大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 71 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 71 - قىسىم aybarawazi
2023-08-20
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 72 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

71-قىسىم


       ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن نەرگىزە يالىڭاياق مېڭىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى. چىراق ئۇنىڭغا توغرىلاندى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆڭلى ھەممەيلەنگە ئېنىق كۆرۈندى.  لېكىن ئۇ ئىنتايىن تەمكىن كۆرۈنەتتى. باھالىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش بولغانمىكىن، نەرگىزەنىڭ نەتىجىسىمۇ ئەڭ ئاخىرىغا قالدۇرۇلدى.  ئۇ باھالىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىپ، تاماشىبىنلارغا سالام بېرىپ چۈشۈپ كەتتى. 

   بارلىق ماھىرلار نومۇرىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن بىر نەچچە نەتىجىسى چىقىرىلمىغان ماھىرلار ئاخىرقى ساننى تالىشىدىغان بولدى، يەنە قايتا قايتا تاللاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا رازىيە بىلەن نەرگىزە ئىككىسىلا قالدى.  مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە تاماشىبىنلار ۋە نەقمەيداندىكى باھالىغۇچىلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق  ئاخىرقى بىر ماھىرنى تاللاپ چىقىدىكەن.  ھەر بىر تاماشىبىننىڭ قولىدا بىردىن بېلەت تاشلاش ماشىنىسى تارقىتىپ بېرىلگەن. رىياسەتچى «بېلەت تاشلاش باشلاندى» دېگەن ھامان رازىيە بىزگە قارىدى.  بېلەتنى كىمگە تاشلاش كېرەك؟ بۇ ماڭىلا ئەمەس، بىز بىلەن بىللە كەلگەن ھەممەيلەنگە نىسبەتەن ئىنتايىن قىيىن تاللاش ئىدى.  ئۇلارنىڭ كىمنى تاللىغىنىنى بىلمىدىم.  نىمىلەرنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدىمكىن، رىياسەتچى بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى دېگەندە قارىسام مەن تېخى بېلەت تاشلىماپتىمەن. 

ھەر ئىككى ماھىرغا تاشلانغان بېلەت سانى بەك پەرقلىنىپ كەتمىدى،  ئەمدى باھالىغۇچىلار بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كەلدى، نۆۋەت مىنەۋەر خانىمغا كەلگەندە ئىككىيلەننىڭ بېلەت سانىدىكى پەرق ئونغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، دېمەك رازىيە بىلەن نەرگىزەدىن كىمنىڭ قېلىپ كىمنىڭ كېتىشى مىنەۋەر خانىمنىڭ قولىدىكى ئون بېلەتكە باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.  پۈتكۈل مۇسابىقە كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان باسقۇچقا كىردى. رىياسەتچى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئارىلىققا ئېلان قىستۇردى. ئېلان قويۇلىۋاتقان ۋاقىتتا مەن تازىلىق ئۆيىگە چىقتىم.   ئەمدى قولۇمنى يۇيۇپ تۇرسام مىنەۋەر خانىم كىردى.   دەرھال مىنەۋەر خانىمغا سالام قىلدىم. مىنەۋەر خانىم ئاستا يېنىمغا كېلىپ قولىنى يۇغاچ تۇيۇقسىز مەندىن سورىدى. 

_ سىزنىڭچە كىم تاللىنار؟ 

مەن ئۇنىڭ بۇ سۇئالنى مەندىن سورىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، شۇڭا دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم،  مىنەۋەر خانىم يەنە سورىدى. 

_ رازىيە دېگەن قىز سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟

   ھېلىقى كۈنى مىنەۋەر خانىمنى يولدا قۇتۇلدۇرىۋالغان ئىشىم ئۈچۈن مەندىن ھازىرمۇ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،  ئەمما مەن  بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ ماھىر تاللاشتىكى قارارىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىمايمەن. 

_ مىنەۋەر خانىم،  نەرگىزە بىلەن رازىيە ھەر ئىككىسى  مېنىڭ يېقىن دوستلىرىم.  مەن ئەلۋەتتە ھەر ئىكككىسىنىڭ تاللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما ھازىر پەقەت بىرسىنىلا تاللاش توغرا كېلىپ قالدى.  ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن، مېنىڭچە كۆڭلىڭىزدە مەندىن سورىغان سۇئالىڭىزغا ئاللىبۇرۇن جاۋاب تېپىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز بويىچە تاللاۋېرىڭ. 

مىنەۋەر خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى. 

_ توغرا ئېيتتىڭىز، كۆڭلۈمدە ئاللىبۇرۇن كىمنى تاللاشنى بەلگىلەپ بولدۇم، سىزنىمۇ تەڭقىسلىقتا قويماي.

   چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچسام بىر قىز ئىشىككە بەك يېقىن تۇرىۋالغان بولسا كېرەك،  ئۆزىنى توختىتىۋالالماي تىك موللاق چۈشكىلى تاس قالدى.  ئۇنىڭغا قاراپ كىملىكىنى پەرق ئېتىپ بولغىچە پالاق پۇلۇق قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ قېچىپ چىقىپ كەتتى،  كىيىمىدىن قارىغاندا مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ماھىر بولسا كېرەك. 

تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ ئورنۇمدا ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئەڭ ئۇزۇن ئېلان قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرقى نەتىجە ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىت بولدى.  مىنەۋەر خانىم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ قولىغا مىكروفوننى ئېلىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدا نەتىجىسىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغان ئىككى قىزغا قارىدى. 

_ راستىمنى ئېيتسام ھەر ئىككى ماھىر ئەمەلىي كۈچى بىر بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك  ماھىرلار ئىكەن،  مېنىڭ ئەلۋەتتە ھەر ئىككىسىگە بېلەت تاشلىغۇم بار، قايسى بىرىگە بېلەت تاشلىسام يەنە بىرىگە ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ، ئەمما ماڭىمۇ ئامال يوق، مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىشىم كېرەك.  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن قارىغاندا نەرگىزە ھەممىمىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ماھىر بولدى دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستى بېشىنىڭ قانداق ھالەتتە چىققىنى ھەممەيلەنگە ئايان، مەيلى ئۇ مەقسەتلىك شۇنداق چىققان بولسۇن ياكى ئامالسىز شۇنداق چىققان بولسۇن، بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىشىمدىكى سەۋەب بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ كىيگەن كىيىمى ناخشىسىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن،  ناخشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەن. ئاخىرقى قارارىم، مەن قولۇمدىكى ئون بېلەتنى نەرگىزەگە تاشلاشنى خالايمەن.  نەرگىزە، غەيرەت قىلىڭ. 

  شۇنداق قىلىپ نەتىجە چىقتى، نەرگىزە تاللىنىپ، رازىيە شاللاندى.  رازىيە قانداقلا بولمىسۇن تېخى 20 ياشقىمۇ كىرمىگەن كىچىك قىز، بۇ رېئاللىقنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمىدى بولغاي،  ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى. مەن ئۈمىدكە قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھنىگە تىكىلگەن،  ئەمما ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇراتتى. 

_ سىزنىڭچە بۇ نەتىجە قانداق بولدى؟_ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن. 

ئۇ ماڭا قاراپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرىدى. 

_ مۇسابىقە بولغان ئىكەن، يېڭىش يېڭىلىش دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ.  ئۇ ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەچكە دەماللىققا قوبۇل قىلالمايۋاتقان گەپ.  ھەرقانداق ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يا ئۇنداق يا مۇنداق كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر چېنىقىش بولىدۇ. 

مۇسابىقىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى، تاماشىبىنلار بىر بىرلەپ زالدىن چىقىشقا باشلىدى. بىز ئارقا سەھنىگە بېرىپ رازىيەنى ئىزدىدۇق، باشقىلار ئۇنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.  شۇنىڭ بىلەن  بىز سىرتقا  ماڭدۇق،  كارىدورغا چىقىشىمىزغا بايىقى باھالىغۇچىلار  كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان ئىكەن، ئۇلار بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقە توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ كېلىۋاتاتتى.  رازىيە قەيەردىن چىقتىكىن ئۇدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى، يىغلىغان بولسا كېرەك، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. 

_ باھالىغۇچى ئۇستازلار،  ماڭا دەپ بېرىڭلارچۇ،  مېنىڭ قەيىرىم تاللانغان ماھىرلارغا يەتمەيدىكەن؟

  ئۇلار بىر بىرىگە قارىشىپ قويدى، ئارىدىن بىر ئايال باھالىغۇچى ئالدىغا بىر قەدەم چامدىدى. 

_ سىز 15-نومۇرلۇق ماھىر  رازىيە بولىسىزغۇ دەيمەن.  سىز كەلمىگەن بولسىڭىز سىزنى ئۆزىمىز ئىزدەپ بارماقچىتۇق. 

ئۇ شۇنداق دەپ  سومكىسىدىن بىر خالتى چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. 

_ رازىيە،  ناخشىنى راستلا ياخشى ئېيتىدىكەنسىز،  دەسلەپكى تاللاشتا ناخشىڭىز بىلەن بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانتىڭىز.  لېكىن شۇ چاغدا سىزگە بەرگەن پىكىرىمنى  قۇلىقىڭىزدا تۇتماپسىز،  بىزنىڭ تاللايدىغىنىمىز پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ناخشا ئېيتىدىغان ماھىر،  ناخشا ئېيتىش ماھارىتى مۇھىم، ئەمما  كىشىلىك ئەخلاق تېخىمۇ مۇھىم.  زېھنىڭىزنى باشقا ئىشقا قاراتماي ناخشا ئېيتىش ماھارىتىڭىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈڭ. ھېچقايسىمىز سوۋغىتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمىز. 

رازىيە خالتىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى، باھالىغۇچىلار ئۇنىڭغا قارىماي كېتىۋەردى. رازىيە شۇ يەردىلا ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ھېلىقى خۇشامەتچى دوستلىرى بىردەمدە يېنىغا ئۈندى. 

  مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەي دېسەممۇ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم،  شۇڭا ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەردىم.  تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىغا چىققاندا نەرگىزە بىلەن مىنەۋەر خانىم ئۇچراپ قالدى.  مىنەۋەر خانىم نەرگىزەنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقان ئىكەن. 

_  بۈگۈن كەچتىكى ئىپادىڭىز بەك ياخشى بولدى، نەرگىزە.  بىر مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشتا ئەمەلىي ئىقتىدار مۇھىم، روھى كەيپىيات تېخىمۇ مۇھىم.  سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم. تاماشا ساھەسى بەك مۇرەككەپ ساھە. ئۇ ھىيلىگەرلىكنى كۆتۈرمەيدۇ،  سالماق، قەيسەر بولغاندا، ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 

_  رەھمەت سىزگە، مىنەۋەر خانىم، مەن چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىمەن. 

نەرگىزە كۈلۈپلا تۇراتتى. مۇشۇنداق ياخشى نەتىجە ئالدىدىمۇ ئۇ خۇشلۇقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن مەن بەك خۇش بولدۇم.  بىرماشىنا كېلىپ توختىدى. ماشىنا ھەيدىگىنى ھېلىقى كۈنى دوختۇرخانىدا مىنەۋەر خانىمنىڭ يېنىدا تۇرغان قىز ئىدى.  مىنەۋەر خانىم ماشىنىغا چىقىپ  ئايرىلىدىغان چاغدا ماڭا قول پۇلاڭلاتتى.  ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ قارا دېگەندەك قارىسام رازىيە ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.  ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان قىز بايا تازىلىق ئۆيىدە مىنەۋەر خانىم ئىككىمىزنىڭ گېپىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان قىز شۇدەك قىلاتتى. 

 رازىيە كۆزىنى مەندىن نەرگىزەگە يۆتكىدى، نەرگىزەمۇ ئۇنىڭغا قارىدى.  بايا سەھنىدە رىقابەتلەشكەن ئىككى قىز بىر بىرىگە  قارىشىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا نەرگىزە سالماق، ئەمما رازىيەنىڭ ئاچچىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.   ھەممەيلەن بىر خىل ئوڭايسىزلىق ئىچىدە، ئۇلار رازىيەنىڭ ئالدىدىلا نەرگىزەگە مۇبارەك بولسۇن دىيەلمىدى.  نەرگىزە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماڭا خوش دەپ كىتىپ قالدى.  رازىيە تۇيۇقسىز ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ يىغلىغان پېتى بېرىپ ئۆزىنى ئۈمىدنىڭ قوينىغا ئاتتى.  ئۇنىڭ بۈگۈن كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا بۇنى توغرا چۈشەندىم. 

_ بولدى، بولدى، يىغلىماڭ، سىز تېخى كىچىك، كېيىن پۇرسەت دېگەن كۆپ. 

ئۈمىد ئۇنى كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك بەزلەشكە باشلىدى. ئۇ بەزلىگەنچە رازىيە تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ مىڭبىر تەسلىكتە رازىيەنى ماشىنىغا چىقاردى. 

داچىغا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇنىڭ يىغىسى تېخى توختىمىغان ئىدى.  ئۇنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇپ، ئۈمىد يەنە بىر مۇنچە تەسەللى بەردى، مەن ھېچنىمە دېمىدىم.  چۈنكى مەن نىمىلا دېسەممۇ ئۈمىدنىڭ بىر ئېغىز گېپىچىلىك رول ئوينىيالمايدىغىنى ئېنىق ئىدى. 

بىردەمدىن كېيىن سىز ئۇخلاڭ دەپ ھۇجرىمىزغا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭغان ئىدۇق، رازىيە مېنىڭ قولۇمغا ئېسىلدى. 

_ بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم، ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچام مەن بىلەن بىللە ياتسا بولامدۇ؟

 بۈگۈن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن كۆڭلى يېرىم ئىدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېتىشقا ماقۇل بولدۇم. ئۈمىد چىقىپ كەتتى.  ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈز كۆزىنى يۇيۇپ چىققىچە مەنمۇ ھۇجرىغا چىقىپ ئۇخلاش كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ كىردىم.  تاكى ئۇخلاپ قالغۇچە ھەر ئىككىمىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.  تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتسام چۈشۈمدە بىرى كېلىپ گېلىمنى سىقىپ نەپەس ئالالماي قېلىۋاتاتتىم. چۈچۈپ ئويغىنىپ قاراپ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتىم. چۈنكى شۇ تاپتا رازىيە ئۈستۈمگە مىنىۋېلىپ ھە دەپ گېلىمنى سىقىۋاتقان ئىدى، قورققىنىمدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم، ئەمما بۇنداق تۇرىۋەرسەم بولمايتتى.  كۆزۈمنى ئېچىپ قارىدىم، رازىيەنىڭ شۇ تاپتىكى چىرايى كىنولاردىكى قان شورىغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئىدى.  مەن نەپەس ئالالماي  رازىيەنىڭ بېلىكىنى تۇتىۋېلىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىتتىردىم. 

_ نىمە قىلاي دەيسىز؟ 

ئاۋازىم ئۆزۈممۇ ئاران ئاڭلىغۇدەك زائىپ چىقىۋاتاتتى.  ئۆينىڭ چىرىقى ياندۇرۇلمىغان، دېرىزىدىن چۈشكەن غۇۋا يورۇقتا رازىيەنىڭ كۈلگەن چىرايى كۆرۈندى، ھازىرقىسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھېلىقى تاتلىق كۈلكىسى ئەمەس، ياۋۇزلارچە كۈلۈش ئىدى. 

_ نىمە قىلاي دەيسىز؟ ھا ھا ھا، جېنىڭنى ئالاي دەيمەن. 

ھەر بىر سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئىنتايىن زەھەرخەندىلىك بىلەن چىقىۋاتاتتى.  ئۇ مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتتى، كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ ئاغزىدا مېنى ئاچا دەپ تۇرغىنى بىلەن مېنى ياقتۇرمايدىغىنىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرىمەن دەپ گېلىمنى سىقىش كەتمەيدۇغۇ.  

  ئۇنىڭ بىلەن خېلى تىركىشىپ باقتىم، لېكىن قولىنى گېلىمدىن ئاجرىتالمىدىم.  مېڭەمگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەن بولسا كېرەك، بېشىم قېيىشقا باشلىدى. مەن بار كۈچۈمنى يىغىپ ۋارقىرىماقچى بولدۇم. 

_ ئۈمىد. 

ئۇ مەغرۇرلارچە كۈلدى. 

_ بىلىمەن، مەن سېنى ئۆلتۈرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۈمىد ئاكام مېنىڭ تۈرمىدە يېتىشىمنى خالىمايدۇ،  ماڭا ئىگە بولىدۇ، ئىشىنەمسەن؟ 

ھازىر بۇلارنى ئويلىغۇدەك ھالىم يوق، تىزىمنى ئىگىپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىرنى تەپتىم، ئاندىن ئىككى قولۇم بىرنى ئتتىرىۋىدىم، ئۇ ئۈستۈمدىن چۈشۈپ كەتتى.  ئىككى قولى ئاخىرى گېلىمدىن ئاجرىدى. 

 مەن بىر ئۆرۈلۈپلا كارىۋاتتىن چۈشۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاستا ئاستا ئەسلىمگە كەلدىم.  رازىيە كارىۋاتتا ئۆرە ئولتۇرۇپ ماڭا قارىدى، كۆزلىرىدىكى ئۆچمەنلىك، غەزەپ ئۇچقۇنلىرى تېخى تارقىمىغان ئىدى.  لېكىن ئۇ ھازىر ئۆزىنى خېلىلا تۇتىۋالغان بولۇپ قايتا كېلىپ گېلىمنى سىقمىدى. 

_ رازىيە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتكەن بولسىڭىز كېيىن بۇنداق مۇسابىقىلەر يەنە بارغۇ.  ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇرسەت بولمىدى دېگەن تەقدىردىمۇ سىز تېخى ياش،   ئەگەر مېنى ئۆلتۈرۈپ قويسىڭىز كېيىنكى ئۈمرىڭىزنى تۈرمىدە ئۆتكۈزسىڭىز ۋاي ئىسىت دېگۈدەك ئىش بولمامدۇ؟

رازىيە ماڭا ئوخشاش ئاغزىنى يوغان ئېچىپ نەپەس ئالدى. جىمجىت ھۇجرا ئىچىدە ئىككىمىزنىڭ  تىنىقىمىزدىن باشقا ئاۋاز يوق ئىدى.   بىر چاغدا ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى. 

_  ئارزۇ؟ نازىيە، بىلەمسەن، سەن مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئۆز قولۇڭ بىلەن نابۇت قىلىۋەتتىڭ.  ئەمدى بۇ يەردە يەنە نۇمۇس قىلماي ماڭا ئارزۇ توغرىلىق سۆزلەۋاتامسەن؟

_ نىمە دېگىنىڭىز بۇ؟ 

_ نىمە دېگىنىڭىز؟ سەن مىنەۋەر خانىمغا  ئۆز ئاغزىڭ بىلەن بېلەتنى نەرگىزەگە تاشلاڭ دەپسەن.  سېنىڭ سەۋەبىڭدىن مەن شاللىنىپ كەتتىم،  قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ  يەنە خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسەن؟ بەك رەزىل نىمىكەنسەن. 

_ ئۇنداق ئەمەس، ئۇ مىنەۋەر خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى.  يەنە كېلىپ مەن مىنەۋەر خانىم بىلەن ئۇنچىۋالا يېقىن بولمىسام ئۇ مېنىڭ گېپىم بىلەنلا قارار چىقىرامتى؟

رازىيە  ئىككى قولى بىلەن كىرلىكنى مىجىقلىدى.   ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئەلپازىدىن قارىغاندا  مۇمكىن بولسا مېنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى بار ئىدى. 

_ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ تىنىۋالماقچىمۇ؟ مىنەۋەر خانىمنىڭ سېنىڭ پىكىرىڭنى سورىغىنى راستمۇ يالغانمۇ؟  سىلەرنىڭ تازىلىق ئۆيىدە دىيىشكەن گېپىڭلارنى بىرى ئېنىق ئاڭلاپ قالغان تۇرسا يەنە تىنىۋالماقچىمۇ سەن؟ بەك ساختىپەز نىمىكەنسەن. 

 شۇ چاغدا تازىلىق ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكەن قىزنى كۆرگەندە كۆڭلۈم بىر خىل بولۇپ قالغان.  ئۇ گەپ رازىيەنىڭ قۇلىقىغا بۇنداق شاخلاپ يېتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.  ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم. 

_ توغرا، تازىلىق ئۆيىدە مىنەۋەر خانىم بىلەن پاراڭلاشقىنىم، ئۇنىڭ مېنىڭ پىكىرىمنى سورىغىنى راست.  لېكىن مەن ئۇنىڭغا نەرگىزەگە بېلەت تاشلاڭ دېمىدىم.  پەقەت ئويلىغىنىڭىز بويىچەقارار چىقىرىڭ دېدىم. 

 رازىيە يېنىدا تۇرغان ياستۇقنى ئېلىپ  ماڭا ئاتتى، مەن تەييارلىقسىزلا تۇرغاچقا ياستۇق قېلىپ يۈزۈمگە تەگدى، ئەمدى مېنىڭمۇ سەۋر قاچام توشقان ئىدى. 

_ مىنەۋەر خانىمغا نىمە دېگىنىمنى ئېنىق دېدىم، ئىشەنمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز.  ئەمدى كۆڭلۈمدىكىنى  ئېيتاي، نەرگىزەنىڭ ناخشا ئيتىش ماھارىتى سىزنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا تاماشىبىنلار ئۇنى تاللىدى.  ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى سىز ئالماشتۇرىۋەتكەنغۇ دەيمەن. 

 مەن رازىيەگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇدۇكسىرىگەندەك بىر خىل ئالامەتنى بايقاپ قالدىم. ئۇ جاۋاب بەرمىدى،  دېمەك كۆڭلەكنى ئالماشتۇرىۋەتكىنى رازىيە ئىدى. 

_ سىز ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى ئالماشتۇرىۋەتكىنىڭىز بىلەنمۇ ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقاندىكى تەمكىنلىكىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىدى،  سىز مۇشۇ بىر مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدىڭىزغۇ شۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ناخشا ئېيتمايسەن دېمىسە يا.  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولى بىر مۇسابىقىلا ئەمەسقۇ.  سزىدىكى پىسخىك ساپا مۇشۇنچىلىك بولسا ھەرگىز ئۇزۇنغا ماڭالمايسىز. ھە راست، كىچىككىنە تۇرۇپ نىمە قالايمىقان ئىشلارنى قىلىپ خەققە سوۋغات بېرىپ يۈرىسىز،  ئۇ ئىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭىز؟ سىزگە دەپ قوياي، نۇرغۇن نەرسىلەر يەنىلا تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ ھەم شۇنداق بولغىنى ئەڭ ياخشى. 

_ توغرا، نۇرغۇن نەرسىلەر تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، مېنىڭچە سەنمۇ ئۈمىد ئاكامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاز تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدىڭغۇ دەيمەن. 

رازىيە يەنە ئۈمىدنى چىشلەپ تارتىۋاتاتتى. ئۇ كارىۋاتتىن ئاستا سېرىلىپ چۈشۈپ مەندىن سەللا نېرىدا ئۆرە تۇردى. 

_ ساڭا دەپ قوياي، ئۈمىد ئاكامنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى مېنىڭ ئاچام نازىيە.  بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.  بۇنى مەن ساڭا چوقۇم ئىسپاتلاپ بېرىمەن. 

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا  ئىككى قولى بىلەن يۈزىگە شاپىلاقلاشقا باشلىدى،  ھەر قېتىم ئۇرغاندا  خۇددى ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئەمەس، باشقىلارنىڭ يۈزىگە ئۇرىۋاتقاندەك كۈچەپ ئۇراتتى.  مەن ئۇنىڭ يەنە بىر يامان ئىشنى پىلانلاۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ قالدىم، ۋە دەرھال ئۇنى توسماقچى بولۇپ  يېنىغا باردىم، ئۇ كەينىگە داجىۋىدى، كارىۋاتنىڭ  بېشىدىكى تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان لوڭقىغا قولى تىگىپ لوڭقا يەرگە چۈشۈپ چېقىلدى.  ئۇ ساراڭلارچە ئۆزىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى  قالايمىقان ئېتىپ چېقىشقا باشلىدى. 

ئىشىك ئاستا ئېچىلدى. ئىشىكنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ ئۇ تىزلىنىپلا يەردىكى ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى. 


داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0