大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 110 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 110  - قىسىم aybarawazi
2023-09-29
5
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 111 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109


















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

110-قىسىم  

     قاراڭغۇ بولغاچقا ئۇنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم ۋە بەلكىم ئۆي ماكانسىز سەرگەردان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم،

_ نازىيە، نېمىگە قاراپ قالدىڭىز؟_ دېدى فروزە مېنىڭ دېرىزىدىن پەسكە قاراپ قالغىنىمنى كۆرۈپ.  

_ ھە، پەستە بىر ئادەم تۇرىدۇ، شۇنچە قاراپمۇ كىملىكىنى بىلەلمىدىمغۇ _ دېدىم مەن. تۇرسۇن مۇئەللىم بىلەن فروزەمۇ دەرھال يېنىمغا كەلدى.  فروزە سىنچىلاپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆرۈلۈپلا سىرتقا قاراپ يۈگۈردى. قاراپ تۇرسام فروزە بايا تۇرغان كىشىنى سۆرەپ دېگۈدەك ئۆي تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. كۆڭلۈمدە:« فروزە بەك ئاقكۆڭۈلكەن، ئۇنى بۇ قېلىن قاردا توڭۇپ كەتمىسۇن دەپ ئۆيگە باشلىماقچى بولۇپتۇ- دە» دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ھەيران قالدىم. «شېرزات؟»  ئۇ پەستە تۇرغىلى قانچىلىك بولدىكىن، ئۈستى بېشى پۈتۈنلەي قار بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇردى. بىزمۇ ھېچقايسىمىز گەپ قىلمىدۇق، بىردەمدىن كېيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۆتكۈر بىلەن مېنى كۆردى ۋە ھەيران قالدى.

_ شېرزات بالام، كەلگەن ئادەم ئۈستىگە چىقماي بۇ سوغۇقتا پەستە نىمىگە تۇرغانسەن؟_ دېدى تۇرسۇن مۇئەللىم ئۇنىڭ ئۈستى بېشىدىكى قارلارنى قېقىشتۇرغاچ. تۇرسۇن مۇئەللىم ئالدىنقى قېتىم ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمدىن ئاغرىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، گەرچە شېرزات ئۇنىڭ ئۆز بالىسى بولمىسىمۇ شۇنداقكەن.  شېرزات ھېچنىمە دېمىدى، ئۇ بېشىنى سىلكىۋىدى، بېشىدىكى قارلارمۇ يەرگە چۈشتى.

_ بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرە، بالام_ مۇئەللىم شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىدىن يىتىلىدى، لېكىن جايىدىن مىدىرلىمىدى. فروزەنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

_ تولا نازلانماي ماڭغىنە ۋاي_ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە شېرزاتنى تارتىپ ئاپىرىپ كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

_ تېخى تاماق يىمىگەنسەن؟ فروزە، ئۇكىڭىزغا چوكا بىلەن تەخسە ئەچىقىپ بېرىڭە قىزىم، قۇرسىقىغا ئىسسىق تاماق يىسە ئاندىن بەدەنگە ئىللىق ئۆتىدۇ_ دېدى تۇرسۇن مۇئەللىم.  

فروزە كىرىپ چوكا بىلەن تەخسىنى ئەچىقىپ شېرزاتنىڭ ئالدىغا تاراققىدە قويۇپ قويدى.  شېرزات بىردەم بىردەم ئۆتكۈر ئىككىمىزگە قاراپ قوياتتى. تۇرسۇن مۇئەللىم ئۇنىڭ ھەيران قېلىۋاتقىنىنى سەزگەن بولسا كېرەك، ئۆتكۈرنى كۆرسىتىپ:

_ بۇياق ئاچاڭنىڭ ئوغۇل دوستى بولىدۇ_ ئاندىن ماڭا قاراپ:

_ نازىيەنى تونۇشتۇرمىساممۇ تونۇيسەنغۇ؟

شېرزات ئۆتكۈر بىلەن فروزەگە قاراپ كۈلدى.

_ ئاچا، ئىككىڭلار قاچانلاردا تېپىشىۋالدىڭلار؟ مەن ئەجەب بىلمەيدىكەنمىنا.

فروزە پۇرۇقلاپ قايناۋاتقان قازانغا بىر پارچە گۆشنى سالدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ ئالايدى.

_ ھەممە ئىشنى ساڭا مەلۇم قىلسام بولامتى؟

_ ئۇنداققۇ ئەمەس ھى ھى_ كۈلۈپ قويدى شېرزات.

تۇرسۇن مۇئەللىم كىچىك پىيالىدىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ قازاندىكى كاۋاۋىچىنلارنى بىردىن بىردىن تەرگىلى تۇردى.

_ شېرزات كاۋاۋىچىن يىمەيدۇ، كىچىك ۋاقتىدا ئاغزىغا بىرەر تال چىقىپ قالىدىغان بولسا يىغلاپ كىتەتتى تېخى.

  شېرزات تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ قازاندىن كاۋاۋىچىننى چوكا بىلەن  بىر تال بىر تالدىن ئىلغاۋاتقىنىنى كۆرۈپ مەمنۇنلۇق ئارىلاش قاراپ تۇرۇپ قالدى. پەمىمچە ئۇ ئابلەت مۇئەللىم ئائىلىسىدە بۇ خىل كۈيۈنۈشتىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغانغۇ دەيمەن. ئابلەت ئەپەندىممۇ شېرزاتقا بەك ئامراق، لېكىن تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئامراقلىقىغا ئوخشىمايدۇ دەپ ئويلايمەن. تۇرسۇن مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئىچىدىن كۆيىدىكەن، چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىدىكەن،  ئابلەت ئەپەندىمگە ئوخشاش ياخشى كۆرۈشىنى پۇل بىلەن ئىپادە قىلمىغاچقا شېرزات تېخىمۇ تەسىرلىنىپ كەتكەن گەپ. شېرزاتمۇ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ يېنىدا شۇنداق يۇۋاش بولۇپ كېتىدىكەن، ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ئۆيىدىكىدەك ئۆكتەملىكىدىن ئەسەرمۇ يوق. بەلكىم ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچىدە ئوخشىمايدىغان «ئۆزى»دىن ئىككىسى بولىدۇ دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.

 تۇرسۇن مۇئەللىم سىنىپىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلىدى، شۇنىڭ بىلەن كەيپىيات بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ھەممەيلەن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەشتۇق. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمىزنىڭ گېپى چىققاندا مەن ئىختىيارسىز ئۆتكۈرگە قارىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا ماڭا قاراپ تۇرغان ئىكەن. ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ كۆزىمىزنى باشقا ياققا يۆتكىدۇق. تۇرسۇن مۇئەللىم شېرزاتنىڭ كىچىك چېغىدىكى ئىشلارنى كۆپرەك سۆزلىدى.  ئۇنىڭ بىر قېتىم ھەرە ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋېتىپ، ھەرىلەر ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ چېقىۋېلىپ يۈز كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىشنى سۆزلەپ بەرگەندە شېرزات كۈلۈپ يۇمىلاپ كەتتى.

_ شېرزات، ئىشتىنىڭنىڭ ئېغى يىرتىلىپ كېتىپتۇ_ دېدى فروزە تۇيۇقسىزلا.  شېرزاتمۇ بىر قاراپلا دەرھال ئىشتىنىنىڭ ئېغىنى ئېتىۋالدى.

_ ھەرقانچە كۆرۈپ قالساڭمۇ قۇلىقىمغا ياكى ئاۋۇ ئۆيگە چاقىرىپ دېمەمسەن؟ بۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنىمۇ قويمىدىڭ.

بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتالمايدىغان ئىشىم بار، شۇنچە تىرىشساممۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم.

_ بايا يولدا كېلىۋېتىپ تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشكەن، شۇ چاغدا يىرتىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.

تۇرسۇن مۇئەللىم قولىدىكى چوكىنى قويۇپ شېرزاتنىڭ قولىدىن تارتتى.

_ ماڭە، ئىچىدىكى ئۆيگە كىرە، بالام، ساڭا ئىشتاندىن بىرنى تېپىپ بېرەي، ئالماشتۇرىۋالساڭ ئۇچاڭدىكىسىنى مەن تىكىپ بېرەي.

شېرزات ئورنىدىن تۇرۇپ مۇئەللىم بىلەن ئىچىدىكى ئۆيگە ماڭدى ۋە بىردەمدىن كېيىن باشقا بىر ئىشتاننى كىيىپ يېنىپ چىقتى. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئىشتىنى بولسا كېرەك، ھازىر شېرزاتنىڭ بويى مۇئەللىمدىن خېلىلا ئېگىز بولغاچقا، ئۇ ئىشتاندا ئۇشۇقى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم يىپ، يىڭنە ئەچىقىپ ئىشتاننى تىكىش ئۈچۈن بىز تاماق يەۋاتقان ئۈستەلدىن سەل نېرىراقتا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.

_ ئاۋۋال تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭە، دادا. ئىشتاننى تاماق يەپ بولۇپ تىكسىڭىزمۇ بولىدۇغۇ.

_ مېنىڭ ئىشتىنىم شېرزاتقا قىسقا كېلىپ قالدى، ئوغۇل بالىلار ئوبرازىغا تېخىمۇ بەك دېققەت قىلىدۇ، ئۆتكۈر بىلەن نازىيەنىڭ ئالدىدا ئۇمۇ خىجىل بولۇپ قالمىسۇن، بىردەمدە تىكىپ بولىمەن، سىلەر يىگەچ تۇرۇڭلار.

ھېچقايسىمىز چوكىنى مىدىرلاتماي تۇرسۇن مۇئەللىمگە قاراپ تۇردۇق.  شۇ تاپتا قازاننىڭ پورۇقشىپ قايناۋاتقان ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى. شېرزات بىردەم بىردەم دادىسىنىڭ ئىشتان تىكىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ قوياتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى بايقىدىم. مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان بۇنداق شەخسىيەتسىز ئامراقلىقىدىن تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك. ئۇ تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى.

_ ھەسەن ئاكامنى ئۆزۈمنىڭ ئاكامدەك كۆرىمەن. مەن پراۋىسىز ماشىنا ھەيدەپ ئىش تېرىپ قويغاندا ئۇ ھاراق ئىچىۋالغان تۇرۇقلۇق، ماشىنىنى  مەن ھەيدىگەن دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. ئۇنىڭغا بىر پارچە يەرنى بەرگەنگە نىمە بوپتۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېرى ئازمىتى؟ ئاپام ئاغرىپ يېتىپ قالدى، سەۋەبى نىمە، بىلەمسىلەر؟ ئاپام ھەسەن ئاكامنى ئۆزىگە بېرىۋېتىلگەن يەرگە قەبرە سالغۇدەك، ئۇنداق قىلسا ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ سودىسىغا تەسىر يەتمەمدۇ؟ بىز زادى جېنىمىزنى باقامدۇق باقمامدۇق دەپ ئىچىگە يۇتۇپ ئاغرىپ قالدى.  بۇنىڭغا مەن قايىل ئەمەس، ھەسەن ئاكام ئۇ يەرگە نىمىلا سالسا سالمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ نېمە كارى؟

قارىغاندا ئۇلار تاماق يەۋېتىپ ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ گېپى چىقىپ، گەپ شاخلاپ ھەسەن چىشلەپ تارتىلىپ، شېرزت ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تاماقنىڭ يېرىمىدا قايتىپ چىققان بولسا كېرەك.  ئۈمىدمۇ بۈگۈن بارغىنىغا تويۇپتۇ-دە. چۈنكى ئۇ يەرنى ھەسەنگە ئۈمىد بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا  ئابلەت ئەپەندىم ئۈمىدنى شۇ يەرنى بېرىۋېتىپتۇ دەپ ئاچچىقىدا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم  ئۈمىدنىڭ بۇ ئىشىنى ئۇنداق ئاسان كەچۈرىۋەتمەيدۇ، ئەمما بۇ شېرزاتقا نىسبەتەن ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەسەننى بەك چوڭ بىلىدۇ.  

_ ئۇ تېخى ھەسەن ئاكام ئۇ يەرگە نىمە سالسا شۇنى بۇزۇۋېتىمەن دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ باقسۇنچۇ قېنى،  مەن ئۇچار تاش قورغىنىغا ئوت قويۇۋېتىمەن.

 ئۇنىڭ گېپىگە ھېچقايسىمىز ئارىلاشمىدۇق. تۇرسۇن مۇئەللىم ئاستا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك شاپىلاقلىدى.

_ بالام، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، بۇنداق بالىلىق قىلما.

شېرزات تۇيۇقسىز مۇئەللىمنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

_ دادا، بىلىمەن، ماڭا ھەقىقىي ، ئىچىدىن كۆيىدىغان ئادەم سىز. مەن تۈرمىدە ياتقاندىمۇ ھېچكىم بارمىسا سىز يوقلاپ باراتتىڭىز.

ئەسلىدە شېرزات تۈرمىدە ياتقاندە تۇرسۇن مۇئەللىم دائىم ئۇنى يوقلاپ بارىدىكەنتۇق دە.  دېمىسىمۇ شېرزاتنى شۇنچە يىل باققان تۇرسا، قانداقلا بولمىسۇن مېھرى بولىدۇ دە. تۇرسۇن مۇئەللىم ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى.

_ بولدى، سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، ئەر كىشى دېگەن ئۇنداق ئاسان ياش تۆكمەيدىغان.  ئەر كىشىدەك بول ھە.  مەيلى ئابلەت داداڭ بولسۇن ياكى مەن بولاي، مەڭگۈ يېنىڭدا تۇرالمايمىز. بىزدىن كېيىن قالغاندا ھامان ئۆزۈڭگە تايىنىدىغان گەپ. خاتالىق ئۆتكۈزۈش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، ئەمما خاتالىقىنى تۈزەتمەي يەنە سادىر قىلىش ئەڭ قورقۇنۇچلۇق. ئەر كىشى دېگەن بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،  شۇڭا مەزمۇت تۇرۇشۇڭ كېرەك، بالام.

شېرزات تېخىچە ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇراتتى.  مۇئەللىمنىڭ بايىقى گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردىمۇ كىرمىدىمۇ نامەلۇم. ئەمما بۇ گەپلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى.

_ دادا، ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ_ دەپ ئەركىلىدى ئۇ.

_ قۇرسىقىڭغا ئازراق بىر نىمە يەپ ئاندىن ئۇخلىمامسەن؟

_ بولدى، قۇرسىقىم توق، يىمەيمەن.

_ ئەمىسە ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ ياتقىن.

شېرزات ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىردەم گۇڭۇر مۇڭۇر تاماق يىيىشىپ ئولتۇردۇق. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. ئۆتكۈر ئىككىمىز قايتماقچى بولدۇق، بىزنى تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆزى ئۇزىتىپ چىقتى.

_ ماشىنىغا چىقىڭە، سىزنى ئاپىرىپ قوياي_ دېدى ئۆتكۈر سىرتقا چىققاندىن كېيىن. ئۇ ماشىنىسىنى بايىقى كوچا ئېغىزىدىن سەل نېرىغا توختىتىپ قويغان ئىكەن.

_ بولدى،  بايا ئۈمىد سىزنى ئالغىلى بارىمەن دەپ ئۇچۇر قىلىپتىكەن. سىز مېڭىۋېرىڭ، رەھمەت.

ئۆتكۈر ئانچە تارتىشمايلا ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۈمىد بىلەن ئالاقىلاشقىنىم يالغان ئىدى،  ئۆتكۈر بىلەن ئارىلىق ساقلاي دەپ شۇنداق دەپ قويغان ئىدىم.   يول بويىدا ماشىنا ساقلاپ تۇرسام بىر ماشىنا كېلىپ ئالدىمدا توختىدى. ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرگەندە قارىسام ھەسەن ئىكەن. ئۇنى كۆرۈپ ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم.

_نەگە بارىسىز؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.

_ بولدى، ئۆزۈم كېتەلەيمەن_ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي چوڭ چوڭ چامداپ كېتىۋەردىم. ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپلا ئالدىمدا توغرىسىغا توختاتتى.

_ چىقىڭ دېگەندىكىن چىقىڭە ھە، بولمايدىغان بولسا..._ ئۇنىڭ ھېلىقى مېنى بىزار قىلىدىغان بىزەڭلەرچە ھىجىيىشى. يەنە ئامالسىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم.

_نىمە دەيسىز؟ نىمە گېپىڭىز بار؟

ئۇ مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپلا تاراققىدە قىلىپ ئىشىكنى قۇلۇپلىۋەتتى.

_ نىمىشقا ئىشىكنى تاقىۋېتىسىز؟_ مەن جىلە بولۇپ ئىشىكنى ئۇرۇشقا باشلىدىم.

_ مومامنىڭ ئۆيىگە بارايلى دېسەم ئۇنىمىغاندىكىن،  ئالدىڭىزنى توسۇپلا ئاپىراي دېدىم شۇ.

_ بارمايمەن، ئىشىكنى ئېچىڭ، مەن چۈشۈپ قالىمەن.

_ بارمايدىغان بولسىڭىز ھېلىقى ۋىدىيونى ئۈمىدكە يوللاپ بېرىمەن.

يەنە شۇنىڭ گېپى. جىلە بولۇپ ئىشىكنى ئۇرۇۋاتقان ئادەم قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتىم. ئۇ مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ كۆرەڭلەرچە ھىجايدى.

_ سىز زادى نىمە قىلماقچى؟

ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.

_ سىز زادى نىمە قىلماقچى دەۋاتىمەن _ بۇ قېتىم خېلىلا ئۈنلۈك ۋارقىرىدىم. ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم بەك كەلدى.

_ مېنى زادى نىمە قىلسۇن دەيسىز؟ مەن سىزگە نىمە قىلىپ قويغان؟ نىمىشقا ھە دېسىلا مېنىڭ خاتىرجەملىكىمنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىسىز؟ بىر ۋىدىيو بىلەن ماڭا دائىم تەھدىت سالىسىز، سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ئوغرى مۈشۈكتەك خۇدۇكسىرەپلا ياشايدىغان بولۇپ قالدىم. مەنمۇ ئادەتتىكى ئاجىز بىر ئايال، ماڭا خاتىرجەملىك كېرەك. نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ ئەگەر بىرەر ئىشتا كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويغان بولسام مەن ناماقۇل بولاي. ئەمدى بۇنداق كۆزۈمگە كىرىۋالماي، مېنى تىنىچ ياشىغىلى قويۇڭ، بولامدۇ؟

يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ ئىچىمدىكى ئاچچىقنىڭ ھەممىنى چىقىرىۋالدىم. ھەسەن قوزغىتىپ بولغان ماشىنىنى يولنىڭ چېتىگە تارتىپ توختاتتى. ئاندىن قەغەزدىن بىرنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.

_ ئەخمەق قىزچاق، يىغلىماڭە_ ئۇنىڭ ئاۋازى خېلىلا يۇمشاپ قالغان ئىدى. تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلىدىم.

_ مەن ھېلىقى ۋىدىيونى ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرىۋەتكەن_ دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا.  دەرھال يىغامنى توختىتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ قەغەزدىن يەنە بىرنى ئېلىپ ماڭا سۇندى.

_ سىزنى بۇنچىۋالا قىيناپ قويغىنىمنى بىلمەپتىمەن. خاپا بولماڭ _ ئۇ شۇنداق دەپ ماشىنا ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىۋەتتى.

_ چۈشۈڭە.

مەن ئالدىراپ تىنەپ ماشىنىدىن چۈشتۈم، ئۇمۇ چۈشتى.

_ مەن تاكسى توسۇپ بېرەي.  ئەخمەق قىز، يىغلاپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ. سىزنى ئەمدى ئاۋارە قىلمايمەن، بىر نەچچە كۈنگە قالماي بۇ يەردىن كېتىمەن. ئەمدىغۇ خاتىرجەم بولغانسىز؟

ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمىدىم ھەم بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدىم. بىردەمدىن

كېيىنلا بىر تاكسى كەلدى، مەن تاكسىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ قويدى ۋە:

_ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ_ دېدى ۋە شوپۇرغا پۇلنى بېرىپ مېنى ساق سالامەت ئۆيگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شوپۇر ماشىنىنى قوزغاتتى. ماشىنىنىڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئۇنىڭ جايىدىن مىدىرلىماي تۇرغىنىنى كۆردۈم. مەن ئىزچىل ئۇنى ئۇنچىۋالا يامان ئادەم ئەمەس دەپ قارايتتىم، ئەمما ھەرقېتىم ئۇ ئالدىمدا پەيدا بولغاندا بىر خىل خاتىرجەمسىزلىنەتتىم.

داچىنىڭ چىرىقى يېنىقلىق ئەمەس، دېمەك ئۈمىد تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۆيگە كىرىپ ئايىقىمنى ئالماشتۇرۇپ كېلىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون بىر نەچچە قېتىم سايرىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئالدى.

_ ۋەي.

لېكىن تېلېفوندىن كېلىۋاتقىنى بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى. 







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k