
بۇ ئەسەرنىڭ 84 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83-قىسىم
نىگارە 1805-ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى، قانداقلا بولمىسۇن فەرۇق بىلەن نىگارە پات ئارىدا توي قىلىدىغان ئادەملەر، نىگارە فەرۇقنى ئىزدەپ ماڭسا ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشنى ھەممىمىز مۇۋاپىق كۆرمەي ئورنىمىزدا تۇرىۋەردۇق. نىگارە 1805-ياتاقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى ئىتتىرىشىگە ئېچىلىپ كەتتى. مېھمانخانىنىڭ كارىدورى جىمجىت بولغاچقا ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ نازلىنىۋاتقان ئاۋازىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى.
«ئاپلا» دەپ نىگارەنىڭ يېنىغا باردىم.ئۈمىدمۇ كەينىمدىن كەلدى، فروزە تېخى توي قىلمىغان كىچىك قىز بولغاچقا بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشى بەكلا ئەپسىز ئىدى، بۇنى ئۇمۇ ھېس قىلدى بولغاي، بىز بىلەن خوشلىشىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي لىفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
بۇ چاغدا نىگارە ئاللىبۇرۇن ياتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغان ئىدى. مەن ئالدىدا، ئۈمىد كەينىدە ياتاققا كىردۇق. ياتاقنىڭ ئىچىدىكى تامدىكى ئاسما چىراق سۇس ياندۇرۇپ قويۇلغان، ئوتتۇرىدىكى كارىۋاتتا فەرۇق ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئايال بىز تەرەپكە كەينىنى قىلىپ فەرۇخقا ئارتىلىپ ياتاتتى. نىگارە بۇ مەنزىرىگە قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى. ئۈمىد دەرھال تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ مۇنچا لۆڭگىسىنى ئېلىپ چىقىپ فەرۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى. بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ ھېلىقى ئايال بىزتەرەپكە ئۆرۈلدى، ئۇنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا دېدى. چۈنكى ئالدىمىزدا يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە فەرۇخقا ئارتىلىپ ياتقىنى نىگارەنىڭ بۇرۇنقى ئۆگەي ئاپىسى نادىرە ئىدى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، نىگارەنىڭ دادىسى ئۇنى ئۆيىدىن ھەيدىۋېتىدىغان چاغدا ئۇ «مېنىڭ بۇيۇمدا بار» دەپ يالۋۇرغاندەك قىلغان. ئەمما ھازىر...... ئەجىبا ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يالغان ئوخشىمامدۇ؟
مەن ئېسىمنى يىغىپ بولغىچە نىگارە ئىككى چامداپلا كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ نادىرەنىڭ چېچىدىن قاماللاپلا ئالدى.
_ سەن قىلمىغان مۇشۇ ئىش قالغانمۇ، ھۇ پاسكىنا، رەسۋا.
نادىرەنىڭ چېچى قاماللاپ تۇتىۋېلىنغاچقا بېشى كەينىگە قايرىلىپلا قالغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كۈلدى.
_ توغرا، مەن پاسكىنا، مەن رەسۋا. لېكىن ئەرلەر مەندەكلەرنى ياخشى كۆرىدىكەن ئەمەسمۇ.
«نادىرە ھەقىقەتەن تاياققا لايىق بىر نىمە ئىكەن» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
نىگارە ئۇنىڭ چېچىدىن تارتقان پىتى كارىۋاتتىن سۆرەپ چۈشۈرۈپ ئىتتىرىۋەتتى. نىگارە كۈچەپ ئىتتىرگەچكىمىكىن، ئۇ يىقىلغاندا گۈپ قىلىپ ئاۋاز چىقىپ كەتتى. پەمىمچە ئۇ خېلىلا قاتتىق يىقىلغان ئىدى، لېكىن ئۇ دەرھال ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى ۋە يەنە كۈلدى. شۇ تاپتا فەرۇق جاھاندىن بىغەم خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
_ نىگارە، بولغۇسى ئېرىڭىزنى مەن تەكشۈرۈپ باقتىم، بولىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم توي قىلسىڭىز بولغۇدەك، بۇ ئەر ساقكەن.
نادىرەنىڭ نۇمۇسسىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇ دەرىجىدە نۇمۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
_ ساڭا ياراپ قالغان بولسا بولدى ساڭا بەردىم، ئېلىپ كىتىپ نىمە قىلساڭ قىل_ نىگارەنىڭ ئاچچىقتىن كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا ئۈمىد دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ تاماكا چېكىپ تۇراتتى.
نادىرە يەردە چېچىلىپ ياتقان كىيمىنى بىردىن بىردىن تېرىشتۈرۈپ كىيگىلى تۇردى، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئىشقىلىپ ئۇ كىيمىنى بەك ئۇزۇن كىيدى ۋە ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى تاسىلدىتىپ ماڭغان پىتى چىقىپ كەتتى. نىگارە ئاچچىق كۈلدى.
_ يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئەرنى بابلىغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئۆزۈم بابلاندىم.
شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك يېرىم بولىۋاتقىنىنى ھېس قىلالايمەن، لېكىن ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئاستا بېرىپ ئۇنى قۇچاقلاپ ئۈنسىز تەسەللى بەرگەن بولدۇم.
ئۈمىد كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ فەرۇقنىڭ يۈزىگە يىنىك شاپىلاقلاپ ئويغاتتى. فەرۇق بەكلا قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، يۈزىنى بىر سىلاپ قويۇپ ئۇ يانغا ئۆرۈلۈپ يەنە ئۇيقۇغا كەتتى. باياتىن بېرى جىم تۇرغان نىگارە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ داسقا بىر داس سوغۇق سۇ ئېلىپ چىقىپ فەرۇقنىڭ بېشىغا چاچتى. بۇنداق سوغۇق قىشتا ئادەمنىڭ يۈزىگە سوغۇق سۇ چېچىلسا ئەلۋەتتە ھەرقانچە قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بولسىمۇ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كېتىدۇ دە، ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋىلىدى.
_ بۇ قەيەر؟ مەن بۇ يەردە نىمە قىلىمەن؟ نىگارە، سىز باركەنسىزغۇ، ئۈمىد، نازىيە، نىمە ھەممىڭلار بۇ يەردىكەنسىلەرغۇ؟ مەن قانداق بولۇپ ئۇخلاپ قالدىم؟
ئۈمىد يەردە تۇرغان فەرۇقنىڭ ئىشتىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاتتى.
_ ئاۋۋال ئىشتىنىڭنى كىيىۋال.
ئۈمىد شۇنداق دەپ مېنى تارتىپ يۈزۈمنى مەيدىسىگە قىلىپ قۇچاقلىۋالدى.
فەرۇق يۈزىگە چېچىلغان سوغۇق سۇدىن ئازراق سەگىگەن بولسىمۇ خېلى ئېغىر مەست بولغاچقا خېلى تىرىشىپ بېقىپمۇ ئورنىدىن تۇرالماي يەنە كارىۋاتقا يىقىلدى.
_ سۇ سوغۇقمىكەن؟_ دەپ سورىدى نىگارە.
_ نىمە بولدىڭىز؟ نىمىگە خاپا بولۇپ قالدىڭىز؟_ فەرۇق ھاڭۋېقىپلا قالغان ئىدى، قارىغاندا ئۇ راستلا نىمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ نىگارەنىڭ قولىنى تارتقان ئىدى، نىگارە ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى.
_ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ يەنە ماڭا يېپىشماقچىما؟
_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز، نىگارە، مېنى گاڭگىرىتىپلا قويدىڭىزغۇ؟
_ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام راستلا تىنىۋالىدىكەنسىز ھە؟ سىزگە قول قويدۇم ، ھەرقانچە بولسىمۇ تاللاپ ئارىلىشىڭ جۇمۇ. دادامدىن ئاشقان بىر نىمە بىلەن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭىزنى قاراڭ. ھا ھا ھا.
_ جېنىم نىگارە، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ. مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى راستلا بىلمەيمەن. ئەگەر شۇنداق ئىش بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ باشقىلار مېنى قەستلەپتۇ. ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ھەرگىز سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمايمەن_ ئۇ شۇنداق دەپ يەنە نىگارەنىڭ قولىغا ئېسىلدى، نىگارە ئۇنىڭ قولىنى كۈچەپ سىلكىدى.
_ لېكىن سىز قىلىدىغاننى قىلىپ بولدىڭىز، مەن گېپىڭىزگە ئىشىنىپ مەيلى دېگەن تەقدىردىمۇ دادام ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. نادىرە ئىككىڭلارنىڭ ۋىدىيوسىنى دادامغا يوللاپ بېرىپ بولدى.
ئۇ قولىدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىپ كارىۋاتتا ئولتۇرغان فەرۇخقا قارىتىپ ئاتتى.
_ ئارىمىزدىكى ئىش مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى، بۇندىن كېيىن مەن سىزدەك ئادەمنى تۇنۇمايمەن. _ نىگارە شۇنداق دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. مەن نىگارەنىڭ كەينىدىن چىقماقچى بولغان ئىدىم، ئۈمىد تۇتىۋالدى.
_ ھازىر ئۇنىڭغا نىمىلا دېسىڭىزمۇ تېتىمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى يالغۇز تىنىچلىنىۋالسۇن.
فەرۇق ئۈزۈكنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ نىگارەنىڭ كەينىدىن ماڭماقچى بولدى، لېكىن كارىۋاتتىن چۈشۈپلا يەنە مەزمۇت تۇرالماي يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ كارىۋاتقا مۇشتلاپ كەتتى ۋە ماڭا قاراپ ياردەم تەلەپ قىلدى.
_ نازىيە، ماڭا ياردەم قىلىڭ، نىگارەگە ئىككى ئېغىز ياخشى گېپىمنى قىلىپ قويۇڭ. مەن راستلا ھېچنىمىنى بىلمەيمەن، راستلا، باشقىلار ماڭا زىيانكەشلىك قىپتۇ.
ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ راستلا ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. مەن بىردەم جىم تۇرىۋېلىپ ئاندىن ئېغىز ئاچتىم.
_ فەرۇق، سىز قەستەن قىلدىڭىزمۇ ياكى باشقىلار زىيانكەشلىك قىلىپ شۇنداق بولۇپ قالدىمۇ، بۇ مۇھىم ئەمەس، ھازىر ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئايال باشقا بىرى ئەمەس، نىگارەنىڭ بۇرۇنقى ئۆگەي ئاپىسى نادىرە ئىكەن ئەمەسمۇ. ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسىمۇ بىر ئامال قىلىپ نىگارەنى گەپكە كىرگۈزگىلى بولاتتى. مېنىڭچە نىگارە بۇ قېتىم مېنىڭ گېپىمگىمۇ كىرمەسمىكىن.
فەرۇق بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بېشىنى قاماللاپ بېشىنى پەس قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىدى.
_ نىمە ئۈچۈن؟ بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟
مېنىڭچە نادىرە مۇشۇنداق قىلىپ نىگارەدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان ئىدى، ئېنىقكى ئۇ مەقسىتىگە يەتتى. ئەينى ۋاقىتتا نىگارە ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى دادىسىنىڭ يېنىدىن كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغان ئىدى، مەن شۇ چاغدىلا نادىرەنىڭ بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيدىغىنىنى بىلەتتىم، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق پەسكەش ئۇسۇلدا ئۆچ ئېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
مەن خاتىرجەم بولالماي نىگارەگە تېلېفون قىلىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە تاپتىم. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى. نىگارە ئالدىراپ بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالمايتتى، شۇڭا ئۇ فەرۇخقا كۆڭۈل بېرىشنى قارار قىلغان چېغىدا ئاخىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترىتەلەيدىغان ئادەمنىڭ چىققانلىقىدىن، بۇنىڭغا ئۇنىڭ دادىسىنىڭمۇ قوشۇلغىنىدىن خۇش بولغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇنداق ئىش يۈز بەردى، بۇنىڭغا كىمنىڭمۇ ئىچى ئېچىشمىسۇن؟
_ نىگار، مېنىڭچە بۇ نادىرەنىڭ ئوينىغان ئويۇنى، ئۇ سەندىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ، كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ ئويلاپ باققىن.
_ ئوينىغان ئويۇنى بولسا نىمە بوپتۇ؟ قەستلىگەن بولسا نىمە بوپتۇ؟ مەيلى قانداقلا سەۋەبتىن بولسۇن، نەتىجىسى بىرلا. مەن بۇ ئىشنى قانداق ئۇنتۇپ كىتەلەيمەن؟ فەرۇقنى قانداق كەچۈرىۋېتەلەيمەن؟ ئەگەر ئۈمىدنى رازىيە بىلەن تۇتىۋالساڭ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋېتەلەمسەن؟
ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا مەن راستلا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز، مەن ھەتتا ئۇنداق ئېھتىماللىقنى ئويلاشنىمۇ خالىمايمەن.
_ سەنمۇ كەچۈرۈلمەيسەن، شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ ئوخشاش، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ كەتكىنىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولالىشىم مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەن ئۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇ مەنزىرىنى مەڭگۈ كاللامدىن چىقىرىۋېتەلمەيمەن.
_ ئۆيگە قايتىپ كىتەيلى، يۈرە، سىرت بەك سوغۇق.
_ بايا دادام ماڭا تېلېفون قىپتۇ، ئۇ فەرۇق دېگەن ناكەس بىلەن توي قىلىشىڭغا قوشۇلمايمەن دېدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، بەلكىم بۇ مۇشۇ ياشقا كىرگىچە بىرىنچى قېتىم دادامنىڭ گېپىگە كىرىشىمغۇ دەيمەن.
نىگارەنى تارتساممۇ ئورنىدىن مىدىرلىمىدى، ئامالسىز بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇردۇق. ئۈمىدمۇ بىزدىن سەللا نېرىدا بىزگە قاراپ تۇراتتى. شۇنىڭدىن كېيىن نىگارە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى بىر چاغدا ئۆتۈك كىيىۋالغان بىر ئەر ئالدىمىزغا كەلدى ۋە بىر ئەرەنچە پەلتونى نىگارەنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قويدى.
_ بۇ قىشتا سىرتتا ئولتۇرۇپسىلەرغۇ، توڭلىمىدىڭلارمۇ؟
بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، ئالدىمىزدا تۇرغىنى شۆھرەت ئىدى. ئۇنىڭ نىگارەگە قاراپ تۇرغان كۆزلىرىدە لىققىدە مۇھەببەت بار ئىدى.
_ مېنىڭ قانداق بولۇشۇمغا شۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟ _ دېدى نىگارە پەس ئاۋازدا. خاتالاشمىغان بولسا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شۆھرەتكە سىلىق گەپ قىلىشى ئىدى.
_ ئەلۋەتتە كۆڭۈل بۆلىمەن -دە.
_ راست دەۋاتامسىز؟ _ يەنە سورىدى نىگارە. شۆھرەت قەددىنى رۇسلاپ كىيىملىرىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن كەسكىنلىك بىلەن ئېيتتى.
_ راست، سىزگە راستلا بەك كۆيۈنىمەن، كۆڭۈل بۆلىمەن.
_ قاچانغىچە كۆيۈنىسىز؟
_ ئەڭ ئاخىرقى نەپسىم توختىغىچە_ دېدى شۆھرەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
نىگارەگە قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. شۆھرەتنىڭ گەپلىرى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك، ئەمما ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئەمەلدە قىلالايدىغانلىرى قانچىلىك؟ بېشىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈلگەندىن كېيىن شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، ئەرلەرنىڭ ۋەدىسىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىشەنچسىز بولىدىكەن. يەنە كېلىپ شۆھرەت نىگارەنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنى نىگارەنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالدى دېسەك توغرا بولىدۇ. بۇنداق ياخشى كۆرۈش قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ بىلگىلى بولمايدۇ.
_ ئەمىسە مېنى ئېلىڭ_ دېدى نىگارە تۇيۇقسىزلا.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال نىگارەنىڭ كىيمىنى تارتتىم.
_ نىگار، نىمە دەۋاتىسەن؟ _ ئۇنىڭ ھازىر ئاچچىقتا ئويلانمايلا مۇنداق دەۋاتقىنىنى بىلىمەن.
_ شۆھرەت بىلەن توي قىلاي دەۋاتىمەن_ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
_ توي ئىشى ئۈمۈرلۈك ئىش، بۇنداق ئويلانمايلا قارار چىقىرىۋەتسەڭ بولمايدۇ. ئوبدانراق ئويلاشقىن.
_ ئەينى ۋاقىتتا سەنمۇ ئۈمىد بىلەن توي قىلىدىغان چاغدا ئويلاشمايلا قارار چىقارغانتىڭ، بىر ئوبدان ئۆتىۋاتىسەنغۇ. مەنمۇ ساڭا ئوخشاش تەۋەككۈل قىلىپ باقماقچى. تەلىيىم كېلىپ قالامدۇ تېخى.
نىگارەنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇنىڭ جاھىللىقى تۇتقاندا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق گېپى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. ئەمما مەن نىگارەنى ئۆزىنى تۇتىۋالغان چېغىدا بەك ئالدىراقسانلىق قىلغىنىنى ھېس قىلىپ قالار دەپ ئويلىدىم.
شۆھرەت ئاستا ئېڭىشىپ نىگارەنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قۇچاقلىدى، نىگارە ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىدى ھەم چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادىمۇ بولمىدى. مەن شۆھرەتنىڭ نىگارەنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغىنىنى ھېس قىلىپ دەرھال ئۇنى توستۇم.
_ نىگارەنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ.
_ ئېپ كەتمىسەم مۇشۇ سوغۇقتا دوستىڭىزنى سىرتقا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەنسىز ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئاغرىپ قالسا سىزنىڭ كارىڭىز بولمىغان بىلەن مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ.
شۆھرەت بىر مۇنچە سېسىق گەپ قىلىۋېتىپ نىگارەنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزدى.
_ نىگارە، ئۇنىڭ بىلەن ماڭساڭ بولمايدۇ.
بۇ چاغدا فەرۇق دەلدەڭشىگىنىچە بېرىپ شۆھرەتنىڭ ماشىنىسىنىڭ دېرىزىگە ئۇردى.
_ نىگارە، ئۇنىڭ بىلەن ماڭماڭ، مەندىن خاپ بولۇپ قالغىنىڭىزنى بىلىمەن، مېنى تىللاڭ، مېنى ئۇرۇڭ، مەن ئەسكى، مەن ئادەم ئەمەس. مېنى قانداقلا قىلسىڭىزمۇ مەن جىم تۇرۇپ بېرىمەن، لېكىن مېنى تاشلاپ كەتمەڭ،بولامدۇ؟
فەرۇق شۇ تاپتا ئەرلىك غورۇر دېگەننى بىر چەتكە قايرىپلا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ نىگارەگە يالۋۇرىۋاتقان تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
_ نېرى تۇرە. _ شۆھرەت شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. فەرۇق يەنە جاھىللىق قىلىپ ئېسىلىۋالماقچى بولدى، لېكىن ئۈمىد كېلىپ ئۇنى تۇتىۋالدى.
_ ھەيدەڭ، ئۇنى ئەمدى كۆرەر كۆزۈم يوق_ نىگارەنىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى.
_ نىگار، ئۇنىڭ بىلەن كەتسەڭ بولمايدۇ، ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغىن، خۇش بولاي.
نىگارە ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، شۆھرەت ماي كلاپانىنى بىر دەسسەپ غۇيۇلداپ ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. فەرۇق ئۈمىدنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ باقتى، لېكىن ئۇنىڭ مەستلىكى تېخى تولۇق يېشىلمىگەچكە ھېچقانچە ماڭمايلا يەرگە يىقىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن خېلى تىركىشىپ باقتى، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالماي، ئاخىرى تۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ يىقىلغان يېرىدىلا ئاسمانغا قاراپ ياتتى، ئاغزىدا بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى.
_ نىگارە، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















