
بۇ ئەسەرنىڭ 55 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
|||
بۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلغانلىقىمنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم.
_ قىزچاق، دورىنىڭ پۇلىنى بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، دوختۇر كېسىلىڭىزنى بىكارغا كۆرۈپ، دورىنى بىكارغا بەرمەيدۇ_ دە.
ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتقانلاردىن بىرى شۇنداق دېدى، قالغانلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇلارنىڭ كاللىسى پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ، قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتكەن ئىدى. مېنى بىللە ئېلىپ كەلگەن ئايال مېنى تارتىپ، ماڭا ياخشىچاق بولۇش مەقسىتىدە :
_ قىزچاق، راستلا بويىڭىزدا قالىدىغان ئىش بولسا بۇنچىلىك پۇل دېگەن نىمىتى؟ بۇ دورا ھەقىقەتەن بەك ئۈنۈملۈك، سىزگە دوستۇمنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەنتىمغۇ، ئۇمۇ مۇشۇ دورىنى ئىچكەن._ دېدى.
ھازىر ئۇلار بىلەن ھەرقانچە ئېيتىشساممۇ پايدىسى يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتىم. ئامالسىز باش ئىگىشكە مەجبۇر بولدۇم.
_ پۇل بەرمەيمەن دەپ قاچمىدىم، ئۇ دورىغا قارىسام قاپقارىلا تۇرىدۇ، يۇتالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنىسرەپ قالدىم.
ھېلىقى ئايال ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىغاندەك سۆزلەشكە باشلىدى:
_ بىلمەيدىكەنسىز دە، بۇ دېگەن ئاجايىپ ئۈنۈملۈك دورا، دوختۇرمۇ كۆرگەنلا ئادەمگە دورا بېرىۋەرمەيدۇ، ساقايمايدىغان كېسەلگە دورا بەرمەيدۇ، كېسىلى ساقىيامدۇ ساقايمامدۇ، دوختۇر بىر قاراپلا بىلىۋالالايدۇ. ئۇ ئاسان دېگەن ئىكەن، دېمەك بۇ دورىنى ئىچسىڭىزلا بويىڭىزدا قالىدۇ دېگەن گەپ. دوختۇر بېشىنى چايقىغان بولسا ھەرقانچە چوڭ دوختۇرخانىغا بارسىڭىزمۇ پايدىسى يوق.
ئىشنىڭ بۇنداق ئىكەنلىكىنى بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن بىلگەن بولسام، بوينۇمدىن سۆرىسىمۇ كەلمەيتتىم. ئەمما كېلىپ بوپتىمەن، ئامال يوق. يالغاندىن چۈشەنگەن قىياپەتتە بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ بىلدىم، ئىچەي، بالىلىق بولالايدىغانلا ئىش بولسا نىمىلا بولسا ئىچىمەن.
ئۇلار مېنىڭ يۇمشاپ قالغىنىمنى كۆرۈپ بايىقى جىددىيلىكى سەل پەسەيدى، «دوختۇر»مۇ كېيىنكى كېسەلنى كۆرىۋەردى. مەن ھېلىقى «دورا»نى ئېلىپ بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇردۇم، «دورا»نى ئىچىشىم مۇمكىن ئەمەس تە. دورىنى ئىچىۋاتقان قىياپەتتە چىنىنىڭ گىرۋىكىدىن قاراپ تۇردۇم، ئىشىكنى توسۇپ تۇرغان ئىككىيلەن يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قولۇمدىكى چىنىنى تاشلاپ قويۇپلا قېچىپ چىقىپ كەتتىم. كەينىمدىن بىرىنىڭ قوغلاۋاتقان ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى، تېخىمۇ تېز يۈگۈردۈم. يۈگۈرۈپ كىتىۋېتىپ توختاپ ئېڭىشىپلا يەردىن بىر سىقىپ تاشنى ئېلىپ كەينىمگە ئاتقاچ يۈگۈردۈم، چوڭ يولغا چىقسام بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنا جايىدا تۇرۇپتۇ. شوپۇر مېنىڭ قېچىپ چىققىنىمنى كۆرۈپ مېنى توسۇش ئۈچۈن ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. يېقىنلا يەردە بىر ماشىنا چرىقىنى ياندۇردى ۋە مەن تەرەپكە كەلدى. مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇ ماشىنىغا قاراپ يۈگۈردۈم. ماشىنا ئالدىمغا كېلىپ توختىدى، ئۇچقاندەك بېرىپ ماشىنىغا چىقىۋالدىم. ھېلىقى ئىككىيلەن مېنى قوغلاپ كەلگەندە ماشىنا ئاللىبۇرۇن بېشىنى بۇراپ مېڭىپ بولغان ئىدى. ھاسىراپ، يۈرىكىم سېلىپ كەتكەن ئىدى. يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدىگەن ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىردەم ئولتۇرۇپ ئەسلىمگە كېلىۋالغاندىن كېيىن شوپۇرغا قارىدىم.
_ نازىيە، بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟
ئۇ ئۆتكۈر ئىدى.
_ نىمە دېسەم بولار؟ ھەقىقەتەن دۆتلىكىمنى بۈگۈن ھېس قىلدىم.
_ ياقەي، سىز دۆت ئەمەس، ھېچبولمىغاندا ماڭا ئۇچۇر قىلىپ قويۇش ئېسىڭىزگە كەپتۇ ئەمەسمۇ._ دەپ كۈلدى ئۆتكۈر.
مېنى ئېلىپ كەلگەن ئايال بۈگۈن بارايلى دەپ تۇرىۋالغان چاغدا ئۆتكۈرگە ئۇچۇر قىلىۋەتكەن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن تۇرىۋاتقان ئورنۇمنىمۇ يوللاپ قويغان ئىدىم. ئۈمىد كومانروپكىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىردىنبىر ياردەم سورايدىغان ئادىمىم ئۆتكۈر بولىدۇ دە. 26 ياشقا كىرىپتىمەن، بېشىمدىن خېلى ئىشلار ئۆتۈلگەچكە ئۇنداق ئاسان باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، ئەمما بۈگۈن نىمىشقا يەنە ئالدىنىپ كەتتىم. بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا: مېنىڭ بالىلىق بولغۇم بار. ئادەم نىمىگە ئىنتىلسە ئىنتىلگەن نەرسىسى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىكى ئاجىزلىق بولۇپ قالىدىكەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: مەن بەك دۆتكەنمەن. ھېلىمۇ ياخشى ئۆتكۈر ۋاقتىدا كەپتۇ، مەنمۇ يولغا چىقىپلا ئۇنىڭ ماشىنىسىنى تونۇغاچقا ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىققانتىم.
_ مەن نىمانداق دۆت_ دەپ بېشىمغا ئۇرۇپ كەتتىم.
_ بولدى، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۇرماڭ. ئادەم ھاياتىدا يا ئۇنداق يا مۇنداق سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. دۇنيادا سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمىدى، كەچتە ياتقاندىمۇ ئۆزۈمنىڭ دۆتلۈكۈمگە ئاچچىقىم كېلىپ ئۇخلىيالمىدىم. ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆتكۈرنىڭ دېگىنىنىڭ راستلىقىنى ھېس قىلدىم، ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادا سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوقكەن.
تېلېفونغا ئۇچۇر كەلدى، قارىسام چايكادىن كەپتۇ.
_ نازىيە، ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
شۇ چاغدىلا چايكا بىلەن پاراڭلاشمىغىلى خېلى بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
«ياخشى» دەپ خەتنى يېزىپ بولۇپ يوللىماي ئۆچۈرىۋەتتىم. ئەمەلىيەتتە مەن چايكىنى روھى يۆلەنچۈكۈم دەپ قارايمەن، شۇڭا دائىم ئۇنىڭغا تۇرمۇشۇمدا ئۇچرىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىمەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قويدۇم. ئۇ ناھايىتى تېزلا جاۋاب قايتۇردى:
_ نىمە بولدىڭىز؟ بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولدىمۇ؟
ئۇ شۇنداق سورىشى بىلەن ئۇنىڭغا دەردىمنى ئېيتىۋىلىش ئويۇم تېخىمۇ كۈچەيدى.
_ بۈگۈن مەن بەك ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويدۇم_ ئاندىن كەينىگە يىغلاپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ قويدۇم.
_ مۇمكىنمۇ؟ سىز شۇنداق ئەقىللىق تۇرسىڭىز ئەخمىقانە ئىش قىلىشىڭىز مۇمكىنمۇ؟
چايكا دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان، مېنىڭ ئۇچرىغىنىممۇ تىببىيغا ئائىت مەسىلە، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ مەسلىھەت سوراش قارارىغا كەلدىم.
_ سىزگە بىر گەپنى دەپ بەرسەم ھەيران قالماڭ ھە.
_ ھە، دەڭە.
_ مەن قايتا توي قىلدىم.
_ شۇنداقمۇ؟ بەك تېزغۇ؟
ئۇ ھەيران قالغاندەك قىلمايتتى.
_ دوختۇر مېنى بالىلىق بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن دېگەن. بۈگۈن باشقىلاردىن بۇنداق كېسەلنى داۋالايدىغان داڭلىق دوختۇر بار ئىكەن دەپ ئاڭلاپ بارغانتىم، نەتىجىدە بىر ئالدامچى ئىكەن، مەن ئالدىنىپتىمەن.
ئۇ خېلىغىچە جاۋاب قايتۇرمىدى، گېپىمنى قايتۇرىۋالاي دېسەم ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ. قايتۇرىۋالالمىدىم. نىمىشقا بالدۇرراق ئويلىمىغاندىمەن؟ چايكىمۇ بىر ئەر كىشى تۇرسا، بۇنداق گەپنى ئۇنىڭغا دېسەم ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا يەنە ئۇچۇر يازدىم.
_ مەن تامامەن بىر بىمارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سىزدىن ياردەم سوراۋاتىمەن.
ئۇ ماڭا ئىنتايىن ئۇزۇن ئۇچۇردىن بىرنى يازدى.
_ ئۆزىنى دوختۇر دەۋالغان ئالدامچىلارغا ئىشەنمەي، مۇنتىزم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈڭ. ھازىر تىببىي ئىلىم تەرەققى قىلدى، سىزدىكى كېسەلمۇ داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل ئەمەس. بۇ ئىشنى ئېرىڭىز بىلەمدۇ؟ بىلگەن بولسا پوزىتىسيىسى قانداق بولدى؟ ئىشىنىمەن، ئەگەر ئۇ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرسە بۇ ئىشنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ. خۇشال خورام ياشاڭ، كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ. سىزگە بەخت تىلەيمەن.
بايا ئۇ خەت ئۇرىۋېتىپتىكەندە ئەسلى. بەك تەسىرلەندىم. ئۈمىد ئاغزىدا مەيلى دەپ قويغىنى بىلەن ئۇنىڭ بالىلىق بولغۇسى بارلىقىنى بىلىمەن. ئۇ بالىغا قانچە زار بولغانچە ماڭا شۇنچە چوڭ بېسىم بولىدۇ. ئۇنىڭغا خەت قايتۇردۇم.
_ رەھمەت سىزگە قانداق قىلىشنى بىلدىم.
ئەتىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇردىن قانداق داۋالىنىش توغرىلىق مەسلىھەت سوراپ كەلمەكچى بولدۇم.
ئەتىسى ئەتىگەن تۇرۇپ ناشتا قىلىپ بولۇپ نىگارەگە تېلېفون قىلدىم، ئۇ دوختۇرخانىغا مەن بىلەن بىللە بارىدىغان بولدى. دوختۇرنىڭ دىئاگنوزى يەنىلا ئالدىنقى قېتىمقى بىلەن ئوخشاش بولدى. نىگارە بۇ ئىشنى ئەمدى بۈگۈن بىلدى ۋە دوختۇرنىڭ ئالدىدىلا ئەزىمەتنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتتى، دوختۇر ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.
دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئۈمىدكە تېلېفون قىلدىم، ئۇ ئەتە ئەتىگەن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
_ بولمايدىكەنسەن جۇمۇ، نازەك. مۇشۇنداق ئىشنىمۇ ماڭا دېمىگىنىڭنى قارا. ماڭا بۇرۇنراق دېگەن بولساڭ شىشۇاڭبەنناغا بارغاندا ھېلىقى بىر نىمىنى تېپىپ ئۇچۇرىۋەتمەمتىم دەيمەن، ئادەم ئەمەس نىمىكەن ئۇ.
ئۇ ئەزىمەتنى يەنە بىر مۇنچە تىللىدى ۋە تىللاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا تۇرۇپ قالدى. مەن ئالدى تەرەپكە قاراپ تونۇشلا بىرەيلەننىڭ يەنە بىر ئاياللار بۆلۈمى ئىشخانىسىدىن چىققىنىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ قولىدا قەغەز بار ئىدى. ئۇ كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى تونۇپ قالدىم، ئۇ نىگارەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى نادىرە ئىدى. نادىرە بىزنى كۆرمىدى، دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئۇدۇل چىقىش ئېغىزى تەرەپكە ماڭدى. بىز ئۇنىڭ كەينىگە چۈشتۇق. نادىرەنىڭ تاكسى توسۇپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ نىگارە دەرھال ماشىنىسى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. نادىرە ئۇدۇل نىگارەنىڭ دادىسىنىڭ شىركىتىگە باردى.
_ دېمىدىممۇ مانا، بۇ پاسكىنا نىيىتىدىن تېخى يانماپتۇ_ نىگارە ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بىناغا كىرىپ كىتىۋاتقان نادىرەگە قاراپ چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى. ئىككىمىز ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىشىمىزغا ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالدى.
_ جېنىم، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ، بالىغىمۇ پۇرسەت بېرىڭ، بالا دادىسىز قالسا بولمايدۇ.
نىگارە ئىككىمىز ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاغزىمىزنى تۇتۇپلا قالدۇق. ئەينەكتىن بېشىمىزنى يېقىپ قارىساق، نادىرە نىگارەنىڭ دادىسى پەرھات دادامنى چىڭ قۇچاقلاپ يالۋۇرغىلى تۇرۇپتۇ، پەرھات دادام ئىككىلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى.
_ يالغان توقۇساڭمۇ تۈزۈكرەك يالغاننى توقۇساڭ بولمامدۇ؟ شۇنچە يىلدىن بۇيان قۇرسىقىڭدا قالماي ئەمدى قالدىما؟ بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيسەنغۇ دەيمەن.
مەن ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە نىگارە ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ كەتتى. نىگارەنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشى ئىچىدىكى ئىككىيلەننى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. پەرھات دادام قىزىنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن نادىرەنى دەرھال ئىتتىرىۋەتتى. نادىرە پەرھات دادامنىڭ يېڭىنى تارتىپ:
_ جېنىم، بالا سىزنىڭ، ئىككىمىزنىڭ بالىسى، ماڭا ئىشىنىڭ.
_ ساڭا ئىشەنگەن ئادەمنىڭ ئۆزى ئەخمەق_ دېدى نىگارە. ئاندىن دادىسىغا قاراپ:_ دادا، ئۇنىڭ قانچىلىك ئادەم بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى سەن بىلمەيسەن. بۇنداق ئايال بىلەن يەنە بىللە ئۆتىمەن دېگەن ئادەمنى ئەر كىشى دېگىلى بولمايدۇ جۇمۇ.
پەرھات دادام ماڭا قارىدى، قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇلارغا نىسبەتەن يات ئادەم، شۇڭا پەرھات دادام ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولسا كېرەك. نادىرە ئۇنىڭغا يەنە ئېسىلماقچى بولۇۋىدى، ئۇ سىلكىۋەتتى.
_ بولدى كەت، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە قالمىدى. ئەمدى مېنى ئىزدىگۈچى بولما.
نادىرەنىڭ چىرايىدىكى ئازابنىڭ ئورنىنى ئاچچىق، نەپرەت ئىگىلىدى، بولۇپمۇ ئۇ قايرىلىپ چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتا نىگارەگە غەزەپ-نەپرەت بىلەن قارىدى. بۇ نىگارەنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان ئىدى.
_ ماڭە، كېتەيلى، نازى.
ئۇ قولۇمدىن تارتىپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، دادىسى ئېغىز ئاچتى.
_ نىگارە، نادىرە بىلەن خوشۇڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. ئۇمۇ ئۆيدىن كەتتى، ئەمدىغۇ كۆچۈپ كېلىدىغانسەن؟
پەرھات دادامنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۆتۈنۈش مەنىسىمۇ چىقىۋاتاتتى. مەن نادىرە بىلەن دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت نادىرەنىڭ كېتىشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم.
_ ياق، مەن يالغۇز تۇرۇپ كۆنۈپ قاپتىمەن. يەنە كېلىپ نادىرە كەتكەن بىلەن ئاپام قايتىپ كەلمەيدۇ، ئۆيمۇ بۇرۇنقىدەك ئىللىق بولالمايدۇ. مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
نىگارە شۇنداق دەپ مېنى تارتىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
_ نىگار، دادا بالا ئوتتۇرىسىدا ئۇنداق چوڭقۇر ئاداۋەت بولمايدۇ. ئۇنداق قىلما، ئەجىبا داداڭغا مەڭگۈ ماي تارتىپ يۈرمەكچىمۇسەن؟
شىركەتتىن چىقىپلا نىگارەگە نەسىھەت قىلىشقا باشلىدىم.
_ توغرا ئېيتتىڭ، مەن راستلا مەڭگۈ ماي تارتىپ يۈرمەكچى.
_ لېكىن نادىرەگە قىلغانلىرىڭدىن قارىسام يەنىلا داداڭغا ئامراق ئىكەنسەن.
بەزى ئىشلار قىلىۋاتقان ئادەمگە بىلىنمىگەن بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە ئايدىڭ بولىدۇ. مەن نىگارەنىڭ يېقىن دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلىدىم. نىگارە دىمىقىنى قاقتى.
_ ئۇ ئامراقلىق ئەمەس، مەن پەقەت پەسكەش ئادەملەرنىڭ يايراپ يۈرۈشىنى خالىمايمەن، بولدىلا، بۇ گەپنى قىلىشمايلى، سېنىڭ ئىشىڭغا كىلەيلى. بالىنىڭ ئىشىدا كۆڭلۈڭنى بەك يېرىم قىلىپ كەتمە، دوختۇر بالىلىق بولالمايسىز دەپ كىسىپ ئېيتمىدىغۇ، دېمەك يەنىلا ئۈمىد بار دېگەن گەپ.
ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىدىم.
_ نىمە؟ سېغىنىپ كەتتىڭىزما؟
_ ئۆزىڭىز مېنى سېغىنىڭ دېگەنغۇ.
_ مەن ئەتە ئەتىگە قايتىمەن، مەلىكەم. مەنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم.
راستىمنى ئېيتسام ئۈمىد بولمىسا ئۆي ھەقىقەتەنمۇ چۆلدەرەپ قالىدىكەن. ئەتىسى ئەتىگەن تۇرۇپ ئىرىنچەكلىك بىلەن ناشتا قىلىپ بولۇپ ئۈمىدكە تېلېفون قىلدىم.
_ ئۈرۈمچىگە كېلىپ بولدۇم، ئاۋۋال شىركەتكە بېرىپ ئاچىدىغان مۇھىم يىغىن بار، تۈگىتىپ ئاندىن ئۆيگە بارىمەن.
ئۆيدە بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. ئۆيدە ئولتۇرساممۇ ئولتۇرىدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە شىركەتكە بارايچۇ دەپلا كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ شىركەتكە ماڭدىم. بارسام ئۈمىد تېخىچە يىغىن ئېچىۋېتىپتىكەن. ئىشخانىسىغا كىرىپ ساقلاپ ئولتۇرسام بىر چاغدا يىغىننى تۈگىتىپ چىقتى. ئاددىيلا سالاملىشىپ، ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ھۆججەتلەرنى كۆردى. بىر چاغدا بېشىنى كۆتۈرۈپ:
_ بۈگۈن كەچتە ئۆتكۈر بىلەن فروزەنى چاقىرىپ تۆتەيلەن بىللە تاماق يەيلى_ دېدى.
_ سىرتتا يەپ يۈرمەيلى، تاماقنى ئۆيدە يەيلى، مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايمىز_ دېدىم مەن. ئۈمىدمۇ تېزلا ماقۇل بولدى. مەن فروزەگە تېلېفون قىلدىم، ئۇمۇ كەچتە باشقا ئىشى يوقلىقىنى، كەچتە بارالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىمىز ئۆيگە بالدۇرلا قايتىپ تەييارلىق قىلدۇق. كەچقۇرۇن ئۆتكۈر فروزەنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار كەلگەندە تامىقىم تېخى تەييار بولۇپ بولالمىغان ئىدى.
_ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ھە، ھېلىلا تەييار بولىدۇ_ دېدىم مەن ئۇلارغا قاراپ.
_ مەن سىزگە ياردەملىشەي_ فروزە شۇنداق دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىردى.
فروزە بىلەن تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ، تېما شېرزاتقا يۆتكەلدى.
_ شېرزاتنىڭ بىر بالىسى بار، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن. فروزە گېپىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. ئەمما ھېچنىمە دېمىدى. تاماق يەۋاتقاندا فروزە ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
_ ئۇكامنىڭ بالىسىنى كۆرۈپ كىلەيمىكىن.
ئۈمىد بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ماڭا قارىدى. مەن «ئۇنىڭغا ئېيتتىم» دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە فروزە ئايگۈل ھەدەمگە ئوخشىمايتتى، شۇڭا مېھرايغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.
كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ فروزەنى قونۇپ قېلىڭ دەپ تۇتۇپ قالدىم، ئۇمۇ كۆپ تارتىشمايلا ماقۇل بولدى. كەچتە ياتىدىغان چاغدا بىردەم پاراڭلىشىپ قالدۇق.
_ سىزگە بەك ھەۋەس قىلىمەن_ دېدىممەن.
_ مېنىڭ نىمەمگە ھەۋەس قىلىسىز؟_ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ئۇ.
_ جانلىق، مۇستەقىل، ئىقتىدارلىق، ئەڭ مۇھىمى ئاتا ئانىڭىز بار.
بۇ گەپنى دەۋېتىپ ئۆپكەم ئۆرۈلدى، ئەمما كۆز يېشىمنى فروزەگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن «ياخشى چۈش كۆرۈڭ» دەپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.
ئەتىسى مېھراي بىلەن بالىنى كۆرگىلى بارماقچى بولدۇق، ئۈمىد ماشىنا بىلەن بىزنى ئاپىرىپ قويدى. فروزە تاللا بازىرىدىن بىر مۇنچە مېۋە چېۋە سېتىۋالدى. ھېلىمۇ ياخشى مېھراي ئۆيدە بار ئىكەن. مېھراي فروزەنى كۆرۈپ سەل گاڭگىراپ قالدى.
_ ياخشىمۇسىز، مەن شېرزاتنىڭ ئاچىسى، ئىسمىم فروزە.
مېھراي ئۇنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرغىنىنى ئاڭلاپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. فروزەمۇ ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، مېنىڭ يامان نىيىتىم يوق، بالا بىلەن ئىككىڭلارنى كۆرۈپ كىتەي دەپ كەلگەنتىم.
ئۇ شۇنداق دەپ پورتمالىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ مېھرايغا سۇندى، پەمىمچە نەچچە مىڭ يۈەن چىقارمىكىن، لېكىن مېھراي ئالغىلى ئۇنىمىدى. فروزە ئېلىڭ دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.
_ مېنى بەردى دەپ ئەمەس، شېرزاتنى بەردى دەپ ئېلىڭ.
مېھراي ئاخىرى پۇلنى ئالدى. ئەمما پۇلنى قولىدا سىقىمداپ تۇرۇپ:
_ ئاچا، بۇ ئىشنى ئاچامغا ئېيتمىغان بولسىڭىز. مەن ئاچامنىڭ قىزىم ئىككىمىزنى يامان كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
فروزە ئاپىسىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلسە كېرەك.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، ئاپامغا دېمەيمەن_ دېدى.
كېتىدىغان ۋاقىتتا فروزە «سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، مېنىڭ ئالىدىغان نەرسەم بار ئىدى» دەپ تۇرىۋالدى.
ماشىنىغا چىقسام ئۈمىد ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قاپتىكەن. ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىنىمنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ چۇڭۇلداپ سۆزلەپلا كەتتىم.
_ مېھراي ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەمدىن بىرسى كۆپەيدى. ئەگەر شېرزاتنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بالدۇرراق قايتىپ چىقالىسا مېھراي بىلەن بالىغا ياخشى قاراپ، ئەرلىك، دادىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىمۇ ھەل بولغان بولاتتى.
شۇنچە گەپ قىلىپ كەتسەم ئۈمىد ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. قايرىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ چۈچۈپ كەتتىم.
_ نىمە بولدىڭىز، ئۈمىد؟
داۋامى بار
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















