
بۇ ئەسەرنىڭ 110 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
|||
109-قىسىم
ئەسلى بۇ قېتىملىق پىلاندا ئارامگاھتا ئۈچ كۈن ئويناپ قايتىدىغان بولغان، لېكىن ئەمدى ناشتىلىقنى يىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ماڭىدىغان بولدۇق، شىركەتنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى كۆپچىلىكنى تەشكىللەپ ئوينىتىدىغان بولدى.
نىگارە يولبويى شۇنچىلىك تەملىكن ھالەتتە ماڭدى، ھەتتا دوختۇرخانىغا كىرىپ دادىسىنىڭ بۇرنىغا تىقىپ قويۇلغان سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچنى كۆرۈپمۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتمىدى. فەرۇق دېرىزىگە يۆلىنىپ نىگارەنىڭ كىرگىنىگە قاراپ تۇراتتى. ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن فەرۇق بىلەن ئۈمىدنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى، ئۇلار خۇددى ناتونۇشلاردەك بىر بىرىگە قاراپمۇ قويۇشمىدى.
_ دادامغا نىمە بولدى؟_ نىگارە كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ دادىسىغا قاراپ سورىدى.
_ ئۇيقۇ دورىسىدىن بەك كۆپ ئىچىۋاپتۇ_ دېدى فەرۇق.
_ نىمىشقا ئەمدى؟
_ تۆنۈگۈن بەزمىخانىغا مېنى ئىزدەپ بېرىپتىكەن، ئەمەلىيەتتە مېنى ئەمەس، سىزنى ئىزدەيدىكەن، سىز بولمىغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى، قارىسام بىر خىل غەمكىن كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن كەينىدىن بېرىپ باقاي دەپ بىلدۈرمەي كەينىدىن ماڭغانتىم، ئۇدۇل ئۆيگە باردى. خاتىرجەم بولۇپ قايتىپ كەتكەنتىم. بىرەر ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە خاتىرجەم بولالماي ئۆيۈڭلارغا بېرىپ ئىشىكنى چەكسەم ئاچمىدى، تېلېفون قىلسام تېلېفونى ئۆينىڭ ئىچىدە سايرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلغانتىم، ئۇلار كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى، ھېلىمۇ دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەپتۇق_ دەپ تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى فەرۇق. ئاندىن ئۇ يانچۇقىدىن قاتلاقلىق بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ نىگارەگە سۇندى.
_ بۇ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتىكەن، ئېلىۋالغانتىم.
نىگارە قەغەزنى قولىغا ئېلىپ تېزلىكتە ئاچتى، مەنمۇ بېشىمنى سوزۇپ قاراپ«ۋەسىيەتنامە» دېگەن خەتنى كۆرۈپ قالدىم. ئەسلىدە نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى نادىرە پەرھات دادامنىڭ ياردەمچىسى بىلەن بىرلىشىپ شىركەتنىڭ پۈتۈن مەبلىغىنى يۆتكەپ قۇرۇقداپ قويۇپتۇ، ھازىر شىركەتتە ھېچقانداق پۇل قالمىغاننى ئاز دەپ گەدەنگىچە قەرزگە بۇغۇلۇپتۇ. پەرھات دادام تۆنۈگۈن كەچتە نىگارەنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالاي دەپ تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك، لېكىن نىگارەنىڭ تېلېفونى ئىتىلىپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ. ھېلىمۇ ياخشى فەرۇق پەرھات دادامنى قۇتۇلدۇرىۋاپتۇ، بولمىسا نىگارە ئۈمۈرلۈك پۇشايمانغا قالاتتى-دە. گەرچە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن نىگارە دادىسىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى بولمايدىغان قىز ئەمەس.
بىردەمدىن كېيىن پەرھات دادام ھۇشىغا كەلدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ نىگارەنى كۆرۈپلا كۆزىدىن ياشلىرى مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. دوختۇر كىرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، پەرھات دادامنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن پەرھات دادام كۆزىنى ئاچماي يېتىۋالدى. دېمىسىمۇ ئۈمرىنىڭ يېرىمىنى سەرپ قىلىپ تىكلىگەن ئىگىلىكىنى قاراپ تۇرۇپ باشقىلار تارتىۋالسا ئەلۋەتتە ئازابلىنىدۇ-دە. نادىرە بىلەن پەرھات دادامنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ھازىر قەيەرگە كەتكىنىمۇ نامەلۇم، يەنە كېلىپ ئۇلار بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئىكەن، دېمەك ئۇلار بۇ ئىشنى پىلانلاۋاتقىلى خېلى بولغان، ئىشنىمۇ سۇ كىرمەس قىلىپ بىجىرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. پەرھات داداممۇ بۇ ئىشنى ئۇ ئىككىسىنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن قولىدا پاكىت يوق بولغاچقا بۇ ئاچچىقنى ئىچىگە سىغدۇرالماي بىراقلا تۈگىشەيچۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ھازىرقى بىردىنبىر ئامال غايەت زور مەبلەغنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، قەرزلەرنى پاك پاكىزە قايتۇرىۋېتىش. لېكىن ئۇ ئاز پۇل بولمىسا.
ئىزچىل دېرىزگە يۆلىنىپ تۇرغان فەرۇق ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەددىنى رۇسلاپ:
_ مەن..._ دىيىشىگە، شۆھرەت ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى.
_ پۇلنىڭ ئامالىنى مەن قىلاي.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ فەرۇق جىمىپ قالدى. بىر ھېسابتا پەرھات دادام فەرۇق بىلەن نىگارەنى ئايرىۋەتكەن ئادەم، ئەسلى فەرۇق ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ نىگارەنىڭ دادىسى، دادىسىغا بىر ئىش بولسا نىگارە ئازابلىنىدۇ، نىگارە ئازابلانسا فەرۇق ئۇنىڭدىن بەكرەك ئازابلىنىدۇ. شۇڭا پەرھات دادامنىڭ كۆڭلىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ كەينىدىن بارغان گەپ. ئەمما ھازىر بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ پۇل جەھەتتىن ياردەم قىلغۇسى بولسىمۇ ياردەم قىلىدىغان يولى يوق.
پەرھات دادام رەسمىي كۆزىنى ئېچىپ ياتقاندىن كېيىن ئاۋۋال فەرۇق كەتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۈمىد ئىككىمىز ماڭدۇق. ئۆيگە بېرىپ ئاددىيلا سۇيۇقئاش ئەتتىم. ئادەتتە سۇيۇقئاشقا بەك ئامراق ئىدىم، لېكىن بۈگۈن پەقەتلا ئىشتىھايىم يوق. نىگارە مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، ئۇ بۇرۇندىن تارتىپ ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلىپ كەلگەن. ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ئەلۋەتتە قولۇمدىن كەلسە ئۇنىڭغا بەكمۇ ياردەم قىلغۇم بار. ئۈمىدكە بۇ توغرىلىق قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ كەتتى. ئۇ ھازىر نىگارەگە ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم.
_ نازىيە_ دېدى ئۈمىد تۇيۇقسىزلا.
_ ھە._ دەرھال ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ خاپا بولماڭ، بۇ ئىشتا دوستىڭىزغا ياردەم قىلالمايمەن_ دېدى ئۇ ئوچۇق قىلىپ.
ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى، ئەمما سىكۇنت ئىچىدە يەنە توغرا چۈشەندىم، دېمىسىمۇ ئۇنىڭغا كېتىدىغان پۇل ئاز پۇل ئەمەس تە. ياردەم قىلسا خۇش بولسام بولىدۇ، ئەمما ياردەم قىلمىسا ئاغرىنىشىمنىڭ ئورنى يوق. ئۈمىد قولىدىكى قوشۇقنى ئالدىدىكى چىنىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
_ ئۇلارنىڭ شىركىتى ھازىر دۇچ كەلگەن مەسىلە ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس، يەنە كېىپ پۇلنى تولۇقلاپ قويغانغىلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. مەن ئۇلارنىڭ شىركىتىنى سېتىۋالسام بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق، سىزنى خۇش قىلىمەن دەپ نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ ئۇ شىركەتنى سېتىۋالغىنىم بىلەن، مەن دېگەن سودىگەر، بۇنداق ئەھمىيەتسىز، پايدا چىقمايدىغان سودىنى قىلسام بولمايدۇ.
ئۇ بۇنداق دەۋاتسا مەن نېمىمۇ دىيەلەيمەن؟
_ كېرەك يوق، مەنمۇ چۈشىنىمەن. ئەتراپىمىزدا ياردەمگە موھتاج ئادەم يالغۇز پەرھات داداملا ئەمەس، قىيىنچىلىقى بار ئادەمنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىپ بولالمايمىز دە.
_ يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىساق بۇ دادا-بالا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى تازا ياخشى پۇرسەت، سىزنىڭچىچۇ؟
ئۈمىد توغرا دەيدۇ، شۆھرەت بۇ قېتىم پەرھات دادامنىڭ باش ئاغرىقىنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئۇمۇ شۆھرەتتەك كۈيئوغلىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئەتىسى ئەتىگەن يەنە دوختۇرخانىغا باردىم، دادىسىنىڭ كېسىلى ئۇنىڭغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەندەك نىگارەنىڭ كەيپىياتى يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تۇراتتى.
_ ئۈمىدنىڭ سىلەرگە بەكمۇ ياردەم قىلغۇسى بار، لېكىن ئۇنىڭمۇ قىينىلىدىغان يېرى بار ئىكەن_ دېدىم مەن گەپنى ياساپ.
_ ھېچقىسى يوق، نازى، شۆھرەت ئامال قىلالايمەن دېگەن ئىكەن، چوقۇم ئامال قىلالايدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
مەن نىگارەنى چۈشىنىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ دادىسىنىڭ شىركىتىگە، پۇلىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ، بۇ نەرسىلەرگە قارىغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئەڭ كېرەكلىكى ئاتا مېھرى. ئۇنىڭ دادىسى ھازىر ھېچنىمىسى يوق ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى، بىر ھېسابتا بۇ نىگارەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشى ئىش دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھازىر دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق. بەلكىم مۇشۇ ئىش بىلەن دادا بالا ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
بىر كۈنى كەچتە تاماق يەپ بولۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، ئۈمىد ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېڭى يىللىق ئائىلە بويىچە بىللە تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدىم، ئەمما كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام بارغۇم يوق، چۈنكى ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمنڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. يەرگە قاراپ جىمجىت ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، ئۈمىد ئاستا مۈرەمدىن قۇچاقلىدى.
_ بارغۇڭىز يوقلۇقىنى بىلىمەن. مېنىڭمۇ بارغۇم يوق. ئۇلارمۇ تامىقىنى يەۋەرسۇن، يېڭى يىلنى ئۆيىمىزدە ئىككىمىز بىللە ئۆتكۈزەيلى.
ئۇنىڭغا دەرھال رەددىيە بەردىم.
_ ئۇلار مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇڭا مېنىڭ بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇشال كەيپىياتىغا سوغۇق سۇ چاچقۇم يوق، لېكىن سىز ئۇلارنىڭ بالىسى، ئائىلە يىغىلىشىغا چوقۇم بېرىڭ. سىز بارمىسىڭىز دادىڭىز مەندىن كۆرىدۇ.
ئۈمىد ئاستا پىشانىسىنى پىشانەمگە تەگكۈزدى.
_مەلىكەم، سىز شۇنداق ئوڭلۇق. تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن يۈرىكىم ئىللىپ قالدى.
_ دادامنىڭ ئېيتىشىچە، دادام چوڭ دادامغىمۇ تېلېفون قىپتىكەن، لېكىن چوڭ دادام بارمايمەن دەپ تۇرىۋاپتۇ. بىرەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەيلى.
چوڭ دادامنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن مەنىلىك، غەمسىز كۈنلەر ئېسىمگە كېلىپ، «ماقۇل» دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
مىنەۋەر خانىمنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدىكىلەر ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، مىنەۋەر خانىم ھەر بىر خىزمەتچى ۋە شاگىرتلارغا يېڭى يىللىق سوۋغات بەردى. كۆپچىلىك ئالدىراش تىنەش نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرغىلى تۇردى. مەن ئادەم مودېلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بۈگۈن سۆزلەنگەن مەزمۇننى تەكرار قىلىۋاتاتتىم. مىنەۋەر خانىم يېنىمغا كەلدى.
_ نازىيە، دەم ئېلىشقا قويۇۋەتسەممۇ، سىز ماڭىدىغانغا ئالدىرىمايسىزغۇ؟
_ مەن ئالدىرىمايمەن، سىلەر مېڭىۋېرىڭلار.
_ نازىيە ئالدىراپ كەتكىنى بىلەنمۇ يا ئۆيىگە باراي دېسە ئاتا ئانىسى بولمىغاندىكىن، شۇڭا ئالدىرىمايۋاتامدىكىن _ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتقان ئامىنە پەرۋاسىزلا شۇنداق دېدى. ئەمما دەپ بولۇپ ئۆزىنىڭ خاتا گەپ قىلىپ سالغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي، ئاغزىنى تۇتۇپلا ماڭا، مىنەۋەر خانىمغا قارىدى.
_ ۋىيەي، مۇشۇ ئاغزىمنىزە، كەچۈرۈڭ، نازىيە_ دېدى.
_ ھېچقىسى يوق، دېگىنىڭىز يالغانمۇ ئەمەسقۇ_ دېدىم مەن كۈلۈپ.
_ ھە راست، ھېلىقى ئېگىز، كېلىشكەن ئېرىڭىزچۇ؟ ھازىر سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدىغاندۇ، كىم بىلىدۇ بىر ئۈستەل تاماق تەييار قىلىۋەتتىمۇ تېخى.
گەپ قىلماي بېشىمنى لىڭشىتىپلا قويدۇم. بىردەمدىن كېيىن ھەممەيلەن كەتتى. مەن ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم. مىنەۋەر خانىم ھەر قېتىم دەرس سۆزلىگەندە ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ كەسىپكە نىسبەتەن بىر ئوت بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ مىنەۋەر خانىمدەك كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ قالسام، ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئالدىدا بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئائىلە زىياپىتىگە بارالايمەن.
بېشىمنى پەس قىلىپ مودېلغا قاراپ، كىتابقا قاراپ بوينۇم ئاغرىپ كېتىپتۇ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ بوينۇمنى مىدىرلاتقاچ قارىسام مىنەۋەر خانىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ چىرىقى يېنىقلىق تۇرۇپتۇ. ئاستا بېرىپ ئىشىكنى چەكتىم، جىم، چىڭراق چەكسەممۇ يەنە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى پەسكە باستىم، ئىشىك قۇلۇپلانمىغان ئىكەن. ئىچىگە كىرسەم مىنەۋەر خانىم ئورۇندۇقتا بېشىنى كەينىگە قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ، ھاسىراپ كېتىپتۇ.
_ مىنەۋەر خانىم، نىمە بولدىڭىز؟ دورىڭىزچۇ؟ دورىڭىز قەيەردە؟
مىنەۋەر خانىم ئۈستەلنى كۆرسەتتى، مەن بېرىپ ئۈستەلنىڭ تارتمىسىدىن دورىنى تاپتىم، ئاندىن ئىستاكانغا قايناقسۇ ئېلىپ كېلىپ مىنەۋەر خانىمغا دورىنى ئىچكۈزدۈم. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى.
_ نازىيە، تېخى ماڭماپسىزغۇ؟_ دېدى ھاسىراپ تۇرۇپ.
_ مەن ئالدىرىمايمەن. بۈگۈن ئۆتكەن دەرىسىڭىزنى تېخى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمىدىم. شۇڭا تەكرار قىلىپ بولۇپ ماڭاي دەپ كەچ قالدىم.
مىنەۋەر خانىم چايدىن يەنە بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىپ، «ئۇف» دەپ بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى.
_ نازىيە، تىرىشقان ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. غەيرەت قىلىڭ.
_ سىزچۇ؟ سىزمۇ شۇنچە كەچ بولغىچە قايتماپسىزغۇ؟_ دەپ سورىدىم.
مىنەۋەر خانىم كۈلدى.
_ مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن. مەن تىكەندەك يالغۇز، ئۆيدە يولۇمغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئادىمىم يوق. شۇڭا ماڭا نىسبەتەن قەيەردىلا بولسام ئوخشاش.
مىنەۋەر خانىمنىڭ تىكەندەك يالغۇز دېگىنىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سوراپ باققۇم كەلدى، لېكىن يەنە توختاپ قالدىم. بىرىنچىدىن، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى بىلىشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن، ئىككىنچىدىن، ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارغا دېگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئىشلىرى بار بولىدۇ، بىكاردىن مىنەۋەر خانىمنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىپ قويۇشنى خالىمىدىم.
_ تېز قايتىپ كېتىڭ، يولدىشىڭىز يولىڭىزغا قاراپ تىت تىت بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ ھەقىچان.
_ لېكىن سىز يالغۇز......
ئۇ مېنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىپ كۈلۈپ كەتتى.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، دورا قولۇمدا، كېسىلىم قوزغىلىپ قالسا دەرھال دورا ئىچىۋالسام بولىۋېرىدۇ.
ئۇ مېنى ئۆيىڭىزگە قايتىڭ دەپ تۇرىۋالغاچقا ئامالسىز ماڭدىم. پەسكە چۈشكەن چاغدا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى، قارىسام ھەسەندىن كەلگەن ئىكەن، تېلېفوننى ئالمىدىم. لېكىن ئالمىغانچە ئۇ تېلېفون قىلىۋەردى. ئاخىرى چىدىماي ئالدىم.
_ زادى نىمە قىلاي دەيسىز؟ مېنى ئارامىمدا ياشىغىلى قويامسىز يوق؟
بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەك بىزەڭلەرچە ئەمەس، بىر خىل سالماق ئاھاڭدا گەپ قىلدى.
_ نازىيە، مەن بىلەن بىللە مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىڭ، مومام بىلەن بىللە تاماق يەپ كېلەيلى، بولامدۇ؟ مومامنىڭ سىزنى كۆرگۈسى كېلىپ كېتىپتۇ.
_ ياق_ قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ماڭا تەھدىت سالغۇدەك پۇرسەت بەرمىدىم. ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن قورقۇپ نىمە دېسە شۇنى قىلىپ يۈرسەم، مەن بەك پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەنمەن. مەن تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇ قايتا تېلېفون قىلمىدى.
سىرتقا چىقىپ بولۇپ ئويلاپ قالدىم. ھازىر ئۆيگە بارساممۇ ئۈمىد يوق، ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرىدىغان ئىش. ھازىر ھەممە ئادەم ئۆيىدىكىلىرى بىلەن جەم بولۇپ ئولتۇرسا، مەن قەيەرگە بارامەن؟ يول بويىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز تۇرسۇن مۇئەللىم ئېسىمگە كەلدى. تۇرسۇن مۇئەللىممۇ ئۆزى يالغۇز ھەقىچان، شۇ يەرگە بارايچۇ! شۇنىڭ بىلەن مېۋە چېۋىلەردىن ئازراقتىن ئېلىپ تاكسى بىلەن تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ماشىنىدىن چۈشۈپ، مۇئەللىمنىڭ ئۆيى بار كوچىدا كېتىۋاتسام بىر ماشىنا كېلىپ توىتاپ ماشىنىدىن بىرەيلەن چۈشتى، دەسلەپتە قارىمىدىم، لېكىن ئۇمۇ مەن بار كوچىغا ماڭغاچقا كەينىمگە قارىدىم، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، لېكىن مېڭىش ھالىتى شۇنچىلىك تۇنۇش كۆرۈنەتتى. يېقىن كەلگەندە قارىسام دەرۋەقە ئۆتكۈر ئىكەن.
_ نازىيە، ئائىلە يىغىلىشىغا سىز بارمىدىڭىزما؟- دەپ سورىدى ئۇ ھەيران بولۇپ. مەن ياق دەپ بېشىمنى چايقىدىم ۋە ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ سىزمۇ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە ماڭدىڭىزما؟
_ ھەئە.
ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى چەكسەك، ئىشىكنى فروزە ئاچتى.
_ ئىككىڭلار بىللە كەپسىلەرغۇ؟
_ ھە، كوچا ئاغزىدا ئۇچرىشىپ قالدۇق_ دېدىم مەن ئالدىراپ-تىنەپ.
_ ھە، كىرىڭلار. دادا، قاراڭە كىم كەپتۇ.
تۇرسۇن مۇئەللىم چىقىپ مېنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى.
_ نازىيەكەنغۇ بۇ؟
_ مۇئەللىم، مەنمۇ تامىقىڭلارغا داخىل بولاي دەپ كەلدىم.
تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆتكۈرگە قارىدى. فروزە سەل قىزىرىپ، تاتىرىپ تۇرۇپ:
_ دادا، بۇياق ئۆتكۈر بولىدۇ. مېنىڭ....
_ ھە، بولدى، چۈشەندىم، چۈشەندىم، قېنى كىرىڭلار بالىلىرىم.
ئارامگاھقا بارغاندا فروزە ئۆتكۈرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىمەن دېگەن، ئۇلارنىڭ ئىشى شۇنداق ئاسانلا پۈتكەنمىدۇ؟
كىرىپلا تاماق ئۈستىلىگە تىزىۋېتىلگەن ساماۋەر شورپىسىنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆردۈم.
_ بۈگۈن كەچتە ساماۋەر شورپىسى يەيدىكەنمىز دە، مۇئەللىم.
_ سىلەر ياشلارنى مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئامراق دەپ مۇشۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويدۇمغۇ؟_ دېدى مۇئەلىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ بەك ئەتراپلىق ئويلاپسىز مۇئەللىم.
تۇرسۇن مۇئەللىم بۈگۈن بەكلا خۇشال كۆرۈنەتتى. پەمىمچە ئۇ ئىزچىل فروزەدىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان، بۈگۈن ئۆتكۈرنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، قىزى ئۈچۈن خۇشال بولىۋاتقان بولسا كېرەك.
مەن دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، بىردەمدىن كېيىن دېرىزىدىن سىرتقا مۇنداقلا قارىسام پەستە بىرەيلەن تۇرغاندەك قىلاتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















