大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 69 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 69 - قىسىم aybarawazi
2023-08-18
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 70 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

69-قىسىم


   ھەسەن سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ:

_  بەش مىنۇت بۇرۇنقى ئىشەنچلىك خەۋەر، ئۈمىد يىغىن ئېچىۋېتىپتۇ.  پەرىزىمچە ھېلىقى ئادەم  ئۈمىد بىلەن تېخى كۆرۈشمىدىغۇ دەيمەن.  لېكىن بۇنىڭغا بەش مىنۇت بولدى،  ھازىر يىغىن تۈگىدىمۇ تۈگىمىدىمۇ بىلمەيمەن. 

ئۇنىڭ بۇ ئىشەنچلىك خەۋەرنى قەيەردىن بىلگىنىنى سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا  يۈگۈردۈم.  مەن بىپايان شىركىتىگە ئۇچقاندەك كىرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ غەلىتە قاراشلىرى بىلەن پەرۋايىم پەلەك ھالدا ئۇدۇل لىفىتقا قاراپ يۈگۈردۈم.  بۈگۈن لىفىتنىڭ سۈرئىتى ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاستىلاپ كەتكەندەك بىلىندى.  قانىتىم بولسا ئۇچۇپ چىققۇدەك بولۇپ كىتىۋاتاتتىم.  ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندىن كېيىن ياردەمچى مېنى كۆرۈپ، ئۈمىدنىڭ تېخى يىغىن ئېچىۋاتقىنىنى ئېيتتى.  ئىچىم تىتىلداپ كىتىۋاتاتتى، ئۈمىدنىڭ يىغىننى ئېچىپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇرالمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل بېرىپ يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم.  يىغىنغا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى.  يىغىن زالىنىڭ ئەڭ تۆرىدە ئولتۇرغان ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى.  مېنىڭ جىددى ئىش بىلەن كىرگىنىمنى ئۈمىد چىرايىمغا قاراپلا بىلگەن بولسا كېرەك،  ئالدىدا باياتىن كۆرىۋاتقان ھۆججەتنى يېپىپلا:

_ يىغىن تۈگىدى_ دېدى.  كۆپچىلىك بىر بىرلەپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىشتى.  ئىشىكمۇ يېپىۋېتىلدى.  ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى.  ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى چىرايى ئىنتايىن سۈرلۈك ئىدى، مەن ئۇدۇل قاراشقىمۇ پىتىنالمايۋاتاتتىم. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن خىزمەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەستايىدىل ئادەم،  شۇڭا ئۇنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلىپ قويغىنىمدىن سەل خۇدۇكسىرەپ قالغان ئىدىم.  ئۇ ئاستا مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە تارتتى. 

_ مېنى شۇنچىلىك سېغىنىپ كەتتىڭىزما؟ بۇنچە ئالدىراپ يېنىمغا كېلىۋالمىسىڭىزمۇ كەچتە ئۆيگە باراتتىم ئەمەسمۇ؟ 

    ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. 

_ ياق، ياق، توختاڭ، باشقا ئىش.  مەن تۆنۈگۈن ھەسەننى ئۇچرىتىپ قالغان. _ مەن دۇدۇقلاپ كەتتىم.  بۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىشى بىلەن ئۈمىدنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگەردى. 

_ ئۇ سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ؟ 

   گەپنى ئەگىتىپ، ياساپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن شوپۇرلۇق مەكتەپتە قانداق ئۇچرىشىپ قالغاندىن تارتىپ ئاخىرى ئۈمىد بىلەن كۆرۈشكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلارنى  تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم.  مەن سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا ئۈمىد ئاستا بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.  ئۇ باشتىن ئاخىرغىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قوشماي جىم تۇرۇپ ئاڭلىدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدا نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلىشمۇ تەس ئىدى.  مەن ئەڭ ئاخىرىدا:

_ تۆنۈگۈن سىز مېنى ئېلىۋالغان جاي  مەن ئىزىمىزغا چۈشكەن ئادەمدىن قۇتۇلۇپ چىققان جاي شۇ.  سىزنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ تۆنۈگۈن بۇ گەپلەرنى دېمىگەن ئىدىم_ دېدىم. 

_ بۈگۈن نىمىشقا دېگۈڭىز كېلىپ قالدى؟_سورىدى ئۇ. 

يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا تۆنۈگۈن ئىزىمىزغا چۈشكەن ماشىنىنى كۆرگەنلىكىم ئېسىمگە كېلىپ ئۈمىدنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدىم. 

_  مەن يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا تۆنۈگۈن ئىزىمىزغا چۈشكەن قارا  رەڭلىك پىكاپنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بۇ يەرگە نىمە مەقسەتتە كەلگىنىنى بىلىمەن، شۇڭا سىزگە ئىش تېرىپ بەرمەي، ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن دەپ سىزگە راست گەپنى ئېيتاي دەپ ئالدىراپ تىنەپ چىقىشىم. 

 بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ قوشۇمىسى بىر تۈرۈلۈپ يەنە ئېچىلدى. 

_ ماڭا شۇنچىلىك ئىشەنچىڭىز يوقمۇ؟ ئېرىڭىز شۇنداق ئاسانلا باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئادەممۇ؟

مەن ئۇنى گەپلىرىمنى ئاڭلاپمۇ يەنە ئۇنداق تەمكىن تۇرالايدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.  لېكىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ.  قارا رەڭلىك پىكاپتىكى ئادەم  تۆنۈگۈن نىمىشقا مېنىڭ ئىزىمغا چۈشىدۇ؟ ئەمدى بۈگۈن بىپايان شىركىتىگە كېلىپ نىمە قىلىدۇ؟  ھەسەننىڭ بايا دېگەن ئىشەنچلىك خەۋىرىنى كىم يەتكۈزگەن؟  ئەجىبا ئۈمىدنىڭ يېنىدا ھەسەننىڭ ئادىمى بارمىدۇ؟

_ بولدى كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ. 

ئۈمىد شۇنداق  دەپ قولۇمدىن يىتىلەپ يىغىن زالىدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى.  ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.  ئۈمىدنىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، ئۈستەلدىكى ھۆججەتلەرنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ ئولتۇرغان ئادەم باشقا بىرى ئەمەس، دەل ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىم ئىدى.  ئۇ ئاياق تىۋىشىمىزنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ مېنى كۆرۈپلا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.  ئۇ مېنىڭ ئۈمىد بىلەن بىللە كىرىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك.  ئەلۋەتتە  مەنمۇ بۇ ئادەمنى بۇ يەردە كۆرەمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.  ئۈمىد مېنىڭ جىددىيلىشىپ قالغىنىمنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ ئىچىگە  كىردى. كىرگەندىن كېيىنلا مەن قولۇمنى تارتىۋالدىم.  

_ سەن نىمىگە كەلدىڭ؟_ دېدى ئۈمىد قوپاللا.  

ئۈمىدنىڭ بۇ گېپى ھېچ بىر بىر بالىنىڭ دادىسىغا دەيدىغان گېپىگە ئوخشىمايتتى.  ئابلەت ئەپەندىممۇ ئۈمىدنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسىگە كۆنۈپ قالغان بولسا كېرەك، سوغۇقلا جاۋاب بەردى. 

_ ئۆزۈمنىڭ ئوغلۇمنىڭ شىركىتىگە كۆرۈپ باققىلى كەلسەممۇ بولمامدىكەن؟

ئۈمىد گەپ قىلمىدى.  ئابلەت ئەپەندىم خۇددى مېنى كۆرمىگەندەك ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئۈمىدكە قاراپ گەپ قىلدى. 

_ ساڭا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى، ئايرىم. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ  كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. 

_ئەمىسە مەن  ماڭغاچ تۇراي. 

ئۈمىد بېلىكىمنى تۇتتى.

_ توختاڭ،  بىللە ماڭىمىز. _ دېدى ئۇ ۋە دادىسىغا قاراپ:_  قانداقلا گەپ بولسا دەۋەر. نازىيە مېنىڭ ئايالىم، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن دەيدىغان گەپ بولسا مېنىڭمۇ ئاڭلىغۇم يوق. 

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە يېنىمدا تۇرغان بۇ ئەر ئۈچۈن جېنىمنى بەرسەممۇ ئەرزىيدىكەن دەپ ئويلىدىم.  مەن ئاستا بېرىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم. ئابلەت ئەپەندىم ئورۇندۇققا يۆلەندى، يۈزىگە ئانچە مۇنچە كۈلكە يۈگۈرگەن ئىدى.  ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئوغلىنىڭ گېپىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلگەن كۈلكە ئەمەس،  بەلكى ئۇنىڭ كۈلكىسىگە مەغرۇرلۇق ۋە ئوغلىنىڭ جاھىللىقىغا بولغان غەزەپمۇ ئارىلاشقان ئىدى. 

_ ماقۇل ئەمىسە، مەنمۇ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دەۋېرەي_ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا شۇنچىلىك سەت بىر ئالايدى. 

_ ئۈمىد، ھە دېسە ئۇنى قوغدايسەن، قانات ئاستىڭغا ئالىسەن، ئەمما سەن ئۇنى چۈشىنەمسەن؟ ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەمسەن؟ مەن تېخى ئۇنى پەقەت سېنىڭ پۇلۇڭنى كۆزلەپلا سەن بىلەن توي قىلغانمىكىن دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ئەمدى قارىسام ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەسكەن. 

دەرھال ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ زادى نىمە دېمەكچىكىنە؟ ئۇنىڭ قاراشلىرى، گەپ سۆزىدىن قارىغاندا مەن توغرىلىق بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشكەندەك قىلاتتى.  مەن ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ  ئابلەت ئەپەندىمگە قاراپ سورىدىم. 

_ سىز نىمە دېمەكچى؟

_ نىمە دېمەكچى؟ مەندىن نىمە دېمەكچى دەپ سوراشتىن بۇرۇن ئۆز ئۆزىڭىزدىن مەن نىمە ئىش قىلدىم دەپ سوراپ بېقىڭ.  بۇ نىمە؟ 

ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى.  مەن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم،  تۆنۈگۈن ئىزىمغا چۈشكەن ئادەمنىڭ ئۇ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.  تۆنۈگۈن ھېلىقى قارا رەڭلىك پىكاپنىڭ تۇنۇش كۆرۈنگىنى بىكار ئەمەسكەن، مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە قېتىم بارغاندا ئۇ ماشىنىنىڭ ھويلىدا توختىتىپ قويۇلغىنىنى كۆرگەن.  شۇڭا ئازراق ئېسىمدە قاپتىكەن،  لېكىن مەن ماشىنىلارنى بەك بىلىپ كەتمىگەچكە دەماللىققا ئېسىمگە ئالالماپتىمەن.  ئابلەت ئەپەندىم كۈلدى.

_  سىلەر سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتىنى چېقىۋەتسەكلا ھەممە ئىش پاك پاكىز تۈگەيدۇ دەپ قالغانمىتىڭلار؟ بۇنداق سۈرەت بىر پارچە بولسىلا بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتىدۇ. 

ئۇ سۈرەت ھەسەن ئىككىمىز تاشلاندۇق ئايرۇدرۇمدا ماشىنىدىن چۈشۈپ  ھېلىقى كوچىنىڭ ئىچىگە ماڭغان ۋاقتىمىزدا تارتىلغان ئىكەن.  ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئالدىراپ تىنەپ تارتقان بولسا كېرەك، سۈرەت سەل غۇۋا چىقىپ قالغان ئىدى.  ئەگەر بايا  تېزلىكتە كېلىپ ئۈمىدكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويمىغان بولسام بەلكىم ھازىر مەن بىر ئالدامچىغا ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئۈمىدكە  قاراپ گەپ قىلماي جىم تۇردۇم.  مېنىڭ جىم تۇرغىنىمنى ئېتىراپ قىلغانلىق دەپ قالغان بولسا كېرەك، ئابلەت ئەپەندىم تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. 

_ ھە، ئەمدى دەيدىغان گەپ قالمىغاندۇ؟ پاكىت ئالدىدا سىزمۇ ھېچنىمە دىيەلمەيسىز مانا.  ئۈمىد، مەن ساڭا بۇرۇنلا دېگەن،  ئۇ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، ئۇنىڭ مەقسىتى باشقا دەپ، قارا ئەمدى ھەسەن بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ....

_ بولدى بەس._ ئۈمىدنىڭ تاقىتى تاق بولدى بولغاي، دادىسىنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى.  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ زۇۋانى بېسىلدى. 

_ دادا، نازىيە سېنىڭ كېلىنىڭ،  ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، يوشۇرۇن سۈرەتكە تارتىپ يۈرۈشتىن نۇمۇس قىلمىدىڭما؟

ئۈمىد ئاچچىقلىغاندا جىق گەپ قىلمايدۇ، ئەمما ئاددى، ئۆتكۈر گەپتىن نەچچە  ئېغىزلا  قىلىدۇ.  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى بولغاي، قولىدىكى سۈرەتنى ئۈستەلگە ئاتتى. 

_ ئۇ ساڭا بىھۇشلۇق دورىسى يىگۈزىۋەتتىمۇ قانداق؟  پاكىت كۆز ئالدىڭدا تۇرسىمۇ يەنە مۇشۇنىڭغا چاپان يېپىۋاتقىنىڭنى قارا. 

ئۈمىد ھېچبىر ئىپادىسىزلا جاۋاب بەردى. 

_ بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم بار. 

ئۇلار مېنى دەپ گەپ تالىشىۋاتىدۇ، شۇڭا جىم تۇرىۋېلىشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم.  لېكىن مەن ئۈمىد بىلەن ئۆي تۇتىۋاتقان ئىكەنمەن، ئابلەت ئەپەندىم يەنىلا مېنىڭ قېينى ئاتام. شۇڭا ئۇ كىشىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلسام بولمايتتى. 

_  زادى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلمىسڭىز بولمامدۇ؟ بىلىمەن،  سىز ئىزچىل  مېنى كىلىنىم دەپ ئىتراپ قىلىپ باقمىدىڭىز،  ئەمما مەيلى نىمىلا قىلماڭ، ئۈمىد ئىككىمىزنى ئايرىۋېتەلمەيسىز. 

ئابلەت ئەپەندىم ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ بىر قەدەم  كېيىن قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.  دەسلەپتە غالىبلارچە غادايغان بولسا ئەمدىلىكتە  يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. 

توغرا، مەن يەڭدىم.  لېكىن ماڭا كېرىكى بۇنداق يېڭىش ئەمەس ئىدى.  مېنىڭ ئۇلار ئاتا بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتكۈم يوق ئىدى.  ئابلەت ئەپەندىم كەتكەندىن كېيىن ئۈمىد بايا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك يەنە بېشىنى چۆكۈرۈپ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى.  مەن ئۇنى ساقلاپ كرىسلودا ئۇنىڭغا قاراپ گەپ قىلماي ئولتۇردۇم. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئىككىمىز بىللە شىركەتتىن چىقتۇق. ئەمدى ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا تېلېفونۇمغا بىر تال ئۇچۇر كەلدى. 

-«بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ. ئۈمىدتىن ئايرىلىدىغان كۈنلىرىڭىزگە ئاز قالدى». 

شۇ چاغدا ئابلەت ئەپەندىمنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى ئۈمىدتىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن شۇنچىلىك قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، كېيىن بىر قاتار ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ سەۋەبى مېنىڭ نامرات بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، مەن ھەرقانچە پۇلدار، ھەرقانچە مۇنەۋۋەر  بولغان ھالەتتىمۇ  يەنىلا بىزنىڭ بىللە ئۆتۈشىمىزنى توسىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئۇ خېلى كېيىنكى ئىشلار. 

دەرھال تېلېفوننى ئېتىپ سومكامغا سېلىۋالدىم، ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ بۇنداق گەپنى دېيىشى بۇ بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس، شۇڭا ماڭا ئانچە يېڭىلىق بىلىنمەيدىغان بولۇپ قالدى،  شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.  ئۇ نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ چوپچوڭ ئادەم، ماڭا قېينى ئاتا بولغان ئادەمنىڭ ئىزىمغا چۈشۈپ، ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىپ يۈرۈشلىرىنى ھېچ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتاتتىم.  كېيىن ئويلاپ باقسام ئەينى ۋاقىتتا ماڭا قېينى ئاتا بولغان ئادەمنىڭ ئىزىمغا چۈشكىنىدىن بىئارام بولۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىماپتىكەنمەن، مەسىلەن،  ھەسەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا ئېيتقان ئۈمىد بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قەرزى 500 مىڭ يۈەن بىلەنلا تۈگەيدىغان ئىش ئەمەسلىكى دېگەندەك ئىشلارنى.  ھەسەننىڭ ئۈمىدلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن زادى قانداق ئۆچ ئاداۋىتى باردۇ؟  ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۆچ ئاداۋەتنىڭ مەن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى ئەينى ۋاقىتتا خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم. 

ھېلىقى كۈنى شوپۇرلۇق مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن ئۈمىد ھەسەننىڭ يەنە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىمىكىن،  مېنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىمغا ئۇنىمىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشنى بىلسە مۇشۇنداق قىلىشىنى بىلەتتىم،  چۈنكى ئالدىنقى قېتىم ھەسەننىڭ مېنى تۇتقۇن قىلغان ئىشى ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىدە قارا سايە پەيدا قىلىپ قويغان ئىدى.  شۇڭا مەن دەسلەپتە بۇ ئىشنى ئۈمىدكە دېمەسلىكنى ئويلىغان ئىدىم، ئاخىرى ئامالسىز تېشىلىپ قالدى.  لېكىن مەن ئۆگىنىپ يېرىمىغا كەلگەندە تاشلاپ قويۇشنى پەقەتلا خالىمىدىم.  ئۈمىدكە جاھاندا بار چىرايلىق گەپنىڭ ھەممىنى قىلىپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋېلىۋىدىم، ئاخىرى بېرىشىمغا ئۇنىدى ۋە ۋاقتى چىقسىلا مەن بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

بۇمۇ بولغىنى.  گەرچە ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا ھەسەن ماڭا ياردەم قىلغان بىلەن مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ يەنىلا خەتەرلىك ئادەم ئىدى.  شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قېلىشنى مەنمۇ خالىمايتتىم.  غەلىتە يېرى ئۈمىد مېنى نەچچە كۈن بىللە ئاپاردى، شۇ نەچچە كۈندە ھەسەننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.  ئەلۋەتتە ماڭا نىسبەتەن ئۇنىڭ  بۇ يەرگە كەلمىگىنى ئەڭ ياخشى ئىشتە. مۇمكىن بولسا مەن پراۋامنى ئېلىپ بولغىچە ئۇنى بۇ يەردە كۆرمىسەمكەن دەيمەن. 

يېقىندىن بېرى رازىيە ھەر كۈنى بەك كەچ قايتىپ كېلىدىغان ، بەزى كۈنلىرى ھەتتا كېچىچە قايتىپ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. قايتىپ كەلسىمۇ سەھەردە بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بولغىچە كىتەتتى، شۇڭا  ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ يوق دىيەرلىك، شۇنداق بولغاندىكىن، ئارىمىزدا ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىكمۇ بولمىدى.  مەن بەك ساددىمۇ ياكى كۆڭلۈم بەك يۇمشاقمۇ بىلمەيمەن، بىرىگە ئاداۋەت ساقلاپ كەتمەيمەن،  رازىيە بىلەن بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىمۇ ئۇنتۇپ، بەزىدە ئۇنىڭ ئالدىراپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ «سالامەتلىكىڭىزگە دېققەت قىلىڭ، ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالماڭ» دەپ ئەسكەرتىپ قويىدىغان بولدۇم.  قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تېخى رەسمىي جەمىئىيەت قوينىغا قەدەم قويمىغان ياش قىز، گەرچە بەزىدە ئۇنىڭ ياسىنىشلىرىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن جەمئىيەتنى چۈشىنىدىغاندەك، پىشىپ يىتىلگەندەك تۇيغۇ بەرگەن بىلەن  لېكىن يەنىلا يېشى كىچىك،  بەزىدە ئۆزىمۇ بىلمەيلا ساددىلىق قىلىپ قويىدۇ.  ئۇنىڭ نازىيەنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىسام مەن ئۇنىڭغا ئانچە ئۆچمۇ ئەمەس. ئەگەر ئۇ ئۈمىدنىڭ پېيىگە چۈشمىگەن، ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن بولسا مەن ئۇنى ئۆز سىڭلىم قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشنى خالايتتىم.  

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 11-ئاينىڭ ئاخىرى بولۇپ قالدى.  شۇ كۈنى رازىيە بالدۇرلا قايتىپ كەلدى.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەتە كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىنى بىۋاستە كۆرسىتىش قىلىدىكەن، شۇڭا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۇلارنى بالدۇر قايتىپ ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. 

_ نازىيە ئاچا، قولىڭىز تېخى ساقايمىدى،  تاماقنى مەن ئېتەي.  ھېلىمۇ يېقىننىڭياقى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ سىلەرگە تۈزۈك تاماقمۇ ئېتىپ بېرەلمىدىم. بۈگۈن ئاران بىر پۇرسەت كەپتۇ، سىلەر بۈگۈن تاماقنى يىيىشكىلا مەسئۇل بولۇڭلار ھە. 

ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمۇ دەۋاتقان گەپلىرىگە ئوخشاش بولغان بولسا ئۇنىڭغا قانچە ئامراق بولۇپ كىتەر بولغىيتتىم.  ئۇنىڭغا ئاشخانا ئۆينى تاشلاپ بېرىپ، ئۈمىد ئىككىمىزلا كىرمىدۇق. 

ئۇ گۈرۈچ ئاش ئېتىپ، بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇپتۇ. قورۇمىلار  رەڭگىگە قارىسىلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىغىدەك ھالەتتە ئىدى.  تاماقنى ماختاپ ئولتۇرۇپ يىيىشتۇق. تاماقنى يەپ بولغىچە قاراڭغۇ چۈشتى.  رازىيە ئۈمىدنىڭ ئۈستەلنى مەن يىغىشتۇراي دېگىنىگە ئۇنىماي، قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  ئۇ ئەمدى ئاشخانا ئۆينى بېسىقتۇرۇپ چىقىشىغا تېلېفونى جىرىڭلىدى.  ئۇ قولىنى سۈرتىۋېتىپلا تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى، مەن بالكونغا ئاسلانچاققا يەم سېلىپ بەرگىلى چىققان ئىدىم،  رازىيە بالكونغا كەينىنى قىلىپ تېلېفوننى ئالدى، مېنىڭ بالكوندا ئىكەنلىكىمگە دېققەت قىلمىغان ئىدى. 

_ تەييارلىغان سوۋغاتلارنى بېرىپ قويدىڭىزمۇ؟ قايسىسىنى كىمگە بېرىدىغانلىقىڭىز ئېسىڭىزدە باردۇ؟ ھەرگىز ئالمىشىپ كەتمىسۇن ھە.   ھەئە.  15-نومۇرلۇق ماھىر رازىيەنىڭ سوۋغىسى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ، بۇ ھەممىدىن مۇھىم.   ياقەي،  تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق نەرسىلەر، ئۇنچىۋالا دىيىش كەتمەيدۇ. 

ئەجىبا، رازىيە باھالىغۇچىلارغا سوۋغات بەرمەكچى ئوخشىمامدۇ؟


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k