大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 86 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 86 - قىسىم aybarawazi
2023-09-04
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 87 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

86-قىسىم

  

ئۈمىدنىڭ بېشىنى تېڭىپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتۇق،  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ يېنىغا كىرىپ كىتىۋېتىپ ئۈمىد تۇيۇقسىز قولۇمدىن تارتىپ توختاتتى. 

_ مەلىكەم، ئاغرىۋاتامدۇ؟ _ كۆيۈنگەن ئاھاڭدا سورىدى ئۇ. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ھەم خۇشاللىق ھەم ئۇنىڭ كۆيۈنۈشىدىن يۈرىكىمگە تارىغان ئىللىقلىقنى تەسىرىدىن كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى. بېلىكىم شۇنچىلىك ئاغرىپ تۇرسىمۇ قەستەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قولۇمنى ھەرىكەتلەندۈردۈم.

_ ئاغرىمىدى، مانا قاراڭ. 

    ئابلەت ئەپەندىم كارىۋاتتا كۆزىنى ئېچىپ ياتاتتى، چىرايىدىن قارىغاندا چوڭ چاتاق يوقتەكمۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئايگۈل ھەدەم ئولتۇرۇپتۇ.  بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن مىدراپمۇ قويمىدى. 

_  ئادەتتە ئىش بىجىرسىڭىز ئىشلارنى شۇنداق ئەتراپلىق ئويلايتتىڭىز، ئۈمىد، بۇ قېتىم نىمە قىلغىنىڭىزكىنتاڭ ئۇ، قاراڭە  دادىڭىزنىڭ خاپا بولۇپ كەتكىنىنى،  مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بىز  قانداق قىلىمىز؟ 

     راستىمنى دېسەم مەن تېخى ھازىرغىچە ئابلەت ئەپەندىمنىڭ نىمە ئىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا خاپا بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەيتتىم. ئايگۈل ھەدەمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

_ بىلىمەن، مەن ئەزەلدىن دادامنىڭ ياخشى بالىسى بولۇپ باقمىغان.  بۇ يەردە تۇرساممۇ دادامنى خاپا قىلىشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، دادامنىڭ يېنىدا سىز بولغاندىكىن، مەن كىتەي.  يۈرۈڭ، نازىيە، كىتىمىز. 

     ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى. 

_ ھۇ ياغاچقۇلاق. 

   ئابلەت ئەپەندىم ئۈمىدنى تىللىغان پىتى قېپ قالدى، كەينىمىزدىن ئايگۈل ھەدەمنىڭ تەسەللى بېرىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى.

_  بولدى، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ، ئاچچىقلىنىۋەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق.  يەنە كېلىپ ئاچچىقلانغانغا ئىشلارئورنىغا كېلىپ قالامتى؟ ئۇلار دېگەنچۇ......

بالنىستتىن يىراقلاپ كەتكەچكە ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن نىمىلەرنى دېگىنى قۇلىقىمىزغا كىرمىدى. ئۆتكۈر ماشىنا بىلەن بىزنى داچىغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيلەرنى بىرەر قۇر بېسىقتۇرۇپ بولۇپ، ھويلىنى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىۋېتەي دەپ ئىشىكنى ئاچسام بىر مۇنچە پىۋا بوتۇلكىلىرىنىڭ ئارىسىدا بىرەيلەن تۈگۈلۈپ ياتىدۇ. سىنچىلاپ قارىسام فەرۇق. ئۇ ئۇچىسىغا ئىنتايىن نىپىز كىيىۋالغان، ھاۋا شۇنچە سوغۇق تۇرسا، بۇنداق تۇرسا سوغۇق ئۆتۈپ ئاغرىپ قالمامدۇ؟ 

_ فەرۇق، فەرۇق، بۇ يەردە ياتىسىزغۇ؟ نىمىشقا ئىچىگە كىرمىدىڭىز؟ 

     ئۇ ئاستا كۆزىنى ئېچىپ مېنى كۆردى ۋە دەرھال  ئۆرە بولدى.  ئۇنىڭ يۈزىدىكى نىگارەدىن تاياق يىگەندىكى كۆكىرىپ كەتكەن ئىزلار ۋە ئىششىپ قالغان جايلىرى شۇ پىتى تۇراتتى. 

_ يېرىم كېچىدە ئۈمىد بىلەن بىللە ھاراق ئىچكۈم كېلىپ كەلگەن، بۇ يەرگە كېلىپ بولۇپ ئويلاپ باقسام ئۇ كېچىدە ئىشىكىڭلارنى ئۇرسام قاملاشمىغۇدەك، يەنە كېلىپ ئۈمىدنىڭ ئاشقازان كېسىلى بار،  ئۇ ئىچىمەن دېسىمۇ سىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئىچكىلى قويمايسىز،  شۇنىڭ بىلەن ئەكەلگەن ھارىقىمنى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۆزۈم يالغۇز ئىچىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن_ دېدى ئۇ بىر دۆۋە پىۋا بوتۇلكىسىنى كۆرسىتىپ. 

ئۇنىڭ نىگارەنىڭ ئىشى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەي دېدىميۇ، لېكىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. 

_ نىگارە قەيەردە؟ ماڭا دەپ بېرىڭە، نازىيە_ دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا.  مەنمۇ نىگارە بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى ئىككى كۈن بولدى، ھازىر ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.  شۇڭا ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى چايقىدىم. 

_ ئۇنى بەك ئىزدىدىم، ئۇ بارىدىغان، بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە باردىم، لېكىن ھېچيەردىن تاپالمىدىم، تېلېفونىمۇ ئۇلانمىدى، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشمەسلىك قارارىغا كەلگەن ئوخشايدۇ.

     فەرۇقنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ بەك بىئارام بولدۇم. ئۇنىڭ نىگارەگە توي تەكلىپى قويغان ۋاقتى ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغدا ئۇلارنى ھەقىقىي بەختلىك بىر جۈپلەر دەپ ئويلاپ چىن كۆڭلۈمدىن ھەۋەس قىلغان ۋە بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار بۇ دىشۋارچىلىققا يۇلۇقتى. بۇ ئىشتا ئەلۋەتتە نىگارەدىن ئاغرىنغىلىمۇ بولمايتتى. 

_ قىز بالا بولمىسا ياشىيالمامتىڭ؟ قارا ئۈستى باشلىرىڭنىڭ بولۇپ كەتكىنىنى، ئادەم تەلەتىڭمۇ قالماپتۇ_ ئۈمىدمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ پەسكە چۈشكەن ئىدى. ئۇ يېنىمدىن ئۆتۈپ فەرۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردى، فەرۇق بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنىڭ بېشىدىكى تېڭىقنى كۆردى. 

_ نىمە بولدۇڭ؟ بېشىڭنى تېڭىۋاپسەنغۇ؟ يەنە خەق بىلەن ئۇرۇشتۇڭما؟ نازىيەدىن تاياق يىدىڭمۇ يا؟

      ئۈمىد ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدۇق. فەرۇق بىردە ماڭا، بىردە ئۈمىدكە قاراپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى. 

_ نازىيە يا نىگارە بولمىسا، ئۇ ھەرگىز سېنى ئۇرۇپ بېشىڭنى يارىلاندۇرۇپ قويمايدۇ. ھازىر سېنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ يېنىڭدا، كۈنلىرىڭ خاتىرجەم، غەمنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسەن.  لېكىن مەنچۇ؟ مەن ھازىر نىگارە ھېچبولمىغاندا كېلىپ مېنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويسىمۇ مەيلى دەيتتىم.  

   ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ بەكلا ئىچىم سېرىلدى.

_ مەن نىگارەگە تېلېفون قىلىپ باقاي ھە. 

    فەرۇق گېپىمنى ئاڭلاپ كىچىك بالىدەك خوش بولۇپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ تېلېفونغا قۇلاق سالدى، بەكمۇ ئەپسۇس، نىگارەنىڭ تېلېفونى ئىتىك ئىدى. كۆڭلۈمدە «نىگارە شۆھرەتنىڭ يېنىغا كەتكەنمىدۇ يا؟» دېگەن خىيال غىل پال ئۆتۈپ كەتتى يۇ لېكىن بۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرىشقا پىتىنالمىدىم.  ئەگەر بۇ گەپنى دەپ سالىدىغان بولسام فەرۇقنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىدا قانداق ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

     فەرۇق بايا قانچىلىك زور ئۈمىد بىلەن يېنىمغا كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە لەسسىدە بولۇپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. 

_ بولدى، بولدى، تۇرە، ئۆيگە كىرىپ يۈز كۆزۈڭنى يۇغىن، بىللە ناشتا قىلىمىز. 

ئۈمىد شۇنداق دەپ قويۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن ئاشخانا ئۆيگە ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىم، ئۈمىد كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چۈشۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. 

     مەن ناشتىلىقنى تەييارلاپ ئۈستەلگە ئېلىپ چىققاندىمۇ فەرۇق بايا ئولتۇرغان جايىدا، داق يەردە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپتۇ. 

_ فەرۇق، ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ بولدۇم، كىرىپ  ناشتا قىلىۋېلىڭ_ دەپ چاقىردىم. ئۇنىڭغىچە ئۈمىدمۇ  تەييار بولۇپلا ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشتى.

_ ۋوي، سەن تېخىچە جايىڭدا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ قىز بالىنى ئويلاش ئۈچۈنمۇ ماغدۇر بولمىسا بولمايدۇ،  قۇرساققا تاماق يىمىسەڭ ماغدۇر ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ،  تۇرە، ناشتا قىلىمىز. 

_ «ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس» دەپ، ھازىر يېنىڭدا نازىيە بار، مېنىڭ دەردىمنى بىلمىگەچكە مۇشۇنداق دەۋاتىسەن. ھازىر مېنىڭ گېلىمدىن بىرەر نەرسە ئۆتەرمۇ سېنىڭچە. 

    فەرۇقمۇ ئاجايىپ جايىلكەن، جايىللىق قىلىپ ئۆيگە كىرمەي تۇرىۋالدى. ئاخىرى ئۈمىدمۇ ناشتا  قىلماي، فەرۇقنى مىڭ تەستە ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار كېتىپ ئۇۇزن ئۆتمەي تېلېفونۇم سايرىدى،  قارىسام تونۇمايدىغان بىر نومۇركەن .

_ ۋەي، ياخشىمۇسىز.

_  نازى، بۇ مەن_ بۇ نىگارەنىڭ ئاۋازى ئىدى. 

_ نىگار، تېلېفون نومۇرۇڭنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭما؟ ساڭا تېلېفون قىلسام ئېتىكلا دەيدۇ، سېنى تاپالماي بەك ئەنسىرەپ كەتتىم.  

_ ياق، بۇ شۆھرەتنىڭ تېلېفونى. 

    پەرىزىم توغرا چىقتى، ئۇ راستلا شۆھرەتنىڭ يېنىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قايسى دەرىجىگە بارغاندۇ؟  ئەلۋەتتە بۇنى تېلېفوندا نىگارەدىن سوراشمۇ ئەپسىز. 

_ نازى،  ھازىرنىڭ ئۆزىدە قۇلۇپ ئاچقۇچىدىن بىرنى ئېلىپ كەل. تېز. 

     ئۇنىڭ ئاۋازىدىن جىددى ئىش بارلىقى چىقىپ تۇراتتى، نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىسام  گېپىمگە جاۋاب بەرمەي  بارىدىغان جاينىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۇنىڭ دەپ بەرگىنى دادىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسى ئىدى. ئۇنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ مەندىن ياردەم سورىغان ئىكەن چوقۇم دەرھال بېرىشىم كېرەك. ئانچە مۇنچە تەييارلىق قىلىپلا  سىرتقا چىقتىم. كېتىۋېتىپ تاملارغا چاپلانغان كىچىك ئېلانلاردىن قۇلۇپ ئېچىش شىركىتىنىڭ ئېلانىدىن بىرنى تېپىپ تېلېفون قىلدىم. قۇلۇپ ئېچىش شىركىتىنىڭ خادىمىغا نىگارەنىڭ دادىسىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىپ، مەنمۇ تاكسى توسۇپ شۇ ياققا قاراپ ماڭدىم.  ئەمدى تاكسىدىن چۈشۈشۈمگە قۇلۇپ ئاچىدىغان ئۇستاممۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە قورونىڭ ئىچىگە كىردۇق، نىگارە بىنانىڭ ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.  ئۇ بىزنى باشلاپ ئۇدۇللا دادىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، تارتمىنىڭ قۇلۇپىنى كۆرسەتتى. 

_ مانا، مۇشۇنى ئېچىپ بېرىسىز. 

     ئۇنىڭ دادىسى بىر شىركەتنىڭ خۇجايىنى، شۇڭا مېنىڭچە ئۇنىڭ كۇتۇپخانىسىدا چوقۇم نۇرغۇن مۇھىم ماتېرىياللىرى بار. سەل ئەنسىزلىك بىلەن نىگارەدىن سورىدىم. 

_  نىمە ئىزدەيسەن، نىگار؟

    ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي  ئۇستامنىڭ قۇلۇپ ئېچىشىغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. تارتمىنىڭ قۇلۇپى ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇ تارتمىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى تاپالمىدى بولغاي، ئۇستامغا ئۆيدىكى قۇلۇپلۇق تارتما، ئىشكاپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ بېرىشنى ئېيتتى.  نىگارەنىڭ دادىسى  قايتىپ كېلىدىغان بولسا ئۆيگە ئوغرى كىرىپتۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. 

_ تاپتىم_ دېدى نىگارە ئېچىلغان بىر تارتمىدىن نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ.  ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم. نىگارە قۇلۇپ ئاچىدىغان ئۇستامنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتىپ مېنى تارتىپ ئېلىپ ماڭدى. 

_ نىگار، نىمە قىلىدىكىن دېسەم، ئەسلى ئۆيلىنىش خېتى ئېلىش ئۈچۈن نوپۇس دەپتىرىنى ئىزدەپتىكەنسەندە،  كىم بىلەن توي قىلىسەن؟ فەرۇق بىلەنمۇ ياكى شۆھرەت بىلەنمۇ؟ گەپ قىلە ئادەمنى تىت تىت قىلماي. 

نىگارە قەدىمىنى توختىتىپ ئۆرۈلۈپ ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ يەنە كىم بىلەن دەيسەنغۇ، نازى، ئەلۋەتتە شۆھرەت بىلەن توي قىلىمەن دە. مېنىڭ بەختلىك بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىسەنغۇ ھە؟ 

      مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن شۆھرەت بىلەن توي قىلىمەن دېيىشىنى بىردەملىك ئاچچىقتا دەپ قويغان گەپ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمدى قارىسام ئىش چىڭىغا چىققىلى تۇرۇپتۇ.  ئۇنىڭ شۆھرەتنى تاللىشىنى خاتا دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن، ئەمما يەنىمۇ ياخشىراق ئويلىنىپ ئاندىن قارار چىقارسىكەن دەپلا ئويلايمەن. ئۇنىڭغا بىر نىمە دەي دەپ بولغىچە بىنادىن چۈشۈپ بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدۇق. 

_ ماشىنىغا چىقە_ دېدى ئۇ ۋە ئۆزى ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردى.  مەن كەينىگە چىقتىم. قارىسام شوپۇر شۆھرەت ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن نىگارەگە گەپ قىلىشقا پۇرسەتمۇ بولمىدى، يەنە كېلىپ نىگارەنىڭ جاھىللىقى تۇتقاندا نىمىلا دېگەن بىلەنمۇ قۇلىقىغا كىرمەيدىغىنى ئېنىق.  شۆھرەت ماشىنىنى ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ توختاتتى. 

_ راستلا ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۇ نىگارەدىن.  نىگارە نوپۇس دەپتىرىنى قولىدا چىڭ سىقىمداپ تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇ شۆھرەتنىڭ گېپگە جاۋاب بەرمەي، بېشىنى بۇراپ قارىدى. دەل شۇ چاغدا بىر جۈپ قىز يىگىت قوللىرىدا قېپ قىزىل ئۆيلىنىش خېتىنى كۆتۈرۈپ خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن خۇشال ھالدا چىقىپ كېلىۋاتاتتى. 

_ ئاۋۋال تاماق يەيلى، قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى_دېدى نىگارە. نىگارەنىڭ بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ قالدىم.  شۆھرەت بېشىنى لىڭشىتىپلا ماشىنىنىڭ بېشىنى بۇراپ ھەيدىگەن پىتى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئالدىنقى قېتىم نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئىزىغا چۈشكەندە شۆھرەتنىڭ ھېلىقى ئادەملىرى مېنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن، شۇڭا بۇ يەر ماڭا ناتونۇش ئەمەس. 

   _ سىلەر كىرىپ ئولتۇرغاچ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ كۆكتات ئېلىپ كېلەي_ دېدى شۆھرەت ۋە بىزنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ كەتتى.  ھويلىنىڭ ئىچىدە بىر نەچچەيلەن يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەرت ئويناۋاتاتتى. ئۇلار نىگارەنى كۆرۈپ، «يەڭگە» دەپ ئورنىدىن تۇرۇشتى، نىگارە ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي مېنى باشلاپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. 

    بۇ ئۆي سىرتىدىن قارىماققا ئاددى كۆرۈنگەن بىلەن ئىچىنىڭ بېزىلىشى ۋە ئۆي جاھازىلىرى  ئىنتايىن ئېسىل ئىدى.  مېھمانخانا ئۆيدىكى ئۈستەلگە بىر نەچچە خىل مېۋە-چېۋە تىزىپ قويۇلغان ئىكەن، نىگارە ماڭا تارتىنماي ئولتۇرۇشنى ئېيتىپ، تىزگىنەكنى ئېلىپ تېلېۋىزورنى ئېچىپ، كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە باشلىدى. ئاستا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم، ئۇ  راستلا ئورۇقلاپ كەتتىمۇ ياكى ئۇچىسىدىكى قىسقا ئاق رەڭلىك مامۇق چاپىنى شۇنداق ئورۇق كۆرسىتىپ قويدىمۇ ئىشقىلىپ كۆزۈمگە بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كەتكەندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.  ھازىر شۆھرەت تېخى قايتىپ كەلمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقماقچى بولدۇم. 

_ نىگار، ياخشى ئويلاشتىڭمۇ؟ فەرۇق تۆنۈگۈن كەچتە......

_ شۇنىڭ ئىسمىنى چىقارمىساڭ بولامدۇ؟

ئەمدى ئاغزىمنى ئېچىشىمغىلا ئۇ تۇۋاقلاپ قويدى. ھەر ئىككىمىز خېلىغىچە جىمجىت ئولتۇردۇق. بىر چاغدا نىگارە ئېغىز ئاچتى. 

_ نازى، مېنىڭ مىجەزىمنى بىلىسەن.  مەن بۇرۇن بىرەرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن بەك قورقاتتىم، مۇھەببەتلىشىشكە پىتىنالمايتتىم، لېكىن بىر قېتىم بېشىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۈرەكلىك بولۇپ قالدىم. ھازىر مەندە قورقۇش،  ئېھتىيات قىلىش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىدى، ئاشۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ. كۆڭۈل ئاغرىقىنى تارتىۋەرسە قورقماس بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ ئادەم. 

     نىگارەنىڭ بۇ قېتىم قاتتىق كۆڭلى ئاغرىغانلىقىنى بىلىمەن. 

_ سېنىڭچە مېنىڭ كۆڭلۈم ئاغرىغانمۇ ئاغرىمىغانمۇ؟  مەنمۇ كۆڭۈل ئاغرىقىنى بولدى دېگۈچە تارتقان، ئەمما ھازىر يەنىلا كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىشتىن قورقىمەن. 

     نىگارە سىڭايان بولۇپ ماڭا قارىدى. 

_ ئۈمىدنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا قورقىسەن. 

   نىگارە توغرا دەيدۇ، ئۈمىدنى راستلا ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالدىم.  بۇ ئىشنى ئېتىراپ قىلماي دېسەممۇ ئامالىم يوق.  ئەمما ئۇنىڭ بۇ گېپىچە ئۇ شۆھرەتنى ھەقىقىي ياخشى كۆرمەيدىكەن، شۇڭا كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىشتىن قورقمايدىكەن دە. 

_ نىگار، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ياخشىراق ئويلانغىن، توي كىچىك بالىلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئويۇنى ئەمەس. 

نىگارە سوغۇق كۈلۈپ بېشىنى چايقىدى. 

_  ئويلاندىم، نازى. مەن چۈشىنىپ  يەتتىم، ئاياللارنىڭ توي قىلىشى قىماردا دوغا تىككەنگە ئوخشايدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا  ئاپام دادام بىلەن توي قىلىپ،  ئۇ قىماردا ئۇتتۇرۇپتىكەن،  كېيىن نادىرە دېگەن پاسكىنا ئۇتتۇم دەپ كېرىلىپ يۈرگەن، ئاخىرىغا بېرىپ ئۇمۇ ئۇتتۇرغۇچى بولدى. سېنىڭ ئەزىمەت بىلەن بولغان توي ئىشىڭدا سەن ئۇتتۇرغان، ئەمما ئۈمىد بىلەن توي قىلىپ ئۇتقۇچىغا ئايلاندىڭ. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىشلاركەن، نازى. 

      ئۇزن ھايال بولمايلا شۆھرەت قايتىپ كەلدى، ئۇ يوغان بىر خالتا ئۇششاق يىمەكلىك كۆتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇ خالتىنى نىگارەگە سۇندى. 

_ سىزنىڭ قانداق نەرسىلەرگە ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئالدىم،  كېيىنكى قېتىم  ئامراق نەرسىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز شۇنىڭدىن ئالاي. 

نىگارە خالتىدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە بىراقلا تۆكتى، نەرسىلەرنىڭ تۈرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى.  شۆھرەتمۇ بەك چاققان ئىكەن،  بىردەمدىلا بىر مۇنچە قورۇمىنى قورۇپ چىقتى، قورۇمىلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقىدىن قارىغاندا ئوخشىتىپ قورۇلغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن نىگارە قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن تۇتقانتى،  شۆھرەت دەرھال تارتىۋالدى. 

_  بۇ ئۇماق، نازۇك قوللارنى ئىشقا سېلىشقا كۆڭلۈم قانداقمۇ ئۇنىسۇن؟ بۇنداق ئىشلارنى مانا مانىڭدەك پىشقان، قوپال قوللار قىلسا بولىدۇ._ شۇنداق دەپ ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى كۆرسىتىپ قويۇپ قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى ئۇ. 

    ھازىرچىغۇ  قارىماققا ئۇ نىگارەگە خېلى كۆيۈنىدىغان چىراي، لېكىن كېيىن قانداق بولىدىغىنىنى كىم بىلىدۇ؟ ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمىسا يا. ئەزىمەت بىلەن بولغان ئىشتىن كېيىن شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىمكى «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە » ئىكەن.







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k