
بۇ ئەسەرنىڭ 93 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
92-قىسىم
ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ سەل پەل ھەيران بولغاندەك بولدى. شېرزات باش بارمىقى بىلەن مېنى كۆرسىتىپ مەغرۇر بىر ھالەتتە ھەسەنگە قارىدى.
_ ھەسەن ئاكا، قاراڭ، تونۇشتۇرۇپ قوياي، بۇ ئۈمىدنىڭ ئايالى.
موتوسىكىلىت توختىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سەكرەپلا موتوسىكىلىتنىڭ كەينىدىن چۈشىۋالدىم. ھەسەن قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى تاشلىۋېتىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ بېشىنى بۇراپلا باشقا ياققا ماڭدى، مېنى تۇنۇمايدىغاندەك ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، قالغانلارمۇ موتوسىكىلىتلىرىدىن چۈشۈپ ھەسەننىڭ كەينىدىن ماڭدى. مەن ئۇلار ماڭغان تەرەپكە قارىدىم، بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا ساليوتلار قويۇپ قويۇلغان ئىدى. ھەسەن قولىنى شېرزاتنىڭ مۈرىسىگە قويدى.
_ سېنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن بۈگۈن كەچ بۇ يەردە ساليوت ئاتماقچىمەن. خوش بولامسەن؟
_ رەھمەت، ھەسەن ئاكا. بۇنداق يۈزۈمنى قىلىۋاتسىڭىز ئەلۋەتتە خوش بولىمەن دە.
قالغان بىر نەچچەيلەن بېرىپ ساليوتقا ئوت ياقتى، جەمئىي 12 تۇڭ ساليوت ئىكەن، ئۇلار تەڭلا ئېتىلغاندىكى ئاۋازدىن پۈتۈن تاغ تىترەپ كەتتى. كۈندۈزى بولغان بولسا ساليوتنىڭ بۇنداق چىرايلىق ھالىتىنى كۆرگىلى بولمايتتى، شۇڭا ئۇلار ئالايىتەن كەچنى تاللىغان بولسا كېرەك. ساليوت ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ ۋاقىرىشىپ كەتتى. پەقەت ھەسەنلا ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ موتوسىكىلىتىغا يۆلىنىپ يىراقلارغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىنىسىنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك.
ئۇلار بىردەم ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشتى، بىر چاغدا لەپىلدەپ قار يېغىشقا باشلىدى، ئۇلار بىر بىرلەپ موتوسىكىلىتلىرىغا چىقىپ مېڭىشقا تەييارلاندى. مەن جايىمدا مىدىرلىماي جىم تۇراتتىم، بۇ قېتىم بىرەسى كېلىپ مېنى موتوسىكىلىتقا ئولتۇرغۇزمىدى، خۇددى مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنى ھېچكىمنىڭ ئېسىىدە يوقتەكلا ئىدى. بىر چاغدا شېرزاتنىڭ ئېسىگە كېلىپ قالغان بولسام كېرەك،
_ چىقامسىز چىقمامسىز؟ چىقمىسڭىز ماڭىمەن جۇمۇ. مەيلى ئەمىسە، يۈرۈڭلار، بۇرادەرلەر.
ئۇ مېنىڭ جاۋاب بېرىشىمنى كۈتمەي، ئۆزىنىڭ سۇئالىغا ئۆزى جاۋاب بېرىۋېتىپ موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. ئۇ قەستەن قىلغان ئىدى. باشقىلارمۇ كۈلۈشۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.
_ ھەسەن ئاكا، تېز بولۇڭ_ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىرى كەينىگە قاراپ ھەسەنگە ۋاقىرىدى.
ھەسەن موتوسىكىلىتقا چىقىپ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. موتوسىكىلىتلارنىڭ ئاۋازى بارغانچە يىراقلاشقا باشلىدى. مەن سوغۇقتىن سەزمەس بولۇپ قالغان يۈزۈمنى ئالقىنىم بىلەن بىر نەچچىنى سىلىۋېتىپ ئاستا تاغدىن پەسكە قاراپ ماڭدىم. تاغدىن مېڭىپ چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ شېرزاتنىڭ موتوسىكىلىتىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغاندىن بىخەتەر بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم. قار بارغانچە چوڭ چوڭ يېغىشقا باشلىدى، بىر چاغدا مۆلدۈر يېغىشقا باشلىدى. مۆلدۈر بېشىمغا تاراسلاپ چۈشۈپ تېخىمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدىم، دەل شۇ چاغدا يېقىنلا يەردە بىر شىپاڭنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، شۇ يەرگە كىرىپ دالدىلىنىپ تۇرۇشنى قارار قىلدىم. شىپاڭغا مىڭبىر تەستە كىرىۋېلىپ، ئۈمىدكە تېلېفون قىلاي دەپ تېلېفۇنۇمنى ئىزدىدىم، شۇ چاغدىلا ئاندىن تېلېفونۇمنى شېرزاتنىڭ ئېلىۋالغىنى ئېسىمگە كەلدى. مۆلدۈر شىپاڭنىڭ ئۈستىگە تاراسلاپ چۈشۈۋاتاتتى. ئەسلى شىپاڭنىڭ ئاستىدا ساقلاپ تۇرۇپ، قار سەل ئاستىلىغاندا ياكى مۆلدۈر توختىغاندا ماڭاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن مۆلدۈر توختىماقتا يوق، تېخىمۇ چوڭ چوڭ يېغىشقا باشلىدى. مۆلدۈرنىڭ بەزىلىرى پۇرچاقتەك، بەزىلىرى ھەتتا باش بارماقتەك چوڭلۇقتا يېغىۋاتاتتى. ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق، بۇنداق تۇرىۋەرسەم توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا تۇيۇقسىز موتوسىكىلىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى ۋە بۇ ئاۋاز بارغانچە يېقىنلاپ كەلدى. راستلا بىر موتوسىكىلىت كېلىۋاتاتتى، يېنىمغا كېلىپ توختىغاندا ئاندىن بىلدىم، ئۇ ھەسەن ئىدى. ئۇ موتوسىكىلىتنى توختىتىپ چوڭ چوڭ چامداپ يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە خۇددى ئۈمىد يۇلتۇزىنى كۆرگەندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇ مېنىڭ ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغىنىمنى كۆرۈپ مازاق قىلىپ كۈلدى.
_ قورقۇپ كەتتىڭىزما؟
قورققىنىمنى تەن ئالغۇم يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى دەل مېنى قورقۇتۇش. بۇ چاغدا بىزگە يېقىنلا يەردە بىر نەچچە كۆك نۇر پەيدا بولدى. سىنچىلاپ قارىسام ئۇلار كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغانلار بولۇپ، قولىدا سايمان ساندۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا جۇۋا، بېشىدا بىخەتەرلىك قالپىقى بار ئىدى. ئۇلار ئۇدۇل كېلىپ شىپاڭنىڭ ئىچىگىلا كىردى. ئارىدىكى بىرى ھەسەنگە قاراپ ۋاقىرىدى:
_ نىمانداق گەپ ئاڭلىمايدىغان ئادەم سىز؟ يول توسۇۋېتىلدى دەپ تۇرساق موتوسىكىلىت ھەيدەپ كېتىۋېرىسىزغۇ؟ كۆرمىدىڭىزمۇ، مۆلدۈر يېغىۋاتىدۇ، يول شۇنداق تېيلىغاق تۇرسا، بىرەر خەتەر چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟
ھەسەن ئۇ كىشىگە قاراپ مىيىقىدا كۈلدى.
_ مۇشۇنداق يېغىۋاتقان قاردا قىز دوستۇم بۇ يەردە يالغۇز قالغان تۇرسا، قانداقمۇ خاتىرجەم بولالايمەن؟
دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ ئالايدىم. ئەمما ھازىر ئەھۋال ھەقىقەتەن جىددى ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ مېنى قىز دوستۇم دېيىشىگە پەرۋا قىلمىدىم. بايا ھەسەنگە ۋاقىرىغان كىشى ماڭا قارىدى.
_ قىزچاق، بۇ يەردە ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرۇپسىزغۇ؟
مەن بېشىمنى پەس قىلىپ گەپ قىلماي تۇردۇم، ئۇلار خۇددى نىمە ئىشلىقىنى بىلگەندەك، سەل ياشقا چوڭراق بىرى :
_ مۇشۇ ياشلارنىزە، مۇشۇنداق مىجەزى ئىتتىك. ھەرقانچە قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالساڭلارمۇ بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىشىڭلار كېرەك تە، جان بىلەن ئويناشقانلىققۇ بۇ_ دېدى. بۇ كىشىنىڭ ئاغزى يامان بولغىنى بىلەن كۆڭلى ياخشىدەك قىلاتتى.
_ ئەمدى كېتىدىغانغا ئالدىرىماڭلار، يول بەك خەتەرلىك، ھازىر ئۈستىگە توك يولىنى تەكشۈرگىلى ماڭدۇق، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، سەل تۇرۇپ بىز چۈشكەندە بىز بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ دالدىلىنىپ تۇرارسىلەر.
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن شىپاڭدا ھەسەن ئىككىمىزلا قالدۇق. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلگۈسى كېلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى، مەن ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماي بىر چەتتە تۇرىۋەردىم. بايا ئۈستىگە چىقىپ كەتكەنلەر ئاخىرى كەلدى، بۇ چاغدا مۆلدۈرمۇ خېلىلا كىچىكلىگەن ئىدى. ھەسەن موتوسىكىلىتنىڭ قالپىقىنى ماڭا كىيگۈزۈپ قويدى، ئەسلى ياق كىيمەيمەن دەپ تۇرىۋالاي دەپ ئويلىغان، لېكىن ئويلاپ باقسام بۇنداق قىلسام ئۆزۈم زىيان تارتىدىكەنمەن، مۆلدۈر بېشىمغا چۈشۈپ كەتسە بېشىمنى تىشىپ قويۇشى مۇمكىن- دە.
ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ياتىقى يىراقمۇ ئەمەسكەن، ياتاق دېگىنى قىزىل خىشتا سېلىنغان ئۆيلەر ئىكەن. بايىقى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئادەتتە ئورمانغا قارايدىغان كىشى تۇرىدىغان جاي ئىكەن، بۇ يەرگە قارايدىغان كىشىنىڭ ئىسمى ئۆمەر ئىكەن، ئۇ تېخى بۇ يەرگە كىچىك دۇكانمۇ ئېچىۋالغان بولۇپ، دۇكىنىدا تاماكا ھاراق ۋە باشقا ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى ساتىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ياز كۈنى سودىسى خېلى ياخشى بولىدىكەن، چۈنكى ياز كۈنى تاغقا ئوينىغىلى چىقىدىغانلار كۆپ، يەنە كېلىپ بۇ ئەتراپتا مۇشۇ بىرلا دۇكان بولغاچقا ھەممەيلەن ئۇنىڭ دۇكىنىدىنلا نەرسە ئالىدىكەن، لېكىن قىشتا، بولۇپمۇ مۇشۇنداق قار ياغقان ۋاقىتتا تاغقا ئاساسەن ئادەم چىقمىغاچقا ئۇنىڭ دۇكىنىمۇ چۆلدەرەپ قالىدىكەن.
قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە قالغانلارمۇ تاغدىن چۈشۈپ كېتەلمەي مۇشۇ يەردە يېتىپ قالىدىغان بولغاندەك قىلاتتى. بۇ كىشىنى ئاۋارە قىلىشتىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم، لېكىن ئۆمەر ئاكا بەكمۇ مېھماندوست ئادەمكەن.
_ ئادەتتە بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا، بىرەرسى كېلىپ قالسا بەك خوش بولۇپ كېتىمەن. ئاۋارە قىلدىم دېگەن گەپنى قىلماڭ.
_ ئاكا، قۇرسىقىمىز بەك ئېچىپ كەتتى، بىزگە يىگۈدەك نەرسە بېرىڭە_ ھەسەن شۇنداق دەپ پورتمالىدىن 500 يۈەن پۇلنى چىقىرىپ ئۆمەر ئاكىغا سۇندى. لېكىن ئۆمەر ئاكا پۇلنى ئالمىدى.
_ بۇ يەردە ئېسىل تاماق قىلىپ بېرەلمەيمەن، بارىنى تەڭ يەيمىز، پۇل تەڭلەيدىغان ئىشنى قىلماڭ، ئۇكام.
_ ئەمىسە دۇكىنىڭىزدا يىگۈدەك نەرسە بولسا سېتىۋالاي_ ھەسەن شۇنداق دەپ ئۆمەر ئاكا بىلەن بىللە چىقىپ گازىر، خاسىڭ دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىردى. يەنە بايىقى بىر نەچچەيلەننىڭ ھەر بىرىگە بىر قاپتىن تاماكا ئېلىپ كىرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. ئۇلار تاماكىنى سەل تەكەللۇپ بىلەن ئالغاندىن كېيىن بايىقى قوپال مۇئامىلىسى تۇيۇقسىز خېلىلا يۇمشاپ قالدى. بايا تاغدا ھەسەنگە ۋارقىرىغان كىشى چاقچاقمۇ قىلدى تېخى.
_ ماڭا قارا ئۇكام، ئەر كىشى دېگەننىڭ كۆڭلى كۆكسى چوڭ بولىدىغان، كچىككىنە بىر قىز بىلەن تەڭ بولۇپ يۈرمە، قىز بالا دېگەن ئۆچكە يېغى،ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ بىلەن كۆڭلىنى ئېلىۋالمامسەن دەيمەن. شۇنچە سوغۇقتا ئۇ تاغقا تاشلاپ قويغىنىڭ نىمىسى ئەمدى.
ئۇ ھەسەنگە گېپىنى دەپ بولغاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.
_ قىزچاق، سىزمۇ خاپا بولماڭ، بۇ يىگىتمۇ سىزگە خېلى ۋاي دەيدىكەن، ئۇ تاغقا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاندا جېنىدىن تويغان بىر نىمە ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم، ئەسلى سىزدىن ئەنسىرەپ مېڭىپتىكەن ئەمەسمۇ. ھەممىمىزنىڭ ياش ۋاقتىمىز بولغان، بۇنداق قاراملىقنى بىزمۇ چۈشىنىمىز.
مەن گەپ قىلمىدىم، ھەسەنمۇ كۈلۈپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى.
ئەرلەر قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشتى. ھەسەن مېنىڭ نەزىرىمدە ئىزچىل ئىنتايىن قوپال، ئاسان باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان ئادەم ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇ بۇ كىشىلەر بىلەن شۇنداق قىزغن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. قانداقلا تېما چىقسا شۇ تېما ئۈستىدە ئېچىلىپ يېيىلىپ سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇلار تازا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا توك كېتىپ قالدى. ئارىدىكى بىرەيلەن قاخشىدى:
_ مۇشۇنداق قېلىن قار ياغقاندىلا توك يولىدىن چاتاق چىقىدۇ زادى. قاملاشمىغان.
ئۆمەر ئاكا قول چىراق تېپىپ كىردى ۋە بىزنى ياتىدىغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ھەسەن ئىككىمىزنى ئەر خوتۇن دەپ ئويلاپ قالغان چېغى، ئىككىمىزنى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئەمدى جىم تۇرىۋالسام بولمايدىغىنىنى ھېس قىلدىم.
_ ئۆمەر ئاكا، ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، بىز......
_ سىڭلىم، ھەسەن ئۇكام ئۇنداق يامان ئادەملەردىن ئەمەسكەن، دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، سىزمۇ كىچىككىنە سەۋەنلىككە ئېسىلىۋېلىپ قىيناپمۇ يۈرمەڭ، ئۇ ھەرقانچە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىشىڭىز كېرەك تە. ئەر خوتۇنلانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈن ئاتلاپ كەتسە بولمايدۇ، كىچىك بالا بولمىغاندىكىن، ماي تارتىشىپ يۈرمەي بالدۇرراق ئارام ئېلىڭلار.
مەن گېپىمنى دەپ بولغىچە ئۆمەر ئاكا گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ بىر مۇنچە گەپ قىلىۋېتىپ، ماڭا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەيلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە كەلگەن چاغدا مەن دېققەت قىلغان، بۇ يەردە ئىككى ئېغىزلا ئۆي بار ئىدى، بۇ بىر ئېغىز ئۆينى بىزگە بېرىپ ئۇلار بىر نەچچە ئەر كىشى بىر ئۆيدە قىستىلىپ ياتتى ھەقىچان.
ھەسەن تېلېفونىنىڭ چىرىقىنى ياندۇردى، بۇ ئۆيدە بىر ياغاچ كارىۋات، بىر ئۈستەل، بىر ئورۇندۇق بار ئىدى، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە كونا تىپتىكى رەڭسىز تېلېۋىزور قويۇپ قويۇلۇپتۇ. بىر بۇلۇڭدا بىر مەش قويۇلغان بولۇپ، مەشكە يېڭىلا ئوت قالانغان بولسا كېرەك، ئۆينىڭ ئىچى يەنىلا سوغۇق تۇراتتى. سىرتتا مۆلدۈر توختىغان، لېكىن قار تېخىچە لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىرتتىكى شىۋرىغاننىڭ ھۇشقىيتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. دېرىزە ھىم يېپىلمىغان بولسا كېرەك، دېرىزە پەردىسى بىلىنەر بىلىنمەس مىدراپ تۇراتتى.
ئوتتۇرىدا تۇرغان بىر كارىۋاتقا قاراپ كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ھەسەن قولىدىكى تېلېفوننى تېلېۋىزورغا يۆلەپ قويۇپ ماڭا قارىدى، مەن جايىمدا قىمىر قىلماي تۇراتتىم، گەرچە ئۆي ئىچى سۇس يورۇپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇ مېنىڭ ئەنسىز بولىۋاتقىنىمنى چىرايىمدىن ھېس قىلغان بولسا كېرەك. ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ ھە، قىزچاق، كارىۋات بىرلا، يوتقان كۆرپىمۇ بىركىشلىكلا ئىكەن، قانداق قىلىمىز؟
ئۇنىڭغا قاراپ ئالايدىم.
_ سىز يېتىڭ، مەن كېتىمەن_ شۇنداق دەپ سىرتقا ماڭدىم.
_ كەچ بولۇپ كەتتى، يەنە كېلىپ سىرتتا قار يېغىۋاتىدۇ، ھازىر ماڭسىڭىز بەلكىم بۆرە ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، مەيلىما؟
بۇ ئېھتىماللىقنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ گېپىدىن قورقۇپ جايىمدا توختىدىم.
_ ئەمىسە سىز يېتىڭ، مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن، بىر كېچە ئۇخلىمىغانغا ھېچنىمە بولۇپ قالمايمەن مەن _ شۇنداق دەپ ئورۇندۇقنى تارتىپ مەشنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
_ نىمە دەيدىكىن دەپ دەپ قويسام ، قاراڭ جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭىزنى. كارىۋاتتا سىز يېتىڭ، سىز دېگەن ئايال كىشى، سىزنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ مەن قانداق خاتىرجەم ياتالايمەن؟ سىز يېتىڭ، مەن مەشتىكى ئوتقا قارىغاچ ئولتۇرسام بولىۋېرىدۇ. بۇنداق كېچىدىن تالاينى ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىۋەتكەنمەن.
مەن يەنىلا جايىمدىن مىدىرلىمىدىم.
_ كارىۋاتنى ئۆتۈنۈپ بەرسەممۇ ياتمامسىز؟ مەيلى ئەمىسە، كارىۋاتتا مەن ياتىمەن، پۇشايمان قىلماڭ ھە.
ئۇ شۇنداق دەپ ئايىقىنى سېلىپ كارىۋاتقا چىقتى. «غاراس غۇرۇس» ، بىردەمنىڭ ئىچىدە كارىۋات سۇنۇپ ھەسەن يەردە ياتاتتى، دەسلەپتە چۈچۈدۈم، ئەمما بىر نەچچە سىكۇنتتىن كېيىن ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. يان تەرەپتىكى ئۆيدە ياتقانلار ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ئىشىكنى چەكتى، ئىشىكنى مەن ئېچىپ بەردىم، ئۇلار كىرگەندە ھەسەن كارىۋاتتىن تۇرغان ئىدى. ئۇلارمۇ كىرىپلا ھەسەنگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ھەسەن بېشىنى تاتىلىغىنىچە ئۇلارغا قاراپ كۈلدى، ئۇلار بىر ماڭا بىر ھەسەنگە قارىشىپ كۈلۈشكەن پىتى ئۆمەر ئاكىدىن باشقىلار چىقىپ كېتىشتى، قارىغاندا ئۇلار خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇنى ھېس قىلىپ خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتىم. ئۆمەر ئاكا كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ سەل ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە مۇنداق دېدى:
_ بۇ ئۆيدە ئادەم يېتىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغان. بۇرۇنمۇ تاغدىن چۈشۈپ كېتەلمىگەن يولوچىلار كېلىپ قونۇپ قالاتتى، ھېچكىم يېتىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا كارىۋاتنىڭ بىر يەرلىرىمۇ بوشاپ كەتكەن بولسا كېرەك، بەك سەت بولدى.
ھەسەن يىنىككىنە بىرنى يۆتىلىپ قويدى.
_ ئۇخلاش ئۇخلىماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇشۇ شىۋرىغاندا سوغۇقتىن دالدىغانلغۇدەك يەرنىڭ بولغىنىمۇ چوڭ ئىش . ھېلىمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتۇق.
ئۆمەر ئاكىمۇ چىقىپ كەتتى. ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەي بىر ئورۇندۇق كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
_ بەك سەت بولدى، ئۇكىلىرىم. باشقا كارىۋاتمۇ يوق، ئامال يوق، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۇيقۇڭلار كەلسە كۆزۈڭلارنى بىردەم يۇمۇپ تاڭ ئاتقۇزارسىلەر.
ھەسەن ئىككى ئورۇندۇقنى جۈپلەپ قويدى ۋە ئۆزى بىردە ئولتۇرۇپ يېنىدىكى ئورۇندۇقنى ماڭا كۆرسەتتى.
_ كېلىڭە، ئولتۇرۇڭ، ئۆرە تۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزغىلى بولمايدۇ.
دەل مۇشۇ چاغدا تېلېفوننىڭ چىرىقى ئۆچۈپ ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. مەشتىكى چوغنىڭ يورۇقى ئۆي ئىچىنى ئانچە مۇنچە يورۇتۇپ تۇراتتى.
_ تېلېفوننى توكى تۈگىگەن ئوخشايدۇ_ دېدى ھەسەن.
جايىمدا مىدىرلىماي تۇرىۋېرىپ پۇتۇمنىڭ ئۇيۇشىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم ۋە ئاستا پۇتلىرىمنى مىدىرلاتتىم.
_ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇڭ دېسەم يا ئولتۇرمايسىز، خۇددى مەن سىزنى يەۋېتىدىغاندەك.
ئاستا بېرىپ ئۇ ئۆزى ئولتۇرغان ئورۇندۇققا يېقىن قىلىپ جۈپلەپ قويغان ئورۇندۇقنى سەل يىراقراق تارتىپ ئولتۇردۇم. ئۆينىڭ ئىچى جىمجىت، يان ئۆيدىكىلەرنىڭ كۈلۈشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ھەسەن بۇزدى.
_ ئۈمىد سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ؟
_ ئەلۋەتتە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.
ھەسەن كۈلۈپ قويۇپ مەشنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان لاخشىگىرنى ئېلىپ مەشكە سېلىنغان كۈمۈرنى ئۇيان بۇيان قىلىپ قويدى.
_ شۇنى دەيمەن. سىزنى قۇتقۇزىمەن دەپ بىر پارچە يەردىنمۇ كەچكەن تۇرسا، شۇنداقمۇ؟
لېكىن ئۈمىد ماڭا ئۇ كۈنى ھەسەن مېنى تۇتۇپ كەتمىسىمۇ ئۇ يەرنى ئالىمەن دېسە ئوخشاشلا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
_ ئۇ يەرگە قەبرە سالىمەن دېيىشىڭىز ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ سودىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن، شۇنداقمۇ؟
_ ئەگەر مەقسىتىم شۇ بولسا ئالايىتەن يېنىغا قەبرە سېلىپ جاپا تارتىپ يۈرمەيتتىم.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن چۈچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ نىمە، مېنىڭ ئۇنچىلىك بىڭسىم بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟
ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن،
_ ئەمىسە نىمىشقا چوقۇم ئۇ يەرگە بىر قەبرە سالماقچى بولىسىز؟ سىزنىڭ مەقسىتىڭىز زادى نىمە؟
_ يەر مېنىڭ، نىمە قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن.
_ ئەمىسە سىز ئۇ يەرگە كىمگە ئاتاپ قەبرە ياساتماقچى؟
ئۇ ئەمدى جاۋاب بېرەي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە تۇيۇقسىز تورۇستىن بىر نەچچە پارچە كاھىش پارچىسى چۈشتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















