大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 98 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 98 - قىسىم aybarawazi
2023-09-16
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 99 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

98-قىسىم  



  ئىشىك ئالدىدا قولتۇق ھاسىغا تايىنىپ ھەسەن تۇراتتى. 

_ تاماكا چەككۈم كېلىپ كېتىپ تاماكا ئالغىلى چىققانتىم. مېنى سېغىنىپ كېتىپ كەلدىڭىزمۇ نىمە؟_ دەپ بىزەڭلەرچە ھىجايدى ئۇ. مەن ئۇنىڭ پۇتىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا ماڭدىم. 

_ قارىغاندا پۇتىڭىزمۇ خېلى ياخشى بوپ قاپتۇ. ئىككى ئۈچ كۈنگىچە دوختۇرخانىدىنمۇ چىققىدەكسىز،  مەن كەتتىم. 

ئۇ ئىشىكنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرىۋېلىپ مېنى ئۆتكىلى قويمىدى. 

_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟ مېنى ماڭغىلى قويۇڭ. قانداقلا بولمىسۇن مېنى دەپ يارىلانغان دەپ يوقلاپ كىرىپ قويدۇم، ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ ھە.

_ ئالايىتەن مېنى يوقلاپ كەلگەن ئادەم بۇنداق ئالدىراپ نەگە بارىسىز؟  ئۇ شۇنداق دەپ مېنى قىستاپ بالنىستنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ ئىشىكنى يېپىۋەتتى. 

_ نىمە قىلىسىز؟ مەن كېتىمەن. 

_ توختاڭە، ماڭا قاراڭ، بۇ قانچە؟_ ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى بارمىقىنى چىقاردى. 

_ ساراڭمۇ سىز؟ 

_ بېشىڭىز بەك چىڭ تېگىپ كەتكەن بولسا ئاغرىقنىڭ ئاسارىتى قالدىمىكىن دەپ سوراپ بېقىۋاتىمەن. 

_ مېنىڭ غېمىمنى يىمەي ئۆزىڭىزنىڭ پۇتى بىلەن بولۇڭە. 

_ مەن پۇتۇمنى غەم قىلمايمەن. مىيىپ بولۇپ قالسام كېيىنكى ئۈمرۈمدە مېنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ يۈرۈپ باقىسىز شۇ. 

_ ئىشىڭىزنى قىلىڭە. 

_ مەن سىزنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ پۇتۇم ناكا بولۇپ ياتتىم.  بۇنى بىلىدىغانسىز؟ نىمانچە باغرى تاش ئايال سىز. 

_ مەنمۇ شۇ سىزنى مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ مۇشۇنداق بوپ قالدى دەپ يوقلاپ ئۆتەي دەپ كىرىشىم، بولمىسا كاللامنىڭ دەردى يوق مېنىڭ يېنىڭىزغا كېلىدىغانغا. 

كارىدوردا بىر توپ ئەرلەرنىڭ پاراڭلىشىپ بىز تۇرغان بالنىست تەرەپكە كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى دەل شېرزاتنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئەگەر ئۇ مېنىڭ ھەسەن بىلەن بىللە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا مەن ئۆزۈمنى ئاقلاپمۇ ئاقلاپ بولالمايتتىم. ئىنتايىن جىددىيلىشىپ ھەسەنگە قارىدىم. ھەسەنمۇ مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، مېنى دەرھال ئىشىكنىڭ تۈۋىدىكى تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋېتىپ كەينىمدىن ئۆزى كىردى ۋە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋەتتى. 

_ ھەسەن ئاكا، بىز كەلدۇق.  قېنى سىز؟_ ئۇلار كىرىپلا تۇشمۇ تۇشتىن ھەسەننى چاقىرىشتى. 

_ ھوي،  ھەسەن ئاكام يوققۇ؟

_ قەيەرگە كەتتىكىنە؟

_ پۇتى ئاغرىق تۇرسا قەيەرگە باراتتى؟ 

_ تېلېفون ئۇرۇپ باقە. 

«تېلېفون ئۇرۇپ باقە» دېگىنى شېرزاتنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى.  ھەسەنمۇ شېرزاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا تېلېفونىنى چىقىرىپ ئېتىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا تېلېفونى سايراپ كەتتى. 

_ ھەسەن ئاكام تازىلىق ئۆيىدىكەن_ دېدى بىرەيلەن. 

_ ھەسەن ئاكا، تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋېلىپ نىمە قىلىۋاتىسىز؟

_ تازىلىق ئۆيى نىمە قىلىدىغان يەر؟ مۇشۇنىمۇ سۇئال دەپ سورىدىڭما؟

_ ھە، مەن ئىچىدە، بولدى تېلېفون ئۇرىۋەرمەڭلار، ئىچىم قېتىپ قاپتىكەن_ دېدى ھەسەن.

_ ھە، ئەمىسە بىز ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇرايلى_ بۇ شېرزاتنىڭ ئاۋازى. ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتتىمۇ، ئون مىنۇت ئۆتتىمۇ بىلمىدىم.  سىرتتىكىلەرنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. 

_ ھەسەن ئاكا، چىقىپ بولالمايسىزغۇ؟

_ كىران ئەكىرىپ تارتىۋالامدۇق يە؟ 

ئىچىگە چۈشۈپ كەتمىگەنسىز ھە؟

_ ۋاي ۋۇي، نىمانداق تولا گەپ قىلىسىلەر، قۇرسىقىم ئاغرىپلا تۇرىدۇ، سىلەر كەتكەچ تۇرۇڭلار.  كەچكىچە كىلەرسىلە.  بۇ يەردە تۇرىۋالساڭلار ھاجەتخانىدىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىكەنمەن. 

ئۇلار كىتەيلى، چۈشتىن كېيىن كىلەيلى دىيىشىپ چىقىپ كېتىشتى، «ئۇف» دېدىم. ئاستا تازىلىق ئۆيىدىن چىقسام بالنىستنىڭ ئىچى جىمجىت ئىدى. سىرتقا چىقماقچى بولۇپ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتسام ھەسەن:

_  ھازىر چىقمىسىڭىز بولارمىكىن، ئۇلار تېخى كەتمىدى ھەقىچان، يەنە بىردەم تۇرۇپ مېڭىڭ_ دېدى ئۇ ۋە بىر تال تاماكا چىقاردى. 

_ مەن بۇ تاماكىنى چېكىپ بولغۇچە ئۇلارمۇ كېتىپ بولۇشى مۇمكىن، شۇ چاغدا مېڭىڭ. 

دېگەندەك بىردەمدىن كېيىن سىرتتىن يەنە ئاۋاز ئاڭلاندى. 

_ ھەسەن ئاكام تازىلىق ئۆيىدىن تېخى چىقمىغان ئوخشايدۇ، چىققان بولسا بىزنى چاقىراتتى. ساقلاۋەرمەي كىتەيلى بولدى. 

بىر نەچچە ئادەمنىڭ ماڭغان ئاياق تىۋىشى ئاستا ئاستا يىراقلاشتى. بۇ قېتىم ئۇلار راستلا كەتكەندەك قىلاتتى. 

_ ئەمدى مېڭىڭ. 

ئۇنىڭ شۇ گېپىنىلا كۈتۈپ تۇراتتىم.  دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ ئىنتايىن تېزلىكتە چىقىپ كەتتىم. ئۇدۇل يەنە نىگارە ياتقان بالنىستنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، چۈنكى ئىچىدە ئۈمىد ئولتۇراتتى. ئۇ شىركەتكە كەتكەن ئىدىغۇ، بۇ يەردە ئولتۇرىدۇغۇ، كېلىشتىن بۇرۇن ماڭا تېلېفون قىلىپمۇ قويماپتا. ئاستا ئىچىگە كىردىم، ئۇ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. 

_ نەگە كەتتىڭىز؟ 

مەن خۇدۇكسىرەپ ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىيالمىدىم. ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي ئۇدۇل بېرىپ ئىستاكاننى ئېلىپ بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن يۈرىكىم سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى.

_ شۆھرەت نىگارەنىڭ نىمە تاماققا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتات ئېلىشىپ بېرىڭ دېگەنتى، نىگارە،  شۆھرەت تاماق ئېتىپ كېلىمەن دەپ ئۆيگە كەتتى جۇمۇ. 

ئۈمىد ھە دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، قارىغاندا ئۇ گېپىمدىن قىلچىمۇ گۇمان قىلمىغاندەك قىلاتتى. نىگارە سەل گۇمانلانغاندەك ماڭا قارىدى، ئۇ يالغان ئېيتىۋاتقىنىمنى بىلىدۇ دە ئەلۋەتتە. كۆكتات بىلەن مېۋىنى تەڭ سېتىۋېلىپ، شۆھرەت ئۆيگە كىتىپ مەن دوختۇرخانىغا كېلىپ مېۋىلەرنى يۇيۇپمۇ بولغان تۇرسام. لېكىن نىگارەنىڭ بۇنچىلىك ئىشنى بىلگۈچىلىكى بار، ھەرگىز ئۈمىدنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يالغىنىمنى تېشىپ يۈرمەيدۇ. 

ئۈمىد ئىككىمىز بىردەم ئولتۇرۇپ قايتتۇق. دوختۇرخانا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىزغا تېرىنېر ئۇچراپ قالدى. ئۇمۇ مېنىڭ «ئىش ئىزلىرىم»نى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، بىزنى كۆرۈپلا ئىتتىك ئىتتىك مېڭىپ ئالدىمىزغا كەلدى. 

_ ۋوي، نازىيەغۇ بۇ. 

_  تېچلىقمۇ، تېرىنېر. 

_ ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدىكەن جۇمۇ، ئاڭلىسام باۋمانى ئۇچۇرتۇپ يۈرۈپسىز، ھېلىمۇ پراۋىڭىز يوق شۇنداق ھەيدەپسىز، پراۋا ئېلىپ بولسىڭىز ئىش بار ئوخشايدۇ. 

بېشىمنى تۆۋەن سالدىم. 

_ كەچۈرۈڭ، تېرىنېر، سىزنىڭ يۈزىڭىزنىمۇ تۆكتۈم. 

تېرىنېر يېنىمدا ئۈمىدنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ مېنى تەنقىدلەشنى بىئەپ ھېس قىلدىمۇ ئەيتاۋۇر، كۈلۈپ تۇرۇپ:

_كېرەك يوق، ئادەم ياشلىقتا ئانچە مۇنچە ئەخمەقلىقلەرنى قىلىپ قويىدۇ، كىمنىڭ ياش ۋاقتى بولمىغان دەيسىز. لېكىن ئەمدى شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارماي تۇرىۋالماڭ جۇمۇ، ماشىنا ھەيدەشكە ھەرقانچە ئۇستا بولۇپ كەتسىڭىزمۇ چوقۇم پراۋا ئالمىسىڭىز بولمايدۇ_ دېدى. 

ئۇف، ما گەپنىڭ سېسىقلىقىنى.  لېكىن تېرىنېر دېگەن ئۇستاز، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن جاۋابلاشسام ياخشى بولمايدۇ. 

_ بولىدۇ، تېرىنېر _ دېدىم. تېرىنېر دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بىر دوستىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ كىرىپ كەتتى.  ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئۈمىد كۈلىۋەردى. 

_  نىمىگە كۈلىۋېرىسىز؟

_ تېرىنېرنىڭ گېپىگە كۈلىۋاتىمەن. ماشىنا ھەيدەشكە ھەرقانچە ئۇستا بولۇپ كەتسىڭىزمۇ پراۋا ئالمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ. ھا ھا ھا. 

_ مەن ماشىنا ھەيدەشتىن قورقتۇم، ھازىر ھەيدەش ئەمەس، چىقىپ ئولتۇرساممۇ قورقۇنۇچ بېسىۋاتىدۇ، قانداق ئىمتىھان بېرەمەن؟

_ ئۆيگە بېرىپ ماشىنىنى قانداق ھەيدەشنى مەن ئۆگىتىپ قوياي ھە، مەلىكەم_ غەلىتە بىر خىل ئىپادىدە كۈلدى ئۇ. 

_ بىزەڭ_ دېدىم مەن قىزىرىپ. 

_ سىزنىڭ خىجىل بولۇپ قىزارغان ھالىتىڭىز بەك ئۇماق، مۇشۇ ھالىتىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن.   كەتتۇق. 

نىگارە دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ئۇنىڭ بىلەن چۆگىلەپ كىلەيلى دەپ خەلق مەيدانىغا كەلدۇق. ئەلۋەتتە ئۈمىد بىلەن شۆھرەتنىمۇ بىللە ئېلىۋالىمىز دە.  بۈگۈن  مەيداندا ئادەم بەك كۆپ ئىدى. مىغ مىغ ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان سەھنىنى كۆردۇق، ئەسلى بۈگۈن بۇ يەردە مەلۇم بىر ناخشىچىنىڭ  ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، شۇڭا مۇشۇنداق ئادەم كۆپكەن. 

 نىگارە ئىككىمىز بىردىن شارنى قولىمىزدا كۆتۈرۈپ كىشىلەر توپى ئارىسىدا مېڭىپ يۈرەتتۇق، بىردەمدىن كېيىنلا قىستىلىپ يۈرۈپ تاس قالدۇق ئىككى ياققا بولۇپ كەتكىلى،  ھېلىمۇ ياخشى قولىمىزنى چىڭ تۇتىۋالغاچقا ئايرىلىپ كەتمىدۇق. لېكىن ئۈمىد بىلەن شۆھرەتنى يۈتتۈرۈپ قويدۇق. ئۇلارنى ھەدەپ ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز نىگارەنىڭ قولى قولۇمدىن ئاجراپ كەتتى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام، بىر سېرىق بۇلۇت بالا ئويۇنچۇقىنىڭ كەينىدە فەرۇق ئۇنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى. 

_ ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ، مەن دېگەن توي قىلىپ بولغان ئايال. 

فەرۇق ھاراق ئىچىۋالدىمىكىن، يۈز كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. 

_ سىزنى بەك سېغىنىپ كەتتىم، نىگارە. 

نىگارە ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقىش ئۈچۈن يۇلقۇنغانچە ئۇ تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋېلىۋاتاتتى.  بىرسى قارا دېگەندەك يان تەرەپكە قارىسام شۆھرەت بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتمامدۇ، «ئاپلا» دەپ قالدىم، شۆھرەت نىگارە بىلەن فەرۇقنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ دە. شۇ تاپتا ۋاقىرىسام بولمايتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ دەپ قويماقچى بولدۇم، لېكىن ئادەمنىڭ جىقلىقىدا قىستىلىپ يۈرۈپ تېخىمۇ ئوتتۇرىغا كىرىپ قالدىم. قانداق قىلارمەن دەپ جىددىيلىشىپ تۇرغاندا قۇلىقىمغا شۆھرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ نازىيە، نىگارەنى كۆردىڭىزمۇ؟

_  بايا تېخى ئىككىمىز بىللە ئىدۇق، قىستىلىپ يۈرۈپ ئايرىلىپ كەتتۇق.

_  ھە، ئەنە. نىگارە. _ ئۇ شۇنداق دەپ نىگارە بىلەن فەرۇق تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. «ئاھ، ئىش تۈگىدى» شۇنداق ئويلاپ ئۇ تەرەپكە قارىدىم، فەرۇق كۆرۈنمەيتتى. نىگارە بىر ئايالنىڭ چېچىدىن تۇتىۋېلىپ ئۇرۇۋاتاتتى.

_ نىگارىم، يېڭىلا دوختۇرخانىدىن چىقتىڭىز، يارا ئېغىزى تېخى تولۇق پۈتۈپ بولالمىدى، كىم كۆزىڭىزگە سىغمىغان بولسا  ماڭا ھايت دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىپ يۈرمەڭ_ دېدى شۆھرەت ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ.  

سىنچىلاپ قارىسام نىگارەنىڭ ئۇرىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى نادىرە ئىدى.  مەيداندا ئادەم كۆپ بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىۋاتقىنى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ھەممەيلەن ئويۇن كۆرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.  نىگارە قۇرسىقىنى تۇتۇپ ھاسىراپ كەتتى. 

_ نىگارە، نىمە بولدۇڭ؟  تىككەن يەر ئاغرىپ كەتتىمۇ؟ 

نىگارە ماڭا جاۋاب بەرمىدى، ئۇنىڭ كۆزى نادىرەگە چەكچىيىپ قاراپلا قالغان ئىدى. 

_ ئاچچىقىڭىز چىقتىمۇ؟_ شۆھرەت ئۇنىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلىدى. نىگارە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي ئاچچىقى بىلەن تۇراتتى. شۆھرەت قوشۇمچە قىلىپ قويدى. 

_ بۇ قېتىم ئاچچىقىڭىز چىقمىغان بولسا كېيىنكى قېتىم ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىدىغانغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەي. بۈگۈن بۇ يەر سەل ئەپسىز. 

ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزغا تاماشا كۆرىدىغانلار يىغىلىشقا باشلىغان ئىدى، مۇشۇنداق بولىۋەرسە سەل تۇرۇپ ئامانلىق ساقلىغۇچىلار كەلسە ئىش چوڭىيىپ كېتەتتى. 

_ كېتەيلى_ دېدى نىگارە. 

ئازراق ماڭغاندىن كېيىن كەينىمگە قارىدىم، نادىرە تېخىچە ئورنىدىن تۇرالماي ياتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى نادىرەنى يەۋېتىدىغاندەك بىر خىل غەزەپ نەپرەت بىلەن تىكىلگەن ئىدى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئالدى تەرەپتە يۈزىگە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ نىقابىنى تاقىۋالغان بىرىنى كۆردۈم، ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. نىگارەمۇ ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى، ئۇ نىقاب تاقىۋالغىنى بىلەن كىيىۋالغان كىيىمىدىن فەرۇق ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. 

_ چارچاپ قالدىم، قايتىپ كېتەيلى_ دېدى نىگارە شۆھرەتكە قاراپ.

_  ماقۇل، قايتىپ كېتەيلى. 

_ دېمىسىمۇ يېڭىلا دوختۇرخانىدىن چىقتىڭ، سىرتتا بەك ئۇزۇن يۈرۈپ كەتسەڭمۇ بولمايدۇ،  بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالغىن_ دېدىم مەنمۇ. 

 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئۈمىدنى ئىزدەشكە باشلىدىم. تۇيۇقسىز بىرى كىيمىمنى تارتتى، قارىسام قولىدا بىر تال گۈل تۇتىۋالغان كىچىك بىر قىز ئىكەن. 

_ ئاچا، بۇ گۈلنى بىر ئاكاش سىزگە بېرىپ قويۇڭ دېگەنتى. 

 مەن گۈلنى ئالماي تۇرۇپ ئۇ قىزدىن سورىدىم. 

_ قايسى ئاكاش بەردى؟ 

قىزچاق گۈلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ:

_ ئاسماندىكى ھەسەن ھۈسەن بەكمۇ چىرايلىق_ دەپ قويۇپ كەتتى.  مەن قىز كەتكەن تەرەپكە كەينىدىن قاراپلا قالدىم، ئۇ قىزنىڭ «ھەسەن ھۈسەن» دېگىنىدىن سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. ئەجىبا بۇ گۈلنى بەرگىنى ھەسەنمىدۇ؟ خىيالىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا دۈمبەمگە يۇمشاق بىر نەرسە ئۇرۇلدى، قارىسام يوغان ئېيىقنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان بىرى ئىكەن. ئۇ يېنىمغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىچىك بالىلار كېلىپ ئەتراپىمىزغا ئولاشتى. دەسلەپتە ئۇ ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ ئۇسۇل ئوينىدى، كەينىدىن تۇيۇقسىز كېلىپلا مېنى قۇچاقلىۋالدى، بالىلار چۇرقىرىشىپ كەتتى. مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقىش ئۈچۈن تىپىرلىدىم، لېكىن ئۇ مېنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدى. تېخى يېنىدىن تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتتى. ئۇنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئايىقىغىچە پۈتۈنلەي ئېيىق سۈرىتىدە بولغاچقا كىملىكىنى بىلەلمەيمەن دە، لېكىن ئۇ تېلېفونىنى چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكىنى كۆرۈپ ھەسەن ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردۇم. ئەتراپىمىزغا ئولىشىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيگىلى تۇردى. 

_ مېنى قويۇۋېتىڭ. 

مەن قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغاندا بىر قول كېلىپلا مېنى تارتىۋالدى. ئۇ ئۈمىد ئىدى، ئۈمىد مېنىڭ قولۇمدىن يىتىلەپلا كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتتى، كەينىمگە قارىسام بايىقى «ئېيىق» بىر پۇتىنى سىلاپ يەردە ئولتۇرۇپتۇ.

_ كىم گۈل سوۋغا قىلدى؟_ سورىدى ئۇ قولۇمدىكى گۈلنى كۆرۈپ. 

_ مەنمۇ بىلمەيمەن، بىر كىچىك قىزچاق ئەكىلىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدىغۇ؟ 

مەيداننىڭ چېتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئىككى تۇنۇش چىراينى كۆرۈپ قالدىم، ئۆتكۈر بىلەن فروزە ئۆتكەن كەچكەنلەرگە قاراپ جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.  بىز بېرىپ ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ يېنىدا ئولتۇردۇق. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن پۇتىغا كانكى كىيىۋالغان بىر نەچچەيلەن كېلىپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى شېرزات ئىدى. ئۇلار مەيداننى بىر نەچچىنى ئايلاندى، شېرزاتنىڭ بىزنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ بىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئالدىمىزدىن بىر نەچچە قېتىم ئۆتتى. 

ھاۋا خېلىلا سوغۇق ئىدى، مۈرەمنى قىسىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئۈمىد سورىدى:

_ توڭلىدىڭىزمۇ؟

_ ھەي، بۇ يەردە ئولتۇرغىچە قەھۋەخانىغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ چىقايلى، يۈرۈڭلار_ دېدى ئۆتكۈر. ئۇ بىزنى مەيدانغا يېقىن يەردىكى بىر قەھۋەخانىغا باشلاپ كىردى، قەھۋەخانىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كەتتى. ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن فروزە سورىدى.

_ بۇ يەرگە دائىم كېلىدىغان ئوخشىمامسىز؟

_ ياقەي، مەن بۇرۇن مۇشۇ قەھۋەخانىدا ئىشلىگەن.  

ئۈمىدنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار بولسا كېرەك، ئۇ قىلچە تەساددىپىيلىق ھېس قىلمىدى، ئەمما فروزە ئىككىمىز بۇنىڭدىن ھەيران قالدۇق. ئۇ بىزنىڭ ھەيران قالغىنىمىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ ياش ۋاقىتلىرىمدا ئازراق مائاش ئالساممۇ شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كىتەتتىم. 

_ سىز ھازىرمۇ ياشقۇ؟_ فروزە بۇ گەپنى دەپ بولۇپ خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى. 

_ ھازىر ھەممە نەرسە ئۆزگەردى، ھازىر شۇ چاغدىكى مائاشىمنىڭ نەچچە ھەسسىچىلىك مائاش ئالغان بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن كەيپىيات يوق. ئىشقا بارغان، ئىشتىن چۈشكەن، يېڭىلىق يوقلا. 

تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ قەھۋەخانىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپتۇق. بىز قەھۋەخانىدىن چىققاندا سەل نېرىدا بىر توپ ئادەملەر توپلىشىۋالغان ئىدى. يېقىنلاپ بېرىشىمىزغا بىرىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چەتتە تۇرغان بىر موماي غۇدۇڭشىدى.

_ شۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ؟ ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. 

  مېنىڭ بۇنداق ئۇرۇش تالاش قىلغان جايدا قاراپ تۇرۇش بىلەن خوشۇم يوق، ماڭايلى دەي دەپ تۇرغاندا، كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئىنتايىن تۇنۇش بىر چىراينى كۆرۈپ قالدىم. 







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k