大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 93 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 93 - قىسىم aybarawazi
2023-09-11
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 94 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

93-قىسىم  


    كاھىش پارچىسى بەكلا تۇيۇقسىز چۈشكەچكە ھەر ئىككىمىز چۈچۈپ كەتتۇق، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشمەپتۇ. «ئۇف» دەپ تۇرۇشۇمغا تۇيۇقسىز ھەسەن مېنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋەتتى. «گۈلدۈر-غاراس »قىلىپ بىر نېمىنىڭ ئۆرۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئېسىمنى يىغىپ قارىسام تورۇستىن خېلى يوغان بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قاپتۇ. ئېچىلىپ قالغان تۈشۈكتىن كىرگەن سۇس يورۇقلۇقتىن بايا بىز ئولتۇرغان جايغا قاراپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالدى. دەل بايا مەن ئولتۇرغان جايدا پىيالىنىڭ ئاغزىدەك توملۇقتىكى بىر تال تۈۋرۈك تۇرۇپتۇ، ئەگەر بايا ھەسەن مېنى ئىتتىرىۋەتمىگەن بولسا  ئاشۇ تۈۋرۈك مېنى بېسىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. 

_ جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىم مانا، ئەمدى ماڭا قانداق جاۋاب قايتۇرىسىز؟_ تۇيۇقسىز شۇنداق دېدى ھەسەن. 

    بايىقى خەتەرلىك ئەھۋالنى ئويلاپ ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى. بىردەمگىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سەل ئېسىمنى يىغقاندەك بولۇپ:

_ رەھمەت_ دېدىم. 

_ بولدىما؟_ دەپ بېزەڭلەرچە ھىجايدى ئۇ. 

_ بولماي ئەمىسە. يەنە نىمە قىپ بەسەم بولاتتى؟_ شۇنداق دەپ ئالايدىم. 

_ مەن جېنىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغاندىكىن، خۇشلۇقتا پۇتۇمغا ئېسىلىپ، نىمە دېسىڭىز شۇنى قىلاي دەپ يالۋۇرسىڭىز بولاتتى ئەسلى. 

     مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ تېتىقسىز چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى. 

_ ئۆتەپ بېرىڭە ۋاي. 

دەل شۇ چاغدا ئۆمەر ئاكا ۋە باشقا بىر نەچچەيلەن ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ كىردى. ئۇلارنىڭ قولىدا قول چىرىقى بار ئىدى. 

_ ساقمۇ سىلەر؟_ ئۆمەر ئاكا بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا ھاسىراپ كەتكەن ئىدى. 

_ ھە، ھېچنىمە بولمىدۇق_ ئاۋازىم ئارانلا چىقتى. 

_ يىگىت، سىزنىڭ پۇتىڭىز!_  ئۆمەر ئاكا ۋارقىرىۋەتتى ۋە دەرھال بېرىپ تۈۋرۈكنى كۆتۈردى. ھەسەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرغىنى بىلەن تۈۋرۈك ئۇنىڭ پۇتىنى بېسىۋالغان ئىدى. بىر نەچچەيلەن ھە ھۇ  بىلەن تۈۋرۈكنى كۆتۈرۈپ ئالغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ قېپقىزىل قانغا بويىلىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. 

_ يىگىت، پۇتىڭىز خېلى ئېغىر يارىلىنىپتۇ، لېكىن ھازىر تاغدىن چۈشۈشمۇ ئەپسىز، يا دوختۇرخانىغا ئاپارغىلى بولمىسا، قانداق قىلامىز؟_ دېدى ئۆمەر ئاكا ئەنسىزلىك بىلەن. 

_ بايا قارىسام كەينى تەرەپتىكى يوغان بىر تۈپ دەرەخ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ،  شۇ دەرەخ ئۆگزىگە چۈشۈپ تۈۋرۈك ئۆرۈلگەن گەپ. تازىمۇ تەلىيىڭىز يوقكەن، يىگىت، ئۇدۇل كېلىپ سىزنىڭ پۇتىڭىزغا چۈشكىنىنى كۆرمەمدىغان_ دېدى ياشقا چوڭراق يەنە بىرەيلەن. 

   ئەمەلىيەتتە تەلىيى يوق ئادەم ئۇ ئەمەس مەن، ئەگەر ھەسەن مېنى ئىتتىرىۋەتمىگەن بولسا پۇتى يارىلىنىدىغىنى مەن بولاتتىم.  ھەسەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلدى. 

_  ياقەي، چوڭ ئىش يوق. 

     لېكىن ئۇنىڭ يوتىىسى پۈتۈنلەي قانغا بويىلىپ كەتكەن ئىدى،  نەدە چوڭ ئىش يوق بولسۇن؟ 

_ ئۆمەر ئاكا، قان توختىتىش دورىسى بارمۇ؟ _ سورىدىم مەن. 

_ قان توختىتىش تالقىنى بارغۇ دەيمەن، توختاڭ ھە،مەن قاراپ باقاي.

_ قارا بېقىڭە، ئاۋۋال قاننى توختىتايلى، قان چىقىۋەرسە بولمايدۇ.  

    ئۇلار ھەسەننى ياندىكى ئۆيدىكى كارىۋاتقا كۆتۈرۈپ ئەچىقماقچى بولدى، بىرى ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈردى، ئىككىيلەن ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتتى، يەنە ئىككىيلەن ئىككى پۇتىنى كۆتۈردى، ئۇلار كۆتۈرۈپ مېڭىۋىدى، ھەسەن كۈلۈپ كەتتى. 

_ بىر پۇتۇم يارىلانغان بىلەن بىر پۇتۇم ساق تۇرسا، تامنى تۇتۇپ ئۆزۈم ماڭالايتتىم، بىكار ئاۋارە بولۇپ كۆتۈرۈپ يۈردۈڭلار. 

_ سۆڭەككە زەخمە يەتتىمۇ يوق بىلمەيمىز تېخى، قاراملىق قىلىشقا بولمايدۇ، سىز تېخى ياش تۇرسىڭىز، يىگىت_ دېدى بايىقى ياشقا چوڭراق ئاكىمىز. 

ئۆمەر ئاكا قان توختىتىش تالقىنىنى تېپىپ كىرىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر داسقا قول كۆيگۈدەك قىلىپ قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچىگە بىر پاكىز لۆڭگىنى سېلىپ ئەكىرىپتۇ.  مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ھەسەننىڭ يارىسىنى تازىلاشقا تەييارلاندىم . ئۇ مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ يارىلانمىغان ھالەتتىمۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كارىم يوق قاراپ تۇرسام بولمايتتى. ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقى بەكلا چىڭ ئىكەن. 

_ئۆمەر ئاكا، قايچا بارمۇ؟ 

_ ھە، بار، بار_ ئۆمەر ئاكا يۈگۈرگەندەك چىقىپ قايچا تېپىپ كىردى.  ئىشتاننى تىكىشى بويىچە كەستىم. ئىككى ئەر كىشى كارىۋاتنىڭ يېنىدا قول چىراقنى يېقىپ تۇراتتى. نەملىشىپ كەتكەن پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن ھەسەننىڭ قانغا بويىلىپ كەتكەن يوتىسى كۆرۈندى.  لېكىن ئۇنىڭ زادى قەيىرى يارىلانغىنىنى بىلەلمىدىم. ھېلىمۇ ياخشى مەن بۇرۇن سىستېرا بولغان ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللاردا بەك تەمتىرەپ كەتمەيمەن.  مەن لۆڭگىنى سىقىپ ئېلىپ ئۇنىڭ يوتىسىدىكى قان داغلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدىم.

_ قەيىرىڭىز يارىلانغىنىنى قاراپ بىلگىلى بولمايۋاتىدۇ، سۈرتۈش جەريانىدا يارا ئېغىزىغا تىگىپ كېتىپ قالسام بەك ئاغرىپ كېتىشى مۇمكىن، چىداپ تۇرۇڭ ھە. 

   ھەسەن ئىكى قولىنى بېشىنى كەينىگە قويۇپ ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك بىر خىل قىياپەتتە ياتتى. 

_ ئەر كىشى مەن. مىت قىلىپ ئاۋازىمنى چىقىرىپ قويمايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ.  

    ئۇنىڭ يوتىسىدىكى قان داغلىرىنى بىرەر قۇر سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن يارا      ئېغىزى كۆرۈندى، قارىماققا يارا خېلى چوڭقۇر ئىدى، سۆڭەككە زەخمە يەتكەن يەتمىگىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. قان توختىتىش تالقىنىنى سېپىپ، ئۆمەر ئاكا ئەكىرگەن پاكىزە داكا بىلەن يارىنى تېڭىپ قويدۇم،  ھەسەن باشتىن ئاىرغىچە غىڭ قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى. تېڭىپ بولغاندىن كېيىن ئۆمەر ئاكا بىر ئىستاكانغا شىكەر سۈيى قىلىپ كىرىپ ھەسەنگە ئىچكۈزدى. ئەمدى ھەممەيلەن مۇشۇ كىچىككىنە ئۆيگە تىقىلىپ تاڭ ئاتقۇزماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. 

تاڭ سەل پەل يورۇغاندا ئاندىن قار توختىدى. تۆنۈگۈنكى ئىشچىلار سايمان ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ تاغقا چىقىپ كەتتى، بىردەمدىن كېيىنلا توك كەلدى. ئۆمەر ئاكا ئاشخانا ئۆيىگە چىقىپ شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ كىردى. بىز شوۋىگۈرۈچنى ئىچىپ بولغىچە تاڭ ئېتىپ بولدى. ھەسەن كارىۋاتتا يېتىپ ماڭا قاراپ كۈلدى. 

_ نىمىگە كۈلىسىز؟_ دېدىم مەن. 

_ سىزنى ماڭا قانداق رەھمەت ئېيتىدىكىن  دەپ ئويلاپ كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ_ دېدى ئۇ. 

_ مەن يا سىزنى مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ دېمىسەم. قۇتقۇزمىغان بولسىڭىز ئورنىڭىزدا ياتقان ئادەم مەن بولاتتىم شۇ_ دېدىم مەن ئۇششۇقلۇق بىلەن. 

ئۇ مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ كۈلدى. 

_ سىزنى قۇتقۇزىمەن دەپ شۇنچە كۆپ قېنىم ئېقىپ كەتتى،  سۆڭىكىم زەخمىلەندىمۇ يوق، بۇندىن كېيىن يول ماڭالامدىم يا بىر ئۆمۈر ئورنۇمدىن تۇرالماي قالامدىم تېخى، ئۇنى بىلمەيمەن. ئۇيالماي  تېخى مەن سىزنى مېنى قۇتقۇزۇڭ دېمىگەن دەۋاتقىنىنى.

      دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلدى،  مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئاچتىم  يۇ ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ئىشىك ئالدىدا تۇرغىنى ئۈمىد ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى ئىنتايىن سۈرلۈك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ، بوينىنى سوزۇپ ئىچىدىكى كارىۋاتتا ياتقان ھەسەنگە قارىدى ۋە ئۆي ئىچىگە كىردى.  ھەسەنمۇ ئۇنىڭغا قارىدى ئەمما خۇددى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۈمىد كىرىپ تۇرۇشىغا كەينىدىن بىر توپ ئادەملەر كىردى، ھەممىسى ھەسەن بىلەن بىللە يۈرىدىغان ئادەملىرى ئىدى. ئۇلار ھەسەننىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ تۇشمۇ تۇشتىن ئەتراپىغا ئۇلاشتى. 

_ ھەسە ئاكا، نىمە بولدىڭىز؟

_ ھەسەن ئاكا، پۇتىڭىز يارىلاندىما؟  قانداقراق تۇرىسىز؟

   ئەڭ كەينىدە كىرگىنى شېرزات ئىدى، ئۇ كىرىپلا مېنى كۆرۈپ، شۇنچىلىك تېز كېلىۋاتقان ئادەم جايىدا توختاپ قالدى. مەن ئىككى چامداپلا ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم ۋە يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردۇم. 

_ سىز....

   شېرزات مېنى بۇنداق قىلالمايدۇ دەپ ئويلىغان چېغى، كاچىتىغا بىرنى سالغىنىمدىن كۆزلىرى چاچراپ چىقپ كېتەي دېدى. ئۇ دەرھال ياندۇرۇپ مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرمەكچى بولۇشىغا ئۈمىد دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. 

_ ھۇ نائەھلى، ئىپلاس.  دادا بوپ قالغان ئادەمغۇ سەنمۇ، تۈرمىدە يېتىپمۇ بۇرنۇڭغا سۇ كىرمەپتۇ،  ياتقىنىڭ ئاز بوپ قالغان ئوخشايدۇ، تۈرمىدىن چىقىپمۇ يەنە مۇشۇنداق قىلىدىغىنىڭنى بىلگەن بولساق سېنىڭدەك نېمىنى ئەچىقىمىز دەپ كۈچەپ نىمە قىلاتتۇق؟ 

شېرزاتنىڭ مۇشتى تۈگۈلۈپ كەتتى، لېكىن ھېچنىمە قىلالمىدى ھەم دىيەلمىدى.

     ئۆمەر ئاكا بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ دەسلەپتە سەل چۈچۈگەندەك بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تۇنۇشلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن كۆڭلى جايىغا چۈشتى بولغاي. 

_ تاغقا چىقالىغان ئىكەنسىلەر، دېمەك چۈشكىلىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ. بۇ يىگىتنىڭ پۇتىغا تۈۋرۈك چۈشۈپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى بۇ قىزىمنىڭ سىستېرالىقتىن خەۋىرى بار ئىكەن،  يىگىتنىڭ پۇتىنى تېڭىپ قويدى، لېكىن سۆڭەككە زەخمە يەتكەن يەتمىگىنىنى بىلمەيمىز، تېزرەك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار. كېسەلنى كەينىگە سۆرىگەن بىلەن بولمايدۇ.

   ھەسەننىڭ ئادەملىرى ئۇنى يۈدۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئۈمىد ئاستا كېلىپ مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى. 

_ يۈرۈڭ، ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى. 

   بۇ ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ماڭا دېگەن تۇنجى ئېغىز سۆزى بولدى.  مېنىڭچە ئۇنىڭ مەندىن سورايدىغان نۇرغۇن سۇئاللىرى بارغۇ دەيمەن، ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟  كېچىچە قار، مۆلدۈر يېغىپ يوللار ئىنتايىن تېيلىغاق بولۇپ كەتكەن ئىدى، سىرتقا چىقىپ تېيىلىپ، مۈدۈرۈلۈپ ھېچ ماڭالماي قالدىم. ھېلىمۇ ياخشى ئۈمىد قولۇمنى تۇتىۋالغاچقا تېيىلىپ كەتسەممۇ يىقىلىپ كەتمەي مېڭىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىزلا ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ ئالدىغا ئىگىلىپ تۇردى. 

_ چىقىڭە، سىزنى ھاپاش قىلىۋالاي. 

_  ياق، بولدى، ئۆزۈم ماڭاي. 

_ چىقىڭ دېگەندىكىن چىقىڭە. 

ئاخىرى ئامالسىز چىقتىم.  شېرزات بىزگە قاراپمۇ قويماي ئالدىمىزدا ھەسەنلەر بىلەن بىللە كەتتى. ئۇلار ھەسەننى نۆۋەتلىشىپ يۈدۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۈمىد مېنى يۈدۈپ ماڭغاچقا ھەممىمىزنىڭ سۈرئىتىمىز دېگەندەك تېز ئەمەس.  

_ ھەسەن بىلەن ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق_ پۇسۇڭڭىدە شۇ گەپنى قىلدىم، چۈنكى ھېچقانداق گەپ قىلماي جىمجىت مېڭىشنىمۇ توغرا كۆرمىگەن ئىدىم، ئەمما بۇ چۈشەندۈرۈشۈم دۇنيادىكى ئەڭ مەتو چۈشەندۈرۈش بولغىنىنى ئۆزۈم بىلىمەن. 

_ ھە_ دېدى ئۈمىد. ئۇ گېپىمگە ئىشىنىپ «ھە» دېدىمۇ، ياكى مۇنداقلا «ھە» دەپ قويدىمۇ بىلمىدىم. 

   ئاندىن خېلى يەرگىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي جىمجىت ماڭدۇق. تۇيۇقسىز ئۈمىد بىر گەپنى قىلدى. 

_ نازىيە، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن سىز ئويلىغاندەك ياخشى ئادەم بولماي قالسام مەندىن ئايرىلىپ كېتەرسىزمۇ؟  

     ئۇ بۇ گەپنى شۇنچىلىك سالماق ھالەتتە دەۋاتاتتى، ئەمما مەن  بەك غەلىتىلىك ھېس قىلدىم، خۇددى ئۇ ماڭا بىرەر ئىشتىن شەپە بېرىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. 

_ قانداق دەيسىز؟ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق،  بىر ئادەمنىڭ مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان ئادەم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. _ دېدىم مەن. 

   ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى. ئۇ مېنى يۈدۈپ تاغدىن چۈشۈپ يەرگە قويغاندا ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنىڭ تىزغىچە ھۆل بولۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم. تاغ باغرىغا بىر مۇنچە ماشىنىلار توختىتىپ قويۇلغان، ئۈمىدنىڭ باۋما ماشىنىدىن باشقا ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى ھەسەننىڭ ئادەملىرىنىڭ ماشىنىلىرى ئىدى. ئۇلار ھەسەننى ماشىنىغا چىقىرىۋاتقاندا ئۇ ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ماشىنىغا چىقىۋالدىم. ئۇلار ھەسەننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى، ئۈمىد ئىككىمىز ئۆيىمىزگە قايتتۇق. 

   ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئۈمىد ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك مەندىن بىرەر ئېغىز گەپمۇ سورىمىدى، ئەمما ئۇ سورىمىغانسېرى مەن ئۆزۈمچە خۇدۇكسىرەپ كېتىۋاتاتتىم. 

_ تېلېفونۇمنى شېرزات ئېلىۋالغان، شۇڭا سىزگە تېلېفون قىلالمىدىم. 

_ بىلىمەن. 

_  ئۇلارنىڭ مېنى ھەسەننىڭ يېنىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.  راست دەۋاتىمەن، ماڭا ئىشىنىڭ. 

_  ئىشىنىمەن. 

ئۇ ئاستا كېلىپ پۇتۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتتى.

_  تۆنۈگۈن سىزگە شۇنچە تېلېفون قىلساممۇ ئېلىنمىدى، ئاندىن سىزدىن ئەنسىرەپ سىزنىڭ بېرىش ئېھتىماللىقىڭىز بار جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقتىم، يەنە تاپالماي ئاخىرى ساقچىغا مەلۇم قىلاي دەپ تۇرسام شېرزات كېلىپ ماڭا سىزنى قەيەردە تاشلاپ قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. سىزنى كېچىچە ئىزدىسەممۇ مەيلى، ئىشقىلىپ ئاخىرى سىزنى تاپتىم. لېكىن مەن قورقتۇم، نازىيە، سىزنى ئىزدەپ تاپالمىغانچە قىلمىغان خىيالىم قالمىدى.  كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق يوقاپ كېتىپ تاپالماي قالسام قانداق قىلارمەن دەپ بەك قورقتۇم. 

   ئۇ شۇنداق دەپ تىزىمنى قۇچاقلىدى. مېنىڭ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى. ئۇنىڭ بېشىنى سىلىدىم. 

_ مەن ئۇنداق تۇيۇقسىز يوقاپ كەتمەيمەن. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېنىڭىزدا، كۆڭلىڭىزدە ماڭا ئورۇن قالمىغاندا ئاندىن يوقاپ كېتىشىم مۇمكىن.  

شۇ كۈنى ئىككىمىز بىر كۈن كەچكىچە ئۆيدىن چىقماي، بىللە تېلېۋىزور كۆرۈپ، تاماق ئېتىپ يەپ ئۆتكۈزدۇق. كەچتە ئۇ يۇيۇنغىلى مۇنچىغا كىرىپ كەتكەندە ماڭا بىر ناتۇنۇش نومۇردىن تېلېفون كەلدى. 

_ ۋەي، كىم بولىسىز؟_ دېدىم مەن تېلېفوننى ئېلىپ. 

_ بۇ مەن. 

   تېلېفوندىن چىققان تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ خۇدۇكسىرەپ مۇنچىخانىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ قويدۇم. 

_ نىمە ئىشىڭىز بار؟_ پىچىرلاپ تۇرۇپ گەپ قىلدىم.  ھەسەن ئاۋازىمدىن جىددىيلىشىۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك. 

_ ئۈمىد ئۆيدە ئىكەندە؟_ دېدى. 

_ باشقا ئىشىڭىز بولمىسا قويۇۋەتتىم. 

_ توختاڭ. 

   ئۈمىدنىڭ تۇيۇقسىز مۇنچىدىن چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم. 

_ مەن سىزنى دەپ يارىلانغان تۇرسام، ھېچبولمىغاندا دوختۇرخانىغا مېنى يوقلاپ بولسىمۇ كېلەرسىز.  ئەتە دوختۇرخانىغا كېلىڭ، سىزگە كۆرسىتىدىغان بىر نەرسە بار.  بارمايمەن دېمەڭ ھە، پۇشايمان قىلىپ قالىسىز. 

    ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۇنىڭدىن ماڭا كۆرسىتىدىغان نەرسىنىڭ  نىمە ئىكەنلىكىنى سوراشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. مۇنچىخانىدىكى سۇنىڭ چۈشۈشى توختىغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال تېلېفوننى يىغىشتۇردۇم. 

   ئەتىسى ئۈمىد ئىشقا كەتكەندىن كېيىن، مەنمۇ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۆيدىن چىقتىم.  قار بەك قېلىن ياغقاچقا يولدا ئادەملەر شالاڭ ئىدى. مەن بىر مېۋە چېۋە دۇكىنىغا كىرىپ ئازراق مېۋە چېۋە ئالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم. كاللامدا بولسا بىرلا سۇئال: ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىسىسى زادى نېمىدۇ؟






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k