大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 88 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 88 - قىسىم aybarawazi
2023-09-06
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 89 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

88-قىسىم  


      موماي ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي تولىمۇ چاققان ئىكەن. بىردەمنىڭ ئىچىدە نىپىز يېيىپ كېسىلگەن كەسكەن لەغمەننى پىشۇرۇپ ئېلىپ چىقتى. لەغمەن ھەقىقەتەن بەك ئوخشىتىپ ئېتىلگەن ئىكەن، راستىمنى ئېيتسام تەمى ئاغزىمدىلا قالدى. تاماقنى يەپ بولۇپ قايتماقچى بولدۇق. موماي بىزنى ئۇزىتىپ دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە چىقتى. 

_ پات پات كېلىپ تۇرۇڭ قىزىم، كەلسىڭىز مەن خۇش بولىمەن. 

_ ماقۇل، موما، ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا.  

     ئاغزىمدا ماقۇل دېگىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە ئىككىنچى كەلمەيمەن دەپ ئويلىدىم. يولدا كېتىۋېتىپ ھەسەنگە:

_ ئەڭ ياخشىسى مومىڭىزغا ئېنىق گەپنى ئېيتىڭ.  بىكاردىن خۇش بولۇپ يۈرمىسۇن_ دېدىم. 

_ بىكاردىن خۇش بولسىمۇ خۇش بولسىلا بولمىدىمۇ. 

   ئەمەلىيەتتە چوڭلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ، نەۋرىلىرىنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنى، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۈمىدنىڭ چوڭ دادىسى، ھەسەننىڭ مومىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا.

_ ۋاقتىدا لايىق تېپىپ تويىڭىزنى قىلىپ مومىڭىزنى خاتىرجەم قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ _ دېدىم مەن. 

_ باشقىلار قىز دوستۇم بولىمەن دېسىمۇ پۇرسەت يوق، سىز خۇش بولسىڭىز بولىدۇ تېخى_ دېدى ئۇ. ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم.  ئۇ مېنى ئۇدۇل داچىغا ئاپىرىپ قويدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ بىرى قارا دېگەندەك قارىسام، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ بالكونىدا مەن تەرەپكە قاراپ ئۈمىد تۇراتتى.  ئۇ مېنىڭ ھەسەننىڭ ماشىنىسىدىن چۈشكىنىمنى ئېنىق كۆردى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدنىڭ چىرايىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغىنىغا دېققەت قىلغۇدەك مادارىم قالمىغان ئىدى. ئۇ ماڭا بۈگۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان، شۇڭا مەنمۇ بۇنداق بولۇشىنى بىلمەپتىمەن، بولمىسا ھەسەننىڭ مېنى داچىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇشىغا ھەرگىز ئۇنىمىغان بولاتتىم.  تېز تېز مېڭىپ داچىغا كىرىپ كەتتىم، كەينىمدىن ھەسەننىڭ «خوش» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 

ئۈمىد تېخىچە ئىككىنچى قەۋەتنىڭ بالكونىدا بايىقى ھالىتىدە تۇراتتى. 

_ قاچان قايتىپ كەلگەنتىڭىز؟_ سورىدىم ئۇنىڭدىن. ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماي سوغۇقلا جاۋاب بەردى.

_ تازا بىئەپ ۋاقىتتا كېلىپ قالغان ئوخشايمەن ھە. ئەسلى يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ بوپتىكەن. 

_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟_ راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بۇ گېپى يۈرىكىمگىلا تەگكەن ئىدى. 

ئۇ ئاستا ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى، ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە تىكىلىپ بىردەم تۇردۇق.

_ مەن سىزگە ھەسەندىن يىراق يۈرۈڭ دېگەنمۇ دېمىگەنمۇ؟ نىمىشقا گېپىمنى ئاڭلىمايسىز؟ 

_ ھەئە، سىز شۇنداق دېگەن_ شۇنداق دەۋېتىپ تۇيۇقسىز كۈلگۈم كېلىپ كەتتى. 

_ نىمىگە كۈلىسىز؟ 

كالپۇكۇمنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتىم.

_ مېنى سوراق قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز دەپ بېقىڭە قېنى، بۇ قېتىم زادى نىمە مەقسەتتە كوماندروپكىغا چىقتىڭىز؟

     ئۈمىد ماڭا قاراپ خېلىغىچە زۇۋان سۈرمىدى، ئۇنىڭ جىم تۇرۇشىدىن تېخىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. 

_ دىيەلمەيسىز، شۇنداقمۇ؟  مەن سىزگە يۈز كېلەلمىگۈدەك ھېچقانداق ئىش قىلغىنىم يوق، ئەمما سىزچۇ؟ سىز شۇنداق دىيەلەمسىز؟  مېنى ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭىزما؟ نىمىلا قىلسام بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭىزما؟ 

     ئۈمىدنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، ئاچچىققىمۇ، غەزەپلىنىشكىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل چىراي ئىپادىسى ئەكىس ئەتتى. 

_ نازىيە،  ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتتە ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بىز بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدۇق،  بۇرۇن سىرتقا چىقسام ئۆيگە كەتكۈم كېلىپ ئالدىراپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۆيگە كەلسەم مېنى ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالاتتىڭىز.  لېكىن ھازىرچۇ؟ تۇيۇقسىز ئۆي ئۆيگە ئوخشىماي قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. مەن ئۆزگەردىممۇ يا سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىزمۇ، يا ھەر ئىككىمىز ئۆزگەردۇقمۇ؟ بىلمەيلا قېلىۋاتىمەن. 

   ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئۆتكۈر تىغدەك يۈرىكىمنى تىلغاپ لەختە لەختە قىلىۋەتتى.  مەن بۇ ئۆيدە تۇنجى قېتىم تاماق ئەتكەن چېغىمدا ئۇنىڭ ئەمدى بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشىدى دېگىنى ئېسىمدە. ئەمدىلىكتە ئۆي ئۆيگە ئوخشىماي قېلىۋاتىدۇ دەيدۇ، ئاھ يۈرىكىم!

_ رازىيە بىلەن كۆرۈشكىلى باردىڭىز شۇنداقمۇ؟_ئۇنىڭ گېپىگە ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەپ سورىدىم.  ئۇمۇ مەندىن كۆزى ئېلىپ قاچمىدى، ھەم رازىيە بىلەن كۆرۈشكىلى بارغىنىنى ئىنكار قىلمىدى، دېمەك راستكەن. 

_ دېمەك ھازىر ئۇ سىزگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بولۇپ قالدى، توغرىمۇ؟ _ مەن شۇنداق دەپلا سىرتقا قاراپ ماڭدىم. پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تارتتى.  مەن ئۇنى مۇشۇ قېتىمقى ئىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن مېنى تۇتۇپ قالدى دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن خاتا ئويلاپ قاپتىمەن. 

_ سىز كەتمەڭ، مەن كېتەي. 

    ئۇ قولۇمنى قويۇۋېتىپ تېز تېز مېڭىپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ماشىنىنىڭ غۇيۇلداپ چىقىپ كەتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.  مەن پەلەمپەيدە تۇرغان يېرىمدە قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلاردا مەنمۇ ئاشۇرىۋەتكىنىمنى بىلىمەن. ئىككىمىز دەسلەپتىلا بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغانلاردىن ئەمەس، شۇڭا بەزى ئىشلارغا بەك ئېسىلىۋېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى،  لېكىن پەرۋاسىز بولىدىغان ئىشلاردا مەن ھەقىقەتەن پەرۋاسىز بولالمىغان ئىدىم.  باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىز ئىنتايىن بەختلىك ئەر خوتۇنلار، ئەمەلىيەتتە قانداقلىقىمىز ئۆزىمىزگە ئايان،  مېنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرىۋاتقىنىم ئۆزۈمگە ئايان، لېكىن بۇنداق كېتىۋېرىشمۇ تازا ئاقىلانە چارە ئەمەس.  بەلكىم ھەر ئىككىمىز سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەكتۇ. 

     ھۇجرىغا قايتىپ كىرىپ  نەرسە كېرەكلىرىمنى ئاندا مۇندا يىغىشتۇردۇم، پەسكە چۈشكەندە ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان تەكرار ماتېرىياللىرىمنى كۆرۈپ ئۇلارنىمۇ چامادانغا سالدىم، ئاندىن چاماداننى سۆرەپ ئاستا داچىدىن ئايرىلدىم.  شەرقى بازاردىكى ئۆيگە بارايمۇ؟ ياق، ئۇ يەرگە بارسام بولمايدۇ، نىگارەنىڭ ئۆيىگە بارساممۇ بولمايدۇ.  ئۇ مېنى تاپالمايدىغان بىر جايغا كېتىشىم كېرەك، قەيەرگە بارسام بولار؟ ئويلا ئويلا ئاخىرى بىر جاي ئېسىمگە كەلدى. 

    تاكسى توسۇپ ماشىنا بېكىتىگە كەلدىم. لۈكچۈنگە بارىدىغان ماشىنا بېلىتىدىن بىرنى ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئولتۇردۇم.  ماشىنا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى يېتىپ باردۇق. ماشىنىدىن چۈشكەندە قاراڭغۇ چۈشۈپلا قالغان ئىدى. ماشىنىدىن چۈشۈپلا مۇھىم بىر ئىش يادىمغا كەلدى. مەن ئۈمىدنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى بىلمەيتتىم. ئالدىنقى قېتىم  ئۈمىد ماشىنا ھەيدەپ ئېلىپ بارغاچقا يولنىمۇ ئېسىمدە تۇتىۋالماپتىمەن.  چوڭ دادامنىڭ يېزىدا تۇرىدىغانلىقىنىلا بىلىمەن،  باشقا ھېچقانداق ئۇچۇرىنى بىلمەيتتىم. ئاپتۇبۇس بېكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن، تاكسىلار كېلىپ توختاپ بېقىپ يەنە  كېتىۋاتىدۇ. قانداق قىلىىش كېرەك؟  قىش پەسلى بولغاچقا ھاۋا ئالاھىدە سوغۇق ئىدى،  ئاخرقى نۆۋەتلىك ئاپتبۇسنىڭ يولوچىلىرىمۇ تارقاپ، بېكەتتە تۈزۈك ئادەم قالمىغان ئىدى. ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بۇ جايدا ئۇنىڭغا بۇنىڭغا قاراپ تۇرىمەن.  قاياققا مېڭىشىمنى يا بىلمەيمەن.  ئەلۋەتتە ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى سورىمايمەن-دە. تۇيۇقسىز بىر ئادەم ئېسىمگە كەلدى. 

     تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۆتكۈرنىڭ نومۇرىنى ئىزدەپ تېپىپ تېلېفون قىلدىم. تېلېفون خېلى سايرىغان بولسىمۇ ئۇ ئالمىدى، تىت تىت بولۇشقا باشلىدىم.  بىر چاغلاردا ئاندىن تېلېفوننى ئالدى. 

_ ۋەي، نازىيە. 

ئۇنىڭ ئەتراپى ئىنتايىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئىدى،  مەن تېلېفوندا فەرۇقنىڭ ئۈمىدنى زاڭلىق ئېتىپ كۈلۈپ سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭلىغاندەك قىلىپ قالدىم.

_ خاپا بولماي جىمجىتراق يەرگە چىقسىڭىز بوپتىكەن. 

_   بولىدۇ، سەل توختاڭ ھە. 

   بىردەمدىلا قارشى تەرەپ جىمجىت بولۇپ قالدى. 

_   ھە، نىمە ئىش، نازىيە؟

_ ئۆتكۈر،  ماڭا چوڭ دادامنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟ 

_ سىز قەيەردە؟ 

_ مەن  لۈكچۈنگە كەلدىم، لېكىن چوڭ دادامنىڭ ئۆيىنى تاپالمىغۇدەكمەن. 

     ئۈمىد مەندىن نىمىشقا ئۇ يەرگە باردىڭىز دېگەندەك سۇئاللارنى سورىمىدى. 

_ ھاۋا بەك سوغۇق، سىز ماشىنا ساقلاش زالىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن  يېنىڭىزغا باراي. 

ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.  سىرتتا تۇرىۋېرىپ راستلا مۇزلاپ كەتكەن ئىدىم، ئاستا ماشىنا ساقلاش زالىغا كىردىم، زالدا ھېچكىم يوق،  زال ھەر ھالدا سىرتتىن ئىسسىقراق ئىدى. مەن بولمىدى دېگەندىمۇ سائەت ئونغىچە ساقلارمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما تامدىكى سائەت توققۇزنى كۆرسەتكەن چېغىدىلا ئۆتكۈر زالدا پەيدا بولدى. 

_ ئۇچتىڭىزما؟ بەك تېز كەپسىزغۇ؟ 

_ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكام خېلى ياخشى. 

    ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇردۇق، ئۇ يولبويى پارنى ئېچىپ كەلگەن بولسا كېرەك، ماشىنىنىڭ ئىچى ئىنتايىن راھەت ئىكەن. 

_ نىمە، ئۈمىد بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارما؟_ دەپ سورىدى ئۇ يولدا ماڭغاچ. 

_ ياقەي، كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلەي دەپ_ دېدىم مەن. 

_ قارىسام ئۈمىدنىڭ كۆڭلىمۇ تازا جايىدا ئەمەستەك قىلىدۇ،  ھاراق ئىچمە دېسەكمۇ ئۇنىماي ھاراق ئىچىۋاتاتتى ، مەن تېخى سىزگە تېلېفون قىلاي دەپ تۇرسام سىزدىن تېلېفون كەلدى. 

     ئۆتكۈرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆيدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭ ئاشقازىنىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.  لېكىن بوينۇم قاتتىقلىق قىلىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشنى خالىمىدىم. يېرىم سائەتلەردە چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە باردۇق. چوڭ دادام يېتىپ بولغان ئىكەن، دەرۋازىنى ئۇرساق خېلى ئۇزۇندا چىقىپ ئاچتى. چوڭ دادام دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈر ئىككىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. 

_ ۋوي ۋوي، ئۆتكۈر، نازىيە، ئىككىڭلار بىللە كېلىپ قاپسىلەرغۇ؟

_ چوڭ دادا، سىرت بەك سوغۇق، تېزئۆيگە كىرىپ كىتەيلىچۇ_ دېدى ئۆتكۈر چوڭ دادامنى ئالدىرىتىپ. 

_ ھە، يۈرۈڭلار، يۈرۈڭلار، ئىچىگە كىرىڭلار. 

    ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مەن ئۆزۈم يالغۇز كېلىپ يولنى بىلمەي ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم ۋە بۇ يەردىلىكىمنى ئۈمىدكە دېمەسلىكنى ئېيتتىم. چوڭ داداممۇ ئەقىللىق ئادەم، بىر قاراپلا نىمە ئىش بولغانلىقىنى پەملەپ بولدى. 

_ خاپىلىشىپ قاپسىلەر-دە. 

     مەن  خىجىل بولۇپ بېشىمنى كۆتۈرەلمەيلا قالدىم. 

_   بولدى، كېرەك يوق، قىزىم،خىجىل بولماڭ. خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنىڭغا دېمەيمەن. بۇ يەردە تۇرىۋېرىڭ، ئۇ سىزنى تازا ئىزدىسۇن، تاپالماي ئەنسىرىسۇن تازا. 

     ئۇ مېنى ئىزدەرمۇ؟ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ مېنى ئىزدەپ ئەنسىرىشىگە تازا جەزم قىلالمايمەن. ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەن بارمۇ يوقمۇ؟ ئۇ مېنى مۇھىم ئادەم دەپ بىلەمدۇ يوق؟ بۇنى بىلمەيمەن. ئۇ مېنى سىز ھەرگىز ئەخمىقانە ئىش قىلمايسىز، شۇڭا سىزدىن ئەنسىرىمەيمەن دېگەن،  ئىشقىلىپ ئۇ مەندىن رازىيەدىن ئەنسىرىگەنچىلىك ئەنسىرىمەيدۇ. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنى ئەنسىرىتەي، ئىزدىتەي دەپ يېنىپ چىقمىدىم، بەلكى يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ دەستىدىن بەك چارچاپ كەتكەچكە كاللامنى ئارام ئالدۇراي دەپ كەلدىم. 

    ئەمەلىيەتتە ئارىمىزدا رازىيە پەيدا بولغاندىن باشلاپ مۇناسىۋىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان، ئەسلىمۇ مۇستەھكەم مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلمىغان ئائىلىمىز ئانچىكى شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتاتتى. 

       مەن ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە ئۈمىد ئىككىمىز ياتقان ھۇجرىدا ياتتىم. يېتىشتىن بۇرۇن تېلېفونۇمنى ئېتىۋەتتىم. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆتكۈرنى ماڭامدىكىن دېسەم، ھېچ ماڭىدىغاندەك ئەمەس. چوڭ سۈپۈرگىنى ئېلىپ ھويلىنى سۈپۈرىدىغانغا تەييار بولۇپ تۇرۇپتىكەن.

_ ئىشقا بارمامسىز؟_ دەپ سورىدىم. 

_  روخسەت سورىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەك ئالدىراش ئىشلەپ چارچاپ قاپتىمەن، مۇشۇ باھانىدە ياخشىراق ئارام ئېلىۋالاي. 

     بىكار بولۇپ قالغاندا تەكرار ماتېرىيالىىنى چىقىرىپ كۆردۈم، چوڭ دادام بىلەن ئۆتكۈر ئىككىسىلا دوختۇر بولغاچقا چۈشەنمىگەن جايلىرىمنى ئۇلاردىن سورىسام ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويىدىكەن. 

ھازىرقى كىشىلەر بىردەم تېلېفونغا قارىمىسا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك بولۇپ كېتىدىكەن، مانا مەن سىناپ باقتىم، تېلېفون بولمىسىمۇ ئادەم ئۆلۈپ قالمايدىكەن. ھەر كۈنى تەكرار قىلىمەن، چارچاپ قالسام چوڭ دادام بىلەن گۈللىرىنى پەرۋىش قىلىمەن،  چوڭ دادامدىن ھەر بىر خىل گۈلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆگىنىمەن،  چوڭ دادام بىلەن ئۆتكۈرنىڭ شاھمات ئوينىغىنىنى كۆرىمەن، كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ. تور يوق، ئالدىراشلىق يوق، ئەسلى تۇرمۇش مۇشۇنداق ئاددى بولسا راھەت بولىدىكەن. 

   چوڭ دادام ئۆتكۈرگە ئالاھىدە ئامراقلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۈمىدكە قاتتىق قوللۇق قىلغاندەك قاتتىق قوللۇق قىلمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، چوڭلارنىڭ ھەممىسى گەپ ئاڭلايدىغان، قۇلىقى يۇمشاق بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆتكۈر چوڭ دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بولغاچقا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى تەبىئىي. لېكىن ئۈمىدنىڭ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدا تازا گەپ ئاڭلىمايدىغان قۇلاقكەستى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. 

   چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بەشىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام ئاپئاق قار يېغىپتۇ. مەن كىچكىمدىنلا قارنى بەك ياخشى كۆرىمەن. قار ياغقاندا قارنى دەسسەپ كىچىك بالىدەك سەكرەپ ئويناپ كېتىمەن. 

     ناشتا قىلىپ بولۇپ چوڭ دادام بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

_  قار ياغقاندا گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرۇپ ساماۋار شورپىسى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، سىلەرچىچۇ، باللىرىم؟

     بۇ تەكلىپ ئەلۋەتتە ئۆتكۈرگىمۇ ، ماڭىمۇ موك ياقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر ئىككىمىز ئۆيدە بار سەي كۆكتاتلارنى تەييارلىدۇق، ئەسلى سىرتقا چىقىپ ئازراق نەرسە كېرەك ئەكىلەيلى دېگەنتۇق،   چوڭ  دادام سەل تۇرۇپ بىرەيلەن نەرسە كېرەكلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى دېدى. يېزىلاردىمۇ ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈپ بېرىدىكەندە، دەپ ئويلىدىم. 

     بىز بىرەر قۇر تەييارلىق قىلىپ تۇرغاندا ئىشىكنى بىرسى چەكتى.  بوۋام يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا رادىيو ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. 

_ نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەقىچان، نازىيە، ئىشىكنى ئېچىڭە قىزىم. 

مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم-يۇ، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئادەمنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم.  چۈنكى ئىشىك ئالدىدا ئىككى خالتىدا لىق نەرسە كۆتۈرۈپ قاراپ تۇرغىنى ئۈمىد ئىدى. چوقۇم ئۆتكۈر يا چوڭ دادام ئىككىسىدىن بىرسى ئاشكارىلاپ قويغان گەپ. خەپ دېدىم ئىچىمدە.  لېكىن ئۆزۈممۇ ھېس قىلىپ قالدىم، ھازىر قايتىپ كەلگەن چاغدىكى ئاچچىقىم يېنىپ كېتىپتۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنى ئازراق سېغىنغىنىمنى بايقاپ قالدىم.  لېكىن ئۇنىڭغا قىلچە چاندۇرماي قولىدىكى نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپلا يەرگە قويدۇم. 

_ نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىۋالدىم، بولدى، ئەمدى كەتسىڭىز بولىدۇ. 

شۇنداق دەپ ئىشىكنى يېپىشقا تەمشەلدىم، ئۇ ئىكى قولى بىلەن ئىشىكنى توسۇۋالدى، چىرايىدا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە ئەكىس ئەتتى. 

_ مۇشۇنداق سوغۇقتا مېنى كەتكۈزىۋېتىشكە كۆڭلىڭىز ئۇنامدۇ؟

_ دېمىسىمۇ مۇشۇنداق سوغۇقتا بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كېلىشمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇنى كىرگۈزىۋېتىڭ، ئىسسىنىۋالسۇن_ دېدى چوڭ دادام. چوڭ دادام بۇنداق دېگەن ئىكەن، نەۋرىسىنى سىرتتا قويسام قاملاشمايدۇ دە، شۇنىڭ بىلەن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئېڭىشىپ پەستىكى خالتىنى كۆتۈرمەكچى بولدۇم. 

_ توختاڭ، بەك ئېغىر، سىز كۆتۈرمەڭ، مەن ئالاي. 

ئۇ ئۇنداق دېسە، مەنمۇ ياق مەن كۆتۈرىمەن دەپ تالاشمايمەن دە. گەپ قىلماي ئۆرۈلۈپلا ئاشخانا ئۆي تەرەپكە ماڭدىم. ئۈمىد چوڭ دادام بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئەكەلگەن نەرسە كېرەكلەرنى ئاشخانا ئۆيگە ئېلىپ كىردى.   ئۇ قولىدىكى خالتىنى يەرگە قويۇپ، ئوچاقنىڭ ئالدىدا قازاننىڭ شورپىسىنى تەييارلاۋاتقان ئۆتكۈرنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇردى. 

_ دەرۋازىدىن كىرىپلا بۇرنۇمغا  مېزىلىك پۇراق ئۇرۇلۇپ، شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كەتتى. 

     گەپ قىلماي دەپ ئۆزۈمنى خېلى تۇتىۋالساممۇ يەنىلا چىدىماي گەپ قىلىپ سالدىم. 

_ ئەمىسە شۆلگىيىڭىزنى ئېقىتىپ ئولتۇرىۋېرىڭ، سىزگە تاماق يوق. 

بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۆتكۈر كۈلۈپ كەتتى، ئۈمىد گەپ قىلمىدى.  مەن بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ كۆكتات يۇدۇم.  تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ پىچىرلىشى ئاڭلاندى. 

_ گۆشىنى سىلەر يەڭلار، مەن شورپىسىنى ئىچسەممۇ ئوخشاش. 

ئۇنىڭغا سوغۇقلا جاۋاب قايتۇردۇم. 

_ ماقۇل، ئەمىسە سەل تۇرۇپ بىز يەپ بولغاندا سىز سۈيىنى ئىچىڭ ھە .

_ ساماۋار شورپىسىنىڭ تىگىدە قالغان سۈيىدە پۈتۈن گۆش، سەي كۆكتاتنىڭ جەۋھىرى قالىدۇ، ئەڭ قۇۋۋەتلىك يېرى ئۇ. ئەڭ قۇۋۋەتلىك يېرىنى ماڭا بېرىمەن دېسىڭىز چوڭ دادام بىلەن ئۆتكۈرنىڭ گېپى چىقارمىكىن. 

    ئۇ زادى بەزىدە مۇشۇنداق گەپ ئۆتمەيدىغان بەز بولۇپ قالىدۇ. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k