大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 84 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 84 - قىسىم aybarawazi
2023-09-02
6
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 85 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

84-قىسىم


   يولدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلار ئۇنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، بەزىلىرى دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ تىللاپمۇ قويۇۋاتاتتى. 

_ ساراڭمۇ سەن؟ ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ 

فەرۇق مۇشتىنى تۈگۈپ ۋارقىرىدى. 

_ نوچى بولساڭ مېنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىش. 

ئۈمىد بېرىپ ئۇنى تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزماقچى بولدى، لېكىن ئۇ تىرەجەپ تۇرىۋالغاچقا ئورنىدىن تۇرغۇزالمىدى. 

_ مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن_ دەپ ۋارقىرىدى ئۇ. 

_ نىمىشقا كارىم بولمىغىدەك، سەن دېگەن مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم، سەن بىلەن كارىم يوق دەپ تاشلاپ قويالمايمەن،  يەنە كېلىپ بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسەڭ نىگارەنىڭ ئالدىدا قارا يۈز بولغىنىڭ بولغان.  نىمىلا بولساڭ ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئاندىن بول. 

فەرۇخقا ئۈمىدنىڭ بۇ گېپى تەسىر قىلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم، كېيىنكى قېتىم ئۈمىد ئۇنى يۆلىگەندە باشتىكىدەك تىرەجەپ تۇرىۋالمىدى.  بىز ئۇنى ماشىنىغا سېلىپ بەزمىخانىغا ئاپىرىپ قويدۇق،  ئۇلار بىلەن بىللە يۈرگىنىم بىلەن پۈتۈن پىكىر-خىيالىم نىگارەدىلا ئىدى، شۆھرەت ئۇنى قەيەرگە ئېلىپ كەتكەندۇ؟ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام تېلېفونى ئىتىك، بۇنىڭ بىلەن ئەنسىزلىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى.  نىگارە ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ دەپ فەرۇختىن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆچ ئالماقچى ئەمەستۇ ھە؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق بولمىسۇن، بولمىسا ئۇ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. 

ئۈمىد نىجاتقا تېلېفون قىلدى. نىجات بەزمىخانىغا كەلگەندىن كېيىن فەرۇقنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭدۇق. 

ئەتىسى كۆڭلۈم پاراكەندە، شۇنداق بولسىمۇ ماشىنا مەشق قىلغىلى باردىم.  ئەمدى ماشىنىغا چىقىپ مەشقنى باشلىغاندا نىگارە تېلېفون قىلدى. 

_ ۋاي جېنىم نىگارىم، نىمانچە ئەنسىرىتىسەن ئادەمنى.  

_ ئەنسىرىمە، نازى. مەن  ياخشى. 

_ ساڭا تېلېفون قىلىپ ئالالماي بەك ئەنسىرەپ كەتتىم، ئۆزۈڭ قەيەردە ھازىر؟

_ مەن ئىشقا كەلدىم، تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىدا.

مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ تېرىنېرغا يوق باھانىدىن بىرنى كۆرسىتىپ شوپۇرلۇق مەكتەپتىن ئايرىلىپ تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىغا، نىگارەنىڭ يېنىغا ماڭدىم.  ئەمدى تاكسىدىن چۈشۈشۈمگە فەرۇق بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدىم.  

_ نىگارە ئۈستىدە بارمىكەن؟

ئۇنىڭ كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. 

_ بارمىكىن. ئۈستىگە چىقىپ قاراپ باقايلى. 

ئىككىمىز  بىللە تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىغا كىرىپ، ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتۇق.  ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇدۇلدا  مەشق كىيىمى كىيىۋېلىپ قۇم خالتىغا مۇشتلاپ  مەشق قىلىۋاتقان نىگارەنى كۆردۇق.  ئۇ چېچىنى بۇرۇنقىدەك قىسقا قىلىپ ياسىتىۋەتكەن ئىدى. 

_ نىگارە_ دەپ چاقىردىم. 

نىگارە ماڭا ئۆرۈلۈپ بىر قاراش بىلەن ئۇدۇلغا بىر مۇشت ئاتقانتى،  مۇشت ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇرغان فەرۇخقا تەگدى.  فەرۇق بۇ بىر مۇشتتىن خېلى تەستە ئەسلىگە كەلدى ۋە مۇشت تەگكەن يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ :

_ قولىڭىزنىڭ خېلىلا  كۈچى بار جۇمۇ_ دەپ قويدى.  نىگارە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئۇنى كۆرمىگەندەك يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. 

_ نىگار، چېچىڭنى كېسىۋېتىپسەنغۇ؟_ ئۇنىڭغا بىر لۆڭگىنى سۇنغاچ شۇنداق دەپ سورىدىم. 

_ بۇرۇن بىرەيلەن ئۇزۇن چاچلىق ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەچكە ئۆستۈرگەن، ئەمدى يەنە شۇ ئادەمنى دەپ كېسىۋەتتىم_ دېدى نىگارە لۆڭگىنى قولىغا ئالغاچ.  ئۇنىڭ دەۋاتقىنى ئەلۋەتتە فەرۇق ئىدى.   مەن نىگارەنى تۇنۇغاندا چېچى قىسقا  ئىكەن،  شۇنچە يىللاردىن بۇيان چېچىنى ئۆستۈرۈپ باقمىغان، ئەمما فەرۇق ئۇنىڭغا ئۇزۇن چاچنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆستۈرگەن ئىدى. 

_ ھېلىغۇ چېچىڭىزنى كېسىۋېتىپسىز، ھەممىنى چۈشۈرۈپ تاقىرباش بولىۋالسىڭىزمۇ سىزنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن_ دېدى فەرۇق. 

_ پەسكەش_ نىگارە ئۇنىڭغا دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرۇپ سوغۇقلا قىلىپ شۇنداق دېدى. 

فەرۇق نىگارەگە قاراپ خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىز ئاچتى. 

_  ئادەم ياشلىقتا  كەلگۈسىدىكى ھەمراھىغا نىسبەتەن نۇرغۇن تەسەۋۋۇرلارنى قىلىدىكەن،  مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۇنداق بولۇشى كېرەك، مۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايدىكەن. لېكىن بىر ئادەمنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىر تىيىن بولۇپ كېتىدىكەن،  كۆڭۈل ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىكەن.  ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ھەرقانداق ھالىتى ئادەمگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. 

فەرۇقنىڭ بۇنداق سالماق ھالەتتە گەپ قىلغان ھالىتىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم.  يەنە كېلىپ ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق.  كىچىكىمدە مەنمۇ چوڭ بولغاندا  تاپىدىغان لايىقىمنى بويى ئېگىز، ئىنتايىن كېلىشكەن، كۆزەينەك تاقىغان،  قاراشقىلا بىلىملىكى چىقىپ تۇرىدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان، قىمار ئوينىمايدىغان ئىشقىلىپ ھەر جەھەتتىن باش بارماقنى چىقىرىپ ماختىغۇدەك ئەر بولسا دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.  لېكىن ئۈمىدنىڭ بويى ئېگىز بولغاندىن باشقا ھېچقانداق تەرىپى كىچىكىمدە ئارزۇ قىلغان ئوبرازغا ماس كەلمەيتتى، لېكىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۇنىڭ قانداق بولۇشى ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي قالىدىكەن. 

نىگارە ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاقمۇ سالماي يەنە قۇم خالتىسى تەرەپكە ماڭدى.  ئۇ فەرۇقنىڭ يېنىدىن ئۆتىۋاتقاندا فەرۇق ئۇنىڭ قولىدىن تارتقان ئىدى، ئۇ فەرۇقنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى.  ئۇ قۇم خالتىنى كۈچەپ كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى، ھەر بىر ئۇرغاندا ئۆزىنىڭ بەدىنىمۇ تىترەپ كىتىۋاتاتتى.  فەرۇق تۇيۇقسىز بېرىپ قۇم خالتىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋېلىۋىدى، نىگارەنىڭ بىر مۇشتى بېرىپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە تەگدى،  فەرۇق كەينىگە داجىپ بېرىپ قۇم خالتىغا تىرىلىپ قالدى. 

 _ ساراڭمۇ سىز؟ _ نىگارەنىڭ راستلا ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى. فەرۇق ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرىۋېلىپ، بايا نىگارەنىڭ مۇشتى تەگكەن يېرىنى سىلاپ كۈلدى. 

_  قۇم خالتىنى مۇشتلىماي مېنى مۇشتلاڭ، مەن جىم تۇرۇپ بېرىمەن، قانچىلىك ئۇرغىڭىز كەلسە شۇنچىلىك ئۇرىۋېلىڭ، سىز  خۇش بولىدىغانلا ئىش بولسا مېنى نىمە قىلىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى. 

   نىگارە ئۇنى راستلا  كەينى كەينىدىن نەچچە مۇشت ئۇرىۋەتتى.  كۇلۇبنىڭ ئىچىدە مەشق قىلىۋاتقانلار مەشىقىنى توختىتىپ كېلىپ  ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى.  نىگارە ئۇنى خېلى ئۇرۇپ ئاندىن توختىدى، بۇ چاغدا فەرۇقنىڭ يۈزى ئىششىپ كەتكەن ئىدى.  لېكىن ئۇ يەنىلا كۈلۈپ تۇراتتى. 

_ ياخشى ئۇردىڭىز، قېنى، داۋاملىق ئۇرۇڭ. 

نىگارەنىڭ ئۇنى ئۇرغاندا يۈرىكى ئاغرىمىغىنىغا ئىشەنمەيمەن، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ فەرۇقنى ياخشى كۆرىدۇ.  قانچە قاتتىق ئۇرغان بولسا شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ دېگەن گەپ. 

_ نىگارە، ئەمدى بولدى قىل. 

 گەپ ئاغزىمدىن چىقىپ بولغىچە ئۇ ئايلىنىپ كېلىپ فەرۇقنىڭ ئىششىپ كەتكەن يۈزىگە بىرنى تېپىۋىدى،  فەرۇق يىقىلىپ چۈشتى.  ئۇ پالازدىن تۇرغاندا بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى، قولى بىلەن بۇرنىنى بىر سۈرتكەن ئىدى، پۈتۈن يۈزى قان بولدى.  ئۇ يەرگە بىرنى تۈكۈرگەنتى، ئاغزىدىن قېپقىزىل قان چىقتى. فەرۇق كۆكىرىپ كەتكەن كالپۇكىنى ئاران مىدىرلاتتى. 

_ داۋاملىق ئۇرۇڭ. 

فەرۇق بەزىدە بەك جاھىل،  بۈگۈن نىگارە ئۇنى ئۇرۇپ  ئۆلتۈرۈپ قويغان ھالەتتىمۇ ئۇ كۆزىنى مىت قىلماسلىقى مۇمكىن. 

_ يارايسىز، دەرۋەقە ماھارىتىڭىز قالتىس ئىكەن. 

ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم، شۆھرەت چاۋاك چالغاچ كېلىۋاتاتتى.  ئۇ ئۇدۇل نىگارەنىڭ يېنىغا كېلىپ لۆڭگىنى ئېلىپ ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى سۈرتتى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى شۇنداق سىلىق،  ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىدىن مېھرى مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. 

_ ئۆزىڭىزگە زو قىلماڭ،  دۇنيا چىمپىيونى بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. 

_ ئىششىڭنى قىلە_ باياتىن بېرى نىگارە قانچىلىك ئۇرىۋالسىمۇ قول ياندۇرماي، چىرايىنى ئۆزگەرتىپمۇ قويماي تۇرغان فەرۇق  ئېتىلىپ بېرىپ شۆھرەتنى يىقىتىپلا ئاستىغا بېسىۋالدى، ئىككىيلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى.  شۆھرەت فەرۇخقا قارىغاندا بەستلىكرەك بولغاچقا فەرۇق ئۇنى ئۇنداق ئاسان ئۇرىۋالالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.  ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ بىر نەچچىنى دۇمىلىغاندىن كېيىن شۆھرەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئۇ فەرۇقنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ ئۇنى ئۇرغىلى تۇردى.  فەرۇقنىڭ بۇرنىدىن چىققان قان ھەممە يەرنى، كىيىملىرىنى، ھەتتا شۆھرەتنىڭ كىيىملىرىنىمۇ قېپقىزىل قانغا بۇيىدى. 

_ شۆھرەت دېگەن لۈكچەك، ھامىنى بىر كۈنى سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن. 

فەرۇق شۆھرەتنى تىللىغانچە شۆھرەت ئۇنى شۇنچە  قاتتىق ئۇراتتى،   مۇشۇنداق بولىۋەرسە فەرۇخقا بىر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. 

_ بولدى-بەس_ نىگارە بىر ۋارقىرىۋىدى، شۆھرەت ئۇرۇشتىن توختىدى.  نىگارە شۆھرەتنى فەرۇقنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى ۋە فەرۇخقا قاراپ ۋارقىرىدى. 

_ تاياق يىگۈڭىز كەلگەن بولسا باشقا جايغا بېرىڭ، بۇ يەرگە ئەمدى كەلگۈچى بولماڭ. 

ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ شۆھرەتكە قاراپ:

_ يۈرۈڭ،بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بۇلغىنىپ كەتتى_ دېدى. شۆھرەتنىڭ يۈزىگىمۇ نەچچە مۇشت تەگكەن ئىدى،  ئۇ ئىششىپ كەتكەن جاۋغىيىنى سىلاپ فەرۇخقا بىر قارىۋېتىپ بېشىنى لىڭشىتتى. 

_  ماقۇل، يۈرۈڭ. 

فەرۇق يۈز كۆزى قانغا بويالغان ھالەتتە يەردە مىدىر سىدىر قىلماي ياتاتتى.  ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يېنىغا باردىم. 

_ فەرۇق، بىر نىمە بولمىغانسىز؟ يا بولمىسا...

 تېخى گېپىم تۈگىمەستىنلا نىگارە كېلىپ مېنى تارتتى. 

_ ئۆلۈپ قالمايدۇ، ئەنسىرىمىگىنە،  يۈرە، كېتىمىز. 

نىگارە مۇھەببەت نەپرىتى ئىنتايىن ئېنىق بىر قىز،  بۇنى ئوبدان بىلىمەن،  لېكىن مەن ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ بىر كېچىدىلا بۇنچىۋالا چوڭقۇر نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكىنىگە ئىشەنمەيمەن. شۆھرەت ئالدىمىزدا كېتىۋاتاتتى،   مەن نىگارەنى تارتتىم. 

_ نىگار. 

نىگارە دەرھال توختاپ گېپىمنى بۆلدى. 

_ بولدى،  نازى، ماڭا ھېچنىمە دېمە.   سەن مېنىڭ  ئەڭ يېقىن دوستۇم، سېنىڭ مەن تەرەپتە تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن. 

ئۇ بۇنداق دېگەن ئىكەن، ئەمدى گەپ قىلىشىمنىڭمۇ ئورنى قالمىغان ئىدى.  ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزى تاللايدۇ، كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،  ھېچكىممۇ ئۆزى تاللىغان يولنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا توغرا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.  مەيلى ئۇ شۆھرەتنى تاللىسۇن، ياكى فەرۇقنى تاللىسۇن ياكى باشقا بىرىنى تاللىسۇن،  كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مەن پەقەت ئۇنى شەرتسىز قوللىساملا بولىدۇ. 

_ ئەلۋەتتە سەن  تەرەپتە تۇرىمەن دە، لېكىن مەن پەقەت سېنىڭ بەختلىك بولۇشۇڭنىلا ئۈمىد قىلىمەن_ دېدىم مەن. 

نىگارە بىردەم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرغاندىن كېيىن چىرايىدا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە جىلۋىلەندى. 

_ نازى، بەختلىك بولىمەن دەپلا بەختلىك بولىۋالغىلى بولمايدىكەن.  ھەرقانداق ئىشتا تەۋەككۇل قىلىپ بېقىش كېرەك ئىكەن، يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن.  كۆمسەم پىشارمۇ  ياپسام پىشارمۇ دەپ ئولتۇرغان بىلەن بولمايدۇ، قانداق دېدىم.

 كۇلۇبتىن چىققاندىن كېيىن ئۇلار تاماق يىگىلى بارايلى دەپ تۇرىۋالدى، مەن ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋېلىشنى تازا توغرا كۆرمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدنىڭ يېنىغا بارىدىغان ئىشىم بار ئىدى، تاماقنى ئۆزۈڭلار يەۋېرىڭلار دەپ تۇرىۋالدىم، نىگارە ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېېنى شىركەتنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ كەتتى.  ھامان بۇ يەرگە كەپتىمەن، ئۈستىگە چىقىپ ئۈمىد بىلەن كۆرۈشۈپ كىتەي دەپ  شىركەتكە كىرىپ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم.  ئۈمىد ئىشخانىسىدا يوق ئىدى، ياردەمچىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپتىكەن، ئۇ شۇ يەرگە  كىتىپتۇ.  ئۇزۇن ھايال بولمايلا قايتىپ كېلىدىكەن.  ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ ئىش ئۈستىلىدە ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغاچ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر پارچە ھۆججەتنى كۆرۈپ قالدىم.  ئۇنىڭ ئۈستىلىدە ھۆججەتنىڭ بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس،  ئەلۋەتتە بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى بولغان ئادەمنىڭ ئۈستىلىدە ھەرخىل ھۆججەتلەر بار بولىدۇ. ئەمما  ھۆججەتنىڭ ئىچىنى مۇنداقلا ئېىچىشىمغا ھەسەننىڭ ئىسمىغا كۆزۈم چۈشتى.  ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي كۆرەي دەپ بېشىمنى پەس قىلىشىمغا بىرى ھۆججەتنى يېپىپلا ئېلىۋالدى.  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۈستەلنىڭ يېنىدا ھۆججەتنى قولىدا تۇتۇپ ئۈمىد تۇراتتى.   لېكىن بايا ئۇنىڭ كىرگىنىنى پەقەتلا  سەزمەپتىمەن. 

_ قاچان كەلگەنتىڭىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ. 

_ بايا كەلگەن_ دېدىم مەن ئورۇندۇقتىن تۇرغاچ. 

ئۈمىد ئايلىنىپ كېلىپ بايا مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  ئاچقۇچىنى چىقىرىپ ئالدىدىكى تارتمىنى ئېچىپ بايىقى ھۆججەتنى سېلىپ يەنە قۇلۇپلىۋەتتى.  ئۇنىڭ نىمە ھۆججەت ئىكەنلىكىنى شۇنچىلىك بىلگۈم كەلدى، ئۇنىڭدىن سوراي دەپ نەچچە تەمشىلىپ توختاپ قالدىم.  ئۇ ئالدىنقى قېتىم ماڭا ھەسەندىن يىراق يۈرۈڭ دېگەن ئەمەسمۇ،  ھەسەن توغرىلىق ئىشنى سورىسام ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن دەپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ سورىمىدىم. 

_ بايا ياردەمچى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپتىكەن دەۋاتاتتى، چوڭ چاتاق يوقتۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن كېلىپ كرىسلودا ئولتۇرغاچ.  ئۇ ئاستا يېنىمغا كەلدى ۋە قولۇمنى تۇتتى. 

_ مەلىكەم، بۇ ئىشلار سىز باش قاتۇرىدىغان ئىشلار ئەمەس.  بەك كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كەتسىڭىز ئاسان قېرىپ كېتىسىز. 

_ سىز ھەركۈنى مەندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىشلارنى ئويلايسىز،  باش قاتۇرىسىز، ئەجەب قېرىپ كەتمەيدىكەنسىزغۇ؟ قېرىماسلىق دورىسى يەۋالغانمۇ يا سىز؟_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

 _ چۈنكى مەن ئارام ئېلىشنىمۇ بىلىمەن.  ئىشلىگەندە باش چۈكۈرۈپ ئىشلەيمەن، ئىشتىن چۈشكەندە خىزمەتنى ھەرگىز ئويلىمايمەن. تۇرمۇش، خىزمەت تەرتىپلىك بولسا ئادەم چارچىمايدۇ، چارچىمىسا ئەلۋەتتە ئاسان قېرىپ كەتمەيدۇ -دە. 

_ بۇ گېپىڭىزنىڭغۇ ئاساسى بار. ئىشقىلىپ سىز قېرىمايدىغان تىپتىنمىكىن دەيمەن. 

  تازا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتۇق، «ئۆھۆ  ئۆھۆ» قىلىپ يۆتەلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ كەتتىم، ئىتتىكلا ئىشىك تەرەپكە قارىدىم.  بۇ چاغدا ئۈمىد مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ئىدى، ئىشىك تۈۋىدە بىزگە قاراپ ھىجىيىپ تۇرغىنى ھەسەن ئىدى.  جىددىيلىشىپ قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولدۇم، ئەمما ئۈمىد قولۇمنى قويۇۋەتمىدى. 

ھەسەن كۈلگەن پىتى يېنىمىزغا كەلدى. 

_ تازا بىئەپ ۋاقىتتا كېلىپ قالدىممۇ نىمە؟ 

  ئۇ بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلگەندۇ؟ بايىقى ھۆججەتنى ئالغىلى كەلگەنمىدۇ يا؟







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k