
بۇ ئەسەرنىڭ 95 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94-قىسىم
ھەسەن بۈگۈن ئەتىگەندە ئۆزىنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا، نەچىنچى نومۇرلۇق بالنىستتا ئىكەنلىكىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرگەن ئىدى، شۇ بويىچە ئۇ ياتقان بالنىستنى تېپىپ باردىم. بالنىستنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى، ئاستا بېرىپ قارىسام بالنىستنىڭ ئىچىدە ھەسەندىن باشقا ئادەم يوق ئىكەن. مەن كىرگەندە ئۇ تېلېفونغا قاراپ ياتقان ئىكەن، ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ تېلېفوندىن بېشىنى كۆتۈردى. مەن ئېلىپ بارغان مېۋە چىۋىلەرنى كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى تومپۇچكا ئۈستىگە قويدۇم.
_ بەزىدە ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىمىز تۇتاشمىكىن دەپ قالىمەن، ئەتىگەندە نەشپۈت يىگۈم كېلىپ تۇرغان، مانا ، سىز كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك نەشپۈت ئېلىپ كىرىپسىز.
_ سىزنى نەشپۈت يىگۈسى كېلىپ كەتتىمىكىن دەپ نەشپۈت ئېلىپ كىرمىدىم، ئالىدىغان باشقا نەرسە تاپالماي، ئۇدۇل كەلگەن مېۋىلەردىن ئېلىپ كىردىم. ئەگەر نەشپۈت يىگۈڭىز بارلىقىنى بىلگەن بولسام نەشپۈت ئالماي باشقا نەرسە ئالاركەنمەن.
ئۇنىڭغا قوپاللا تەگدىم، ئەمما ئۇ قوپاللىقىمدىن خاپا بولماي ئەكسىچە ماڭا قاراپ كۈلۈپلا تۇراتتى.
_ سىزلا ئەكەلسىڭىز زەھەر بولسىمۇ ياخشى كۆرۈپ يەيمەن.
ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويۇپ پۇتىغا قارىدىم. ئۇنىڭ پۇتى گىپىس بىلەن قاتۇرۇپ قويۇلغان ئىدى، سۆڭەك زەخمىلەنگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يارىلانغىنى ئېسىمگە كېلىپ تەلەپپۇزۇمنى سەل ئۆزگەرتتىم.
_ دوختۇر نىمە دەيدۇ؟
_ بەك ئېغىر دەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ چىرايىغا قارىدىم.
_ قانداق ئېغىركەن؟ زادى نېمە دېدى، ئېنىق دەڭە.
_ ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرالمايسەن، مىيىپ بولۇپ قالىسەن دەيدۇ، ئەمدى قالغان ئۈمرۈمدە سىز ماڭا قارىمىسىڭىز بولمىغىدەك.
دەرھال ئۇنىڭ كارىۋېتىنىڭ بېشىغا ئېسىقلىق تۇرغان داۋالاش خاتىرىسىنى ۋە بىر تال يۈرەكنى كۆرۈپ «ئۇف» دېدىم.
_ مەن بۇرۇن سىستېرا بولغان جۇمۇ، بۇنداق يالغان ئېيتىپ مېنى قورقۇتالايمەن دەپ ئويلىماڭ.
ھەسەن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلدى.
_ ھا ھا ھا، چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
_ شۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسىز؟ راستلا مىيىپ بولۇپ قالغۇڭىز بارمىتى يا؟
_ بەك ئۇسساپ كەتتىم، چاي قۇيۇپ بېرىڭە_ دېدى ئۇ گەپنى باشقا ياققا بۇراپ. جايىمدا مىدىرلىماي تۇردۇم، ئۇ كىچىك بالا ئەركىلىگەندەك يېڭىمنى تارتتى.
_ چاي قۇيۇپ بېرىڭە، قاراڭ، پۇتۇمنى گىپىستا قاتۇرۇپ قويدى، ئورنۇمدىن يا تۇرالمايمەن. يا ماڭا قارايدىغان ئادەم يوق. چاي ئىچىدىغان ئىش بولسىمۇ سىستېرانى چاقىرىدىغان گەپ. بىردەم بىردەم چاقىرىپلا تۇرسام سىستېرالارمۇ خاپا بولۇپ قالىدىكەن. چاي قۇيۇپ بەرسىڭىزلا باشقا جىدەل قىلمايمەن.
دېمىسىمۇ ئۇ ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ چاي قۇيالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
_ بىر مۇنچە دوستلىرىڭىز بار ئىدىغۇ، ساق ۋاقتىڭىزدا كەينىڭىزدىن چىقمايدىكەن، ئاغرىپ قالسىڭىز قارايدىغانغا بىرەرىمۇ يوقكىنا.
_ ئۇلارنىڭ قولىدىن كېسەلگە قاراش كېلەمتى؟ ئۇلارغا ماڭا قاراڭلار دېسەم، تېرىكتۈرۈپ باشقا ئەزالىرىمدىنمۇ كېسەل چىقىرىۋېتەرمىكىن.
مومىڭىزچۇ دەپ سوراي دەپ ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ يۇتۇۋەتتىم، ئۇنىڭ مومىسى ياشىنىپ قالغان، يەنە كېلىپ كېسەلچان ئىكەن، بەلكىم ئۇ ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىنىنىمۇ مومىسىغا دېمىگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ مومىسىدىن باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى يوقمىكىنە؟ لېكىن بۇ گەپنى ئۇنىڭدىن سورىمىدىم.
_ ماڭا بىر نەرسە كۆرسىتىمەن دېگەنتىڭىز، نىمە نەرسە ئۇ؟
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى. مېنى ئەخمەق قىلىپتۇ دە دەپ ئويلاپ سومكامنى ئېلىپلا سىرتقا قاراپ ماڭدىم.
_ بۇ ۋىدىيونى ئۈمىد كۆرۈپ قالسا سىزنى نېمە دەپ ئويلاپ قالا ھە؟
ھەسەننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قەدىمىمنى توختىتىپ كەينىمگە قايرىلىپ قارىدىم، ئۇ تېلېفونىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇراتتى. يۈگۈرۈپ دېگۈدەك يېنىغا بېرىپ، ھەسەننىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئالدىم. گەرچە ۋىدىيو سەل قاراڭغۇ تارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكىنىڭ ھەسەن بىلەن مەن ئىكەنلىكىمنى ئېنىق بىلگىلى بولاتتى، بۇ تاغدىكى ھېلىقى ئۆيدە تارتىلغان ۋىدىيو ئىدى. ئۇ ئىككىمىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان چاغدا تارتىلغان ئىكەن، ئۇنىڭ ۋىدىيوغا ئېلىۋالغىنىنى مەن پەقەتلا سەزمەپتىمەن. ۋىدىيو تارتىلغان ئورۇندىن قارىغاندا ئىككىمىز شۇنچىلىك يېقىن ئولتۇرغاندەك تەسىر بېرىدىكەن. ئۇنىڭ تېلېفوننىڭ چىرىقىنى ياندۇرغان چاغدا ۋىدىيوغا ئېلىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويغىنىنى نىمىشقا سەزمىگەندىمەن. ئۇ ئېلىنغان ۋىدىيونىڭ ئالدى كەينىنى كېسىۋېتىپ، ئىككىمىزنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان يېرىنىلا ئېلىپ قالغان ئىدى.
_ ساراڭ.
دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپ، بايىقى ۋىدىيونى ئۆچۈرىۋېتىپ ئاندىن تېلېفوننى كارىۋاتقا ئاتتىم.
_ مېنى بەك بوش چاغلاپ قاپسىز، قىزچاق. سىزگە كۆرسىتىشتىن بۇرۇن بۇنى باشقا بىر يەردىمۇ ساقلاپ قويدۇم. بۇنداق ئېسىل كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قويۇپ، سىزنى سېغىنغاندا كۆرىمەن، بولمىسا زايا بولۇپ كەتمەمدۇ؟
_ سىز زادى نىمە قىلماقچى؟ زادى نىمە مەقسىتىڭىز بار؟
_ سىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام، قاچان كۆرگۈم كەلسە، كېلىڭ دېسەملا يېنىمغا كەلسىكەن دەيمەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەقسىتىم يوق، ئەگەر بۇنىڭغا ماقۇل بولمىسىڭىز بۇ ۋىدىيونى ئۈمىدكە يوللاپ بېرىمەن.
سومكام بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرماقچى بولۇپ كۆتۈردۈم.
_ مەن سىزنى قۇتقۇزىمەن دەپ يارىلانغان تۇرسام، ئەمدى سىز قوپۇپ ئۇرماقچى بولىۋاتىسىز. ئەگەر شۇ كۈنى سىز يارىلىنىپ، ھازىر كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان سىز بولسىڭىز مەن سىزنى ھەركۈنى يوقلاپ كىلەتتىم، كېچىچە قاراڭ دېسڭىزمۇ خۇشاللىق بىلەن قارايتتىم. لېكىن سىز مېنىڭ كىچىككىنە تەلىپىمنىمۇ قاندۇرالمامسىز؟
راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ تېتىقسىز گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋېرىشكە تاقىتىم قالمىدى. ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ بولغان سومكامنى چۈشۈرۈپ ئۆرۈلۈپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدىم. بۇ چاغدا ئىشىك تۈۋىدە شېرزات پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتىم. ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقىپ تۇرسام ئۈمىد تېلېفون قىلىپ دادىسىنىڭ بۈگۈن كەچتە شېرزاتنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئائىلە يىغىلىشى زىياپىتى قىلماقچى بولغانلىقىنى، بىزنىمۇ چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى.
_ مەن بارمايچۇ. بارساممۇ دادىڭىز بىلەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ خۇش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن كۆرە سىزلا بېرىپ كېلىڭە، بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە ئۈمىدمۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ-دە. شۇڭا ئۇمۇ مېنى بېرىڭ دەپ تۇرىۋالمىدى. ئۇمۇ بەك كەچ قالماي ئۆيگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەرىبىر ئۆيگە بارساممۇ ئۈمىدنىڭ يوقلىقىنى ئويلاپ مېھراي بىلەن ئايقىزنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇم، چۈنكى بۈگۈنكى ئائىلە يىغىلىشىغا ئۇلارنىڭمۇ چاقىرىلمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭغا بارىدىغانلىقىم توغرىلىق تېلېفون قىلمىدىم، چۈنكى بۇنداق سوغۇق ھاۋادا ئۇنى بالا بىلەن بىر يەرگە چىقمايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئويلىغىنىمدەك ئۇ ئۆيىدە بار ئىكەن.
_ كېلىمەن دەپ تېلېفون قىلىۋەتسىڭىز تاماق ئەتكەچ تۇرسام بولماسمىدى، ئۆيدە يا تۈزۈك مېۋە چېۋىمۇ يوق، سىز ئاران بىر كەلگەندە بەك قۇرۇقچىلىق بولۇپ قالدى_ دېدى ئۇ خىجىل بولغان قىياپەتتە.
_ كېرەك يوق، مەن يات ئادەم ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ ئاچىسى. بۇنداق تەكەللۇپ قىلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. _ دېدىم مەن.
_ ھېلىمۇ ئۈمىد ئاكام ئىككىڭلار ماڭا كۆپ ياردەم قىلىۋاتىسىلەر، ئۆز ئاچام، ئاكام بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك قىلار ئىدى. شېرزات قاچان قايتىپ چىقالا؟ ئۇ قايتىپ چىققان بولسىمۇ بۇنچىۋالا يالغۇزلۇق تارتىپ، جاپادا قالماس بولغىيتتىم.
ھەيرانلىقتا مېھرايغا قارىدىم، ئۇ شېرزاتنىڭ قايتىپ چىققىنىنى تېخى بىلمەيدىكەن، دېمەك شېرزات قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ باقماپتۇ. ھېلىقى بىكار تەلەپ دوستلىرى بىلەن نەمۇنە ئوينايدىغانغا ۋاقتى بار، ئايالى بىلەن قىزىنى كۆرگىلى كېلىدىغانغا ۋاقتى چىقماپتۇ-دە ئۇ سولتەكنىڭ. شېرزاتنىڭ قايتىپ چىققىنىنى مېھرايغا دىيىش دېمەسلىك توغرىسىدا خېلى ئويلانغاندىن كېيىن يەنىلا دېمەسلىك قارارىغا كەلدىم، بەلكىم بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇ ئۆزى كېلىپ قالا.
ئايقىز مېھراينىڭ قۇچىقىدىن چۈشكىلى ئۇنىمىدى، شۇڭا مېھراينى بالىغا ئۆزىڭىز قاراڭ دەپ تاماقنى ئۆزۈم ئېتىدىغان بولدۇم. ئادەتتە مېھراي بالا بىلەن قانداق تاماق ئېتىپ يەيدىكىن تاڭ. راستىمنى ئېيتسام مېھرايغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. توڭلاتقۇغا قارىسام تۈزۈك كۆكتاتمۇ قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىدىكى كۆكتات دۇكىنىغا چۈشۈپ ھەرخىل كۆكتاتلاردىن خېلى ئالدىم، يەنە مېۋە چىۋىلەردىن ئېلىپ كىرىپ توڭلاتقۇنى توشقۇزۇپ قويدۇم.
لەغمەن ئېتىپ پىشۇرۇپ چىقسام ئايقىز ئۇخلاپ قالغان ئىكەن، مېھراي ئەمدى بالىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپتۇ.
_ سىز ئاران بىر كەلگەندە سىزگە تاماق ئەتكۈزۈپ يۈردۈم، بەك خىجىل بولۇپ كېتىۋاتىمەن.
_ كېرەك يوق، بايا دېدىمغۇ، مېنى يات كۆرمەڭ.
بىز بالا توغرىلىق ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپ بولۇپ، مېۋە چېۋىلەردىن يىيىشكەچ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇق. قىش كۈنى كۈن بەكمۇ قىسقا، بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى. مەن دېرىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ يانغان كوچا چىراقلىرىغا قاراپ «ئائىلە يىغىلىشى باشلىنىپ بولدىغۇ دەيمەن» دەپ ئويلىدىم. شېرزاتنىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئۈمىدچۇ؟ ئۇ بۈگۈن كەچتە قانداقراق ھالەتتە ئولتۇرغاندۇ؟
كەچلىك تاماققا ئاددىيلا سۇيۇقئاش ئېتىپ ئىچتۇق. تاماق يەپ بولۇپ مېھراي بالىنى ئۇخلاتقىلى كىرىپ كەتتى، مەن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيۇپ بولۇپ چىقسام بالا تېخىچە ئۇخلىماپتۇ. مېھراي ئۆزى يالغۇز بالىغا قاراپ ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتىۋېتىپتۇ، بىر كۈن بولسىمۇ بالىغا قارىشىپ بېرەي دەپ بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ يېنىدا قونۇپ قېلىشنى قارار قىلدىم. ھېچبولمىغاندا كېچىدە بالا يىغلاپ قالسا ئۇسسۇزلۇقىنى ئەكىرىپ بەرسەممۇ ھېساب. شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدكە مېھراينىڭ يېنىدا قونۇپ قالىدىغانلىقىم توغرىلىق ئۇچۇر يوللىۋەتتىم.
سائەت ئون بولغاندا ئىشىكنى بىرى چەكتى. ئۇ چاغدا ئايقىز ئۇخلاپ بولغان، مېھراي بالىنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تېزلىكتە ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن ماڭدى.
_كىملىكىنى سوراپ بېقىڭ_ دېدىم مەن ئەسكەرتىپ.
_ كىمۇ؟ _ مېھراي ئاستاغىنە سورىدى.
_ مەن، فروزە.
مېھراي ئىشىكنى ئېچىۋىدى، فروزە شېرزاتنى ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئېلىپ كىردى.
_ كىرە.
ئۇ شېرزاتنى ئىتتىرگەن پىتى ئەكىلىپ كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
_ شېرزات، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا. بۇ سېنىڭ ئايالىڭ، بۇ سېنىڭ قىزىڭ. ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ بۇ ئىككىيلەنگە ئىگە بول.
مېھراي قاققان قوزۇقتەك جايىدا تۇرۇپلا قالغان ئىدى. ئۇ شېرزاتنىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن بىخەۋەر بولغاچقا، تۇيۇقسىز ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالغىنىدىن ھەيران قېلىۋاتقان بولسا كېرەك.
_ بولدى، بولدى، بېشىمنى ئاغرىتمىغىنە.
_ مېھراي ئەمدى 20 ياشقا كىرىپلا ئانا بولۇپ بىر بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. ئانا بالا ئىككىسىگە ئىگە بولمىساڭ مېھراي ئۆزى يالغۇز بالىنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلىدۇ؟ بالا سېنىڭ بالاڭغۇ، قايتىپ كەلگىنىڭگە شۇنچە كۈنلەر بولغان تۇرۇپ ئەجەب كېلىپ بالىنى كۆرەيمۇ دېمەپسىنا.
_ مەن يا ئۇنى بالا تۇغ دېمىسەم، بويىدا قالغان بولسا ئالدۇرىۋەتسە بولاتتىغۇ. ئۆزى تۇغقاندىكىن باقسۇن ئەمدى.
«چاڭ» فروزە شېرزاتنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى.
_ نۇمۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟ سەنمۇ ئەر كىشى بولدۇڭمۇ؟
دەل مۇشۇ چاغدا بالا ئويغىنىپ يىغلاشقا باشلىدى. مېھراي تېخى ئېسىگە كىلەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك، بالىنىڭ يېنىغا يۈگۈرمىدى. مەن ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ ئايقىزنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتىم. ئايقىز ئۆزىنى كۆتۈرگىنى ئاپىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، تېخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى، مەن ئاستا ئاپىرىپ بالىنى مېھرايغا بەردىم، ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئايقىزنىڭ يىغىسى پەسەيدى. ئۇ كرىسلودا ئولتۇرۇپلا بالىنى ئىمىتىشكە باشلىدى، بالىنىڭ قۇرسىقى ئاچقان بولسا كېرەك، ئاپىسىنى ئەمگەچ يەنە ئۇيقۇغا كەتتى. مېھراي بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ شېرزاتقا قارىدى.
_ بالىنى تېخىچە نوپۇسقا ئالدۇرمىدىم.
شېرزات مېھرايغا بىر ئالىيىپ قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
_ شېرزات، بالىنى قولىڭىزغا ئېلىپ بېقىڭە_ دېدى مېھراي ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا.
_ ياق_ دېدى شېرزات بېشىنى بىر ياققا بۇراپ_ مەن بايا ئازراق ھاراق ئىچكەن، بالىنى تۇتسام بولمايدۇ.
مېھراي بالىنى كۆتۈرۈپ ئاستا ئىچىدىكى ئۆيگە ماڭدى. ئۈمىد ماڭا فروزەنى قەشقەردىكى تارماق شىركەتكە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان، شۇ ئېسىمگە كېلىپ سورىدىم.
_ سىز قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟ سىزنى قەشقەرگە كەتتى دەۋاتاتتى.
_ ماۋۇ سولتەكنى يېنىپ چىقتى دەپ ئاڭلاپ كەلمەمدىم.
شۇ كۈنى كەچتە فروزەمۇ كەتمىدى، ئىككىمىز بىر ئۆيدە ياتتۇق، مېھراي بالا بىلەن يەنە بىر ئۆيدە ياتتى. شېرزات مېھمانخانا ئۆيدە كرىسلونىڭ ئۈستىدىلا يېتىپ قالدى. يېرىم كېچىدە شىپىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، بالا ئويغىنىپ كەتكەن بولسا ياردەملىشەي دەپ ئىشىكتىن چىقىشىمغا مېھراينىڭ بىر ئەدىيالنى ئېلىپ چىقىپ شېرزاتقا يېپىپ قويۇۋاتقىنىنى كۆردۈم. «ھەي مۇھەببەت» دېدىم مەن بېشىمنى چايقاپ.
بىر چاغدا مېھراينىڭ چىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ، فروزە ئىككىمىز تەڭلا يۈگۈرۈپ چىقتۇق، مېھراي مېھمانخانا ئۆيدە ئايقىزنىڭ سوسكىسىنى قۇچاقلاپ قان يامغۇر يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
_ نىمە ئىش بولدى؟_ جىددىيلىشىپ سورىدىم مەن.
_ ئويغانسام ئايقىز يېنىمدا يوق، يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسام شېرزاتمۇ يوق.
فروزە ئىككىمىز دەرھال ھەممە ئۆيلەرگە، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانا ئۆيلىرىگىچە قاراپ چىقتۇق، لېكىن بالىمۇ يوق، شېرزاتمۇ يوق ئىدى. مېھراي يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ چېچىنى يۇلۇپ يىغلاۋاتاتتى.
_ ھەممە يەرگە قارىدىم، كارىۋاتنىڭ ئاستى، ئىشكاپلارغىمۇ قارىدىم، ئايقىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟
سىرتقا قارىدىم، تېخى تاڭ يورۇمىغان ئىدى.
_ شېرزات قاچان كەتكەن؟
_ بىلمەيمەن. ئۇخلاپ قاپتىمەن_ دېدى مېھراي بېشىنى چايقاپ.
شېرزاتقۇ چوپچوڭ ئادەم، يوقاپ كەتسىمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، لېكىن ئايقىز تېخى ئايىقى چىقمىغان بالا تۇرسا، نەگىمۇ كىتەلەيتتى. ھازىر ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار، بىرى، شېرزات كېتىدىغان چاغدا ئىشىكنى يېپىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، بىرەرى كىرىپ ئايقىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق بالىنى شېرزات ئېلىپ كەتتى. بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى بىلەن پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. فروزەگە قارىدىم، فروزەمۇ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كاللىسىغىمۇ بىرەر ئىش كەلگەندەك قىلاتتى. مېھراي تېخىچە يىغلاۋاتاتتى، ئۇ بالىنىڭ دەردىدە بىز ئويلىغاننى ئويلاپ بولالمىغان بولسا كېرەك.
_ مېھراي، بولدى يىغلىماڭ، يىغلاپ ئولتۇرغان بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ. ھازىرقى مۇھىم ئىش بالىنى تېپىش. كىيىملىرىڭىز كىيىڭ، سىرتقا چىقىپ ئىزدەيلى.
مېھراي ئىسەدىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى.
_ ماقۇل، ئاچا، ئىزدەيلى، مەن كىيىملىرىمنى كىيىپلا چىقاي.
ئۇنىڭغىچە فروزە ئىككىمىزمۇ كىيىملىرىمىزنى كىيىپ تەييار بولدۇق. پەسكە چۈشۈپ فروزە بىر ياققا، مېھراي ئىككىمىز بىر ياققا ماڭدۇق. ئولتۇراق رايوننىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغچە قارىدۇق، يوق. بۇ چاغدا تاڭ يورۇپ بولغان ئىدى. مېھراي يىغلاپ تۇرۇپ تېلېفونىدىكى ئايقىزنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ يولدا ماڭغانلاردىن سوراشقا باشلىدى، ئەمما ھەممىلا ئادەم بېشىنى چايقايتتى.
ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ ئايقىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بىزنىڭ ئىزدەۋاتقىنىمىزنى ئېيتتىم، ئۇ جايىمىزدا جىم تۇرۇشىمىزنى، بىردەمدىلا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھە دەپ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ تۇرسام فروزە تېلېفون قىلدى.
_ھە؟ بولىدۇ، بولىدۇ، بىز ھازىرلا بارايلى.
فروزەنىڭ تېلېفونىنى قويۇپلا ئۈمىدنى ساقلاشقا ئۈلگۈرمەي تاكسى توسۇپ مېڭىپ كەتتۇق.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















