大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 50- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 50- قىسىم aybarawazi
2023-07-30
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 51 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
50 - قىسىم



     ئىشىك ئالدىغا چىقساق بايا ئەزىمەتنى ئەكەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ، فەرۇق ئۇلارغا بىر نېمىلەرنى دېدى، ئۇلار ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىنلا ئەزىممەتنى ئېلىپ چىقىپ بايا ئەكەلگەن مىنىبۇسقا سالدى.  بىز كەلگەن ماشىنا بىلەن قايتتۇق.  فەرۇق ماشىنىنى كېچىسىمۇ كۈندۈزىگە ئوخشاشلا ئاۋات شەھەر رايونىغا قاراپ ھەيدىدى.  مېڭىپ بىر تار كوچىغا بۇرۇلۇپ كىرىپ ماشىنىنى توختاتتى.

ئەزىمەتنى سالغان ماشىنىدىكىلەر ئۇنى تارتىپ چۈشۈرۈپ بىر قاۋاقخانىغا ئەكىرىپ كەتتى.  بىز ئۇلارنىڭ ئەكىرىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن ماڭدۇق.

_ ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىدۇ؟_ قىزىقىپ سورىدىم مەن.

_ بولدى، سورىماڭ، ئىشقىلىپ ئەمدى ئەزىمەت سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ.  دېدى ئۈمىد مىيىقىدا كۈلۈپ.

ئۇنىڭ گېپىدىن ھېچقانداق مەنانى چۈشىنىپ بولالمىدىم.

_ ئەمدى قەيەرگە بارغۇڭىز بار، مەلىكەم؟_ دەپ سورىدى ئۈمىد.

_ بەك ھېرىپ كەتتىم، قايتىپ كىتەيلى_ دېدىم مەن.

_ قايتىپ كىتەيلى ئەمىسە.  سارايغا ھەيدە، فەرۇق.

فەرۇق ماشىنىنى بىز چۈشكەن سارايغا ھەيدىدى.

ياتاققا كىرگەندىن كېيىن ئۈمىد كۈيۈنگەن ئاھاڭدا گەپ قىلدى:

_ ھېرىپ كەتكەن بولسىڭىز يۇيۇنۇپ چىقىپ بالدۇرراق ئۇخلاڭ.

مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ مۇنچىخانىغا كىرىپ كەتتىم. مونچىخانىدىكى ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم تونۇيالمايلا قالدىم.  مەن ئۆزگىرىپ كەتتىممۇ؟  بەك تاش يۈرەك بولۇپ كەتتىممۇ قانداق؟ ياق، ئادەم پورژىنىغا ئوخشايدىكەن،  ئازاب چېكىگە يەتكەندە ھامان كەينىگە قايتىدىغان ۋاقتى بولىدىكەن.  مەن ئەزىمەتنى قايتا كۆرۈپ قالغاندا قانداق ئۆچ ئېلىشنى سانسىز قېتىملاپ ئويلاپ باققان، ئەمما بۇنداق ھالەتتە بولۇشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.

يۇيۇنۇپ بولۇپ چىقسام ئۈمىد بالكوندا تاماكا چىكىپ تۇرۇپتۇ.  مەن چىقىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇردۇم.  بۇ ساراينىڭ ئورنى بەك ياخشى يەردە ئىكەن،  كەينى تەرىپىدە لەنساڭجياڭ دەرياسى بار ئىكەن، بۇ يەردە تۇرۇپ دەريانىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن.  دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ شولىسى سۇغا چۈشۈپ، دەريا سۈيىنىمۇ رەڭگارەڭ قىلىۋېتىدىكەن.  بېشىمنى ئاستا ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدۇم.

_ تىترەيسىزغۇ؟ سوغۇقمىكەن؟_ دېدى ئۈمىد ماڭا قاراپ.

_ مەن ئەزەلدىن بىرەسىنى ئۇرۇپ باقمىغان، بەك قورقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن_ دېدىم.

ئۈمىد ماڭا قاراپ قۇلىقىمنى سىلاپ:

_ نىمە، پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟ ئىچىڭىز ئاغرىپ قالدىما؟_ دېدى.

_ ئەسكى ئادەملەر چوقۇم تىگىشلىك جازاسىنى تارتىشى كېرەك.    ئۇنى ئۇرغىنىمدىن ئەمەس، رەھىمسىز رېئاللىقنىڭ مېنى مۇشۇنداقرەھىمسىز بولۇشقا مەجبۇرلاپ قويغىنىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ.

_ ھەممە ئادەم مۇشۇنداق قىلىپ پىشىپ يېتىلىدۇ.   ھازىرقى جەمئىيەت كۈچلۈكلەر تاللىنىدىغان ئاجىزلار شاللىنىدىغان جەمئىيەت، باشقىلار مېنى بوزەك قىلمىسۇن دېسىڭىز چوقۇم يىتەرلىك كۈچلىنىشىڭىز كېرەك.

ئۇنىڭ دېگەنلىرى تامامەن توغرا، ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنى ئاستا ئاستا پىشىپ يىتىلدۈرىۋاتاتتى.  پىشىپ يىتىلىش جەريانىدا مەن ئاستا ئاستا بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم. ئۈمىد تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك ماڭا قاراپ سورىدى:

_ ئەزەلدىن بىرەسىنى ئۇرۇپ باقمىغان دەيسىزغۇ؟ بۇ نىمە ئىش ئەمىسە؟_ دەپ يۈزىدىكى تىرناق ئىزىنى كۆرسەتتى.  ئۇنى راستلا بىھۇدە تاتىلىۋالغان ئىدىم،  خىجىللىق ئىچىدە ئاستا ئۇنىڭ يۈزىنى سىلىدىم ۋە پەس ئاۋازدا كەچۈرۈم سورىدىم.

_ ھېچقىسى يوق، يۈزۈمدە سىزنىڭ ئىزىڭىز قالدى، ئەمدى سىز يېنىمدا يوق چاغلاردىمۇ بۇ ئىز ماڭا ھەمرا بولىدىغان بولدى.

شۇنداق دەپ مېنى باغرىغا باستى ئۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ قوينىغا سىڭىپلا كەتتىم.

بىردەمدىن كېيىن بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدكە قارىدىم.

_ 500 مىڭنىڭ ئىشى قانداق ئىش؟ ماڭا بۇ توغرىلىق گەپ قىلمىغانتىڭىزغۇ؟

ئۈمىد كۆزىنى يىراقلارغا تىكىپ ئېغىر ئۇھسىندى.

_ ئۇ ھېلىقى سۈرەتلەرنى تامغا چاپلاپ قويۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچلىكى ئۇنىڭغا 500 مىڭ يۈەن بەرگەن.  پۇلنى بېرىپ راسا ئۇرغانتىم.

ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، شۇ كۈنى كەچلىكى ئۇنىڭ قولى يارىلانغان، مەن سورىسام يىقىلىپ چۈشتۈم دېگەن.  دېمەك ئەزىمەت ئۈچ كۈن ساقلىيالماپتۇ، ماڭا ئۈچ كۈن دەپ قويۇپ ئۈمىد بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپتۇ.  لېكىن بۇ ئىشلاردىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن.  ئەگەر ئەزىمەت پۇلنى ئېلىپ بولۇپمۇ قىلغۇلۇقىنى قىلمىغان بولسا ، مەن ئۈمىدنىڭ ئەزىمەتكە 500 مىڭ بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ بىلمەي ئۆتۈپ كىتەركەنمەن.

_ ئۇنىڭغا پۇل بەرمسىڭىز بوپتىكەن، 500 مىڭ ئاز پۇل ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇ شۇنداق گېپىدە تۇرمايدىغان تۇرسا_ دېدىم مەن. ئۈمىد ئېڭىكىمنى تۇرۇپ تۇرۇپ:

_  ماڭا پۇل مۇھىممۇ خوتۇنمۇ  بۇنى ئوبدان بىلىمەن،  ئەگەر مەن 500 مىڭغا يارىمايتتىم دېسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا_ دېدى مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ.

شىشۇاڭبەننادىكى بىرىنچى كۈنىمىز مۇشۇنداق قىلىپ تۈگىدى.  ئۈمىد «ئاران بىر كەلگەندە راسا ئوينايلى، بىكاردىن كەلگەن بولمايلى »دېدى.

ئەتىسى دەيۋاڭ يۈخۇايۈەنگە باردۇق. قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇش، ئۆزگىچە مەنزىرە مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. ئۇ يەردە دەيزۇچە كىيىم كىيگەن بىر بىرىدىن چىرايلىق  قىزلار ئۇسۇل ئوينايدىكەن. ئىختىيارسىز ئۈمىدكە قاراپ سورىدىم.

_ چىرايلىقمىكەن؟

_ ئۇلارغۇ چىرايلىقكەن، لېكىن مېنىڭ مەلىكەم ئۇلاردىنمۇ چىرايلىق. _ ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىش ئۈچۈن دەپ قويغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن كۆڭلۈم ۋىللىدە بولۇپ قالدى.

_ دەيزۇ قىزلىرى ئۇنداق چىرايلىق، مۇنداق چىرايلىق دىيىشىپ كېتىدىكەن،  ئۇنچىۋالا ئەمەسكەنغۇ_ دېدى فەرۇق يىنىك بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ.

_ ۋوي، نەزىرىڭىز بەك ئۈستۈنكەن ھە،   ئۇنچىۋالا ئەمەسقۇ دەپ كېتىشلىرىنى قانداق قىلاي تېخى_ دېدى نىگارە ئۇنىڭغا قاراپ.

_ ئەلۋەتتە نەزىرىم ئۈستۈن بولىدۇ دە. ئادەتتىكىلىرىنى مەن ياراتمايمەن، مەن ياراتقىنىم ئەلۋەتتە ئادەتتىكىسى ئەمەس.

دەيزۇلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى تۆتىنچى ئايدا بولىدۇ.  سۇ چېچىش بايرىمى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن  كەڭرى مەيداندا ھەر كۈنى سۇ چېچىش بايرىمى پائالىيىتى ئويۇشتۇرىدىكەن.  ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ مەنىسى، پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولسا مەڭگۈلۈك بەختلىك بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.  بىز دېققەت قىلماي تۇرغان ۋاقىتتىلا بىر نەچچە دەيزۇ قىزى كېلىپ بىزگە سۇ چېچىۋەتتى.  باشقىلار بىزگە سۇ چېچىپ ھۆل قىلىۋەتسىمۇ خاپا بولساق بولمايدىكەن، چۈنكى سۇ چاچقانلىق بىزنىڭ بەختلىك بولۇشىمىزغا بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈرىدىكەن.  ھەر تەرەپتىن سۇلار چېچىلىپ يامغۇر ياغقاندەك بولۇپ كەتتى. ھەممىمىز بىردەمنىڭ ئىچىدە سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بولۇپ كەتتۇق،  ئۈمىد ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي كۈلۈشۈپ كەتتۇق.  ئۈمىد توساتتىن مېنى كۆتۈرۈپ چۆگىلەتتى.  مەن ئىختىيارسىز قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.  ئۇنىڭ يۈزى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ توختىماي كۈلەتتى.  ئەينى چاغدا مەن پۈتۈن بەدىنىمىز سۇ چېچىلىپ ھۆل بولۇپ كەتسە مەڭگۈ بەختكە چۈمۈلۈپ ياشايدىغىنىمىزغا ئىشەنگەن ئىدىم. ئۇ مېنى يەرگە قويغاندا فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ بىر بىرىگە سۇ چېچىشىۋاتقىنىنى كۆردۈم.  فەرۇق نىگارەگە سۇ چاچقانتى، نىگارە  فەرۇق دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر داس سۇنى ئاپىرىپ ئۇنىڭ بېشىدىن قۇيدى.  فەرۇق كۆزىنى ئاچالماي قالدى، مەن تېخى ئۇنى خاپا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئەمما ئۇ يۈزىنى سۈرتىۋېتىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

_ ھە، يەنە بىر نەچچە داس تۈكۈڭە، تېخىمۇ بەختلىك بولۇپ كىتەي. مېنىڭ بەختلىك بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقڭىزنى بىلەتتىم مەن.

ئۈستى بېشىدىن سۇ ئېقىۋاتقان نىگارە فەرۇخقا قارىدى، قاراپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى.  راستىمنى ئېيتسام مەن نىگارەنى تونۇغاندىن بۇيان بۇنداق ئېچىلىپ يېيىلىپ كۈلگىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.  ئۇ بىر داس سۇنى ئېلىپ فەرۇخقا چاچتى، فەرۇقمۇ تەن بەرمەي ئۇنىڭغا چاچتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە سۇ چېچىشىپ كەتتى.

_ بەختلىك بولساممۇ يالغۇز بولماي،  بىللە بەختلىك بولايلى.

بۇنى كۆرۈپ ئۈمىدمۇ ئاستا كېلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.

_ بەختلىك بولايلى.

ئۇنىڭغا قارىدىم، بەلكىم بەخت بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس دەپ ئويلىدىم، ئىچىمدە.

سۇ چېچىش پائالىيىتى تۈگىگەندىن كېيىن نىگارە ئىككىمىز كىرىپ دەيزۇچە كىيىم كىيىپ چىقتۇق. ئۈمىد ماڭا بېشىنى سىىڭايان قىلىپ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە قارىۋەتكەندىن كېيىن:

_ يارىشىپتۇ_ دەپ باشمالتىقىنى چىقاردى.  كەچتە يەنە بىر پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولدۇق.  كەچتىكى پائالىيەت مىكون دەريا كېچىدىكى گۈلخان دەيدىغان پائالىيەت بولۇپ لەنساڭجياڭ دەرياسى بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.  بىز كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ پائالىيەت بولىدىغان جايغا باردۇق. گۈلخانلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان، مەيدانغا خېلى كۆپ ئادەملەر يىغىلىپ بولغان ئىكەن.  نۇرغۇن دەيزۇ مىللىتىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغان ياش ئوغۇل قىزلار، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى.  دەيزۇ مىللىتىنىڭ مۇزىكىلىرى شوخ بولۇپ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدىكەن.  بىز  يېقىن بېرىشىمىزغا بىر نەچچە دەيزۇ قىز كېلىپ قولىمىزنى تارتىپلا  رەتكە ئەكىرىپ قويدى.  ھەممەيلەن يۇمىلاق بولۇپ ئوتنى چۆرگىلەپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ چۆرگىلەيدىكەنمىز.  بىز ئۇلارنىڭ ناخشىسى ياكى ئۇسۇلىنى بىلمەيمىز، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئوينىدۇق.  ئازراق ئويناپ بېقىپ خېلى ئۆگىنىۋالدۇق ۋە ئۇلارنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ئىچىگە كىرىپلا  كەتتۇق.  بىردەمدىن كېيىن بىر نەچچە دەيزۇ قىز ھاراق ئېلىپ چىقىپ  ناخشا ئېيتتى ۋە بىزنى ھاراقنى ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى.  ھەممەيلەن دېگۈدەك ئىچىشتى، ئۈمىد بىلەن فەرۇقمۇ ئالدىغا بېرىپ بىر رومكىدىن ئىچتى.  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دەيزۇ قىزلىرى ئوتتۇرىغا كىرىپ ئۇسۇل ئوينىدى.  تۇيۇقسىز بىر دەيزۇ قىزى ئۈمىدنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشتى،  پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۈمىد ماڭا بىر نەچچە قېتىم قاراپ قويدى.  ماڭا بۇ ئىش سەل غەلىتە بىلىندى. شۇنچە كۆپ ئەر مېھمانلار تۇرسا، بۇ دەيزۇ قىز ئالايىتەن ئۈمىدنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلىدۇ؟ لېكىن ئۈمىدنىڭ كېلىشكەن سالاپىتى ھەرقانداق ئايال كىشىنى ئۆزىگە قارىتىۋالالايدۇ،  بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشىم ھاجەتسىز. ھېلىقى دەيزۇ قىز ئۈمىد بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپلا كىتىپ قالدى. ئۈمىد مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.

_ بايىقى ساھىبجامال  سىزگە نىمە دەيدۇ_ دەپ سورىدىم مەن.  ئۇ ئاستا ئېڭىشىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى،

_ ئايرىم كۆرۈشسەك بولامدۇ دەيدۇ.

_ ۋاي ، نىمانچە تەلەيلىك سىز؟ ئۇ ساھىبجامال شۇنچە ئەرلەرنىڭ ئىچىدىن سىزنى ياقتۇرۇپ قاپتۇما؟

_ لېكىن مەن رەت قىلدىم، ئۇنىڭغا ئاۋۇ يەردە ئايالىم بار،  گەپ ئاڭلىمايدىغان بولسام ئۆيگە  بېرىپ تاياق يەيمەن، ئالدىنقى قېتىم گەپ ئاڭلىمىغانتىم، ئايالىم بۇ يېرىمگە ئۇردى دەپ يۈزۈمنى كۆرسىتىپ قويدۇم.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

_ مېنى بەك ھازازۇل خوتۇندەك كۆرسىتىۋەتتىڭىزمۇ نىمە؟ ئۆزىڭىزنى بەك بىچارە ئەرگە ئوخشىتىپ قويۇپسىز.

ئۈمىد بېشىنى ئىگىپ ماڭا قاراپ كۈلدى.

_ ھازىرقى ئىپادىڭىزدىن قارىغاندا كېيىن ھازازۇل خوتۇن بولۇشىڭىزدا ئۈمىد چوڭ.

_ ئەسكى! _  شۇنداق دەپ ئۇنى نەچچىنى مۇشتلىدىم.  ئۇ ماڭا قارشىلىق بىلدۈرمەي قولۇمنى تارتىپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتۇق.  مەن ئادەتتە ئانچە ھەرىكەت قىلمىغاچقا ئازراق ئويناپلا ھېرىپ كەتتىم، شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قويماي دەپ ھارغىنىمنى چاندۇرمىدىم.  ئەمما ھەرقانچە چاندۇرمايمەن دېسەممۇ ئۈمىد بىلىپ قالغان بولسا كېرەك.

_ مەلىكەم،   سەل ھېرىپ قالغاندەك قىلىمەن،  سارايغا قايتىپ كىتەمدۇق؟_ دېدى .  مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ فەرۇق بىلەن نىگارەنى چاقىردى، ئۇلارمۇ ئۇسسۇل ئويناپ قىزىپ كەتكەن ئىدى. فەرۇقنىڭ كېتىدىغان ئەلپازى يوق.

_ سىلەر كېتىۋېرىڭلار، ئاران بىر كەلگەندە پۇخادىن چىققۇچە ئوينايمىز.  نىگارەنى مەن بىللە ئېلىپ كىتىمەن.

ئۈمىد ئىككىمىز ئۇ يەردىن چىقىپ شىشۇاڭبەننانىڭ كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاچ بىردەم پىيادە ماڭدۇق.

_ سىز بەختلىكمۇ، نازى؟

ئۈمىد ئەزەلدىن مەندىن بۇنداق سۇئال سوراپ باقمىغان، مەنمۇ  بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن.

_ بەخت دېگەن نىمە؟_ قايتۇرۇپ سورىدىم مەن.

_ بەخت دېگەن سىز بىلەن مەن.

شۇنداق دەپ يۈزۈمگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى ئۇ.  ھەر قېتىم ئۇ مۇشۇنداق تاتلىق گەپلىرى بىلەن كۆڭلۈمنى ئېلىۋالىدۇ.

ياتاققا قايتىپ يۇيۇنۇپ چىقىشىمغا ئۈمىد مەنمۇ يۇيۇنىۋالاي دەپ كىرىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى مۇنچىخانىغا كىرىپ تۇرۇشىغا ماڭا تېلېفون كەلدى،  ئۆتكۈردىن كەلگەن ئىكەن.

_ تاماق يىدىڭلارمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۇ.

_ ھەئە، يىدۇق. ھېلىراق ياتاققا قايتىپ كەلگەنتۇق.  سىزچۇ، تاماق يىدىڭىزمۇ؟

_ يىدىم، ئۆزۈم يالغۇز گېلىمدى ئۆتمىدى، يالغۇز جېنىمغا تاماق ئتېىش خۇشياقماي سىرتتىنلا يەپ كىردىم.  ھە راست، ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمىنى ئىشلەتتىڭىزمۇ؟

مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

_ ھەئە، ئىشلەتتىم، بەك قولايلىقكەن،  رەھمەت سىزگە.  بۇ قېتىم بىز بىلەن بىللە كەلگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن، بۇ يەردىكى قىزلار بەك چىرايلىقكەن ئەمەسمۇ_ دېدىم.

_ رەھمەت. ئۈمىدچۇ؟

_ ئۇ يۇيۇنغىلى كىرىپ كەتكەن.

_ مېنى تېلېفون قىپتىكەن دەپ قويۇڭ، سىلەر يوق، ئۆيدە بوران ئۇچۇپلا كەتتى.

_ بىزمۇ تېزلا قايتىپ كېتىمىز_ دېدىم مەن گەرچە  قاچان قايتىدىغىنىمىزنى بىلمىسەممۇ.

ئەتىسى يەنە بىر ئىككى ساياھەت نۇقتىسىغا بېرىپ ئوينىدۇق، پىلنىڭ ئويۇنىنى كۆردۇق. ئىشقىلىپ شىشۇاڭبەننادىكى بەش كۈن دەسلەپكى كۈنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتتى.

شۇنداق قىلىپ شىشۇاڭبەننادىكى ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتتۇق.  ئۆيگە قايتىپلا تۇرمۇشىمىز يەنە بۇرۇنقى ئىزىغا چۈشتى. مەن ھەر كۈنى كىتاب كۆرۈپ ئىمتىھانغا تەييارلىىق قىلغاندىن باشقا يەنە شوپۇرلۇق مەكتەپكە بېرىپ ماشىنا مەشىق قىلىپ كۈنلىرىم بەكلا ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى.

بىر كۈنى شوپۇرلۇق مەكتەپتىن يېنىپ، ئەمدى تېرىنېرنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشۈشۈمگە تېلېفونۇم سايرىدى.  قارىسام  ناتونۇش بىر نومۇركەن.  تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كىملىكىنى بىلدىم.

_  ۋەي، مەن ئابلەت.

تېلېفون ئۈمىدنىڭ دادىسىدىن كەلگەن ئىدى.



داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k