大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 91 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 91 - قىسىم aybarawazi
2023-09-09
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 92 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

91-قىسىم  



    بارماق دېسكىنى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم.  چاپاننى مەن يۇيۇپ بېرىمەن دەپ ئەكىرىپ كەتتىم، ئەگەر بارماق دېسكا يۈتۈپ كەتسە ئۈمىد مېنىڭ ئېلىۋالغىنىمنى بىلىپ قالىدۇ. بارماق دېسكىنى ئېلىۋېلىش ياكى ئېلىۋالماسلىق توغرىلىق ئارىسالدى بولۇپ بىر قارارغا كېلەلمەي قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز بىرەيلەن كېلىپ مۈرەمنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى، قولۇمدىكى بارماق دېسكا ئۇچۇپ قول يۇيۇش كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتتى. مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بارماق دېسكىنى ئېلىۋالغۇچە بىرەيلەن كېلىپ، «ھۆ» دەپلا بىر قۇسقىلى تۇرغانتى، ئەتىگەندىن بۇيان يىگەن تاماقلىرىنىڭ ھەممىسى قول يۇيۇش كۆلچىكىگە چۈشتى، ئۇ شارىلدىتىپ سۇ چۈشۈرگەنتى، بارماق دېسكا كۆلچەكتىكى غەلدە غەشتىلەر بىلەن بىللە تۈشۈككە كىرىپ كەتتى. «ئاھ» دەپلا قالدىم. تاكى بۇ ئايال قۇسۇپ ئىچىدە قۇسۇپ چىقارغىدەك نەرسە قالماي، قۇرۇق ھۆ بولۇپ ھالسىزلىنىپ كۆلچەكنىڭ يېنىدىكى تامغا يۆلىنىپ قالغۇچە مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتىم. قولۇمدا تېخى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئۈمىدنىڭ چاپىنى بار ئىدى. خېلىدىن كېيىن ئېسىمنى يىغىپ ئۈمىدنىڭ چاپىنىنى سۇ كۆلچىكىگە تۇتۇپ پاكىزە يۇدۇم. 

    مەن تازىلىق ئۆيىدىن چىققاندا ئۈمىد سىرتقا چىقىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرۈپ فەرۇقنى سورىدىم. 

_ مۇلازىمەتچىدىن بىرسىگە دېگەنتىم، ئۇنى يۆلەپ ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى، ھازىر قاتتىق ئۇخلاپ بولدى ھەقىچان. 

    ئۇ قولىنى سۇنۇپ چاپىنىنى ئالماقچى بولۇۋىدى، مەن چاپاننى چىڭ سىقىمداپ تۇرىۋالدىم ئۈمىد ھەيرانلىقتا سورىدى. 

_ نىمە بولدىڭىز؟ چاپىنىمنى بەرگۈڭىز كەلمەيدۇغۇ؟

_ چاپىنىڭىزنىڭ يانچۇقىدا ھېلىقى بارماق دېسكا بار ئىكەنتۇق، دېققەتسىزلىكتىن سۇ كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتتى،  ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. 

     ئۇنى تازاخاپا بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇ ئازراقمۇ خاپا بولمىدى. پەقەت بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تۆۋەن ئاۋازدا پەرۋاسىزلارچە:

_ چۈشۈپ كەتكەن بولسا مەيلى ئەمدى. يۈرۈڭ، كېتەيلى_ دېدى. 

      ئىشىنىمەنكى ئۇ بارماق دېسكىدا چوقۇم ئىنتايىن مۇھىم نەرسە بار بولمىسا ئۇ شۇنچە تەستە تىكلىگەن ئىگىلىكىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ بارماق دېسكىنى قولغا چۈشۈرەمتى؟ لېكىن ئۇ بارماق دېسكىنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئەجەب پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدىغۇ؟  ئۇ چاپىنىغا قايتا قول ئۇزاتماي ئالدىمدا گۈس گۈس دەسسەپ ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. بىز ئاۋۋال چاپاننى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا ئاپىرىپ بېرىپ ئاندىن ئۆيگە قايتتۇق. يولدا بارغۇچە ئۇ تۈزۈك گەپ قىلمىدى، پەمىمچە بارماق دېسكىنىڭ يۈتۈپ كەتكىنىدىن  خېلىلا خاپا بولغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا قاراپ زادىلا خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم. 

_ ئەسلى شۇ چاغدىلا ئادەم چاقىرىپ قول يۇيۇش كۆلچىكىنى چۇۋۇپ چىقىرىپ قاراپ باققان بولسام بارماق دېسكىنى تاپقىلى بولار بولغىيتتى، ھەممىسى مېنىڭ دۆتلۈكۈمدىن بولدى. يا بولمىسا ھازىر بېرىپ كۆلچەكنى چۇۋۇپ قاراپ باقامدۇق؟

     ئۇ گېپىمگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالدىغا تىكىلگەن، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، ئىككى قولىدا رولنى چىڭ تۇتقان ھالدا كېتىۋاتاتتى، شۇ ھالەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويلاۋاتقىنىنى پەرەز قىلىشمۇ تەس ئىدى، خېلىدىن كېيىن بىر ئېغىزلا گەپ قىلدى. 

_ بولدى.  

بارماق دېسكىنىڭ يۈتۈپ كەتكىنى ئۇنىڭ ھېچ يېرىگە كەلمىگىنىگە ئىشەنمەيمەن، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۇ ھەقىقەتەن بارماق دېسكىنىڭ ئىشى ئۈچۈن خاپا بولۇپ، ئىچىنى سىقىپ يۈرمىدى، بەلكى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردۇق. 

     ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، بىر كۈنى چۈشلۈكى ئولتۇرسام مىنەۋەر خانىم تېلېفون قىلىپتۇ. بىر سائەتتىن كېيىن مىنەۋەر خانىمنىڭ ياردەمچىسى، يەنى مېنى دوختۇرخانىدا مىنەۋەر خانىمنىڭ يېنىغا ئېلىپ چىققان  مىنەۋەر خانىم بىلەن بىللە يۈرىدىغان قىز رەيھان ماشىنا بىلەن مېنى داچىغا ئالغىلى كەلدى. مەن تېلېفوننى قويۇپلا ياسىنىپ تارىنىپ تەييار بولۇپ تۇرغان ئىدىم، سومكامنى ئېسىپلا رەيھان بىلەن بىللە يۈرۈپ كەتتىم.  ياردەمچى رەيھان قارىماققا يېشى 30لاردا بار، ئىنتايىن نازاكەتلىك ئايال ئىدى، مىنەۋەر خانىم بىلەن بىللە يۈرىۋېرىپ ئۇنىڭ نازاكەتلىك سۈلكەتلىك تەرەپلىرى تەسىر قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئۇمۇ مىنەۋەر خانىمغا ئوخشاش ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن،  مېنى زېرىكىپ قالمىسۇن دېدىمىكىن، يولبۇيى  مەن بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدى. ماشىنا خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر ھويلىلىق ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدى. بۇ ھويلىلىق ئۆي ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھويلىنىڭ ئىچىدە ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان داچا بار ئىدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ رەيھان بىلەن بىللە قورونىڭ ئىچىگە كىردىم. پۈتكۈل قورو ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن،  لېكىن كىچىك تاش ياتقۇزۇلغان يوللار پاكىزە تازىلانغان ئىدى.  رەيھان مېنى داچىغا باشلاپ كىردى. داچىنىڭ ئىچىمۇ ئىنتايىن ئېسىل بېزەلگەن ئىدى.  مىنەۋەر خانىم ياۋرۇپا پاسونىدىكى ھەقىقىي خۇرۇم كرىسلودا بىر پارچە ژورنالنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى،  ئۇنىڭ ئالدىدىكى تومپۇچكا ئۈستىدە يەنە بىر مۇنچە ژورناللار بار ئىدى. 

_ مىنەۋەر خانىم، نازىيەنى ئېلىپ كەلدىم_ دېدى رەيھان ئەدەب بىلەن. 

    مىنەۋەر خانىم مېنى كۆرۈپلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كېلىپ مەن بىلەن كونا تۇنۇشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن بايىقى سەل ئەيمىنىپ قېلىشلىرىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.  مىنەۋەر خانىم قولۇمدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. 

_ يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ سىزنى بىر يوقلاپ كېلەرمەن دەپ ھېچ ۋاقىت چىقىرالماي كەتتىم، بەك سەت بولدى_ دېدىم مەن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ. 

_ مەن ياخشى تۇرىۋاتىمەن، شۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىلا ئۆتىۋاتىمەنغۇ.  مەنمۇ سىزنى نەچچە قېتىم ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىمەن دەپ ھېلى ئۇ ئىش ھېلى بۇ ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ قالدىم. سىزگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن دەپمۇ شۇنچە ئۇزۇن يوقاپ كەتتىم، ئالدىڭىزدا راستلا بەك خىجىل بولۇپ كېتىۋاتىمەن. 

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. 

_ ئۇنداق دېسىڭىز مەن خىجىل بولۇپ قالىمەن. ئالايىتەن رەھمەت ئېيتقۇدەك ئىشمۇ يوق. مېنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىرسى بولسىمۇ ئوخشاشلا قىلاتتى. 

_ ئولتۇرۇڭ، ئولتۇرۇڭ_ دەپ كۈلۈپ كەتتى مىنەۋەر خانىم.   

     شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز داۋالاش، كۈتۈنۈشكە دائىر تېما ئۈستىدە خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭغىچە رەيھان چاي دەملەپ ئېلىپ چىقىپ قۇيۇپ قويدى.  خېلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مىنەۋەر خانىم ماڭا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۆز قولى بىلەن ئۆزى ئەڭ ئۇستا پولو ئېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆيدە مىنەۋەر خانىمنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدىغان ئۆي خىزمەتچىسى بار ئىكەن، لېكىن قارىسام ئۆي خىزمەتچىسى ئاشخانا ئۆيگە كىرمەيدىكەن، تاماقنى مىنەۋەر خانىم ئۆزى ئېتىدىكەن. تەييار تاماقنى ساقلاپ ئولتۇرۇشنى بىئەپ كۆرۈپ ياردەملەشكۈدەك ئىش بارمىكىن دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىردىم، مىنەۋەر خانىم ئالدىغا پەرتۇقنى تارتىپ سەۋزە ئاقلاۋاتقان ئىكەن. 

_ مەن ياردەملەشكۈدەك ئىش بارمۇ،مىنەۋەر خانىم؟

_ ۋاي ياق بولدى، ئۆزۈم ئېتىمەن. تاماق پىشقاندا يەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. ھە راست،  سىزدىن پولو يەمسىز دەپ سوراپمۇ باقمايلا پولوغا تۇتۇش قىلىپ قاپتىمەنغۇ؟

_ ھە، مەنمۇ پولو يىيىشكە ئامراق. شۇغىنىسى سىزنى تازىمۇ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇممۇ نېمە؟

_ نېمە دەيدىغانسىز؟ تاماق ئېتىش ئايال كىشىنىڭ ھوزۇرى، ئاشخانا ئۆي دېگەن بىزنىڭ كىچىك دۇنيارىمىز. باشقا ئاياللار قانداقكىن بىلمەيمەن، لېكىن مەن تاماق ئېتىشنى جاپا ئەمەس، ھوزۇر دەپ بىلىمەن. 

   مىنەۋەر خانىمنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئايال بولۇپلا قالماي ئۆي تۇتۇشقىمۇ ئېپى بار، چاققان ئايال ئىكەنلىكى گەپ-سۆز، ئىش ھەرىكەتلىرىدىن چىقىپلا تۇرىدۇ. ئىشىك تۈۋىدە  ئۇنىڭ ئەپچىل ھەرىكەتلىرىگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ئۇ پولونى تېزلا دۈملەپ بولدى ۋە سوغۇق سەي تەييارلاشقا تۇتۇندى. ئۇنىڭغىچە پولونىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالدى. 

_ باشقا تاماقنىمۇ خېلى ئوبدان ئېتىمەن، لېكىن مۇشۇ پولو ئېتىشكە خېلى ئوبدانلا ھەۋىسىم بار ئۆزۈمنىڭمۇ.  ئىشقىلىپ مەن ئەتكەن پولونى يىگەن ئادەم ماختىماي قالمايدۇ. 

    تاماق پىشتى، ئۆي خىزمەتچىسى، رەيھان، مىنەۋەر خانىم، مەن تۆتەيلەن  مىنەۋەر خانىم ئەتكەن پولونى ماختاپ ئولتۇرۇپ يىيىشتۇق، تاماق ھەقىقەتەن بەك ئوخشىغان ئىدى.  تاماقتىن كېيىن مېھمانخانا ئۆيدە بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. پاراڭ ئارىلىقىدا ئۈستەلدە تۇرغان بىر پارچە ئېلان تەشۋىقات قەغىزىنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باقتىم. «مىنەۋەر خانىم شاگىرت قوبۇل قىلىدۇ».  مىنەۋەر خانىم گىرىم قىلىش، چۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى خېلى زور ئايال، ئۇنىڭغا شاگىرت بولىمەن دەيدىغانلارمۇ نۇرغۇنغۇ دەيمەن.  قولۇمدىكى قەغەزگە قاراپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ مىنەۋەر خانىم سورىدى. 

_ نىمە، سىزمۇ قىزىقامسىز؟ 

      مەن بەكمۇ ھاياجانلاندىم، ئەمما يەنە مەن بۇ كەسىپنى ئۆگىنىشكە ماس كېلەرمەنمۇ دەيدىغان ئەندىشىمۇ بار ئىدى، بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن مىنەۋەر خانىمغا ئۆزۈمنىڭ جۇڭيى تىبابىتى بىلەن ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم، ئويلىمىغان يەردىن مىنەۋەر خانىم پىكىرىمنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. 

_ بۇ ئويىڭىز بولىدىكەن،  سىز ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئىنتايىن كۈچلۈك قىزكەنسىز،  ئەگەر ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىنى جۇڭيى تىبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان بولسىڭىز بۇ تولىمۇ ئىستىقباللىق كەسىپ بولۇپ قالىدۇ، مەن سىزگە ئۆگىتەي، ماڭا شاگىرت بولۇشنى خالامسىز؟

«ئاھ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ يېقىملىق گەپ بولامدۇ؟»

_   خالايمەن، ئەلۋەتتە، جان دەپ خالايمەن. 

_ مەنمۇ سىزدەك شاگىرتنى قوبۇل قىلالىسام خۇش بولىمەن، ھەرقانداق كەسىپنىڭ ئىز باسارى بولمىسا بولمايدۇ. مەن شاگىرت قوبۇل قىلىشتا بۇ كەسىپتە تالانتى بار يوقلۇقىغىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئادىمىلىكىگە، ئەخلاق پەزىلىتىگە قارايمەن. نازىيە، بۇ شەرتلىرىمگە سىز لىقلا چۈشىسىز. 

    مىنەۋەر خانىمدەك ئۇستازنىڭ شاگىرتى بولۇش كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ياخشى پۇرسەت. ماڭىدىغان چاغدا مىنەۋەر خانىم ماڭا مۇشۇ ساھەگە ئالاقىدار نۇرغۇن ماتېرىياللارنى بەردى ۋە ئاۋۋال مۇشۇ ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرۈپ چىقىشىمنى، ئاندىن ئالدىرىماي ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

     مەن ماڭىدىغان چاغدا رەيھان بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىكەن، مىنەۋەر خانىم ماشىنا ھەيدەپ ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرىۋالدى، بۇنىڭغا قانداقمۇ ماقۇل بولاي؟ ئۆزۈم تاكسى بىلەن كېتەلەيمەن دەپ ئۇنىماي قايتىپ چىقتىم. مىنەۋەر خانىمنىڭ تۇرالغۇسى چەترەك جايدا، يەنە كېلىپ قار قېلىن يېغىپ كەتكەن بولغاچقا خېلى يەرگىچە ماڭغان بولساممۇ بىرمۇ ماشىنا ئۇچرىمىدى. يەنە ئون نەچچە مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى قارشى تەرەپتىن بىر تاكسى كەلدى. ئەمدى تاكسىنى توسۇي دەپ قولۇمنى كۆتۈرۈشۈمگە كەينىمدىن موتوسىكىلىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. كەينىمگە قارىسام بىر نەچچە موتوسىكىلىت ئۇدۇل مەن تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتاتتى. دەرھال يولنىڭ چېتىگە ئۆتىۋالدىم، لېكىن موتوسىكىلىتلار ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ توختاپ، مېنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋالدى. موتوسىكىلىت توختىغان بولسىمۇ  غۇڭ غۇڭ قىلغان ئاۋازى تېخىچە توختىمىغان ئىدى. تاكسى شوپۇرى مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتىۋاتقاندا بىر نەچچە قېتىم قاراپ قويدى ۋە ئاخىرى يەنىلا توختىماي كېتىپ قالدى. 

     مەن سەل قورقۇپراق ئەتراپىمدا موتوسىكىلىتنىڭ رولىغا ئېسىلىپ تۇرغانلارغا قارىدىم، ئۇلار پۇتلىرىغا يوغان ئۆتۈك كىيىپ، ئۇچىسىغا خۇرۇم چاپام كىيىۋالغان،  بويۇنلىرىغا جالدۇر جۇلدۇر بىر نىمىلەرنى ئېسىۋالغان بولۇپ قارىماققىلا ياخشى نېمىلەردەك قىلمايتتى. 

_ نى....نمە قىلماقچى سىلەر؟ 

     ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ سەت چىرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇلارغا بىر بىرلەپ قاراپ چىقتىم، كۆزۈم قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بىرىگە چۈشتى. ئۇ  يوغان ئۆتۈك كىيىۋالغان بىر پۇتى بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرغان، كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقاپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا تۇنۇش چىراي كۆرۈندى، ئەمما قارا كۆزەينەك تاقىۋالغاچقا تۇنۇيالمىدىم.  قولۇمنى ئاستا يانچۇقۇمغا سېلىپ تېلېفونۇمنى چىقىرىشىمغا بىر قار پومزىكى كېلىپلا ماڭا تىگىپ تېلېفونۇم قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. ئېڭىشىپ تېلېفوننى ئالاي دىيىشىمگە بىرى كېلىپ ئېلىۋالدى ۋە ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىۋالدى، ئۇنىڭغا مېنىڭ قولۇم يىتەتتىمۇ؟  تېلېفونۇمنى ئېلىۋالغان ئەرگە قارىدىم، شۇنچىلىك تۇنۇش. قەيەردە كۆرگەن بولغىيتتىم. 

_ سەن زادى كىم؟ نىمىشقا تېلېفونۇمنى ئېلىۋالىسەن؟ 

    ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ كۆزىدىكى قارا كۆزەينىكىنى ئالدى. 

_ «ھە؟ ئۇ؟» ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى.  ئالدىمدا تېلېفونۇمنى بىر قولىدا تۇتۇپ تۇرغىنى شېرزات ئىدى. 

_ نېمە، مېنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىڭىزمۇ نىمە؟

     ئەلۋەتتە ھەيران قالىمەن دە، ئۇنىڭ قاچان يېنىپ چىققىنىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. 

_ تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ_ تېلېفونۇمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قولۇمنى سۇندۇم، لېكىن ئۇ ھېچ ماڭا بېرىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ بېرىپلا لىكىدە سەكرەپ موتوسىكىلىتىغا مىندى.  باشقا ئىككىيلەن موتوسىكىلىتتىن چۈشۈپلا يېنىمغا كېلىپ مېنى كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئاپىرىپ شېرزاتنىڭ موتوسىكىلىتىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ قويدى.  سەكرەپ چۈشۈپ كېتەي دەپ بولغىچە موتوسىكىلىت ئۇچقاندەك مېڭىپ كەتتى. موتوسىكىلىت بەك تۇيۇقسىز قوزغالغاچقا تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى. ھېلىمۇ ياخشى چاققانلىق بىلەن شېرزاتنىڭ چاپىنىنى تۇتىۋالدىم. ئۇنىڭ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن، شۇڭا ھەرقانچە قورقۇپ كەتسەممۇ ئاۋازىمنى چىقارمىدىم. موتوسىكىلىتنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئىدى. قىشنىڭ ئاچچىق شامىلى يۈزۈمنى قاتۇرۇپ قويايلا دېگەن ئىدى. 

_ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟

     ۋاقىراپ دېگەن بۇ گېپىمنى ئۆزۈممۇ ئىنتايىن تەستە ئاڭلىيالىدىم، ئېنىقلا شېرزاتنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيتتى. ئۇ قايرىلىدىغان جايلاردىمۇ موتوسىكىلىتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتاي دېمەيتتى. ئۇنىڭ كىيمىنى چىڭ تۇتىۋالمىغان بولسام بەلكىم ئاللىبۇرۇن ئۇچۇپ كەتكەن بولاتتىم. قانچىلىك ماڭدۇقكىن، ئىشقىلىپ بەدەنلىرىم مۇزلاپ قېتىپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا موتوسىكىلىت بىر تاغنىڭ باغرىغا بېرىپ ئاندىن سۈرئەتنى ئاستىلاتتى، ئۇ تۇيۇقسىز موتوسىكىلىتنىڭ بېشىنى بۇراپلا تاغقا قاراپ يامىشىشقا باشلىدى، بۇ  كەڭلىكى ئۈچ تۆت مېتىر كەلگۈدەك تاق يۆنىلىشلىك يول ئىدى، يولدا ئاياق ئىزى بىلەن ماشىنا چاقىنىڭ ئىزى بار ئىدى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئۇ موتوسىكىلىتنىڭ بېشىنى بىر كۆتۈرگەن ئىدى، مەنمۇ كەينىمگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدىم،  چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىر قولۇم بىلەن ئۇنىڭ چاپىنىنى يەنە بىر قولۇم بىلەن ئورۇندۇقنى تۇتىۋالغان ئىدىم. 

_ مېنى زادى قەيەرگە ئاپىرىسىلەر؟

_ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى. 

   تاغ يولى ئەگرى بۈگرى ئىكەن، موتوسىكىلىتنىڭ چاقى نەچچە قېتىم تېيىلىپمۇ كەتتى، ئەمما ئۇلار ھېچ توختاپ قالاي دېمەي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى. 

_ شېرزات، مېنى چۈشۈرۈپ قويۇڭ_ ئۆتۈنگەن ئاھاڭدا دېدىم. 

ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلامتى؟ شۇ ماڭغانچە تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ ئاندىن توختىدى. سوغۇقنىڭ دەستىدىن يۈزۈم سەزمەس بولۇپ قالغان ئىدى. 

_ ھەسەن ئاكا_ دەپ ۋاقىرىدى شېرزات تۇيۇقسىز. 

     كۆزۈمنى تەستە ئېچىپ قارىدىم، يېقىنلا يەردە بىر موتوسىكىلىتنىڭ ئۈستىدە تاماكا چېكىپ ھەسەن تۇراتتى. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k