大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 99 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 99 - قىسىم aybarawazi
2023-09-16
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 100 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

99-قىسىم  


   كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئالدىغا ئۆتتۈم، ھېلىقى ئەر مېنىڭ نەۋرە ئاكام ئىدى، ئۇ ئايالىنى تېخىچە تېپىۋاتاتتى، بىچارە ئايال يەردە يېتىپ تولغىنىپ كېتىپتۇ. 

_ قانداق بولۇپ سەندەك بىر كالۋا خوتۇننى ئېلىپ قالغاندىمەن دەيمەن، تاپقان پۇلۇڭنىڭ تايىنى يوق، تېخى ساختا پۇل ئېلىۋاپسەن، بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگىنىڭ ياخشى سېنىڭ. 

_ بولدى ئۇرماڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي. 

_ بولدى قىلىڭ، بۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ؟_ دەپ ۋارقىرىدىم. ئەر دەرھال توختاپ ماڭا قارىدى ۋە كەينىمدە تۇرغان ئۈمىدنى كۆرۈپ ئاندىن پەسكويغا چۈشتى. 

_ يەڭگە، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ_ دەرھال يەڭگەمنى يۆلىدىم. ئۇ كىيىمنى بەك قېلىن كىيىۋالغاچقا بىرەر يېرىنىڭ يارىلانغىنىنى بىلەلمىدىم، لېكىن يۈزلىرى كۆكىرىپ ئىششىپ كېتىپتۇ، قولىنىڭ دۈمبىسىدىنمۇ قان چىقىۋېتىپتۇ، چاچلىرى چۇۋۇلۇپ ئاجايىپ بىچارە بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.  مەن نەۋرە ئاكامنىڭ مىجەزىنىڭ ئوساللىقىنى بۇرۇندىن تارتىپلا بىلىمەن،  لېكىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق جايدا بۇنداق زوراۋانلىق قىلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. 

_ يۈرۈڭ، يۈزىڭىزگە دورا سۈركەپ قوياي_ نەۋرە ئاكامغا قاراپمۇ قويماي يەڭگەمنى يۆلەپ ئېلىپ ماڭدىم، ئۇمۇ بىزنى توسىمىدى. 

  ئۈمىد ماشىنا ھەيدىدى، يەڭگەم ئىككىمىز كەينىدە ئولتۇردۇق، ئۇ يولبۇيى يىغىسىنى توختىتالماي ئۆكسۈپلا ماڭدى. 

_ بلدى، يىغلىماڭ يەڭگە، نەۋرە ئاكام سىزنى ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق ئۇرامدۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ. 

_ ئادەتتە بىرەر ئىشقا ئاچچىقى كېلىپ قالسا ئاچچىقىنى مەندىن چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يىل تۈزۈك ئىش يوق، پۇل تاپالمىدۇق. بۇ سوغۇقتا بالام ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، دوىتۇرخانىغا بەك كۆپ پۇل كېتىدىكەن، شۇڭا ئازراق بولسىمۇ كىرىم بولۇپ قالا دەپ يايما يايغىلى چىققان. مەن بۇرۇن سودا قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم پۇل تۇتۇپ تۇرمىغاچقا  پۇلنىڭ ھەقىقىسى بىلەن ساختىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەنمەن. مەن يا قەستەن قىلمىسام، ئاكىڭىز كېلىپ كۆرۈپلا ساختا پۇل ئېلىۋاپسەن دەپ مېنى ئۇرۇپ تىللاپ تېپىپ كەتتى.  ئۇ مېنى ئادەم قاتارىدىمۇ كۆرمەيدۇ، بايا مېنى ئۇرغاندىمۇ ئەتراپتىكىلەر توسسىمۇ قىرىغا ئېلىپ قويمىدى. 

   ئۇ بالىنى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى دېگەچكە ئۇدۇل دوختۇرخانىغىلا باردۇق.  دوختۇرخانىدا ھاممام ئۆزى يالغۇز بالىغا قاراۋېتىپتۇ، ئۇ مېنى كۆرۈپ دەسلەپتە بەك ھەيران قالدى، ئىنتايىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ ماڭا دەرت ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. 

_ ۋاي بۇ بالا ئاغرىپ قېلىپ، ئۆزۈم يالغۇز بالىغا قاراپ بەك جاپا تارتىپ كەتتىم، نىمە كۈن بۇ ماڭا، قېرىغاندا راھەت كۆرىمەنمىكىن دەپتىكەنمەن، بۇنداق جاپاغا قالارمەن دېمىگەنتىم. بىردەم بىردەم سىستېرا ھېسابات تالونىنى كۆتۈرۈ كىرىۋاتقان، يۈگۈرۈپ چىقىپ تۆلەي دېسەم يا يېنىمدا پۇل يوق.  

   ھاممام ھە دەپ دەرت ئېيتىپ يىغلاپ، يەڭگەمنىڭ يۈز كۆزىنىڭ ئىششىپ كەتكىنىگىمۇ قاراپمۇ قويمىدى. 

بالا كارىۋاتتا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتۇ، كىچىك بالىنىڭ تۇمۇرىنى تاپماق تەس،  شۇڭا سىستېرا ئوكۇلنى بالىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ قويغان ئىدى. بالىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى، كىچىككىنە بالىغا نىمە تارتقۇلۇق بۇ؟ ئەمما ھاممامنىڭ «تارتقان جاپالىرى»نى ئاڭلاپ، راستىمنى دېسەم مەندە ھېسداشلىق تۇيغۇسىمۇ بولمىدى.  ھاممام گەپ قىلغاچ بىردەم بىردەم ئۈمىدكە قاراپ قوياتتى. ھاممام دەيدىغاننى دەپ بولۇپ توختىغاندىن كېيىن ئاندىن مەن گەپ باشلىدىم. 

_ ھامما، ئادەم بولۇپ تۇغۇلغان ئىكەنمىز ھەرخىل جەۋرى جاپالارنى تارتىدىكەنمىز.  بەزىلىرىمىز ئېغىرراق كۈنلەرنى كۆرىدىكەنمىز.  مەنمۇ كىچىكىمدە دادام ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپام ھۇشسىز ياتقاندا شۇنچىلىك قىينالغان، جاپا تارتقان،  ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. سىلەرنىڭ بۇ جاپالىرىڭلارمۇ ۋاقىتلىق، ئەينى ۋاقىتتا مەن كىچىككىنە بالا تۇرۇپ شۇنچىۋالا قىيىنچىلىقنى يەڭگەن يەردە سىلەر چوپچوڭ نەچچە ئادەم ئەلۋەتتە يېڭىپ كىتەلەيسىلەر.

ھامماممۇ چىچەن ئايال، ئۇ مېنىڭ گېپىمنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى بىلىپ يەتتى ۋە چىرايىدا خىجىللىق ئىپادىلىرى ئەكىس ئەتتى. يەڭگەمگە داسقا ئىسسىق سۇ ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتىم، مەقسىتىم يەڭگەمنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇش ئىدى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھاممامغا قارىدىم. 

_ ھامما، ئادەتتە ئاكام يەڭگەمنى ئۇرسا سىز توسمامسىز؟  بۈگۈن يەڭگەم نەرسە سېتىپ ساختا پۇل ئېلىپ قاپتىكەن،  ئاكام ئۇنى بەك قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ.  ئۇ سىلەرنىڭ ئۆيگە ياتلىق بولغاندىكىن، ئائىلەڭلارنىڭ ئادىمى بولدى دېگەن گەپ. ئۇمۇ ئاتا ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان قىزى، سىلەرگە كېلىن بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق خورلۇق تارتسا بولامدۇ؟  ئاكام مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسا يەڭگەم ئاجرىشىپ كەتسە، ئاكام بىر بالا بىلەن قايتا ئۆيلىنەلىشىمۇ ناتايىن جۇمۇ. 

ھاممام گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭغا قارىسام ئۇ ئوغلىنىڭ خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئىشلىرىنى بەش قولدەك بىلىدىغاندەك قىلاتتى.  يەڭگەم كىرگەندىن كېيىن ھاممام يەڭگەمنىڭ قولىدىن تارتىپ كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزۇپ، كۈيۈنگەن قىياپەتتە يۈزىگە قاراپ كەتتى. 

_ ھۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچقۇلاق. خوتۇنۇڭنى ئۇرما، ئۇ ھېلىمۇ ئۆيىمىزگە كىلىن بولۇپ كىرىپ ئاز جاپا تارتمىدى دەيمەن بولمىسا.  قارا يەنە ئۇرۇپ قىلىۋەتكىنىنى. سىزمۇ كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، قىزىم، ئەمدى شۇنداق قىلىپ باقسۇنچۇ قېنى. ھازىر بالا ئاغرىپ قالدى، بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش مۇھىم،  ئۇمۇ بالىنىڭ كېسىلىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالغان ئوخشايدۇ. بالىنى داۋالاتقۇدەك پۇل بولمىغاچقا جىددىيلىشىپ كەتكەن گەپ. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە. 

مەن بۇ يەرگە كىرگەندىن باشلاپ ھاممام پۇلنىڭلا گېپىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە پۇلنىڭ گېپىنى چىقىرىۋىدى، مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. 

_ بىز ماڭايلى، ھامما. بالىنى يەنە يوقلاپ كىلەرمىز_ دەپ بالىنىڭ كارىۋىتىغا 200 يۈەن پۇل قويۇپ قويدۇم. 

ھاممام بىزنى خېلى يەرلەرگىچە ئۇزىتىپ چىقتى . ئېسىمدە قېلىشىچە دادام ھايات چېغىدا ئۇ بىزگە بۇنچىلىك قىزغىن بولۇپ باقمىغان. ئۇ كەينىمدىن قوغلاپ كېلىپ قالىدىغاندەك شۇنچىلىك تېز ماڭدىم، ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن «ئۇف» دېدىم.  ھەر قېتىم ئۈمىد تۇققانلىرىمنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىرىنى كۆرۈپ قالسا بەك نۇمۇس قىلىپ كېتىمەن. 

يولدا كېتىۋاتساق فروزە تېلېفون قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە دادىسىنىڭ سىنىپىدا بىر پائالىيەت بار ئىكەن،  تەييارلىق قىلىدىغانغا دادىسى يالغۇز يىتىشەلمەي قاپتۇ،  شۇڭا مەندىن ۋاقتىڭىز بارمۇ دەپ سورىدى. فروزە دادىسىنىڭ مەكتىپىنىڭ ئسمىنى دېۋىدى، يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى،  چۈنكى مەن بۇرۇن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى. بەرىبىر ئۆيگە بارساقمۇ باشقا ئىشىمىز يوق، ئۈمىدكە دېسەم بىللە بېرىشقا قوشۇلدى. 

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەكتىپىمگە يەنە قەدەم بېسىشىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھاياجانغا چۆمدۈردى.  فروزە بىزنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىردۇق، مەن تېخى مەكتەپنى تازىمۇ قاينام تاشقىنلىققا چۈمۈپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىغانتىم، نەدىكىنى!؟

مەكتەپ مېنىڭ ئەسلىمەمدىكى مەكتەپ ئەمەس، بىنالارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىنىپ كېتىپتۇ، بىر سىنىپتىن باشقا ھەممە سىنىپلارنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈرۈلگەن.  چىرىقى يېنىقلىق تۇرغان سىنىپتىن پاراڭلاشقان، كۈلۈشكەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.  كەڭرى سىنىپتا ئۈستەل ئورۇندۇقلار ئىككى يانغا تىزىۋېتىلگەن، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىدا ئويناۋاتاتتى، مۇنبەردە بىر ئوقۇتقۇچى بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بىلەن قەغەز تۇرنا قاتلاۋاتاتتى. 

_ دادا_ چاقىردى فروزە. مۇئەللىم بېشىنى كۆتۈردى،  مۇئەللىمنى كۆرۈپ كۈچلۈك ھاياجان پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. 

_ تۇرسۇن مۇئەللىم. 

  تۇرسۇن مۇئەللىم ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، بۇرنىغا چۈشۈپ قالغان كۆزەينكىنى سەل ئۈستىگە سۈرۈپ ماڭا سىنچىلاپ قارىدى. 

_ نازىيەمۇ سىز؟

تۇيۇقسىز كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى. تۇرسۇن مۇئەللىم مېنىڭ سىنىپ مەسئۇلۇم ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا مەن تولۇقسىز ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇغان، تۇرسۇن مۇئەللىم بىرىنچى سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئائىلەمدىكى ئىشلارنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، ماڭا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.  ماڭا دائىم ئۆيىدىن تاماق ئالغاچ كېلەتتى، ئىشخانىسىغا چاقىرىپ دەرسلەرنى ئايرىم تەكرار قىلىپ بېرەتتى. ئىشقىلىپ ماڭا دادامدەك كۈيۈنەتتى. 

_ دادا، سىلەر تۇنۇشامسىلەر؟_ سورىدى فروزە بىر ماڭا، بىر دادىسىغا قاراپ. 

تۇرسۇن مۇئەللىم كەينىمدىن كىرگەن ئۈمىدكە قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن جاۋاب بەردى. 

_ ھەئە، تۇنۇشىمىز. 

ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، تۇرسۇن مۇئەللىممۇ خېلىلا ياشىنىپتۇ، چاچلىرىغا ئاق سانجىپتۇ، ئەمما مېھرىبانلىقى بۇرۇنقىدىن قىلچىلىك ئۆزگەرمەپتۇ. ئاستا بېرىپ تۇرسۇن مۇئەللىمنى دادامنى قۇچاقلىغاندەك قۇچاقلاپ كۆرۈشتۈم. بىردەم ھال ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن تۇرسۇن مۇئەللىم بىزگە قاراپ:

_ ئەجەبمۇ ئوبدان ۋاقتىدا كەپسىلەر، سىلەرمۇ ياردەملىشىڭلار ئەمىسە_ دېدى. 

تۇرۇسۇن مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ سىنىپىدا ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بىر بالا بار ئىكەن، ئەتە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن، شۇڭا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سىنىپنى چىرايلىق بېزەپ ئەتە ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۇنى خۇش قىلىۋەتمەكچى ئىكەن. شۇڭا مۇئەللىم بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بىلەن سىنىپنى بېزەش ئۈچۈن قەغەز تۇرنا قاتلاۋاتقان ئىكەن. 

_ نازىيە، ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىكىڭىزدە تولىمۇ قولىڭىز ئەپلىك قىز ئىدىڭىز،  قەغەز تۇرنىنى چوقۇم چىرايلىق قاتلايسىز، كېلىڭە، ياردەملىشىڭ. 

_ ماقۇل، ماقۇل_ تۇرسۇن مۇئەللىمگە قاراپ كۈلدۈم. ئۈمىد يېنىمغا كېلىپ پىچىرلىدى. 

_ مەنمۇ ياسىشىپ بېرەيمۇ؟ 

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ_ دەپ ئۇنىڭغا رەڭلىك قەغەزدىن بىرنى بەردىم. لېكىن ئۇ قولىغا قەغەزنى ئېلىپ بولۇپ ماڭا قاراپ تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى. 

_ لېكىن مەن قانداق قاتلاشنى بىلمەيمەن. 

ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇرغان ئۇماق قىلىقىغا قاراپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى، يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ:

_ كېرەك يوق، مەن ئۆگىتىپ قويىمەن_ دېدىم.  ئۈمىد ھەقىقەتەن ئەقىللىق،  مەن بىلەن تەڭ بىر نەچچىنى قاتلاپلا ئۆگىنىۋالدى. بىردەمدىن كېيىن تۇرسۇن مۇئەللىم مېنى سىرتقا چاقىرىپ قالدى.

_ نازىيە، بۇ ياققا چىقىڭە. 

 مەن قولۇمدىكى قەغەز تۇرنىنى تېز تېز قاتلىۋېتىپ سىرتقا چىقتىم. مۇئەللىم كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. يۈگۈرۈپ دېگۈدەك يېنىغا باردىم. 

_ ئېسىمدە قېلىشىچە، سىز بىر دوختۇر بىلەن توي قىلغاندەك قىلغانتىڭىزغۇ؟ _ سورىدى مۇئەللىم. مەن ئەزىمەت بىلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قېتىم يولدا تۇرسۇن مۇئەللىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىم ئېسىمگە كەلدى. مەن سەل خىجىللىق ئارىلاش جاۋاب بەردىم. 

_ ھەئە، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم. 

_ ھازىرقى يولدىشىڭىز ئۈمىد شۇغۇ ھە؟

_ ھەئە _ جاۋاب بېرىپ بولۇپ   تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۈمىدنى تۇنۇيدىغانلىقىدىن سەل ھەيران قالدىم، ئەمما بىپايان شىركىتىنىڭ تەسىر كۈچى چوڭ بولغاچقا تۇنۇسىمۇ تۇنۇيدىغاندۇ دەپ ئويلىدىم. 

_  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ چوڭ ئوغلىغۇ؟_ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىمگە كەلدى.  ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ھازىرقى ئايالى ئايگۈل ھەدەم تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بۇرۇنقى ئايالى، يەنە كېلىپ گەپنىڭ سەتىنى قىلغاندا ئابلەت ئەپەندىم ئايگۈل ھەدەمنى تۇرسۇن مۇئەللىمدىن تارتىۋالغان تۇرسا، بۇنداق مۇناسىۋەتتىكى ئادەمنىڭ چوڭ ئوغلىنى تۇنۇشى ئەلۋەتتە نورمال ئىشتە. ئەمما مەن ھەقىقەتەن بەكلا ئوڭايسىزلاندىم. 

_ كېرەك يوق، نازىيە، جىددىيلەشمەڭ.  ئۇنى ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ئوغلىكەن دەپ باشقىچە قاراشتا بولمايمەن. خۇددى شېرزاتنى ئابلەتنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلمىغىنىمدەك، شېرزات قانداقلا بولمىسۇن بىر نەچچە يىل مېنى دادا دەپ چاقىرغان ئەمەسمۇ. 

 بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، مۇئەللىم ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل، كۆڭلى –كۆكسى كەڭ ئادەم. 

_ فروزە ماڭا باشتىن باشلاپلا ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل، ئۆزىنى تۇتىۋالغان قىزدەك تەسىر بەرگەن، بۈگۈن ئۇنىڭ سىزنىڭ قىزىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاخىرى ھەممىنى چۈشىنىپ يەتتىم. سىز تەربىيىلىگەن قىز ئەلۋەتتە شۇنداق ساپالىق چوڭ بولىدۇ دە. 

تۇرسۇن مۇئەللىم كۈلۈپ كەتتى. 

_ بولدى، ئۇنى ماختاۋەرمەڭ، ئۇنىڭمۇ ئەسكى خۇيلىرى بار،  بەك جاھىل، بەزىدە مېنىڭ گېپىمگىمۇ كىرمەيدۇ. 

تۇيۇقسىز شېرزاتنى ئويلاپ قالدىم، بەلكىم ئۇمۇ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بولسا ھازىرقىدەك قۇلاقكەستى بولۇپ قالماس بولغىيتتى. ئابلەت ئەپەندىم ئۇنى بەكلا يامان ئۆگىتىۋېتىپتۇ. 

_ نازىيە، سىزگە بىر گەپنى دەي دەپ سىرتقا چاقىرىشىم، ئىچىدە ئۈمىد بار، دىيىشمۇ ئەپسىز. 

_ قانداقلا گەپ بولسا دەۋېرەڭ، مۇئەللىم. 

تۇرسۇن مۇئەللىم دېرىزىدىن ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەن مەكتەپ مەيدانىغا قاراپ بىردەم تۇردى، پەمىمچە ئۇ قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. 

_ ئۈمىد سىزگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ ھەم ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئادەممۇ ئەمەس. ئەگەر مۇھەببىتىڭلار بەك چوڭقۇر بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن بالدۇرراق ئاجرىشىپ كېتىڭ. 

_ھە؟ _ مۇئەللىمنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، شۇڭا بەكمۇ ھەيران قالدىم. تۇرسۇن مۇئەللىم كۆزىنى مەيداندىن يۆتكەپ ماڭا قارىدى. 

_ نازىيە، ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ھەرگىز سىزگە يامان بولسۇن دېمەيمەن. مېنىڭچە سىز ئادەتتىكى بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ، تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز ياخشى بولاتتى. 

ئۈمىد ئىكىمىزنىڭ ئارىمىزدا ئىنتايىن چوڭ پەرقنىڭ بارلىقى ماڭا ئايان، مەنمۇ شۇ پەرقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن. ئەمما مېنىڭچە ئۈمىد بىپايان شىركىتىدەك چوڭ شىركەتنىڭ خۇجايىنى بولغانلىقى ئۈچۈنلا  تۇرسۇن مۇئەللىم بۇنداق دېمەيدۇ، بەلكىم بۇنىڭدا باشقا بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇ سەۋەبنى تۇرسۇن مۇئەللىم ماڭا دىيىشنى خالىمىغان ياكى دېسە ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. مەن گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولدۇم. 

_ مۇئەللىم، ھېلىمۇ يالغۇز ئۆتىۋاتامسىز؟ 

_ ھەئە، ئۆزۈم يالغۇز، يالغۇزلۇققىمۇ كۆنۈپ قاپتىمەن. مەكتەپكە كەلسەم بالىلار بىلەن بولۇپ زېرىكمەيدىكەنمەن.  

بىز سىنىپقا قايتىپ كىرگەندە ئۈستەلدە قەغەز تۇرنىلار خېلىلا كۆپىيىپ قالغان ئىدى. ئۈمىدمۇ قەغەز تۇرنا قاتلاشقا بايىقىدىنمۇ ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىر تەرەپتە ئىككى ئوقۇغۇچى ياساپ بولغان قەغەز تۇرنىلارنى بىر يىپقا ئۆتكۈزۈپ ئاسقۇدەك قىلىپ بەرسە، بۇيى ئېگىزرەك بىر ئوقۇغۇچى تورۇسقا ئېسىۋاتاتتى. 

_ مۇئەللىم قاراڭ، بۇ بوپتۇمۇ؟ 

_ بۇ ئىككىسى تەڭ بولماي قالدىمۇ نىمە؟

_ ھە، ئەمىسە يەنە ئازراق ئۈستىگە قىلىپ چاپلاي. 

_ مۇئەللىم، قارىڭە، مەن قاتلىغان تۇرنا چىرايلىق بوپتۇمۇ؟

_ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىق قاتلاپسىز. 

بالىلارنىڭ مۇئەللىم دەپ چۇرقىراشلىرى، مۇئەللىمنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن بالىلار بىلەن پاراڭلاشقانلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىللىپلا قالدى. 

ئۈمىد ئىككىمىز مەكتەپ مەيدانىغا چىقتۇق، مەيدان ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن ئىدى.  مېڭىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۈمىدكە قارىدىم. 

_ ئۈمىد، سىز زادى قانداق ئادەم؟ نىمىشقا كۆز ئالدىمدا تۇرسىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق يىراقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن؟ زادى نىمىشقىدۇ؟

ئۈمىد سۇئالىمدىن ھەيران قالدى. 

_ نىمە بولدىڭىز، مەلىكەم.  مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز ئۈمىد شۇ. يەنە كېلىپ ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىمىز يىراق ئەمەس، ئىنتايىن يېقىن، ئارىلىقىمىزغا قىل سىغمايدۇ. كۆپ ئويلىماڭ، بولامدۇ؟









,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k