大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 90 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 90 - قىسىم aybarawazi
2023-09-07
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 91 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

90-قىسىم  


    سائەت 11لەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدۇق، ئۈمىد مېنى ئۇدۇل نىگارەنىڭ ئۆيى بار ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ كەتتى. ئۈمىد كەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ تىنەپ تاكسى بىلەن نىگارە دەپ بەرگەن رېستۇرانغا باردىم. رېستۇراننىڭ ئالدى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئىكەن، رېستۇراننىڭ ئالدىغا كېلىپلا نىگارەگە تېلېفون قىلدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى ئايرىمخانىدا ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى، ئىشىكنى ئېچىپ كىرسەم ئۇ ئاپئاق توي كۆڭلىكىنى كىيىپ ئەينەككە قاراپ قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.  

_ نىگارىم، مەن كەلدىم. 

    لېكىن ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى. ھەممە ئادەم قىزلار تويى بولىدىغان كۈنى ئېچىلىپ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ دىيىشىدىكەن، ھەقىقەتەن شۇنداقكەن، نىگارەنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى.  ھازىرغىچە ئۇنىڭ بۇنداق گۈزەل تۇرقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.  لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. مەن بېرىپ قولۇمنى ئاستا ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدۇم 

_ راستلا ئويلىنىپ بىر قارارغا كەلدىڭمۇ؟

  نىگارە ماڭا قاراپمۇ قويماي ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپلا جاۋاب بەردى. 

_ بۈگۈنكى توي مۇراسىمى پەقەت بىر رەسمىيەت، شۆھرەت ئىككىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ بولدۇم. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيلى دېسەم شۆھرەت ئۇنىمىدى. 

    ئۇ كۈلەي دەپ ئۆزىنى خېلى زورلاپ باققان بولسىمۇ چىرايىغا زادىلا كۈلكە يۈگۈرتەلمىدى.

_ سېنىڭ بەختلىك بولۇشۇڭنىلا ئۈمىد قىلىمەن، دوستۇم. 

     نىگارە كەينىگە ئۆرۈلۈپ قولۇمنى تۇتتى. 

_ نازى،  مەن قورقمىسام سەن نىمىدىن قورقىسەن، توي قىلىپ باقىمەن، ئەپ ئۆتەلىسەم ئۆتەلىدىم، بولمىسا ئاجرىشىپ كېتىمەن شۇ. بۇ قانچىلىك ئىشتى. 

_ ھەي،  تېخى تويۇڭنى رەسمىي قىلماي تۇرۇپ ئاجرىشىشنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرىسەنغۇ.  بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ، شۆھرەتكە كېيىنكى ھاياتىڭنى تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن، چوقۇم بەختلىك ياشىغىن،  سەن بەختلىك بولساڭلا مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن. 

_ دەپ قويدۇمغۇ ئەمدى، كىممۇ ئاجرىشىپ كېتىش ئۈچۈن توي قىلىدۇ؟ توي قىلغان ئىكەنمەن، چوقۇم بەختلىك بولسام دەپ ئويلايمەن دە. 

    ئىش بۇ دەرىجىگە يەتتى، بۈگۈن ئۇنىڭ تويى، مەنمۇ ئارتۇق ئويلىماي. بەلكىم بۇ بىر ياخشى باشلىنىشتۇ، بەزىدە ئادەم ئەڭ قورققان ئىشنىڭ ئاخىرى گۈزەل بولىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار تويدىن كېيىن ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەختلىك بىر جۈپلەردىن بولۇپ كىتەمدۇ تېخى.  نىگارەنىڭ بېشىغا ئاق تورنى يېپىپ قويدۇم.  بىردەمدىن كېيىن شۆھرەت كىردى.  ئۇ بۈگۈن قاتۇرۇپ كاستيۇم كىيىۋالغان، ئۇنىڭ كاستيۇم كىيىۋالغان تۇرقىنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئۇ ھەقىقەتەن سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. توي كۈنى قىزلارلا ئەمەس، يىگىتلەرمۇ ئېچىلىپ كېتىدىكەن ئەسلى.  ئۇ ئەينەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

_ قاراڭە، نىگارە بوپتۇمۇ؟_ دېدى.  نىگارە بېشىنى لىڭشىتتى. 

_ بولدى، شۇنداق يارىشىپتۇ. 

   ئۇ نىگارەگە مېھرى بىلەن تىكىلىپ خېلى ئۇزۇن قارىدى، ئەڭ ئاخىرىدا :

_ بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز_ دېدى. 

    مەن ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قارىدىم.  مېنىڭچە شۆھرەت نىگارەنى ھەقىقي ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلاتتى، ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئۇلار بىر بىرىگە قارىشىپ، مەن ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرغاندا ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ بىرەيلەن گۈس گۈس دەسسەپ كىرىپ كەلدى. قارىسام كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ نىگارەنىڭ دادىسى پەرھات دادام كىرىپ كېلىۋاتاتتى. 

_ نىمە ئىش بۇ؟

_ نىمە ئىش بولاتتى؟ تويۇم بولىۋاتىدۇ_ دېدى نىگارە پەرۋاسىز قىياپەتتە. 

_ مەن دېگەن سېنىڭ داداڭ، مېنىڭ روخسىتىمنى ئالماي تۇرۇپ توي قىلامسەن تېخى_ پەرھات دادام شۇنداق دېگەن پىتى نىگارەنىڭ قولىدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. نىگارە دادىسىنىڭ قولىنى كۈچەپ سىلكىۋەتتى ۋە كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ بېرىپ تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ دادىسىغا تىكىلىپ قارىدى. 

_ بىرنى تاپسام ياقتۇرمايمەن دېدىڭ، مەيلى دەپ باشقا بىرىنى تاپسام يەنە شۇنداق  دەمسەن؟  

پەرھات دادام قولىنى سۇنۇپ شۆھرەتنى كۆرسەتتى. 

_ مۇھەببەتلەشسەڭ پىكىرىم يوق. لېكىن تۈزۈكرەك ئادەمنى تاپمامسەن، تاپقان ئادىمىڭگە قاراپ باقە، بىر بىرىدىن ئۆتە كۆزۈمگە سىغمايدىغان نىمىلەرنى تاپىدىكەنسەن. يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭغۇ سەن. 

_ تۈزۈكرەك ئادەمنى تاپ دېدىڭىزما؟_ دېدى شۆھرەت ئاخىرى چىداپ بولالمىدى بولغاي. _  قېينئاتا، نەزىرىڭىزىكى تۈزۈك ئادەم قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭ قەيىرىم تۈزۈك ئەمەسكەن؟ ئاقساق چولاقمىكەنمەن؟ بىرەر يېرىم بىجىرىم ئەمەسمىكەن يا؟

_ مېنى قېينىئاتا دېمە، مەن سېنىڭ قېينىئاتاڭ ئەمەس. ساڭا دەپ قوياي، قىزىمنى ئېلىش نىيىتىڭدىن يان، مەن بۇ تويغا ھەرگىز قوشۇلمايمەن. 

    شۆھرەت يەنە بىر نىمە دېمەكچى بولۇپ ئالدىغا ماڭغان ئىدى، نىگارە توسۇۋالدى. 

_ سىز چىقىپ مېھمانلارغا قارىغاچ تۇرۇڭ. 

      شۆھرەت ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئارتۇق گەپ-سۆز قىلمايلا چىقىپ كەتتى.  نىگارەنىڭ مىجەزىنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، شۇڭا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بېرىپ قولىغا ئېسىلدىم. 

_ نىگارە، پەرھات دادام بىلەن چىرايلىق پاراڭلىشىڭلار. 

   ئاندىن پەرھات دادامغا گەپ قىلماقچى بولدۇم. 

_ پەرھات دادا، سىزمۇ....

_  كىم نىمىلا دېسە بىكار، مەن بۇ تويغا ھەرگىز قوشۇلمايمەن، دەرھال ئۇچاڭدىكى كىيىمنى سېلىۋېتىپ مەن بىلەن ماڭ. 

     نىگارەنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگىنىنى ھېس قىلىپ قالدىم، ئۇ قولۇمنى كۈچەپ سىقتى. 

_ دادا. ھېلىقى كۈنى فەرۇق ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلدۇم دېگەنتىڭ، مەن تېخى راستمىكىن دەپ قاپتىمەن، ئۆزۈمچە دادام يەنىلا ماڭا ئامراقكەن،  مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئويلاپ رازىلىق بېرىپتۇ دەپ خوش بولۇپ كېتىپتىمەن،  بۇرۇن ساڭا بەك قوپاللىق قىلىپ قويغانلىرىمنى ئويلاپ ئۆزۈمچە خىجىل بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى ئويلاپ كىتىپتىمەن. لېكىن نەتىجىدىچۇ؟  قانداق بولدى؟ ئەمەلىيەتتە ھەممىسى يالغانكەن، سەن ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىڭغىچە ئۆچمەنلىك قىلدىڭ، ئۇنى كەلسە كەلمەس يۈرىدىغان لۈكچەك دەپ بىلدىڭ، ھەر ئاماللار بىلەن بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولدۇڭ، ئاخىرى قىلىدىغىنىڭنى قىلدىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىۋېتىپ مۇرادىڭغىمۇ يەتتىڭ. ماقۇل، ئۇنىڭغا ئۇنىمىغان ئىكەنسەن، باشقا بىرىنى تاپسام بۇنىمۇ بولمايدۇ دەۋاتىسەن، سېنىڭ زادى نىمە مەقسىتىڭ بار؟

     پەرھات دادام نىگارەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالغاندەك بولدى بولغاي:

_ مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسىكەن دەيمەن، سېنىڭ غېمىڭنى يەيمەن_ دېدى. 

     مەن گاڭگىراپلا قالدىم.  نىگارە كۈلۈپ كەتتى. 

_ رەھمەت ساڭا، مەن ھازىر شۇنداق ياخشى،  سەن مېنىڭ دادام، ئەلۋەتتە قېپ قېلىپ توي مۇراسىمىمىزغا قاتناشساڭ بولىدۇ، قاتناشمايتتىم دېسەڭ ئۇنىڭغىمۇ مەيلى، توي مۇراسىمىنى ئوخشاشلا ئۆتكۈزىۋېرىمىز، سېنىڭ بار بولۇشۇڭ بىلەن يوق بولۇشۇڭنىڭ بەك چوڭ پەرقى يوق. 

_ نىگارە، زادى گېپىمگە كىرمەمسەن ؟ 

_ كىرمەيمەن، دەيدىغان گەپنى بايا دەپ قويدۇم. قالغان ئىختىيار ئۆزۈڭدە. 

   نىگارە شۇنداق دەپ بولۇپ يەنە ئولتۇرۇپ گىرىم ئەينىكىگە قاراپ ئولتۇردى.  پەرھات دادام بىردەم تۇرۇپ بېقىپ ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا بېرىپ ئۇنى مۈرىسىدىن قۇچاقلىدىم. ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ يىنىك تىترەۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم، يىغلاۋاتقان بولسا كېرەك.  قەغەزنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم.

_ يىغلىما نىگار، ئاران تەستە قىلغان گىرىملىرىڭ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. 

_ سەن ئەمەس مەن ھە دېسە مىشىلداپ يىغلاۋېرىدىغان. _ ئۇ شۇنداق دەپ كۆزىگە لىققىدە تولغان كۆز يېشىنى چىقارماي يۇتۇۋەتتى. ئۇ ئاغزىدا ئۇنداق دېگەن بىلەن قانچىلىك كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمەن. 

     بىردەمدىن كېيىن گىرىمچى كىرىپ نىگارەنىڭ گىرىملىرىنى تولۇقلاپ قىلىپ قويدى. مەن دېرىزىنىڭ يېنىدا تۇراتتىم،  پەرھات دادامنىڭ رېستۇراننىڭ ھويلىسىدىن چىقىپ توختىتىپ قويۇلغان بىر ماشىنىغا چىققانلىقىنى كۆردۈم. بۇ چاغدا ماشىنىنىڭ يان تەرەپتىكى دېرىزىسى چۈشۈرۈلدى، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، چۈنكى پەرھات دادام چىققان ماشىنىدا ئولتۇرغىنى نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى نادىرە شۇ ئىدى. ماشىنا بىردەمدىلا ھويلىدىن چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.  پەرھات دادام نادىرەنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەن ئەمەسمىدى؟ يەنە كېلىپ نادىرە فەرۇق بىلەن ھېلىقىدەك ئىش قىلغان تۇرسا، پەرھات دادام يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتامدىكىنە؟

     مەن نىگارە ماڭا ئاتاپ تەييارلاپ قويغان قولداش كىيىمىنى كىيدىم، گىرىمچى ماڭىمۇ گىرىم قىلىپ قويدى.  مېھمانلار ئاساسەن كېلىپ بولغاندا شۆھرەت بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن قائىدىسىنى قىلىپ قىز كۆچۈرگىلى كىردى، بىر مۇنچە نەغمە ناۋا بىلەن نىگارەنى ئايرىمخانىدىن كۆچۈرۈپ زالغا ئېلىپ چىقتى. مېھمانلار بەكمۇ كۆپ ئەمەس، ئاساسەن دېگۈدەك شۆھرەتنىڭ  دوستلىرى ئىدى. رېستۇراندا يەپ ئىچىشلەر بىرەر قۇر داۋاملىشىپ، ئاندىن رىياسەتچى توي مۇراسىمىنىڭ رەسمى باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ ناخشا باشلىدى.  شۆھرەت بىلەن نىگارە بىر مەيدان ئۇسۇل ئويناپ مۇراسىمنى باشلاپ بەردى. بىر نەچچە مەيدان ئۇسۇل تانسىلار ئوينالغاندىن كېيىن رىياسەتچى قىز يىگىتنى مۇھەببەتلىك تانسا ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئەمدى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ تانسا ئويناشقا باشلىۋىدى، تۇيۇقسىز فەرۇق سەھنىدە پەيدا بولدى. ئۇ يىگىت بىلەن قىزنىڭ يېنىغا بارماقچى بولىۋىدى،  شۆھرەتنىڭ دوستلىرى ئۇنى تۇتىۋالدى. ئۇ ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئەرنى بىر مۇشت قويدى، شۇنىڭ بىلەن مۇشتلىشىش باشلىنىپ كەتتى. فەرۇق ئۆزى يالغۇز بۇ يەردە ئەلۋەتتە ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ دە. بىردەمدىلا ئاغزى بۇرنى قانغا بۇيالدى. 

_ بولدى ئۇرماڭلار_ دەپ ۋارقىرىدى نىگارە. 

ئۇنى ئۇرىۋاتقانلار توختاپ شۆھرەتكە قارىدى، شۆھرەت ئىشارەت قىلىۋىدى، ھەممىسى كەينىگە ياندى. ئاغزى بۇرنى قانغا بۇيالغان فەرۇق سەھنىگە ئېتىلىپ چىقىپ نىگارەنىڭ قولىدىن تارتتى.

_ شۇنچە كۈنلەر بولۇپ كەتتى، تېخىچە ئاچچىقىڭىز يانمىدىما؟ ئاچچىقىم كەلدى دەپلا مۇشۇنداق ئەخمىقانىلىق قىلامسىز، نىگارە، بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىشمۇ؟ سىز ماڭا ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بولغان، سىز مەن بىلەن توي قىلىشىڭىز كېرەك، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن بىلەن كېتىڭ، بولامدۇ؟ 

نىگارە فەرۇقنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى، لېكىن فەرۇق نىگارەنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى.  

_ مېنىڭ ئاچچىقىم ياندى. 

فەرۇقنىڭ خۇشلۇقتىن چىرايى ئېچىلىپ كەتتى. 

_ ئەمىسە مەن بىلەن بىللە كېتىڭ، بۇندىن كېيىن سىزنىڭ سىزغان سىزىقىڭىزدىن چىقمايمەن، سىز ئاق دېسڭىز قارا دېمەيمەن،  سىز نىمە دېسىڭىز شۇ، بولامدۇ، نىگارە. 

_ قويۇۋەت_ شۆھرەت زەردە بىلەن ۋارقىرىدى. فەرۇق قويۇۋەتمىدى،     مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقاتتى.  مەن ئاستا فەرۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ نەسىھەت قىلدىم.

_ فەرۇق، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، قانداقلا گەپ بولسا كېيىن دىيىشەيلى، بولامدۇ؟

_ ئەمدى كېيىن دەپ ئولتۇرسام ئۇ  باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ كېتىدۇ_ تۇيۇقسىز ھۆركىرىدى ئۇ. 

_ ماقۇل، مەن سىز بىلەن كېتەي_ دېدى نىگارە تۇيۇقسىزلا.  شۆھرەت دەرھال ئۇنىڭ يەنە بىر قولىنى تۇتتى. 

_ مۇشۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي، خاتىرجەم بولۇڭ، بۈگۈن سىز بىلەن توي مۇراسىمىمىزنى چوقۇم ئاخىرغىچە تاماملايمەن.

    نىگارە شۇنداق ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتاتتى، شۆھرەت بىردەم قاراپ تۇرۇپ ئاندىن نىگارەنىڭ قولىنى قويۇۋەتتى. فەرۇق نىگارەنىڭ قولىدىن يېتىلەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. سەل ئەنسىرەپ مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇلار شۇ ماڭغانچە يېقىن ئەتراپتىكى بىر باغچىغا كېلىپ توختىدى. مەن يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇردۇم. 

_ فەرۇق، ئەمدى بۇنداق ئەخمەقلىق قىلماڭ، ئىككمىزنىڭ ئىشى مۇمكىن بولمايدۇ.  مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى،  بىلىمەن، بۇنىڭدا خاتالىق سىزدە ئەمەس،  لېكىن بولىدىغان ئىش ئاللىبۇرۇن بولۇپ بولدى، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك بولىۋالاي دەپ خېلى تىرىشىپ باقتىم، لېكىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم.

    نىگارە دەسلەپتە شۇنداق تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەشكە باشلىغان، ئاخىرىغا كەلگەندە يىغلاپ كەتتى.  فەرۇق بىر دەرەخقە يۆلىنىپ تۇرۇپ يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقاردى، لېكىن قوللىرى تىترەپ تۇتاشتۇرالماي مىجىپ تاشلىۋەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ئۇچىسىدىكى چاپىنىنى سېلىپ، توي كۆڭلىكى بىلەنلا تۇرغان نىگارەگە ئارتىپ قويدى، ئاندىن نىگارەنى چىڭ قۇچاقلىدى. 

_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، نىگارە،  سىزدىن ئايرىلالمايمەن.

     ئۇ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. ئۇلارنى ياخشىراق پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتتىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، نىگارە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن توي كۆڭلىكىنى كۆتۈرىۋالغان، كۈچسىز بىر خىل ھالەتتە مېڭىپ كېلىۋاتاتتى، يىغلاپ گىرىملىرىمۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ئالدىغا  باردىم، ئۇ ماڭا قاراپ ئاستاغىنە پىچىرلىدى. 

_  قايتىپ كېتەيلى، نازى، شۆھرەت مېنى ساقلاۋاتىدۇ. 

شۇنداق قىلىپ نىگارە بىلەن شۆھرەتنىڭ توي مۇراسىمى ئوڭۇشلۇق ئاياقلاشقان بولدى. توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نىگارە شۆھرەتنىڭ ماشىنىسى بىلەن قايتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ماشىنىغا چىقىپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئاندىن نىگارەنىڭ راستلا شۆھرەت بىلەن توي قىلغانلىقىغا چىنپۈتتۈم. 

     ئۈمىدكە تېلېفون قىلسام ئۇ 520 بەزمىخانىسىدا ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن تاكسىغا ئولتۇرۇپ  بەزمىخانىغا قاراپ ماڭدىم. بەزمىخانىغا كىرسەم ئۇ كرىسلودا ئولتۇرۇپتۇ، فەرۇق ئۇنىڭ يېنىدا ئاسمانغا قاراپ يېتىپتۇ. بىر ياندا نىجاتمۇ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇلارمۇ فەرۇخقا خېلى گەپ قىلىپ ئۆتكۈزەلمىگەندەك قىلىدۇ. يەردە بىر مۇنچە ھاراق بوتۇلكىلىرى چېچىلىپ ياتاتتى. 

_ كەلدىڭىزما؟_ دېدى ئۈمىد مېنى كۆرۈپ. نىجاتمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلدى. فەرۇق ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ يەنە بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئالدى، ئەمما ئۈمىد ئۇنى تۇتىۋالدى. 

_ مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقىسى جېنىم ئاغىنەم.  بۈگۈن مېنى توسماڭلار، بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم.  بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئۆلدى، شۇڭا مېنى توسماڭلار. 

    ئۈمىد ئۇنىڭ قولىنى بىردەم بېسىپ تۇرغاندىن كېيىن قويۇۋەتتى. فەرۇق كەينى كەينىدىن غۇرتۇلدىتىپ نەچچە بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىۋەتتى. ئۇ يەنە بىر بوتۇلكىنى تۇتقاندا ئۈمىدنىڭ سەۋر قاچىسى توشتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا فەرۇقنى تارتىپ تۇرغۇزۇپ سىلكىشلىگەنتى، فەرۇق «ھۆ» قىلىپلا  ئۈمىدنىڭ ئۈستى بېشىغا قۇسۇۋەتتى. ئۈمىد فەرۇقنى بىر يانغا ئىتتىرىۋېتىپ ئۇچىسىدىكى چاپىنىنى سالدى. 

_ ئەكىلىڭ، مەن يۇيۇپ چىقاي_ دېدىم مەن.  ئۈمىد چاپىنىنى ماڭا بەردى. ئاندىن فەرۇقنى تازىلىق ئۆيى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۈمىدنىڭ چاپىنىنى ئاياللار تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ يۇماقچى بولدۇم. يانچۇقىدا بىرەر مۇھىم نەرسە بولۇپ قالسا ھۆل بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئىچى سىرتىدىكى يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ چىقتىم، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يانچۇقىدىن ھېلىقى بارماق دېسكا چىقتى. بۇ ھېلىقى كۈنى ئابلىز ئەپەندىم بىلەن تەڭگە تاشلىشىپ ئۇتۇۋالغان بارماق دېسكا شۇ ئىدى. مېنىڭ بۇ بارماق دېسكىنىڭ ئىچىدە زادى نىمە بارلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى، مانا ھازىر ئۇ قولۇمدا تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدا شۇنچىۋالا چوڭ بىپايان شىركىتىگە تىگىشكۈدەك قانداق قىممەتلىك نەرسە باردۇ؟ 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k