大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 38- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 38- قىسىم aybarawazi
2023-07-18
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 39 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35

36
37


























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
38 - قىسىم


   ئۇچىسىغا ئاپئاق كۆينەك بىلەن قىرى چىقىرىلغان قارا كۆك رەڭلىك ئىشتان كىيىۋالغان ئۈمىد كىشىلەر توپىنى يېرىپ ماڭا قاراپ كەلدى، دەقىقە ئارىلىقىدا پۈتۈن كىشىلەرنىڭ دېققىتى ئۇنىڭغا بۇرالدى.   شۇ تاپتىكى ئەپتىم شۇنچىلىك بەدبەشىرە، چاچلىرىپ چۇۋۇلۇپ ساراڭ خوتۇننىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم.  ماڭا ئايان، ئۇنىڭ جەمئىيەتتە خېلى ئورنى، ئىناۋىتى بار، بۇنداق ئىشقا ئارىلىشىپ قالسا نامىغا ياخشى ئەمەس، ئابرويىغا تەسىر يېتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم....ھەي.

_ ۋاھ نېمىدېگەن كېلىشكەن.

_ ئەجەبمۇ سالاپەتلىك ئادەمكەن بۇ.

_ تۇرقىدىنلا ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، ئۆزىگە ئىش تاپماي كەتسە بولمامدۇ؟

_ سۈرەتتىكى راستلا مۇشۇ ئەر شۇمىدۇ؟  ھەي تاڭ جۇمۇ.

 ئەتراپتىكىلەر ئەمدى ئۇ توغرىلىق مۇنازىرە قىلىشىپ پىچىرلىشىشقا باشلىدى.  ئۈمىد كەلگەن پېتى مېنىڭ ئالدىمدا توختىدى.

_ سۈرەتتىكى ئەر مەن شۇ، سىزنىڭ ئېرىڭىز مەن ئەمەستۇرمەن؟  مېنىڭ سىزدەك خوتۇنۇم يوق جۇمۇ.

ئەتراپتىكىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.  سېمىز ئايال ئۆزىنى قويىدىغانغا جاي تاپالماي قالدى.   لېكىن ئۇنداق ئاسان بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

_ سۈرەتتىكى  ئەر سىزما؟ سىز بۇ پەسەندىنى قۇتۇلدۇرىۋالاي دەپ شۇنداق دەۋاتامسىز؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق.

_ گەپ سۆزىڭىزگە دېققەت قىلىڭ ھە، بۇ ياق بىپايان شىركىتىمىزنىڭ باش دېرىكتورى ئۈمىد ئەپەندى بولىدۇ. _ ئۈمىدنىڭ كەينىدە تۇرغان ياردەمچى سېمىز ئايالغا قاراپ شۇنداق دېدى.  ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارا بولۇۋىدى، ھەممەيلەن تەۋرەپ كەتتى.  كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئادەم بۇنچىۋالا ئىگىلىكنى تىكلەپ بۇ دەرىجىدە راۋاجلاندۇرالمايتتى، ئۈمىد ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلىمايدىغان ئادەم ئەمەس، ياردەمچى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغان ئىكەن،  بۇنىڭدىن چوقۇم ئۈمىدنىڭ خەۋىرى بار ھەم ئۇنىڭ ئويلىغىنى بار.

_ بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىتا مەن ئادۋۇكاتىمغا دەپ چۈشەنچە  ئېلان قىلدۇردۇم. يەنە يامان غەرەزدە بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان بولساڭلار ئەمدى مەن بوش قويۇۋەتمەيمەن.

سېمىز ئايال ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگەندىن كيىن سەل چۆچۈگەن بولسىمۇ يەنىلا بولدى قىلمىدى.

_ بېلىڭىزدە تاتۇق بارمۇ؟

_  مەن ئىكەنلىكىمنى دەلىللىمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان ئوخشايسىز ھە، تاتۇقنى كۆرۈپ باقامسىز؟

ئۇ شۇنداق دەپ كۆينىكىنى ئىشتاننىڭ ئىچىدىن چىقىرىۋېتىپ كۆينەكنىڭ تۈگمىسىنى ئېچىشقا باشلىدى.  ئەتراپتىكىلەر ئاغزىنى تۇتۇپلا قېلىشتى.  ئۇ زادى قانداق ئادەم؟ مەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر بۇيۇمنىڭ ئورنىدىغۇ،  ئۇنىڭ مېنى دەپ بۇنداق قىلىشى ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتاتتى.  راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۆي تۇتىۋاتقىنىمغا بىر مەزگىل بوولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىدە تاتۇق بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۈمىد كۆينىكىنى قايرىپ بېلىنى كۆرسەتتى،  ئۇنىڭ بېلىدە راستلا تاتۇق بار ئىكەن.  ئۇنى كۆرۈپ سېمىز ئايالنىڭمۇ ئاغزى تۇۋاقلاندى بولغاي،  باشقا گەپ قىلمىدى. ئەتراپتىكىلەر تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى.  يان تەرەپتە تۇرغان بايىقى مۇخبىر ئاپاراتىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتقاچ گەپ سوراشقا باشلىدى.

_ ئۈمىد ئەپەندى، بۇ ياق سىزنىڭ قىز دوستىڭىزما؟

ئۇ ئېڭىشىپ مېنى كۆتۈردى ۋە مۇخبىرغا قاراپ:

_  مىكرو بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بىلىسىز.  پەرىزىم خاتا بولمىسا ئادۋۇكاتىم ھازىر چۈشەنچىنى يوللاپ بولدىغۇ دەيمەن. _ دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن سۈرەتكە تارتىشنى قويۇپ  تېلېفونىنى سېرىشقا باشلىدى. بىپايان شىركىتىگە كىرگەندە ھەممەيلەن خۇددى بىر ئەيىبلىك ئىشنى كۆرگەندەك  بىزگە قاراپ ئاغزىنى تۇتۇپلا قېلىشقان ئىدى.  ئۈمىدنىڭ ئادۋۇكاتى تورغا زادى نىمە يوللىغاندۇ؟  ئۇ باشقىلارنىڭ قانداق قاراشلىرى، نىمە دىيىشلىرى بىلەن پەرۋايى پەلەك، مېنى كۆتۈرگەن ھالدا مېڭىۋەردى.  مەنمۇ جىمجىت ھالەتتە كېتىۋاتاتتىم. بايا ئۇ مېنى دەپ شۇنچە چوڭ ئىشقا تەۋەككۈل قىلغان تۇرسا،  يەنە جاھىللىق قىلىۋەرسەممۇ بولمايدۇ-دە. ئۇ شۇ ماڭغان پىتى ئىشخانىسىغا كىرىپ مېنى كرىسلوغا قويۇپ ئاندىن ئۆرە بولۇپ كۆينىكىنىڭ ئالدىنى ئەتتى.  مەن ئولتۇرىمەن، ئۇ ئالدىمدا ئۆرە تۇرىدۇ، شۇ ھالەتتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي تۇرۇپ كەتتۇق.  ئۇ تۇيۇقسىز ئېڭىشىپ پۇتۇمنى تۇتتى.

_ پۇتىڭىزنى كۆتۈرۈڭ.

بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ يەنىلا پۇتۇمنى كۆتۈردۈم.  ئۇ ئايىقىمنى سالدۇرۇپ پۇتۇمنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە يەرنىڭ قاپىرىپ چىققىنىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان بىر ھالەتتە چىرايىمغا قارىدى-دە دەرھال ئورنىدىن تۇردى.

_ توختاڭ ھە.

ئۇ شۇنداق دەپ ئىشخانىدىن چىقىپ، بىردەمدىن كېيىن بىر داسقا سۇ ئېلىپ كىردى.  ئاندىن پۇتۇمنى ئاستا كۆتۈرۈپ داسقا سالدى ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ:

_ خوش بولسىڭىز بولىدۇ، مەن ئەزەلدىن بىرەر ئايال كىشىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇپ باقمىغان_ دېدى. ئۇ بۇ گەپنى زەردە بىلەن دېگەن بولسىمۇ ئەمما قەلبىمگە ئىللىق بىر ئېقىم تارىدى.  پۇتۇم ئىلمان سۇغا چىلىنىشى بىلەن قاپىرىپ قالغان يەر چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى.  بىپايان شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر شۇ تاپتا باش دېرىكتورىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر ئايالنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ ئولتۇرغىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇغۇ دەيمەن. ئۇ پۇتۇمنى يۇيۇپ قۇرۇتۇپ بولغاندن كېيىن دورا ساندۇقىنى ئەكىلىپ دورا سۈركەپ، داكا بىلەن تېڭىپ قويدى.  بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن  تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىلا تازىلىق ئۆى بار ئىدى، ئۇ ئىگىلىپ يەنە مېنى كۆتۈرمەكچى بولۇۋىدى، ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن ئادەم قايتا ئولتۇرىۋالدىم.

_ ياق، ئۆزۈم كىرىمەن.

ئۇ مېنىڭ بۇ جىددى ئىنكاسىمدىن ئىنتايىن نارازى بولغان ئىدى.  ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ تۇرۇپ بىر نىمە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ يەنە گەپ قىلماي تازىلىق ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويدى.  تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى تاقاپلا تېلېفونۇمنى چىقاردىم.  باياتىن ئولتۇرغىنىم بىلەن ئۈمىدنىڭ توردا ئېلان  قىلغان چۈشەنچىسىنى ئوقۇغۇم كېلىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.  ئۈمىد يۈزى توسۇۋېتىلمىگەن ئەسلى سۈرەتنى يوللاپ، سۈرەتتىكى ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپتۇ، ھەم ئۆيلىنىش خېتىمىزنىمۇ چىقىرىپ قويۇپتۇ.  ئۇنىڭدەك بۇنداق مۇنەۋۋەر بويتاق يىگىت ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىسا بۇ ئىش قانچىلىك تەسىر قوزغا؟ ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ سېتىۋالغان بويۇمغۇ؟ ئەمما شۇنىسى ئېنىق بولدىكى، ئەتىگەن ماڭا ھاقارەت قىلغان ئۇچۇرنى تورغا يوللىغان ئادەم ئۈمىد ئەمەس.  ئۇ بولمىسا ئەمىسە كىمدۇ؟

تازىلىق ئۆيىدىن چىققان چېغىمدا ئۇ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ھۆججەت كۆرۈۋاتاتتى.  مەن ئاستا بېرىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم.  ئىشخانا ئىچى ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك تىمتاسلىققا چۆكتى. قەغەزنىڭ شاراقلىغان ئاۋازى بىلەن ئۈمىد خەت يازغاندا چىققان ئاۋازدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى.

_ چاي قۇيۇۋېتىڭە_ دېدى ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي.  مەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ مىدىرلىماي ئولتۇرىۋەردىم. مەن يا ئۇنىڭ كاتىپى بولمىسام، مېنى ئىشقا بويرۇيدا.  مېنىڭ مىدىر قىلماي ئولتۇرغىنىمنى بىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالغان شۇ دەقىقىدە مەندە قارشىلىق قىلىش دېگەندىن ئەسەرمۇ قالمىدى.  بۈگۈن مېنى شۇنچە چوڭ سەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرىۋالغان تۇرسا، بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەرسەم نىمە بوپتۇ؟

چاينى قۇيۇپ، ئىستاكاننى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇپ ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولۇۋىدىم، ئۇ بېلىكىمنى تۇتىۋالدى.  ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى تارتىپ باغرىغا باستى.  مەنمۇ ئۆزۈمنى تارتمىدىم، پەقەت پەس ئاۋازدا  پىچىرلىدىم:

_ ئەمدى سىزگە يەنە يېپىشىۋالىدىغان بولسام....

_   ئادەم بولماي كىتەي دېگەن_ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرىۋەتتى ئۇ. ئەسلى ئاچچىقتا تۈرۈلۈپ كەتكەن قوشۇمىسى بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئېچىلىپ كۈلۈپ كەتتى.

_ ھە، مەن ئادەم ئەمەس. بەك ئەقىللىق بولۇپ كىتىۋاتىسىز ھە، مېنىڭ دېگەن گېپىمنى ئۇدۇللا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدىڭىز مانا.

_ ئەسلىمۇ دۆت ئەمەس مەن_ پەس ئاۋازدا ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بايىقى بىر كۈلكىسى بىلەن كەيپىيات باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى.  

_ دۆت ئەمەسما؟ ياق، مەن قارىسام بەك دۆتكەنسىز.

ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمدىن تېلېفونۇمنى ئېلىۋالدى.  تېلېفونۇمنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلىدىغان بولغاچقا  تېزلىكتە ئېچىپلا ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتتى ۋە تېلېفون نومۇرىدىكى ئىسىمنى «جېنىم» دەپ ئۆزگەرتىپ قويدى.

_ قانداقلا ئىش بولسا مان مەن جېنىڭىز بار. مەن سىزگە دېگەنغۇ، مەن سىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭىز.  مۇشۇنداق كۈچلۈك ئارقا تىرەكنى ئىشلەتمىگەن ئادەم دۆت بولماي نىمە.

_  مەن يا قايسىسىنىڭ راست قايسىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم، مېنى بەك قايمۇقتۇرىۋەتتىڭىز.

ئۇ دەرھال بېشىمنى كەينىدىن تۇتۇپ پىشانەمنى پىشانىسىگە تەگكۈزدى، ئۆزۈمنى تارتىپمۇ تارتىپ بولالمىدىم، شۇ ھالەتتە خېلى ئۇزۇن تۇردۇق. ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئېغىز ئاچقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى يەنىلا مۇلايىم چىقتى.

_ كەچكىچە مەندىن ئاغرىنىۋەرمەڭ، ئۆزىڭىزنى مېنىڭ ئورنۇمغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ.  ھېلىقى ئەبلەخ مەقسەتلىك سىزگە يېقىنلاشسا شۇنىمۇ بىلمەي يۈردىڭىز. ئۇنىڭ سىزگە بەرگەن ئازارلىرى يەتمىدىما؟ يەنە تېخى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرتىغا باردىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئۇنىڭ بىلەن ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن، ھازىر سىزنىڭ ئېرىڭىز ئۇ ئەمەس، بەلكى مەن، ئۈمىد.

«مەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەت پۇلغا سېتىۋالغان بۇيۇمغۇ؟» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

_ نازىيە، مەن...

  ئۇ ئەمدى گەپنى باشلىشىغا تېلېفونى سايراپ كەتتى. ئۇ ئاچچىقى بىلەن تېلېفوننى قوش ئاۋازىنى بېسىپلا ئالدى.

_ نىمە ئىش؟

 قارشى تەرەپ ئۇنىڭ تېلېفوننى ئاچچىقى بىلەن ئالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن گەپ قىلدى.

_ باش دېرىكتور، ساقچىلار كەپتۇ.

ساقچى؟ ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئوخشىمامدۇ؟

_ كىرگۈزىۋېتىڭ.

دەرھال ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ كەتتىم، ئۇمۇ مېنى تۇتىۋالمىدى ۋە تېزلىكتە  كىيىملىرىنى ئوڭشىۋالدى.  ياردەمچى ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان ئىككىيلەننى باشلاپ كىردى،  ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

_ ئۈمىد ئەپەندى، سىزنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىڭىزنى تاشۇرىۋالغانتۇق.  توردا سىزگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلغان ئىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدۇق، ئىغۋا تارقاتقان ئاي پى ئادرىسى چەت جايدىكى بىر تورخاننىىڭ ئادرىسى بولۇپ چىقتى.  ئۇ يەردە كامېرامۇ يوقكەن، شۇڭا گۇماندارنى تېپىشىمىز ھەقىقەتەن بەك قىيىنغا چۈشتى.  شۇڭا بۈگۈن خانىمىڭىز ئىككىڭلاردىن ئەھۋال ئىگىلەيلى دەپ كەلگەنتۇق.  بۇنىڭ دېلونى تېز پاش قىلىشىمىزغا بەلگىلىك ياردىمى بولاتتى.

مەن بىر چەتتىكى كرىسلودا ئولتۇرغان بىلەن قۇلىقىم ئۇلارنىڭ پارىڭىدا ئىدى.  مېنىڭ زادى كىمنىڭ مەن بىلەن بۇنچىۋالا چوڭقۇر ئۆچ ئاداۋىتى بارلىقىنى بىلىپ باققۇم  بار ئىدى.

_ سىلەرگە تەمىنلەپ بېرىدىغان ھەقىقەتەن بەك مۇھىم ئۇچۇردىن بىرسى بار. _ ئۈمىد  ئورنىدىن تۇرغاچ  شۇنداق دېدى.

ئۇنىڭ قانداق مۇھىم ئۇچۇرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ  قاراپ ئولتۇردۇم. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ تېلېفونى يەنە سايرىدى. ئۇ تېلېفونىغا قاراپلا چىرايى ئۆزگەردى.

_ كەچۈرۈڭلار، تېلېفوننى ئېلىۋالاي. _ ئۇ ئىككى ساقچىغا شۇنداق دەپ قويۇپ تېلېفوننى ئالدى.  تېلېفوننى كىم  ئۇردى، نېمىلەرنى دېدى، ھېچنىمىنى بىلەلمدىم، ئۇ ھە، ھە دېگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى، ئەمما بارغانسېرى قوشۇمىسى تۈرۈلۈشكە باشلىدى.  تېلېفوننى قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىككى قولى بىلەن ئۈستەلنى تىرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ساقچىلارغا قاراپ قىسقىلا گەپ قىلدى.

_  بۇ ئىش مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن، بولدى، تەكشۈرمەيلا قويۇڭلار.

مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئىككى ساقچىمۇ بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن ھەيران قالدى.  ئۈمىد ئورۇندۇقىغا كېلىپ ئولتۇردى.

_ كەچۈرۈڭلار، ئويلاپ باقسام بۇ ئىشنى يەنىلا تەكشۈرمىسەك بولغۇدەك. ئىشلار ئېنىقلاندى،  خانىمىم ئىككىمىزمۇ ھچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىدۇق،  شۇڭا بەك ئاشۇرىۋەتمەي، قارشى تەرەپكە خاتالىقىنى تۈزىتىش پۇرسىتى بېرەيلى.  

تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم.  ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىشى ھېلىراق كەلگەن تېلېفون بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.  بىز  تەكشۈرمەڭلار دېسەك، ساقچىلارمۇ  ئارتۇق گەپ قىلماي، نەچچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ قويۇپ كەتتى.

_ تەكشۈرمەيلى دەيسىزغۇ؟_ چىداپ تۇرالماي سورىدىم. ئۇ تېخى جاۋاب بەرمەيلا ئىشىك چېكىلدى.  ئۇنىڭ  ياردەمچىسى كىرىپ ماڭا قاراپ قويۇپ ئۈمىدكە ئەدەب بىلەن گەپ قىلدى:

_ باش دېرىكتور، بۈگۈن بازار يىغىلغاندا شىركىتىمىزنىڭ پاي چېكى ئىككى پوئىنت تۆۋەنلىدى.

پاي چېكى تۆۋەنلىدى؟ بۇ ئۈمىد توردا ئېلان قىلدۇرغان ھېلىقى چۈشەنچە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟   مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد باشتىلا پەرەز قىلىپ بولغان بولسا كېرەك،  ياردەمچىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئازراقمۇ ھەيران قالمىدى.  ياردەمچى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمىد ئالدىدىكى ھۆججەت سومكىسى بىلەن ئورۇندۇققا ئېسىپ قويغان كاستيۇمىنى ئېلىپ ماڭا قاراپ :

_ يۈرۈڭ، ئۆيگە قايتايلى_ دېدى.   شۇنداق قىلىپ بايىقى سۇئالىم جاۋابسىز قالدى.  ئۇ مېنىڭ پۇتۇمنى ئاۋايلاپراق ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلگىنىمنى كۆرۈپ مېنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ ئېڭىشتى، ئەمما مەن ئۇنىماي تۇرىۋالدىم.  لېكىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ لىفىتتىن چىقىشىمىزغىلا ئۇ مېنى كۆتۈرىۋالدى، مېنىڭ قارشى تۇرۇشۇمغا ئۇنىمىدى، باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەنمۇ كارى بولمىدى.  ئۇ مېنى كۆتۈرگەن پېتى ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا ئولتۇرغۇزدى،  ۋە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئۆز قولى بىلەن باغلاپ قويدى.  ئۇ ئەمدى ئورنىغا ئولتۇرۇپ ماشىنىنى تېخى ئوت ئالدۇرماي تۇرۇپ ماڭا دوختۇرخانىدىن تېلېفون كەلدى.  كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى  ماڭا ناماقۇل بولۇپ ئۇرغان ئىكەن،  ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى ئالدىنقى قېتىمقىدىن 180 گرادۇس  ئۆزگەرگەن.  مەن مۇشۇنداق خامىلىئوندەك ئۆزگىرىشچان ئادەملەرگە بەك ئۆچ.  مۇدىرغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرسام، ئۈمىد تېلېفوننى قولۇمدىن ئېلىۋالدى.

_  ياخشىمۇسىز، مەن ئۈمىد.  

بىلسەم بىلمىسەم مۇدىر  تېلېفوندا جاھاندا با ياخشى گەپنىڭ ھەممىنى قىلدىغۇ دەيمەن.

_  مەن ئايالىمنىڭ خىزمەت قىلىشىنى دەسلەپتىلا ئانچە قوللاپ كەتمىگەن. پەقەتلا ئۇ ئىشلىگۈم بار دېگەچكە مەيلى دېگەنتىم. لېكىن بۇ بىر مەزگىلدە ئۇ ئىشلەيمەن دەپ بەك ئورۇقلاپ كەتتى، مەن ئايالىمنىڭ بۇنداق جاپا تارتىشىنى خالىمايمەن.

ئۇنىڭ چوڭ دادىسى بۇرۇن شەنخۇا دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەچكىمىكىن، مۇدىرغا گەپ قىلغاندا خېلى تەكەللۇپ بىلەن گەپ قىلدى.  تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاخشىدىم.

_ نىمىشقا مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلىشىسىز؟  خىزمىتىمنى تاشلىغۇم يوق ئىدى.

ئۈمىد ماڭا قاراپ قويۇپ گەپ قىلماستىن ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى.  ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ بوش ئاۋازدا گەپ قىلدى:

_ مەن  قورقۇنۇچلۇق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم.



داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k