
بۇ ئەسەرنىڭ 76 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75-قىسىم
ئۇ بىر كېچە يوقاپ كەتكەن تۇرسا، مېنىڭ ئەلۋەتتە قەيەرگە بارغىنىنى بىلگۈم كېلىدۇ دە.
_ ھەئە _ دېدىم مەن. ھەسەن تاماكىسىنى ئاغزىغا چىشلىۋېلىپ چاپىنىنىڭ قۇيۇن يانچۇقىدىن بىر كىچىك خالتىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
_ مەڭ، بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ھەسەن سۇنغان خالتىنى ئېلىپ ئاچتىم، ئىچىدە بىر مۇنچە سۈرەتلەر بار ئىكەن. بىرىنچى پارچە سۈرەتنى كۆرۈپلا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم. بۇ رازىيەنىڭ بىر ماشىنىغا چىقىۋاتقاندىكى سۈرىتى ئىدى. مەن ئالايىتەن ماشىنىنىڭ نومۇرىغا قاراپ باقتىم، بۇ دەل ھېلىقى كۈنى ھەسەن ئىككىمىزنىڭ ئىزىمىزغا چۈشكەن ماشىنا شۇ ئىدى، يەنى ئۇ ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ماشىنىسى ئىدى. ئالدىراپ تىنەپ ئىككىنچى پارچە سۈرەتكە قارىدىم، ئۇ رازىيەنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان سۈرىتى ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ماڭا يازغان ئۇچۇرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. « خاتىرجەم بولۇڭ، ئۈمىدتىن ئايرىلىدىغان كۈنلىرىڭىز ئاز قالدى». رازىيەنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىپ پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.
_ بۇ سۈرەتلەرنى سىز قانداق قولغا چۈشۈردىڭىز؟_ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولساممۇ ئاۋازىمدىن ھاياجانلىنىپ قالغىنىم چىقىپلا تۇراتتى.
_ بۇ قانچىلىك ئىشتى. مېنىڭ بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەھلى ئىكەنلىكىمنى بىلىسىزغۇ.
_ نىمىشقا ماڭا ياردەم قىلىسىز؟_ دەپ سورىدىم.
ھەسەن ئاغزىدا چىشلەپ تۇرغان تاماكىسىنى يەرگە تاشلاپ دەسسەپ ئۆچۈرىۋەتتى ۋە ئەستايىدىل بىر خىل پوزىتسىيەدە گەپ قىلدى.
_ سىزگە ياردەم قىلغىنىم ئۆزۈمگە ياردەم قىلغىنىم.
ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلمىدىم ۋە ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدىم. بىردەمدىن كېيىن ھەسەن يەنە ئېغىز ئاچتى.
_ ئاڭلىسام شېرزاتنىڭ دېلوسىغا سوت ئېچىلىدىغانغا ئاز قاپتۇ، ئۈمىد باش دېرىكتور ماڭا ماقۇل بولغان ئىشنى ئۇنتۇپ قالمىغاندۇ ھە؟
ئەينى ۋاقىتتا ئۈمىد ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈنلا ھە دەپ قويغان، ئەمما ئۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىنى تەڭ بىجىرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. لېكىن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دېمىدىم. ئۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئادەم، يەنە كېلىپ ئۈمىد ئىككىمىز بارغان تۇرغان جايلىرىمىزنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ گەپ قىلماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا يېقىن كېلىپ سىنچىلاپ قاراپ كەتتى ۋە قاقاقلاپ كۈلدى.
_ كىچىككىنە قىز بالىغىمۇ تەڭ كېلەلمەي تاياق يەپ يۈرمىگەنسىز، قىزچاق. سىز نىمانچە ھاماقەت دەيمەن. گۈزەل چىرايىڭىز بولغان بىلەن كاللىڭىز ئازراقمۇ ئىشلىمەيدىكەن. تېرىنېردىن ئاڭلىسام ماشىنىنى بەك تىرىشىپ ئۆگىنىۋېتىپسىز، ھەم خېلى تېز ئىلگىرىلەپسىز. «تىرىشقان ئاشار» دېگەن راست گەپ ئوخشايدۇ ھە.
ئۇنىڭدەك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق ماقال تەمسىل ئاڭلىسا ئادەمنى بەك كۈلكە قىستاپ كېتىدىكەن. كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ تۇرىۋالدىم. ئۇ سۈرەتلەرنى قولۇمدىن ئېلىپلا كىتىپ قالدى.
_ نازىيە.
ئۆتكۈر چاقىردى. كەينىمگە قارىسام ئۆتكۈر ھەسەننىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ تۇرۇپتۇ.
_ ئۇنى تۇنۇمسىز؟
بېشىمنى چايقىدىم.
_ تۇنۇمايمەن، بىر نەرسە ساتىدىكەن، ئالامسىز دەپ يېپىشىپلىۋالدى.
ئۆتكۈر ئارتۇق گەپ سورىمىدى.
_ ماڭايلى ئەمىسە.
ئويۇنخانىدىن چىقىپ ئادەتتىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئولتۇردۇق. ھەسەن ماڭا كۆرسەتكەن سۈرەتلەر ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈم تېخىمۇ پاراكەندە بولۇپ كىتىۋاتاتتى.
_ نىمە ئويلاۋاتىسىز؟ _ مېنىڭ روھى ھالىتىمنىڭ تازا جايىدا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ سورىدى ئۆتكۈر. باشقا بىر تېمىدىن سۆز ئاچتىم.
_ ئۇچار تاش قورغىنى بىلەن بىپايان شىركىتىنىڭ ئالاقىسى بارمۇ؟
ئۆتكۈر چوكىنى قويۇپ ئاغزىنى سۈرتۈپ بىر يۇتۇم چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن:
_ ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ بىپايان شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بار دېسەكمۇ بولىدۇ، يوق دېسەكمۇ بولىدۇ.
_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟ _ ئۆتكۈرنىڭ بۇ جاۋابىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم.
_ ئۇچار تاش قورغىنى تاغامنىڭ يېرى. بۇرۇن ئۇ يەر تاغامنىڭ كانى ئىدى، كېيىن تۈزۈك بىر نىمە چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، ئەمما ئۇزۇن يىل قېزىلغان كان بولغاچقا جۇغراپىيىلىك مۇھىتىمۇ ئاجايىپ غارايىپ بولۇپ قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن تاغام ئۇچار تاش قورغىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. لېكىن ھازىر ئۇ يەردىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار كېيىن ياسىغان قۇرۇلۇشلار. ئەينى ۋاقىتتىن قېپ قالغانلىرى ئاز.
ئەسلىدە ئۇچار تاش قورغىنى ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ئىكەندە، شۇڭا ئۇ يەردىكىلەر ئۈمىدنى چوڭ بايۋەتچە دەپتىكەندە. ئۇنداقتا رازىيەنىڭ ئۇ يەردە پەيدا بولۇپ قېلىشى، يەنە ھەسەننىڭ ماڭا كۆرسەتكەن سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا بۇ ھەرگىز مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش ئەمەس ئىدى. مەن خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغاندا ئۆتكۈر بىر كېچە ئىتىكلىك تۇرغان ئىككى تېلېفوننى ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى. ئۈمىد ئىشلارنى قانداق قىلغاندۇ؟ رازىيەنى داچىغا ئېلىپ كەتكەنمىدۇ؟ ماڭا يەنە قايتا تېلېفون قىلغانمىدۇ؟ تېلېفونۇمنىڭ ئىتىكلىك تۇرغىنىنى بىلىپ مەندىن ئەنسىرىگەنمىدۇ؟ ئەنسىرىگەن بولسا رازىيەدىن ئەنسىرىگەندەك كېچىچە ئەنسىرىگەنمىدۇ؟ تېلېفوننى كۆرۈپلا بىر قاتار سۇئاللار كاللامغا كېلىپ كەتتى.
_ تېلېفونلىرىمىزنى ئاچساق توختىماي ئۇچۇر كېلىدۇغۇ دەيمەن. _ ئۆتكۈر شۇنداق دەپ تېلېفونىنى ئېلىپ ئاچتى، دېگەندەك ئۇنىڭ تېلېفونىغا «تىت تىت تىت» قىلىپ كەينى كەينىدىن ئۇچۇر كېلىپ كەتتى. كەينىدىنلا تېلېفون كەلدى. ئۇ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ تېلېفوننى ئالدى ۋە قەيەردىلىكىمىزنى دەپ بەردى. تېلېفوننى قويۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەزمىن ئاھاڭدا ماڭا نەسىھەت قىلدى.
_ نازىيە، مۇھەببەت قولىڭىزغا ئېلىۋالغان قۇمغا ئوخشايدۇ، قانچە سىقىمداپ چىڭ تۇتقانچە شۇنچە ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئاسان ئېرىشكەن نەرسىنىڭمۇ قەدرى بولمايدۇ.
بىز ئاشخانىدىن چىققاندا ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى ئالدىمىزغا كېلىپ توختىدى. ئۈمىد ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
_ ماشىنىغا چىقىڭە_ دېدى ئۇ. مەن ئورنۇمدا مىدىرلىماي جىم تۇردۇم، ئۇنداق ئاسانلا چىرايىمنى ئېچىپ قويسام بولمايتتى. ئۈمىد ئېغىر تىندى.
_ نازىيە، ئەمدى رازىيەنى تاپسام كېچىچە سىزنى ئىزدىدىم، مەن بەك چارچاپ كەتتىم.
ئۆتكۈر گەپ قىستۇردى.
_ ئۈمىد، بەك ئاشۇرىۋەتمە، نازىيەمۇ ئايال كىشى. رازىيەدەك ئەركىلىمەيدۇ، ئۇنىڭغا قارىغاندا زېرەك، ھەم سېنى كۆپرەك ئويلايدۇ، لېكىن شۇنداق دەپ ئۇنى بىر چەتكە قايرىپ قويساڭ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ. ئۇمۇ ئاسراشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج.
ئۇ گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دېگەن ئىدى. ئۆتكۈرنىڭ گەپلىرىدىن ھەيران قالدىم، ئۈمىدكە قارىسام ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆتكۈرنىڭ دېگەنلىرى راست، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى كۆپرەك ئويلايمەن، ئۇنى جاپا تارتقۇزمىسامكەن دەيمەن، رازىيەدەك خىيالىمغا كەلگەننى قىلمايمەن. ئۈمىد ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خىجىللىققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەرنى بايقاپ قالدىم. ئاستا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چىقىپ ئولتۇردۇم.
_ ماڭايلى.
ئۆتكۈر ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن ھېلىقى مەلھەم دورىنى سۇندى.
_ نازىيەنىڭ بوينىدا يارا بار ئىكەن. ئەتىگەن كەچتە بۇنى سۈركىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن. ئۇ ئۇنتۇپ قالسا سەن ئېسىگە سېلىپ قوي.
ئۈمىد بۇرۇلۇپ بوينۇمغا قارىدى، ئاندىن كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى، مەن كۆزۈمنى ئېپ قېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. ئۈمىد ئۆتكۈرگە قاراپ:
_ رەھمەت ساڭا، بىز ماڭدۇق ئەمىسە_ دېدى.
داچىغا بېرىپ ئىشىكتىن كىرىپلا مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغان رازىيەگە كۆزۈم چۈشتى. ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرى ۋە ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىدىن بىر كېچە ئۇخلىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى ، ئۇ خۇددى كىرپە كۈشەندىسىنى كۆرگەندە تىكەنلىرى تىكلەشتۈرىۋالغاندەك بىر خىل ھالەتتە ئىدى. ئۇنىڭغا قارىغۇممۇ كالمىدى.
_ كېچىچە ئۇخلىماي ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى، مەن چىقىپ ئارام ئالاي_ دېدىم ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا كىرىپ كەتتىم.
ئەمدى كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ياتاي دەپ كارىۋاتقا چىقىشىمغا ئۈمىد كىردى. قولىدا بايا ئۆتكۈر بەرگەن مەلھەم دورا بار ئىدى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ مەلھەم دورىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى.
_ بولدى، دورا سۈركەشنىڭ ھاجىتى يوق، كىچىككىنە يارىغىمۇ بۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەيلى، مەن ئۇنداق مىشچان ئەمەس.
_جىم ئولتۇرۇڭ.
ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتكەن ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭغىمۇ تەس. بىر يانغا قارىسا بۇرۇنقى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ سىڭلىسى، يەنە بىر يېنىغا قارىسا مەن. ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشكە بولمايتتى. مەن مىدىرلىماي جىم تۇردۇم. ئۇ بېشىنى ئاستا ئېگىپ بوينۇمغا ئەستايىدىللىق بىلەن دورا سۈركىدى. بىر تەرەپتىن دورا سۈركەپ بىر تەرەپتىن بوينۇمغا پۈۋلەيتتى.
_ ئاغرىۋاتامدۇ؟_ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى ئۇ.
_ بۇ يېرىم ئاغرىمىدى، لېكىن بۇ يېرىم بەك قاتتىق ئاغرىدى_ مەن شۇنداق دەپ يۈرىكىمنى كۆرسەتتىم.
_ ئۇ مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
_ بۇ يېرىمگە سۈركەيدىغان دورا بارمىدۇ؟
ئۈمىد دورىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ تومپوچكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى ۋە مېنى ئاستا تارتىپ باغرىغا باستى. ئۇنىڭ ئىللىق باغرى ماڭا ھەقىقىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان ئىللىق ماكان. شۇ دەقىقىدە بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ھەتتا ۋاقىتنىڭ شۇ دەقىقىدە توختاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتتىم. شۇ ھالەتتە خېلى ئولتۇردۇق. بىر چاغدا ئۇ مېنى ئاستا ياتقۇزۇپ، ئۈستۈمگە يوتقاننى يېپىپ قويدى ۋە پىشانەمگە سۆيدى.
_ ياخشى ئارام ئېلىڭ، سىزمۇ چارچاپ كەتتىڭىز.
كېچىچە ئۇخلىمىغاچقا بەك چارچاپ كەتتىممىكىن، بېشىم ياستۇققا تېگىشى بىلەنلا ئۇخلاپ كىتىپتىمەن. شۇ ئۇخلىغان بىلەن بىر كۈن كەچكىچە ئۇخلاپتىمەن. مەن ئويغانغاندا بولسا ئويلاپ باقمىغان ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى.
ئاسلانچاق يوقاپ كەتتى.
ئۈستۈنكى قەۋەت، ئاستىنقى قەۋەت ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى. لېكىن ئاسلانچاقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئاسلانچاق بەك قورقۇنچاق، بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ قېچىپ كېتىپ باقمىغان. رازىيە كرىسلودا پۇتىنى ئالماپ مېنىڭ جدىددىيلىشىۋاتقان ھالىتىمنى تاماشا قىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ رازىيە، ئاسلانچاقنى كۆردىڭىزمۇ؟
ئۇنىڭ مەغرۇر ھالەتتە ماڭا قارىشى ئۈمىد ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرگەن ھامان ئۆزگەردى.
_ نازىيە ئاچا، ئاسلانچاقنى كۆرمىدىم، راست دەۋاتىمەن، ماڭا ئىشىنىڭ، ئۇنى راستلا كۆرمىدىم.
ئۇنىڭ ئويۇن قويۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئەرۋايىم ئۇچتى. ئۆرۈلۈپلا سىرتقا ماڭدىم. ئۈمىد نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك، كەينىمدىن ماڭدى.
_ توختاڭ، مەنمۇ سىز بىلەن بىللە چىقاي.
ئۇ ماشىنىنى ھەيدىدى، بىز يولنى بويلاپ ئىزدىدۇق. مۈشۈكنى ئىزدەپ كىتىۋېتىپ تۇۇقسىز كۈلگۈم كېلىپ كەتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قىلغان ئىشىمىز پەقەتلا بىرلا بوپتۇ، ئۇ بولسىمۇ ئىزدەش. نەچچە كۈن بۇرۇن رازىيەنى ئىزدىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈمىد مېنى ئىزدىدى، ئەمدى ئىككىمىز مۈشۈكنى ئىزدەۋاتىمىز.
مۈشۈك ئادەمگە ئوخشىمايدۇ، ئادەمنى چاقىرسا ھە دەيدۇ، ئادەمنىڭ تېلېفونى بار، تېلېفون قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما مۈشۈكچۇ؟ خېلى ئىزدەپ تاپالمىدۇق.
_ تاپالىدىڭلارمۇ؟_ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپلا قەستەن سورىدى رازىيە.
ھەر ئىككىمىز گەپ قىلمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئويۇنى يەنە باشلاندى.
_ كەچۈرۈڭلار، ئىشىكنى چىڭ ياپمىغان ئەيىب مەندە.
ئاسلانچاق ماڭا ھەمرا بولغىلى ئۇزۇن بولغان، شۇڭا ئۇنىڭغا بەك مېھرىم چۈشۈپ قاپتىكەن. يېقىن ئادەملىرىمدىن بىر بىرلەپ ئايرىلىپ قالدىم، ئەمما ئاسلانچاقتىن ئايرىلىپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۆزى چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەچكە رازىيەگىمۇ بىر نىمە دىيەلمەيتتىم. ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ھۇجرىنىڭ ئىشىكنى كۈچ بىلەن ياپتىم.
ئۈمىد ھۇجرىغا كىرگەندە مېنىڭ سەۋر قاچام توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن كونترول قىلالماي قالدىم.
_ ئۇ كەتسۇن.
_ جىدەل قىلماڭ.
ئۈمىد ئالدىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلىماقچى بولدى، ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتىم.
_ جىدەل قىلمىدىم. ئۇ ئۆيىمىزدىن كەتسۇن، باشقا يەردىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بەرسىڭىزمۇ مەيلى. ئۆي ئېلىپ بەرسىڭىزمۇ پىكىرىم يوق. ئۆي خىزمەتچىسى تېپىپ بەرسىڭىز ئۇنى كۈتسۇن، لېكىن ئۇنىڭ ئۆيۈمدە داۋاملىق تۇرۇشىنى خالىمايمەن.
ئۈمىد قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ماڭا قارىدى.
_ ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم قانداق ئەخمىقانە ئىش قىلغىنىنى بىلىسىزغۇ؟ ئۇنى يەنە شۇنداق ئىش قىلىپ قويمىسۇن دەپ قورقىمەن.
_ ئۇنىڭدىن شۇنچىۋالا ئەنسىرەيدىكەنسىز، ئەجىبا مېنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارىڭىز يوقما؟
_ سىز ئۇنداق ھاماقەتلىك قىلمايسىز.
ئاچچىق كۈلدۈم.
_ قانداقلا ئىش بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ بەرسەم مېنى بەك كۆتۈرۈشلۈك كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ؟ مېنىڭمۇ سەۋر تاقىتىمنىڭ چېكى بار، بىلىپ قويۇڭ.
_ بىر مۈشۈكقۇ شۇ، ئەتە سىزگە شۇنىڭغا ئوخشاش مۈشۈكتىن بىرنى ئەكىلىپ بېرەي.
_ ئاسلانچاق يېنىمدا تۇرغىلى ئۇزۇن بولغان، ئۇنىڭغا مېھرىم چۈشۈپ قاپتىكەن، يەنە بىرنى ئەكىلىپ بەرسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشامتى؟
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، ئۇرۇشۇپ قالمىغانسىلەر؟_ ئىشىك ئالدىدىن رازىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۈمىد كىرىدىغان چاغدا ئىشىكنى ياپماپتىكەن، دېمەك دىيىشكەن گەپلىرىمىزنىڭ ھەممىنى رازىيە ئېنىق ئاڭلىدى دېگەن گەپ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە قەستەن بىلمەسكە سېلىپ سوراۋاتقىنىنى. گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەندۇ ھەقىچان.
ئۈمىد ماڭا قاراپ ئالايدى.
_ تولا گەپنى ئەگىتمەي، گەپ بولسا ئوچۇق قىلىڭ، نازىيە، سىز زادى نىمە دېمەكچى؟
ئۇ رازىيەنىڭ ئالدىدا قىلچىلىك يۈزۈمنى قىلىپ قويمايۋاتاتتى. ئۇنداقتا مېنىڭمۇ يۈز ئاياپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ.
_ ئۆزىڭىزنىڭ خۇدۇكىڭىز بار. شۇڭا بىر گەپنى دەپ بولغىچە سەكرەپ چۈشۈپ كېتىسىز، نىمە ئويلاۋاتقىنىڭىزنى مىنى بىلمەيدۇ دېمەڭ.
مېنىڭ ئەزۋەيلىگىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد پەسكويغا چۈشتى.
_ چىرايلىق ئۆتسەك بولمامدۇ، نازىيە. سىزگە بۇرۇن دېگەن گېپىم ئېسىڭىزدىمۇ، سىز باشقىلاردەك ھىيلىگەرلىك قىلىشنى بىلمەيسىز، بەك تۈز، سىز بىلەن بىللە بولسام ئۆزۈمنى بەك ئەركىن ھېس قىلىمەن دېگەنتىم، ھازىر سىزنىڭمۇ باشقا ئاياللاردىن پەرقىڭىز قالمىغىلى تۇرۇپتۇ.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئەلۋەتتە ئېسىمدە. مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن مېنى تاللايسىز دەپ سورىغاندا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق جاۋاب بەرگەن.
_ مەن سىزنى بەك ھارغۇزىۋەتتىم، شۇنداقمۇ؟ دېمەك سىز مەن بىلەن توي قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلدىڭىز، توغرىمۇ؟
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















