大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 108 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 108  - قىسىم aybarawazi
2023-09-27
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 109 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107




















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

108-قىسىم  


ھېلىقى چۈگۈندىكى چاينى كىملەرنىڭ ئىچكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، ئەلۋەتتە بۇنى شېرزات ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، بەلكىم پەقەتلا ئىچىلمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئالاقىزادە بولۇپ ئۇيان بۇيانغا قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد قولىنى كۆتۈردى.

_ مەن ھاراق ئىچمىدىم جۇمۇ، مەن دېگەن خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ياخشى ئەر.

ئەسلىدە جىمجىت ئولتۇرغان رازىيە ئۈمىدنىڭ ماڭا ئەركىلەپ تۇرۇپ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدكە قارىدى.

_ ئۈمىد ئاكا، مەن بەك توڭلاپ كەتتىم، ياتىقىمغا كىرىپ ئارام ئالايمىكىن.

_ سىز تېخى تۈزۈك بىر نىمە يىمىدىڭىز، كاۋاپتىن بولسىمۇ ئازراق يەپ ئاندىن كىرىپ ئارام ئېلىڭ_ دېدى ئۈمىد ئۇنىڭغا كۈيۈنگەن ئاھاڭدا.

_ بەك توڭلاپ كەتتىم، زۇكام بولۇپ قالماي يەنە. كاۋاپ پىشقاندا نازىيە ئاچام ماڭا ئەكىرىپ بەرسۇنچۇ.

ئۇ بۇنداق دېسە مەن ياق دىيەلمەيمەن دە.

 بىردەمدىن كېيىن كاۋاپ پىشتى. نىگارە پىشقان كاۋاپلارنى تەخسىگە ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى.

_ مەن ئۇستا كاۋاپچىمۇ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ پىشۇرۇپ باقتىم، ئوخشىغان بولسا ماختاڭلار، ئوخشىمىغان بولسا ھېچنىمە دېمەي يەڭلا ھە.

«قېنى ئېلىڭلار» دېگەندەك تەكەللۇپلار بىلەن ئالدى بىلەن ئۈمىد بىر زىق كاۋاپنى قولىغا ئالدى، ئاندىن شۆھرەت ئالدى. شۆھرەت كاۋاپتىن بىر تال يەپلا باشمالتىقىنى چىقاردى.

_ ۋاھ، بەك ئوخشاپتۇ، ئۇستا كاۋاپچىلارمۇ سىزچىلىك پىشۇرالمايدۇ.

نىگارە كۈلۈپ كەتتى.

_ ماختايدىغان ئىش بولسىمۇ ئاۋۋال باشقىلار ماختىسۇن. سىز ماختىسىڭىز «ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى ماختىغان ئىككىنچى ئەخمەق» بولۇپ قالىسىز.

بۇ گەپتىن ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى.

_  راست دەۋاتىمەن، ئۈمىد سىزمۇ تېتىپ بېقىڭە،  دېگىنىم راستمىكەن، يالغانمىكەن؟

ئۈمىد قولىدىكى كاۋاپتىن بىرنى ئاغزىغا سېلىپلا :

_ ۋوي، راستكەن،   بەك ئوخشاپتۇ، شۇنداق يۇمشاق، تەملىك پىشىپتۇ_ دېدى.

شۆھرەت «قانداق، راست دەپتىمەنمۇ» دېگەندەك نىگارەگە قارىدى.  نىگارە ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.

_ ئۇنداقتا ياخشى. يېڭى ھۈنەرلىك بولۇپ قالدىم مانا. كېيىنچە جېنىمنى باقالماي  قالسام كاۋاپخانا ئېچىپ جان باقساممۇ بولغۇدەك.

_ سىز جان باقالماي قالدىڭىز دېگەن گەپ شۆھرەت يارىماس دېگەن گەپ بولىدۇ_ دېدى شۆھرەت.

تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن كالتە كالتە يۆتەلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇرۇلۇپ قارىسام ئۆتكۈرنىڭ قولىدا بىر ئىستاكاندا چاي بار ئىكەن، ئۇ چاينى ئاغزىنىڭ يېنىغا ئەكىلىشىگە يۆتىلىپ كېتىپ چايمۇ لىپىلداپ كېتىۋاتاتتى.

_ چاينىڭ ئازراق پۇرىقى بار ئىكەن، شۇڭا يۆتەلدىڭىز ھەقىچان، مەن سىزگە قايناقسۇ ئېلىپ چىقىپ بېرەي_ دېدى فروزە يەنە بىر تەخسە كاۋاپنى ئۈستەلگە قويۇپ بولۇپ.

_ ھېچقىسى يوق، بۇ چاينىڭ تەبىئىتى ئىسسىق،  مەندەك زۇكام بولغانلارغا پايدا قىلىدۇ تېخى.

مەن بىر پەتنۇسقا كاۋاپتىن ئازراق ئېلىپ رازىيەگە ئەكىرىپ بېرىش ئۈچۈن ماڭدىم. ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، ئىچىدە ھېچكىم يوق،  كارىدوردا تازىلىق قىلىۋاتقان ئايالدىن سورىسام ئۇنى ئارشاڭ تەرەپكە كەتتى دېدى. شۇنىڭ بىلەن كاۋاپنى كۆتۈرۈپ ئارشاڭ تەرەپكە باردىم. بۇ ئارامگاھنىڭ ئارشىڭى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتتىن بەكمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ياسالغان ئىكەن، ئارشاڭغا بىر قېتىمدا نۇرغۇن ئادەم چۈشەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىچىك كىچىك كۆلچەك ئارشاڭلارمۇ بار ئىكەن. بۇ يەردە سۇغا چۈشۈۋالغانلار خېلىلا كۆپ بولغاچقا شۇنچە ئىزدەپمۇ رازىيەنى تاپالمىدىم. بىر چاغدا بىرى قارا دېگەندەك قارىسام، يان تەرەپتىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئېگىز بىر سايە تۇرىدۇ، سىنچىلاپ قارىسام ئۇ رازىيە ئىكەن. تاغ دېگەن بىلەن بەك ئېگىزمۇ ئەمەس.  ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم.

_ توڭلاپ كەتتىم دەۋاتمامتىڭىز؟  ياتىقىڭىزدا ئارام ئالماي سىرتقا چىقىۋاپسىزغۇ؟_ ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ شۇنداق دېدىم. رازىيە ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى. ئۇ شەپكىسى بىلەن قارا كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتكەن ئىدى، ماڭا ئۇ بۇرۇنقىدىن ئورۇقلاپ قالغاندەك كۆرۈندى. ھېلىقى ئىش ئۇنى خېلىلا بىئارام قىلغاندەك تۇراتتى. كىچىككىنە قىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئويلىسام مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ.

_ رازىيە، ئادەمنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدىكەن، بەزىدە يىقىلىدىكەنمىز، يەنە قوپۇپ ئالدىمىزغا ماڭىدىكەنمىز. ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، ئەمدى ئۇنى ئويلىماي ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ_ ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئاچا يوللۇق دەپ نەسىھەت قىلىۋاتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە تىكىلدى.

_ ھەممە ئىشنى سىز بىر قوللۇق پىلانلىغانغۇ دەيمەن.

_ ھە؟_ مەن ئۇنى مېنىڭ كۆيۈنۈشۈمنى يالغان دەپ ئىشەنمەيدۇ دەپ ئويلىغان، لېكىن بۇنداق دېيىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.

_ سىز پىلانلىغان ئىش بولمىسا مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ كەينىمدىن چىقامتىڭىز؟ ھېلىقى ۋىدىيونىمۇ ھېلىقى ئادەمگە سىز قەستەن قويدۇرغان. مەقستىڭىز مېنى ھاقارەتلەش، ئالدىڭىزدا باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش، شۇنداقمۇ، نازىيە.   توغرا، مەن بۇلغىنىپ بولدۇم، لېكىن ئۈمىد ئاكام مېنى يەنىلا پاك قىز قاتارىدا كۆرىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

_ رازىيە، مېنىڭ ياخشى كۆڭلۈمنى چۈشەنمىسىڭىزغۇ مەيلى، بۇنداق قارىلىماسلىقىڭىز كېرەكتى_ دېدىم مەن.

_ ياخشى كۆڭلۈم؟ تولا كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرمەڭە. مەن كۆزىڭىزدىن يوقالسام خۇش بولىدىغانسىز؟ ياخشى كۆڭلۈم دەپ كېتىشلىرىنى قانداق قىلاي تېخى.

_ قانداق ئويلىسىڭىز ئىختىيارىڭىز. قارىغاندا قۇرسىقىڭىز توق ئوخشايدۇ، يىمىسىڭىز ئېلىپ چىقىپ كەتتىم ئەمىسە_ شۇنداق دەپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ مېڭىشىمغا رازىيە مېنى تارتتى.

_ ئىشەنمىسىڭىز سىناپ باقايلى.  ئۈمىد ئاكامغا نىسبەتەن سىز مۇھىممۇ ياكى مەنمۇ؟

ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن خېلى تىركىشىپ باقتىم، لېكىن ئۇ مېنى بەكلا چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. بىردەم شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن ئۇ قولىنى ئاستا بوشاتتى.

_ ئەگەر ھازىر سىز مېنى بۇ يەردىن ئىتتىرىۋەتسىڭىز ، ئۈمىد ئاكام سىزنى كەچۈرەرمۇ؟ سىزنى يەنە خوتۇن قىلارمۇ؟_ دېدى ئۇ

_ ساراڭمۇ سىز، نىمە دەۋاتىسىز؟

ئۇ مېنى قويۇۋېتىپ ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا ماڭدى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر قول كېلىپلا رازىيەنى تارتتى. ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ئۇنى تارتقىنى نىگارە ئىدى.

_ سىڭلىم، قارىسام نېرۋىڭىزدىن چاتاق چىققاندەك تۇرىدۇ . ئۇ تەرەپكە ماڭسىڭىز چۈشۈپ كېتىدىغاننىمۇ بىلمىگۈدەك بولغاندىكىن، زادى دوختۇرخانىغا بارمىسىڭىز بولماپتۇ. ئۈمىد، كەينىگە سۆرىمەي بۇ قىزنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يولغا سېلىپ قويسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ_ دېدى نىگارە.

كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۈمىدمۇ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. پەمىمچە بايىقى مەنزىرىنى ئۇمۇ كۆرگەندەك قىلاتتى. رازىيە ئۈمىدنى كۆرۈپلا دەقىقە ئارىلىقىدا بىچارە ھالىتىگە قايتتى ۋە  يىغلىغان پىتى ئۆزىنى ئۈمىدنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى.

«ئۇف»

ئۇ بەك چوڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئادەمدەك سىلىكىنىپ سىلكىنىپ يىغلىدى، بۇنداق ھالەتتە ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بايىقى يولسىزلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيدۇ دە. ئۈمىد رازىيەنى بىر نىمىلەرنى دەپ بەزلەپ ياتىقىغا ئەكىرىپ قويدى. نىگارە ئىككىمىز گۈلخاننىڭ يېنىغا قايتتۇق. گۈلخاننىڭ يېنىدا ئۆتكۈر بىلەن فروزە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، شېرزات كۆرۈنمەيتتى.  رازىيەنىڭ ئۈمىدنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىشى، ئۈمىدنىڭ ئۇنى ياتىقىغا ئەكىرىپ قويۇش ئۈچۈن مېڭىشىدىن نىگارە سەل خاپا بولۇپ قاخشاپ قويدى، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇنىڭدىن بىئارام بولدۇم، لېكىن رازىيە تېخى يېقىندىلا بەك چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى، ئەگەر بايىقىدەك ئەھۋالدا ئۈمىدمۇ ئۇنى بەزلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئەيىبلىگەن بولسا رازىيە  ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا ئۈمىد ئىككىمىز خاتىرجەم ياشىيالامتۇق؟

ئۆتكۈر نىگارەنىڭ قاخشاشلىرىنى ئاڭلاپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغانتى،  نىگارە ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئۆتكۈر نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدىمۇ، جىملا ئولتۇردى.

_ ۋاي ۋۇي، تولا سۆزلەپ ئۇسساپمۇ كەتتىم.  چاي بارمۇ؟

فروزە بايا ئۆتكۈرگە قۇيغان چايدىن بىر ئىستاكان قۇيۇپ نىگارەگە سۇندى، نىگارە چاينى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى. تۆتەيلەن ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. بىر چاغدا بىر مۇلازىمەتچى كېلىپ ئۈمىدنىڭ مېنى ئارشاڭنىڭ يېنىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كىرسەم ئۇ دالدىدىكى كىچىكرەك بىر ئارشاڭ كۆلچىكىگە چىلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئاستا بېرىپ پۇتۇمنى چىلاپ ئولتۇردۇم. بۇ چاغدا  نىگارەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

_ شۆھرەت، بەك ئىسسىپ كېتىۋاتىمەنغۇ.

_ نىمە ئىچكەنتىڭىز ئۇنداق؟

_ باشقا نەرسە ئىچمىگەن، چاي ئىچكەن شۇ.

_  ھە.

_ شۆھرەت، مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟

_ ياخشى كۆرىمەن.

_ چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرەمسىز؟

_ ئەلۋەتتە چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرىمەن.

_ شۆھرەت، كۆزۈم غۇۋالاشقاندەك بولىۋاتىمىنا_ دېدى نىگارە.

«ئاپلا» دەرھال خىيالىمغا شېرزات بىر نىمە سېلىۋەتكەن چاي كەلدى. نىگارە شۇ چاينى ئىچكەن ئوخشىمامدۇ؟

_ سىزنى ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قوياي. ئەسلى ئارشاڭغا چىلىنىپ ئولتۇرامىزمىكىن دېگەنتىم،  بىئارام بولىۋاتقان بولسىڭىز ئارام ئېلىڭ.

ئۇلارنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكى يېپىلدى. كۆڭلۈمگە بىر خىل ئەنسىزلىك كىرىۋالدى. چۈنكى ئۇلار توي قىلغان بىلەن ئىككى ئۆيدە تۇرىۋاتقان ئەمەسمۇ،  نىگارە دورا سېلىنغان چاينى ئىچىپ، ھۇشىنى بىلمەي قالسا.....ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرمەكچى بولۇپ مىدىرلىسام ئۈمىد تۇتىۋالدى.

_ ئۇلار دېگەن ئەر خوتۇن، ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ نىمە قىلىسىز؟

شۇنى دەيمەن، ئۇلار قانۇنلۇق ئەر خوتۇن تۇرسا، مەنمۇ قىززىقتە.

بىردەم چىلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىزمۇ ياتىقىمىزغا كىرىپ كەتتۇق. تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتساق ئىشىك چېكىلدى، بېرىپ ئىشىكنى ئاچسام فروزە ئىكەن.

_ ئۆتكۈرنىڭ قىزىتمىسى بەك ئۆرلەپ كىتىۋاتىدۇ. سىز بۇرۇن سىستېرا بولغاندىن كېيىن بىلىسىز ھەقىچان، قىزىتمىسىنى چۈشۈرىدىغان بىرەر ئامال بارمىدۇ دەپ سوراپ كىرىشىم ئىدى.  

ئۈمىد ئىككىمىز ئۈستىمىزگە چاپاننى يېپىنچاقلاپلا ئۆتكۈرنىڭ ياتىقىغا كىردۇق، ئۆتكۈرنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقسام قىزىپ ئوتتەك بولۇپ كېتىپتۇ.

_ ۋاي نىمانچە قىزىپ كەتتى؟

_ ئىككىمىز خوشلىشىپ ياتاقلىرىمىزغا كىرىپ كەتكەن. ئۇيقۇم كەلمەي ئىچىم پۇشۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام بىرى قارنىڭ ئۈستىدە ياتىدۇ، قانچە قارىسام ئۆتكۈرگە ئوخشاپ كەتتى. يېنىغا چىقىپ قارىسام دەرۋەقە شۇكەن.  نىمە بولدىڭىز، نىمە بۇ يەردە ياتىسىز دېسەم، ئىچىممۇ، تېشىممۇ قىزىپ كېتىۋاتىدۇ دەيدۇ. مەن كۆرۈپ، يېنىغا چىققىچە قانچىلىك ياتتى دەڭە قارنىڭ ئۈستىدە. ئەسلىمۇ زۇكامداپ قالغان ئادەم زۇكىمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن گەپ_ دەپ چۈشەندۈردى فروزە.

ئۆتكۈر ئاستا كۆزىنى ئاچتى.

_ كېرەك يوق، بىردەمدە ئوڭشىلىپ قالىمەن، ھەممىڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويۇپتىمەن.  كىرىپ ئارام ئېلىۋېرىڭلار.  سىلەرگە دوختۇرلۇق قىلىمەن دەپ كېلىپ سىلەردىن بۇرۇن ئاغرىپ ياتقىنىمنى دەيمەن.

_ ئۈمىد، سىز چىقىپ ئارامگاھنىڭ خۇجايىنىدىن سوراپ بېقىڭ، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بارمىكىن، فروزە، سىز چىقىپ ئىسپىرت بىلەن لۆڭگە تاپقىلى بولامدىكىن، ئىزدەپ بېقىڭ_ دېدىم مەن.

ياتاقتا ئىككىمىزلا قالدۇق. ئۇنىڭدىن سورىدىم.

_ نىمىشقا قارنىڭ ئۈستىدە ياتىسىز؟

ئۇ كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.

_ ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. پۈتۈن بەدىنىمگە ئوت كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم، شۇنىڭ بىلەن قارنىڭ ئۈستىدە ياتسام راھەتلىنىپ قالدىم.

_ ئۆزىڭىز دوختۇر تۇرۇپ قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭىزنى قاراڭ.

_ نازىيە، مەن..._ ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى.

_ نىمە بولدى؟_ ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم. دەل مۇشۇ چاغدا فروزە ئىسپىرت بىلەن لۆڭگىنى ئەكىردى، ئۈمىدمۇ قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى تېپىپ كىرىپتۇ. فروزە ئىككىمىز ئۆتكۈرنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈشنى تازا ئەپ كۆرمەي، بۇ ۋەزىپىنى ئۈمىدكە تاپشۇردۇق. دورىنىمۇ ئىچىپ، بەدىنىنى ئىسپىرت بىلەن سۈرتكەندىن كېيىن ئۆتكۈرنىڭ قىزىتمىسى ناھايىتى تېزلا يېنىشقا باشلىدى. ئۆتكۈرگە ئۈمىد قارايدىغان بولۇپ، فروزە ئىككىمىز ئۆتكۈرنىڭ ياتىقىدىن يېنىپ چىقتۇق. فروزەنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، خوش دەپ ماڭسام فروزە مېنى چاقىردى.

_ نازىيە، ئۈمىدمۇ ئۆتكۈرنىڭ يېنىدا قالغاندىن كېيىن مەن سىز بىلەن بىللە ياتسام بولامدۇ؟ پاراڭلىشىپ ياتايلى دېگەنتىم.

_ بولىدۇ، يۈرۈڭ.

ياتاققا كىرىپ ياتقاندىن كېيىن فروزە تۇيۇقسىز بىر گەپنى سوراپ قالدى.

_ نازىيە، ئۆتكۈرنىڭ يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن ئادىمى سىز، شۇنداقمۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەندىكىپ كەتتىم.

_ ۋاي ياقەي، نىمە دەيدىغانسىز؟ ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

_ بايا ئۇنى قارنىڭ ئۈستىدىن يۆلەپ ئەكىرىۋاتسام، ئۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرىۋەردى.

_ قىزىتمىسى بەك ئۆرلەپ كەتكەچكە جۆيلۈگەن بولسا كېرەك.

_ نازىيە، ئادەمنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ھۇشىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا قانداق ئادەمنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ؟

فروزەنىڭ بۇ گېپىگە مۇۋاپىق گەپ قايتۇرالمىدىم.

_ نازىيە، بۇ گەپلەرنى باشقىچە مەقسەتتە دېمىدىم، ھەم باشقىچە ئويلاپ قالغۇدەك مەن ئۆتكۈرنىڭ قىز دوستىمۇ ئەمەس.  بايا ئۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرغانتى، سەل ھەيران بولۇپ سىزگە دېگىم كېلىپ قالدى. لېكىن مەن يەنىلا ۋاز كەچمەيمەن. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

ئەتىسى ئەتىگەندە فروزە ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا ئۆتكۈرنىڭ ياتىقىغا كىردۇق، ئۇنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ ياخشى بولۇپ قاپتۇ. فروزەنىڭ ئاخشامقى گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆتكۈر بىلەن ئارىلىق ساقلىشىمنىڭ زۆرۆرلۈكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا كىرىپ ئۇنىڭ قىزىتمىسى يانغىنىنى كۆرۈپ، كېچىچە قىزىمىغانلىقىنى ئاڭلاپلا ئۇزۇن تۇرماي يېنىپ چىقتىم. نىگارەلەرنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتسام ئۇنىڭ ئەمدى ئىشىكنى ئېچىشىغا توغرا كېلىپ قاپتىمەن.

_ نازى، نازى، بۇ ياققا كىرە. _ ئۇ قولۇمدىن تارتىپلا ئەكىرىۋالدى. شۆھرەت سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ياتاقتا يوق ئىدى.

_ ۋاي قىززىق قارا.  ئاخشام ياتاققا كىرگىنىمنى بىلىمەن. قالغىنى ئېسىمدە يوق، بىر چاغدا قارىسام  شۆھرەتنىڭ قۇچىقىدا ياتىمەن.  ۋاي نۇمۇسۇم.  شۇنداق قىلىپ دوستۇڭمۇ سېنىڭ سېپىڭگە قوشۇلۇپ نازۇك قىز بالىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋەتتى.

ئاخشام ئۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن بولسام، ھازىرقى كەيپىياتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.

_ بۇرۇنلا شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى_ دېدىم مەن كۈلۈپ.

ھەممەيلەن يۈز كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ، كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ناشتا قىلىش ئۈچۈن يىغىلدۇق. ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كېيىن نىگارە تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ:

_ تېېفونۇم ئېتىلىپ قاپتۇغۇ_ دېدى ۋە توكقا چېتىپ تېلېفوننى ئاچتى. ئۇ تېلېفوننى ئېچىشىغا توختىماي ئۇچۇرلار كەلگىلى تۇردى.

_ دادام ئەجەبمۇ جىق تېلېفون قىلىپ كېتىپتۇغۇ. يەنە تېخى....

ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمىدى.  ئۇنىڭ تېلېفونىنى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام فەرۇقمۇ  نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان ئىكەن. تېلېفوننى نىگارەگە سۇنۇپ تۇرۇشۇمغا فەرۇقتىن يەنە تېلېفون كەلدى. نىگارە تېلېفوننى ئېلىپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.










,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k