
بۇ ئەسەرنىڭ 56 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
||
55-قىسىم
ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، پىشانىسىدە مۇنچاق مۇنچاق تەر قۇيۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ رولنى ئوڭغا ئۇرۇپلا ماشىنىنى يول بويىدا توختاتتى ۋە تۈگۈلۈپ بېشى رولغا تىگىپ قالدى.
_ نىمە بولدىڭىز؟ مىنى بۇنداق قورقۇتماڭ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ.
ئۇنىڭ بېلىكىنى كۈچەپ سىلكىدىم. ئۈمىد ھەرقانچە قىلىپمۇ بېشىنى كۆتۈرەلمىدى، ئەمما كۈچسىز قوللىرى بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ تەسەللى بەردى.
_ ھېچنىمە بولمىدىم، ئەنسىرىمەڭ.
بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەي تۇرۇپ يەنە ھېچنىمە بولمىدىم دېگىنىنى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي يىغلىۋېتەي دەپ قالغاندا بىرى دېرىزىنى چەكتى.
_ بۇ يەردە ماشىنا توختاتساڭلار بولمايدۇ. ماشىنىنى تېز ئېلىپ كىتىڭلار.
مەن دەرھال قاتناش ساقچىسىدىن ياردەم سورىدىم. بىر نەچچە قاتناش ساقچىسى ئۇنى ماشىنىدىن يۆلەپ چىقارغاندا ئۇ بېلىنىمۇ كۆتۈرەلمەي قالدى، قان قۇستى تېخى. يەردىكى قاننى كۆرۈپ قورققىنىمدىن پۇت قوللىرىم لاغىلداپ تىترەپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، ماشىنىغا قانداق چىققىنىم، دوختۇرخانىغا قانداق بارغىنىمنى بىلمەيمەن. دوختۇرلار ئۇنىڭغا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان قاناش دەپ دىئاگنۇز قويدى. دوختۇر بىزگە «ھېلىمۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپسىلەر، ئازراق كېچىككەن بولساڭلار قان كۆپ چىقىپ كەتسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.» دېدى.
ئۈمىدنى ئادەتتىكى ياتاققا يۆتكەپ چىققاندا چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان، بىر قولىغا ئوكۇل ئۇرۇپ قويۇلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، كارىۋاتنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، كۆڭلۈمدىكى قورقۇنۇچ تېخى بېسىلمىغان ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ:
_يېنىمغا كېلىڭ_ دېدى. مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قولۇمنى مەيدىسىگە قويدۇم.
_ قورقماڭ، ھېچنىمە بولمىدىم، راست_ دېدى ئۇ.
_ دوختۇر سىزنى ئاشقازىنى بىر ئىكى كۈندە بۇنداق بولۇپ قالمايدۇ، بۇرۇندىن تارتىپ يىمەك ئىچمەككە دېققەت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان گەپ دەيدۇ، ئادەتتە ئاشقازىنىڭىز ئاغرىسىمۇ ئېتىبار بەرمىگەچكە مۇشۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتكەن گەپ.
_ مەن دېگەن ئەر كىشى، كىچىككىنە ئاغرىققىمۇ ۋايجان ۋاييەي دەپ يۈرسەم قانداق بولىدۇ؟
_ كېسەل ئەر ئايال دەپ ئايرىمايدۇ، سىزنى ئەر كىشى دەپ ئاياپ قويىدىغان ئىش يوق، ئەمدى بولسىمۇ بۇنداق ئەخمەقلىق قىلماڭ، بولامدۇ؟
ئۇنىڭ مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ يەنە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمىگىنىنى كۆرۈپ چېچىلىپلا قالدىم. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى، ئەمما كۈلكىسى تولىمۇ كۈچسىز، ئاجىز ئىدى.
_ كۈلىۋاتقىنىنى.
_ نازىيە، مەندىن ئەنسىرىگىنىڭىزنى كۆرۈپ خۇش بولىۋاتىمەن.
_ تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالغانتىڭىز، بەك قورقۇپ كەتتىم، قورقۇنچۇم ھازىرغىچە بېسىلمىدى.
ئەگەر ئۇ ئاغرىق سەۋەبلىك تورمۇزنىمۇ دەسسىيەلمىگەن بولسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقار ئىدى؟ ئەگەر ئۇ ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىققاندا مۇشۇنداق ئىش بولغان بولسا قانداق قىلاتتۇق؟ ئەگەر.... ئىشقىلىپ بەك كۆپ «ئەگەر»لەر كاللامغا كىرىۋېلىپ مېنى تېخىمۇ قورقۇنۇچ بېسىپ كېتىۋاتاتتى.
_ قورقماڭ، مەن ھېچنىمە بولمايمەن. ئىككىمىز تېخى نۇرغۇن ئىشلارنى بىللە قىلىمىز.
_ ئۆزۈڭنى تۆمۈر ئادەم دەپ قالغانمىتىڭ؟ ئەمدىغۇ ئۆزۈڭنى ئاسرايدىغان بولارسەن؟
ئىككىمىز تەڭلا قارىدۇق، ئىشىكتىن ئاق خالتىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى تىقىپ ئۆتكۈر كىردى. ئۈمىد ئۆرە بولماقچى بولۇۋىدى، مەن كارىۋاتنىڭ بېشىنى سەل ئېگىز كۆتۈرۈپ بەردىم.
_ مەن دېگەن ئاغرىق جۇمۇ، ئىككى ئېغىز چىرايلىق گېپىڭ يوق، كىرىپلا قاخشاپ كەتتىڭغۇ؟
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىيلەن بىردەم پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئۈمىدنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. ئۆتكۈرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇرۇن تۈزۈك ناشتا قىلمايدىكەن، كىچىك ۋاقتىدا چوڭ دادام ھەر ھالدا تىللاپ يۈرۈپ بولسىمۇ تاماق يىگۈزىدىكەنتۇق، لېكىن ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن چوڭ دادامنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىماس بولۇپ كىتىپتۇ. بەزىدە ھەتتا تاماق يىمەي تۇرىۋېلىپ دېگىنىنى قىلدۇرىدىغان ئىشلارمۇ بوپتىكەن. ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپلا ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىپتىكەن، بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بوپ قالسا ھېچكىمگە دېمەي، ئۆزى يالغۇز ھېچكىم تاپالمايدىغان جايغا كېتىپ ھاراق ئىچىدىكەن. يەنە كېلىپ دائىم ئاچ قۇرساققا ئىچكەچكە ئاشقازىنى بەرداشلىق بېرەلمەي قاپتىكەن.
_ بولدى، خوتۇنۇمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىۋەرمىگىنە.
لېكىن مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىدى. ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج چېغىدا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەي پۈتۈن دەردىنى ھاراقتىن چىقىرىپتىكەن دە. ئىچىمنىڭ ئاچچىق بولغىنىنى چاندۇرماي زورىغا كۈلۈمسىرىدىم:
_ ئەسلى سىزنىڭمۇ شۇنداق بەڭۋاش ۋاقىتلىرىڭىز بوپتىكەن دە.
_ كىمنىڭ ئۇنداق ۋاقتى بولمىغان دەيسىز؟_ دەپ كۈلدى ئۈمىد.
بىردەمدىن كېيىن فروزە بىلەن ئۈمىدنىڭ ياردەمچىسى كەلدى، ئۇلار كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپلا خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى، ئۈمىد كارىۋاتتا يېتىپ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ ئىمزا قويدى. ئىمزا قويۇلغان ھۆججەتلەرنى ئېلىپ ياردەمچى كەتتى، فروزە قېلىپ بىز بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى. ئۇ ماڭاي دەپ ئورنىدىن تۇرغاندا ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى. ئۆتكۈرمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كىردى.
_ مەن بۈگۈن ماشىنا ھەيدىمىگەن، مېنى ئاپىرىپ قويالارسىزمۇ، ئۆتكۈر؟
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دېرىزە تۈۋىدە سىرتقا قاراپ تۇراتتىم، بىر چاغدا ئىككىيلەن ياندىشىپ بىنادىن چىقىپ پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
_ نىمىگە قاراۋاتىسىز؟ _ تۇيۇقسىزلا كەينىمدە ئۈمىدنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندىم، چۈچۈپ كەينىمگە قارىسام ئۇچىسىغا دوختۇرخانىنىڭ كىيمىنى كىيىۋالغان ئۈمىد كەينىمدىلا تۇرۇپتۇ.
_ كارىۋاتتىن چۈشۈۋاپسىزغۇ؟
_ مېنىڭ ئاشقازىنىم ئاغرىدى، پۇت قولۇم ساق تۇرسا، كارىۋاتتا يېتىۋەرسەممۇ قاملاشماس؟
ئۇ شۇنداق دەپ مېنى كەينىمدىن ئاستا قۇچاقلىدى.
_ ئۇلار بىر بىرىگە بەك ماس كېلىدىكەن ھە، سىزنىڭچىچۇ؟ _ دېدىم مەن ئۆتكۈرنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىۋاتقان ماشىنىسىغا قاراپ.
_ نىمە، ئەلچى بولاي دەمسىز؟
_ بولمامدا؟
_ بولۇشنى بولىدۇ، لېكىن مۇھەببەت ئىشىغا ئەڭ ياخشىسى باشقىلارنىڭ ئارىلاشمىغىنى ياخشى. ئەگەر بىر بىرىگە كۆڭلى بولسا سىز ئارىغا كىرمىسىڭىزمۇ ئۇلار بىر يەرگە كىلەلەيدۇ، كۆڭلى بولماي قالسا سىز قانچە كۈچىگىنىڭىز بىلەنمۇ بىكار. مەجبۇرىي بىر يەرگە ئەكىلىپ قويغان ھالەتتىمۇ كېيىن ھامان ئايرىلىپ كېتىدۇ.
_ بەزىدە بەزى ئىشلار شۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ئېنىق بولمىغان بىلەن ئەتراپدىكىلەرگە بەك ئېنىق بولىدىغان ئىش بولىدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق ئىشلاردا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ.
_ قېنى تىرىشىپ بېقىڭ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
كەچلىك تاماققا سۇيۇق سەلەڭ شوۋىگۈرۈچ ئەكىردىم، ئۈمىد شوۋىگۈرۈچنى ئىچىپلا ئۇخلاپ قالدى. بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ ئىچىم پۇشۇپ شامالداپ كىرەي دەپ سىرتقا چىقتىم. كارىدوردا مېڭىپ قايناقسۇخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قايناقسۇ ئېلىۋاتقان بىر ئەر كىشى كەينىدىن تونۇشلا بىلىندى. ئۇ قايناقسۇنى ئېلىپ كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قاراپ ماڭدى، ماڭا دېققەت قىلمىدى. مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. ئۇ بىر ياتاققا كىرىپ كەتتى، ياتاقنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولغاچقا ئىچى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بايىقى قايناقسۇ كۆتۈرىۋالغان ئەر كارىۋاتتا ياتقان ئايالنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ تاماق قاچىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن يىگۈزۈشكە باشلىدى.
_ نازىيە.
ئايال تاماقنى بىر نەچچە قوشۇق يىگەندىن كېيىن ئىشىك تۈۋىدە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ قالدى. شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ مەڭدەپ قالغاندەك ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئىچىدىكى ئىككىيلەن باشقىلار ئەمەس، ئەزىمەتنىڭ ئاتا ئانىسى ئىدى. ئەزىمەتنىڭ ئاپىسى بۇرۇندىنلا ئاغرىق ئىدى، شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كەلگىنىگە قارىغاندا كېسىلى ئېغىرلاپ قالغاندەك تۇراتتى. ئاستا مېڭىپ ئىچىگە كىردىم، ئەزىمەتنىڭ دادىسى تاماق قاچىسىنى قويۇپ بىر چەتتە ئولتۇردى. ئەزىمەتنىڭ ئاپىسى خېلى قىزغىن ئىدى.
_ نازىيە قىزىم، قېنى، يېنىمدا ئولتۇرۇڭ.
بۇ يەرگە نىمىشقا كىرگىنىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم قانداقلا بولمىسۇن ئىككى يىل ماڭا قېينىئاتا، قېينىئانا بولغان كىشىلەر بولغاچقا كىردىممىكىن. مەن كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.
_ خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
_ ھەي، مۇشۇنداق تۇرىمەن، بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھېساب.
ئۇلارنى كۆرۈپلا ئەزىمەتنىڭ ماڭا قىلغان ئەتكەنلىرى ئېسىمگە كەلدى. كونىلار «تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس» دەپتىكەن، بەلكىم دىلىمدىكى بۇ يارا مەڭگۈ ساقايمىسا كېرەك. مەن قارىسام ئەزىمەتنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ دەردىنى ئاتا ئانىسى تارتىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇنچە ياشقا كىرىپ ئاغرىپ كېسەل كارىۋىتىغا چىقىپ قالغاندا «قانداق ئەھۋالىڭ» دەيدىغان ئادىمى يوق.
_ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىنىڭىزنى ئەزىمەت بىلەمدۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن.
_ ئەزىمەت بىر نەچچە كۈن تېلېفون قىپتىكەن، چەتئەلگە چىقىدىغان بولۇپ قالدىم، پات پات كىلەلمەيمەن دېدى. تېلېفون ھەققى بەك قىممەتمىكىن، تۈزۈك تېلېفونمۇ قىلالمايدۇ، ئۇنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ دوختۇرخانىدا ياتقىنىمنى ئۇنىڭغا دېمىدىم.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى. ئەزىمەتنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىزلا قولۇمنى تۇتتى.
_ نازىيە، ئەزىمەت بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىڭلارنى بىلىمەن، ھېلىقى كۈنى سىز تۇيۇقسىز كېتىپ قالغانتىڭىز، مەن ئۇنى قىستاپ سوراپ تۇرىۋېلىپ ئاندىن ئاجرىشىپ كەتكىنىڭلارنى بىلدىم، شۇ چاغدا سورىمىغان بولسام ئۇ يەنە قاچانغىچە يوشۇرۇپ يۈرەر بولغىيتتىكىن تاڭ. سىز بەك ياخشى قىز، شۇ ئەزىمەتنىڭ تەلىيى يوقكەن. نازىيە، ئەزىمەتنىڭ ھال كۈنىمۇ خېلى ئوبدان ئوخشايدۇ، ئالدىنقى قېتىم خېلىلا كۆپ پۇل ئەۋەتىپتۇ، شۇ پۇل بىلەن كېسىلىمنى داۋالىتىۋاتىمەن. مەن ئەزىمەتنى تازا تىللىدىم، ئۇمۇ خاتالىقىنى تونۇدى. ئۇنى كەچۈرىۋەتسىڭىز، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرسىڭىز بولامدۇ، بالام. بىزمۇ سىلەرگە ئېغىرچىلىقىمىزنى سالمايمىز، سىلەر ياخشى ئۆتسەڭلارلا بىز شۇنىڭدىن خۇش بولىمىز، بولامدۇ، بالام.
ئۇ خاتالىقىنى تۇنۇغان بولسا شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسكىلىكلەرنى قىلمىغان بولاتتى. مەن ئاستا قولۇمنى تارتىۋېلىپ سۇس كۈلۈمسىرىدىم.
_ ئارتۇق ئىشلارنى ئويلىماي كېسىلىڭىزنى ياخشى داۋالىتىڭ. تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭىزما؟
_ ھەئە، ئەزىمەت ئۇ نۇمۇر ياخشى ئەمەسكەن دەپ باشقا بىر نومۇرغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. ھە راست، سىز دوختۇرخانىدا يۈرىسىزغۇ، بىرەسىنى يوقلاپ كەلگەنمىتىڭىز؟
_ يولدىشىم ئاغرىپ قېلىپ مۇشۇ دوختۇرخانىدا ياتقان.
_ ھە. _ ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.
چىقىپ كېتىۋېتىپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئەزىمەتنىڭ دادىسى بايا قالغان تاماقنى ئېلىپ يىگۈزىۋېتىپتۇ. گەرچە ئەزىمەتكە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولساممۇ لېكىن ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ جاپا تارتىپ قالغىنىنى كۆرۈپ يەنىلا كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
ئۈمىد ياتقان ياتاققا كىرىپ چىراقنى ياندۇرماي، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىپ يېتىۋالدىم. ئۈمىدمۇ تۇيماي ئۇخلاۋەردى.
ئورنۇم ئالمىشىپ كەتكەچكە شۇنداقمۇ، ئۆزۈمنى خېلى ئۇيقۇغا زورلاپ باقساممۇ ھېچ ئۇيقۇم كېلەي دېمەيتتى. ئۆرۈلۈپ دېرىزىدىن كىرگەن سۇس چىراق نۇرىدا ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇنىڭ ئاغرىقتىن ئاجىزلاپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ تۇيۇقسىز ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. بۇرۇن ھەر ئىككىمىز مۇھەببەتكە تەشنا ئادەملەر ئىكەنمىز، مانا ھازىر بىر بىرىمىزگە مۇھەببەت بېرىدىغان ھەمراھلارغا ئايلاندۇق. ئۇنىڭغا پۈتۈن مېھرى مۇھەببىتىمنى بېرىمەن.
خىيال سۈرۈپ ياتسام ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا قارىسام تۇيماي ئۇخلاۋەردى، ئاستا قولۇمنى سوزۇپ تېلېفوننى ئالدىم. ئۇچۇرنى تېخى ئاچماي تۇرۇپ، ئۇچۇر ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى. قولۇمدىكى تېلېفونمۇ سېرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. لېكىن تېلېفون يوتقاننىڭ ئۈستىگە چۈشكەچكە ئاۋاز چىقمىدى. ئۈمىدكە قارىسام ئۇ ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاۋاتاتتى. تېلېفوننى قايتا قولۇمغا ئېلىشقا پىتىنالمىدىم. تېلېفون ئېكرانىدا «نازىيە» دېگەن ئىسىم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ نازىيە مەن ئەمەس، مېنىڭ ئىسمىم ئۇنىڭ تېلېفونىدا «مەلىكەم» دەپ يېزىقلىق. ئۇنداقتا بۇ نازىيە.... ئەجىبا سەككىز يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەدىن ئۇچۇر كەلگەنمىدۇ؟ ئۇچۇرنى چەكتىم. ئۇچۇر قىسقىلا يېزىلغان ئىدى.
_«كېيىنكى ئايدا سىزنى بىر ھەيران قالدۇرىۋېتىمەن، تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭ ھە!»
بۇ گەپتىن قارىغاندا ئۇلار ئالاقىلىشىۋاتقىلى خېلى بولغاندەك قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئىش بەكلا غەلىتە. تېلېفوننى ئاختۇرۇپ باقتىم، بۇ نۇمۇردىن باشقا ئۇچۇر كەلمىگەن، بەلكىم ئۈمىد يۇۋەتكەن بولسا كېرەك. بۇ ئۇچۇرنى يۇۋېتىپ ئاستا كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم. يوتقاننى چىڭ يېپىنىۋالغان بولساممۇ توڭلاپ تىترەپ، چىشلىرىم كاسىلداپ كىتىۋاتاتتى. بۇ زادى نىمە ئىش؟ ئەجىبا ئۇ نازىيە ھاياتمىدۇ؟ لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا خەۋەرلەردە، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان تۇرسا. ئەگەر ئۇ ھازىرمۇ ھايات بولسا، ئۈمىد نىمە ئۈچۈن شۇنچە يىل ئازابلىنىپ يۈرىدۇ؟ يەنە كېلىپ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆچىنى ئالىمەن دەپ يۈرىدۇ؟ لېكىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا بۇ ئۇچۇر كىمدىن كەلگەن؟ ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمىدىم. ئەگەر نازىيە ھېلىمۇ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئالاقىنى ئۈزمىگەن بولسا، ئۇنداقتا مەن نىمىگە ھېساب؟
ئۈمىدنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىغان بولسا كېرەك، بىر نەچچە قېتىم ئىڭراپ قويۇپ يەنە ئۇخلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى. ئاخىرى بۇ ئىشنى بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى قارار قىلدىم. بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم غەلىتە ئىشلارغا يۇلۇقۇپ، ئاخىرىدا ھەممىسى ئۇقۇشماسلىق بولۇپ چىققان ئەمەسمۇ. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئاق قارىنى پەرق ئەتمەيلا ئۇنىڭدىن يامانلاپ يۈرسەم بولمايدۇ.
دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۈمىد دوختۇرخانىنىڭ كىيىمىنى سېلىۋېتىپ ئۆزىنىڭ كىيمىنى ئالماشتۇرىۋالدى، ئالىم بىزنى داچىغا ئاپىرىپ قويدى. داچىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى. بۇنداق ۋاقىتتا ئۆتكۈر ئىشقا كېتىپ بولاتتى، ئۇ ئىشىكنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ ئىشىكتىن ئاتلاپ كىرىشىمگە كرىسلودا بىر ئايالنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قولۇمدىكى نەرسىلەر سېرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ كەلدى، ياق، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇ كەينىمدە تۇرغان ئۈمىدكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق، نازاكەتلىك، مەن گېزىتتە كۆرگەن سۈرەتتىكىدىنمۇ گۈزەل ئىدى. ئۇ ئۈمىدنى كۆرۈپ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى.
ئۇ راستلا ھاياتكەندە؟ بۇ ماڭا نىسبەتەن شۇم خەۋەر بولغان بىلەن ئۈمىدكە نىسبەتەنچۇ؟ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۈمىدكە قارىدىم. ئۈمىد ماڭا قاراپمۇ قويماي نازىيەگە قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇنىڭ كۆزىگە نازىيەدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى.
_ ئۈمىد.
ئۇنىڭ روھسىز تۇرقىغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى، ئۇنى چاقىردىم، لېكىن ماڭا قارىمىدى. ئىككىيلەن كۆز ئالدىمدىلا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. بۇ ھالەتنى كۆرۈپ يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك بولۇپ تولغىنىپ كەتتىم. كۆز ياشلىرىم ئاللىبۇرۇن يۈزۈمنى ھۆل قىلىپ بولغان ئىدى. نازىيە ئۈمىدنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ مەغرۇرلۇق ئىچىدە ماڭا تىكىلدى.
_ يەنە نىمىگە تۇرىسىز؟ ئۈمىدنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى مەن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى بىلىپ يوقىلىڭ.
ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدىم، مېنىڭ ئۈمىدنىڭ ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغۇم كەلدى. ئەگەر ئۇ مېنى كەت مەن ئىككىلەنمەيلا كىتىمەن. ئۈمىد ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بۇرۇنقى ماڭا بولغان مېھىردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
_ مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بۇ نازىيە، ئەزەلدىن شۇنداق.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
…
………
…………

………
…………
















