
بۇ ئەسەرنىڭ 113 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
112-قىسىم
كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چېغىمدا ئۈمىد تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىكەن. تاماق يەپ، يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم. ئۈمىد ئورۇندۇقتا خاتىرە كومپيۇتېرغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. كارىۋاتتا ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. ئۇنىڭ كومپيۇتېرغا قاراپ مىدىر سىدىر قىلماي ئولتۇرغىنىغا قاراپ ئىچىم پۇشتى.
_ قاچان ئۇخلايسىز؟ دەم ئالغاندىمۇ بالدۇر ئارام ئالماي.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا يېنىمغا كېلىپ كارىۋاتنىڭ قىرىغا ئولتۇرۇپ بېشىمنى سىلىدى.
_ مەن يېنىڭىزدا ياتمىسام ئۇيقۇڭىز كەلمەمدىكەن؟
_ ئۇنداق ئەمەس، ئادەتتە ئالدىراش ئىشلەپ چارچاپ كېتىسىز، دەم ئالغاندا بولسىمۇ بالدۇرراق ئۇخلاپ ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ؟
ئۇ ئاستا چاچلىرىمنى سىلاپ، پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى.
_ سىز ئۇخلىغاچ تۇرۇڭ، يەنە ئازراق ئىشىم قالدى.
ئۇ يەنە بېرىپ كومپيۇتېرغا قاراپلا ئولتۇردى. كومپيۇتېردىن چۈشۈۋاتقان يورۇقتا ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىكرانغا قاراپ تۇرغىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قاراپ يېتىپ ئاخىرى ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا ئۇيقۇلۇقتا قۇلىقىمغا ئۈمىدنىڭ تېلېفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزۈمنى ئاچسام ئۇ تېلېفونىنى تۇتۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۈستەلدىكى كومپيۇتېر ئىكرانى تېخىچە يورۇق تۇراتتى. ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتىكى ئىشلىرى ماڭا بەكلا سىرلىق بىلىنىپ، ئۇنىڭ كىم بىلەن نىمە دىيىشكىنىنى بىلىشكە قىزىقىپ، پۇتۇمغا ساپما كەشمۇ كىيمەي سىرتقا چىقتىم. كارىدور قاپقاراڭغۇ ئىدى. ئاستا مېڭىپ پەلەمپەي ئېغىزىغا كېلىپ ئاۋايلاپ دەسسەپ چۈشتۈم.
_ ھەئە، ئۇنى چۈچۈتۈپ قويماڭلار_ ئۈمىدنىڭ ئاۋازى. مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقىنىمۇ ياندۇرماي كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھېچنىمە دېمىدى، پەقەت«ھە، ھەئە، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئەمدى كەينىمگە يېنىپ پەلەمپەيگە چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقى ياندى. مەن بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.
_ مەن...مەن ئۇسساپ كېتىپ چاي ئىچەي دەپ چۈشكەن.
_ بۇ ياققا كېلىڭە_ دېدى ئۈمىد. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ بىر ئىستاكانغا ئۇسسۇزلۇق قۇيۇپ ئەچىقىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى.
_ ئۇسساپ كەتكەن بولسىڭىز ماڭا دەپ قويسىڭىزلا مەن ئەچىقىپ بېرەتتىم ئەمەسمۇ، مەلىكەم، ئالايىتەن ئىككىنچى قەۋەتتىن چۈشۈپ يۈرۈپسىز، مۇشۇ سوغۇقتا پۇتىڭىزغا ساپما كەشمۇ كىيمىگىنىڭىزنى قاراڭ.
ئۇ مېنى كرىسلودا ياتقۇزۇپ ئىككى پۇتۇمنى ئالقانلىرىنىڭ ئارىسىغا ئالدى. ئۇنىڭ ئالقىنى ھەرۋاقىت شۇنداق ئىسسىق تۇرىدۇ. ئۇ پۇتۇمنى ئۇۋىلاپ، ئېغزىدا ھورداپ ئىسسىتتى. ئاندىن مېنى كۆتۈرگەن پىتى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ يوتقاننى يېپىپ قويدى. ئاستا ئاستا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى، بايا كىمدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمىدىم.
ئەتىسى مېھراي بىلەن بىللە بالىنى ئېلىپ نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىقتۇق. بالا كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقماق ھەقىقەتەن بەك تەسكەن. بالىنى بىردەم مېھراي كۆتۈرسە مەن بالىنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى كۆتۈرىمەن. بىردەم بالىنى مەن ئالسام مېھراي نەرسە كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ دېگەندەك بەك ھېرىپ كەتتۇق. ئاخىرى بىر سودا سارايغا كىرىپ، زالغا قويۇپ قويۇلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق.
_ مۇنداق قىلايلى، مېھراي. مەن بالىغا قاراپ تۇراي، نەرسە كېرەكلەرنىمۇ قويۇپ قويۇپ تاللا بازىرىغا سىزلا كىرىپ ئالدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىڭ. مەن بەك ھېرىپ كەتتىم._ دېدىم. مېھرايمۇ ماقۇل بولۇپ بالىنى ماڭا بېرىپ ئۆزى سودا ساراينىڭ قارشى تەرىپىدىكى تاللا بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. مەن دائىم مېھراينىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرغاچقا ئايقىزمۇ مېنى ھازىر ئانچە يات كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئايقىزنى ئىككى پۇتۇمدا تۇرغۇزۇپ ئەركىلىتىپ ئوينىتىۋاتاتتىم. ئايقىزمۇ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ، قىلىق چىقىرىپ ئويناۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىر جۈپ قول كېلىپ ئايقىزنى قولۇمدىن يۇلۇپ ئېلىپلا سىرتقا يۈگۈرۈپ ماڭدى. ئۇ كەينىدىن ماڭا شۇنداق تۇنۇش بىلىندى، لېكىن كىملىكىنى بىلەلمىدىم.
مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ «ئايقىز» دەپ كەينىدىن يۈگۈردۈم. لېكىن قېرىشقاندەك بۈگۈن ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىۋاپتىكەنمەن، تۈزۈك يۈگۈرىيەلمەي قالدىم. يولدا ئادەملەر كۆپ ئىدى، مەن يۈگۈرگەچ «ئۇنى توسۇۋېلىڭلار، بالىنى ئېپ قاچتى، ئۇنى توسۇۋېلىڭلار» دەپ ۋاقىرىدىم، لېكىن بىرەرى ماڭا ياردەم قىلاي دېمىدى. ئۇ يۈگۈرگەن پىتى بېرىپ ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. بۇ ئاسما كۆۋرۈك رىمۇنت قىلىنىۋاتقان بولغاچقا ئادەملەرنىڭ چىقىشىغا بولمايدىكەن. يەنە كېلىپ بۈگۈن ئىشچىلار يېڭى يىللىق دەم ئالغانمىكىن، كۆۋرۈك ئۈستىدە ھېچكىممۇ كۆرۈنمەيتتى. ئاسما كۆۋرۈكنىڭ پەشىقىغا قىزىل لېنتا توغرىسىغا تارتىلىپ، «رىمۇنت قىلىنىۋاتىدۇ، چىقماڭ» دېگەن خەت يېزىپ قويۇلغان ئىكەن. لېكىن ھېلىقى ئادەم بۇلارغا قارىماي ئۇدۇل ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە قاراپ مېڭىۋەدى. ئۇنىڭ ساراڭلىقىغا قاراپ ئايقىزنىڭ بىخەتەرلىكدىن بەكلا ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم. شۇڭا مەنمۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئۈستىگە چىقتىم. بەك تېز يۈگۈرىۋەتكەچكىمىكىن، پۇتۇمنى قايرىۋېلىپ يەردە ئولتۇرۇپلا قالدىم. لېكىن يەنىلا ئاغرىققا چىداپ ئاقساپ ئۈستىگە قاراپ چىقىشقا باشلىدىم.
بالىنى ئېلىپ ماڭغان ھېلىقى ئادەم ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىغا بېرىپ توختىدى. ئۇ ماڭا كەينىنى قىلىپ تۇراتتى، ئايقىزنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
_ ئەمدى يېقىن كەلسەڭ، بالىنى بۇيەردىن تاشلايمەن.
ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق تۇنۇش بىلىندى، لېكىن ئۆزۈممۇ تازا جەزم قىلالمىدىم.
_ بالىنى ماڭا بەر.
ئۇ ئاستا مەن تەرەپكە ئۆرۈلدى. ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم.
راستلا شۇكەن.
_ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ھە، بۇرۇنقى خوتۇنۇم. نىمە، ھەيران قېلىۋاتىسىزغۇ؟ مېنى شۇ يەردە قىينىلىپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ قالغانمىتىڭىز؟
مەن ھەرقانچە بولسىمۇ ئەزىمەتنى بۇ ھالەتتە قايتا ئۇچرىتارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغان بىلەن مەن قورقۇپ ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغان ئىدى.
_ ئەزىمەت، بالىنى ماڭا بېرىڭ.
ئەزىمەت قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ نازىيە، مېنى ئۇنتۇپ كەتتىمىكىن دېسەم چىرايىم ئېسىڭىزدە بار ئىكەن ھە. شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان سىزنى سېغىنغانلىقىمغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىلدىڭىز. مېنى تۇنۇيالمىغان بولسىڭىز كۆڭلۈم قانچىلىك يېرىم بولار بولغىيتتى؟
_ ئەزىمەت، ئۆتۈنۈپ قالاي، بالىنى ماڭا بېرىڭ.
ئەزىمەت قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بالىغا قاراپ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا كۈلدى.
_ كۈنلىرىڭىز بەك بەختلىك ئۆتۈۋېتىپتۇ ھە، بالىلىقمۇ بولۇپسىز مانا.
_ ئۇ مېنىڭ بالام ئەمەس _ ئالدىراپ تىنەپ چۈشەندۈردۈم.
_ ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ_ ئۇ تۇيۇقسىز كۈلكىسىنى توختىتىپ ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ تازا جايىدا ئەمەسلىكىنى سېزىپ قالدىم. مەن ئۆپكەمنى بېسىۋېلىپ، ئايقىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.
_ ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمامسىز؟ سىز قۇرسىقىمدىكى بالىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكىلى ئەمدى تېخى يېرىم يىلدىن ئاشتى. ئۈمىد بىلەن توي قىلىپلا بويۇمدا قالدى دېگەن ھالەتتىمۇ تېخى بالىنىڭ تۇغۇلىدىغان ۋاقتىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق چوڭ بالا قانداقمۇ مېنىڭ بالام بولسۇن؟
_ بۇنداق گەپلىرىڭىزنى نېرى ئاپىرىڭ. مېنىڭ ئەستە ساقلاش ئىىقتىدارىم بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى، باشقىسى بىلەن كارىم يوق، ئىشقىلىپ بۇ بالا سىزنىڭ بالىڭىز. تولا مېنى ئالدايمەن دېمەڭ.
كۆۋرۈكنىڭ پەس تەرىپىدە ئادەملەر كۆپىيىشكە باشلىدى، ھەممەيلەن ئۈستىگە قاراپ نىمىلەرنىدۇر دىيىشىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايرىدى، تېلېفون مېھرايدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ تاللا بازىرىدىن چىقىپ مېنى تاپالماي تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك. تېلېفوننى ئېلىشىمغا ئەزىمەت ماڭا قاراپ سەت ھىجايدى.
_ ياردەمگە ئادەم چاقىرماقچىما؟ مەن قورقمايمەن. بۈگۈن مەن نىمە بولسام بۇ بالا شۇ بولىدۇ.
_ ياق، ياق، بالىنىڭ ئاپىسىدىن كەپتۇ. ئۇ راستلا مېنىڭ بالام ئەمەس.
كۆزۈم ئەزىمەتتە، ئۇنىڭ بالىغا بىرەر ئىش قىلىپ قويۇشىدىن بەكلا قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم، تېلېفوننى ئېلىپ مېھرايغا قەيەردە ئىكەنلىكىمنى دەپ بەردىم. بىردەمدىن كېيىن كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قولىدا ساڭگۇل سۇڭگۇل خالتىلارنى كۆتۈرۈپ بۇ تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان مېھراينى كۆردۈم.
_ ئەزىمەت، بالىنىڭ ئاپىسى ئەنە. بۇ راستلا مېنىڭ بالام ئەمەس. قانداقلا ئاچچىقىڭىز بولسا مەندىن ئېلىڭ، بالىنى ئاپىسىغا بېرىڭ، بولامدۇ؟
مېھراي كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە قاراپ نىمە ئىشلىقىنى بىلدى بولغاي، قولىدىكى خالتىلارنى يەرگە ئېتىۋېتىپلا يىغلىدى.
_ ئۆتۈنۈپ قالاي، بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ، بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ.
ئايقىز ئاپىسىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا يىغلاشقا باشلىدى. مېھراي ئانا بالىنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى ئەزىمەتكە قىلچە تەسىر قىلغاندەك قىلمايتتى.
_ بالىنى ئاپىسىغا بېرەمدىمەن؟ ماقۇل، نازىيە، سىز مەن بىلەن ماڭسىڭىز بۇ شەرتىڭىزگە ماقۇل بولاي. سىزنى قانچىلىك سېغىنىغىنىمنى بىلمەيسىز، نازىيە. كاللامدا پەقەت سىزلا.
ئۇ ئاغزىدا ئۇنداق دەۋاتقىنى بىلەن كۆزلىرىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەندىن ئۆچ ئالماقچى بولىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن. مەن چوڭقۇر بىرنى تىنىۋېتىپ ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم.
_ ماقۇل، مەن سىز بىلەن بىللە ماڭاي. لېكىن ئاۋۋال بالىنى قويۇۋېتىڭ.
_ قانداق قويۇۋېتىمەن، بۇ بالا يا ماڭالمىسا. سىز يېنىمغا كېلىڭ، بالىنى سىزگە بېرەي.
ئۇنىڭ مېنى يېنىمغا كېلىڭ دېيىشىدە باشقا مەقسىتى بارلىقى ماڭا ئايان، ئەمما ھازىر ماڭا ماقۇل دىيىشتىن باشقا ئامالمۇ يوق. چۈنكى ئۇ ساراڭلىقى تۇتسا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن. ئايقىزنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغانچە بىئارام بولۇپ كېتىۋاتاتتىم، ئۇ تېزرەك ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ، ئاپىسىنىڭ سۈتىنى بىر ئىمىۋالغان بولسا ھازىرقى قورقۇپ كەتكەنلىرىمۇ بېسىلاتتى. مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ماڭدىم. كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئادەم چىقمىغاچقا قارمۇ تازىلانمىغان، قارنى ھەر بىر دەسسىسەم پۇتۇم نەچچە سانتمېتىر پېتىپ كېتىۋاتاتتى.
_ نازىيە. _ كەينىمدىن يۈرىكىمنى تىترىتىدىن ئاۋاز ئاڭلاندى. ھەيران بولۇپ ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۈمىد كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاتاتتى.
_ ئۈمىد! _ ئۇنى كۆرۈپلا يۈگۈرگەن پېتى بېرىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدىم_ ئايقىزنى قۇتقۇزىۋېلىڭ، ئۈمىد، ئايقىزنى قۇتقۇزىۋېلىڭ.
ئۇ قولۇمنى سىلىدى.
_ ئەنسىرىمەڭ، مەن بار_ ئۇ شۇنداق دەپ ئەزىمەتنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى. ئەزىمەت ئۈمىدنى كۆرۈپ بالىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈردى.
_ قۇتقۇزە، قېنى كەلمەمسەن؟
ئۇ شۇنداق دەپلا ئايقىزنىڭ كىيمىنى سىقىمداپ كۆۋرۈكتىن ساڭگىلاتتى. مېھراي بۇنى كۆرۈپ چىرقىراپ كەتتى. پەستە تۇرغان باشقا كىشىلەرمۇ چۇرقىرىشىپ كەتتى. مېنىڭمۇ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى.
_ ئەزىمەت، ئۇنداق قىلماڭ، ئاقىۋىتىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ، بۇنداق قىلسىڭىز تۈرمىگە كىرىسىز.
_ تۈرمىگە؟ سەنلەردىن ئۆچۈمنى ئېلىۋالىدىغانلا ئىش بولسا ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازىمەن.
ئۈمىد ئەزىمەتكە قاراپ ۋارقىرىدى.
_ ئەزىمەت، سېنىڭ ئۆچ ئالىدىغان ئادىمىڭ مەن. بالىنى ئاپىسىغا قايتۇرۇپ بەر.
تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمدە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بىردەمدىن كېيىنلا ساقچىلار كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرەپتىكى پەلەمپىيىدىن كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقتى. بىز تەرەپكە چىققان ساقچىلارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئەترەت باشلىقى بولسا كېرەك، ئەزىمەتكە قاراپ ۋارقىرىدى.
_ يىگىت، بالا بەك كچىككەن، ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، بالىنى ئاپىسىغا قايتۇرۇپ بەر، بالىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا سەنمۇ قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.
_ يېقىن كېلىشمە. يېقىن كەلسەڭلارلا بالىنى تاشلايمەن.
ساقچىلارنى كۆرۈپ ئەزىمەتمۇ جىددىيلىشىپ قېلىۋاتاتتى. ئايقىز ئۇنىڭ قولىدا تىپىرلاشقا باشلىدى، بۇنداق بولىۋەرسە ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
_ ماقۇل، بىز يېقىن بارمايلى. قانداقلا ئىش بولسا چىرايلىق دىيىشسەك بولىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ قانداقلا تەلىپىڭ بولسا دە، ئامال بار تەلىپىڭنى قاندۇرۇپ بېرىمىز. قانداق؟_ دېدى بايىقى ئەترەت باشلىقى.
ئەزىمەت ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى، ئۇ ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز كېلىپ تۇتىۋېلىشىدىن ئەنسىرىدىمىكىن، ھە دەپ ئىككى يېنىغا كەينىگە ئالاقىزادە بولۇپ قارايتتى. يەنە بىر ساقچى بىزدىن ئەزىمەت توغرىلىق بەزى گەپلەرنى سورىغاندىن كېيىن ئەترەت باشلىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ پاراڭلاشتى. ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭغا يەنە ۋاقىرىدى.
_ ئاڭلىسام سەن بۇرۇن ياراملىق دوختۇر ئىكەنسەن، دوختۇر دېگەن كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىدىغان ئادەم، مەن ئەزەلدىن دوختۇرلارنى بەك ھۆرمەت قىلىمەن. سېنىڭ ئۇ بىر جۈپ قولۇڭ ئەسلى يېڭى ھاياتلىقنى دۇنياغا كۆز ئاچتۇرىدىغان قول ئىكەن، شۇ قول بىلەن ھاياتلىقنى نابۇت قىلساڭ قانداق بولىدۇ؟ ئۆزۈڭنى بېسىۋالغىن، بولامدۇ؟ قارىغىنە قولۇڭدىكى بالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپمۇ يۈرىكىڭ ئېچىشمايۋاتامدۇ؟ ئۇنى قويۇۋەتكىن.
«يېڭى ھاياتلىقنى دۇنياغا كۆز ئاچتۇرامىش؟ ئۇ مېنىڭ بالامنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلىۋەتكەن» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئەترەت باشلىقى گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ ئۆيۈڭدە ياشىنىپ قالغان ئاتا ئاناڭ بار ئىكەن، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىكەنسەن. ئۇلارنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟ سەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساڭ ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟
ئاتا ئانىسىنىڭ گېپى چىققاندىن كېيىن ئەزىمەتنىڭ چىرايىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغاندەك ھېس قىلدىم.
_ خاتىرجەم بول، بىز ساڭا يېقىن بارمايمىز، ئەمما بالىنى ئۇنداق تۇتۇپ تۇرما. ئۆزۈڭمۇ ھېرىپ قالىسەن، ئاپاڭ ھازىر شەنخۇا دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ. ساقچىلار ئاپاڭنى ئالغىلى ماڭدى، سەل تۇرۇپلا ئاپاڭنى كۆرەلەيسەن. ئاڭلىسام يېڭىلا باشقا يەردىن كېلىپ تېخى ئاپاڭ بىلەن كۆرۈشكۈدەكمۇ بولماپتىكەنسەن. ئاپاڭ سېنى بەك سېغىنىپتۇ.
ئەزىمەت ئاخىرى سەل بوشىدى. ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى، ئۇ ئاخىرى قولىنى ئاستا چۈشۈرۈپ، ئايقىزنى قۇچاقلىدى. ھەممەيلەن «ئۇف» دىيىشتى. ئەزىمەت قۇچىقىدا پىلتىڭلاپ تۇرغان ئايقىزغا قاراپ نىمىلەرنى ئويلىدىكىن، تۇيۇقسىز بېشىنى چايقاپ تۇرىۋالدى.
_ ياق، مېنىڭ ئاتا ئانامغا قارىغۇدەك يۈزۈم يوق. ئۇلار ماڭا موھتاج بولغاندا مەن يېنىدا بولالمىدىم، ئۇلار قارىيالمىدىم. مېنىڭ بالام يوق بولغان، ئەمما سىلەرنىڭ بالاڭلار بار ئىكەن، مەن بۇنىڭغا تەن بەرمەيمەن. مەندە يوق نەرسىنىڭ سىلەردە بولۇشىنى خالىمايمەن.
تېخى بايا جايىغا چۈشكەن يۈرىكىم قايتىدىن دۈپۈلدەشكە باشلىدى. ئەزىمەت ئايقىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىگىلى تۇردى. تۇيۇقسىز قارشى تەرەپتە ئالىم پەيدا بولدى، ئۇ يەردىن بىر پارچە خىش پارچىسىنى ئېلىپ ئەزىمەتكە قارىتىپ ئاتتى. ئەزىمەت بىزگە ئالدىنى قىلىپ تۇرغاچقا ئۇنى كۆرمەيتتى. خىش پارچىسى ئۇدۇل كېلىپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە تەگدى، ئۇ ئالدىغا سەنتۈرۈلۈشى بىلەن قولىدىكى ئايقىزنى ئاسمانغا ئېتىۋەتتى. پەستىكى كىشىلەرمۇ چىرقىرىشىپ كەتتى. ئايقىز پەسكە چۈشۈپ كەتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















