大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 96 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 96 - قىسىم aybarawazi
2023-09-14
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 97 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

96-قىسىم  


     ئۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.  بىر چاغدا ئىسپىرت پۇرىقى بۇرنۇمغا پۇرىغاندەك بولدى، كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپتىمەن. بېشىمنى بۇراپ كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئۇچىسىغا ئاق خالات كىيىپ ماڭا قاراپ تۇرغان ئۆتكۈرنى كۆردۈم. 

_ ئويغاندىڭىزما؟_ دەپ سورىدى ئۇ. كەينىدىنلا نىگارەنىڭ جىددىيلەشكەن چىرايى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. 

_ نازى، ئادەمنى نىمانداق قورقۇتىسەن؟ پراۋاڭ يوق، ئىككىنچى تۈر ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتەلمىگەن ئادەم  تاس قاپسەن يولدا ماشىنىنى ئۇچۇرىۋەتكىلى.   ھېلىمۇ ياخشى باۋمانىڭ قانىتى يوقكەن، قاناتلىق بولغان بولسا ئۇچاركەنسەن جۇمۇ.  ساڭا قول قويدۇم بۈگۈن. 

   ئۇ مەندىن ئەنسىرىگەن بىلەن چاقچاق بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرماقچى بولۇۋاتاتتى. مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ ئەتراپنى ئىزدىدىم، ئۇ ئىككىيلەندىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. 

_ بولدى، ئىزدىمە، سېنىڭ ئۈمىدىڭ بايا شىركەتكە كەتتى. شىركەتتە مۇھىم ئىشى چىقىپ قاپتۇ، سېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ ماڭا تېلېفون قىپتىكەن، پالاقلاپ كېلىشىم، بولمىسا سېنىڭ ئاغرىپ قالغىنىڭنى،  قالتىس ئىش ئىزلىرىڭنى بىلمەي قالىدىكەنمەن. 

ئۆتكۈر تۈگىگەن ئوكۇلۇمنى ئالماشتۇرۇپ قويدى ۋە:

_ يالىڭاياق سۇدىن قورقماپتۇ دەپ، پراۋىسى يوق ئادەم قاتناش ۋەقەسى چىقىشىدىنمۇ قورقمايدىكەن ھە. _ دېدى.  نىگارەمۇ يەنە جىم تۇرماي گەپ قىستۇردى. 

_ ئادەتتە شۇنداق قورقۇنچاق ئىدى بۇ دوستۇم. ئۈمىد ئەپەندىم بىلەن توي قىلىپ بەك يۈرەكلىك بولۇپ كەتتى. ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ پۇلى جىق بولغاندىكىن، ئىزدەپ تېپىپ قاپلاننىڭ يۈرىكىنى يىگۈزىۋەتتىمىكىن يا؟

   ئۇلارنىڭ  چاقچاقلىرىغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ياتقىنىمنى كۆرۈپ، نىگارە قولىدا ئىككىنى چىقىرىپ سورىدى. 

_ نازى قارىغىنە، بۇ قانچە؟  بېشىڭ رولغا بەكرەك تېگىپ كېتىپتىكەن، كاللاڭدىن چاتاق چىقمىغاندۇ ھە؟ 

 ئۆتكۈر كۈلۈپ كەتتى. ئۇ دوختۇر بولغاندىكىن، ئەھۋالىمنىڭ قەيەردىن قەيەرگە كەلگۈچە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ دە. 

_ نازىيەنىڭ بەك تەلىيى بار ئىكەن ھېلىمۇ.  بېشىمۇ ئېغىر زەخمىلەنمەپتۇ. ھەممىسى تاشقى يارا، ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ باقتۇق، چوڭ چاتاق يوق. 

   ئۆتكۈر ئىشلەۋاتقان بولغاچقا بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرالمايتتى، شۇڭا بىردەم تۇرۇپلا چىقىپ كەتتى. شېرزاتنىڭ گەپلىرى ئېسىمگە كېلىپ يۈرىكىمگە باشقىدىنلا ئاغرىق كىرىپ كەتتى. كۆزۈمنى تورۇسقا تىكىپ يېتىپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم پىچىرلىغاندەك دېدىم.

_ ئەينى ۋاقىتتا فەرۇقنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ ئاقلاپ بولالماي قالغاندىكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىۋاتىمەن. 

     فەرۇقنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ نىگارە ئىتتىكلا ماڭا قارىدى.  مەن ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم، ئايقىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، شېرزاتنىڭ ماڭا تۆھمەت قىلغانلىقى، ئىشقىلىپ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم.  نىگارەنىڭ مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتتى، ئەگەر مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بۇ يەردە شېرزات بولغان بولسا ئۇنىڭ قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي ئۇرۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. 

_ ئۇنىڭ ئۇنداق ئاقنانچى بىر نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساڭ ئۈمىد بىلەن تەڭ غېمىنى يەپ كەتمەيتتىڭ.

   ماڭا ئايان، ئۈمىدنىڭ ئۇنىڭ غېمىنى يىيىشىنىڭ ئۇنىڭ ئاقنانچى بولۇشى بىلەن ئالاقىسى يوق.  ئۇ شېرزاتنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن يەنىلا ئاكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ غېمىنى يېيىشى يوللۇق. 

   نىگارە دوختۇرخانىدا ماڭا قارايمەن دەپ تۇرىۋالدى، مەن يا ئېغىر ئاغرىق بولمىسام بولدى كەت دەپ تۇرىۋالدىم، ئاخىرى كەچقۇرۇن بولغاندا ئۇنى زورمۇ زور كەتكۈزىۋەتتىم. قاراڭغۇ چۈشكىچە ئۈمىد كېلىپمۇ قويمىدى، ھەتتا تېلېفونمۇ ئۇرمىدى.  ئۇ شېرزاتنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنگەنمىدۇ؟ نورمال بىر ئەر كىشى ئايالى توغرىلىق ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن.  يەنە كېلىپ ئۇ مېنىڭ ھەسەن بىلەن باردى كەلدى قىلىشىمنى خالىمايتتى ئەمەسمۇ. خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە كاللام قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى. «تىغ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس» دېگەن گەپ بار.  ھەرقانچە ئېغىر تىغ يارىسى بولسىمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەمما ئادەمنىڭ بىرىدىن دىلى ئاغرىسا بۇ ئاغرىق كۈنلەر ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا يارىلىنىدىغىنى ئادەمنىڭ يۈرىكى، قەلبى، ھېسسىياتى. 

شۇنداق مۇرەكەپ خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمىكىن.  بىر چاغدا ئويغانسام، بالنىستنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ، سائەتنىڭ نەچچە بولغىنىنىمۇ بىلمىدىم. دېرىزىدىن كىرگەن سۇس يورۇقتا كارىۋاتنىڭ يېنىدا بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا قولۇمنى كۆتۈرۈپ كاچىتىغا بىرنى سالدىم، ئۇرىدىغاننى ئۇرغىنىم بىلەن قولۇم ئاغرىپ كەتتى.  ئولتۇرغان ئادەم دەرھال كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى چىراقنى ياندۇردى، ئۇ ھەسەن ئىدى. بايا ئۇنى ئۇرغان قولۇم ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى، چىراقنى ياندۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئۇرغان قولۇمغا ئوكۇل ئۇرۇلغان جاي ئىششىپ كەتكەنلكىنى بىلدىم.  ئۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ سىستېرانى چاقىردى، سىستېرا بىردەمدە كىرىپ  ئۇ قولۇمدىكى يىڭنىنى تارتىۋېتىپ قايتىدىن يەنە بىر قولۇمغا ئۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. 

_ ئاڭلىسام يولدا ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ سېرىلدۈرۈپ يۈرۈپسىز ھە؟ ئېسىمدە قېلىشىچە سىز تېخى پراۋا ئالمىغانغۇ دەيمەن.  نىمە، جېنىڭىزدىن تويدىڭىزما؟ 

   ئىچىمدىكى ئۇۋالچىلىق بىراقلا كۆز يېشىمغا ئايلىنىپ ئېتىلىپ چىقتى. يىغلاپ تۇرۇپ ئاغزىمنى قويۇۋەتتىم. 

_ ھە، مەن جېنىمدىن تويدۇم، سىز مېنى جېنىمدىن تويغۇزىۋەتتىڭىز.  نىمىشقا مەن بىلەنلا قالىسىز؟ نىمىشقا مېنى خاتىرجەم كۈن كەچۈرگىلى قويمايسىز؟ مېنىڭ زادى خاتىرجەم ياشاش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ نىمىشقا، زادى نىمىشقا مەن بىلەنلا قېرىشىسىز؟ 

_  مەن سىزنى قانداق خاتىرجەم ياشىغىلى قويماپتىمەن؟ مېنىڭ ئۈمىدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆچ ئاداۋىتىم بار، سىز بىلەن ھېچقانداق ئۆچ ئاداۋىتىم يوق، قىزچاق. 

ئۇنىڭ قۇرۇق گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. 

_  ئەر كىشى دېگەن راست گەپ قىلىدىغان. شېرزاتلارغا نىمە دېدىڭىز؟  مەن تاغدا سىزنىڭ قۇچىقىڭىزغا چىقىۋالغىلى تاس قاپتىمەنما؟ كارىۋاتنىڭ قانداق بولۇپ سۇنۇپ كەتكىنىنى سىز ئوبدان بىلىسىزغۇ؟ ئۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپلا ئۆزگىرىپ كېتىپتا. سىز چاقچاق قىلدىم دەپ دەپ قويغان بىلەن ئۇ گەپنىڭ ماڭا نىسبەتەن قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ مەن ھازىر ئۆزۈمنى قانداق ئاقلاشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن، قاپقارا بولۇپ كەتتىم مەن. بىر قېتىم توي قىلىپ تەلىيى چىقماي ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىككىنچى قېتىم قۇرغان ئائىلىسىنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقى، چوڭ بىلىدىغانلىقىنى  سىز بىلەمسىز؟ 

     ھەسەن دەسلەپتە نىمە دەۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالمىغاندەك تۇرۇپ، بىردەمدىن كېيىن چۈشەندى بولغاي:

_ ئۈمىد ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ئاران شۇنچىلىكما؟ باشقىلارنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گېپىگە ئىشىنىپ ئۆيۈڭلار بۇزۇلۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە بولسا ئۇنداق ئادەمدىن بىر كۈن بۇرۇن قۇتۇلسىڭىز بىر كۈن بۇرۇن ئەركىنلىككە چىقىسىز. ئۈمىد ئەپەندىمنىڭمۇ ھالى تايىنلىقكەن_ دېدى.  دەل شۇ چاغدابالنىستنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئىشىك ئالدىدا ئۈمىد تۇراتتى. ئۈمىدكە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. .ئاھ، ئەمدى تۈگەشتىم، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ.  شېرزاتنىڭ ھەسەن ئىككىمىز توغرىلىق قىلغان يالغان سۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى تېخى ئاقلاپ بولالماي تۇرۇپ، بۇ يېرىم كېچىدە يەنە ھەسەن ئىككىمىز ئايرىم تۇرغاندا ئۈمىد كېلىپ قېلىۋاتقىنىنى. ئەمدى قانداقلا قىلساممۇ ئۆزۈمنى ئاقلاپ بولالمايمەن دەپ ئويلىدىم. 

ئۈمىد ئاستا كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەسەننىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.  ھەسەن ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلمىدى، ئۈمىد ئۇنى ياقىسىدىن تۇتۇپ كەينىگە ئىتتىرىۋەتتى. 

_ ئالىمەن دېگىنىڭنى بەردىم، ئادەم دېگەن ئۇنچىۋالا ئاچكۆز بولمايدىغان. 

ھەسەن زاڭلىق ئارىلاش كۈلۈپ تۇرۇپ دانىمۇ دانە قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى. 

_ بەزى نەرسىلەرنى سەن قەدىرلىيەلىسەڭ باشقىلار ئېلىۋالىمەن دەپمۇ ئېلىپ كىتەلمەيدۇ. قەدىرلىمىسەڭ لىۋىڭنى چىشلەپ قالىسەن. 

_  ھەسەن، بۇ يەردىن كېتىڭ_ دېدىم مەن بار كۈچۈمنى يىغىپ.  

ھەسەن ماڭا زەردە بىلەن قاراپ قويدى. 

_ ماقۇل، مەن كېتەي.    

ئۇ بىر پۇتىنى سۆرەپ ئاران مېڭىپ چىقىپ كەتتى.  ئۈمىد كارىۋاتنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇردى. 

_ دوختۇرخانىدا ياتسىڭىز ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالالمايدىكەنمەن، ئۆيگە كېتەيلى، بولامدۇ؟

    مەن تېخى ئۇنىڭ گېپىگە بىرەر ئىنكاس بىلدۈرمەي تۇرۇپلا ئىشىك ئېچىلىپ ئۆتكۈر بىلەن بىر نەچچە سىستېرا كىردى، ئۆتكۈر بىر چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ كىرگەن ئىدى. مېنىڭ بېشىم ئازراق يارىلانغىنى بىلەن پۇت قولۇم ساق، ئۆزۈم ماڭالايتتىم،  لېكىن ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر ماڭغىلى قويماي چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى. ئۆتكۈر ئىككىمىز دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسىغا چىقتۇق، ئۈمىد ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىدى.

_ نىمىشقا مېنى ئۆيگە ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ قالدىڭلار؟_ دەپ سورىدىم ئۆتكۈردىن.  

_ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ئاساسى جەھەتتىن تۇراقلىشىپ بولدى. كېسىلىڭىز ئېغىر بولمىغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا يېتىۋېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، يەنە كېلىپ كۈتۈنىدىغان ئەڭ ياخشى جاي يەنىلا ئۆي. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇر كېرەك بولسا مەن بار تۇرسام، دوختۇرخانا بىلەن ئۆينىڭ نىمە پەرقى. 

_  ئىكىڭلار دىيىشىۋالغاندەكلا دەيمىنا. 

_ ئەلۋەتتە دىيىشىۋالغان،  بۇنىڭدا پۈتۈنلەي سىزنى كۆزدە تۇتتۇق. 

    ماشىنا بىزنى ئۇدۇل داچىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى، ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشىغا ئۈمىد كېلىپ مېنى كۆتۈرۈپلا ئالدى ۋە ئۇدۇل ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا ئەكىرىپ كارىۋاتقا ياتقۇزدى.  ئۇ ماڭا ئارام ئېلىپ تۇرۇشۇمنى، سەل تۇرۇپ يېنىمغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. ئۆتكۈر كىيىم ئاسقۇچنى كارىۋاتنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ ئەتە ئوكۇل ئۇرۇشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. 

   ئۆزۈمنىڭ كارىۋىتىدا ياتسام ئەلۋەتتە دوختۇرخانىدا ياتقاندىن راھەت بولىدىكەن.  شۇ راھەت ئىچىدە بىردەمدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.  چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە شېرزات مېنى تىللاۋاتقۇدەك، مەن قولۇمغا چىققان نەرسىنى ئۇنىڭغا ئېتىپ يىغلاۋاتقۇدەكمەن، ئۈمىدكە ئۆزۈمنى چۈشەندۈرىۋاتىمەن. لېكىن ئۈمىد ھېچ ئىپادىسىزلا ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. مەن تېخىمۇ ئاچچىقلاپ شېرزاتنى تېخىمۇ تىللاۋاتىمەن......

_ نازىيە، نازىيە. 

   ئۈمىدنىڭ ئاۋازى. كۆزۈمنى ئېچىپ يېنىمدا ماڭا قاراپ ياتقان ئۇنى كۆرۈپ «ئۇف، چۈشۈمكەن» دېدىم. 

_ سىزنى قارا بېسىپ قالغان ئوخشايدۇ ھە؟_ دېدى ئۇ ئىنتايىن مېھرىبان، يېقىملىق ئاۋاز بىلەن. 

_ ئۈمىد،ماڭا ئىشىنەمسىز؟ _ ئۇنىڭغا جىددىيلىك، تەقەززالىق، زارىقىش ھېسسىياتى بىلەن قارىدىم. 

_  ئىشىنىمەن_ دېدى ئۇ ئىشەنچ بىلەن.

_ نىمىشقا؟ شېرزاتنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنمىدىڭىزما؟ 

_ شېرزاتنىڭ ئۇنداق كەيپىياتتا دېگەن گەپلىرىگە ئىشىنەرمەنمۇ؟ مەن يا ئەخمەق بولمىسام، يەنە كېلىپ سىز دېگەن مېنىڭ ئايالىم.  سىزگە ئۇنچىلىك ئىشەنچىم بولمىسا قانداقمۇ ئېرىڭىز بولالايمەن؟

  ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئازراقمۇ گۇمان بولمىغىنىغا ئىشەنمەيمەن. 

_ ئەمىسە بۈگۈن بىر كۈن قەيەرگە كەتتىڭىز؟

_ ۋاي ئاغىچا خېنىم،سىلىنىڭ ئىشلىرىغا چاپمامدىم.  سۇغۇرتا شىركىتىگە باردىم، قاتناش ساقچى ئەترىتىگە باردىم، سىز پراۋىسىز ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە تۇغدۇرغاچقا  جەرىمانە قويغاندىن باشقا تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىش بار كەن، شۇڭا شۇ ئىشلار ئۈچۈن بۈگۈن بىر كۈن پالاقلاپتىمەن. 

    ئۇ چاغدا بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە بۇ ئىشلارنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن.  ئەمدى شۇ چاغنى ئويلىسام قورقۇپ قالدىم، ھېلىمۇ ياخشى ئىش مەن بىلەنلا تۈگەپتۇ، چوڭراق ۋەقە چىقىپ، بىرەسىنى سوقۇپ قويغان بولسام قانداق قىلار بولغىيتتىم. 

_ نىمىشقا مېنى دوختۇرخانىدىن ئەكىلىۋالدىڭىز؟ 

ئۇ مېنى ئاستا قۇچاقلىدى. 

_ سىز يېنىمدا بولسىڭىز مەنمۇ خاتىرجەم بولىدىكەنمەن. 

ئۇ مېنى قۇچاقلىغاندا قولىنىڭ داكىدا تېڭىپ قويۇلغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. 

_ قولىڭىز نىمە بولدى؟

_  ھېچنىمە. بىر يەرگە تىگىپ كەتتى، چوڭ  ئىش يوق، ئەنسىرىمەڭ.  نازىيە. 

_ھە. 

_  مەن سىزنى بەك ئېغىر بېسىق،  قورقۇنچاق دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئەڭ قىزىققان، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدىغىنى سىزكەنسىز، سىزنى سەل چاغلاپ قاپتىمەن جۇمۇ. 

ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم. 

_ ئۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن.

_ مەلىكەم، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاڭ. بۈگۈن موتوسىكىلىت بىلەن كەينىڭىزدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان چېغىمدا قانچىلىك  قورقۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيسىز.  ئۈمرۈمدە ئۇنداق قورقۇپ باقماپتىكەنمەن.  

_ ماڭا بىر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقتىڭىزما؟

_ ھەئە.  مېنىڭ سىز بىلەن ئۇزۇنراق بىللە ياشىغۇم بار.

    ئەجىبا ئۇ شېرزاتنىڭ گەپلىرىدىن ئازراقمۇ گۇمان قىلمىدىمىكىنە؟ يا مېنى يەنە ئەخمەقلىق قىلمىسۇن دەپ چاندۇرمايۋاتامدۇ؟ 

   ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆتكۈر كېلىپ ماڭا ئوكۇل ئۇرۇپ قويدى. ئۈمىدنىڭ قولى يارىلانغان بولغاچقا تاماقنىمۇ ئۆتكۈر ئەتتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلىكى ئارام ئېلىۋاتسام مىنەۋەر خانىم تېلېفون قىلىپ قاچان بارىدىغانلىقىمنى سورىدى.  مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يارىلانغىنىمنى ئېيتماي، بىر نەچچە كۈن ئالدىراش بولۇپ قالدىغىنىمنى، ئىشلىرىمنى تۈگىتىپلا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  مېھراي بىلەن فروزە مېنى يوقلاپ بىللە كەپتۇ. فروزە ماڭا  تۆنۈگۈن بىزگە تېلېفون قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە تۇرسا ئەپسىز بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.   

    مېھراي ئايقىزنى تۇتۇپ يېنىمدا خېلى تۇرۇپ ئاران دېگەندە ئېغىز ئاچتى. 

_ نازىيە ئاچا،  ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىشىڭىز شېرزات بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

_ ياقەي.  ئۆزۈم ھالىمغا باقماي ماشىنا ھەيدەيمەن دەپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. سىلەرنىڭ ئىشىڭلار قانداق بولدى؟ 

_ بۈگۈن ئەتىگەن خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ كەلدۇق. ئەمدى  ئۇنىڭ بالا ئىككىمىز بىلەن ئالاقىسى قالمىدى. 

_ خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇكام.  شېرزات سىلەرگە مەسئۇل بولمىسا مانا مەن بار، مەن سىلەرگە ئىگە بولىمەن_ دېدى فروزە مەيدىسىگە ئۇرۇپ. 

   مېھراي بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ئازابلىنىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى. 

_ ئۆزۈم يالغۇز بالىنى چوڭ قىلغۇچە جاپا تارتىشىم ئېنىق، لېكىن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئايقىزنى ساق سالامەت چوڭ قىلىۋالساملا بولدى. 

     ئاياللار قەيسەر بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئانلار ئاجايىپ قەيسەر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىۋاتاتتىم. ئۇلار يېنىمدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ كەتتى. 

   تولا ۋاقىتلاردا ئۈمىد ئىشقا كەتسە ئۆيدە يالغۇز قالاتتىم، شۇنداق ۋاقىتلاردا نىگارەگە تېلېفون قىلماقچى بولۇپ تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ توختاپ قالاتتىم، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ھازىر توي قىلىپ بولدى،  ھە دېسە ئۇنى يېنىمغا چاقىرىۋالساممۇ ياخشى بولمايدۇ.  

  بىر ھەپتىدىن كېيىن  خېلىلا ئەسلىمگە كېلىپ قالدىم. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k