大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 148 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 148  - قىسىم aybarawazi
2023-11-06
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 149-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

148-قىسىم  


  10-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەن تىببىي داشۆ بىلەن ئالاقىلىشىپ شىركىتىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ لىكسىيە ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇردۇم، جۇڭيى تىبابىتى ئارقىلىق كۈتۈنۈشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسىدە باشتىن ئاخىر قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلدىم.  تۇنجى قېتىملىق لىكسىيەگە ئۆزۈم ئۇلارنى باشلاپ باردىم. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشىمىز بىلەن بىر توپ ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش بىناسىغا باشلاپ كىردى. 

_ ئۆتكۈر مۇئەللىم كەلدى. 

تۇيۇقسىز بىر قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام بىر نەچچە قىز ھاياجانلانغان ھالدا بىر يۆنىلىشكە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇلا قاراۋاتقان يۆنىلىشكە قارىسام ئۆتكۈر بىر ھۆججەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۇچىسىغا ئاپئاق كۆينەك كىيگەن يېڭى جەينەككىچە تۈرۈلگەن، قولىغا بىر قاراشقىلا قىممەت پۇللۇقلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان سائەت تاقىۋالغان، قىرى چىقىرىلغان قارا كۆك ئىشتان كىيىۋالغان ھالەتتە چۈشۈۋاتاتتى. ئۇ مېنى بۇرۇنلا كۆرگەن بولسا كېرەك، ئۇدۇل مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى.

_ ئۆتكۈر مۇئەللىم، سىز بەك كېلىشكەن جۇمۇ! _ بىر قىزنىڭ قاراملىق بىلەن ئېيتقان بۇ سۆزى بىر مۇنچە قىزلارنىڭ چىرقىرىشىپ كۈلۈشىگە سەۋەب بولدى. ئۆتكۈر ئۇلارغا قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.

_ سىز قەيەرگە بارسىڭىز شۇ يەردىكى قىزلار ئەس ھۇشىنى يوقىتىدىكەن_ دېدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ. 

_ ھەئە، پەقەت سىزلا ئەس ھۇشىڭىزنى يوقاتمايسىز_ دېدى ئۇمۇ چاقچاققا چاقچاق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ.    

ئۆتكۈر مېنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى، ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى بىر قىز تازىلاۋاتقان ئىكەن. بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ قىز بېشىنى كۆتۈردى. 

_ ئۆتكۈر مۇئەللىم، ئۈستىلىڭىزنى سۈرتۈپ قويدۇم، ۋوي، نازىيە باش دېرىكتوركەنغۇ. 

_ ھە، دىلدار، بۇ سىزغۇ؟_ دېدىم مەن ھاياجىنىمنى باسالماي. بۇ قىز نىگارە بىلەن مىنى باغلاپ تۇرىدىغان بىردىنبىر يىپتەك ھېس قىلاتتىم، شۇڭا ئۇنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلاندىم. 

_ ھەئە _ ئۇ كۈلۈپ قويۇپ  قولىدىكى سۈرتكۈچنى داسقا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۆتكۈرنىڭ ئىشخانىسى ئاددى، ئەمما ئىنتايىن پاكىزە ئىدى. مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. 

_ ئىشخانىڭىزنى قىزلار بەس بەستە تازىلاپ كېتىدىغاندۇ ھەقىچان. 

ئۆتكۈر بىر ئىستاكانغا ئازراق چاي ئۇۋىقىنى سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ ئالدىمغا ئەكىلىپ قويدى. 

_ ياقەي. ھەر كۈنى مۇشۇ قىز تازىلاپ قويىدۇ. ئۆزى چاققان، پاكىزە قىزكەن بۇ دىلدار.   تۇنۇشامسىلەر؟ _ سورىدى ئۆتكۈر. 

_ ھەئە. ئۇ نىگارەنىڭ...._ ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالدىم_  نىگارەنىڭ تۇغقىنى.

_ ھە مۇنداق دەڭە.  

ئۇ كومپيۇتېرغا قاراپ كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت باسقاچ مەن بىلەن پاراڭلاشتى.  مەن قارىسام ئۇنىڭ ھازىرقى خىزمىتى دوختۇرخانىدىكى ۋاقتىغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى ئىكەن، ئاددى، پاكىزە، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار. ئۇنىڭ تۇرمۇشى بىر ئىزىغا چۈشۈپ بوپتۇ، ئەمدى كۆڭلىدىكى ئادىمىنى تېپىۋالسا ھەممە ئىشلىرى ياخشى بولۇپ كەتكۈدەك دەپ ئويلىدىم. فروزە بېيجىڭغا كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئالاقىلىشىپ باققانمىدۇ؟ سوراپ باقاي دەپ نەچچە تەمشىلىپ ئوڭايسىزلىنىپ قالمايلى دەپ سورىمىدىم. 

   

   بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق، تاماشا خەۋەرلىرىدە رازىيەنىڭ بىر پۇلدار بىلەن توي قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى ۋە بىر نەچچە پارچە سۈرەت كۆرسىتىلدى. ئۇ پۇلدار يىگىت قارىماققا يېشى كىچىكتەك كۆرۈنمەيتتى،  سەل سېمىزرەك، كۆزى كىچىك، تەقى تۇرقىدىن ئاددى ساددىلىق چىقىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رازىيەنىڭ ئاپئاق توي كۆڭلىكى كىيىپ ئۇنى قولتۇقلاپ ماڭغان ھالىتى ھەممىنىڭ  ھەۋىسىنى قوزغىغۇدەك ھالەتتە ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى شۇ بولسا كېرەك.  ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ بالىلارغا ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقىنى چىقىرىپ بېرىۋاتقان ئىكەن، ئىككى بالا دادىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەمدى بىرىنىڭ ئاغزىغا سالسا يەنە بىرى يىيىشكە ئالدىراپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى. رازىيە توغرىلىق بۇ خەۋەرنى ئۇ ئاڭلىدىمۇ يا ئاڭلىمىدىمۇ، ياكى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ تۇرىۋالدىمۇ، ئىشقىلىپ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. 

بالىلار ئۈزۈمنى يەپ بولۇپ ئۈستەلنى چۆرىدەپ بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئوينىدى، ئويناپ كېتىۋېتىپ، نەزەر تۇيۇقسىزلا چۈچۈك تىللىرى بىلەن «دادا، دادا» دېدى.  ھەر ئىككى بالا ئانچە مۇنچە ئاپا  دەپ قويغىنى بىلەن دادا دەپ باقمىغان بولغاچقا ئۈمىد بەكلا ھەيران قالدى ۋە خۇشال بولدى. 

_ جېنىم بالام، يەنە بىر دېگىنە،  نازىيە، نەزەر مېنى دادا دېدى _ ئۇ نەزەرنى يەردىن ئېلىپلا ئېگىز كۆتۈرۈپ نەچچىنى چۆرگىلىتىۋەتتى، بۇنى كۆرۈپ نەزىرەمۇ چىدىمىدى ۋە ئۇنىڭ ئىشتىنىنى  تارتىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۈمىد دەرھال ئولتۇرۇپ ئىككى بالىنى ئىككى پۇتىغا ئولتۇرغۇزدى. 

_ ئوغلۇم ئۇماق، قىزىممۇ ئۇماق_ ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى بالىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى. بىردەمدىن كېيىن بالا باققۇچىلار بالىلارنى ھويلىغا ئويناتقىلى ئەچىقىپ كەتتى، ئۇ مېنىڭ جىمىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ كېلىپلا مۈرەمدىن قۇچاقلىدى.

_ نىمە، مېنى بالىلاردىن قىزغىنىپ قالدىڭىزما؟ 

_ نىمە دەيدىغانسىز؟ _ دەپ كۈلدۈم مەن. 

_ مەلىكەم، كېلەر يىللىققا بالىلارمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالىدىكەن، ئائىلە بويىچە ساياھەتكە بېرىپ كېلەيلى ھە. 

ئۇنىڭ ئائىلە بويىچە دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى.

كەچكۈز، ھاۋا بەك سوۋۇپمۇ كەتمىگەن، ھويلىدا ئولتۇرساق ئاپتاپنىڭ تەپتى خېلى ئوبدانلا تېگىدۇ، يېقىنادىن بۇيان ھويلىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق، ئۈمىد گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتسا ئىككى بالا ئۇنىڭ پۇتىغا قولىنى قويۇپ قاراپ تۇرىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق ئولتۇردۇق. 

_ ئىككى يولۋاس، ئىككى يولۋاس، يۈگۈرەك، يۈگۈرەك..._ بالىلار دادىسىنىڭ ناخشىسىغا مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى.  مەن كىتابتىن مۇزىكا بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدۇ دەپ ئوقۇغان ئىدىم، بۇنى ئۈمىدكە دەپ بەرسەم، ئۇ :

_ مېنىڭ بالام تۇغما ئەقىللىق، ئۇلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى ئېچىش كەتمەيدۇ.  بالىلار خۇشال _ خورام ئوينىسىلا بولدى_ دېدى. 

_ ھە، سىز ھەممىنى بىلىسىز! _ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ ئۇنداق دەپ قويغىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشۇمدىن شادلىنىۋاتاتتىم. بۇ چاغدا ئېچىقلىق تۇرغان دەرۋازا ئالدىدا بىرەيلەن پەيدا بولدى. 

_ ھامما! _ دېدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ. ھاممام قاپىقىنى تۈرگەن پېتى كېلىپلا مېنى سوراققا تارتىپ كەتتى. 

_ نازىيە، قېنى دەڭە، ئەينى ۋاقىتتا ئاكام ئۇچرىغان ماشىنا ھادىسىسىنىڭ ئىشى قانداق ئىش؟  ئۇنىڭ دادىسى قەستلىگەن، شۇنداقمۇ؟ 

قېيناتام تۈرمىگە كىرگىلى بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى، ئۈمىد ئىككىمىز ئاستا-ئاستا ئۇ ئازابلىق ھېسسىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتاتتۇق، ئەمدى يارىمىزنى تاتىلاپ بۇ ھاممام قەيەردىن پەيدا بولدى؟

   ئۈمىد گىتارنى قويۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ بايىقى گىتار چېلىۋاتقاندىكى كەيپىياتى پۈتۈنلەي يوقىغان ئىدى. 

_ ھامما، بۇ گەپنى سوراپ كەلگەن ئىكەنسىز، دېمەك بۇ ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى، ئاخىرقى نەتىجىسىنى ھەممىنى بىلىپ بوپسىز،  شۇنداق تۇرۇپ ئۇ ئىشنى يەنە چۇۋۇپ نىمە قىلىسىز؟  بولدى، بۇ ئىش ئاللىبۇرۇن تۈگەپ بولغان، ئەمدى تىلغا ئالماڭ.

ھاممام يالغۇز كەلمەپتۇ، ئۇنىڭ كەينىدە يەنە نەۋرە ئاكاممۇ بار ئىكەن، ئۇ ئاستا كېلىپ دەرۋازا تۈۋىدە تۇردى. 

_ نازىيە،  ئاپام دېگەن دادىڭىزنىڭ بىر قۇرساق سىڭلىسى،  دادىڭىزنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تاساددىپىي ھادىسە ئەمەس، باشقىلارنىڭ قەستلىشى بىلەن بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ؟ سىزنىڭ دادىڭىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ بالىسى بىلەن ئۆي تۇتىۋاتقىنىڭىزغا ئەقلىم ھەيران_ دېدى نەۋرە ئاكام. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھاممام ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. 

_ ۋاي بىچارە ئاكام، بىچارە يەڭگەم،  ئەجەبمۇ بىچارە ھالدا كېتىپسىلەر ئەمەسمۇ. ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز؟ بۇ تەڭسىزلىككە قانداق چىدايمىز؟ _ ھاممامنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى نەشتەر بولۇپ يۈرىكىمگە سانچىلىۋاتىدۇ، ئېنىقكى ھازىر ئۈمىدمۇ ماڭا ئوخشاش ھېسسىياتتا. 

_ بولدى قىلىڭلار، نىمە قىلغىنىڭلار بۇ؟ _ دەپ ۋارقىرىدىم، ھاممام شۇ ھامان يىغىسىنى توختىتىپ، مىڭ بىر تەستە سىقىپ چىقارغان ئىككى تامچە يېشىنى يېڭى بىلەن سۈرتىۋېتىپ ماڭا قارىدى.

_ ھامما، ئەينى يىلى دادام ھادىسىگە ئۇچرىغاندىمۇ بۇنچىلىك قىلمىغانتىڭىز، ئەمدى كېلىپ كىمگە ئويۇن قويۇپ بەرمەكچى؟

   مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە قۇلىقى يۇمشاق، رايىش قىز ئىدىم، بۇنداق دىيىشىمنى ھامماممۇ ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، ئۇ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن يەنە باشلىدى. 

_ نازىيە، بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز بىر دادىنىڭ، بىر ئانىنىڭ بالىلىرى، ئاكامغا ئەلۋەتتە مېھرىم بار بولىدۇ دە.  ئەينى يىلى ئاكامنى ماشىنا ۋەقەسى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەپلا چۈشىنەتتىم، مانا ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدىم، بىلىپ تۇرۇپ يەنە جىم تۇرسام قاملاشماس؟ سىز بۇ قاتىلنىڭ بالىسى بىلەن قانداق ئۆتىۋاتىسىز؟ ۋىجدانىڭىز قانداق چىداۋاتىدۇ؟ 

ھاممام بىر گەپتە بىر قاتىلنىڭ بالىسى دەپ ئۈمىد ئىككىمىزنى تېخىمۇ ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. 

_ سىلەرگە قانچە پۇل كېرەك؟_ دېدى ئۈمىد ئاخىرى چىداپ بولالماي. 

ھاممام بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغىسىنى توختاتتى، ھاممام بىلەن نەۋرە ئاكامنىڭ چىرايىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن ھاممام ئەقىللىق ئايال، ئۇ ئۆزىنىڭ پۇلنى دەپ كەلگەنلىكىنى بۇنداق ئاسان چاندۇرۇپ قويمايدۇ-دە. 

_ بۇ نېمە دېگىنىڭىز ھە؟ پۇل بىلەن ئاكامنى تىرىلدۈرىۋالغىلى بولامتى؟  پۇل بىلەن بىزنىڭ ئاغزىمىزنى ئېتىمەن دەۋاتامسىز؟

_ 50 مىڭ يۈەن.  يىتەمدۇ؟_ دېدى ئۈمىد كېسىپلا.  ھاممامنىڭ چىرايىدا غىل پال خۇشاللىق ئەكىس ئەتتى. ئەمما ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. 

_ دادىڭىز ئەينى يىلى ئاكامنى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋېتىپتىكەن، ئەمدىلىكتە سىز نازىيە بىلەن توي قىلدىڭىز، ئۇ سىزگە ئىككى بالا تۇغۇپ بەردى_ ئاندىن ئۇ ماڭا قارىدى _  نازىيە، ھازىر كەسىپتە ئۇتۇق قازاندىڭىز، پۇلىڭىز بار بولدى، ئەمما ئادەم دېگەن ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ جۇمۇ. دادىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە. 

_ 100 مىڭ! _ دېدى ئۈمىد ئاۋازىنى كۆتۈرۈپرەك. 

ھاممامنىڭ كۆزى يوغىناپ كەتتى، ئۇ كۆزىنى بىر ئايلاندۇرۇپ نەۋرە ئاكام بىلەن بىر بىرىگە قاراشتى، 100 مىڭ يۈەن ئۇلارغا نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەستە. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پۇلنى كۆزلەپ كەلگىنىنى مەنمۇ ئوبدان بىلىمەن، ئەمما ئائىلىمىز ئېغىر كۈندە قالغاندا ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىسام ئۇلارغا بىر تىيىنمۇ بەرگىم يوق. 

_ سىلەرنى نازىيەنىڭ تۇققانلىرى دەپ نازىيەنىڭ يۈزىنى قىلىپ 100 مىڭ يۈەن بېرەي دەۋاتىمەن.  ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مۇتەھەملىك قىلىپ تۇرىۋالىدىغان بولساڭلار بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن. 

ھاممام ئەلۋەتتە پايدا_ زىياننى  بەك ھېسابلايدىغان ئايال. ئاخىرى تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتتى. 

_ مېنى نىمانداق ھازازۇللۇق قىلىدىغاندۇ دەپ قالماڭلار، بۇ ئىش كىمنىڭ بېشىغا كەلسە  ماڭا ئوخشاش ئازابلىنىدۇ، قېرىندىشىم ئەمەسمۇ، يۈرىكىم ئاغرىدى.  ھازىر ئاراڭلاردا ئىككى بالا بار،  بالىلارمۇ چوپچوڭلا بوپ قاپتۇ، مەن نىمىمۇ دەي ئەمدى.  بالىلارغا ئۇۋال قىلساق بولمايدۇ دە، بوپتۇ، مەنمۇ بولدى قىلاي، لېكىن نازىيەگە چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇ كىچىكىدىن بەك جاپا تارتقان، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ ھە. 

 ھاممامنىڭ بۇنداق يالغان ياۋىداق گەپلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى، دەرھال ئۆيگە كىرىپ چەك ئېلىپ چىقىپ 100 مىڭ يۈەنلىك چەكتىن بىرنى يېزىپ بەردىم. 

_ ھامما، مۇشۇ 100 مىڭ يۈەن بىلەن ئارىمىزدىكى تۇققاندارچىلىقمۇ تۈگىدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەندەك تۇققىنىڭىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ئەمدى يەنە مۇشۇنداق يولسىزلىق قىلىدىغان بولساڭلار مەنمۇ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايمەن. 

ھاممام مېنىڭ كەسكىنلىك بىلەن ئېيتقان گېپىمنى ئاڭلاپ، چەككە سۇنۇپ بولغان قولى توختاپ قالدى، مەن قولۇمنى تارتقان ئىدىم، ھاممام چەكنى قولۇمدىن تارتىپ دېگۈدەك ئېلىۋالدى ۋە نەۋرە ئاكام ئىككىسى ئالدىراپ-تىنەپ كېتىپ قالدى. ئەسلىدە بىر ئوبدان تۇرغان كەيپىياتىمىزغا سوغۇق سۇ چاچقاندەك بولدۇق. 

_ كىرىپ كېتەيلى!_ دېدىم مەن ئۇنىڭ يېڭىدىن تارتىپ. 

_ مەن يەنە بىردەم ئولتۇراي، سىز كىرىپ ئارام ئېلىڭ_ دېدى ئۇ. مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا كىرىپ ئۈمىدنىڭ چاپىنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەچىقىپ بەرمەكچى بولدۇم، چاپىنىنى ئېلىشىمغا قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلدى، قىزىقىپ يانچۇقىغا قارىسام بىر  زىبۇ زىننەت قۇتىسى بار ئىكەن، ئىچىدە بىر تال چىرايلىق ئالتۇن ئۈزۈك تۇراتتى. ئۇ ئوغرىلىقچە ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋېلىپ نىمە قىلىدىغاندۇ؟  يا ھېچقايسىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس، يا بايرام، ياكى بىرەر خاتىرە كۈن بولمىسا، نىمە قىلىدىكىنە؟ گاڭگىرىغان ھالدا ئۈزۈكنى جايىغا سېلىپ چاپاننى ئەچىقىپ ئۇنىڭغا يېىنچاقلاپ قويدۇم ۋە يەنە يېنىدا ئولتۇردۇم.  بالىلارنى چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئەكىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۈمىد يەنە گىتارنى قولىغا ئالدى. 

_ ئېلىپ كەلدى ھىدىڭنى شامال، يەنە سېنى ئېسىمگە سېلىپ. ئايمۇ خىجىل گويا مەندەكلا، تۇرار مەيۈس بوينىنى قىسىپ. 

بۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشا. ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ، ماڭا قارىدى. 

_ مەلىكەم، مەن بىر ئىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقىلى خېلى بولدى. 

_ قايسى ئىشنى؟

_ مەن سىزگە ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمىغا قەرز_ ئۇ شۇنداق دېدى يۇ، ئەمما يانچۇقىدىكى ئۈزۈكنى چىقارمىدى، ئۇ ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتامدۇ ياكى قىلىدىغان باشقا تەييارلىقى بارمۇ بىلمىدىم. 

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ياردەمچىم ماڭا ئىككى خېرىدارنىڭ گەپ تالىشىپ قىزىرىشىپ قالغانلىقىنى، ئارىدىكى بىرىنىڭ چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ تۇرىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.  مەن ياردەمچى بىلەن بىللە باش شىركەتتىن دۇكانغا باردىم. دۇكانغا كىرىپلا مەن بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ تۇرىۋالغان خېرىدارنىڭ رازىيە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ھازىر پۇلدار باينىڭ ئايالى، دېمەك نەزىرىمۇ بۇرۇنقىدىن ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ _ دە. ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ دىمىقىنى قېقىپ قويدى. 

_ نازىيە باش دېرىكتور، دۇكىىڭلاردا بۇنچىۋالا ئادەم كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن، ئاسراش قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىپ قويىدىغان گەپكەن تېخى ھە._ دېدى ئۇ. 

_ ئەلۋەتتە ئالدىن كېلىشىپ قويىسىز ، بۇ ئاساسلىقى خېرىدارلارنىڭ ۋاقتىنى تىجەش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇل. ئالدىن كېلىشىپ قويۇپ كەلسە خېرىدارلارمۇ ئۆچىرەت ساقلاپ قالمايدۇ، ھەممە ئىشلار تەرتىپلىك ماڭىدۇ ئەمەسمۇ.

رازىيە ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىغا بىر تال كارتىنى قىستۇرۇپ ماڭا كۆرسەتتى. 

_ مەن تېخى بايىلا بۇ يەردە يىللىق ئالماس كارتا بىجىرگەن،  ئەمما ھۈنىرىڭلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، شۇڭا بىر قېتىم سىناپ باقاي دېگەنتىم، لېكىن ئۇلار ئالدىن كېلىشىپ قويۇپ كېلىسىز دەپ تۇرىۋالدى، ئەجىبا سىناپ بېقىشقىمۇ ئالدىن كېلىشىپ قويۇشۇم كېرەكما؟   

ئۇنىڭ يولسىزلىقى ئۆزگەرمەپتۇ. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k