大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 87 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 87 - قىسىم aybarawazi
2023-09-05
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 88 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

87-قىسىم  


     ئۈمىد بېشىدىكى تېڭىقنى ئالغاننىڭ ئەتىسى كوماندروپكىغا چىقىپ كەتتى. مەن يوغان داچىدا ئۇخلىساممۇ يالغۇز، تاماق يىسەممۇ يالغۇز، كىتاب ئوقۇساممۇ يالغۇز، ئىشقىلىپ  نېمىلا ئىش قىلسام ئۆزۈم يالغۇۇز، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قانداقلا ئىش قىلسام ئۈمىد يېنىمدا بولغاچقا بۇ يالغۇزلۇققا تازا كۆنۈپ بولالمىدىم، داچىدا ئۇ بولمىسا ھەقىقەتەن چۆلدەرەپ قالىدىكەن، مەنمۇ بەك غېرىبسىنىپ قالىدىكەنمەن. 

   بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ئۆزۈم يالغۇز مېھمانخانا ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، مەن كۆرىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاخىرلىشىپ ئېلان باشلىنىپ كەتتى،  شۇنىڭ بىلەن تىزگىنەكنى ئېلىپ قانال يۆتكەۋېتىپ بىر قانالدا مەلۇم بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش توغرىسدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كۆرۈپ قالدىم،  قانالنى يۆتكەي دەپ تۇرغاندا كۆزۈم رازىيەگە چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بويى ئېگىز، كىيىنىشىمۇ شۇنداق سۈلكەتلىك، گىرىمىمۇ شۇنچىلىك ياراشتۇرۇپ قىلىنغان بولۇپ بىرىنچى رەتتىكى  ئارتىسلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا تۇرۇپتۇ. بۇ ھېلىقى چاغدا ئۈمىد ئۇنى باش رول ئېلىشقا تۇنۇشتۇرغان فىلىم شۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. فىلىم ئىشلىگۈچى فىلىم ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ سۇئال سوراش باسقۇچىغا كەلدى، كۆرۈنۈش تاماشىبىنلار ئارىسىغا يۆتكەلدى. راستىمنى ئېيتسام، رازىيە مۇشۇ بىر فىلىم بىلەن نام چىقىرىپ چولپان بولۇپ كىتەمدۇ يوق، بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن، شۇڭا ئىچىم پۇشۇپ قانال يۆتكەي دەپ ئەمدى تىزگىنەكنى قولۇمغا ئېلىشىمغا تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئولتۇرغان ئۈمىدكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇنى مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدىنمۇ بىر قاراپلا تۇنۇپ قالالايمەن.  تاكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلىشىپ، تېلېۋىزور ئېكرانىدا ھەر خىل ئېلانلار قويۇلغانغا قەدەر كاللام قۇپقۇرۇق ھالەتتە تېلېۋىزورغا تىكىلىپ  قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.  بىر چاغدا ئېسىمنى يىغىپ تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۈمىدكە تېلېفون قىلدىم. تېلېفون خېلى ئۇزۇن سايرىغان بولسىمۇ ئۇ ئالمىدى. يۈرىكىمنى بىر نىمە بېسىۋالغاندەك نەپەس ئالالماي ھاسىراپ كەتتىم. ھازىر كەچ سائەت توققۇزدىن ئاشتى، بۇ ۋاقىتقىچە مېھمانخانىغا قايتىپ بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، نىمىشقا تېلېفوننى ئالمايدىكىنە؟ ئۇ تېلېفوننى ئالمىغانچە قالايمىقان خىيال قىلىشقا باشلىدىم. ئارىدىن ئالاھەزەل ئون مىنۇتلار ئۆتتىمىكىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلاي دەپ تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىشىمغا تېلېفونۇم سايرىدى، تېلېفون ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى. ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ، چوڭقۇر تىنىۋېلىپ ئاندىن تېلېفوننى ئالدىم.

_ ۋەي. 

_ ۋەي، مەلىكەم، مېنى سېغىنىپ كەتتىڭىزما؟ _ تېلېفوندىن ئۇنىڭ مۇلايىم، يۈرىكىمگە تېگىدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ ھەئە، سېغىندىم.  سىز قەيەردە؟ 

_ مەن مېھمانخانىدا. بايا يۇيۇنىۋاتقاندا تېلېفون قىپتىكەنسىز، ئالالماي قاپتىمەن. 

   ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھېچقانداق ئاۋاز يوق، دېمەك ئۇ بەزمىخانا دېگەندەك جايلاردا ئەمەسكەن، مېھمانخانىدا ئىكەنلىكى راست بولسا كېرەك.

_ بالدۇرلا قايتىپسىزغۇ؟ بۈگۈن زىياپەت يوقما؟

_ نىمە، مەندىن خاتىرجەم بولالمايۋاتامسىز نېمە، مەلىكەم، ھا ھا ھا_ ئۇ كۈلۈپ كەتتى.  مەن گەپ قىلمىدىم. ئۇ يەنە :

_ زىياپەت بار ئىدى، بالدۇرلا ياندۇق.خوتۇن ئالىيلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سالامەتلىكىمنى ئويلاپ ھاراق ئىچمىدىم. 

   ئۇ ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك گەپ قىلىۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ بايىقى تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئولتۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن نېرى بولمايۋاتاتتى. 

_ مەن يېنىڭىزدا قاراپ تۇرمىغاندىن كېيىن نىمىلا دېسىڭىز ھە دەپ ئولتۇرىمەن دە_ دېدىم مەن. 

_ توختاپ تۇرۇڭ ھە._ ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. مەن تاقەتسىزلىك بىلەن بىر مىنۇتتەك ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن كيۇ كيۇرۇمغا ئۇچۇر كەلدى.  قارىسام ئۈمىدنىڭ كيۇكيۇ باش سۈرىتى لىپىلداپ تۇرۇپتۇ. ئېچىپ قارىسام بىر نەچچە پارچە سۈرەت يوللاپتۇ. ئەسلى ئۇ بايا تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ياتىقىنى سۈرەتكە تارتىپتىكەن-دە. سۈرەتلەرنى كۆرۈپ تۇرسام، ئۈندىدارغا سۈرەتلىك سۆزلىشىش ئۇچۇرى ئەۋەتتى. قوبۇل قىلىش كۇنۇپكىسىنى باستىم. ئىكراندا يۈرىكىمنى تىترىتىدىغان شۇ سىما پەيدا بولدى. 

_ كۆردىڭىزمۇ؟ مەن تۇرىۋاتقان مېھمانخانا شۇ. مانا قاراڭ، مەلىكەم_ ئۇ شۇنداق دەپ ياتىقىنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسەتتى. 

ئۇنىڭغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ گېپىنى قىلمىدىم، ھازىرچە بىلمەس بولۇپ تۇرىۋالاي، ئۇ قايتىپ كەلگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن  دەپ بېرەمدۇ يوق، قېنى قاراپ باقاي. 

_ مەلىكەم، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، مەنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم، كېچىدە يوتقاننى چىڭ يېپىنىپ يېتىڭ ھە، كېچىدە تېپىپ ئېچىۋەتسىڭىز يېپىپ قويىدىغان يېنىڭىزدا مەن يوق.  شامالداپ قالماڭ. 

ئۇ تېلېفوننى قويۇشتىن بۇرۇن بىر مۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ ئاندىن تېلېفوننى قويدى. تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ھۇجرىغا چىقىپ ياتتىم،  لېكىن كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ نىمە ئۈچۈن رازىيە بىلەن كۆرۈشكىنىنى مەندىن يوشۇرىدۇ؟ مېنىڭ كۆڭلۈمنى تىندۇرىمەن دەپ رازىيەنى بۇ يەردىن كەتكۈزىۋەتكىنى بىلەن ئۇنى يەنە كۆرگىلى بېرىپتۇ.  ئەگەر رازىيە مۇشۇ قېتىمقى رول بىلەن تۇنۇلۇپ چولپان بولۇپ كېتىدىغان بولسا، چولپانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۈمىدكە تېخىمۇ ماسلىشالايدىغان بولىدۇ، ئۇ چاغدا مەن نىمىگە ھېساب بولىمەن؟ 

   كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىغاچقا ئەتىسى ئورنۇمدىن روھسىز تۇردۇم. يۈزۈمنى يۇۋېتىپ  تۇيۇقسىز بۈگۈن شوپۇرلۇق ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانى بېرىدىغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى.   ئالدىراپ تىنەپ چىقىپ سائەتكە قارىسام ۋاقىت ئازلا قالغان ئىدى.  ناشتىمۇ قىلماي ئىمتىھان مەيدانىغا قاراپ چاپتىم. بارسام تېرىنېر بىردەم بىردەم سائىتىگە قاراپ تۇرۇپتۇ، «تازا تىل ئىشتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلىدىم، ئەمما تېرىنېر ئۆزىنى زورىغا بېسىۋالدى.  مېنى تىللاپ كەتسە كەيپىياتىمغا تەسىر يېتىپ ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. ئىمتىھان بېرىش نۆۋىتى ماڭا كېلىپ، ئىسمىم چاقىرىلغاندا، تېرىنېر ماڭا قاراپ:

_ جىددىيلەشمەي، ئىمتىھاننى ياخشى بېرىڭ_ دېدى. 

     ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندا كاللام قۇپقۇرۇق، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى قېتىمدا بىرىنچى تۈر ماشىنىنى كەينىچىلەپ ئىسكىلاتقا ئەكىرىش تۈرىدىلا قېپ قالدىم. ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققان چېغىمدا تېرىنېر قاخشاپلا كەتتى. 

_ نازىيە، ئۆزىڭىزنى مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدەۋاتىمەن دەپ قالدىڭىزما؟ ئادەتتە مەشقتە شۇنداق ياخشى ھەيدەيتتىڭىز،  بۈگۈن نىمە بولدى سىزگە؟ 

     بېشىمنى تۆۋەن سالدىم. 

_ كەچۈرۈڭ، تېرىنېر. تۆنۈگۈن كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمىغانتىم، شۇڭا بۈگۈن...

_ يەنە شۇ گەپ. مۇشۇنىڭدىن باشقا باھانىڭىزمۇ يوق سىزنىڭ. قاچانلا بولسا ياخشى ئۇخلىيالمىغان دەيدىكەنسىز.  ئۇنداق قىلماي دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭ، ئۇخلىيالماسلىقمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. 

     تېرىنېرنىڭ خاپا بولغىنىمۇ بىكار ئەمەس. مەن راستلا ھەر قېتىم ماشىنىنى ياخشى ھەيدىيەلمىگەن چېغىمدا ياخشى ئۇخلىيالمىغان دەيدىكەنمەن. 

_ كەچۈرۈڭ_ بېشىمنى تېخىمۇ تۆۋەن قىلدىم. 

تېرىنېرنىڭ يەنە بىر مۇنچە تەنقىدىنى ئاڭلاپ بولۇپ ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلدىم. ئەسلىدىنلا پاراكەندە كۆڭلۈم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى. يولدىن ئۆتىدىغان چاغدا چىراققا دېققەت قىلماي بىر ماشىنا كېلىپ سوقۇۋەتكىلى تاس قالدى، ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىمگە بىرەيلەن كېلىپلا بېلىكمدىن تارتىۋالدى. شوپۇر ماشىنىنى توختىتىپ تىللاپلا كەتتى. 

_ جېنىڭىزدىن تويغان ئوخشىمامسىز؟ يولدىن ئۆتكەندە قىزىل، يېشىل چىراققا قاراپ ئۆتۈڭ، قانداق دېگەن......

     ئۇ شۇنداق دېگەن پىتى كېتىپ قالدى. ئۇھ ھەنىم بولسا دەپ ئېسىمنى يىغىپ بېلىكىمدىن تارتىۋالغان ئادەمگە قارىدىم، ئۇ ھەسەن ئىدى. 

_ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم دەپ ئۆزىڭىزنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتامسىز ئەمدى؟ ئىمتىھان دېگەننى قايتا بەرگىلى بولىدۇ، لېكىن نازىيە قىز بىر كەتسە قايتا كەلمەيدۇ جۇمۇ. 

     راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا پەقەتلا تېتىمىدى.  ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم. 

_ نەگە بارىسىز؟  مەن ئاپىرىپ قوياي_ دېدى ئۇ. 

_ بولدى، رەھمەت. پۇتۇم بار، ئۆزۈم ماڭالايمەن_ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي قوپاللا جاۋاب بەردىم. 

_ ئاڭلىسام ئابلەت ئەپەندىم ئوغلىنى ماڭا يېرىنى بېرىۋېتىپتۇ دەپ خاپا بولۇپ، ئوغلىنىڭ  بېشىغا ئۇرۇپ يېرىۋېتىپ، ئۆزى ئاچچىقلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇمىش ھە. 

     كەينىمدىن ئۇنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. دەرھال قەدىمىمنى توختىتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_   پۇلنى چوڭ بىلمەيمەن دەۋاتاتتىڭىز، ئەسلى سىزنىڭ كۆزىڭىز چۈشكىنى يەر ئىكەندە ھە. بەك ئاچكۆز ئىكەنسىز _ دېدىم ئۇنىڭغا.  ھەسەن گەپلىرىمدىن قىلچە خاپا بولغاندەك قىلمىدى. 

_ ئۇ يەردە قۇرۇلۇش باشلاپ بولدۇم، بېرىپ كۆرۈپ باقامسىز؟ 

بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن بېرىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. ماشىنا بېرىپ ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ  ئالدىدا توختىدى. ئۇ ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىدىكى بىر پارچە يەرنى كۆرسەتتى، ئۇ يەردە بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى يەرنى تۈزلەۋاتاتتى. 

_ بۇ يەردە چوڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. 

   مەن ئۈمىدنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن يېرىنىڭ ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. 

_ بۇ يەرگە  نىمە سالاي دەيسىز؟_ دەپ قىزىقىپ سورىدىم مەن. 

_ قەبرە. 

_ھە؟ _ ھەيرانلىقتىن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. مەن شۇندىلا ئابلەت ئەپەندىمنىڭ نىمىگە شۇنچىۋالا ئاچچىقلىنىپ كەتكىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. ئەگەر ھەسەن بۇ يەرگە قەبرە ياسىسا ئېنىقلا ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ سودىسىغا تەسىر يېتىدۇ دە. 

_ نىمىشقا؟_ چۈشەنمەي سورىدىم مەن. 

     ھەسەن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى. 

_ خوش بولىمەن. 

     ئۇ ئۈمىدلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆچى بارلىقىنى ئېيتقان، دېمەك ئۇ ئۆچ ئالماقچى ئىكەندە. ئۈمىد ھەسەننىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا بۇ يەرنى بېرىپتۇ، ئۇنداقتا ھەسەننىڭ ئۆچ ئالماقچى بولغىنى ئابلەت ئەپەندىم ئوخشىمامدۇ؟ ئۇ يەردە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن  ھەسەن ماشىنىنى قوزغاتتى. بىر ئاز ماڭغاندىن   ماڭا قاراپ سورىدى. 

_ بىر ئىشىمغا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟ 

ئۇنىڭ بۇنداق ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلغىنىنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم. 

_ نىمە ئىش؟

     ئۇ قولىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ يىنىككىنە بىرنى يۆتىلىپ قويغاندىن كېيىن:

_  مېنىڭ  ياشىنىپ قالغان بىر مومام بار. ئالدىراشچىلىقتا مومامنى يوقلاپ بارمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ. مومامنىڭ ئاچچىقى بەك يامان، ھازىر بارىدىغان بولسام  نەگە يوقالدىڭ دەپ مېنى تىللاپ ھەيدەپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر بىرەر ئادەم بىللە بارسا خىجىل بولۇپ بولسىمۇ تىللىمايتتى. شۇڭا مومامنىڭ يېنىغا بىللە بارامدىكىن دېگەنتىم.  بىر قېتىم ياردەم قىلىڭە. _ دېدى. 

_ ياق_ دېدىم مەن ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا. 

_ بارسىڭىزمۇ بارىسىز، بارمىسىڭىزمۇ بارىسىز_ ھەسەن  شۇنداق دەپ ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. بۇ قانداقمۇ بىر ئادەمدىن ياردەم سورىغانلىق بولسۇن. 

_ ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن چۈشۈپ قالىمەن. 

      لېكىن ئۇ گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك قىلمايتتى.  ماشىنىنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ چۈشۈپ كېتىمەن دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇرغان چېغىمدا ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى. 

_ نىمىگە ئالدىرايسىز؟ كېلەي دېدۇق. 

ماشىنا بىر ئايلانمىدىن ئۆتۈپ بىر كەنتكە كىردى، كەنتنىڭ ئەڭ نېرىقى ئۇچىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇ ماشىنىنى توختاتتى. 

_ كەلدۇق، چۈشۈڭە. 

   ماشىنىدىن چۈشۈپ بوينۇمدىن سۆرىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن كىچىك ھويلىنىڭ ئىچىگە كىردىم. لەمپىنىڭ ئاستىدىكى سۇپىدا 70 ياشلار چامىسىدىكى چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر موماي يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. موماينىڭ قۇلىقى بەك سەزگۈر بولسا كېرەك، سىرتتىن كىرگەن ئاياق تىۋىشىمىزنى ئاڭلاپلا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. ھەسەن بارغان پىتى موماينىڭ ئالدىغا كېلىپ كىچىك بالىدەك ئەركىلىدى. 

_ موما، بۈگۈن مېھمان باشلاپ كەلدىم، مېھماننىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ مېنى تىللىماڭ ھە. 

موماي ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوينىنى سوزۇپ ئۇنىڭ كەينىگە مۈكۈپ دېگۈدەك تۇرغان ماڭا قارىدى. 

_ بۇ  قىزىم كىم بولىدۇ؟

_ ئۇ بولغۇسى نەۋرە كېلىنىڭىز بولىدۇ، موما. 

     ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر نىمە دېمەكچى بولۇشۇمغا ئۇ «ئۈششش» دېدى. «خەپ» دەپ باشقا گەپ قىلماي تۇردۇم 

_  سېنى نىمە دەۋەتسەم بولا، بىر كەتسەڭ نەچچە ئاي يوقاپ كېتىسەن.  مەن قېرىنى بۇنداق يالغۇز تاشلىۋەتسەڭ، كېچىلەدە يالغۇز يۇمىلاقلىشىپلا قالامەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالىمەن ئۆزۈمدىن.  مەنغۇ ياشايدىغاننى ياشاپ بولغان ئادەم، بىرلا غېمىم سەن. كۆزۈمنىڭ تىرىكىدە ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغىنىڭنى كۆرەلەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم، بۈگۈن بۇ قىزىمنى باشلاپ كەپسەن. بوپتۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يېنىمغا كەلمىگىنىڭنى كەچۈرىۋېتەي ئەمدى_ موماي كۈلدى. 

نېمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم. «ۋاي ياق، ئۇنداق ئىش يوق» دەي دېسەم چوپچوڭ بىر موماي ئالدىمدا كۈلۈپ قاراپ تۇرىدۇ. ھەسەنگە ئالىيىپ قويۇپ باشقا گەپ قىلماي جىملا تۇردۇم. 

_ قېنى، كېلىڭ قىزىم، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرىڭە، ھەسەن، ماڭە، ئۆيدىن ئىشلەتمىگەن يېڭى كۆرپىدىن بىرنى ئېلىپ چىق. 

   ئاستا بېرىپ سۇپىنىڭ قىرىدا ئولتۇردۇم. ھەسەن ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ قېپقىزىل تاۋار كۆرپىدىن بىرنى ئېلىپ چىقتى. موماي كۆرپىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇنىمىغىنىمغا قويماي ئىككى قاتلاپ ئاستىمغا سالدى. 

 _ سىز جىندەك ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ قىزىم، مەن كىرىپ ئىسسىق چاي دەملەپ چىقاي. _ موماي شۇنداق دەپ ئاشخانا ئۆي تەرەپكە ماڭدى. 

_ ساراڭمۇ سىز؟ نىمە دېگىنىڭىز ئۇ؟ نەۋرە كېلىنىڭىزنى باشلاپ كەلدىم دەيسىزغۇ؟_ دەپ غۇدۇرىدىم مەن موماي كىرىپ كەتكەندىن كېيىن. 

_ مومامنىڭ خۇش بولۇپ كەتكىنىنى كۆرگەنسىز. مومامنىڭ كېسىلى پىشىپ قالغان، ئاخىرقى ئۈمرىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسى ئۆزىنىڭ نەۋرە كېلىنىنى كۆرۈش. سىزدىن ئۆتۈنگەن بولاي،  بۈگۈن چاندۇرماي تۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. 

يەنە نېمىمۇ دىيەلەي. ئۇنىڭغىچە موماي ناۋات سېلىپ چاي دەملەپ چىقىپ قۇيدى. ئاندىن مەندىن ئائىلەمنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ئىشلارنى سورىدى. مەن ئۈمىدنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىمدىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئەينى بويىچە سۆزلەپ بەردىم. ئاتا ئانامنىڭ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن موماي مېھرىبانلىق بىلەن باش كۆزۈمنى سىلاپ كەتتى. 

_ مېنى يات كۆرمىسىڭىز  دائىم كېلىپ تۇرۇڭ، قىزىم. كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدىڭىز. 

_ موما، قۇرسىقىم ئېچىپ كوكىراپ كەتتى. گەپ بىلەن ئولتۇرىۋەرمەي تاماق ئېتىپ يەيلىچۇ!_ ھەسەننىڭ كىچىك بالىدەك ئەركىلەيدىغان بىر تەرىپىنىڭ بارلىقىنى بۈگۈن كۆرىۋاتاتتىم. مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئۇ ئىنتايىن زەھەرخەندە، ئىچى ھىيلە بىلەن توشقان ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ مۇنداقمۇ تەرىپىنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. 

   موماي تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى. 

_ مەن كېتىمەن، مومىڭىزغا ئۆزىڭىز چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ_ شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. 

_ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي نازىيە، سىز بۇنداقلا كەتسىڭىز مومامنىڭ كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولۇپ كىتەر؟ مۇشۇ بىر قېتىم ماڭا ياردەم قىلغان بولۇڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي. 

   شۇنداق قىلىپ ئامالسىز بۇ بىر ۋاق تاماقنى يەپ مېڭىش ئۈچۈن قېپ قالدىم. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k