
بۇ ئەسەرنىڭ 112 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
|
111-قىسىم
تېلېفون تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كەتتى.
_ سىز كىم؟_ دېدىم مەن، ئاۋازىممۇ تىترەپ كېتىۋاتاتتى.
_ ئۈمىد ئاكام كۆپ ئىچىۋالدى _ ئۇنىڭ ئاۋازىدا بىر خىل مەغرۇرلۇق بار ئىدى. بايا «ۋەي» دېگەن ئاۋازىدىن ئانچە جەزملەشتۈرەلمىگەن ئىدىم، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ رازىيە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. گېلىمغا بىر نىمە قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ گەپ قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازى تېلېفوندىن داۋاملىق ئاڭلىنىۋاتاتتى.
_ ئۈمىد ئاكا، ئۈمىد ئاكا، ئويغىنىڭ، نازىيە ئاچامدىن تېلېفون كەپتۇ، تېلېفوننى ئېلىڭ. كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، نازىيە ئاچام ئەنسىرەپ قالمىسۇن. ئۇنداق قىلماڭە، ئۈمىد ئاكا، بۇنداق قىلسىڭىز مەن چىدىيالمايدىكەنمەن. ئۈمىد ئاكا، تېخى بايىلا...
قوللىرىم تىترەپ تېلېفون قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ماڭا ھاراق ئىچمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، ئەمما ھاراق ئىچىپتۇ، ھەتتا خۇدىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەس بولۇپ كېتىپتۇ. ئادەم خۇدىنى بىلمىگۈدەك مەس بولۇپ كەتكەندە نىمە ئىش قىلغىنىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ، فەرۇقمۇ شۇنداق بولدىغۇ، ئۇ نىگارەنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قېلىپ بەك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ نىگارەدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۈمىد مەس بولۇپ قېلىپ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن نازىيەنىڭ چىرايىنى كۆرسە ئۆزىنى تۇتىۋالالايتتىمۇ؟ تېلېفوندىن رازىيەنىڭ ئەركىلىگەن، نازلانغان ئاۋازى ھېلىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دەرھال تېلېفوننى ئېلىپ قويۇۋېتىپ كرىسلوغا تاشلىۋەتتىم. مېنىڭ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى قانچىلىك ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساقلاپ كېلىۋاتقىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتكۈم بار، ئەمما ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ياق، ھۇشيار تۇراي، فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ پاجىئەسى بىزنىڭ ئۆيدە قايتا تەكرارلانسا بولمايدۇ. ئەمما ھازىر قانداق قىلىشىم كېرەك؟ كاللام قاپاق بولۇپ كەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا سىرتتا ماشىنا كېلىپ توختىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بىردەمدىن كېيىن ئۈمىد ئىشىكتىن كىردى. ئۇ ئايىقىنى ئالماشتۇرۇپ كېلىپ، مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالغىنىمنى كۆرۈپ:
_ تېخىچە ئۇخلىماپسىزغۇ؟ يا تېلېۋىزورمۇ كۆرمەپسىز، نىمىگە ھاڭۋېقىپ قالدىڭىز؟_ دەپ سورىدى.
تېلېفوننى ئەمدى قويۇشۇمغا ئۇ قايتىپ كېلىۋاتىدۇ، بايا تېخى مەن تېلېفوننى قويۇشتىن بۇرۇن رازىيەنىڭ «ئۈمىد ئاكا» دەپ نازلانغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقان ئىدىغۇ؟ ئۇ ئۇچۇپ كەلگەن ھالەتتىمۇ ئىككى مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئۆيگە كېلىپ بولالماس. ئېسىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىدىم، ئۇ ھاراق ئىچكەندەك ئەمەس، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇنداق رەتلىك.
_ تاماقنى ئەمدى يەپ بولدۇڭلارمۇ؟
ئۈمىد ئاستا بېرىپ كرىسلودا ئولتۇردى، تۇرقىدىن بەكلا چارچاپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.
_ رازىيەنىڭ ۋاستىچىسى تېلېفون قىلىپتىكەن، رازىيەنىڭ روھى كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس دەپ. شۇڭا تاماق يەپ بولۇپ رازىيەنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم.
ئۇ رازىيە بىلەن كۆرۈشكىلى بارغىنىنى مەندىن يوشۇرمىدى. بۇنىڭدىن يەنىلا خۇش بولدۇم. ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاپ باقسام، بايىقى تېلېفوندىكىسى رازىيەنىڭ ئوينىغان ئويۇنى ئىكەن.
_ ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟_ سورىدىم مەن. ئۈمىد كرىسلوغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ جاۋاب بەردى.
_ ئۇنىڭ يېشى تېخى كىچىك، كىچىككىنە قىز بالىنىڭ سىرتتا ئۆزى يالغۇز ئىش قىلىشىمۇ ئاسان ئەمەس، يېڭى يىلدا يالغۇز قېلىپ، ئۆيىدىكىلىرىنى سېغىنىپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئۆيىدىكىلىرىنى سېغىنىپ؟ مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ بايا تېلېفوندىكى ئاۋازى شۇنداق ياڭراق، شۇنداق مەغرۇر تۇرمامدۇ؟ ئۆيىدىكىلەرنى سېغىنىپ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك ئەمەس.
ئۈمىد بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ چاپىنىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردى، ئىشتىنىنڭ يانچۇقىغا قولىنى سالدى، چىقىپ ماشىنىغا قاراپ باقتى. ئۇ بىر نىمىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.
_ تېلېفونىڭىزنى ئىزدەۋاتامسىز؟_ دەپ سورىدىم. ئۇ ماشىنىدىن گەۋدىسىنى چىقىرىپ ماڭا قارىدى.
_ ھەئە، تېلېفونۇمنى تاپالمايمەنغۇ؟
_ تېلېفونىڭىز رازىيەنىڭ يېنىدا قېپ قاپتۇ_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا.
ئۇ چىرايىمغا قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ ئاندىن ئاستا كېلىپ يۈزۈمنى سىلىدى،
_ نىمە بولدىڭىز؟ رازىيە تېلېفوندا سىزگە بىرەر نەرسە دېگەن ئوخشىمامدۇ؟
ئىچىمدىكى ئاچچىقنى يۇتۇپ تۇرۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ ھەئە، قەستەن چىشىمغا تېگىپ تېلېفوندا غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ كەتتى.
_ لېكىن مەقسىتىگە يىتەلمەپتۇ ھە؟ _ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
_ ياق، ئۇ مەقسىتىگە يەتتى. سىز ئۆيگە كەلسىڭىز يالغىنى تېشىلىپ قالىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، مېنى بىردەم بولسىمۇ خاپا قىلىۋالاي دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، بايا راستلا بەك خاپا بولغان، بەك كۆڭلۈم يېرىم بولغانتى.
ئۈمىد مېنى ئاستا باغرىغا باستى.
_ ھاماقەت خوتۇنۇم، ئۇنىڭ قەستەن چىشىڭىزغا تەگكىنىنى بىلىدىكەنسىز بولمىسا. يەنە نېمىگە كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ؟
مەن ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تۇرۇپ كۆينىكىنىڭ ياقىسى، يەڭلىرىنى پۇراپ باقتىم.
_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟ دېدى ئۇ ئەجەبلىنىپ.
_ ھاراق پۇرىقى ياكى بىرەر ئايالچە ئەتىرنىڭ پۇرىقى سىڭىپ قالغانمىكىن دەپ پۇراپ بېقىۋاتىمەن.
_ ھا ھا ھا. بارغانسېرى بەك ئۇماق بولۇپ كېتىۋاتىسىز جۇمۇ، مەلىكەم. قانداق بىرەر غەيرىي پۇراق بارمىكەن؟
مەن بېشىمنى چايقىدىم.
كەچتە ئۈمىد بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدى. مەن ئۇيقۇم كەلمەي ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ياتقاندا تۇيۇقسىز تېلېفونۇمغا كيۇ كيۇدىن ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر چايكىدىن كەلگەن ئىدى. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقان، تېلېفوننىڭ ئاۋازىمۇ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئىدى. ئويلاپ باقسام كيۇ كيۇنىمۇ پەقەت چايكا بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىكەنمەن.
_ نازىيە ياخشى تۇرۋاتامسىز؟
ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئاندىن چايكا بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىمۇ قانداق، ئۇمۇ ئۇچۇر قالدۇرماپتۇ، مەنمۇ نۇرغۇن ئىشلار سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلماپتىمەن. تېلېفونۇمنى ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردۇم.
_«مەن ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ، ياخشى تۇرۋاتامسىز؟»
_«مەن ئانچە ياخشى ئەمەس»
بىلىشىمچە چايكا ھەر دائىم ئاكتىپ روھى كەيپىياتتا يۈرىدىغان ئادەم، ئۇ ماڭا ئەزەلدىن «ياخشى ئەمەس» دەپ باقمىغان. دەرھال ئۇچۇر قايتۇردۇم.
_«نىمە بولدىڭىز؟»
ئۇ تەخمىنەن بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇچۇر قايتۇردى.
_«مەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، لېكىن ئۇ توي قىلغان. سىزنىڭچە قانداق قىلسام بولار؟»
بۇ چايكىنىڭ مەن بىلەن تۇنجى قېتىم مۇھەببەت ئىشى توغرىلىق سۆزلىشىشى. مەن بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن تېلېفوننىڭ كۇنۇپكىسىنى باستىم.
_«ئۇنداقتا بولدى قىلىڭ. ئۇ توي قىلىپ بولغان بولسا بۇ ئۆزىڭىزنى قىيناشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ. ئەمدى ئۇنى ئويلىماي ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، چوقۇم ياخشى قىزلار يەنىلا بار».
چايكا خېلىغىچە ئۇچۇر قىلمىدى. مەن گەپنى بەك ئوچۇق قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويدۇممۇ نىمە دەپ ئويلاپ دەرھال يەنە بىر ئۇچۇر يازدىم.
_ «مەنمۇ سىزنىڭ مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ شۇنداق دەۋاتىمەن. بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى، خاتا گەپ قىلىپ سالغان بولسام كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.»
بۇ قېتىم ئۇ تېزلا ئۇچۇر قايتۇردى.
_«كېرەك يوق. دېگىنىڭىز توغرا، بەلكىم ۋاقىت ئۆتكەنچە ئازابىم يىنىكلەپ قالار».
_ «ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى ئۇ بىلەمدۇ؟»
_«ئۇ ئېرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ».
_« ئەمىسە ئۇنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولىدىكەن، سىزنىڭچىچۇ؟»
ئارىدىن خېلى ئۆتكەندىن ئاندىن ئۇچۇر كەلدى.
_«ماقۇل، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن».
ئۈمىدنىڭ شىركىتىدىكىلەر يېڭى يىل بايراملىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپتۇ. يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۈمىد بىلەن چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە باردۇق، كەينىمىزدىن ئۆتكۈرمۇ بېرىپتۇ. تاماقنى بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ يىدۇق، چوڭ دادام ئۆتكۈرگە چاقچاق قىلدى.
_ قاچانمۇ چوڭ دادا، ماۋۇ مېنىڭ قىز دوستۇم دەپ باشلاپ كېلەرسەن؟ سېنى قىز دوستىنى باشلاپ كەلسە ئولتۇرامىكىن دەپ ئورۇندۇقتىن بىرنى ئارتۇق قىلىپ ساقلاۋاتقىلى نىكەم ماڭا.
_ شۇنى دەيمەن. سەنمۇ تېزرەك بول _ دېدى ئۈمىدمۇ.
_ ئىككىڭلار بىر بىرىڭلاردىن قالتىس ئىقتىدارلىق، بىر بىرىڭلاردىن كېلىشكەن، سۇمباتلىق يىگىت بولدۇڭلار. ئۈمىد بەختىنى تېپىپ بولدى، ئۇنى نازىيەگە تاپشۇرۇپ مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم. ئەمدى غېمىم سەندە قالدى، ئۆتكۈر بالام. سەنمۇ ئوقۇرۇڭنى بەك ئېگىز قىلىۋالما، ساڭا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنىدىغان، ئۆي تۇتۇشنى بىلىدىغان قىزلار بولسىلا بولىدۇ. نازىيەدەك قىزلارغا مەن ئامراق.
چوڭ دادام بۇ گېپى بىلەن ئولتۇرغان ئۈچىمىزنىلا ماختاپ ئۈلگۈردى.
_ لېكىن نازىيە پەقەت بىرلا دە_ ئۆتكۈر تۇيۇقسىز شۇ گەپنى دەپ قالدى. يېڭى يىللىق زىياپەت ئۆتكۈزگەندە فروزەنىڭ ماڭا دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ سەل ئوڭايسىزلاندىم. ئۈمىد بىر پارچە گۆشنى قىسىپ ئېلىپ تەخسەمگە سېلىپ قويدى، ئۇ ئۆتكۈرنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدىمۇ يا ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىمۇ، ئىشقىلىپ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. چوڭ دادام ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈرگە قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
_ ياخشى قىزلار يەنىلا ئىنتايىن كۆپ، گەپ سېنىڭ ئۇلارنى بايقىۋالالىشىڭدا.
ئۆتكۈر گەپ قىلماي تامىقىنى يەۋەردى.
كەچتە ئۈچىمىز كىچىك بالىدەك ساليوت ئېتىپ ئوينىماقچى بولدۇق. چوڭ دادامنڭ ھويلىسى كەڭرى بولغاچقا ساليوت ئېتىپ ئوينىساقمۇ تازا ماس كېلەتتى. ئۈمىد ئۆيگە ساليوت ئالغىلى كىرىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئۆتكۈر يېنىمغا كەلدى.
_ ھېلىقى كۈنى فروزە ماڭا دادام مېنى توي قىلمامسەن دەپ سۈيلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئوغۇل دوستۇم بولۇپ بېرىپ بەرگەنب ولسىڭىز دېگەنتى.
_ مېنىڭچە فروزە ناھايىتى ياخشى قىز. ھېسسىيات دېگەننى ئاستا ئاستا يېتىلدۈرىۋالغىلى بولىدۇ، ئۈمىد ئىككىمىزمۇ تۇنۇشۇپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا توي قىلغان، دەسلەپتە ئارىمىزدا ھېسسىيات دېگەن نەرسە يوق ئىدى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھېسسىياتىمىز چوڭقۇرلىشىپ كەتتىغۇ. ھازىر ئويلاپ باقسام مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپتىمەن.
_ مۇنداق دەڭ.
ئۈمىد ساليوتنى ئېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ پارىڭىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. يېزىدا ساليوت ئاتسا شەھەردىكىگە ئوخشىمايدىكەن، ھەممە يەر قاراڭغۇ بولغاچقا ئېتىلغان ساليوتلار يۇلتۇزدەك چېچىلىپ ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدىكەن. بىر چاغدا «سوغۇقتىن قورقىمەن دەپ» ئۆيدە قېپ قالغان چوڭ داداممۇ چىقتى.
ساليوتلار تازا ئېتىلىپ ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى، ھەممەيلەن ئاسمانغا قاراپ قېتىپ قالغاندا ئۈمىد يېنىمغا كېلىپلا يۈزۈمگە چوككىدە بىرنى سۆيدى ۋە دەل شۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. ئۇ تېلېفونىدىكى سۈرەتكە قاراپ مەمنۇن بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.
_ چىرايلىق چۈشۈپتۇق، بۇ ئىككىمىزنىڭ تۇنجى بىللە چۈشكەن سۈرىتىمىز ئىكەن دەپ پىچىرلىدى ۋە ئۇ سۈرەتنى تېلېفونىنىڭ ئىكرانىغا چىقىرىۋالدى.
_ سىلەر بىردەم ئويناڭلار، باللىرىم. چارچاپ قاپتىمەن، مەن كىرىپ ئۇخلاي _ دېدى چوڭ دادام.
ئۈمىد ئىككىمىز ھويلىدا كىچىك بالىدەك يۈگۈرۈشۈپ، قوغلىشىپ خېلى ئوينىدۇق. بىر چاغدا قارىسام ئۆتكۈر ھېچيەردە يوق، مېنىڭ يۈگۈرمەي جىم بولۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد كېلىپلا مېنى مۈرىسىگە ئارتىپ كۆتۈرۈپلا ئېلىپ ماڭدى. ئەمدى نەچچە قەدەم مېڭىشىغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۆتكۈر تازىلىق ئۆيى تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى.
_ مېنى چۈشۈرىۋېتىڭ، چۈشۈرىۋېتىڭ_ خىجىل بولۇپ ئۈمىدنىڭ دۈمبىسىگە مۇشتلاپ كەتتىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ مۇشتلىشىم بىلەن پەرۋايى پەلەك، ئۆتكۈرگىمۇ قارىماي مېنى كۆتۈرگەن پىتى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.....
چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نىگارەنىڭ ئۆيىگە باردىم، ئىشىكنى ئۇرسام ئىشىكنى باشقا بىرى ئاچتى. تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ ماڭا ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، دادىسىنى ئېلىپ شۆھرەتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەرگە باردىم. ئۆيدە شۆھرەت يوق ئىكەن. پەرھات دادام مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئورۇقلاپ، كۆزلىرى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك بىلىندى. دېمىسىمۇ بىر كېچىدىلا ئېگىز ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋېتىلگەندەكلا ئىش بولدى ئەمەسمۇ. ئەمدىلىكتە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى قىلچە كۆزگە ئىلمىغان كۈيئوغلىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشنى كىممۇ قوبۇل قىلالايدۇ؟
نىگارە ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن، ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپلا يەنە ئاشخانا ئۆيگە يۈگۈردى. مەن پەرھات دادام بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ، ئاشخانا ئۆيگە كىرسەم ئۇ ئالدىغا پەرتۇقنى تارتىۋېلىپ كۆكتات توغراۋاتقان ئىكەن. بىلىشىمچە نىگارە تاماق ئېتىپ باقمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ كۆكتات توغراشلىرىمۇ شۇنچىلىك ئۇماق، شۇنچىلىك كۈلكىلىك ئىدى. يەنە تۇرۇپ قورقۇپ قالدىم، ئۇ ئازراقلا دېققەت قىلمىسا قولىنى كېسىۋالىدىغاندەكلا تۇراتتى.
_ ئەكىلە مەن توغراي _ دېدىم.
_ بولدى، مەنمۇ ئۆگىنىپ قوياي. سەن يا ھەركۈنى كېلىپ ماڭا تاماق ئېتىپ بېرەلمىسەڭ.
_ شۆھرەت قېنى؟ تاماقنى ئۇ ئېتەتتىغۇ؟_ شۆھرەتنىڭ نىگارەنى ئاسراپ قولىنى سۇغىمۇ تىققۇزمايدىغانلىقى ئېسىمگە كەلدى.
_ ئۇ بىر يەرگە كەتكەن، بىر نەچچە كۈنگىچە قايتىپ كېلەلمەي قالارمىكىن. تاماق ئېتەلمەيمەن دەپ قاراپ ئولتۇرساق چاتاق چىقىدۇ، كۈندە سىرتتىن تاماق يەۋېرىدىغانغا پۇل يوق، ئەمدى تىجەشچانلىق بىلەن ئۆي تۇتمىسام بولمايدۇ.
رېئاللىق ئەجەب رەھىمسىز بولىدىكەن، ئەتە نىمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيدىكەنمىز. بەلكىم بىر مىنۇتتىن كېيىن ئىشلاردا باشقىچە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
_ دادام دوختۇرخانىدا ياتقاندا نۇرغۇن قەرز ئىگىلىرى قەرز سۈيلەپ كەپتىكەن، بەك غەلۋە قىلىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي بىلەن ماشىنىنى سېتىۋەتتىم. ئۇنىڭغا دادامنىڭ يىغىپ قويغان پۇلى بىلەن شۆھرەت بەرگەن پۇلنى قوشۇپ قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىدىم، لېكىن يەنە نۇرغۇن قەرز بار تېخى.
_ نادىرە بىلەن ھېلىقى ياردەمچىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالمىدىڭمۇ؟
_ ياق، ئاسمانغا چىقىپ كەتتىمىكىن _ ئۇ كۆكتاتنى ئاچچىقىدا توغرىۋىدى، قولىنى كېسىۋالمىسۇن دەپ چەيدونى ئېلىۋالدىم. نىگارە يېنىمدا كۆكتاتنى توغرىغىنىمغا قاراپ تۇرغاچ دادىسىغا بىر قارىۋېتىپ:
_ ئاداش، نىمىشقىكىن، شۆھرەت ماڭا بارغانچە سىرلىق بىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ قارا_ دېدى.
_ قانداق دەيسەن؟
_ ئۇ تېلېفوندا مەن چۈشەنمەيدىغانلا بىر گەپلەرنى قىلىدۇ، بىر ئالتە، ئىككى ئىككى دېگەندەك. مەخپىي شىفىردەك بىر نىمىمىكىن.
_ مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران بولىۋاتىمەن. ئۇ داداڭنىڭ قەرز ئىشىنى زادى قانداق ھەل قىلىدىكەن؟ ھازىر قەيەرگە كەتتى؟ قەيەرگە بارىدىغىنىنى، نىمە قىلىدىغىنىنى ساڭا دېمدىما؟
_ ياق_ دەپ بېشىنى چايقىدى نىگارە.
_ نىمىشقا دېمىگەندۇ؟
_ لېكىن ئۇ يېڭى يىلدا كېلىپ سىزگە ھەمراھ بولىمەن دېگەن.
_ ئۇنداق دېگەن بولسا بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدە قايتىپ كېلىپ قالار_ نىگارەنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويدۇم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















