
بۇ ئەسەرنىڭ 58 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
57-قىسىم
مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقى ياندۇرۇلمىغان بولسىمۇ تېلېۋىزورنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ ھەيرانلىقتىن قېتىپ قالغان چىرايىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇ كالپۇكىنى چىشلەپ بىر دەم تۇردى، مەنمۇ جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇردۇم. ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
_ مەن بۇنداق مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا جاۋاب بەرمەيمەن.
مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا جاۋاب بەرگۈسى يوق ئەمەس، ئۇنىڭ جاۋاب بەرگۈسى كەلمىگەن ئىدى، بىر بولسا ئۇ ئىككىلەندى، بىر بولسا كۆڭلىدە جاۋاب بېرىپ بولدى-يۇ كۆڭلۈمگە ئازار بەرگۈسى كەلمىدى خالاس. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم، ئەگەر ئۇ نازىيە ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا ئۇنىڭ ئىككىمىزدىن قايسىمىزنى تاللايدىغانلىقى ئىدى.
_ نازىيە، بۇنداق گەپلەرنى ئەمدى سورىماڭ بولامدۇ؟ ئۇ ئىشلار ئاللىبۇرۇن كەلمەسكە كەتتى.
راستلا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ھېلىقى ئۇچۇرنىڭ ئىش قانداق ئىش؟ ئۇنىڭدىن قايتا ئۇ توغرىلىق گەپ سورىمىدىم. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگىنىشىم كېرەك. ئۇچۇردا دىيىلگىنى راست بولسا بۇنىڭ جاۋابى ئۇزۇنغا قالمايلا چىقىدۇ، كۈتەي. مەيلى بۇنىڭ جاۋابى قانداقلا بولسۇن، مەن ئەڭ يامان ئەھۋالغا نىسبەتەن تەييارلىق قىلىپ قويدۇم.
مېنىڭ قولۇم كۈيۈپ قالغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۈمىد مېنى تاماق ئەتمەڭ دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن مەن يەنىلا تاماقنى ئۆزۈم ئېتىۋەردىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھە دېسىلا تاماقننى سىرتتا يەيلى دەپ تۇرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. سىرتتا تاماق يىگەندە ئۆتكۈرنى بىللە ئېلىۋالايلى دېسەك، ئاراڭلارغا قىستۇرۇلۇپ يۈرمەي دەپ ئۇنىمايتتى. ئۇ ئۇنداق دېمىگەن بولسىغۇ مەيلىتى، ئۇنداق دېگەندىكىن خۇدۇكسىنىپ تېخىمۇ بىللە بېرىشقا زورلايتتۇق.
بىر كۈنى ئۈچەيلەن بىر رېستۇرانغا تاماققا باردۇق، تېخى ئورنىمىزدا ئولتۇرماي تۇرۇپلا فروزەنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ بىر ئەر بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپتۇ، ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايىدىن ئوڭايسىزلىنىۋاتقىنى چىقىپلا تۇراتتى. بىر چاغدا ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ بىزنى كۆرۈپ قالدى ۋە قولىنى پۇلاڭلاتتى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇ ئەردىن بىزار بولىۋاتقىنىننى سېزىپ قالدىم، ئاكتىپلىق بىلەن بىزگە قول پۇلاڭلاتقان ئىكەن، بېرىپ كۆرۈشۈپ قويمىساق بولمايتتى. ئامالسىز بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق. فروزە بىللە ئولتۇرايلى دەپ تۇرىۋالدى، ئامالسىز بىللە ئولتۇردۇق.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغىنى كۆزەينەك تاقىۋالغان، ئولتۇرۇشلىرىدىن قارىغاندىلا يۇۋاش ئادەملىكى چىقىپ تۇرىدىغان زىيالى سۈپەت ئادەم ئىدى. بىز ئولتۇرغاندىن كېيىن فروزە ئاددىيلا قىلىپ تۇنۇشتۇردى. بىز كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ ئەر تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ، ئىككى قولىنى ھە دەپ يوتىسىغا سۈركەشكە باشلىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ جىددىيلىشىۋاتقىنىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. بىز كىلگەندىن كېيىن فروزە بىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇ ئەرنى بىر چەتكە قايرىپلا قويدى. ئۇ ئەر ھەقىقەتەن بەكلا يۇۋاش بولسا كېرەك، باشتىن ئاخىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىستۇرمىدى. ئۇ يىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغان ھالەتتە ئون نەچچە مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى چىدىماي، ئىشىم بار ئىدى دەپ ئۆزرە ئېيتىپ كېتىپ قالدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن فروزە كۈلۈپ تۇرۇپ بىزگە ئۇنىڭ كىملىكىنى دەپ بەردى.
_ ئۇ دادام ماڭا تۇنۇشتۇرغان لايىق.
ئەمەلىيەتتە مەن بايىلا شۇنداقراق پەرەز قىلغان. مېنىڭچە بۇ ئىشنى ئايگۈل ھەدەم بىلمەيدۇغۇ دەيمەن، بولمىسا قىزىغا بۇنداق ئادەمنى تۇنۇشتۇرۇشقا ئۇ ھەرگىز قوشۇلمايتتى.
_ مېنىڭ دادام ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، بايىقى ئەر دادامنىڭ خىزمەتدىشى. بىللە ئىشلىگەچكە ئۇنى ئەخلاقلىق، بولىدىغان يىگىت دەپ ماڭا تونۇشتۇرۇپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ فروزەگە چاقچاق قىلدىم.
_ دادىڭىز «قوينۇمدىن ئاقسا قونجۇمغا» دەپ قىزىنى سىرتقا چىقارغۇسى كەلمەپتۇ دە.
فروزە مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.
_ دادام سەل مۇتەئەسسىپراق ئادەم. ئۇ مېنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار ئادەمنى تېپىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى ياكى دوختۇر دېگەندەك.
فروزەنىڭ دوختۇر دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئۆتكۈرگە قارىدىم. ئۆتكۈر قولىدىكى تاماق تىزىملىكىگە قاراپ ئولتۇرۇپ فروزەنىڭ گېپىگە دېققەت قىلمىدى.
_ ئاپلا_ دېدىم مەن تۇيۇقسىزلا. ھەممەيلەن تەڭلا ماڭا قارىدى.
_ نىگارە بىر ئىشىمغا ياردەم قىل دەپ تېلېفون قىپتىكەن، ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ. سىلەر تاماق يەۋېرىڭلار، ئۈمىد مېنى ئاپىرىپ قويۇڭە، بۇ يەردىن تاكسى توسۇشمۇ بەك تەس.
مەن يالغان ئېيتىشقا ئانچە ئۇستا ئەمەس، ئازراقلا دېققەت قىلسا يالغان ئېيتىۋاتقىنىم چېنىپ قالىدۇ. ئەمما مەن كۆپ ئويلىماي، گېپىمنى دەپ بولۇپلا ئۈمىدنى تارتىپ ئېلىپ ماڭدىم. ئۈمىدمۇ مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەندى ۋە تارتىشمايلا ماڭدى. ئۆتكۈۈر ھەرگىز بىزنى كەتتى دەپلا فروزەنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىغان ئەر كىشى ئەمەس.
ئۈمىد ئىككىمىز چىقىپ كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىغا كىرىپ بىر چىنىدىن كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچىپلا ئۆيگە قايتتۇق. تاكى بىز يېتىپ بولغۇچە ئۆتكۈر قايتىپ كەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەسلىمۇ گېپى بىر يەدىن چىقاتتى، پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەچ بولۇپ كەتكىنىنى سەزمىگەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. سائەت نەچچىلەر بولغانكىن، مەن تېخى ئۇخلىماي خىيال سۈرۈپ ياتقاندا ماشىنا كېلىپ توختىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆتكۈر قايتىپ كەلگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئارىدىن خېلى ئۆتسىمۇ ئۇنىڭ پەلەمپەيدىن ئۈستىگە چىققان ئاياق تىۋىشى ئاڭلانمىدى. ئۈمىدكە قارىسام ئۇ قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، ئۆتكۈرنىڭ چىقمىغىنى سەل غەلىتە بىلىنىپ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم، بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ قارىسام مېھمانخانا ئۆيدە ئۆتكۈر كۆرۈنمەيتتى. ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قارىسام ئۆتكۈرنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە قېپقىزىل چوغ كۆرۈندى، يېقىن بېرىپ قاراپ ئاندىن ئۇنىڭ ماشىنىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم.
_ بۇ يەردە ئولتۇرىسىزغۇ؟_ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. ئۆتكۈر بېشىنى بۇراپ ماڭا قارىدى ۋە نەچچە سىكۇنت جىمجىت تۇرىۋېتىپ ئاندىن:
_ تاماكىنى چىكىپ بولۇپ ئاندىن كىرىپ كىتىمەن_ دېدى.
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ ھە، بالدۇرراق كىرىپ ئارام ئېلىڭ، ئەتە يەنە ئىشقا بارىسىز ئەمەسمۇ.
ئۆرۈلۈپ ئۆيگە مېڭىشىمغا ئۇ مېنى چاقىردى.
_ نازىيە، مەن بىلەن بىردەم بىللە ئولتۇرىڭە.
«ئۇ فروزە بىلەن چىقىشىپ قالغان بولسا ئۆزىگە دىيىشتىن خىجىل بولۇپ مېنى ئارىغا سالماقچى ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ «ماقۇل» دەپ ماشىنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ چىقىپ ئولتۇردۇم. ھەر ئىكككى تەرەپتىكى دېرىزە ئەينەكلىرى چۈشۈرىۋېتىلگەچكە سەل سوغۇق ئىدى. ئۆتكۈر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ئورۇندۇققا يۆلىنىپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇردى. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى.
_ فروزەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدىڭىزمۇ؟_ ئاخىرى جىمجىتلىقنى مەن بۇزدۇم.
_ ھەئە.
مەن بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن يەنە گەپ باشلىدىم.
_ ئەمەلىيەتتە فروزە بەك ياخشى قىز، چىرايلىق، ئىقتىدارلىق، ئوچۇق يورۇق، غەلىتە خۇيى يوق. گەرچە مۇكەممەل ئائىلىدە چوڭ بولۇش ئىمكانيىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما گەپ سۆز، يۈرۈش تۇرۇشلىرىدىن ئۇنىڭ خېلى ياخشى ئائىلە تەربىيىسى كۆرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بەلكىم دادىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا قىزىنى شۇنداق ياخشى تەربىيىلىگەن بولسا كېرەك. ھەر ئىككىڭلار شۇنداق مۇنەۋەر، يەنە كېلىپ ھەر ئىككىڭلار بويتاق بولغاندىكىن، مېنىڭچە....
_ بولدى قىلىڭ، نازىيە_ ئۆتكۈر گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى. ئۇ ئەزەلدىن باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قوپال گەپ قىلغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبسىزلىك قىلىپ قويغىنىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، كەينىدىن سىلىق ئاھاڭدا گەپ باشلىدى.
_ ئاياقنىڭ ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغىنىنى پۇت بىلىدۇ، ئادەمنىڭ ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغىنىنى يۈرەك بىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئەڭ ياخشىسى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەڭ ياخشىسىمۇ ئەڭ ماس كېلىدىغىنى بولۇشى ناتايىن. بىر ئادەمنى مۇنەۋەركەن دەپلا ياخشى كۆرۈپ قالغىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى ئېسىگە كېلىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۇ تۇنجى مۇھەببىتىنى ھازىرغىچە ئۇنۇتماپتۇ، دېمەك ئۇ مۇھەببىتىگە سادىق ئادەمكەن. مەن پەس ئاۋازدا كەچۈرۈم سورىدىم.
_ كەچۈرۈڭ.
ئۇ كۈلدى.
_ كەچۈرۈم سوراشقا تىگىشلىك ئادەم مەن. بايا سىزگە قوپال تېگىپ قويدۇم، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە.
_ ھېچقىسى يوق_ دېدىم مەن.
تۇيۇقسىز غۇررىدە سوغۇق شامال كېلىۋىدى، سوغۇقتىن تىترەپ كەتتىم، ئۆتكۈر بۇنى كۆرۈپ دېرىزىنى ئېتىپ، پارنى ئېچىپ قويدى. ئۆتكۈر تولىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا:
_ مۇھەببەتتىكى ئەڭ ئازابلىق ئىش خاتا ۋاقىتتا ئۇچرىشىپ، توغرا ۋاقىتتا قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇش ئىكەن_ دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى ۋە نەسىھەت قىلدىم.
_ ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئويلاپ يۈرىۋەرمەي يېڭىچە تۇرمۇشقا يۈزلىنىڭ. مېنىڭچە ئۇمۇ سىزنىڭ بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۆتكۈر بېشىنى بۇراپ ماڭا قاراپ كۈلدى.
_ شۇنداقمىدۇ؟
ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى كۈلكىسى تولىمۇ ساددىلارچە كۈلۈش ئىدى. مەن ئەستايىدىللىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ ئەلۋەتتە شۇنداق.
_ ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى تۇنۇشۇش ئەمەس، قايتا ئۇچرىشىش ئىكەن.
ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. ئاندىن تۇيۇقسىزلا:
_ نازىيە ئەمەلىيەتتە مەن...._ دىيىشىگە ئۇنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى، تېلېفون ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ مەن سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. ماشىنىنىڭ ئىچى جىمجىت بولغاچقا تېلېفوندىكى ئاۋاز ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
_ ئۆتكۈر، مېنىڭ خوتۇنۇم ئۆينى تاپالماي قېلىۋاتامدۇ نىمە؟
ئۆتكۈر سۇسقىنە كۈلۈپ قويدى.
_ ھە، بىز پەستا، پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، ھازىر كىرىپ كېتىمىز.
تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ ھەر ئىككىمىز كىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھۇجرىلىرىغا كىرىپ كەتتۇق. ھۇجرىنىڭ چىرىقى يېنىق ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئاستا كېلىپ كارىۋاتقا چىقتىم.
_ ئويغىنىپ يېنىمغا قارىسام سىز يوق، تۈن سەيلىسى قىلىپ چىقىپ كەتتىڭىزما؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئاچچىقلانغاندەك ئەمەس،لېكىن ئۆزىنى زورىغا بېسىۋالغىنى چىقىپلا تۇراتتى.
_ ماشىنا كېلىپ توختىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، لېكىن ئۇنىڭ پەلەمپەيدىن چىققان ئاۋازى ئاڭلانمىدى، شۇڭا ئەنسىرەپ چىقىپ باقتىم.
_ سىزگە تېلېفون قىلسام تېلېفون ئۆيدە سايراۋاتىدۇ، شۇڭا سىزنى ئۇيقۇلۇقتا ھۇجرىنى تاپالماي قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلغانتىم.
ئۇنىڭغا ئالايدىم، لېكىن ئۇ قاراڭغۇدا كۆرمىدى.
_ مەن سىز ئەمەس، بۇ جەھەتتە مەن خېلى چىڭ جۇمۇ.
_ ھە، ھە، سىز چىڭ مەن بوش، شۇڭا بىز بىر بىرىمىزنى تولۇقلايمىز. چۈشەندىڭىزما؟
ئەتىسى ئەتىگەن ناشتا ۋاقتىدا ئۆتكۈر قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى.
_ خېلى كۈنلەر بولدى، ئۆي ئىزدەۋاتىمەن، مۇۋاپىق ئۆي چىققاندا كۆچۈپ كېتىمەن.
بۇ گەپ ماڭا سەل بىئەپ تۇيۇلدى.
_ بۇ داچا شۇنداق كەڭرى تۇرسا، سىرتتىن ئۆي ئىزدەيمەن دېگىنىڭىز نېمىسى، مۇشۇ يەردە تۇرىۋەتمەمسىز؟
_ بۇ ئۆيغۇ چوڭ، ئون ئۆتكۈر بولسىمۇ سىغدۇرۇپ كىتەلەيمىز. لېكىن داۋاملىق بىز بىلەن تۇرىۋەرسەڭمۇ قاملاشمىغىدەك. ئەتە ئۆگۈن مۇھەببەتلىشىپ قالساڭ بىزدىن خىجىل بولۇپ يۈرمە يەنە.
_ بۇمۇ مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئاراڭلارغا قىستۇرۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەنمەن. ئىككى كىشىلىك دۇنيانىڭ لەززىتىنى سۈرەلمەي قالىدىكەنسىلەر.
شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆتكۈر كۆچۈپ كەتتى. ئۇ شەھەر مەركىزىدىن ئېسىل بېزەلگەن ئۈچ ھۇجرىلىق، ھەممە نېمىسى تەل ئۆيدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە فەرۇق 520 بەزمىخانىسىدا ئۆتكۈرنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچكەنلىكىنى تەبرىكلەپ زىياپەت بەردى. زىياپەتكە نىگارەمۇ كەلدى، ئۇنىڭ چېچى ئۆسۈپ مۈرىسىگە چۈشۈپتۇ، بۇرۇن بۇنچىلىك بوپ بولغىچە كېسىۋېتىپ بولاتتى. ئۇ يېنىمدا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ چېچىڭنىڭ ئەزەلدىن بۇنچىلىك ئۆسكىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
_ قىز بالا بولغاندىكىن ئۆستۈرۈپ يۈرۈپ باقاي دېدىمغۇ، قانداق يارىشىپتۇمۇ؟
_ يارىشىپتۇ. ئۆزۈڭ چىرايلىق بولغاچقا چېچىڭ قانداقلا بولسا يارىشىۋېرىدىكەن. سېنى چېچىنى ئۆستۈرسە قانداق بولىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم.
مۇنداق بىر گەپ بارغۇ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشى باشقا بىرىنىڭ كېلىشى ۋە كېتىشىدىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، نىگارەنىڭ تۇيۇقسىزلا كۆڭلەك كىيىدىغان بولۇشى، چېچىنى ئۆستۈرۈشى ھەرگىز ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلغۇسى كېلپ قالغىنىدىن بولغان ئەمەس، قارىغاندا ئۇ بۇ قېتىم راستلا مۇھەببەت تورىغا ئىلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.
زىياپەت باشلاندى، ئۈمىدنىڭ ئاشقازان ئاغرىقى بولغاچقا ئۇنىڭ ھاراق ئىچىشىگە يول قويمىدىم.
_ مەن ساقىيىپ بولدۇمغۇ، ئازراق ئىچەي، ماقۇل دەڭە_ دەپ يالۋۇردى ئۇ.
_ ياق. بۇ قېتىم بوش ئاغرىمىدىڭىز. ئازراق ياخشى بولىۋېلىپلا گېپىمنى ئاڭلىمامسىز؟
_ بوپتۇ، بوپتۇ. مەلىكەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاي.
ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئۈمىد خوتۇنىدىن قورقىدىغان سايماخۇن دېدى.
_ بۇ دېگەن خوتۇنىدىن قورققانلىق بولمايدۇ، سىلەر توي قىلىپ باقمىغاندىكىن بىلمەيسىلەر، ھەقىقىي ئەر كىشى ئايالىنى ئاسرايدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، شۇڭا گېپىنى ئاڭلايدۇ. خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانلارنى ھەقىقىي ئەركەك دېگىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى، يېنىمدا ئولتۇرغان نىگارە مېنى نۇقۇدى.
_ ئۈمىدتەك ئادەم بىلەن توي قىلغىنىڭ بەختىڭ جۇمۇ، بەختىڭنى قەدىرلە.
مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كۈلۈپ قويدۇم. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى مەڭگۈ ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ ۋە ھاياتىمدا ئۇنىڭ بولغىنى ئەڭ چوڭ تەلىيىم دەپ ئويلاۋاتاتتىم.
بەزمىخانىنىڭ ناخشىچىسى نەرگىزە سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرگەن پۇرسەتتە بىر كۈتكۈچىنى چاقىرىپ نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قويدۇم. تازىلىق ئۆيىدىن چىقسام نەرگىزە نازىيەنىڭ بۇرۇن ئېيتقان ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلىغان ئىدى. بىز ئولتۇرغان ئارىمخانىدىكىلەر تۇيۇقسىز قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كېتىپتۇ. مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك بېرىپ مېۋە يەپ ئولتۇردۇم. ئۈمىد تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى. يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى.
_ نەگە بارىسىز؟
ئۈمىد بېشىنى پەس قىلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
_ تازىلىق ئۆيىگە كىرىمەن، بىللە كىرەمسىز؟
ھە دەپ بېشىمنى پەس قىلىپ ئولتۇرىۋالدىم. ئۈمىد كەتكەندىن كېيىن قارىسام ئۆتكۈر كرىسلوغا چۆكۈپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا سورىدىم.
_ ئۆتكۈر، نازىيەنىڭ جەسىتىنى قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئۆتكۈر ئەجەبلىنىش ئىچىدە ماڭا قاراپ بىر نەچچە سىكۇنت تۇرۇپ قالدى ۋە :
_ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ جەسىتىنى يۇرتىغا ئېلىپ كەتكەن، شۇ يەرگە قويدىغۇ دەيمەن_ دېدى.
دېمەك ئۇمۇ نازىيەنى يەرلىككە قويغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەپتۇ.
_ ئۇنىڭ تېخىچە ھايات بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن ئىچىمدە ئويلىغىنىمنى يۇشۇرمايلا.
_ مۇمكىن ئەمەس. ئەينى يىلى ئۇ ئىش تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەچكە ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان، ئۆيىدىكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتكىچە جەسەت ساقلاش ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەتكەن تۇرسا، ھايات قېلىشى مۇمكىنمۇ؟
جەسەت ساقلاش ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغان بولسا دېمەك ئۆلۈپ كەتكىنى مۇقەررەر. ئۇنداقتا ھېلىقى ئۇچۇرنى يازغان كىمدۇ؟
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















