
بۇ ئەسەرنىڭ 43 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
|||
ئەمەلىيەتتە مەن ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ بايىقى كۈلۈمسىرەشلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.
_ تازىمۇ پالاكەت باسقان ئايالكەنسىز، سىز بىلەن تۇنۇشماستا بىپايان شىركىتى شۇنداق ياخشى مېڭىۋاتقان، قاچان ئۈمىدنىڭ تۇرمۇشىدا سىز پەيدا بولدىڭىز شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىشلىرى كەينىگىلا دەسسەۋاتىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۈمىد بىلەن ئالاقىڭىزنى ئۈزىدىغان بولۇپ ئالدىمدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىڭىز، نىمە، ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ھېچقىسى يوق، سىز ئايرىلالمىسىڭىز، ئايرىۋېتىدىغانغا مېنىڭ ئامالىم بار.
«جاراڭ جۇرۇڭ»
قولۇمدىكى پىيالە سېرىلىپ يەرگە چۈشۈپ چۇل چۇل بولۇپ كەتتى. ھەممىنى چۈشەندىم، ئۈمىدنىڭ دادىسى ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئادەمكەن، ئۇ قەستەن ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماڭا بېسىم ئىشلىتىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ گەپنى ئەگىتىپ، سىلىقلاپ يۈرمەي ئوچۇق دېدى. لېكىن مەن راستلا ئۈمىدتىن ئايرىلالمايتتىم. ماڭا ئايان، مەن ئۈمىدنىڭ پۇلىنى كۆزلىمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمدا ھېچقانداق غەيرىي مەقسىتىم يوق دەپ ئۆزۈمنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇ ئىشەنمەيتتى.
_ ئادەم ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، ئۈمىد مېنىڭ ئوغلۇم، ئۇنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بەك تىرىشچان، ئۇنىڭ مۇشۇ يېشىدا مۇشۇنچىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى تەڭتۇشلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، خېلى ياشقا چوڭلار ئارىسىدىمۇ خېلى تەسىر قوزغىغان. ئۇ مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىكەن، ئەسلى يېنىدا ئۆزىگە كەسىپ جەھەتتە ياردەم قىلالايدىغان بىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن سىز ئۇنىڭغا نىمە قىلىپ بېرەلەيسىز؟
ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا، مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ياردەم قىلالمايمەن، ياردەم قىلىش تۈگۈل ھە دېسىلا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتىمەن تېخى. بۇ كىشى گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ مەن ئۈمىدنى ياخشى كۆرىمەن دېمەڭ، دۇنيادا مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن، لېكىن مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئاتالمىش مەڭگۈلۈك مۇھەببەت مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا يەنىلا مەلۇم مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ.
بۇ كىشى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، ئۇ ماڭا مۇھەببەتنىڭ ئەڭ پىنھان جايلىرىغا يوشۇرۇنغان رەھىمسىز رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، مەن ھەقىقەتەن پالاكەت باسقان بىر ئادەم، يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىققۇدەك ھېچنىمەم يوق. بۇرۇن بەك كۆپ پۇلۇم يوق، باشقىلار ھەيران قالغۇدەك ئىقتىدارىم بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا تىرىشىپ ياشايتتىم، ئاددى خىزمەت ئورنۇمدىن ئۆزۈمگە چۇشلۇق خۇشاللىق تاپالايتتىم. ئەمما مەن ھازىر ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئاددى ئادەم بولۇپ قالغىنىمدىن ئۆكۈنىۋاتىمەن، ھەتتا ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈپ بايىقى فروزەدەك بولۇش ئىرادەم كۈچەيدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئۈمىدنىڭ دادىسى ئاخىرى ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
يەردىكى چىنە پارچىلىرىنى تېرىۋەتمەكچى بولۇپ ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇپ قېتىپ كەتكەن تىزىمنى ئىگىپ ئېڭىشتىم.
_ نىمە ئىش بولدى؟_ ئۇنىڭ ئاۋازى ئەزەلدىن ماڭا بۇنداق يېقىملىق ئاڭلىنىپ باقمىغان بولسا كېرەك، خۇددى قۇتقۇزغۇچۇمنى كۆرگەندەك خۇش بولۇپ كەتتىم.
_ قولۇمدىن سېرىلىپ چۈشۈپ كەتتى_ دېدىم مەن سەل خىجىل بولغاندەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي.
_ چېقىلىپ كەتسە مەيلى، بىر تال پىيالىغۇ شۇ. _ ئۈمىد شۇنداق دەپ ياندا تۇرغان سۈپۈرگىنى ئېلىپ چېقىلغان چىنە پارچىلىرىنى سۈپۈرۈپ ئالدى. مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قالغان چىنىلەرنى يۇدۇم.
_ قايتىپ كىرىپسىزغۇ؟ ئۇ يېڭىلا پراۋا ئاپتۇ، يالغۇز ماشىنا ھەيدەپ بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسۇن يەنە.
_ ئۇنىڭ يېنىدا ئۆتكۈر بار_ دېدى ئۇ كەينىمدە تۇرۇپ.
ئاشخانىنى بىرەر قۇر بېسىقتۇرۇپ بولۇپ ئاشخانا ئۆيدىن چىقتىم، ئۈمىدنىڭ دادىسى مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈىۋېتىپتۇ، قارىغاندا ئۇ ئىزچىل شۇيەردە ئولتۇرغاندەك قىلاتتى. ئۇنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز قەدىمىمنى تېزلىتىپ ئۈمىد بىلەن بىللە چىقىپ كەتتىم. ھويلىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپلا بايا ھويلىدا تۇرغان ماشىنىنى كۆردۈم. ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرى پۈتۈن چۈشۈرىۋېتىلگەن، رولنى تۇتۇپ ئولتۇرغان فروزە بەكلا خۇش بولغاندەك قىلاتتى. ئۆتكۈر ئۇنىڭغا نىمىلەرنى دەۋاتىدىكىن، ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇراتتى. مەن مەتومۇ يا باشقا سەۋەبتىنمۇ ئىشقىلىپ ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان ئاياللار ماڭا بەك قالتىس بىلىنىدۇ. يەنە كېلىپ فروزەدەك جەزبىدار قىز بۇ چىرايلىق ماشىنا بىلەن قوشۇلۇپ خۇددى نەپىس سۈرەتتەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. فروزەنى پراۋىنى يېڭىدىن ئالدى دەۋاتاتتى، ئەمما مەن قارىسام ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى خېلى ئۈستۈندەك قىلاتتى. ئايلانمىدىن ئايلىنىش، ماشىنىنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇراش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى ھېچ ھۇدۇقمايلا قىلىۋاتاتتى.
_ مېنىڭمۇ پراۋا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ-دېدىم مەن يېنىمدا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان ئۈمىدكە قاراپ.
_ سىزدەك قورقۇنچاق ئاياللار ماشىنا ھەيدىيەلمەيدۇ_ دەپلا گەپنى ئۈزۈۋەتتى ئۇ. مەن ئۇنىڭغا قاراپ سوغۇق كۈلدۈم.
_ سىزمۇ مېنى يارىماس دەپ قارايدىكەنسىز دە.
ئۈمىد دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، مېنى مۈرەمدىن قۇچاقلاپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
_ مەن سىزگە شوپۇر بولسام بولامدۇ؟ مەن كونا شوپۇر، تېخنىكام خېلى يامان ئەمەس، بۇنى سىزمۇ بىلىسىزغۇ؟
ئۆيگە قايتقۇچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي جىم ماڭدۇق، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك پاراكەندە ئىكەنلىكىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. مەن راستلا پالاكەت باسقان ئايال، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەزىمەت ئۈمىدنى 500 مىڭ پۇل بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ، ئۈچ كۈن ۋاقىت بەردى تېخى.
بۇ ئىشنى قانداق قىلىش كېرەك؟
_ نىمە بولدىڭىز؟_ قولنى سۇنۇپ بېشىمنى سىلىدى ئۈمىد.
چوڭقۇرغا خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغان مەن بۇنىڭدىن چۈچۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ بېشىمنى چايقىدىم.
_سەل مىجەزىم يوق.
_ دوختۇرخانىغا بېرىپ باقامدۇق ئەمىسە؟
_ بولدى چارچاپ قالغان ئوخشايمەن، ئۆيگە بېرىپ ئارام ئېلىۋالساملا ياخشى بولۇپ قالىمەن.
داچىغا بېرىپلا ھۇجرامغا كىرىپ يېتىۋالدىم. ئۈمىد ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتقىنىمنى كۆرۈپ مېنى ئۇخلاپ قالدى دەپ قالدى بولغاي، كارىۋاتقا ئىنتايىن ئاۋايلاپ چىقىپ ياتتى. ئەمما مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ ئىشنى ئويلىماسلىققا شۇنچە تىرىشساممۇ كاللامدىن چىقمايۋاتاتتى. «بۇ ئىشنى قانداق بېسىقتۇرسام بولار؟» ئەزىمەت بەرگەن ئۈچ كۈننىڭ بىر كۈنى مۇشۇنداق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەتىسى چۈشتىن باشلاپ جىددىيلىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ ئشىنى ئۈمىدكە دېسەم بولارمۇ؟ ئەزىمەتنىڭ بىر كېچە ھەمرا بولسىڭىز 10 مىڭ يۈەننى كەچۈرۈم قىلىمەن دېگىنىگە ماقۇل بولسام بولارمۇ يا؟ ئويلىمىغان ئىشىم قالمىدى، ھەتتا ئەزىمەتنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىمۇ ئويلاپ كەتتىم. چۈشتىن كېيىنلىكى يامغۇر ياغدى، بىز ھېچ يەرگە چىقماي داچىدا ئارام ئالدۇق. ئۈمىد ئىككى كۈندىن بۇيان دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ پىشانەمنى تۇتۇپ باقتى:
_ ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ باقايلىمۇ؟
ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدىم، ھامىنى مېنىڭ ھەل قىلىشقا كۈچۈم يەتمىگەندىكىن، بۇ ئىشنى دەسلەپتىلا ئۇنىڭغا دېسەممۇ بوپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم، ئۇ بىلسە ھېچبولمىغاندا يالىڭاچ سۈرەتكە قارىتا ئىدىيىسىدە تەييارلىق قىلىۋالالايتتى، ئەزىمەت سۈرەتنى ئاشكارىلىۋەتسە ئۇنىڭ قوبۇل قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. گەپنى قانداق باشلاش توغرىلىق ئويلىنىپ بولۇپ، ئەمدى ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۈمىدنىڭ تېلېفونى سايرىدى. شۇنداق ياخشى كەلگەن پۇرسەت بىر تېلېفون تەرىپىدىن يوققا چىقتى. ئۈمىد تېلېفوننى ئېلىپ، ھە ھە دەپلا كىيىمىنى كىيىپ چىقىپ كەتتى، شۇ پىتى كەچ كىرگۈچە قايتىپ كەلمىدى. داچىدا ئۆزۈم يالغۇز سەل قورقۇشقا باشلىدىم، ئۈمىدكە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلدىم، ئەمما تېلېفونى ئۇلانمىدى. تېخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدىم. كەچ سائەت يەتتىلەر بولغاندا ماشىنا كېلىپ توختىغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ئۈمىد كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىسام كەلگىنى ئۈمىد ئەمەس، ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىكەن. ئۇ ئۆيگە كىرىپ:
_ ئۈمىدنىڭ ئازراق ئىشى بار ئىكەن، سىزنى يالغۇز قورقىدۇ دەپ مىنى تېزرەك بار دېگەنتى_ دېدى.
_ ئۇ ئۆزى قېنى؟
_ شىركەتتە بىجىرىدىغان ئىشى بارمىكىن. ئەنسىرىمەڭ ھە.
داچىدا يالغۇز بولساممۇ قورقۇپقۇ كەتمەيمەن، لېكىن ئۈمىدتىن بەك ئەنسىرەپ كىتىۋاتاتتىم.
_ تاماق يىمىگەنسىز ھەقىچان، مەن سىزگە تاماق ئېتىپ بېرەي ھە.
ئۆتكۈر شۇنداق دەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتكەن، بىردەمدىلا ئىنچىكە كېسىلگەن ئۈگرە ئاش ئىتىپ چىقىپتۇ. تاماققا قەتئىي ئىشتىھايىم بولمىسىمۇ ئۆتكۈرنىڭ كۆڭلىنى دەپ مىسىلداپ ئولتۇرۇپ ئىچتىم. بىر چىنە ئاشنى بەك تەستە ئىچىپ بولۇپ مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇردۇم. ئۆتكۈرنىڭ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ دېگىنىگە قۇلاق سالماي تېلېۋىزورنى ئېچىپ ئولتۇردۇم. ئۆتكۈرمۇ كرىسلونىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇردى.
_ سىز چىقىپ ئۇخلاڭ، ئەتە يەنە ئىشقا بارىسىز_ دېدىم مەن ئۆتكۈرگە.
_ ھېچنىمە بولمايدۇ، مەن كەچ ئۇخلاپ ئادەتلىنىپ كەتكەن_ دېدى ئۆتكۈر.
شۇ تەرىقىدە تېلېۋىزورغا قاراپ قانچىلىك ئولتۇردۇقكىن، بىر چاغدا سائەتكە قاىسام كەچ سائەت 11دىن ئېشىپتۇ، ئۈمىد تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. تېلېفون قىلسام يەنىلا ئۇلانمىدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قالدىم. سائەت 12 دىن ئاشقاندا ئاخىرى ماشىنا كېلىپ توختىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ساپما كەشىمنى كىيىپلا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئۈمىد ماشىنىنى توختىتىپ چۈشتى.
_ تېخىچە ئۇخلىماپسىزغۇ، مەلىكەم. جېنىڭىز كەلمىسە ئۇيقۇڭىز كەلمەپتۇ دە.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئۇ مېھمانخانا ئۆيگە كىرگەندە ئۇنىڭ كۆينىكىنىڭ يېڭىگە توپا يۇقۇپ قالغىنىنى بايقىدىم، قولىمۇ سۈرۈلۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
_ نىمە بولدىڭىز_ دەپ سورىدىم مەن گۇمانىي نەزەردە قاراپ.
_ دېسەم زاڭلىق قىلماڭ ھە، يىقىلىپ كەتتىم. ئۇ ھاراق ئىچمىگەن ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ يىقىلىپ چۈشتۈم دېگىنى قېپقىزىل يالغان.
_ قاتتىق چۈشتىڭىزمۇ؟ بىرەر يېرىڭىز يارىلاندىمۇ؟
_ ياقەي. ماڭا كۈيۈنگەنلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئاغرىۋاتقان يېرىممۇ ساقىيىپ قالدى_ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
_ كەچ بوپ كەتتى، مەن چىقىپ ئۇخلاي، سىلەرمۇ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭلار_ ئۆتكۈر تۇيۇقسىزلا شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىنچى قەۋەتكە ماڭدى. بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدىنلا چىقتۇق.
ئۈمىد يۇيۇنۇپ مۇنچىدىن مۇنچا لۆڭگىسنى ئوراپلا چىقتى. باشقا ۋاقىت بولغان بولسا «قېلىن» دەپ بېشىمنى باشقا ياققا بۇرىۋالاتتىم، بۈگۈن خىجىل بولۇشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تەپسىلىي قاراپ چىقتىم، راستلا ھېچ يېرىدە يارا ئىزى يوقكەن.
_ ئېرىڭىزنىڭ كېلىشكەن بەدىنىنى تاماشا قىلىۋالاي دەۋاتىسىز ھە؟_ دەپ كۈلدى ئۇ.
_ بۈگۈن نەگە باردىڭىز؟ زادى نىمە ئىش يۈز بەردى؟_ ئۇنىڭ بايىقى گېپىگە ئىرەن قىلماي جىددى تەرزدە سورىدىم مەن.
ئۈمىد ئاستا كېلىپ كارىۋاتنىڭ لىۋىد ئولتۇرۇپ قولۇمنى تۇتتى.
_ ماڭا ئىشەنمەمسىز؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ماڭا راست گەپ قىلغۇسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى، مەنمۇ داۋاملىق سوراۋېرىشىنى بىئەپ كۆرۈپ سورىمىدىم. مېنىڭ سورىغان سۇئالىم ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قويدىمۇ قانداق، ئۇ تاكى ئۇخلاپ بولغۇچە ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
ئەتىسى ئويغانغان ۋاقتىمدا تاڭ تېخى يورۇماپتىكەن، ئۆزۈمنى خېلى ئۇيقۇغا زورلىساممۇ قايتا ئۇخلىيالمىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتەي دېسەم، ئۈمىدنى ئويغىتىۋەتمەي دېدىم، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى بەك سەگەك ئىدى. كۆزۈمنى ئېچىپ يېتىپ دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقتا ئۈمىدنىڭ قولىغا دېققەت قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىنىڭ بىر نەچچە يېرى قىزىرىپ ئىششىپ قالغان، بىر نەچچە يېرى يېرىلىپ گۆشى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. دېمەك ئۇنىڭ يىقىلىپ چۈشتۈم دېگىنى يالغان. ئۇ مەندىن يوشۇرغانچە مەن تېخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدىم. قولى بەك ئاغرىۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇخلاۋاتقان ھالەتتىمۇ قولى بىلىنەر بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى. ئۇنىڭغا دۈمبەمنى قىلىپ ياتقاچقا چىرايىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىئارام بولىۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ قولىغا سۆيۈش ئۈچۈن كالپۇكۇمنى ئاستا يېقىن ئاپاردىم.
_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟
مېنىڭ ئېھتىيات بىلەن قىلغان كىچىككىنە ھەرىكىتىممۇ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى.
_ ئاغرىۋاتامدۇ؟
_ ياقەي، بۇنچىلىك يارىغا ھېچنىمە بولمايدۇ، ئەنسىرىمەڭ، مەلىكەم.
ئۇ سىرتقا قارىدى.
_ تېخى تاڭ ئاتماپتۇغۇ؟ نىمانداق بالدۇر ئويغىنىۋالدىڭىز؟ يەنە بىردەم ئۇخلايلى ھە.
قانداقمۇ ئۇيقۇم كەلسۇن؟ بۈگۈن ئەزىمەت بەرگەن مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى. بىردەم يېتىپ بېقىپ ئىچىمنى بىر نىمە تاتىلىغاندەك بولۇپ تۇرۇپ كەتتىم.
_ نەگە بارىسىز؟ _ئۈمىدمۇ ئۇخلىمىغان ئىدى.
_ مەن چىقىپ ناشتىلىق تەييارلاي_ دېدىم مەن كارىۋاتتىن چۈشۈپ.
_ توختاڭ. ئولتۇرىڭە. كۆزىڭىزنى يۇمۇڭە.
ئۈمىد شۇنداق دەپ سەكرەپ دېگۈدەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە بېرىپ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى ئالدى ۋە يېنىمغا كېلىپ بوينۇمغا بىر نەرسىنى ئاستى.
_ ھەم، ئەمدى كۆزىڭىزنى ئېچىڭە.
كۆزۈمنى ئېچىپ قارىدىم، بوينۇمدا بىر تال مەرۋايىت مارجان تۇراتتى. بۇ مارجاننى تونۇدۇم، بۇ ئۈمىد ئىككىمىز ئوڭشاتقىلى ئاپىرىپ بەرگەن مەرۋايىت مارجان شۇ ئىدى. ھەيران قالدىم.
_ ئەسلى ھېلىقى كۈنى سىز كەينىڭىزگە يېنىپ بېرىپ ئېلىۋاپتىكەنسىز دە.
_ بۇ گەپچە سىزمۇ كەينىڭىزگە يېنىپ بېرىپ بېقىپتىكەنسىز دە.
مېنىڭ كەينىمگە يېنىپ بېرىپ ئىزدىشىمغۇ نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس، لېكىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
_ ئەلۋەتتە، بۇ يا ئەرزان پۇللۇق مارجان بولمىسا.
ئۇ بەدەشقاننى قۇرۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى، مەن كاىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇراتتىم. ئۇ ئاستا مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى ۋە قولۇمنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ ھازىر بۇرۇنقىدەك كەسكىن مىجەزىم ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ، ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ تونۇيالماي قېلىۋاتىمەن. ئۆز قولۇم بىلەن تاشلىۋەتكەن نەرسىنى يەنە تېرىۋالدىم، بۇرۇن مۇشۇنداق ئېزىلەڭگۈ ئادەملەرگە ئۆچ ئىدىم، لېكىن ھازىر ئۆزۈم شۇنداق ئادەم بوپ قاپتىمەن.
ھەر ئىككىمىز بىلىپ بىلمەي ئۆزگىرىپ كېتىۋېتىپتىمىز. يەنە كېلىپ ئىككىمىز دەل قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە. مەن ئەزەلدىن بىر ئېزىلەڭگۈ ئايال، لېكىن كەسكىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
ئىشىك ئالدىدىن بىرىنىڭ ساپما كەشىنى سۆرەپ ئۆتكەن تىۋىشى ئاڭلاندى. ئۆتكۈر ئورنىدىن تۇرۇپ بوپتۇ دە دەپ ئويلىدىم. ئۇ ئادەتتە بەك سەھەر تۇرىدىكەن. بىر ئازدىن كېيىنلا ئۇ يەنە ئۈستىگە چىقتى ۋە بىزنىڭ ھۇجرىمىزنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، ئىشىكنى ئۈمىد ئاچتى.
_ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بولغانمىتىڭلار؟ ئۈمىد، بۇ ياققا چىقە.
ئۈمىد ساپما كەش بىلەنلا چىقىپ كەتتى، بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملىدىم، ۋە تېزلىكتە ئۇخلاش كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن چىقتىم. پەسكە چۈشۈپ قارىسام ئۇلار مېھمانخانا ئۆيدە يوق، ئىشىك ئوچۇق تۇراتتى. كەينىدىن چىقىپ قارىسام ئۈمىد ئاچچىقى بىلەن تامغا چاپلانغان قەغەزلەرنى يىرتىۋاتاتتى. تامغا چاپلىۋېتىلگەن قەغەزلەرگە قاراپ مېڭەمگە ئاغرىق كىرىپ كەتتى.
داۋامى بار
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















