمىز. ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ھويلىغا يېپ يېڭى بىر ماشىنا توختىتىپ قويۇلۇپتۇ.
ماشىنىدىن چۈشۈپ جىددىيلەشكىنمدىن ئىككى قولۇمنى قويىدىغانغا جاي تاپالمايلا قالدىم، توساتتىن«ئازراق نەرسە كۆتۈرگەچ كەلگەن بولسامچۇ، بۇنچىۋالا ئوڭايسىزلىنىپ كەتمەس بولغىيتتىم» دەپ ئويلىدىم. ھويلىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىغا تېخى نومۇر تاختىسىمۇ ئورنىتىلمىغان، يېڭىلا سېتىۋېلىنغاندەك قىلاتتى. مەن ماشىنىنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن، لېكىن قارىماققا بۇ ماشىنا خېلى ياخشى ماشىنىدەك قىلاتتى.
مەن ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن، ئەمما پەرىزىمچە بۇ كىشى ياش چېغىدا كەسىپتە خېلى ئۇتۇق قازانغان بولسا كېرەك، شۇنداق ئادەملەر ئاندىن ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىپ بىزدەك كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئۈمىدنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئايگۈل ھەدەم ئۆيدىن چىقىپ ئالدىمىزغا كەلدى، ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا بۇ قېتىم بىزگە خېلى قىزغىن بولدى. لېكىن مەن قانچە قارىساممۇ ئۇنىڭ قىزغىنلىقى تازا چىن ئەمەستەك تۇراتتى. ئۈمىد مېنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقىنىمنى بايقاپ قالغان بولسا كېرەك:
_ ھېچنىمە بولمايدۇ، جىددىيلەشمەڭ، مەن بار_ دېدى. ئۇنىڭ مەن بار دېگەن گېپىدىن كۆڭلۈم خېلى ئەمىن تېپىپ قالدى. مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپلا كرىسلودا ئولتۇرغان ئۈمىدنىڭ دادىسىنى كۆردۇق، ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا سۇس كۈلرەڭلىك جىلىتكە كىيىۋالغان، جىلىتكىنىڭ يۇمشاق رەختى ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تېخىمۇ سۈرلۈك قىلىپ قويغان ئىدى. بىر ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ بۈگۈن كۈلۈپ ئولتۇراتتى. لېكىن ئۇنىڭ كۈلۈپ قاراپ ئولتۇرغىنى بىز ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بىر ياش قىز ئىدى. بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى ئاياق تىۋىشىمىزدىن بەلگەن بولسا كېرەك، ئۇلار گېپىنى توختىتىپ تەڭلا بىزگە قارىدى. مەن ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قاراشقا پىتىنالمىدىم، پۇتۇم لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بىزگە ھېلىقى كۈنى داچىدا ماڭا گەپ قىلغاندەك سوغۇق مۇئامىلە قىلماي، پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى:
_ كەلدىڭلارما؟ ئولتۇرۇڭلار.
مەن ئۈمىدنىڭ يېنىدا قورۇنۇپقىنا ئولتۇردۇم ۋە كۆزۈم ئىختىيارسىز مەندىن ئانچە يىراق بولمىسان جايدا ئولتۇرغان قىزغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ قارىماققا مەندىن كىچىكتەك قىلاتتى، گەپ قىلغاندا كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. بۇ مەندەك بىر قېتىم توي قىلىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن مەڭگۈ تاپقىلى بولمايدىغان نەرسە. ئۇنى بەك چىرايلىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن قاش كۆزى جايىدا، كىشىگە تولىمۇ راھەت تەسىر بېرىدىغان قىز ئىدى، ئۇچىسىغا كىيىۋالغان زەڭگەر رەڭ كەڭ مايكىسى بىلەن سۈت رەڭ ئىشتىنى ئۇنىڭ جەزبىدارلىقىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇنى بىر ئويلىسام بىر يەردە كۆرگەندەكلا، لېكىن خېلى ئويلاپمۇ قەيەردە كۆرگىنىمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم.
_ ئۈمىد، بۇ سىزما؟_ دېدى ئۇ ئاۋۋال ماڭا ئاندىن ئۈمىدكە قاراپ.
_ فروزە.
_ ھەئە، كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ ھە.
ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچىلىك جاراڭلىق، يېقىملىق ئىدى. بىر ياندا تۇرغان ئايگۈل ھەدەم گەپكە ئارىلاشتى.
فروزە، ئۈمىد سىزدىن نەچچە ياش چوڭ، ئۈمىد ئاكا دەپ چاقىرسىڭىز توغرا بولارمىكىن. ئۈمىد دەپ ئىسمىنىلا چاقىردىڭىزغۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ فروزە كۈلۈپ كەتتى ۋە:
_ ئاپا، سىز بىز ياشلارنىڭ قائىدىسىنى بىلمەيسىز، بىز ئۇنچىۋالا ئىنچىكىلەپ كەتمەيمىز، ئۈمىد مەندىن بەكمۇ چوڭ بولمىسا يا، ئاكا دېسەم بىئەپ تۇرمامدۇ، قانداق دېدىم، ئۈمىد؟
ئۇ ئايگۈل ھەدەمنى ئاپا دەۋاتىدۇ، دېمەك فروزە ئايگۈل ھەدەمنىڭ قىزىكەندە. بايا فروزەنىڭ تونۇش چىراي كۆرۈنگىنى بىكار ئەمەسكەندە، ئەمدى قارىسام ئۇ ئاپىسىغىلا خېلىلا ئوخشايدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ دادىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ فروزە توغرا دەيدۇ، بىز قېرىدۇق، ياشلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايلى، نىمە دېگۈسى كەلسە دەۋەرسۇن.
فروزە كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۆرۈلۈپ سومكىسىدىن كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ ئۈمىدنىڭ دادىسىغا سۇندى.
_ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، تاغا. بۇ مېنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم، قىممەت پۇللۇق نەرسە ئەمەس، لېكىن سوۋغاتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ باھاسىدا ئەمەسقۇ.
فروزەنىڭ تاغا دەپ چاقىرغىنىدىن ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندىم، فروزە ئايگۈل ھەدەمنىڭ باشقا بىر ئەردىن بولغان بالىسىكەن. بۇنداق مۇناسىۋەتتىكى ئادەملەرنىڭ مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭلىشالىشىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ھزىر ئەڭ ئوڭايسىز ھالەتتە تۇرىۋاتقىنى مەن ئىدىم. بۈگۈن ئۈمىد دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ماڭا دېمەپتۇ، مەن ئۇنى بىلمىگەچكە قۇرۇق قول كەپتىمەن. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ كرىسلوغا چۆكۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇراتتى. چىرايىدىن قارىغاندا بۈگۈن دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇ بىلىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغاندەك تېزلا ماڭا قارىدى ۋە «ھېچنىمە بولمايدۇ» دېگەندەك كۆز ئىشارىسى قىلدى. ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىمۇ مەن بىلەن تازا خۇشى يوق ئىدى، ئەمدى بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىگە قۇرۇق قول كەپتىمەن، ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكى ھەسسىلىنىپ كېتىدىغان بولدى. يۈزۈم ئوت كەتكەندەك قىزىرىپ كەتتى، بىلسەم بىلمىسەم ئىككى مەڭزىم قىزىرىپ كەتتىغۇ دەيمەن.
_ كەچۈرۈڭلار، كېيىن قالدىم.
مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تىكەننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرغان ۋاقتىمدا تونۇش ئاۋاز قۇلىقىمغا كىردى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۆتكۈر كەپتۇ. ئۇ ئاۋۋال ئۈمىدنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، چىرايلىق بېزەلگەن بىر كىچىك قۇتىنى ئۇزاتتى.
_ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، تاغا.
ئاندىن ئولتۇرۇپ يەنە بىر كىچىك قۇتىنى ماڭا سۇندى.
_نازىيە، سىز دېگەن سوۋغاتنى ئالغاچ كەلدىم، ئەسلى خېلى بالدۇر ماڭغان، يولدا ماشىنا توسۇلۇپ كېتىپ كېيىن قالدىم، بەك سەت بولدى.
ئالدىمغا قويۇپ قويۇلغان نەپىس بېزەلگەن كىچىك قۇتىغا قارىدىم، ئۇنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى بىلمەيتتىم، ئەمما ئۇنىڭ مېنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىنىغا ئىچىمدە مىڭ رەھمەت ئيېتىپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق نەزىرىم بىلەن قاراپ قويدۇم ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ كىشىگە سۇنماقچى بولدۇم، ئەمما شۇنچە ئويلاپمۇ نىمە دەپ چاقىرىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇ مەن ئېتىراپ قىلمىغۇچە مېنىڭ كىلىنىم ھېسابلانمايدۇ دېگەن ئەمەسمۇ. بۇ گەپ يۈرىكىمدە قارا داغ پەيدا قىلىپ قويغانمىكىن. گەرچە ھازىر بۇ كىشىنى دادا دەپ چاقىرالمىساممۇ، تاغا دەپ چاقىرىش تېخىمۇ بىئەپ بىلىندى. ئويلا ئويلا ئاخىرى:
_ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! _ دەپلا سوۋغاتنى سۇندۇم. ئۇ كىشى ماڭا ھېچ ئىپادىسىزلا قاراپ قويدى ۋە «جۇۋاپ كىتىپسىز» دەپ سوۋغاتنى ئېلىپ بىر يانغا تاشلاپ قويدى. مەن ئاستا جايىمدا ئولتۇرىۋالدىم. ئۈمىدنىڭ دادىسى ئۆتكۈردىن شاڭخەيدىكى خىزمەت ئەھۋالى دېگەندەك گەپلەرنى سوراپ بىردەم تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى. فروزە بىر ياندا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈرنىڭ گەپلىرىنى بەكمۇ قىزىقىپ ئاڭلىدى، ھەتتا بەزى يەرلىرىگە گەپ قىستۇرۇپمۇ قويدى. فروزەنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قارىغاندا ئۇ خېلى كۆپنى كۆرگەن قىزدەك قىلاتتى. ئۈمىدمۇ بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قويۇپ ئولتۇردى. ئولتۇرغانلار ئىچىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرغان ئادەم مەن ئىدىم.
_ ئۈمىد، فروزە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ بازار باشقۇرۇش كەسپىنىڭ باكلاۋرلىقىنى پۈتتۈردى، كەم تېپىلىدىغان ئىقتىساس ئىگىسى دېسەكمۇ بولىدۇ، شىركىتىڭدە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگۈدەك ئورۇن بارمۇ؟_ دېدى ئۈمىدنىڭ دادىسى ئۈمىدكە قاراپ. ئايگۈل ھەدەم ئىككىسىنىڭ خىيالى فروزەنى ئۈمىدنىڭ شىركىتىگە كىرگۈزۈش ئىكەندە. ئۈمىد تېخى جاۋاب بەرمەيلا، فروزە گەپ قىلدى:
_ مەن ئارقا ئىشىك ماڭمايمەن جۇمۇ. ئاپا، تاغا، بىپايان شىركىتىگە كىرسەممۇ ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي كۈچۈمگە تايىنىپ كىرىمەن.
فروزە ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا ئۈمىدكە قارىدى، ئەلۋەتتە ئىختىيارسىزلا ئۈمىدنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ماڭىمۇ قاراشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. تۇيۇقسىز ئايگۈل ھەدەم بىلەن ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ مەقسىتى فروزەنى بىپايان شىركىتىگە كىرگۈزۈشتەك ئاددىلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. يەنە كېلىپ فروزەمۇ ئاددى قىز ئەمەسكەن، ئۇ مەندەك بىر ھېچقانداق ئىش كۆرمىگەن ساددا ئايالغا قارىغاندا مىڭ ھەسسە ياخشىكەن.
ناھايىتى تېزلا تاماق تەييار بولدى. ھەممىمىز تاماق ئۈستىلىگە باردۇق. ئايگۈل ھەدەم تاماققا ھەقىقەتەن بەك ئۇستىكەن، ئەمما مەن قورۇنۇپ ئولتۇرغاچقىمۇ تازا ئىشتىھا بىلەن يىيەلمەيۋاتاتتىم. ئۈمىد مېنىڭ يىمەي ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، بىردەم بىردەم تاماقنى قاچامغا سېلىپ قويۇپ تۇردى. ئۇ بۇنداق قىلغانسېرى مەن تېخىمۇ قورۇنۇپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان فروزە ماڭا سەپسېلىپ قارىغىلى تۇردى، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن مەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۇ شۇنچىلىك ئەركىن-ئازادە ئولتۇراتتى، مەن بولسام قورۇنۇپ كىچىكلەپ يوقاپلا كىتىۋاتاتتىم. تويدۇم دەپ چوكىنى قويۇپ قوياي دېدىميۇ يەنە ئەدەبسىزلىك بولىدىغاندەك بىلىنىپ گەپ قىلالمىدىم. ھېلىمۇ ياخشى ئايگۈل ھەدەمنىڭ گېپى بىلەن ئارىدىكى جىمجىتلىق بۇزۇلۇپ ھەممەيلەننىڭ دېققىتى ئايگۈل ھەدەمگە بۇرالدى. ئۇ ئۈستەلدىكى قورداققا قاراپ تۇرۇپ:
_ شېرزات بالام قورداققا بەكمۇ ئامراق ئىدى_ دەپ ئاۋازى ئۆزگەردى. ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چوكىنى قويۇپ قويۇپ بىردەم ئولتۇردى ۋە:
_ شېرزاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كىلەي دەپ قالدى، شۇ چاغدا ئازراق نەرسە كېرەك ئەۋەتىپ بېرەيلى_ دېدى. شېرزاتنىڭ نىمە سەۋەبتىن تۈرمىگە كىرىپ كەتكىنىنى ھازىرغىچە بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا ھەممەيلەننىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما فروزەنىڭ ھېچ يېرىگە كەلمىگەندەك قىلاتتى.
_ ئاپا، ئۇنى ئۆزىڭىز يامان ئۆگىتىپ قويغان، ئازراق جاپا تارتمىسا ھۇشىنى تاپمايدۇ ئۇ.
ئايگۈل ھەدەم ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويدى. شېرزاتقا ئەڭ ئامراق ئادەم ئۈمىدنىڭ دادىسى ئىدى، دەرھال ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم، چىراي ئىپادىسىدىن قارىسام ئۇمۇ فروزەنىڭ گېپىنى توغرا دەپ قارايدىغاندەك قىلاتتى. بىر چاغدا ئۇ ئۈمىدنىڭ قاچىسىغا بېلىق قورۇمىسىدىن سېلىپ قويدى.
_ ئېسىمدە قېلىشىچە سەن بېلىققا ئامراق ئىدىڭ.
ئۈمىد ھېچنىمە دېمىگەن بىلەن دادىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىلاتتى. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۈمىدنىڭ دادىسى بىر تال ماشىنا ئاچقۇچىنى فروزەگە بەردى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ ھويلىدىكى ماشىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ ماشىنىنى سىزگە ئاتاپ ئالدۇق_ دېدى. مەن تېخى فروزە بۇ قىممەت پۇللۇق سوۋغىنى قوبۇل قىلمايدۇغۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن ھېچ تەكەللۇپسىزلا ئاچقۇچنى ئالدى.
_ رەھمەت، تاغا.
_ چىقىپ ھەيدەپ بېقىڭ. ئاپىڭىز سىزنى پراۋىنى تېخى يېڭىلا ئالدى دەۋاتاتتى، ئۈمىد، سەن بىللە چىقە، بىلمەيدىغان جايلىرىنى دەپ بېرەرسەن.
ئۈمىد ماقۇل دەپ ئورنىدىن تۇردى. فروزە ئاچقۇچتىن بىر تالنى قويۇپ قويۇپ ئۆتكۈرگە قاراپ:
_ بىللە چىقامدۇق؟_ دېدى. ئۆتكۈر ماڭا قارىدى.
_ سىلەر چىقىۋېرىڭلار، مەن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرەي_ دېدىم مەن.
ئۇلار ئۈچىسى چىقىپ كەتتى. مەن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ئېلىپ كىردىم، ئايگۈل ھەدەم مېنىڭ ئاشخانا ئۆيگە كىرگىنىمنى كۆرۈپ، ئاشخانىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇئامىلىسى بايا ئۈمىد بار چاغدىكىدىن 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ماڭا گەپ قىلىش تۈگۈل، بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ئىرىنىپ چىقىپ كەتتى. قاچا قۇچىلارنىڭ يېرىمىنى يۇيۇپ بولۇپ، بىرى قارا دېگەندەك كەينىمگە قاراپ قورقۇپ كەتتىم. ئۈمىدنىڭ دادىسى قاچانلاردا كېلىپ قاراپ تۇردىكىن، ئىنتايىن سۈرلۈك بىر تۈستە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















