大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 95 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 95 - قىسىم aybarawazi
2023-09-13
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 96 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

95-قىسىم  


  تاكسى بىلەن ئۇدۇل ئۈمىدنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە باردۇق.   دەرۋازا يېپىقلىق ئىدى،  دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە بىر كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانىنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ تۇيغۇن بولىدىكەن،  مېھراي تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. 

_ ئايقىز، ئايقىز يىغلاۋاتىدۇ، ئايقىز ئىچىدە بار ئىكەن. 

_ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ھاۋا سوغۇق، پۇتىڭىز ئاغرىپ قالىدۇ_ دېدىم مەن مېھراينى يۆلەپ. مېھراي ئورنىدىن تۇرۇپلا دەرۋازىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. 

_  ئاكا، ئاچا،  ئىشىكنى ئېچىڭلار،  قىزىم يىغلاپ كېتىۋاتىدۇ، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئىشىكنى ئېچىپ بېرىڭلار. 

مېھراي شۇنچە يىغلاپ يالۋۇرغان بولسىمۇ ئىچىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. ئەگەر بۇ ئائىلىدە ئازراق ئېتىبارغا ئېلىنغان بولسام ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇلارغا گەپ قىلىپ باقار ئىدىم، لېكىن ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم ماڭا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ، ئەگەر مەن مېھرايغا بولۇشۇپ گەپ قىلىدىغان بولسام ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى ئېنىق. 

    ئۈمىد يەنە تېلېفون قىلدى، ئۇ مېھراينىڭ ئۆيى تەرەپكە بېرىپ بىزنى تاپالماي تېلېفون قىلغان ئىكەن، قەيەردىلىكىمىزنى دەيمۇ دېمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم. ئەگەر ئۇ ئايقىزنى بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئېلىپ كەتكىنىنى بىلسە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قېلىشى مۇمكىن، مەن ئاتا بالا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتىشىنى خالىمايمەن. 

_ داداملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا، شۇنداقمۇ؟ 

   گەپ قىلماي جىم تۇرسام ئۈمىد جىددىيلىشىپ سورىدى. ئۇ تېلېفوندا مېھراينىڭ يىغلاپ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك. 

_ ھەئە، بىز مۇشۇ يەردە. 

   گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. تېلېفوننى قويۇپ ئون  مىنۇتقا قالمايلا كېلىپ بولدى. ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان ئۈمىدنى كۆرۈپ كاللام قاپاق بولۇپ كەتتى. مېھراي شېرزاتنىڭ ئايالى، ئايقىز شېرزاتنىڭ قىزى، ئۈمىدنىڭ بۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى دېگەندەك ياخشى ئەمەس.  ھازىر ئۇ مېھرايغا بولۇشسىمۇ، بۇ ئۆيدىكىلەرگە بولۇشسىمۇ بولمايتتى. ئۇ ئەمدى قانداق قىلار؟  شېرزات تۈرمىدە ۋاقتىدا ئۇ شېرزاتنىڭ ئاكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېھراي بىلەن بالىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە قارىدى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئەمدىلىكتە بالىنى شېرزات ئېلىپ كەتكەن بولسا ئەلۋەتتە ئۈمىدنىڭ ئارىلىشىش يولى يوقتە. 

_  ئاكا، ئاچا، بالىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، سىلەردىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا بالامنى بەرسەڭلارلا بولدى. 

تولا يىغلاپ مېھراينىڭ ئاۋازى پۈتۈپ كەتتى، چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يۈزىگە چاپلىشىپ ئاجايىپ بىچارە بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۆينىڭ ئىچىدە كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن سىرتتا مېھراي يىغلاپ ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن، ئىچىدە ئايقىز قىقىراپ يىغلاپ تۇرغان ھالەتتە ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغىنىدىن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ بەك تاش يۈرەك ئادەملەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 

   ئۈمىد يېنىمىزغا كېلىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن مېھرايغا گەپ قىلدى. 

_ مېھراي، ئۇكام، سىزگە پەقەت بالا بولسىلا بولدى، شېرزاتتىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايسىز، شۇنداقمۇ؟

مېھراي ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدكە قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ قاپىقى ئىششىپ كەتكەن ئىدى. 

_ ھەئە، ئۈمىد ئاكا، ماڭا بالا بولسىلا بولدى، بالامدىن ئايرىلسام مەن ياشىيالمايمەن. بالىنى ماڭا بەرسە، شېرزات بىلەن ئۆي تۇتىمەن، بالا بىلەن ئىككىمىزگە ئىگە بولسۇن دېمەيمەن.  ئەتىلا خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ شېرزات بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن.

   مېھراينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىسا ئۆزىنى ئادەم چاغلايدىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ يۈرىكى ئېچىشماي قالمايدۇ.  ئۈمىد بېشىنى لىڭشىتىپ تېلېفونىنى چىقىرىپ نۇمۇر باستى. ئۇنىڭ تېلېفونى ئۇلانغاندىن كېيىن دېگەن گېپىدىن ھاڭ تاڭ قالدىم.

_ ۋەي، ساقچى ئىدارىسىما؟ 

   ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىدى.  شەھىرىمىزنىڭ ساقچىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى، ئۈمىد تېلېفوننى قويۇپ بەش مىنۇتقا قالمايلا ئىككى ساقچى ماشىنىسى ئۇچقاندەك كېلىپ بىزنىڭ يېنىمىزدىن سەل ئۆتۈپ توختىدى. ئۈمىد ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 

_  بالىنى بۇلاپ كەتتى دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان سىزمۇ؟_ دەپ سورىدى ساقچى. 

ئۈمىد بېشىنى لىڭشىتىپ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان مېھراينى كۆرسەتتى. 

_ ئۇ يوقاپ كەتكەن بالىنىڭ ئاپىسى. 

مېھراي ساقچىلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تۆكۈلۈپلا كەتتى. 

_ مېنىڭ بالام مۇشۇ ئۆيدە، ئاڭلاڭە، بالام يىغلاۋاتىدۇ.  بالام باشقىلارنى بەك يات كۆرەتتى،  مەندىن باشقا ئادەم تۇتسىمۇ يىغلايدىغان بالىتى.  سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ساقچى، بالامنى ئېپ چىقىپ بەرگەن بولساڭلار، ئۇنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ كەتتى. 

_ خاتىرجەم بولۇڭلار، ئىش راستلا سىلەر دېگەندەك بولسا بۇنىڭغا ئەلۋەتتە بىز ياردەم قىلىمىز. 

مەن بېرىپ مېھرايغا تەسەللى بەردىم. 

_ مېھراي، بولدى يىغلىماڭ، ساقچىلار كەلگەندىكىن  چوقۇم ياردەم قىلىپ ئايقىزنى ئەچىقىپ بېرىدۇ. 

   ساقچى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەرۋازىنى ئۇردى ۋە كانايدا گەپ قىلدى.  بىردەمدىن كېيىن تۆمۈر دەرۋازا ئىچىدىن ئېچىلدى. ئىشىكنى ئاچقىنى ئايگۈل ھەدەم ئىدى،  قارىسام شېرزاتمۇ مېھمانخانا ئۆينىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدە تۇرۇپتۇ. ئايگۈل ھەدەم ساقچى بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى.  ئۇ ساقچىغا ئايقىزنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى،  نەۋرىسىنى كۆرگۈسى كېلىپ ئۆيىگە ئەكەلگەنلىكىنى، ئۆيدە بالىنىڭ دادىسىمۇ بارلىقىنى ئېيتتى. 

_ توي خېتى بارمۇ؟_ دەپ سورىدى ساقچى مېھرايدىن. 

_ توي خېتى بار.  لېكىن ئۇلار بالىنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقمىغان، بالىنىڭ دادىسىمۇ يېڭىدىن تۈرمىدىن چىقتى، بالىنى بىرەر قېتىم قۇچىقىغا ئېلىپمۇ باقمىغان. ئاخشام مەن ئۇخلاپ قالغاندا ئۆيۈمدىن بالامنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بالىنى تۇغۇلغاندىن باشلاپ مەن ئۆزۈم يالغۇز باققان،  ئۇلار ھەتتا بالىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ، ساقچى. 

_ ئۇنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ؟_ ئايگۈل ھەدەمدىن سورىدى ساقچى.  ئايگۈل ھەدەم گەپ قىلالمىدى، دېمىسىمۇ مېھراينىڭ دېگەنلىرى راست تۇرسا، ئۇ نىمىمۇ دىيەلەيتتى.

_  بالىنىڭ دادىسى راستلا مۇشۇ ئۆيدە بارمۇ؟_ يەنە سورىدى ساقچى مېھرايدىن.  مېھراي ساقچىغا جاۋاب بەرمەي ئايگۈل ھەدەمنىڭ قولىغا ئېسىلدى. 

_ جېنىم ئاچا،  بالامنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ. مەن سىلەردىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايمەن. ئەتىلا بېرىپ شېرزات بىلەن ئاجرىشىمەن،  سىلەرنى بالامغا ئىگە بولسۇن دېمەيمەن. 

_ بۇ گېپىڭىز راستمۇ؟ ئەگەر ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بالىنىڭ شېرزات بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمايدۇ، ئېسىلىۋالمايمەن دەپ تىلخەت يېزىپ بەرسىڭىز  ئاندىن بالىنى ئەچىقىپ بېرىمەن. 

  ساقچىمۇ ئۇلارنىڭ گېپىدىن بۇنىڭ ئائىلە ماجراسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك ، ئارتۇق گەپ قىلماي قاراپلا تۇردى. 

_ بولىدۇ، نىمە دېسىڭىز شۇنى يېزىپ بېرەي.  ماڭا بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇ مېنىڭ ھاياتىم. 

_ ئەمىسە ئۆزىڭىز دېدىڭىز ھە.   شېرزات،  ئۈنگە ئېلىۋالدىڭمۇ؟ 

_ ھەممىنى ئېلىۋالدىم. _ شېرزاتنىڭ ئەمدى ئاۋازى چىقتى. ئەسلى ئۇلار باياتىن بېرى مېھراي بىلەن دىيىشكەن گەپلەرنى پاكىت سۈپىتىدە ئۈنگە ئېلىۋالغان ئىكەن ئەمەسمۇ. 

    ئايگۈل ھەدەم كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆيگە كىرىپ كېتىپ، بىر چاغدا يۆگەككە يۆگەلگەن،  يىغلاپ ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن ئايقىزنى كۆتۈرۈپ چىقتى. مېھراي ئېتىلىپ ئالدىغا بېرىپ ئايقىزنى ئالدى. ئايقىز ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا چىققاندىن كېيىن يىغىسى سەل پەسلىدى، لېكىن يىغلىغىلى خېلى بولغاچقىمىكىن، يەنىلا ئۆكسۈپ تۇراتتى. 

_ ئەمىسە ئەتە ئەتىگەن خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپ ئاجرىشىش ئىشىنى بىجىىرىۋېتىڭلار، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىڭلارنىڭمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭلار قالمايدۇ ھە. 

مېھراي بالىنى ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا شېرزاتقا قارىدى، شېرزات مېھرايدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ تىك قارىيالمىدى. ئۇ ھەرقانچە باغرى تاش ئادەم بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئۇنچىۋالا رەھىمسىزلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. 

    ساقچى ماشىنىسى كەتكەندىن كېيىن  شېرزات يوغان يوغان چامداپ بېرىپ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا توختىتىپ قويۇلغان موتوسىكىلىتنىڭ ئۈستىگە چىقتى. 

_ جېنىم بالام، بۇ سوغۇقتا موتوسىكىلىت بىلەن قەيەرگە بارىسەن؟ بولدى، بىر يەرگە چىقما، ساڭا ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرەي بالام. 

     شېرزات ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك موتوسىكىلىتىنى غۇيۇلدىتىپ ھەيدەپ كېتىپ قالدى.  ئايگۈل ھەدەم شېرزاتنىڭ كەينىدىن قاراپ بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قارىدى ۋە چىرايى دەرھال ئۆزگەردى.  راستىمنى ئېيتسام بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق تۇرغۇم يوق. ئاستا ئۈمىدنىڭ يېنىغا باردىم. 

_ ئۆيىمىزگە كېتەيلى. 

مېھراي خېلى بۇرۇنلا ئايقىزنى ئېلىپ تاكسى بىلەن كېتىپ قالغاچقا ئۈمىد ئىككىمىز ماشىنا بىلەن ئۇدۇل داچىغا ماڭدۇق. ئۈمىد ماشىنىنى بەك تېز دەيدەۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالەتتە ئالدىغا قاراپ بىر نەرسىنى خىيال قىلىپ مېڭىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن موتوسىكىلىتنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىۋاتقان شېرزات كۆرۈندى، ئۇ كەينىگە قاراپ بىزنىڭ كېلىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ سۈرئەتنى تېخىمۇ تېزلەتتى.  ئۈمىدمۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، ماينى بولۇشىغا دەسسىدى. شېرزات بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بىردەم ئارىلىقىمىز يېقىنلا بولۇپ قالاتتى، بىردەمدە يەنە يىراقلاپ كىتەتتى. مەن قورقۇشقا باشلىدىم. 

_ ئۈمىد، ئاستىراق. 

_ چىڭ ئولتۇرۇڭ. 

   ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ سۈرئەتنى ئاستىلاتماقتا يوق تېخىمۇ تېزلەتتى. شۇنداق مېڭىپ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتۇق.  سۈرئەتنىڭ تېزلىكىدىن مەن قورقۇپ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا چىڭ چاپلىشىپلا قالغان ئىدىم.  شېرزاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمىد رولنى ئوڭغا بىر ئۇرۇپلا ماشىنىنى شۇنچىلىك جىددى تورمۇز قىلدى. ھېلىمۇ ياخشى بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىۋاپتىكەنمەن، بولمىغان بولسا ماشىنىنىڭ بىرەر يېرىگە ئۈسەر بولغىيتتىممىكىن.  بېشىمنى بۇراپ قارىسام شېرزات بىزگە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋېتىپتۇ.  يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. بىزگە يېقىنلاپ كەلگەندە ئۇمۇ موتوسىكىلىتنى جىددى تورمۇز قىلدى. ئېسىمنى يىغىپ قارىغان ۋاقتىمدا ئۈمىد ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغان ئىدى. ئۈمىد شېرزاتنى موتوسىكىلىتتىن تارتىپ چۈشۈرۈپ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردى. مەن ماشىنىنىڭ ئىچىدە جىددىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالدىم، ماشىنىدىن چۈشەي دېسەم شېرزات موتوسىكىلىتنى دەل مەن ئولتۇرغان تەرەپتىكى ئىشىكنى توسۇپلا توختاتقان ئىدى.  ئىككىيلەن بىردەمدىلا مۇشتلىشىپ، پومىداقلىشىپ كەتتى. مەن ماشىنىنىڭ ئىچىدىلا يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈپ ماشىنىدىن چۈشتۈم. ئۇلارغا ئۇرۇشماڭلار دەپ گەپ قىلدىم، لېكىن ئۇلار ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.  يەرگە ئېڭىشىپ قاردىن قار پومزىكى ياساپ شېرزاتقا ئېتىشقا باشلىدىم.  شېرزات مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك،   بىر قولى بىلەن مەن ئاتقان قار پومزىكىنى توسۇۋاتقان پۇرسەتتە ئۈمىد ئۇنى بىر نەچچىنى ئارتۇق ئۇرىۋالدى. شېرزاتنىڭ مېھراي بىلەن بالىغا قىلغان مەسئىليەتسىزلىكى ئېسىمگە كېلىپ ئاچچىقىم بىلەن ئۇنىڭغا توختىماي قار پومزىكى ئېتىۋەردىم. 

_ ئەر كىشى بولغاندىكىن، قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولمامسەن؟ بالا تاپىدىغاننى تېپىپ قويۇپ ئىگە بولماي، سەنمۇ ئەر كىشى بولدۇڭمۇ؟ 

    مېنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ قار پومزىكى ئېتىشىم بىلەن ئۇلار ئۇرۇشۇشتىن توختاپ قالدى. ئۈمىد مېنىڭ بۇنچىلىك ئاچچىقلانغان ھالىتىمنى كۆرۈپ باقمىغان بولسا كېرەك،  ھەيرانلىقتا ماڭا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى.  مەن ئاتقان قار پومزىكى شېرزاتنىڭ يۈزىگە تەگكەندىن كېيىن شېرزات كۈلۈپ كەتتى. 

_  يەڭگەمنىڭ تەلىم بەرگىنىگە رەھمەت. تەلىمىڭىزنى چوقۇم ئېسىمدە ساقلايمەن، يەڭگە. لېكىن مېنىلا دېمەي ئۆزىڭىزنىڭ سەتچىلىكىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ، ئاكامغا يۈز كېلەلمىگۈدەك بىرەر ئىش قىلدىڭىزمۇ يوق، ئوبدانراق ئويلاپ قويارسىز ھە؟

_ نىمە دەۋاتىسەن؟ ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە ھە. مەن قاچان ئاكاڭغا يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش قىلىپتىمەن؟ 

_ ئاغزىمغا بېقىپ سۆزلەۋاتىمەن.  ھەسەن ئاكام دەپ بەردى، ھېلىقى كۈنى كەچتە تاغدا سىز ئۇنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالغىلى تاس قاپسىزغۇ، ئۇ سىزنى ئىتتىرىپ تۇرمىغان بولسا شۇ كۈنى نىمە ئىشلار يۈز بېرەر ئىدىكىنتاڭ. ھېلىقى كارىۋاتمۇ بىكاردىن بىكار چۇۋۇلۇپ كەتمىگەندۇ؟

    دۇنيادا ئۇۋالچىلىق دېگەن بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى شۇ چاغدا ھېس قىلدىم، ئۆزۈمنى قانداق ئاقلاشنى بىلەلمىدىم.  چۈنكى كارىۋاتنىڭ سۇنغىنى راست، ئۇنىڭدىن تىنىۋالالمايمەن. يەنە كېلىپ ئۇ كۈنى كېچىدە ئۇ يەردە ھەسەن بىلەن ئىككىمىزلا بار، دېمەك ئۇ نىمىلا دېسە يالغان ئېيتسىمۇ گۇۋاھ بولىدىغان ئادەم يوق. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. يەرگە ئېڭىشىپ قارنى ئۇچۇملاپ ئېلىپلا شېرزاتقا ئېتىشقا باشلىدىم. 

_ نىمە، خىجىللىقىڭىزنى مۇشۇنداق ئىپادىلەۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ خىجىل بولماڭ، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ يالغاندىن خىجىل بولغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ ھېلىمۇ ھەسەن ئاكام سىزنى قۇتقۇزىمەن دەپ تاس قاپتۇ مىيىپ بولۇپ قالغىلى. 

    تىلنىڭ سۆڭىكى يوق دېگەن شۇ بولسا كېرەك، ھازىر شېرزاتنىڭ ئاغزىدن چىقىۋاتقان گەپلەر مىنى تامامەن قاپقارا قىلىۋېتەلەيتتى. ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىنلا ئالدىم. 

_ سەن ئادەممۇ نىمە؟ پاكلىق دېگەننىڭ بىر ئايالغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلەمسەن؟  نىمىشقا يالغاننى ئويدۇرۇپ قاراپ تۇرۇپ ماڭا قارا چاپلايسەن؟ 

_ بىر قېتىم ئاجراشقان ئايال تۇرۇپ پاك دەپ كەتكىنىنى  تېخى. تولا كۈلگۈمنى كەلتۈرمەڭە. 

   ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدىم. ئۈمىد كېلىپ مېنى تارتتى. ئۇ تارتقانسېرى مەن يۇلقۇناتتىم. گەرچە شېرزاتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان بولسىمۇ ئەمما بايا دېگەندەك مېنى تامامەن قاپقارا قىلىۋېتەلەيتتى. ئۇ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي  ھەسەن ئاكام ئۇنى دېگەن، ھەسەن ئاكام بۇنى دېگەن دەۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ھەسەن نىمىشقا ماڭا تۆھمەت قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ مەقسىتى زادى نىمە؟ 

 مەن شېرزاتنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۈمىدنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ يۈگۈرگەن پىتى بېرىپ ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا چىقتىم. 

_ نازىيە_ ئۈمىدنىڭ جىددىيلىشىپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. لېكىن ھازىر مېنىڭ كاللامدا ماشىنىنى ھەيدەپ بۇ يەردىن كېتىشلا بار ئىدى، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپلا ھەيدەپ ماڭدىم.  كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قارىسام ئۈمىد ئازراق يۈگۈرۈپ باقتى، لېكىن مەن ماينى بولۇشىغا دەسسەپ ماڭغاچقا بىردەمدىلا ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتتىم. ئاچچىقتىن ھاسىراپ كەتكەن ئىدىم.  شوپۇرلۇق مەكتەپتە ماشىنا ھەيدەپ باققىنىم بىلەن ئىنتايىن تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدەپ باققان، چوڭ يولدا، مۇنداق تېز سۈرئەتتە ھەيدىشىم تۇنجى قېتىملىقى، ئەمما ھازىر مەندە قورقۇش دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.  تېلېفونۇم سايراۋەردى، قاراپمۇ قويمىدىم. بىر چاغدا موتوسىكىلىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.  كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قارىسام ئۈمىد شېرزاتنىڭ موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ ماڭا يىتىشۋالايلا دەپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا يېتىشىۋېلىشىنى خالىمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن ماي كىلاپانىنى تېخىمۇ كۈچەپ دەسسىدىم. 

_ نازىيە، ماشىنىنى توختىتىڭ. 

ئۇنىڭ ئاۋازىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك قىلدىم. لېكىن ھازىر كاللامدا ماشىنىنى ئالدىغا قاراپ ھەيدەشتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. شېرزاتنىڭ گەپلىرى نېرۋامنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى،  شېرزاتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ  ئۈمىدكە يۈز كېلەلمىگۈدەك ھېچقانداق ئىش  قىلمىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بەرمەي تۇرۇپ ئۈمىدنىڭ چىرايىغا قارىيالمايتتىم. ئۈمىد قانچە تېز ماڭسا، مېنىڭ سۈرئەتنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، موتوسىكىلىتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى. بىر يول ئېغىزىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز بىر بالا يولدىن كسىپ ئۆتۈپ قالدى، مەن جىددىيلىشىپ تورمۇز دەسسەشنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، ماشىنىنى بالىدىن قاچۇرۇپ رولنى سولغا كۈچەپ بۇرىدىم. ماشىنا بېرىپ يان تەرەپتىكى يول توسۇقىدىن چىقىپ پاكار دەرەخلىك ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. «پوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بايىقى ئۇچقاندەك ماڭغان باۋما ئاخىرى توختىدى.






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k