大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 97 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 97 - قىسىم aybarawazi
2023-09-15
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 98 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

97-قىسىم  


   مەن ساقىيىپ ئورنۇمدىن تۇرغان كۈنى كەچقۇرۇن ئۈمىدنىڭ دوستلىرى ئۆيگە كەلدى. ھەممىدىن بۇرۇن ئۆتكۈر كەلدى،  ئۇ بىر مۇنچە سەي كۆكتات ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قولىدىن كۆكتاتلارنى ئالماقچى بولۇۋىدىم، ئۇ ئۇنىمىدى.

_ سىز دېگەن بىمار،  بۈگۈن سىز مېھمان بولۇپ ئولتۇرۇڭ، ئاشخانىغىمۇ كىرمەڭ، تاماقنى مەن ئۆزۈم ئېتىمەن_ دېدى ئۇ. 

_  شۇنداق مەلىكەم، سىزنى ئاران ساقايتتۇق، يەنە ئاغرىپ قالسىڭىز بولمايدۇ، شۇڭا جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىڭ، تاماقنى ئۆتكۈر ئېتىدۇ، يىتىشەلمىگەن يېرىگە مەن بار_ دېدى ئۈمىدمۇ.

   ئۇلار چاقچاقلاشقاچ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  مەن مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇم. مېھمانلار بىر بىرلەپ كەلگىلى تۇردى، مەن ھېچبولمىغاندا چاي دەملەپ چىقاي دېسەممۇ ئۈمىد ئۇنىماي ھەممە ئىشقا ئۆزى يۈگۈردى، ئۆتكۈر ئاشخانا ئۆيدىن چىقماي تاماق ئەتتى. 

     تاماقنى كەچ سائەت سەككىزلەر بىلەن يەپ بولدۇق، تاماقنى يەپ بولۇپ يەنە ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيۇش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  قالغانلار تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ كورت ئويناشقا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فەرۇقمۇ بار ئىدى، ئەمما بۈگۈن فەرۇقنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس، ماڭا ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ جىمغۇرلىشىپ كەتكەندەك بىلىندى. 

   ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ ئۈمىد كورت ئويناۋاتقانلارغا قوشۇلدى،  ئۆتكۈر كېلىپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۈچۈن ئولتۇردى، مەن بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرىۋاتاتتىم،  تىزگىنەكنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم.

_ باشقا بىرەر نەرسە كۆرگۈڭىز بولسا ئېچىپ كۆرۈڭ. 

_ ياقەي، سىز كۆرىۋاتقان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن، مۇشۇنى كۆرىۋېرەيلى. 

   ئەرلەرنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆرىدىغانلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ دەپ ئويلايمەن، شۇڭا سەل ھەيران قالدىم. ئۈمىد قوشۇلغاندىن كيىن فەرۇق كورت ئوينايدىغانلار ئارىسىدىن چىقىپ كرىسلودا تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇردى، ئەمما ئۇنىڭ دېققىتى تېلېۋىزوردا ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى. ئەسلى بىر پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ قوياي دەپ ئويلىغانتىم، لېكىن ھازىر ئادەم كۆپ، سەل بىئەپ ھېس قىلىپ، يەنە پۇرسەت كېلىپ قالار دەپ گەپ قىلمىدىم. 

تىياتىر تۈگەپ، ئەمدى ئېلان قويۇلىۋاتقاندا نىگارەدىن تېلېفون كەلدى. 

_ نازى، تېز كەل، مېنى قۇتقۇزىۋال_  ئۇنىڭ تېلېفوندىكى ئاۋازى تىترەپ كېتىۋاتاتتى. 

_ نىگار، نىمە بولدۇڭ؟_ نىگارەنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىنىمنى ئاڭلاپ بىرىنچى بولۇپ قارىغىنى فەرۇق بولدى. ئۈمىدمۇ دەرھال ماڭا قارىدى، ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىپ كورت ئويناۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جىمىپ قالدى.  تېلېفوننى قويۇۋېتىپ بولۇپ كرىسلودىن تۇرۇپ كەتتىم. فەرۇق ماڭا تىكىلىپ قاراپلا قالغان ئىدى. ئۈمىدكە قاراپ ئارانلا گەپ قىلالىدىم. 

_ تېز، تېز نىگارەنىڭ يېنىغا بارايلى. 

  ئۈمىد ھېچقانداق گەپ سورىماي ئورنىدىن تۇرۇپلا بېرىپ چاپىنىنى ئالدى، قالغانلار بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملەپ كورتنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۈمىد ئىككىمىز ئەمدى ماشىنىغا چىقىپ تۇرساق فەرۇقمۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ ماشىنىغا چىقتى. 

  ئۈمىد ماشىنىنى ئۇدۇل نىگارەنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ توختاتتى، مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆزۈمنى لىفىتقا ئاتتىم. فەرۇقمۇ كەينىمىزدىن لىفىتقا چىقتى. 

_ ئۇ توي قىلىپ بولغان ئىدىغۇ؟ يەنە مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋاتامدا؟_ سورىدى فەرۇق ئەجەبلىنىپ. فەرۇق ئۆزىنى تۇتىۋالغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن توختىماي تاماكا چېكىشىدىن جىددىيلىشىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.  مەن بېشىمنى چايقىدىم، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبىنى راستلا بىلمەيتتىم. 

 نىگارەنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى، ئىشىكنى ئىتتىرىپلا ئېچىپ كىرىپ قارىسام ئۇ پولنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ياتاتتى. 

_ نىگار، نىمە بولدۇڭ؟_قورققىنىمدىن تىترەپ تۇرۇپ زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى لىڭشىتتىم.  نىگارە بەك تەستە كۆزىنى ئېچىپ ئاغزىنى ئاران مىدىرلاتتى،  قۇلىقىمنى يېقىن  قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىنى بەك تەستە ئاڭلىدىم. 

_ قۇرسىقىم...قۇرسىقىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.

ئۇنى ئەمدى يۆلەي دەپ تۇرۇشۇمغا فەرۇق كېلىپلا مېنى ئىتتىرىۋېتىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.  لىفىتنىڭ ئىچىدىكى چىراق نۇرىدا نىگارەنىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدىم. 

_ غەيرەت قىل، جېنىم نىگارىم، دوختۇرخانىغا ماڭدۇق.

 فەرۇق باياتىن بېرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان، ئاخىرى ئېغىز ئاچتى. 

_ سىز توي قىلغانغۇ؟ ئېرىڭىز قېنى؟ ئۇ نىمىشقا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالمايدۇ؟ ئاغرىپ قالسىڭىزمۇ سىزنى يالغۇز تاشلىۋەتتىما؟ 

نىگارە ئاغرىقتىن تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگۈدەكمۇ ھالى يوق. ناھايىتى تېزلا دوختۇرخانىغا يېتىپ باردۇق، دوختۇر ئۇنىڭ جىددى خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنى، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  دوختۇر ئوپېراتسىيە تالونىنى بېرىپ:

_  قايسىڭلار ئىمزا قويىسىلەر؟_ دەپ سورىدى. 

_ مەن قوياي_ دېدى فەرۇق ئالدىراپ. 

_ سىز بىمارنىڭ نېمىسى؟

  فەرۇق دەماللىققا نىمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. دوختۇر يەنە:

_ ئوپېراتسىيە تالونىغا چوقۇم بىمارنىڭ بىۋاستە تۇققانلىرى ئىمزا قويۇشى كېرەك، بولمىسا ئپېراتسىيە قىلغىلى بولمايدۇ.  دەرھال بىمارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە تېلېفون قىلىڭلار. تېز كەلسۇن. 

فەرۇق تامغا بىرنى تەپتى، ئاپئاق تامدا ئۇنىڭ ئاياق ئىزى چىقىپ قالدى.

_ قانداق قاملاشمىغان قائىدە بۇ؟ ئادەم ئۇ يەردە ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىپ كېتىۋاتسا، يەنە ئۇ كەلسۇن، بۇ كەلمىسە بولمايدۇ دەيدىكەنسىلەر. ئائىلىسىدىكىلەر كېلىپ ئىمزا قويمىسا بىمار ئۆلۈمنى ساقلاپ ياتامدا؟ شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بىمارغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ھۆددىسىدىن چىقالامسىلەر؟ 

 دوختۇر سەل ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە:

_  بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن بىزمۇ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىمىز، چوڭ ئوپېراتسىيە بولسۇن ياكى كىچىك ئوپېراتسىيە بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئوخشاش خەتىرى بار، شۇڭا بىزنىمۇ توغرا چۈشەنگەن بولساڭلار_ دېدى. 

   نىگارەنىڭ ئالدىنقى قېتىم شۆھرەتنىڭ تېلېفونىدا ماڭا تېلېفون قىلغىنى ئېسىمگە كېلىپ تېلېفونۇمنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئاختۇرسام ھەرنىمە بولسا يۇيۇلۇپ كەتمەپتۇ. دەرھال ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. 20 مىنۇتقا قالماي ئۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ بولدى. ئۇ پەستىن يۈگۈرۈپ چىققان بولسا كېرەك ھاسىراپ كەتكەن ئىدى. 

_ نىگارە قېنى؟_ دېدى ئۇ فەرۇققا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن.  مەن ئوپېراتسىيە ئۆيىنى كۆرسەتتىم. 

_ ئۇ ئوپېراتسىيە ئۆيىدە،  جىددى خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قاپتۇ،  دەرھال ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىكەن،  سىزنىڭ ئىمزا قويۇشىڭىزغا قاراپلا قالدى. تېز بولۇڭ. 

_ سىز بىمارنىڭ نېمىسى؟_ دەپ سورىدى دوختۇر.  شۆھرەت ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن:

_ مەن ئۇنىڭ يولدىشى_ دېدى.  دوختۇر ئوپېراتسىيە تالونىنى ئۇنىڭغا بەردى. 

_ تېز ئىمزا قويۇڭ،  جىددى ئوپېراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ. 

شۆھرەت تالوننى ئېلىپ ئۈستىگە ئىسمىنى يازدى. ئۇ تالوننى دوختۇرغا سۇنۇۋېتىپ  ئۆتۈنگەن ئاھاڭدا دوختۇردىن سورىدى:

_ ئايالىمنى كۆرۈپ چىقسام بولامدۇ؟ ئۇ ئاغرىپ قالغاندا مەن ئۆيدە يوق ئىدىم، ئۇنى بەك قورقۇپ كەتتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن. 

_ تېز تېز بولۇڭ ئەمىسە_ دېدى دوختۇر.  شۆھرەت ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. 

فەرۇق تامغا يۆلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، ئەگەر ھېلىقى ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولسا بەلكىم بۈگۈن ئوپېراتسىيە تالونىغا يولدىشى سالاھىيىتىدە ئىمزا قويىدىغان، نىگارەنىڭ يېنىغا كىرىپ كۆرۈپ چىقىدىغان ئادەم فەرۇق بولار ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇ ھېچبىر مۇناسىۋەتسىز ئادەم سالاھىيىتىدە ئامالسىز بىر ھالدا تۇرىدۇ. ئۇ بېشىنى پەس قىلىپ شۆھرەت ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئۆرۈلۈپ ماڭدى. ئۇ ئىككى قولىنى يانچۇقىغا تىقىپ، ئاغزىغا تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ماڭغىنى بىلەن قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقىنىنى بىز ھېس قىلالايتتۇق.

بىرەر سائەتتىن ئاشقاندا دوختۇر نىگارەنى ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن ئىتتىرىپ چىقتى. ناركوز ئوكۇلىنىڭ كۈچى كەتمىگەنلىكتىن ئۇ تېخىچە ھۇشسىز ھالەتتە ئىدى.  شۆھرت بار بولسىمۇ، نىگارە تېخى ھۇشىغا كەلمىگەچكە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ئۈمىدكە سىز كەتكەچ تۇرۇڭ، مەن قېپ قېلىپ نىگارەگە قاراي دېسەم، ئۇ كەتكىلى ئۇنىمىدى.  

نىگارەنىڭ كارىۋاتتا ھۇشسىز ياتقان ھالىتىگە قارىدىم، ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنداق ئاجىز ھالىتىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قوللىرىنى تۇتتۇم، ئۇنىڭ قولى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.  يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ ھۇشىغا كەلدى.  كۆزىنى ئېچىلا ماڭا قاراپ دېگەن تۇنجى گېپى:

_ نازى، مەن تېخى ھاياتمۇ؟_ دېگەن گەپ بولدى.  مېنىڭ ھەم ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ، ھەم كۈلگۈم كەلدى.

_ كىچىككىنە سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيىسىگە ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ، خېنىم. بۇنداق تاۋى نازۇك بولىۋالمىغىنە. 

دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان شۆھرەت نىگارەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يۈزىنى سىلىدى. 

_ قانداق تۇرىسىز، نىگارىم.  يېنىڭىزدا مەن بار، قورقماڭ ھە. 

نىگارە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندىن كېيىن بېشىنى بۇراپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئۈمىدنى كۆرۈپ مېنى ئىتتىردى. 

_ بولدى، ئەمدى قايتىپ كەتكىن، نازى، سىلەرنى ھېلىمۇ بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. مەنمۇ ياخشى مانا، ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭغۇ، ئەمدى قايتىپ ئارام ئېلىڭلار. ھەممىڭلار بۇ يەردە تۇرىۋالمىساڭلارمۇ بولىدۇ. 

ئۇنىڭ ئەھۋالى راستلا بايىقىدىن خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى.

_ ماقۇل ئەمىسە، مەن ئەتە كېلەي، ياخشى ئارام ئالغىن_ دېدىم مەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا كېچە سائەت بىردىن ئاشقان ئىدى. 

 ئەتىسى ئەتىگەن ئۈمىد مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن شىركەتكە كەتتى. ئەمدى لىفىتتىن چىقىشىمغا شۆھرەت ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ سىرتقا ناشتىلىق ئالغىلى ماڭغان ئىكەن. تېخى نىگارە ياتقان بالنىستقا كىرىشىمگە بىرسى شارتلا قىلىپ ئالدىمغا ئۆتۈپلا كىرىپ كەتتى. قارىسام ئۇ فەرۇق ئىدى. ئۇ نىگارەگە يېقىن بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىمۇ يا يېنىغا بېرىشنى بىئەپ كۆردىمۇ، سەل نېرىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.  نىگارەمۇ ئويغاق ئىكەن، ئۇمۇ فەرۇخقا قاراپلا ياتاتتى.  پەمىمچە فەرۇق كۈزىتىپ تۇرۇپ شۆھرەت  سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرگەندەك قىلاتتى. تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى تازا بىئەپ ۋاقىتتا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. 

_ مەن....مەن چىقىپ چۆگىلەپ كىرەي ھە_ شۇنداق دەپ ئۆرۈلۈپلا سىرتقا قاراپ ماڭدىم. 

_ ياق، توختا نازى، چىقىپ كەتمە_ دېدى نىگارە.  مەن دەرھال توختاپ ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ يېنىغا ئاستاغىنە باردىم. فەرۇق تۇرغان جايىدا مىدىرلىماي خېلىغىچە تۇردى، ئاخىرى پۈتۈن غەيرىتىنى يىغىپ كارىۋاتقا يېقىنلاشتى . 

_ قانداقراق تۇرىسىز؟ كەسكەن يەر ئاغرىدىمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۇ. 

_ خېلى ياخشى، كەسكەن يەر ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ، لېكىن ئېغىر ئەمەس_ نىگارەمۇ تۆۋەن ئاۋازدا جاۋاب بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە گەپ قىلىشمىدى.  ئارىنى كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرغۇدەك جىمجىتلىق باستى، بۇ جىمجىتلىقنى يەنىلا نىگارەنىڭ كۈلكىسى بۇزدى. 

_ راستىمنى دېسەم قۇرسىقىم يەنە ئاغرىۋاتىدۇ، دوختۇر قۇرسىقىمنىڭ ئىچىدە موچىن،  قىسقۇچ دېگەندەك نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن. ھا ھا ھا. 

فەرۇق كالپۇكىنى چىشلەپ چىداپ تۇرۇپ باقتى، ئەمما يەنىلا چىدىيالماي كۈلۈۋەتتى. 

_ سىز دېگەن بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى لاتارىيەدىن مۇكاپات چىقىش نىسبىتىدىنمۇ تۆۋەن. دېمەيدىغان گېپىڭىز يوق ھە.  ھا ھا ھا. 

ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ھەممىمىزلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بىردەمدىن كېيىن دوختۇر بالنىست تەكشۈرگىلى كىرىپ نىگارەنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، نىگارە قۇرسىقىنىڭ يەنە ئازراق ئاغرىۋاتقىنىنى ئېيتتى. دوختۇر ئۇنىڭ قۇرسىقىنىڭ قەيىرى ئاغرىۋاتقىنىنى سوراپ تۇتۇپ كۆرگەندىن كېيىن جىنسىي يولدىن كىرگۈزۈپ تەكشۈرىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىياتقۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتتى.  بۇنى ئاڭلاپ نىگارە بېشىنى تۆۋەن سالدى. 

_ تەكشۈرتمەيمەن. 

_ ئاغرىيدۇ دەپ قورقۇۋېتىپسىزدە، ئەمىسە ئادەتتىكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈپ باقساقمۇ بولىدۇ.  مەن سىزنى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاشۇ تەكشۈرۈشنى قىلايلى دەپتىكەنمەن، ئەمىسە ئىختىيارىڭىز_ دېدى دوختۇر. 

_ ئادەتتىكىسىدە تەكشۈرتەي. _ قىزىرىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى نىگارە.

_  بولىدۇ، چۈشەندىم.   

راستىمنى ئېيتسام بۇنىڭدىن مەنمۇ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم، مەن ئۇنداق ئويلىغان يەردە فەرۇق تېخىمۇ ئويلايدۇ-دە. 

_ نىمىشقا ئۇنىڭدا تەكشۈرتمەيسەن؟ ئۇنىڭدا بەكرەك توغرا چىقاتتى ئەمەسمۇ. 

_ بولدى سوراۋەرمىگىنە، ھەممىنى ئېچىپ دەمتىم ساڭا_ شۇنداق دەپ قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى نىگارە.

 شۆھرەت چىقىپ كەتكىلىمۇ خېلى بولغان، قايتىپ كىرىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى، فەرۇقمۇ ئۇزۇن تۇرماي ماڭدى، مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەجەبلىنىش، ھاياجانلىنىش مەنالىرىنى بايقاپ قالدىم. فەرۇق ھېلىمۇ نىگارەنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. 

فەرۇق كەتكەندىن كېيىن نىگارەدىن سورىدىم. 

_ توي قىلىپ بولغان تۇرۇپ نىمىشقا شۆھرەت بىلەن بىللە تۇرمايسىلەر؟

_ قىزىق ئىش قارا، بۇرۇن شۆھرەتنى ئاچچىقى يامان، قەتئىي چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئادەم دەپ بىلەتتىم، لركىن توي قىلغاندىن كېيىن قارىسام شۇنداق رايىش، قۇلىقى يۇمشاق ئادەمكەن. سىز بىلەن بىللە تۇرغۇم يوق دېسەم مەيلى دېدى. 

_ ئۇ ساڭا شۇنچىلىك ۋاي دېگەندىكىن، ئوبدان قەدىرلە_ دېدىم مەن.  

ئۇ تورۇسقا قاراپ خىيالغا پاتتى. 

_ بىلمەيسەن، نازى،  بەزىدە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ كېتىمەن.  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم دېگەن بىلەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە، بەزىدە بىللە تاماق يەپ قويىمىز شۇ. 

_ سەن ھېلىمۇ فەرۇقنى ياخشى كۆرىسەن_ دېدىم مەن. 

_ ياخشى كۆرسەممۇ قانداق بولماقچىتى، بەرىبىر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن ئەمەستە. رېئاللىققا يۈزلەنمەي ئامال يوق. دۇنيادا بىزگە ئوخشاش بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ مۇرادىغا يېتەلمىگەنلەر ئاز ئەمەسقۇ. 

گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە شۆھرەت قايتىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن گېپىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. شۆھرەت نىگارەنى يۆلەپ سەل ئۆرە قىلىپ تاماقنى يىگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى،  نىگارە ئۆزۈم يەيمەن دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدى. قارىسام شۆھرەت ئۇنىڭغا بەك ۋاي دەيدىكەن، كۆيۈنىدىكەن، ئاسرايدىكەن.

  نىگارە ناشتىلىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن مەن كەتمەكچى بولۇپ لىفىتنىڭ ئالدىغا كەلسەم شۆھرەت مېنى چاقىردى. 

_ سىز نىگارەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، ھەقىچان ئۇنىڭ نېمىلەرگە ئامراقلىقىنى بىلىسىز، شۇڭا مەن بىلەن بىللە كۆكتات بازىرىغا بارالارسىزمۇ؟  قارىسام ئۇنىڭ ئىشتىھاسى تازا ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ۋاقتىممۇ ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى بىلىسىز، شۇڭا ئۇنىڭ نىمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ بەك بىلىپ بولالمايدىكەنمەن. 

 ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم، ئۇ نىگارەگە شۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتسا، مەن ئەلۋەتتە بىللە بېرىشقا ماقۇل بولىمەن دە.  يولدا ماڭغاچ شۆھرەتكە نىگارە توغرىلىق سۆزلەپ بەردىم. 

_ ئەمەلىيەتتە ئۇ بەك تاماق تاللاپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئادەتتە يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەيدۇ، يەنە توخۇ شورپىسى ئىچىشكىمۇ ئامراق. 

شۆھرەت گەپلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە:

_ ئېسىمدە تۇتىۋالدىم_ دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تېخىمۇ تەسىرلەندىم.  بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن نىگارە بىلەن پاراڭلاشقاندا فەرۇخقا بولۇشۇپ گەپ قىلغان بولسام، ھازىر شۆھرەتمۇ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قېلىۋاتاتتى. 

 بىز كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتاتلاردىن ئالدۇق، ئاندىن ئازراق مېۋە چېۋە ئېلىپ، شۆھرەت ئۆيگە تاماق ئەتكىلى ماڭدى، مەن مېۋە چىۋىلەرنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇپ ماڭدىم.  نىگارەنىڭ يېنىغا مېۋە چېۋىلەرنى يۇيۇپ قويۇپ قويۇپ كەتمەكچى بولۇپ لىفىتقا چىقىپ بىرىنچى قەۋەتنى بېسىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزىتىپ بولۇپ بەشىنچى قەۋەتنى باستىم. بەشنچى قەۋەتتىكى بىر بالنىستنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسام ئىشىك ئوچۇق، ئىچىدە ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۇتى ئاغرىق تۇرسا،  ئالدىنقى قېتىم مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىمۇ تامنى تۇتۇپ ئاران مېڭىپ كىرگەن ئەمەسمۇ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتمىگەندۇ؟  شۇنداق ئويلاپ ئىشىككە قاراپلا ئىشىك ئالدىدا بىرىنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k