大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 70 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 70 - قىسىم aybarawazi
2023-08-19
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 71 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

70-قىسىم


       مېھمانخانا ئۆيگە قايتىپ كىرىپ، كرىسلودا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئۈمىدنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.   بىردەمدىن كېيىن رازىيە تېلېفوننى قويۇپ قايتىپ كىردى ۋە يان تەرەپتىكى بىر كىشىلىك كرىسلودا ئولتۇردى. 

_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا.  ئەتىكى مۇسابىقىگە بارمىساڭلار بولمايدۇ جۇمۇ،  سىلەر بېرىپ تۇرۇپ بەرسەڭلار مەن قابىلىيىتىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايمەن. 

ئېسىمدە قېلىشىچە ئالدىنقى قېتىمدا ئۇ بىزنىڭ بارغىنىمىزنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى ئېيتقان، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچى باردەك قىلاتتى، بەلكىم بايا دەۋاتقان سوۋغاتنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداق ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى سودا سارايدا مەردلىك بىلەن ئالغان سوۋغاتلىرىنى ئويلىدىم. «بەز يىگەن مۈشۈكنىڭ يۈزى تۆۋەن» دېگەن گەپ بار، ئەمما باھالىغۇچىلار ئۇ بەرگەن سوۋغاتنى ئالامدۇ ئالمامدۇ،  گەپ مۇشۇ يەردە. 

_ ئەتە چوقۇم بارىمىز.  بۈگۈن بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئەتە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشمىسىڭىز بولمايدۇ.  مەن سىزگە ئىشىنىمەن._ دېدى ئۈمىد.  

ئۈمىدنىڭ بۇنداق دىيىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ مەدەت، ئەڭ چوڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىكەنلىكى ئېنىق. 

_ ماقۇل ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، ئەمىسە مەن چىقىپ ئارام ئالاي. 

ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمىدكە ئاستا پىچىرلىدىم. 

_ ئۇنىڭغا ئىقتىسادى جەھەتتىن بەك كەڭ قوللۇق قىلىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟

_ قانداق دەيسىز؟

_ ئۇنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن. ئەلۋەتتە ئۇنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىغا ياردەم قىلسىڭىز بۇنىڭغا مېنىڭ پىكىرىم يوق،  لېكىن پۇلنى بۇزۇپ چېچىشىغا ماقۇل دېسىڭىز بولمايدۇ.  بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ئۇ يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ.  بۇنداق دېسەم مېنى كۆزى كىچىكلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.  كىچىككىنە بىر قىز پۇلنى سۇدەك خەجلەپ كۆنۈپ قالسا، كېيىنچە پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن يانمايدىغان بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.  بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدىمۇ خېلى كۆپقۇ، شۇڭا دېققەت قىلسىڭىز دېمەكچى.  نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىڭىزغۇ؟

   ئۈمىد گېپىمنى ئاڭلاپ خېلىغىچە ئويلىنىپ ئولتۇردى ۋە ئاخىرى ئېغىز ئاچتى. 

_ مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم.  لېكىن مەن ئۇنىڭغا سۇدەك خەجلىگۈدەك، بۇزۇپ چاچقۇدەك پۇل بەرمىدىم.  تىرىشچانلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى مەن ھەممىدىن بەك بىلىمەن،  شۇڭا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بۇزۇپ چاچقۇدەك پۇل بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس. 

     ئۈمىد ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل بەرمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ مەردلىك بىلەن خەجلەۋاتقان پۇللار قەيەردىن كەلگەن؟ ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كۈچۈپ كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىنى كۆرگەنتىم، ھەممىسى ئۇنچىۋالا قىممەت باھالىق نەرسىلەر ئەمەس ئىدى، تۇيۇقسىزلا ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى قەيەردىن تاپقاندۇ؟ ئەجىبا ئۇ راستلا بىرەر پۇلدارنى تاپقانمىدۇ؟

_  ئۇ پۇلنى قانداق بۇزۇپ چېچىپتۇ؟_ئۈمىدنىڭ بۇ سۇئالى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى.  ئۇنىڭغا راست گەپنى ئېيتتىم. 

_ قايس كۈنى فروزە بىلەن سودا سارايغا بارغاندا رازىيەنىڭ دوستلىرى بىلەن داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملار دۇكىنىغا كىرىپ  قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئۈچ قۇتا سېتىۋالغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. بايا ئۇنىڭ تېلېفوندا دەۋاتقان گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم.  ئۇنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا سېتىۋالغان ئەتىرلەرنى باھالىغۇچىلارغا سوۋغات قىلىپ بەرگەندەك قىلىدۇ، ئۇ تېخى كىچىك تۇرۇپ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە قانداق بولىدۇ؟  مۇشۇنداق كىتىۋەرسە  ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي دەپ دېىيىشىم. 

ئۈمىد ماڭا قاراپ كۈلدى. 

_ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ مەلىكەم بەك ئاقكۆڭۈل.  مانا سىزمۇ ئۇنىڭ غېمىنى يەۋاتىسىز. 

بايىقى گەپلىرىمنى رازىيەگە كۆڭۈل بۆلۈپ دېدىممۇ يا باشقا مەقسەتتە دېدىممۇ ، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.  لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بىر قىزنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىنى خالىمايمەن ئەلۋەتتە.  گەرچە  ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ تۈگۈن بولۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئاچا سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئارزۇسى روياپقا چىقاي دەپ قالغان ۋاقىتتا كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى يوققا چىقىشىنى خالىمايمەن. 

_ ئەلۋەتتە.  مەن ئاچا يوللۇق تۇرۇپ كىچىككىنە قىز بىلەن ئېيتىشىپ يۈرەمدىم. 

ئۈمىد ئاستا  بېشىمنى سىلىدى. 

_ مەلىكەم دۇنيادىكى ئەڭ ئاقكۆڭۈل، كەڭ قۇرساق  ئايال. 

 مەن ئۇنىڭ  مۇشۇنداق تاتلىق گەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق، ھەر قېتىم ئاڭلىسام يۈرىكىمگە ئىللىق سېزىم تارايدۇ. «ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئۆچكە يېغى» دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. 

رازىيەگە مەدەت بېرىدىغانغا ئىككىمىزلا بارساقمۇ قاملاشمىغۇدەك.  شۇڭا ئۈمىد بىر نەچچە دوستىنى چاقىرىۋالدى، مەنمۇ نىگارە بىلەن فروزەنى چاقىردىم.  نەقمەيدان بىۋاستە كۆرسىتىش سائەت سەككىزدە باشلىنىدىكەن، بىز سائەت يەتتىدىلا بېرىۋاپتۇق.  ئۇلار ئارقا سەھنىدە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.  تاماشىبىنلار بەس بەس بىلەن مەيدانغا كىرىشكە باشلىدى، بىزنىڭ ئورنىمىز يەنىلا ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ئالدىدا ئىكەن.  مەن تېخى ئورنۇمدا ئولتۇرماستىنلا كەينىمدىن بىرى چاقىردى.  ئۇ رازىيە ئىدى. 

_ نازىيە ئاچا،  كۆڭلىكىمنى كىيىش سەل تەسرەك، كەينىدىكى سىرتمىسىنى ئىتەلمەيدىكەنمەن.  ھەممەيلەن ئالدىراش كىيىم ئالماشتۇرىۋاتىدۇ، ئىتىپ قويغۇدەك ئادەم تاپالمىدىم،  ماڭا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟

ئۇنچىلىك ئىشقا ئەلۋەتتە ياردەم قىلىمەن دە، كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمايلا ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.  ئۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ  كەتتى، مەن سىرتتا ساقلاپ تۇردۇم.  ئۇ ئىشىكنى يېپىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىچىدىن چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. 

_ نىمە بولدى؟_ سورىدىممەن.  كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى،  ئۇ قولىدا  ئاق رەڭلىك كۆڭلەكنى تۇتۇپ يىغلاپ تۇراتتى. 

_ كۆڭلىكىمنى كىم بۇنداق قىلىۋەتكەندۇ؟

كۆڭلەكنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ ھەيران قالدىم. كۆڭلەكنى بىرى قايچا بىلەن كېسىپ كىيگۈسىز قىلىۋەتكەن ئىدى. 

_ ئەمدى قانداق قىلارمەن، نازىيە ئاچا. كۆڭلەك بۇنداق بولۇپ كەتسە قانداق كىيىمەن؟ _ رازىيە جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى.  

_ باشقا كۆڭلەك يوقمىتى؟ 

_ يوق.  يەنە كېلىپ بۈگۈن كەچتە چوقۇم ئاق رەڭلىك كۆڭلەك ىيمىسەك بولمايتتى.  ھەممەيلەن ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيسە مەن باشقا رەڭنى كىيىپ چىقسام تېخىمۇ قاملاشمايدۇ دە. 

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ  نۇرغۇن ماھىرلارنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە داۋاملىق قاتنىشىش قاتنىشالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.  كۆڭلەكنى چوقۇم ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ بىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋەتكىنى ئېنىق. چۈنكى بىر ئادەم سەھنىگە چىقالمىسا رىقابەتچىدىن بىرى ئازىيىدۇ ئەمەسمۇ. 

_ مەن بېرىپ ئاق كۆڭلەكتىن بىرنى ئەكىلىپ بېرەي بولمىسا_ ھازىر مۇشۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق ئىدى. ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. 

_ سودا سارايغۇ بۇ يەرگە خېلى يېقىن.  نەقمەيدان كۆرسىتىش باشلىنىدىغانغىمۇ  خېلى ۋاقىت بار.  تېزرەك بولسىڭىز ئۈلگۈرۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، نازىيە ئاچا. 

_ ھېچقىسى يوق. مەن بېرىپ ئاق رەڭلىك كۆڭلەكتىن بىرنى ئېلىپ كىلەي، لېكىن سىز ياقتۇرىدىغاننى ئالالامدىم يوق بىلمەيمەن. 

_ قانداقلا بولسا مەيلى، ئاچا. ئاق رەڭلىك كۆڭلەك بولسىلا بولاتتى. 

 ۋاقىت بەك قىس بولغاچقا ئمىدگە دەپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم.  چىقىپلا تاكسى توسۇپ ئەڭ يېقىن جايدىكى سودا سارايغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتىم.  سودا سارايدا ئاق رەڭلىك كۆڭلەك بەك  كۆپكەن،  لېكىن ئامال بار چىرايلىقنى تاللاپ ئالاي دەپ خېلى چۆرگىلىدىم، قانداقلا بولمىسۇن مۇسابىقە ئەمەسمۇ،  يېرىم سائەتتەك تاللاپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر كۆڭلەككە كۆڭۈل توخىتىتىپ ئالدىم. ئۇنىڭ پاسونىمۇ مۇسابىقىدە كىيىدىغان كۆڭلەككە يېقىن كېلىپ قالىدىكەن.  تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسغا كېلىپلا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم.  لېكىن ئىشىك ئالدىغا بېرىشىمغا بىرەيلەن توسۇۋالدى. 

_ ماھىرلاردىن باشقىلار كىرىشكە بولمايدۇ. 

ئۇنىڭ ئالدىغا ئېسىۋالغان خىزمەت كىنىشكىسىدىن قارىغاندا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ خىزمەتچىسىدەك قىلاتتى.  مەن ئۇنىڭغا قولۇمدىكى خالتىنى كۆرسىتىپ:

_  رازىيە بارمۇ؟  مەن ئۇنىڭغا كىيىم ئەكىلىپ بەرگىلى كەلگەنتىم، خاپا بولماي بۇنى رازىيەگە بېرىپ قويغان بولسىڭىز_ دېدىم. 

 مېنى توسۇۋالغان قىز قولۇمدىكى خالتىغا بىر قارىۋەتكەندىن  كېيىن :

_ ئۇ  سەھنىگە چىقىپ بولدى_ دېدى. 

كۆڭلىكى يىرتىلىپ كەتكەن تۇرسا،  سەھنىگە نىمە كىيىپ چىقتىكىنە؟ دەرھال سۈرەتكە ئېلىش زالىغا چىقتىم.  نەقمەيدان كۆرسىتىش باشلىنىپ بولغان ئىدى، سەھنىدە ھەرخىل چىراقلار ياندۇرۇپ قويۇلۇپتۇ.  بارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار باشلىنىش نومۇرىنى ئورۇنداۋېتىپتۇ،  پۈتۈن سۈرەتكە ئېلىش زالى قاينام تاشقىنلىققا چۈمۈپ كىتىپتۇ.  ئوتتۇرىدا تۇرغان بويى ئېگىز، چىرايلىق رازىيە بىر قاراشقىلا كۆزگە چېلىقاتتى.  ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆڭلەك ساپمۇ ساق ئىدى.  ئۇ باشقا ئامال قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم، مىسىلداپ يۈرۈپ مۇشۇ ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالماپتىمەن.  ئۇ مېنى قەستەن كەينىگە سۆرىدى دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ ئەمدى. 

ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇشۇمغا نىگارە قەيەرگە بارغىنىمنى سورىدى. 

«مۇھىم ئىشنى پۈتتۈرۈپ كەلدىم» دېدىم مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ. 

باشلىنىش نومۇرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ،  ھەممەيلەننىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا بولغان رەھمىتىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىسى سۈپىتىدە يەنە بىر ئەزىز مېھماننىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. كۆپچىلىك يېڭىدىن قوشۇلغان باھالىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ بوينىنى سوزۇپ قاراشتى. سەھنىنىڭ پەردىسى ئېچىلىپ، يېقىملىق مۇزىكا ساداسى بىلەن  سىرلىق مېھمان مەردانە قەدەملىرى بىلەن چىقىپ سەھنىنىڭ ئالدىغا كەلدى. 

ھە؟ ئۇ؟ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم.  ئۇ سىرلىق باھالىغۇچى  مىنەۋەر خانىم ئىدى.  مىنەۋەر خانىم بۈگۈن تىزىغا كەلگۈدەك كەڭ ئىتەكلىك گۈللۈك كۆڭلەك ، پۇتىغا ئېگىز پاشنىلىق كىيگەن ،  سۇس گىرىم قىلىۋالغان بولۇپ  بېشىدىن ئايىقىچە بىر خىل لاتاپەت تۈكۈلۈپ تۇراتتى. 

_ مىنەۋەر خانىمنى قارشى ئالىمىز. _ رىياسەتچىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن مەيداندا يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.  رىياسەتچى مىنەۋەر خانىمنى تونۇشتۇردى. 

_ مىنەۋەر خانىم  دۆلىتىمىزدە ئالقىشقا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى، ھەم  بۇ قېتىمقى بۇسابىقىنىڭ ئوبراز مەسلىھەتچىسى، ئۇ بۈگۈن باھالىغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، قالغان ئۈچ باھالىغۇچى ئۇستاز بىلەن بىللە ماھىرلارنىڭ نومۇرىنى باھالايدۇ. 

مىنەۋەر خانىم تاماشىبىنلارغا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزى بىر تەرەپكە يۆتكەلگەندە بىردەم توختاپ ماڭا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى.  شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ دېگەن گېپى پۈتۈن مەيداندىكىلەر، جۈملىدىن مېنىمۇ ھەيران قالدۇردى.  مىنەۋەر خانىم ھازىر 64 ياشقا كىرىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈزىدە قورۇق دېگەندىن ئەسەر يوق، ئۆزى شۇنداق تىتىك، جانلىق، ئىشقىلىپ قارىغان كىشىگە  بەك بولسا 40 ياشلاردىن ئاشقاندەك تەسىر بېرىدۇ.  ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسرىغىنىغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم. 

  تۇنۇشتۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن مىنەۋەر خانىم باھالىغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 

_ ناخشىچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتىگە باھا بېرىشكە مېنىڭ سالاھىيىتىم يوشمايدۇ.  لېكىن  ماھىرلارنىڭ سەھنىدىكى قىياپىتى، ئوبرازىغا نىسبەتەن ئىككى ئېغىز باھا سۆزۈم بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەرەپ دەپ بىلىمەن. 

سەھنىنىڭ بىر يان تەرىپىدە تۇرغان رازىيە مىنەۋەر خانىمغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالغان ئىدى،  ئۇ بۈگۈن باھالىغۇچىلارنىڭ تۆت بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك. 

مۇسابىقە باشلاندى، ئالدى بىلەن ماھىرلار يالغۇز كىشىلىك نومۇر ئورۇنلايدىكەن. كۆپچىلىك نومۇر تەرتىپى بويىچە نومۇر كۆرسىتىشكە باشلىدى. 

_  نەرگىزە كۆرۈنمەيدۇغۇ؟_ تۇيۇقسىز سورىدى فەرۇق. 

ئۇ شۇنداق دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئېسىمگە كەلدى، بايىقى ئوپچە نومۇر كۆرسىتىشتىمۇ نەرگىزە يوق  ئىدى.  نەرگىزە رىقابەت  ئېڭى كۈچلۈك قىز، بۇ قېتىم ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلگەندە ھەرگىز ئۇنداق ئاسانلا ۋاز كەچمەيتتى.  لېكىن ئۇ قەيەرگە كەتكەندۇ؟

نۆۋەت رازىيەگە كەلدى، ئۇ ئىنتايىن يېقىملىق، شوخ ناخشىدىن بىرنى ئېيتتى.  ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، ئۇماق ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ ئۇماق ئوبرازىغا تولىمۇ ماس كەلگەن ئىدى. ئۇ ناخشىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ئالقىش سادالىرى خېلىغىچە توختىمىدى.  باھالىغۇچىلارنىڭ باھا بېرىش باسقۇچىغا كەلدى. ئۇ ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشەنگەن ھالەتتە تۇراتتى، چۈنكى مىنەۋەر خانىمدىن باشقا ئۈچەيلەنگە سوۋغات بېرىپ «ئاغزىنى مايلاپ» قويدى ئەمەسمۇ.  باھالىغۇچىلار ئۇنىڭغا خېلى ياخشى باھا بەرگەن بولدى، ئەمما ئاخىرقى نەتىجىدە ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرىدا نەتىجە چىقىرىلىدىغان بولدى. 

ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. رازىيە بۇ نەتىجىدىن قىلچىمۇ رازى بولمىغان ئىدى، ئەمما سەھنىدە بىر نەرسە دىيىشمۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا  باھالىغۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.  رازىيەنىڭ ھېلىقى دوستلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇ چۈشۈشىگىلا ئۇنى ئورىۋالدى. 

يەنە بىر نەچچە ماھىر نومۇر ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن 22-نومۇرلۇق ماھىر نەرگىزە نومۇر ئورۇنلايدىغان بولدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئېيتىدىغان ناخشىسىمۇ ئىنتايىن مۇڭلۇق ناخشا ئىدى.  لىرىك مۇزىكا ئاۋازى باشلاندى، سەھنىدىكى چىراقلارمۇ غۇۋالاشتۇرۇلدى.  پۈتۈن تاماشىبىنلار جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇزىكىغا قۇلاق سالدى.  نەرگىزەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،  ئەمما ئۆزى چىقمىدى. ناخشىنىڭ قايتىلانما قىسمىغا كەلگەندە ئاندىن مۇڭلۇق مۇزىكا يۇقىرى كۈيگە يۆتكەلگەندە ئۇ سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدىن ئاستا مېڭىپ سەھنىگە چىقتى. ئۇنى كۆرۈپ تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئاغزىنى تۇتۇپ قېلىشتى.  مېنىڭمۇ ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغىنى بايا رازىيە ماڭا كۆرسەتكەن، قايچا بىلەن كېسىۋېتىلگەن كۆڭلەك ئىدى.  ئۇ چېچىنى قويۇۋېتىپ، يالىڭاياق، ئۇچىسىغا كېسىۋېتىلگەن كۆڭلەكنى كىيىپ مىكروفوننى تۇتۇپ ناخشا ئېيتقاچ تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ئىدى.  بۇ چاغدا فەرۇقنىڭ تۆۋەن ئاۋاز دەۋاتقان گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. 

_ بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟ نەرگىزەگە نىمە بولدىكىنە؟ پروگراممىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇنداقمۇ يە؟

ناخشىنىڭ بىر بۆلىكىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سەھنىنىڭ پەشتىقىدا ئولتۇردى ۋە مىكروفوننى تۇتۇپ ئىككىنچى بۆلىكىنى باشلىدى.   

_«يىراقلاردا يانىدۇ گۈلخان، ئۇزۇن كېچە قىينايدۇ ھىجران». 

ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك يېقىملىق ئىدى.    سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدە ماھىرلار بىر بىرى بىلەن كۇسۇرلىشىۋاتاتتى، پەقەت رازىيەلا سەھنىگە تىكىلىپ جىم تۇراتتى،  دەقىقە ئارىلىقىدا ئۇنىڭ چىرايىدا زەھەرخەندىلەرچە بىر كۈلكىنىڭ يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. 

داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k