大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 53 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 53 - قىسىم aybarawazi
2023-08-02
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



بۇ ئەسەرنىڭ 54 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52












ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

53-قىسىم


      ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشقا تىرىشتىم. بىردەم جىم ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ماڭا ھەيۋە كۆرسىتىپ ئولتۇرغان ئايگۈل ھەدەمگە قاراپ سوغۇقلا جاۋاب قايتۇردۇم.

_ دېمەك ئەينى ۋاقىتتا ئۈمىدنىڭ ئاپىسىنىمۇ مۇشۇنداق مەجبۇرلاپتىكەنسىز دە.

ئايگۈل ھەدەمنىڭ چىرايى شۇئان ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىردى، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن پىشقان ئايال دە، ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.

_ مەجبۇرلاپتىكەنسىز دەيسىزغۇ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالماي تالاغا ئىتتىرىپ قويغىنى ئۆزى، بۇنىمۇ باشقىلاردىن كۆرەمدىكەن؟

 ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان ئىشىدىن بەك پەخرلەنسە كېرەك.  مەن مەسخىرە ئارىلاش كۈلدۈم.

_ توغرا، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۇتالماسلىق،  ئائىلىسىدىكى ئورنىنى ساقلاپ تۇرۇش تۇرالماسلىق ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق،  سىز  قىزىڭىزغىمۇ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىپ  بېرىشكە ئالدىراپ كېتىۋاتىسىزغۇ تايىنلىق.

ئايگۈل ھەدەم مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، بىر نەچچە سىكۇنت تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ۋە يەنە سوغۇق كۈلدى.

_ قىزىق گەپ بولدى دە بۇ. قىزىم فروزە چىرايلىق، ساپ، پاك، چاڭ قونمىغان بىر قىز. سىزچۇ؟ ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭىزنىڭ تايىنى يوق، كەمبەغەل، بىر ئاجراشقاننى ئاز دەپ تېخى تۇغماس. سىزنىڭچە بىز سىزنى نەزىرىمىزگە ئىلىپ قويارمىزمۇ؟

ئۇ گەپنى بۇنداق ئېچىپلا دېگەن ئىكەن، ئەمدى مېنىڭمۇ تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالمىدى. مەن چوڭقۇر تىنىۋېلىپ گەپ باشلىدىم.

_ ئۈمىد مېنىڭ قانۇنلۇق ئېرىم،  ئۇ مېنى كەت دېمىسىلا  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.  يامان بولسىڭىز قىزىڭىزنى مەن بىلەن ئادىل رىقابەتلەشتۈرۈڭ،  بۇ يەرگە كېلىپ ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىڭىز قىزىڭىزنىڭ مەندەك بىر بىر ئاجراشقان، يەنە كېلىپ تۇغماس بىر ئايالدىنمۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغانلىقىڭىز ئەمەسمۇ،  قىزىڭىزنىڭ مەن بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك ئىقتىدارى بولمىغاچقا ئۇنىڭغا يانتاياق بولغىلى كەپسىز دە؟

ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ ئايالنىڭ چىرايى دەقىقە ئارىلىقىدە شۇنچىلىك سەت ئۆزگەردى، ئۇ دەرھال ئالدىدىكى قەھۋەنى ئېلىپ ماڭا چاچتى.  ھېلىمۇ ياخشى كۆزۈمنى يۇمۇۋالالىدىم، قەھۋە كۆزۈمگە كىرىپ كەتمىدى. لېكىن قېنىق دەملەنگەن قەھۋە چېچىمدىن يۈزۈمگە ئېقىپ چۈشۈپ ئاپئاق كىيمىمگە تامچىلاشقا باشلىدى.  ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغانلار بىزنى كۆرسىتىپ پىچىرلىشىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشكىلى تۇردى.  ئەينەككە قارىمىساممۇ ھازىرقى ھالىتىمنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلمىش تەس ئەمەس ئىدى.  قەھۋە كىرپىكىمدىن تامچىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى، مەن كۆزۈمنى ئاچتىم،  ئاچچىقتىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتكەن ئايگۈل ھەدەم كۆزۈمگە غۇۋا كۆرۈندى.  ئۇنىڭ قەھۋە ئىستاكىنىنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى تىترەپ تۇراتتى.  شۇ تاپتا مەن قانچىلىك ئىلاجسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىمنى بىر ئۆزۈملا بىلەتتىم.

تۇيۇقسىز بىر ئەرەنچە كاستيۇم ئۈستۈمگە يېپىلىپ،  قەھۋە تۆكۈلۈپ رەسۋا بولۇپ كەتكەن كىيمىمنى ياپتى.

_ ھامما، بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ بۇ تەربىيە كۆرمىگەن، ساپاسىز ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى.

بۇ ئۆتكۈرنىڭ ئاۋازى ئىدى.  گەرچە ئۇ ئايگۈل ھەدەمنى ھامما دەپ چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن دېگەن گېپىدە بۇ ھاممىسىغا بولۇشقا تىگىشلىك ھۆرمەتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.  ئايگۈل ھەدەم ئۆتكۈرنىڭ كېلىپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولسا كېرەك،  ئۇنىڭ ئالدىدا مۇلايىم، ياخشى ئايال ئوبرازىنىڭ يەرگە ئۇرۇلغانلىقىدىن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.

_ ھامما،  شېرزاتنى ئوڭلاپ باشقۇرالمىغان ئادەم ئۈمىدنى باشقۇرۇپ، ئۈمىدنىڭ ئىشىغا ئىگە بولىمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟

بۇ گەپ نەق جايىغا تەگكەن ئىدى.  مەن باياتىن بېرى مۇشۇ نۇقتىنى ئويلاپ يىتەلمەپتىمەن دېسە.  ئايگۈل ھەدەم ئۈمىدنىڭ ئۆز ئاپىسى ئەمەس تۇرسا، ئۇنىڭ  ئىشىغا ئارىلىشالىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس.

_ تۇرۇڭ، نازىيە، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي.

  مەن ئايگۈل ھەدەمگە يەنە بىر قېتىم مەسخىرە ئارىلاش قارىۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. مەن ئالدىدا ئۆتكۈر كەينىدە قەھۋەخانىدىن چىقىپ كەتتۇق. بىز تا قەھۋەخانىدىن چىقىپ بولغۇچە ئۇ نىمە دەپ گەپ قايتۇرۇشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپلا قالدى.

ئۆتكۈر ماڭا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۆزى يان تەرەپتىكى بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ كېتىپ بىردەمدە يېنىپ چىقتى.  

_ مەڭ.

ئۇ ھۆل قەغەز ئېلىپ چىققان ئىدى.  مەن چېچىم، يۈزۈمدىكى قەھۋە يۇقىنى سۈرتتۈم.  كەلكۈندەك كېلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى تەستە يۇتۇپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇردى.

_ نىمىشقا كىرگەنتىڭىز؟

_   ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپلا ھاممامنىڭ ماشىنىسىنى كۆرگەنتىم، شۇنىڭ بىلەن سىزنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغان ئادەمنىڭ ھاممام ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ھاممامنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ھەرگىز سىزنى قەھۋە ئىچكەچ مۇڭدىشىش ئۈچۈن چاقىرمايدۇ.  ماشىنىدا بىردەم ساقلاپ ئولتۇرسام چىقمىدىڭىز، شۇڭا سىزدىن ئەنسىرەپ كىرگەنتىم.

مەن ئىشلىتىپ بولغان ھۆل قەغەزنى يۇمىلاق پومزەك قىلغاچ قەستەن  پەرۋاسىز قىياپەتتە:

_  بۇ قانچىلىك ئىشتى، پەرۋايىم پەلەك، ئۇنىڭ گەپلىرىنى قىرىمغا ئېلىپ قويمايمەن، ھەم ئۇنداق ئاسان بەل قويۇۋېتىدىغانلاردىن ئەمەس مەن_ دېدىم.

ئۆتكۈر ئىشلىتىپ بولغان ھۆل قەغەزنى بىر خالتىغا سېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ چىقتى. مەن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.

_ كەچۈرۈڭ، بۈگۈن سىزنى ئىشىڭىزدىن قويدۇم.

ئۆتكۈر ئاددىي قىلىپلا:

_ كېرەك يوق، روخسەت سورىدىم، دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ قويغان_ دېدى ۋە   ماشىنىنى قوزغىتىپ ماڭدى.  ئالدى تەرەپتىكى قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپلا  ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

_ داچىغا ئاپىرىپ قويسام يۈز كۆزىڭىزنى يۇيۇپ، كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ چىقسىڭىز ئاندىن شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياي.

_ بولدى، بۈگۈن شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارماي، داچىغا قايتىپ ئارام ئالاي_ دېدىم مەن.  داچىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى كېلىپ توختىدى.

«ئۇ بۇنداق بالدۇر ئىشتىن چۈشمەيتتى، بۈگۈن ئەجەب بالدۇر قايتىپ كەپتۇغۇ؟» ھەيرانلىق ئىچىدە ئويلىدىم مەن.  ماشىنىدىن چۈشۈشىمىزگە ئۇمۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ بىز تەرەپكە كەلدى.

_ نەگە باردىڭلار؟

_ نازىيەنى شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياي دەپ ماڭغان،  مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچىۋالاي دېگەنتى، بىر قەھۋەخانىغا كىرسەك بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن قەھۋەنى نازىيەنىڭ ئۈستى بېشىغا تۈكۈۋېتىپ قالدى، ھېلىمۇ ياخشى قىزىق قەھۋە ئەمەسكەن.  شۇڭا  مەكتەپكە ئاپارماي ئۇدۇل ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.

ئۆتكۈر شۇنداق دېمىگەن بولسا بەلكىم مەن  ئۈستۈمگە قەھۋە تۈكۈۋەتكەن ئادەمنىڭ ئايگۈل ھەدەم ئىكەنلىكىنى دەپ قويۇشۇم مۇمكىن ئىدى ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كېتەتتى.  

_ بالدۇرلا قايتىپ كەپسىزغۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن.

_ سىزنى كېچىچە كۆرمەي بىر يىل كۆرمىگەندەك بولۇپ كەتتىم، شۇڭا ئالايىتەن سىزنى كۆرگىلى كەلدىم، مەلىكەم.

ئۆتكۈر سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۆرۈلۈپلا داچىنىڭ ئىچىگە ماڭدى.

چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ مەن بىردەم كىتاب كۆردۈم، ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر مېھمانخانا ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردى. كىتابتىكى بىرەر مەسىلىنى چۈشەنمەي قالسام ئۇلاردىن سورايتتىم، ئۆتكۈر مەن سورىغان سۇئالنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرەلەيتتى.  ئۈمىد جاۋاب بېرەلمەي قالسا بەك ئوڭايسىزلىنىپ كىتەتتى.

ئەتىسى ئەتىگەن ناشتىلىق تەييارلاپ تۇرسام ھەر ئىككىسى تەييارلىقىنى قىلىپلا  چۈشۈپتۇ.  ئۆتكۈر بۈگۈن ئەتىگەن يىغىن بار دەپ ناشتا قىلمايلا ماڭدى. ئۈمىد قولىدا بىر چاماداننى كۆتۈرىۋاپتۇ.  كوماندروپكىغا چىقىدىكەن.  ئۇ دائىم مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئالدىن دەپ قويماي تۇيۇقسىزلا كوماندروپكىغا چىقىمەن دەپلا ماڭىدۇ.  گەپ قىلماي جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ يۈزۈمنى چىمدىدى.

_ نىمە، مەندىن ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمايۋاتامدۇ نىمە، مەلىكەم.

يۈزۈمنى قاچۇرۇپ ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئۈستەلگە كەلدىم.

_ ياقەي، بىر نەچچە كۈن قۇلىقىم تىنجىپ قالىدىغان بولدى دەپ خۇش بولىۋاتىمەن تېخى.

ئۇ كېلىپلا پاتىڭىمدىن سىقتى.

_ مېنى سېغىنىپ تۇرۇڭ ھە، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

_ مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق قىلسىڭىز كىم سېغىنىدىكەن؟

_  ماقۇل، ماقۇل،مەلىكەم، مەن قاتتىق قوللۇق قىلماي ھە. لېكىن چوقۇم مېنى سېغىنىپ تۇرىسىز ھە؟

_ كوماندروپكىغا چىقسىڭىز كۆرۈشىدىغان ئادەملىرىڭىزنىڭ ئىچىدە چىرايلىق، ياش قىزلارمۇ بار ھەقىچان، مەن بۇ يەردە سىزنى سېغىنىپ ئولتۇرسام، سىز ئۇ يەردە مېنى ئۇنتۇپ قالارسىز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مەن سېغىنماي جۇمۇ.

ئۈمىد كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى.

_ مەندىن خاتىرجەم بولالمايدىكەنسىز دە، ئەمىسە سىزنىمۇ بىللە ئاپىراي.

_ ياقەي، خاتىرجەم بولالمايمەن ئەمەس، ئۈمىد باش  دېرىكتور باشقىلارنى كۆرۈپلا ئۆينى ئۇنتۇپ قالارمىكىن دەپمۇ تۇرىمەن.

_ مەلىكەم خاتىرجەم بولغاي. مەنكى ئۈمىد، ئۆيۈم بارلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن كۈلۈپ كەتتىم.  ئۇمۇ كۈلدى. بىز قىزغىن پاراڭلىشىپ ناشتا قىلدۇق. مېنىڭچە بەخت دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.  بىللە ناشتا قىلىپ، بىللە كۈلۈپ، بىللە يىغلاپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بەخت.   قارىماققا بۇ ئاددى ئىشتەكلا بىلىنىدۇ، ئەمما مۇشۇ ئاددى ئىشلارنى بىر ئۈمۈر  داۋاملاشتۇرۇش ئەلۋەتتە تەڭداشسىز بەخت ھېسابلانمامدۇ؟ مۇشۇنداق بەختلىك كۈنلىرىمدە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلاشنى خالىمايمەن، مەسىلەن، ئۇنىڭ دادىسى مېنى قوبۇل قىلمايدۇ، مەن بالىلىق بولالماسلىقىم مۇمكىن دېگەندەك ئىشلارنى.   قالغان ئىشلار ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن، كۆز ئالدىمدىكى خۇشاللىقنى قەدىرلىشىم كېرەك.

ئۇ كوماندروپكىغا چىقىپ كىتىپ ئەتىسى ئۆيدە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام تېلېفون قىلدى.

_ ئىشخانامنىڭ ئاچقۇچى ئۆيدە قاپتۇ.  ئاچقۇچنى ئېلىپ شىركەتكە بېرىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى ھۆججەتنى ياردەمچىمگە بېرىپ قويۇڭە،  بەك جىددى لازىم، تېز بولۇڭ.

تېلېفوننى قويۇپلا ھۇجرىغا كىرىپ كارىۋات يېنىدىكى تومپۇچكىدىن ئاچقۇچنى ئالدىم ۋە تاكسى بىلەن بىپايان شىركىتىگە باردىم.  لىفىتتىن چىقىشىمغا ياردەمچى يۈگۈرۈپ كەلدى، مېنى ساقلاۋاتقىنىغا خېلى بولغان بولسا كېرەك.  مەن ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئاچتىم.  ئۇ دېگەن ھۆججەت كۆزگە چېلىقىدىغانلا جايغا قويۇپ قويۇلغان ئىدى،  ھۆججەتنى ئېلىپ قارىسام ئاستىدا بىر كىتاب بار ئىكەن.  ھۆججەتنى ياردەمچىگە بېرىپ بولۇپ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ «ھامىلە تەربىيىسى» دېگەن كىتاب ئىدى.  كىتابنى كۆرۈپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى.  كىتابنى ئېچىپ قارىسام ئىچىدە سىزىپ قويۇلغان، قاتلاپ قويۇلغان جايلار بار ئىكەن، قارىغاندا ئۇ ئىشخانىدا بىكار قالغاندا بۇ كىتابنى كۆرىدىغاندەك قىلاتتى.    ئۇنىڭ بەكلا بالىلىق بولغۇسى بار ئىكەن.  دېمەك ئۇ مېنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجەمنى كۆرگەندە قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ دە.  ئەمما ئالدىمدا ئازراقمۇ چاندۇرماپتۇ.

ئۆيگە قايتىپ كېتىۋېتىپ كاللامغا مۇشۇ ئىش كىرىپلىۋالدى. مەن بۇنداقلا ۋاز كەچسەم بولمايدۇ. ھازىر تىببىي ئىلىم شۇنداق تەرەققىي قىلدى،  ماڭىمۇ چوقۇم ئامال چىقىدۇ.  شۇڭا مەخسۇس مۇشۇنداق كېسەللەرنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدۇم. ئەمما دوختۇرخانىغا بارماي تۇرۇپ باشقا بىر ئىشقا يۇلۇقتۇم.

شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارغاندا 40 ياشلاردىكى بىر ئايالنى ئۇچراتتىم. بەكمۇ چىقىشقاق، سۆزمەن ئايالكەن.  بىر كۈنى ئۇ ماڭا  دوستىنىڭ بالا تۇغمىغانلىقى سەۋەبلىك  ئېرى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بۇنى  ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئەگەر مەنمۇ بالا تۇغۇلماي يۈرىۋەرسەم بۇ كۈن مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلەرمۇ؟  ئۇ ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ھېلىقى دوستى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا توي قىلىپتۇ، ھەم بىر داڭلىق دوختۇرنى تېپىپ داۋالىنىپ بويىدا قاپتۇ.  بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزىقىپلا قالدىم.

_ قايسى دوختۇركەن؟ قايسى دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىكەن؟

ئۇ ئايال ئۈستى بېشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سورىدى.

_ توي قىلدىڭىزمۇ؟ بالىڭىز بارمۇ؟

داڭلىق دوختۇرنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا راست گەپنى قىلدىم.

_ توي قىلدىم، لېكىن تېخى بالام يوق.

ئۇ ئايال ماڭا ھېسداشلىق نەزىرىدە قارىدى.

_ ھەي، كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئائىلىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ،  قارىسام شۇنداق ئاقكۆڭۈل، ياخشى قىزكەنسىز، مۇنداق بولسۇن،  ھېلىقى دوختۇرنىڭ قەيەردىلىكىنى مەن بىلىمەن، سىزنى مەن باشلاپ باراي.

ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدى.  ئايگۈل ھەدەمنىڭ قايسى كۈنى دېگەن گېپىنى ئويلاپ باقتىم، ئەگەر بالىلىق بولالمىساق ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئۆيىمىز ئۆي بولالماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئادەم ئامالسىز قالغاندا ئاڭلىغانلىكى ئىشنى قىلىپ باققۇسى كېلىدىكەن.  شۇ كۈنى مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن ھېلىقى ئايالنىڭ ئېرى بىزنى ئالغىلى كەلدى. سائەت تۆت بولغان ئىدى، بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى، باشقا بىر كۈنى بارايلى دېدىم. ئايال ئۇنىمىدى.

_ باشقا كۈنى دەيسىزغۇ، كېسەل دېگەننى بىر كۈن بۇرۇن كۆرسەتسىڭىز بىر كۈن بۇرۇن ئۈنۈمىنى كۆرىدىغان گەپ.  بىر كۈن كەينىگە تارتسىڭىز بىر كۈن ئارتۇق قىينىلىسىز.   

ئاخىرى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدىم.  ماشىنا شەھەر سرتىغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى،  سەل بىنورمال ھېس قىلىپ ئايالغا دېدىم.

_ ئاچا،دوختۇر قەيەردە؟ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ئەمەسما؟

ئايال مېنىڭ ئەنسىرەپ قالغىنىمنى ھېس قىلىپ ئاستا قولۇمنى تۇتتى.

_ ئەنسىرىمەڭ، بىز ھەر كۈنى بىللە ماشىنا مەشق قىلىدىغان ئادەملەر.  سىزگە يالغان ئېيتارمەنمۇ؟ ئۇ دوختۇر دوختۇرخانىدا ئىشلىمەيدۇ، لېكىن دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرىدىن ئۇستا.  خاتىرجەم بولۇڭ.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى،  شۇنداقتىمۇ تېلېفونۇمنى قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ ئولتۇردۇم.  ماشىنا شەھەر سىرتىدىكى بىر كەنتكە بېرىپ توختىدى.  ئايال مېنى تارتىپ دېگۈدەك ماشىنىدىن چۈشۈردى، ئېرى ماشىنىدىن چۈشمىدى.  بۇ كەنتتە ئادەم كۆپ ئەمەس ئىكەن، يەنە كېلىپ قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغاچقا ئادەمگە بىر خىل سۈرلۈك تەسىر بېرىدىكەن.

_ ئاچا، بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئەتە كىلەيلىچۇ.

_ ھامان كېلىپ بولدۇق.  بىللە ماشىنا ئۆگىنىدىغان بولغاندىكىن دەپ سىزنى بىللە ئېلىپ كەلدىم، باشقىلار بولغان بولسا كارىم يوق ئىدى.

ئامالسىز ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.  ئازراق ماڭغاندىن ئايال كىچىك بىر ھويلىنى كۆرسەتتى.

_ كەلدۇق، ئەنە، ئاۋۇ يەر شۇ.

بۇ  داڭلىق دوختۇرنىڭ ئۆيىمۇ ياكى يالىڭاياق يېزا دوختۇرىنىڭ ئۆيىمۇ؟ ئۆيدىن سۇس چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.  ئۆي ئىچىگە كىرگەندە قارىسام بىر مۇنچە ئادەم بار ئىكەن.  50 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال تۆردە ئولتۇرۇپتۇ، قالغانلار نۆۋەت بىلەن كېسەل كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ.

_ مەن نىمە دېدىم، كەچ بولۇپ كەتتى دەيسىز تېخى، قاراڭ، ھازىرمۇ شۇنداق جىق ئادەم بار.  سەل تۇرۇپ دوختۇرغا دەپ قويىمەن،  ئالدى بىلەن سىزنى كۆرۈپ قويسۇن ھە.

ئاتالمىش «داڭلىق دوختۇر» ئالدىدىكى ئادەمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئايال بېرىپ پىچىرلاپ مىنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دېۋىدى، دوختۇر ماڭا قاراپ قولىنى شىلتىدى.

_ نىمە بولدىڭىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ.  بۇ «داڭلىق دوختۇر»دىن راستلا گۇمانلىنىپ قالغان ئىدىم، لېكىن ھامان كەپتىمەن،  قايتىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق.  پەس ئاۋازدا:

_ تۇغماس._ دېدىم.  «دوختۇر» گېپىمنى ئاڭلاپلا چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلدى.

_ بۇ ئاسان.

بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم. ئۇ مەندىن نىمە بولدىڭىز دېگەندىن باشقا گەپمۇ سورىمىدى،  جۇڭيى دوختۇرى بولسىمۇ ھېچبولمىغاندا تۇمۇر تۇتىدۇغۇ. «دوختۇر» ئالدىدىكى سېرىق قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ ئوت ياقتى،  ئاندىن قەغەز كۈيۈپ بولاي دېگەندە سۇ قۇيۇلغان پىيالىگە سېلىپ  بارمىقى بىلەن ئېزىۋېتىپ  ماڭا سۇندى.

_ بۇنى ئىچىۋېتىڭ.

_ چوقۇم ئىچەمدىم؟

_ بۇ دورىنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالالمايسىز جۇمۇ. ئارتۇق گەپنى قويۇپ ئىچىڭ دېگەندىكىن ئىچىڭ، ئاندىن پۇلىنى بېرىۋېتىڭ.

ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى جەزملەشتۈردۈم.

_ نەچچە پۇل؟

_  666 يۈەن.

ئالدىمدىكى كۆيدۈرۈلگەن قەغەز سېلىنغان سۇغا قاراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپلا قاچتىم، ئەمما ئىشىك تۈۋىدىكى ئىككى ئەر مېنى تۇتىۋالدى.



داۋامى  بار





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k