大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 72 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 72 - قىسىم aybarawazi
2023-08-21
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 73 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

72-قىسىم


   ئۈمىد ئاستا كىرىپ چىراقنى ياندۇردى.   رازىيە  شۇ تاپتا يەردە ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئۈستىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يۈزىگە ئۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى،  مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇراتتىم. بۇ ھالىتىمىزنى كۆرگەنلەر  مېنى رازىيەنى بوزەك قىپتۇ دەپ ئويلىشى ئېنىق ئىدى.  ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ رازىيەگە قاراپلا تۇراتتى، ماڭا بولسا قاراپمۇ قويمىدى.  ئۇ ئاستا مېڭىپ كېلىپ ئېڭىشىپ رازىيەنى يۆلىدى. ئەمما بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سوراپمۇ قويمىدى،   بىلسەم بىلمىسەم ئۇ كۆڭلىدە ماڭا چىكىت ئۇرۇپ بولغان ئىدى.  چۈنكى ئۇ ھۇجرىغا كىرگەندىن بۇيان ماڭا قاراپمۇ قويمىدى.  رازىيە ئورنىدىن تۇرمىدى، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئۈمىدكە دەردىنى ئېيتتى.

_ بىلىمەن، مەن كۆزۈڭلارغا سىغمايمەن.  ئەسلى بۇ ئۆيگىمۇ كەلمىسەم بولاتتى، ياق، بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بولسام، كۆزۈڭلارغا كۆرۈنمىگەن بولسام خۇش بولاتتىڭلار. 

ئۇ سۆزلەۋېتىپ  تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. ئۈمىد رازىيەنىڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاخىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى.  ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن ھېچقانداق مەنانى ھېس قىلالمىدىم، بىر قارىسام مەندىن ئاغرىنغاندەكمۇ قىلمايتتى، ئەمما كۆزلىرىدىن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى. 

   بۇ كېچىدە رازىيە نەگىمۇ بارار؟  مەيلى بۈگۈن كېچە سەۋەنلىك كىمدىن ئۆتكەن بولسۇن، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بولمايتتى. 

_ كەينىدىن چىقىپ باقماي تۇرىسىزغۇ؟

ئۈمىد گېپىمنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىنى تاپقاندەك بولۇپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.  ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئاغرىغىنىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن.  مەنمۇ بىر ئايال كىشى، ئاجىز ئايال كىشى،  مېنىڭمۇ كۆڭلۈم نازۇك،  ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىشلار مېنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ كېلىدۇ،  چاندۇرماي يۈرىمەن خالاس. 

ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرەپ دېگۈدەك  ئۆزىمىزنىڭ ھۇجرىسىغا چىقىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئاستا سىرتقا چىقتىم. ئۈمىد ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تېلېفون قىلىۋاتقان ئىكەن،  ئۇ بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ، بىر قولىدا تېلېفوننى قۇلىقىغا تۇتۇپ تۇراتتى،  چىرايىدىن ئىنتايىن جىددىيلىشىۋاتقىنىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى،  تېلېفون ئۇلانمىغان چېغى، ئۇ تېلېفوننى ياندىكى ئورۇندۇققا تاشلاپ قويۇپ  ماشىننى قۇيۇندەك ھەيدەپ چىقىپ كەتتى.  مېنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ چىقىپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدىم.  مەنمۇ ئۆيدە ئولتۇرسام بولمايتتى، شۇڭا دەرۋازىدىن چىقىپ چوڭ يولنى بويلاپ رازىيەنى ئىزدەپ ماڭدىم.  داچىنىڭ يېنىدىكى بۇ يول ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس،  بىرلا چوڭ يول بار، ئۈمىدمۇ مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭغان ئىدى.  ئەمما ھازىر يېرىم كېچە بولغاچقىمۇ يولدا  نە بىرەر ئادەم ياكى ماشىنا كۆرۈنمەيتتى.  رازىيە بۇ شەھەرگە كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى، بىزدىن باشقا ھېچكىمنى تونۇمايدۇ، شۇڭا بارغۇدەك باشقا يېرىمۇ يوق. 

ھازىر مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەۋاتقىنىم ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىمىز، ئەگەر بۈگۈن كېچە رازىيەگە بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ يەنە بىللە ئۆتەلىشىمىز مۇمكىن بولمايتتى. قانچىلىك ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا پۇتلىرىمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى سەزدىم.  ھازىر قىش پەسلى، ھاۋا خېلىلا سوغۇق،  ئۆيدىن چىقىدىغاندا قېلىنراق كىيىم كىيىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي قولۇمغا چىققان كىيىمنى كىيىپلا مېڭىپتىكەنمەن.  سوغۇقتىن جاقىلداپ تىترەپ كېتىۋاتاتتىم.  رازىيەنى تاپتۇقمۇ دەيلى، ئۇنى داچىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتسەك  ئىشلار قانداق بولماقچىتى؟ ئۇ مېنى خاتا چۈشىنىپ بوپتۇ،  يەنە كېلىپ مەن ئۇنىڭ بۈگۈن كېچىدىكى ئىشىنى كەچۈرۋەتتىم دېگەن گەپ بىلەنلا بولدى قىلىۋېتەلمەيمەن، دېمەك ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئەپ ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئەمەس. 

   تېخى تاڭ يورۇمىغان بولسىمۇ ناشتىلىق ساتىدىغانلار چىقىپ بولغان ئىدى.  داچىدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتىم، ئەمما  رازىيەنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.  غەلىتە ئىش،  ئۈمىد رازىيە چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن بولمايلا ماشىنا بىلەن چىقىپ كەتكەن تۇرسا،  رازىيە پىيادە مېڭىپ قانچىلىك ماڭالايتتى؟  بايا بىز بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ كۆپ ئويلاشمايلا  چىقىپ يۆنىلىشنى خاتا تاللاپ مېڭىپ قالدۇقمۇ؟ ئۇ بىز ماڭغان يۆنىلىشنىڭ قارشى يۆنىلىشىگە ماڭغان بولسىچۇ؟  ياكى بىرە يەرگە مۈكۈپ تۇرىۋېلىپ بىزنى قەستەن ئىزدىتىۋاتقان بولسىچۇ؟

ئۈمىدكە  تېلېفون قىلىپ رازىيەنى تاپالىغان تاپالمىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولۇپ يېنىمنى سىلىسام تېلېفونۇم يوق، شۇندىلا ئۆيدىن چىققۇچە ئالدىراپ تېلېفوننى ئالماي چىققىنىمنى بايقىدىم.  بىر تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قايسى تەرەپكە مېڭىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.  يولدا بىر ئىككىدىن مېڭىۋاتقانلار كۆرۈندى، لېكىن رازىيە يوق.  كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، بىر ماشىنىنىڭ چىرىقى كۆرۈندى، ماشىنا ئاستا ئاستا يېقىنلاپ كېلىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى ئىدى،  ئۇ ماشىنىدا ئۆزى يالغۇز ئىكەن، دېمەك رازىيەنى ئۇمۇ تاپالماپتۇ.  ماشىنىنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدىم.  ئەسلى تاكسى توسۇپ قايتىپ كېتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم،  لېكىن يەنىلا پىيادە قايتتىم. مەن داچىغا يېتىپ بارغاندا  تاڭ يورۇپ بولغان ئىدى.  ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى داچىغا توختىتىپ قويۇلغان، دەرۋازا يوغان ئېچىقلىق ئىدى. 

ئۆيگە كىرىپ ئايىقىمنى ئالماشتۇرىۋېتىپ ئاندىن پۇتۇمنىڭ قاپىرىپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم، يول ماڭغاندا ئاغرىقنى سەزمىگەن ئىدىم، لېكىن ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى. 

 مېھمانخانا ئۆيدىكى تومپۇچكا ئۈستىگە ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى قويۇپ قويۇلغان، ئۈمىد  كرىسلودا  ئوڭدىسىغا ياتاتتى، ئۇ ئۇ ئۇخلاپ قالدىمۇ يا كۆزىنى يۇمۇپ يېتىپ بىرەر ئىشنى ئويلاۋاتامدۇ،  ئىشقىلىپ مىدىر سىدىر قىلماي ياتاتتى.  كۆزىنى يۇمۇپ ياتقان بىلەن چىرايىدىن ھارغىنلىق بىلىنىپ تۇراتتى،  كېچىچە ئۇخلىماي بىر ئادەمنى ئىزدەش ئاسانمۇ، چارچىماي قالامدۇ؟ مەن ئۇنى ئويغىتىۋەتمەي دەپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا  مېڭىپ كىردىم،  لېكىن ئۇ شەپىنى ئاڭلاپلا كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىدى. كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. 

_ نەگە باردىڭىز؟

  ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ خىقىراپلا قالغان ئىدى. 

_ رازىيەنى ئىزدەپ چىقتىم_ دېدىم مەن.  ئۇ باشقا گەپ قىلماي يەنە كۆزىنى يۇمدى.  ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇردۇم، ئۇنىڭ ھارغىن تۇرقىغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى،   يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ باشقا بىر ئايال زاتىغا شۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلگىنىگە ئاچچىقىممۇ كەلدى. لېكىن ئاچچىقىم كەلسىمۇ نىمە قىلالايتتىم.  ئاستا مېڭىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ رازىيە ياتقان ھۇجرىنى يىغىشتۇرماقچى بولدۇم.  رازىيە چېقىۋەتكەن نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىرىنى بىرەر قۇر سۈرتۈپ، قايتىپ كەلسە يەنە ئىشلىتەر دەپ جايىغا تىزىپ قويدۇم.  شۇ تاپتا ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىپ كېتىۋاتاتتىم،  چۈنكى ئۇ مۇشۇ پىتى يوقاپ كىتىدىغان بولسا ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى تۈگۈن مەڭگۈ يىشىلمەيتتى. 

 ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ پەسكە چۈشتۈم، ئۈمىد تېخىچە بايىقى پەدىدە ياتاتتى. ئاستا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ناشتىلىق تەييارلىدىم. ناشتىلىقنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىپ:

_  تاماق يەڭ_ دېدىم.  ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويماي جاۋاب بەردى. 

_ يىگۈم يوق، ئۆزىڭىز يەڭ. 

  ئۈستەلدە ئۆزۈم تەييارلىغان ناشتىلىققا قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. ئۇ ماڭا ئەزەلدىن بۇنداق مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان،  كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، بۇنداق ھالەتتە مېنىڭ گېلىمدىنمۇ  بىر نىمە ئۆتەتتىمۇ؟  شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يىمەي ئۈستەلنى يىغىشتۇرىۋەتتىم.

 مەن ئاشخانا ئۆينى بېسىقتۇرۇپ چىققان ۋاقتىمدا  ئۇ يەنىلا شۇ ھالەتتە يېتىپتىكەن، ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ كېچىدىن بېرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى.  بولمىسا مېنى خاتا چۈشىنىپ كېتىۋېرەتتى. 

_ رازىيە مېنى خاتا چۈشىنىپ  قالغاندەك قىلىدۇ، ئۇ مېنى مىنەۋەر خانىمغا  بېلەتنى نەرگىزەگە تاشلاڭ دەپ ئۇنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىۋەتتى،  بولمىسا مىنەۋەر خانىم بېلەتنى ماڭا تاشلايتتى دەپ ئويلاپ قاپتۇ. لېكىن مىنەۋەر خانىمغا  ئۇنداق دېمىگەن. مەندىن مەسلىھەت سورىغىنى راس، لېكىن مەن  ئۆزىڭىز قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قارار چىقىرىڭ دېگەنتىم.  يەنە بىر ئىش تۆنۈگۈن كېچىدە مەن ئۇنى ئۇرمىدىم، تىللىمىدىم، نەرسىلەرنى يەرگە ئېتىپ چاققىنىمۇ مەن ئەمەس، ماڭا ئىشىنەمسىز؟ 

ئۈمىدكە گەپ قىلىۋاتقاندا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشتىم، ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇنى ماڭا ئىشەنسىكەن، مېنى ئۇمۇ خاتا چۈشەنمىسىكەن دەپلا ئويلايتتىم.  ئەگەر ئۇ شۇ تاپتا كۆزۈمگە قارىغان بولسا ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە قانچىلىك تەقەززا بولىۋاتقىنىمنى ھېس قىلالايتتى.  ئەمما ئۇ ماڭا قارىمىدى.  بايىقى ياتقان ھالىتىدە مىدىرلىماي يېتىۋەردى. ۋە بىر دەمدىن كېيىن ئېغىز ئاچتى. 

_ ھازىرقى مۇھىم مەسىلە رازىيەنى تېپىش.  رازىيە ئۈرۈمچىگە ئىككى قېتىم كېلىپ باققان، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك ئىدى، ئۇ بۇ يەرنى راستلا پىششىق بىلمەيدۇ. ئۇنى بىرەر پىشكەلچىلىككە ئۇچراپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. 

ئۇ رازىيەدىن ھەقىقەتەن بەكلا ئەنسىرەۋاتقان ئىدى.  ئەمما مەن كىچىك بالا ئەمەس، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى رازىيەدىن كۈنلەپ يۈرسەم قاملاشمايدۇ، چۈنكى  رازىيەنى تېپىش ھەقىقەتەن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. 

_  فەرۇق بىلەن ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىپ سوراپ باقايلى، رازىيە ئۇلار بىلەنمۇ تونۇشىدۇ ئەمەسمۇ، بارىدىغان يېرى بولمىغاچقا تۇنۇش دەپ ئۇلارنى ئىزدىدىمۇ تېخى.  ئەگەر ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشمىغان بولسا مېھمانخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە رەپىتىس قىلىدىغان قىزلاردىن سوراپ باقايلى.  بىرسى بىلمىسە بىرسى بىلىپ قالار. 

 بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئۈمىد گەپلىرىمنى ئاساسى بار دەپ ئويلىغان چېغى، ئاستا بېشىنى كۆتۈردى ۋە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپلا سىرتقا يۈگۈردى. مەنمۇ پۇتۇمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا قارىماي، ساپما كەشىمنى سېلىۋېتىپ ئايىقىمنى كىيىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. 

ئۈمىد ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ فەرۇق بىلەن ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلدى، ئۇلار رازىيەنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇدۇل رازىيە دەسلەپتە چۈشكەن مېھمانخانىغا باردۇق.   ئالدىنقى قېتىم مەن ئۇ ياتقان ياتاققا كىرگەن بولغاچقا  ئۈمىد ئىككىمىز ئۇدۇللا ئاشۇ ياتاققا چىقتۇق.  ياتاقتىكى ھەممىسى قىزلار بولغاچقا ئۈمىد كىرىشنى بىئەپ كۆردى، مەنمۇ كىرمەي ئىشىك ئالدىدىلا قىزلاردىن رازىيەنى سورىدىم، قىزلار ھەممىسى ئۇنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.  ھەممىنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرغان بىر قىز سەل خۇدۇكسىرەپ تۇراتتى،  ئۇ قىزنىڭ مىنەۋەر خانىم ئىكككىمىز تازىلىق ئۆيىدە پاراڭلاشقاندا ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان قىز ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ قالدىم.  شۇنىڭ بىلەن ياتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇ قىزنىڭ بېلىكىدىن كاپلا قىلىپ تۇتتۇم.  ئۇ قىز بۇنداق قىلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، چۈچۈپ ماڭا قارىدى. 

_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟ 

_ قىزچاق،  گەپ تېپىپ باشقىلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالسىڭىز سىزگە نىمە پايدىسى بار؟ 

ئۇ قىز ماڭا تىك قارىيالمىدى. 

_ نىمە دەۋاتىسىز؟ گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم. 

_ چۈشەنمىدىڭىز ئەمەس، تازا چۈشەندىڭىز.  ئەگەر مىنەۋەر خانىم ئىككىمىزنىڭ گېپىنى راستلا  ئاڭلىغان بولسىڭىز  شۇ كۈنى مېنىڭ مىنەۋەر خانىمغا نىمە دېگىنىمنى چوقۇم ئاڭلىدىڭىز.  بۇ گەپنى نىمىشقا رازىيەگە باشقىچە يەتكۈزىسىز؟ 

 مېنىڭ بىلىپ قالغىنىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ چۈشەنمىدىم دەپ تۇرىۋالماي،  ھىيلىگەرلىك قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. 

_   مىنەۋەر خانىم بىلەن تۇنۇشىدىكەنسىزغۇ، شۇ چاغدا ئۇ سىزدىن سورىغاندا سىز بېلەتنى رازىيەگە تاشلاڭ  دەپ قويغان بولسىڭىز  ئۇ قولىدىكى بېلەتنى نەرگىزەگە تاشلىمايتتى.  لېكىن ئۇ  تازىلىق ئۆيىدىن سىز بىلەن پاراڭلىشىپ چىقىپلا ھېچ ئىككىلەنمەي قولىدىكى  بېلەتنى نەرگىزەگە تاشلىدى.  ئەجىبا مىنەۋەر خانىمنىڭ قارارىنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقما؟  بۇنداق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟

_ دېمەك ئۇ سىزنىڭ پەرىڭىز شۇنداقمۇ؟ قىزچاق،  ئادەم دېگەن دېگەن گېپىگە ئىگە بولالىسا دېسە بولىدۇ.  سىز دەپ قويغان شۇ گەپنىڭ قانداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىنى بىلەمسىز؟ رازىيە  مەندىن رەنجىپ يىغلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، ئۇنى كېچىچە ئىزدەپ تاپالمىدۇق.  ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا سىز مەسئۇل بولالامسىز؟

ھېلىقى قىز ئاغزىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى، قارىغاندا ئۇ راستلا قورققاندەك قىلاتتى.  مېنىڭچە ئۇ گەپ تېپىپ رازىيە بىلەن ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالغاندا ئىشلارنىڭ بۇنچىۋالا ئېغىرلاپ كىتىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك.  رازىيە  بۇ يەردە بولمىغاندىكىن، بىزمۇ ئۇزۇن تۇرمايلا ئايرىلدۇق. 

 ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئۈمىد ماشىنىنى قوزغىتىشقا ئالدىرىمىدى.  ئۇ ماشىنىنڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرىۋېتىپ  بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.  ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. 

_ ساقچىغا مەلۇم قىلايلى بولمىسا_ دېدىم مەن. 

ئۈمىد قولىدىكى تاماكىنى كۈچەپ بىرنى شورىغاندىن كېيىن جاۋاب بەردى. 

_ قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتى 24 سائەتكە يەتمىسە ساقچىلار دېلو تۇرغۇزمايدۇ. 

 تۇيۇقسىز نىشاندىن ئېزىپ قالغان يولوچىدەكلا بولۇپ قالدۇق، رازىيەنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلمەيتتۇق.  ئەمما بۇنداق تۇرىۋەرسەكمۇ بولمايتتى. ئۈمىدمۇ ماڭا ئوخشاش ئويلىغان بولسا كېرەك، توختىماي تاماكا چېكەتتى. ئۇ نەچچىنچى تال تاماكىسىنى چېكىپ بولغان بولغىيتتىكىن،  ئالدى تەرەپتىكى بىر سودا ساراينى كۆرۈپ توساتتىن بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. 

_ فروزە ئىككىمىز رازىيەنىڭ سودا سارايدا پۇلنى سۇدەك خەجلەۋاتقىنىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئۇ پۇللارنى قەيەردىن تاپقىنىنى بىلىمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭغا پۇل بېرىدىغان سىزدىن باشقا يەنە بىرەيلەننىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما ئۇ كىم؟ قانداق تاپىمىز، بۇنى بىلمەيمەن، شۇڭا  ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ چاپلاپ باقساقمىكىن،  24 سائەت توشقىچە يەنە خەۋىرى بولماي قالسا ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلايلى. 

ئۈمىد تەكلىپىمنى ماقۇل كۆردى،  ۋە تېزلىكتە ئۈندىدار، مىكرو بلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئادەم ئىزدەش ئېلانى تارقاتتى،  يەنە  ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى باستۇرۇپ  بىر نەچچە ئادەم تېپىپ  چاپلاتقۇزدۇق.  ئاندىن داچىغا قايتىپ خەۋەر كۈتتۇق.  بىردەمدىن كېيىن فەرۇق بىلەن ئۆتكۈرمۇ كەلدى.  ئۇلارغا بولغان ئىشنىڭ جەريانىنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بەردۇق.  

_ رازىيەمۇ كىچىك بالا ئەمەس، ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى دەڭسەپ قىلالايدۇ، مېنىڭچە بۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق_ دېدى فەرق، ئۇنىڭ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ياساۋاتقىنىنى بىلىمىز.   لېكىن كىممۇ ئەنسىرىمەي تۇرالىسۇن.   ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە رازىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى، گەرچە بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىسىمۇ، ئەگەر رازىيە تېپىلماي قالسا مەن بۇ قارىغا قالغىنىم قالغان. 

رازىيە زادى قەيەرگە كەتكەندۇ؟


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k