大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 56- قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 56- قىسىم aybarawazi
2023-08-05
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 57 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55









ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات
56 - قىسىم


    ئۆتكەن نەچچە ئايدىكى ئۈمىدنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەندە، بۇ خىيال كاللامغا كېلىپ قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتىم.

_ نازىيە، نازىيە.

ئۈمىد مېنى چاقىردى، كۆزۈمنى ئاچسام ئۇ مەن ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇراتتى.

_ قارا بېسىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ بەك يىغلاپ كەتتىڭىزغۇ؟_ ئۇ يۈزۈمنى سىلىغاچ سورىدى.

چۈشۈمكەندە؟

      ھازىرغىچە ئۆكسۈشۈم توختىمىغان ئىدى.  ئەسلى چۈشۈمكەن ئەمەسمۇ، ئەمما بۇ چۈش راستتەكلا،  ئۇلارنىڭ ھەر بىر چىراي ئىپادىسى، ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىۋاتقاندەكلا، ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر ئېغىز گەپلىرى خۇددى ئالدىمدا دەۋاتقاندەكلا.

_ يېنىڭىزدا مەن تۇرسام نىمىشقا قارا بېسىپ يۈرگەندۇ؟ مېنىڭ يېنىمدا ئەڭ خاتىرجەم بولۇشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ.  مەن سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن ئوخشايمەن ھە.

_ مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟_ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدىم.

ئۇ ماڭا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا:

_ بۇنداق ئەخمىقانە سۇئالنى سورىماڭە، بولامدۇ؟_ دېدى.  دېمەك ئۇ يەنە مېنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى.

دوختۇر ئۈمىدنى دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن ياتسۇن دېدى،  تۆنۈگۈن دوختۇرخانىغا كىرگەندىن بۇيان شوۋىگۈرۈچلا ئىچكەچكە بۈگۈن يەنە ناشتىلىققا شوۋىگۈرۈچ بەرگۈم كەلمەي، ئازراق شورپا قاينىتىپ كىلەي دەپ ئۆيگە باردىم.   شورپىنى قاينىتىۋېتىپ قازاندىن تېشىپ كەتمىسۇن دەپ قاراپ تۇرۇپ، كېچىدە ئۈمىدكە كەلگەن ئۇچۇر كاللامغا كىرىۋېلىپ ، دېققىتىم چېچىلىپ كېتىپ قولۇمنى قازانغا تەگكۈزىۋالدىم،  قولۇمنى دەرھال تارتىۋېلىپ سوغۇق سۇ چۈشۈرۈپ تۇتقان بولساممۇ بىردەمدىلا قاپىرىپ چىقتى.

شورپا تەييار بولغاندا ئالايىتەن ئىككى تاماق قاچىسىغا ئۇستۇم.  تاكسى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئالدى بىلەن بىر قاچىنى ئەزىمەتنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا ئەكىردىم.  مەن كىرگەندە ئەزىمەتنىڭ ئاپىسى ئۇخلاۋاتقان، دادىسى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىكەن، مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

_ شورپا قايناتقانتىم، ئاچام ئويغانغاندا بۇنى ئىچكۈزۈپ قويۇڭ.

ئەزىمەتنىڭ دادىسى قولۇمدىن قاچىنى ئالدى، بۇ كىشى ئادەتتىمۇ بەك كەمسۆز، ماڭا نىمە دىيىشىنى بىلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى ۋە ئاخىرىدا «رەھمەت» دېدى.

ئۈمىد ياتقان ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلسەم، ئىشىك قىيا ئوچۇق  تۇرۇپتۇ،ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ ئۈمىدنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان دادىسىنى كۆردۈم.  مەن تېخى تۆنۈگۈن بالىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسا دادا بولغان ئادەم يوقلاپ كىلىپمۇ قويمامدىكىنە دەپ ئويلىغان ئىدىم.  دادىسىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۈمىد خۇش بولغاندۇ؟ ئۇلار دادا بالا ئىككىيلەنىڭ بىر يەرگە كەلمىكى ئاسان ئەمەس،  بۇنداق ۋاقىتتا مەن كىرسەم قاملاشمىغۇدەك دەپ ئويلاپ  دوختۇرخانا ھويلىسىغا چىقىپ ئايلىنىپ تۇراي دەپ مېڭىشىمغا ئىچىدىكى بىر ئايالنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

_ ئۈمىد،  سىزنى ئۆيگە ئەكىتەيلى، بۇ يەردە يالغۇز قىينىلىپ قالىسىز.  قارىڭە، ياپياش تۇرۇپ ئاشقازان ئاغرىقى تېپىۋاپسىز، ئۆيدە ئىسسىق تاماق يىيەلمەيدىغان ئوخشايسىز.   ياخشىراق كۈتۈنمىسىڭىز بولمايدۇ.

بۇ ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئاۋازى ئىدى.

_ بولدى،  ماڭا قارايدىغانغا ئايالىم بار._ دېدى ئۈمىد سوغۇقلا.

ئابلەت ئەپەندىم دىمىقىنى قاقتى.

_ ھىم، ئايالىم بار دەپ قوي،  ئايالىڭ قاراپ مۇشۇنداق قىپ قويغاندۇ سېنى.  ئوبدان قاراپ دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ مانا.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.  ئۆرۈلۈپلا    ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، ئاچچىقىم بىلەن كىردىم يۇ، لېكىن ئۈمىدنى ئويلاپ يەنە ئاچچىقىمنى تەستە بېسىۋالدىم.  مېنىڭ تۇيۇقسىز كىرىپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، ئۇ ئىككىيلەن دەسلەپتە ھەيران قالغاندەك بولدى، كەينىدىنلا قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى.

مەن ئۇدۇل كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ تاماق قاچىسىنى تومپۇچكا ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ ئۆرۈلۈپ قەددىمنى رۇسلاپ، ئۇلارغا قوپالمۇ ئەمەس، ئەمما بەك سىلىقمۇ ئەمەس ئاھاڭدا گەپ قىلدىم.

_  ئۈمىدنىڭ ئاشقازان ئاغرىقى بارلىقىنى مەنمۇ مۇشۇ قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا بىلدىم، ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن شورپا قاينىتىپ، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار.

ئابلەت ئەپەندىم ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي يەنىلا قاپىقىنى تۈرۈپلا ئولتۇردى.  مەن گېلىمنى قىرىپ قويۇپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم.

_  ئۇنىڭ ئاشقازىنى نىمىشقا ئاغرىپ قالدىكىن تاڭ، كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق ياخشى تاماقلار بىلەن بېقىپتىكەنسىلەر بولمىسا، قانداق بولۇپ  بۇنداق بوپ قالغاندۇ دەپ مەنمۇ ھەيران قالدىم.

گېپىمنى دەپ بولۇپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىمايلا بېرىپ ئەكەلگەن شورپىنى قاچىغا ئۇسۇپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۈمىدكە ئىچكۈزۈشكە باشلىدىم.  دېگەن گېپىم بىرلا ئاڭلىماققا تۈز گەپ بولغان بىلەن لېكىن تىگى تەكتىدىن ئويلىسا خېلى مەنىسى بار ئىدى.  ئۇلارنىڭ بۇنى چۈشەنمىگىنىگە ئىشەنمەيمەن.  لېكىن گېپىمدىن قۇسۇر تاپىمەن دېسە تاپالمايتتى.  شۇڭا گېپىمگە قارىتا ھېچقانداق گەپ قايتۇرمىدى، ياتاقنىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى.  شورپا تېخىچە قىزىق ئىدى، مەن بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئېلىپ پۈۋلەپ تۇرۇپ ئىچكۈزدۈم.  ئۈمىد خۇددى مېنى بۈگۈن قايتىدىن تۇنۇۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپ قاراپلا قالغان ئىدى.

ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم كەتتى.

_ مەن كىرىپ پاراڭلىشالماي قالدىڭلارمۇ نىمە؟ ئەسلى بىردەم كىرمەي سىرتتا تۇرۇپ تۇرساممۇ بوپتىكەن_ دېدىم مەن.  ئۈمىد سۇئالىمغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمىدى.

_ بىلەمسىز، نازىيە،  سىز سىرتقى كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ تۈگۈلۈپ قالماي مەردانە تۇرالىغان چېغىڭىزدا سىزنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.

_ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى دەپ  مېنى تۇنۇماي باشقا  ئادەمنىڭ يېنىغا كېتىپ قالماڭ يەنە_ دەپ كۈلدۈم مەن.

_ مۇمكىنمۇ، مەلىكەم_ شۇنداق دەپ قولۇمنى تۇتۇپ بېغىشىمدىكى كۈيۈك يارىسىنى كۆرۈپ قالدى.

_ قولىڭىزغا نىمە بولدى؟_ جىددىيلەشكەن ھالدا سورىدى ئۇ.

_ شورپا قاينىتىۋېتىپ قولۇم قىزىق قازانغا تىگىپ كەتتى.

_ بولدى، بۇندىن كېيىن تاماقنى سىز ئەتمەڭ، ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلايلى،  يا بولمىسا سىرتتىن يىسەكمۇ بولىدۇ.

_ ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس.  تاماق ئەتكەندە قولنى كېسىۋالىدىغان، كۆيدۈرىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. قولۇم كۆيمىسۇن دەپ تاماق ئەتمىسەم، بۇ يىقىلىپ كېتىشتىن قورقۇپ يول ماڭماي يېتىۋالغاندەك ئىش بولمامدۇ؟  ياكى ئازار يېيىشتىن قورقۇپ مۇھەببەتنى رەت قىلغاندەك ئىش بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

راستىمنى ئېيتسام ئەزىمەت بىلەن ئۆيىمىز ئۆي بولمىغاندىن كېيىن خۇددى« بىر قېتىم يىلان چاققان ئادەم ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ» دېگەندەك باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.  لېكىن ئۈمىد بۇ كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتى، مەن ھەتتا ئۇ ئوت بولسا پەرۋانە بولۇپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىشقىمۇ رازى ئىدىم.

ئۈمىد دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن تۇرمۇشىمىز ئەسلى ھالىتىگە قايتتى.  مەن شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارغاندا ھېلىقى مېنى ئالدىغان ئايال كۆرۈنمىدى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئىسىملىك ئايالدىن بىرى  كۆپىيىپ قاپتۇ.  شۇ چاغدا ئاندىن ئۇ ئايالنىڭ بۇ ھەدىمىزنىڭ تىگى تەكتىنىپ ئېنىقلاپ، ئىسىم فامىلىسى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم.  مەن تاس قاپتىمەن ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكىلى.

ئۈمىد دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ يىمەك ئىچمىكىگە ئالاھىدە دېققەت قىلدىم.  تامىقىدا سۇيۇق سەلەڭ، سىڭىشلىك تاماقلارنى ئاساس قىلدىم.

 بىر كۈنى چۈچۈرە ئەتتىم، چۈچۈرىنى تۈگۈپ، شورپىسىنى تەييار قىلىپ قويۇپ ئۈمىدنى ساقلىغاچ چىقىپ مېھمانخانا ئۆينى يىغىشتۇرغاچ تۇيۇقسىز   بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ، «تىكەنقۇش» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشا لېنتىسىنى تېپىپ قويدۇم.  نازىيەنىڭ ناخشىسىغا كەلگەندە توختىتىپ قويدۇم.  ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى ھويلىغا كىرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يەنە قويۇش كۇنۇپكىسىنى باستىم.  مېھمانخانا ئۆيدە نازىيەنىڭ ناخشىسى ياڭرىدى.  ئۈستەلنى سۈرتىۋېتىپ ئاياق تىۋىشىنىڭ يېقىنلىغانلىقىغا دېققەت قىلىپ تۇردۇم.  ئۇ كىرگەندىمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارمىدىم.

_ مەن كەلدىم.

 ئۇ شۇنداق دەپ ئايىقىنى ئالماشتۇرۇپ كېلىپ كرىسلودا ئولتۇردى.  نازىيەنىڭ ناخشىسى ئۇنى بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىگە باشلارمۇ؟  ئەمما ئۇ ناخشىنى ئاڭلىمىغاندەك ئولتۇرۇپلا تېلېفونىنى چىقىرىپ ئويناپ ئولتۇردى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم پۇشۇپ ئاخىرى ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم.

_ نەچچە كۈندىن بۇيان ئاشقازىنىڭىز ئاغرىدىمۇ؟

ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي ئولتۇرغىنىدىن ئىچىم پۇشۇپ ئاخىرى ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم.

_ مېنىڭ ئاشقازىنىمنى تەجرىبە ئېتىزى قىلىۋالاي دېدىڭىز ھە؟ بىر كۈنى بىر خىل تاماق ئېتىپ باقىسىز، ئەتىسى باشقا بىر خىل تاماق ئېتىپ باقىسىز.

مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى.  ئۇ ناخشىنى ئاڭلاپ كىەيپىياتى ئۆزگەرسىمۇ قەستەن چاندۇرماي ئولتۇرىۋاتامدۇ  ياكى نازىيەنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا راستلا تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ، بىلمەيلا قالدىم.

_ تەجرىبە ئېتىزى قىلىدىغانغىمۇ  مۇنبەت تۇپراقنى تاللايمىز، سىزنىڭكىدەك كېسەل تەگكەن تۇپراقتا تەجرىبە قىلغان بىلەن تەجرىبە مەغلۇپ بولىدۇ.

ئۈمىد بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ كۈلۈپ ماڭا قارىدى.

_ مەلىكەم، بارغانچە پەيلاسوپلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىسىز جۇمۇ.

_ نەدىكىنى_ دەپلا كۈلۈپ تۇرىۋالدىم.

_ نىمە تاماق ئەتتىڭىز، مەلىكەم، قۇرسىقىم ئېچىپ كوركىراپ كەتتى.

_ ھە، چۈچۈرە ئەتكەن، شورپىسى تەييار، سېلىپلا ئېلىپ چىقاي ھە.

لېنتىدا نازىيەنىڭ ناخشىسى ئاخىرلىشىپ بىر ئەر كىشىنىڭ ناخشىسى باشلاندى.  ناخشا ئېيتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۈمىد ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ بۇرۇن تىكەنقۇش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ناخشىنى قايتا ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ھەقىقەتەن ئالاھىدە يېقىملىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.  لېكىن ئۇ ھازىرغىچە ماڭا بىرەر قېتىم ناخشا ئېيتىپ بېرىپ باقمىدى.  ناخشا يېرىملاشقاندا توختاپ قالدى.  مەن شۇ چاغدىلا ئاندىن قازاننىڭ قايناپ سۈيى تۈگەي دەپ قالغىنىنى بايقىدىم. ئۈمىد ئاشخانىنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ تۇرۇپتۇ.

_  ناخشىنى نىمىشقا ئېتىۋەتتىڭىز؟

_ ياقتۇرمىدىم.

«ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ياقتۇرمامدىكىنە» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.  چۈچۈرىنى سېلىپ، ئۈستىگە پىننە سېلىپ، گۈپۈلدەپ پىننە ھىدى كېلىپ تۇرغان ئىككى چىنە چۈچۈرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۈستەلگە قويدۇم.

_ بايىقى ناخشىنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن، راستىمنى دېسەم ھازىرغىچە ناخشىنى بۇنچىلىك يېقىملىق ئېيتىدىغان بىرەرىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.  ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزى بىر ھېكايە.

_ ئەسلىدە مېنىڭ ئاۋازىمنى بۇرۇندىن تارتىپلا ياقتۇرىدىكەنسىز دە؟

_ تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىن ئەينى ۋاقىتتا بەك دەۋر سۈرگەنتىڭلار، توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرىۋەرگەن بولساڭلار  بەلكىم تېخىمۇ داڭ قازىنار بولغىيتتىڭلار.

ئۇ بۇ گېپىمگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي ھورى چىقىپ تۇرغان چۈچۈرىنى ئىشتىھا بىلەن ئىچىشكە باشلىدى.  تاماقنى يەپ بولاي دېگەندە ئۆتكۈر كەلدى.  ئۇنىڭغا  ئېلىپ قويغان چۈچۈرىنى ئېلىپ چىقتىم. بىز پاراڭلاشقاچ تاماق يەپ ئولتۇردۇق، مەن ھە دېسىلا تېمىنى تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىگە يۆتكەيتتىم.

_ مەن «ھايات» دېگەن ناخشىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئەينى ۋاقىتتا قانداق ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ناخشىنى يېزىپ چىققانتىڭىز؟ _ سورىدىم ئۆتكۈردىن. ئۆتكۈر جاۋاب بېرىپ بولۇچە ئۈمىد گەپنى تارتىۋالدى.

_ مەن بىلىمەن.  ئۇ بۇ ناخشىنى  ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر قىزغا ئاتاپ يازغان.

ئۆتكۈر بۇ گەپكە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.  بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن سورىدىم.

_ قايسى قىز ئۇ؟

ئۆتكۈرنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، «سورىمايدىغان سۇئالنى سوراپ قويدۇممۇ نىمە» دەپ ئويلاپ تېمىنى باشقا ياققا يۆتكەي دەپ تۇرسام ئۆتكۈر گەپ قىلدى.

_ ئۇ توي قىلىپ بولدى.

ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى.  ئۆتكۈر تامىقىنىمۇ يىمەي ئۈستەلگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇردى، قارىغاندا ئۇ ئۇ قىزنى بەكلا ياخشى كۆرسە كېرەك.  شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنىلا مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.  كىشىلەر تۇنجى مۇھەببەتنى ئۇنتۇش تەس دىيىشىدىكەن، تۇنجى مۇھەببىتىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلايدىكەن.  لېكىن مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم بولۇپ باقمىغانمىكىن دەيمەن، مەن تېخى مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا ئەزىمەت بىلەن توي قىلغان.  ئەگەر چوقۇم شۇنداق بىرىنى دەپ بېرىسەن دېسە، ئەسلىمەمدە ھەقىقەتەن شۇنداق بىر  ئادەم بار، ئۇ خۇددى ئاكامغا ئوخشاش ماڭا كۆيۈنەتتى، مېنى ئاسرايتتى.  مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە مەن ياخشىلىقىنى كۆرگەن ئادەملەر ساناقلىقلا بولغاچقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئېسىمدە.  تولىمۇ ئەپسۇس، ماڭا كۆيۈنىدىغان، مېنى ئاسرايدىغان ئۇ كېيىن كۆچۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.  شۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشۈپ باقمىدۇق.

تاماق يەپ بولۇپ ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆردۇق.   بىز كۆرىۋاتقان  قانالدىكى پروگرامما ئاخىرلىشىپ قانال يۆتكىۋىدىم،  بېرىلىۋاتقان ئېلان دېققىتىمىزنى تارتتى. «ياشلىق چوقانلىرى»  چوڭ تىپتىكى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى مۇسابىقىسىگە تىزىملاش باشلىنىپتۇ.

_ تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنى قايتىدىن قوزغاتقىلى بولماسمۇ، گەرچە بىر ئادەم كەملەپ قالغان بولسىمۇ.

ئۆتكۈر ئۈمىدكە قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.  بۇ ئىش ئۈمىدنىڭ قاچان گىتارنى قايتا قولىغا ئېلىشىغا باغلىقتەك قىلاتتى.  ئۇ گىتارنى قولىغا ئالمايدىكەن، دېمەك نازىيەنىڭ ئىشى تېخىچە ئۇنى قىيناۋاتىدۇ دېگەن گەپ.

مەن ناھايىتى تېزلا ئېلاننىڭ يارقىن نۇقتىسىنى بايقاپ قالدىم.

_ پروگراممىنىڭ ئېلان قوللىغۇچىسى بىپايان خەلقئارا چەكلىك شىركىتى؟ _ ئىكراندىكى خەتنى ئوقۇغاچ ئۈمىدكە قارىدىم.  كرىسلودا قىيسىيىپ ياتقان ئۈمىد ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.

_ ھەر بىر ئارزۇسى بار كىشىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا  قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىچۇ؟

ئۆتكۈر ئۇخلايمەن دەپ چىقىپ كەتتى،  مېھمانخانا ئۆيدە ئۈمىد ئىككىمىزلا قالدۇق.  مەن بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئاچتىم.

_ بۇنداق فىلىملەرنىڭ تايىنى يوق. كۆرمەڭە بولدى_ دېدى ئۇ.

_ لېكىن ئاياللار مۇشۇنداق فىلىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ.

_ ئاياللار خىيالپەرەس كېلىدۇ،  شۇڭا فىلىم ئىشلەيدىغانلار مۇشۇنداق توقۇلمىلار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ خىيالپەرەسلىكىنى قاندۇرىدۇ.

بىردەملىك جىمجختلىقتىن كېيىن ئۇنىڭدىن پەس ئاۋازدا سورىدىم.

_  ئەگەر سەككىز يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتقىلى بولۇپ،  نازىيە ھايات بولسا سىز قايسى نازىيەنى تاللايتتىڭىز؟ مېنىمۇ ياكى يەنە بىر نازىيەنىمۇ؟



داۋامى  بار







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k