
بۇ ئەسەرنىڭ 69 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68-قىسىم
نازىيە دەپ يېزىقلىق بۇ تېلېفون نومۇرنىڭ رازىيەنىڭ ئىكەنلىكىنى ھېلىقى ئۇچۇرنى يازغان ئادەمنىڭ رازىيە ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئاندىن بىلگەن ئىدىم.
ئۈمىد تېلېفوننىڭ قوش ئاۋازىنى ئېچىپلا گەپ قىلدى.
_ سىز قەيەردە؟
تېلېفوندىن رازىيەنىڭ ئىنچىكە ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ئۈمىد ئاكا، دوستۇم بىلەن مېھمانخانىدا باشقا بىر پروگراممىغا مەشق قىلىۋاتاتتۇق، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئورۇنلايدىغان نومۇر ئىدى. ۋاقىت بەك زىچ، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەشق قىلمىساق بولمايدىكەن.
_ ئەمىسە شوپۇرنى مېھمانخانىغا ئەۋەتەي_ دېدى ئۈمىد.
_ بولدى، بولدى، ئۈمىد ئاكا. قارىغاندا كېچىچە مەشق قىلىدىغاندەك تۇرىمىز، شوپۇر كەلمىسىمۇ بولىدۇ.
ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ يا راستلا شۇنداقمۇ، ئىشقىلىپ رازىيەنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.
_ ئەمىسە، شۇنداق بولسۇن ئۈمىد ئاكا، مەن مەشىققە كىرىپ كەتتىم_ رازىيە ئۈمىدنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتمەيلا شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
شۇ كۈنى كېچىسى پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، ئۈمىدمۇ ، رازىيەدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، تولا ئۆرۈلۈپ ياخشى ئۇخلىيالمىدى.
ئەتىسى ئەتىگەن سەھەردە ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئۈمىد ناشتىلىق تەييارلاۋاتاتتى، شۇڭا مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا رازىيە تۇراتتى، ئۇچىسىدا تۆنۈگۈنكى كىيىمى، گىرىمىمۇ شۇ پىتى ئىدى.
_ نازىيە ئاچا، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ ئازراق نەرسە كېرەكلىرىمنى ئېلىۋالاي دەپ كەلگەنتىم، كىيمىمنىمۇ ئالماشتۇرىۋالاي.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئۈستۈنكى قەۋەتكە يۈگۈردى. ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇردۇم، قانچە ئويلىسام ئۇ ئۆزىدىكى جىددىيلىكنى زورىغا بېسىپ تۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى. گەرچە ئۇ يالغانچىلىقنى خېلى قاملاشتۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېشى كىچىك بولغاچقا ئۆزىدىكى بەزى ھېسسىياتلارنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى.
رازىيە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۈستىدىن چۈشكەندە، ئۈمىد ناشتىلىقىنى تەييارلاپ ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىپ بولغان ئىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، بەك ئالدىرايمەن مەن مېڭىۋېرەي، يەنە رەپىتىس بار ئىدى.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئۆرۈلۈپ ماڭدى، راست ئالدىراشمۇ ياكى بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتامدۇ، بىلمىدىم.
_ رازىيە_ ئۈمىد ئۇنى چاقىردى.
رازىيە قەدىمىنى توختىتىپ، ئاستا كەينىگە ئۆرۈلدى.
_ نىمە ئىش، ئۈمىد ئاكا؟
ئۇ ئۇچىسىغا سۈت رەڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن، سرتىغا ئاق رەڭلىك قىسقا نوركا چاپان كىيىۋالغان، چېچىنى يەنە تۆنۈگۈنكىدەك تۈگۈۋالغان ئىدى، كىيىمى ۋە چېچىغۇ شۇنداق چىرايلىق، لېكىن سەل چوڭ چىراي كۆرسىتىپ قويغاندەك قىلاتتى.
_ قولىڭىزغا نىمە بولدى؟_سورىدى ئۈمىد.
رازىيە دەرھال قولىنى كەينىگە قىلماقچى بولدى يۇ، لېكىن ئۈمىدنىڭ ئاللىبۇرۇن كۆرۈپ بولغانلىقىنى بىلىپ ئالدىغا چىقىرىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلدى.
_ ھېچنىمە. تۆنۈگۈن رەپىتىس قىلىۋاتقاندا يىقىلىپ چۈشتۈم.
ئۇنىڭ بېلىكىدە خېلىلا چوڭ يەرنىڭ كۆكىرىپ قالغىنىنى ئۇ قولىنى ئالدىغا چىقارغاندىلا ئاندىن كۆردۈم، دەسلەپتە دېققەت قىلماپتىكەنمەن، لېكىن ئۈمىد دېققەت قىپتۇ. مېنىڭچە ئادەم بىر ئادەمگە كۆڭۈل بۆلگەندە ئاندىن ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە دېققەت قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
_ شۇنداق كېچە كۈندۈز ئۇخلىماي رەپىتىس قىلامدىكەنسىلەر؟ ئادەمنىڭ جېنى تۆمۈر ئەمەس، بۇنداق قىلغىلى تۇرساڭلار رەسمى مۇسابىقە باشلانغۇچە يىقىلىپ قالىسىلەر جۇمۇ.
ئۈمىد يەنىلا رازىيەگە بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن. رازىيە كەينىگە ئېسىۋالغان سومكىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازدا:
_ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشمىسام بولمايدۇ. بولدى مەن ماڭاي، ئۇلار ماڭىلا قاراپ قالغان_ دېدى ۋە يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتى.
تۆنۈگۈن تېرىنېردىن تىل ئىشىتكەچكە بۈگۈن يەنە شۇنداق بولمىسۇن دەپ قورقۇپ ناشتا قىپ بولۇپلا شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارماقچى بولدۇم. ئۈمىد ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرىۋالدى، مەن ئۇنىڭ شوپۇرلۇق مەكتەپتە ھەسەننى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بولدى دەپ خېلى تارتىشىپ باقساممۇ ئۇ ئۇنىماي تۇرىۋالدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ كۈنى ھەسەن كۆرۈنمىدى.
_ نازىيە، كەلدىڭىزما؟
بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇ يېقىملىق سىلىق ئاۋازنىڭ مۇز چىراي دەپ نام ئالغان تېرىنېرنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىگە ئۆزىنى كۆرمىگەن بولسام ھەرگىز ئىشەنمىگەن بولاتتىم. ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
_ ھەئە، تېرىنېر. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ ئىش بۇ ئىش بىلەن تولۇق كېلىپ بولالمىدىم، ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنمىسەم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم سىزنىڭ يۈزىڭىزگە سەت بولار.
تېرىنېر رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.
_ ھە، مانا بۇ گېپىڭىز جايىدا بولدى، ئۆگەنگۈچى سىزدەك بولسا ئۆگەتكۈچىنىڭمۇ ھاردۇقى چىقىدۇ. ياخشى ئۆگىنىڭ، بۈگۈندىن باشلاپ سىزگە بىرگە بىر يىتەكچىلىك قىلىمەن.
بىرگە بىر يىتەكچىلىك قىلىمەن؟ بۇنىڭغا ئايرىم پۇل ئالار ھەقىچان.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، ئايرىم ھەق ئالمايمەن_ تېرىنېر كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك كەينىگە ئۇلاپ قويدى. ئۇ دېگەندەك ماڭا يالغۇزلا ئۆگىتىشكە باشلىدى، باشتا مەن بىلەن بىللە ئۆگىنىۋاتقان بىر نەچچەيلەننى باشقا ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. تېرىنېر راست دەۋاتامدۇ ياكى يالغاندىن دەپ قويۇۋاتامدۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن:
_ مەن ھەربىر ئۆگەنگۈچىگە مەسئۇل بولمىسام بولمايدۇ. سىز بىر مەزگىل كىلەلمىدىڭىز، شۇڭا قېپ قالغان مەشقلىرىڭىزنى بىرمۇ بىر تولۇقلاپ بېرىمەن_ دېدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز مۇلايىملىشىپ قالغىنىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم ھەم تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.
ماشىنىنى قوزغاتقاندا مۇفتىنى باشقۇرالماي ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قويۇپلا تۇراتتىم، بىر نەچچە قېتىم ئوت ئالدۇرۇپ يۈرۈپ ئاران قوزغاتتىم، لېكىن ماينى بىراقلا دەسسىۋېلىپ ماشىنا بەك تېز مېڭىپ كەتتى، يەنە جىددى تورمۇز قىلىپ توختاتتىم، تېرنېرمۇ ئۆزىنى توختىتىۋالالماي تاس قالدى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۈسۈۋالغىلى. «ئاھ تۈگەشتىم» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ۋە تىل ئىشىتىشكە تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدىم. ئەگەر بۇرۇن بولغان بولسا بۇنداق مەشغۇلات قىلسام چوقۇم تىل ئىشىتەتتىم. ئەمما بۈگۈن ئۇ تولىمۇ سىلىق گەپ قىلدى.
_ ماشىنىنى قوزغىتىشنى كۆپرەك مەشق قىلسىڭىز بولغىدەك ھە، ئىمتىھان ۋاقتىدا مۇشۇنداق ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قويىدىغان بولسىڭىز ئۆتەلمەيسىز جۇمۇ.
ئۇنىڭ ئاچچىقلىمىغىنىدىن ھەيران قالدىم.
_ چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن، ئىمتىھاندا بىر يولدىلا ئۆتۈپ ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن.
ماشىنا مەشق قىلىش ئاخىرلاشقاندا فروزەدىن تېلېفون كەلدى. ئىككىمىز تېلېفون نومۇرلىرىمىزنى ساقلىۋالغان بىلەن ئەزەلدىن تېلېفون قىلىشىپ باقمىغان ئىدۇق. شۇڭا ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلگىنىدىن سەل ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئايقىزنى كۆرگىلى بارماقچىكەن، بوۋاقلارغا كېرەكلىك نەرسە ئېلىۋالاي دەپ ئويلاپتىكەن، لېكىن نىمە ئېلىشنى بىلمەپتۇ، مېنى بۇنداق ئىشلارنى چوقۇم بىلىدۇ دەپ ماڭا تېلېفون قىلغىنى ئىكەن. مەنمۇ ئايقىزنى كۆرمىگىلى خېلى ۋاقىت بوپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سودا سارايدا كۆرۈشىدىغان بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. شوپۇرلۇق مەكتەپتىن چىقىپ تاكسى بىلەنلا بىز دىيىشكەن سودا سارايغا باردىم، مەن بارغاندا فروزە سودا ساراينىڭ ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئىككىمىز كۆرۈشۈپ سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئانىلار ۋە بوۋاقلار بويۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكانغا ماڭدۇق. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەردە رازىيەنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ بىر نەچچە قىزلار بىلەن داڭلىق بۇيۇملار دۇكىنىنى ئارىلاۋاتقان ئىكەن. ئۇ بىزگە ئالدىراش رەپىتىس قىلىمەن دېگەن ئىدىغۇ، ئەجەب بازار ئايلىنىشقا ۋاقتى چىقىپتۇغۇ. مەن ئادەتتە بەك قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كەتمەيمەن، ئەمما ئۇ ئايلىنىۋاتقان دۇكاندىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇ نەرسىلەرگە چىقىنىپ بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار دەۋاتقانتغۇ؟ ئۈمىد ئۇنىڭغا مۇشۇنچىۋالا كەڭتاشا خەجلىگۈدەك پۇل بېرىۋاتامدىغاندۇ؟
_ ياقتۇرغان نەرسەڭلارنى تاللاڭلار، مەن ئېلىپ بېرىمەن_ رازىيە ئۆزى بىلەن بىللە ئايلىنىۋاتقان بىر نەچچە قىزغا شۇنداق دېدى. قىزلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى.
_ رازىيە، سەن بەك ياخشى جۇمۇ.
رازىيە قاراشقىلا شۇنداق قىممەت باھالىق كۆرۈنىدىغان بىر ئەتىرنى تۇتتى.
_ ماڭا بۇ ئەتىرنىڭ ئايالچىسىدىن بىرنى، ئەرەنچىسىدىن ئىككىنى ئوراپ بېرىڭ.
_ ئۇنچىۋالا جىق ئەتىر ئېلىپ نىمە قىلىسەن، رازىيە؟_ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن قىزدىن بىرسى ئەجەبلىنىپ سورىدى.
_ باشقىلارغا سوۋغا قىلىمەن_ كۈلدى رازىيە. ھازىر ئەتراپىدىكى قىزلار ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ ئاسمانغا چىقىرىۋەتكۈدەك قىلىۋاتقاچقا سەل نېرىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان مېنى كۆرمىدى.
_ نازىيە، نىمە بولدى، تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ؟_ دېدى فروزە مېنىڭ ماڭماي تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ.
_ ھە، ھېچنىمە_ دەپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. دۇكاندىن بوۋاقلار كىيىملىرى بىلەن ئويۇنچۇق نەرسىلەرنى ئېلىپ فروزەنىڭ ماشىنىسى بىلەن مېھراينىڭ ئۆيىگە باردۇق. فروزەنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى بىللە بارايلى دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم. ئۇ بوۋاقلارغا نىمە ئېلىشنى بىلەلمىدى ئەمەس، بەلكى مېھراي بىلەن بەك تونۇشۇپ كەتمىگەچكە ئوڭايسىزلىنىپ قالماي دەپ مېنى چاقىرىۋالغان گەپ.
بوۋاق بالا بەك تېز چوڭ بولىدىكەن. ئايقىز ئالدىنقى قېتىم كۆرگەندىكىدىن خېلىلا چوڭ بوپ قاپتۇ. لېكىن مېھراي ياداپ قاپتۇ. ئۈمىد تەكلىپ قىلىپ بەرگەن تۇغۇت باقىدىغان ئايالنى مېھراي قىرقى توشقاندىن كېيىنلا كەتكۈزىۋەتكەن ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بالىغا ئۆزى يالغۇز قاراۋېتىپتۇ. ئۆزىمۇ تېخى كىچىكلا تۇرۇپ بىر بالىنى باقماق ئاسان ئىش ئەمەس، شۇڭا ياداپ كەتسىمۇ كەتكەندۇ. بۇرۇن مېھراي ماڭا بەك رەتلىك، پاكىزە تەسىر بەرگەن، لېكىن ھازىر ئۆي شۇنداق قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ بىزنى كۆرۈپ ئالدىراپ تىنەپ كرىسلونىڭ ئۈستىدىكى چېچىلىپ كەتكەن كىيىم كېچەكلەر بىلەن بالىنىڭ زاكىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى يىغىشتۇرغاچ چۈشەندۈردى.
_ بالا ئۇخلىغاندا ئاندىن ئىش قىلالايدىكەنمەن، بولمىسا بالا بىلەن ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ئۆينىمۇ يىغىشتۇرالماي مۇشۇنداق قالايمىقان بولۇپ كەتتى، ئەيىبكە بويرۇماڭلار.
بىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز بىر بالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىمىز. بالا ئادەمنى بەك يات كۆرىدىكەن، فروزە ئىككىمىز ئۇنى قولىمىزغا ئالايلى دېسەكمۇ بىزگە پەقەتلا ئۇنىمىدى. شۇڭا بالىغا قاراڭ بولدى دەپ ئۆيىنى يىغىشتۇرۇشۇپ بەردۇق. فروزە ئايقىزنىڭ مېھرايدىن باشقا ئادەمگە ئۇنىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تەكلىپ بەردى.
_ مېھراي، بالىنى كۆپرەك سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ، سىرتتىكى ئادەملەرنى كۆرسۇن، مۇھىتنى كۆرسۇن، بالا ئۆيدىن چىقماي تۇرىۋەرگەچكە قورقۇنچاق بولۇپ قاپتۇ.
مېھراي بېشىنى لىڭشىتتى ۋە خىجىللىق ئارىلاش كۈلۈپ قويدى.
_ بالىنى پەسكە ئېلىپ چۈشسەم بولىدۇ، شۇ بەزىدە ھورۇنلۇقۇم تۇتۇپ قالىدىكەن، بالىنى يۆگەپ پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ يەنە كۆتۈرۈپ چىقىپ بولغىچە ھېرىپ كېتىدىكەنمەن.
ئەسلى يەنە بىردەم ئولتۇرايلى دېگەنتۇق، لېكىن فروزەگە شىركەتتىن تېلېفون كېلىپ قالدى. ئۇ شىركەتكە مۇھىم بىر ھۆججەت كېرەك بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇ ھۆججەتنى قويغان ئىشكاپنىڭ ئاچقۇچى پەقەت ئۇنىڭدىلا بار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دەرھال شىركەتكە قايتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ماڭاي دەپ مېھراي بىلەن خوشلىشىپ بىللە يېنىپ چىقتۇق.
_ سىزنى ئاپىرىپ قويسام بولاتتى، لېكىن ھۆججەت بەك جىددى لازىمكەن، شۇڭا سىزنى يېرىم يولدىلا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم._ دېدى فروزە. بەرىبىر ئۆيگە كەتسەممۇ باشقا ئىشىم يوقكەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە شىركەتكە بارىدىغان بولدۇم.
شىركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن سىز ئالدىرىماي چىقىڭ دەپ قويۇپ ئۆزى يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتى. مەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىۋېتىپ بىر ماشىنىنى كۆرۈپ جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. بۇ ماشىنىنىڭ نومۇرى.... ئەگەر ئېسىمدە خاتا تۇتىۋالمىغان بولسام بۇ تۆنۈگۈن ھەسەن ئىككىمىزنىڭ كەينىگە چۈشكەن ھېلىقى ماشىنا شۇ ئىدى. بۇ بىپايان شىركىتىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانى، بۇ ماشىنىنىڭ بۇ يەردە تۇرغىنىدىن قارىغاندا ئىزىمغا چۈشكەن ئادەم بىپايان شىركىتىنىڭ ئادىمىمۇ قانداق؟ ئۇنداقتا ئۈمىد تۆنۈگۈن ئۆزىنى ئالدىغىنىمنى بىلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ لېكىن مەن بۇ يەرگە بىر نەچچە قېتىملا كېلىپ باققان، تۇنۇيدىغان ئادەملىرىممۇ كۆپ ئەمەس، بۇ يەردە كىم مېنىڭ ئىزىمغا چۈشكەندۇ؟ بۇنىڭغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى. ئېنىقراق ئېيتقاندا مەن بىپايان شىركىتىدە پەقەت ئۈمىدنىلا تونۇيمەن. بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى بىلەن مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئەجىبا ئىزىمغا چۈشكىنى ئۈمىدنىڭ ئادىمىمىدۇ؟ ياق، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ نىمىشقا مېنىڭ ئىزىمغا چۈشىدۇ؟ كاللامدا مىڭ خىل خىيال بىلەن چىقىش ئىشىكى تەرەپكە قاراڭ ماڭدىم، چىقىش ئىشىكىگە يېقىن كىلەي دېگەن چېغىمدا بىر قول كېلىپ مېنى چەتكە تارتتى. مېنى تارتقان ئادەمنى كۆرۈپ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتىم.
_ سىزكەنسىزغۇ؟
ھەسەن ماڭا قاراپ كۈلدى.
_ بۇنچىۋالا ھەيران قالماڭ. سەل تۇرۇپ مېنىڭ بۇ يەردە نىمە ئىشنى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلىپ قالىسىز.
_ يەنە نىمە قىلاي دەيسىز؟_ گۇمانىي نەزەردە ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سىزگە ياردەم قىلاي دەۋاتىمەن ، قىزچاق. خۇددى مەن دائىم يامان ئىشلا قىلىدىغاندەك گەپ قىلدىڭىزغۇ؟ مەن شۇنداق يامان ئىش بولسىلا قىلىدىغان ئادەمدەك كۆرۈنەمدىكەنمەن؟
گەپ قىلماي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپلا تۇرىۋالدىم. گەرچە ئۇ تۆنۈگۈن راستلا ماڭا ياردەم قىلغان بولسىمۇ بۈگۈن يەنە ماڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتقىنىغا ئۆزۈمنى ھېچ ئىشەندۈرەلمەيۋاتاتتىم.
_ بايا ھېلىقى قارا رەڭلىك پىكاپنى سىزمۇ كۆرگەنسىز؟ تۆنۈگۈن سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتىنى چېقىۋەتكىنىم بىلەن خاتالاشمىغان بولسام ئۇنىڭدا يەنە بىر نۇسخا بار ئوخشايدۇ، شۇڭا بۈگۈن سۈرەتنى ئۈمىدكە كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن گەپ.
ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى. لېكىن مەن ئۈمىدنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۇ گەپنى ئۇنىڭغا دېمىگەن ئىدىم. ھەم ئۇنىڭ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك مېنى ماشىنا ئۆگىنىشتىن توسۇشىدىنمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا قورقۇنچۇممۇ يوق، ئەمما ئەگەر ئۈمىد مېنىڭ تۆنۈگۈن ھەسەن بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا دېمىگەنلىكىمنى بىلىپ قالسا نىمىلەرنى ئويلاپ كىتەر؟ بۇنى ئويلاپ قورققىنىمدىن تىترەپ كەتتىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















