大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 101 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 101 - قىسىم aybarawazi
2023-09-20
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 102 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100



























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

100-قىسىم  

  مەن كۆڭلىكىنى دەسسىۋالغان ئايال 25  ، 26 ياشلار چامىسىدىكى فىگورىسى ئىنتايىن قاملاشقان بىرى ئىدى. ئۇ بىر چىرقىراپ كۆڭلىكىنىڭ كەينىگە قاراپلا ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى.

_ قەستەن قىلدىڭىزغۇ دەيمەن ھە؟ مېنىڭ كۆڭلىكىمنى دەسسەپ يىرتىۋەتسىڭىز سىزگە بىرەرى پايدا بېرىمەن دېگەنمىتى؟

ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئەتراپىمىزغا ئادەملەر ئولاشقىلى تۇردى. ئۆزۈمنىڭ پالاكەتلىكىمگە بەك ئۆچ بولدۇم، باشقىلار بىلىپ قالمىسۇن دېگەنچە ئىش تېرىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان. ھازىر ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشنىڭ پايدىسى يوق، بۇنىسى ماڭا ئايان.

_ كەچۈرۈڭ، كۆرمەي قاپتىمەن،  قەستەن قىلمىدىم_ دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ ئايال قاراشقىلا ئۇنداق ئاسان بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۈستى بېشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

_  قەستەن قىلمىدىم دەۋاتقىنىنى، كۆزىڭىز يوقمىتى؟ مېھمانسارىيىڭلارنىڭ خۇجايىنى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىسام بولماپتۇ، ئۇلار ئادەم ئالغاندا بىرەر ئۆلچەم بىلەن ئالامدۇ ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ئېلىۋېرەمدۇ؟

ئۇ مېنى مېھمانساراينىڭ مۇلازىمەتچىسى دەپ قالغان ئىدى.

_ مەن بۇ يەرنىڭ مۇلازىمەتچىسى ئەمەس_  گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپ ئاپئاق كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر ئەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.

_ نىمە ئىش بولدى، گۈلگىنە؟

گۈلگىنە ئىسىملىك ئايال بايىقى بىشەم ھالىتىدىن بىراقلا بىر ئاجىز، بوزەك بولغان ئادەمگە ئۆزگەردى.

_ بۇ قىز كۆڭلىكىمگە دەسسەپ يىرتىۋەتتى، قاراڭە بۇ يەرگە، سەل تۇرۇپ قانداق ئويۇن قويامەن ئەمدى؟

بۇ گەپچە ئۇ بۈگۈن كەچتە ئويۇن قويۇش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان چولپان ئىكەندە. لېكىن خېلى قاراپ باقساممۇ ئۇنى تونۇيالمىدىم. قارىغاندا ئانچە نامى چىقمىغان چولپان بولسا كېرەك.

_ بولدى، بولدى، خاپا بولماڭ ھە، جېنىم_ ئۇ گۈلگىنەنى بەزلەپ بولغاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.

_ دەڭە، ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى دەسسىۋاپسىز، كۆڭلەك يىرتىلىپ كېتىپتۇ، بۇ ئىشنى قانداق قىلىمىز؟

بۇ چاغدا قەيەردىن پەيدا بولدىكىن، يېنىمدا نىگارە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ھازىرلا بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغاندەكلا ئىدى.

_ نازى، نىمە ئىش بولدى بۇ يەردە؟

ئۇنىڭ بىر ئىش تېرىپ قويۇشىدىن قورقۇپ دەرھال ئۇنى بىر يانغا تارتىپ قولىنى تۇتۇپ تۇرىۋالدىم ۋە  ئۇلارغا قاراپ مۇلايىملىق بىلەن:

_ كەچۈرۈڭلار، بەك سەت بولدى، كۆڭلەكنى مەن تۆلەپ بېرەي_ دېدىم. گېپىم تۈگىشىگىلا گۈلگىنە كۈلۈپ كەتتى.

_ تۆلەپ بېرەي؟  ھا ھا ھا. بايا مەن مۇلازىمەتچى ئەمەس دېدىڭىز ھە، مۇلازىمەتچى بولمىسىڭىز بۇ يەرگە چولپانلارنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن سۇقۇنۇپ كىرگەن ئىكەنسىزدە.  سىزدەك ئادەملەرنى مەن تولا كۆرگەن. تۆلەپ بېرەي؟ سىز تۆلىيەلەمتىڭىز بۇ كۆڭلەكنى. نەچچە ئاي يىمەي ئىچمەي يىغسىڭىزمۇ بۇ كۆڭلەكنىڭ پۇلىنى تاپالمايسىز، مەن دەپ قوياي.

ئۇنىڭ بۇ گېپىگە مەن مەيلى دېگەن بىلەن نىگارە ھەرگىز مەيلى دىيەلمەيتتى.  

_ ھا ھا ھا، چولپانلارنى كۆرىۋالغىلى؟ دۇيىندا بىر نەچچە ئەبجەق قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپ قويۇپ چولپان بولۇپ كەتتىڭىزمۇ تېخى. ئۆزىڭىزنى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندەك ھېس قىلىپ كەتتىڭىزمۇ نىمە؟

نىگارەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاندىن بۇ گۈلگىنەنىڭ كىملىكى ئېسىمگە كەلدى. دۇيىندا ئاندا – ساندا ئۇنىڭ قىسقا فىلىملىرىنى كۆرۈپ قالاتتىم. مەن تۇنۇمايدىغان قايسى داڭلىق چولپاندۇ دەپ كېتىپتىكەنمەن تېخى. نىگارەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قۇيقا چېچى تىك بولدى. ئۇ قولىدىكى قىزىل رەڭلىك ئىچىملىكنى بىزگە قاراپ چاچتى، ئەسلى ئۇ نىگارەگە چاچقان، لېكىن مەن دەرھال نىگارەنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالغاچقا ئىچىملىك مېنىڭ يۈزۈمگىلا چېچىلدى. ئەتراپىمىزدىكىلەر ماڭا قاراپ كۇسۇرلاشقىلى تۇردى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا رازىيەنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى.  نىگارە يېڭىنى تۈرۈپ ئۇرۇشىدىغاندەكلا تۇراتتى، ئۇنى چىڭ تارتىپ تۇرىۋالدىم.

_ ئۇنداق قىلما، نىگار، بۈگۈن مېنىڭ يۈزۈمنى قىل.

_ ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟ بۇ دوستۇمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟

_ بولدى دېمە_ مېنىڭ ئۈمىدنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىمنى بۇنداق سورۇندا زادىلا ئېتىراپ قىلغۇم يوق، بولۇپمۇ ھازىرقى ئەبگا ھالىتىمدە.

بىردەمدىن كېيىن مېھمانساراينىڭ دېرىكتورى كېلىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى.  بىز بىر نىمە دەپ بولغىچە گۈلگىنە ئالدىراپ-تىنەپ گەپ باشلىدى.

_ قانداق مېھمانساراي بۇ؟ ئامانلىق ساقلىغۇچۇڭلار بىكاردىن مائاش ئالامدۇ؟ كىرىدىغان ئادەملەرگىمۇ قاراپ كىرگۈزمەمدۇ؟ بۈگۈنكى زىياپەتنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بىلەمەمدىكىنە؟ چولپانلارنى كۆرىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەنلەرنى كىرگۈزىۋېتىۋېرىدىكەن.

دېرىكتور ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنى راستلا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بىرى دەپ قالدى.

_ چىقىڭ، چىقىڭ، چولپانلارنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بۇنداق سورۇنغا خالىغانچە كىرمەسلىكىڭىز كېرەكتى، بۈگۈنكى زىياپەتنىڭ قانداق زىياپەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن شەھىرىمىزدىكى داڭدار كارخانىچىلار، چولپانلار كېلىدۇ. سىزدەك ئادەملەر خالىغانچە كىرىدىغان زىياپەت ئەمەس بۇ.

_ مەن...مەن چولپان كۆرگىلى كىرمىگەن_ دېدىم مەن ئارانلا.

_ ئۇنى چىقىپ كەت دەپلا چىقىرىۋەتكەن بىلەن بولمايدۇ جۇمۇ، ئۇ مېنىڭ كۆڭلىكىمگە دەسسەپ يىرتىۋەتتى، بۇنىڭ ھېسابىنى ئالمىسام بولمايدۇ.

_ ئۈمىد باش دېرىكتور_ مېھمانساراي دېرىكتورىنىڭ «ئۈمىد باش دېرىكتور» دېگىنىنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. ئۈمىد بىر نەچچەيلەن بىلەن بىللە مەن تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. ئۇ يەنىلا شۇنداق سالاپەتلىك، يەنىلا شۇنداق يېقىملىق. ئۇ ماڭا ئۇدۇل قاراپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما مەن ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. گۈلگىنە ئۈمىدنى كۆرۈپلا قايتىدىن زارلاشقا باشلىدى.

_ ئەجەبمۇ ئوبدان ۋاقىتتا كەلدىڭىز، ئۈمىد باش دېرىكتور، بۈگۈن سىزنىڭ يۈزىڭىزنى دەپ ئالايىتەن كەلگەن تۇرسام، قارىمامسىز ئۇ مېنىڭ كۆڭلىكىمنى دەسسەپ يىرتىۋەتتى،  سەل تۇرۇپ قانداق سەھنىگە چىقارمەن ئەمدى؟

_ ئەمىسە چىقمايلا قويۇڭ. _ ئۈمىدنىڭ بۇ گېپى بىلەن پۈتۈن مەيدان قايناۋاتقان قايناقسۇغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى. گۈلگىنە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قىزىرىپ تاتىرىپلا تۇرۇپ قالدى. ئۈمىد يېنىمغا كېلىپ يان تەرەپتە تۇرغان مۇلازىمەتچىنىڭ قولىدىكى پەتنۇستىن قەغەز ئېلىپ يۈزۈمنى سۈرتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ئەتراپتىكىلەر ھاڭ تاڭ قېلىشقان ئىدى.

_ دوستىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بارىمەن دېگەنتىڭىزغۇ؟ كېلىمەن دەپ قويغان بولسىڭىز ئۆزۈم ئالغىلى باراتتىم ئەمەسمۇ؟

مەن گەپ قىلغۇچە نىگارە جاۋاب بېرىپ بولدى.

_ تۇغۇلغان كۈن دېگەندە ئادەم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە كۆڭۈللۈك بولىدۇ، شۇڭا مۇشۇ يەردىلا ئۆتكۈزەيلى دەپ كەلدۇققۇ. بۇ يەردە يەيدىغان  ئىچىدىغان تولۇق،  ئويۇنمۇ كۆرەلەيدىكەنمىز دەپ كەلسەك، ئويۇن قويىدۇ دەپ تەكلىپ قىلغان ئادىمىڭلارمۇ تايىنلىقكەن، ئۆزىنى ئۆزى چولپان دەۋالغانلارنىمۇ تەكلىپ قىلىۋېرىپسىلەر زىياپەتنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ.

_ سىز..._ گۈلگىنەنىڭ ئاچچىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى بايىقى ئاق كاستيۇم كىيىۋالغان ئەر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن چېغى، ئۇنىڭغا گەپ قىلماڭ دېگەن مەنىدە شەرەت قىلدى.

 مېھمانساراي دېرىكتورى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىمۇ، ئاستا ئۈمىدنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى.

_ ئۈمىد ئەپەندى، بۇ ياق كىم بولىدۇ؟

_ مېنىڭ ئايالىم_ خۇددى ھەممەيلەن ئاڭلىسۇن دېگەندەك ئۈنلۈك ائۋازدا شۇنداق دېدى ئۇ.

بۇ گەپتىن ھەقىقەتەن ھەممەيلەن ھەيران قالدى. ھەممىدىن بەك ھەيران قالغىنى گۈلگىنە بولدى، ئۇ شۇ تاپتا بايا بىشەملىك قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتىدۇغۇ دەيمەن.  لېكىن مەن ئۈمىدنىڭ «مېنىڭ ئايالىم» دېگىنىدىن پەخىرلىنىپ كەتمىدىم، ئەكسىچە بەكمۇ نۇمۇس قىلدىم، چۈنكى پۈتۈن مېھمانساريدىكى ئاياللار ئىچىدە ئەڭ ئاددى كىيىنگىنى مەن ئىدىم. تۇيۇقسىز بىر يۇمشاق قول كېلىپ قولۇمنى تۇتتى. دەرھال بۇرۇلۇپ قارىسام قولۇمنى تۇتقىنى مىنەۋەر خانىم ئىكەن.

_ مەن سىزنى قاچان كېلىدىكىن دەپ يولىڭىزغا قارىغىلى نەۋاق، ئەمدى كەلگىنىڭىزنى قاراڭ. يۈرۈڭ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ.  

ئۈمىدمۇ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.

_ بېرىڭ.

مىنەۋەر خانىمنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسىدە تەسىر كۈچى خېلىلا زور، شۇڭا نۇرغۇن چولپانلارمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. دەسلەپتە ئۈمىد كېلىپ يۈزۈمنى سۈرتتى، ئەمدى مىنەۋەر خانىم قولۇمدىن يىتىلەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئېلىپ ماڭغىنىدىن گۈلگىنە تېخىمۇ ھەيران قالدى. مىنەۋەر خانىمنىڭ ھېلىقى چامادىنىنى نەگىلا بارسا بىللە ئېلىۋالىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە مۇراسىم كىيمىنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن.

_ تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ ماڭساق قانداقلا ئەھۋالغا يۇلۇقساقمۇ تەمتىرەپ قالمايمىز_ مىنەۋەر خانىم ماڭا گىرىم قىلغاچ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ماڭا يېڭى يېڭى بىلىملەرنى بېرىۋاتاتتى. مىنەۋەر خانىم نىگارە ئىككىمزگە ماس كېلىدىغان مۇراسىم كىيمىنى تاللاپ بەردى.

بىز ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشكەندە باشقىلار زىياپەت ئۈستەللىرىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان ئىدى. بىزنىڭ چۈشكىنىمىزنى كۆرۈپ ئۈمىد دەرھال يېنىمىزغا كەلدى ۋە قولۇمدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ ئۇ ۋە داڭلىق سودىگەرلەر ۋە داڭلىق چولپانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئۈستەلنىڭ  ئەڭ تۆرىدىكى ئورۇنغا ئولتۇرغۇزدى، نىگارە بىز بىلەن بىللە ئولتۇرغىلى ئۇنىماي باشقا بىر ئۈستەلگە كەتتى. تاماق ئارىلىقىدا ئۈمىد ھە دەپ مېنىڭ تەخسەمگە قورۇمىلاردىن سېلىپ بېرىپ تۇردى.

تاماقلار يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ بۈگۈنكى زىياپەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولغان ئۈمىد ئەپەندىمنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ئۈمىد قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.

_ يۈرۈڭ، مەلىكەم.  سەھنىگە مەن بىلەن بىللە چىقىسىز.

 مەن بىر نىمە دەپ بولغىچە ئۇ قولۇمدىن يىتىلەپ مېڭىپ بولدى. ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەھنىگە چىقتىم. بۇنداق چوڭ سەھنىدە تۇنجى قېتىم تۇرۇشۇم، جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقىنىمنى ئۈمىدمۇ ھېس قىلغان بولسا كېرەك، باشتىن ئاخىر قولۇمنى قويۇۋەتمىدى. ئۇ ئاۋۋال ھەرقايسى مېھمانلارنىڭ بۈگۈنكى زياپەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن بىپايان شىركىتىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىيات پىلانى دېگەندەك ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلىدى، ئاز ئەمما ئىنتايىن مېغىزلىق سۆزلىدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا :

_ مېنىڭ ۋە شىركىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى شىركىتىمىزدىكى ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى، خىزمەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، جاپا چەكتىڭلار.  شۇنداقلا ئايالىم نازىيەگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىم ئۇنىڭ مېنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىدىن قولغا كەلگەن. سىزمۇ جاپا چەكتىڭىز.

مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. راستىمنى ئېيتسام خىجىللىقتىن ئۆزۈمنى قويغۇدەك يەر تاپالمىدىم. پەسكە قارىسام نىگارە باش بارمىقىنى چىقىرىپ«يارايسەن» دېگەندەك ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. سەھنىدىن قانداق چۈشكىنىمنى بىلمەيمەن، ھېلىمۇ ياخشى ئۈمىد قولۇمنى تۇتىۋالغاچقا بەك مۈدۈرۈلۈپ سەتلىشىپمۇ كەتمىدىم.

ئۇنىڭ كەينىدىن باشقا كارخانىچىلارمۇ بىرەر قۇر سۆزلىدى. ھەممەيلەننىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داڭلىق ناخشا چولپىنىمىز ناخشىغا تەكلىپ قىلىندى. مېھمانلار جۈپ جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشۈشكە باشلىدى. بىرى قارا دېگەندەك قارىسام رازىيە نەق بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.

_ ئۈمىد ئاكا، ئىككىمىز بىر قول تانسا ئوينايلىمۇ؟ نازىيە ئاچاممۇ بۇنىڭغا ياق دېمەيدۇغۇ دەيمەن.

 بۇنىڭغا مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن.

_ ياقەي، ھېچقىسى يوق_ دېدىم. ئۈمىدمۇ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى. ھازىر ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ رازىيە بىلەن تانسا ئوينىمىسا رازىيەنىڭ يۈزىگە سەت بولاتتى.

ئۈمىد تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بىز بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئاياللار ماڭا ئۇنى بۇنى دەپ گەپ تاشلىغىلى تۇردى، مەنمۇ لايىقىدا جاۋاب قايتۇردۇم. لېكىن بۇنداق سورۇنغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم بولغاچقا يەنىلا جىددىيلىكىم بېسىلمايۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى.

_ «ساراڭمۇ سەن.  قاراپ تۇرۇپ ئېرىڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ تۇرىسەنغۇ؟ ئۇ تانسا ئوينايمەن دەپ كەلسە، ياق، مەن ئوينايمەن دېمەمسەن دەيمەن.سېنىزە»_  ئۇچۇر نىگارەدىن كەلگەن ئىدى.

_ «مەن يا ياخشى ئوينىيالمىسام. ئۈمىدنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ قويسام قانداق قىلىمەن؟»

_« بۇندىن كېيىن بۇنداق سورۇنلارغا دائىم قاتنىشىپ تۇرىسەن، سەنمۇ ئۆگەن، قارىغىنە ئۇلارغا».

سەھنىگە قارىدىم، ئۈمىد بىلەن رازىيە بىر بىرىگە شۇنداق ماسلاشقان ھالەتتە تانسا ئويناۋاتاتتى.

_«تازىلىق ئۆيىگە چىقە»_ ئۇ يەنە ئۇچۇر يوللىدى. ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ تازىلىق ئۆيى تەرەپكە ماڭدىم. بۇ چاغدا مۇزىكا ئاخىرلىشىپ، تانسا ئويناۋاتقانلار تارقىغان ئىدى. ئۈمىدكە تازىلىق ئۆيىگە ماڭدىم دەپ شەرەت قىلىپ قويۇپ، نىگارە بىلەن بىللە ماڭدىم. تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقساق، قول يۇيىدىغان يېرىدە رازىيە تۇراتتى.

_ نازىيە ئاچا، كەلگەندىكىن ئۈمىد ئاكام بىلەن بىرەر قول تانسا ئويناپ قويۇڭ.

ئۇ مېنىڭ تانسىنى ياخشى ئوينىيالمايدىغىنىمنى بىلىپ قالدىمۇ قانداق، قەستەن ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدۇراي دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

_ ۋاي ۋۇي بۇ ھېلىقى مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتكەن قىز شۇغۇ، نىمە تۇنۇش چىراي كۆرۈنىدىكىن دەيمەن تېخى. ھۆسىن تۈزىتىپسىز دە،  چىرايىڭىزدا ئۆچىڭىز بارمىتى؟ نازىيە ئاچىڭىزغا قاراڭە، تەبىئىي گۈزەللەردىن. بۇنداق تەبىئىي گۈزەللەر مۇنداقلا گىرىم قىلىپ قويسىمۇ پۈتۈن يۈزىنى قايتىدىن ئوڭشاتقانلاردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ، ئەرلەرمۇچۇ مۇشۇنداق تەبىئىي گۈزەللەرنى ياخشى كۆرىدۇ. سۈنئىي ھامان سۈنئىي بولىدۇ، قانداق دېدىم؟

نىگارە بۇنداق يەردە ھەرگىز يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايتتى.  رازىيە بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا رەقىب بولالمايدۇ، يەنە كېلىپ رازىيە خېلى ئەقىللىق، بۇنداق ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈزىنى چۈشۈرىۋالىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇ نىگارە بىلەن تەڭ بولماي دېدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدى، لېكىن نىگارە بۇنداقلا بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ رازىيەنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇرنىنى تۇتتى.

_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟_ رازىيە چۈچۈپ كەتتى.

_ بۇرنىڭىز راستمۇ يالغانمۇ دەپ تۇتۇپ بېقىۋاتىمەن. دېققەت قىلىڭ جۇمۇ، قىزچاق. يالغان بۇرنىڭىز ئېقىپ كەتمىسۇن يەنە. ھا ھا ھا.

رازىيە گەپ قىلالمايلا قالدى، نىگارە مېنى تارتىپ تازىلىق ئۆيىدىن ئېپ چىقىپ كەتتى.

_ نىگار، قايتىپ كېتەيلىچۇ.

_ ھازىر قايتىپ كېتىمەن دېسەڭ ئۈمىدنىڭ يۈزىگە سەت ئەمەسمۇ.

_ مەن بۇنداق يەردە پەقەت ئېچىلالمايدىكەنمەن،  يەنە كېلىپ تۈزۈك تانسا ئوينىيالمىغاچقا ئۆزۈممۇ بەك خىجىل بولىدىكەنمەن.

_ئەمىسە ئۈمىدكە ئۆزۈڭ دە_ دېدى نىگارە.

ئورنىمىزغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۈمىدكە پىچىرلىدىم.

_ سەل مىجەزىم يوق تۇرىدۇ، مەن بالدۇرراق قايتايمىكىن.

_ مىجەزىڭىز بولمىسا بالدۇر كېتىپ تۇراي دېسىڭىزمۇ مەيلى. توختاڭ ھە_ ئۇ شۇنداق دەپ تېلېفونىنى چىقىرىپلا بىرەيلەنگە ئۇچۇر يازدى.

_ ئۆيگە بارسىڭىزمۇ بەرىبىر ئۆزىڭىز يالغۇز. نىگارە بىلەن 520 بەزمىخانىسىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن سىزنى شۇ يەرگىلا ئالغىلى باراي.

_ بۇ..._ گەپ قىلالمىدىم.

_ يۈرۈڭ، سىزنى ئەچىقىپ قوياي. سەت بولدى، كۆپچىلىك، ئايالىمنىڭ سەل مىجەزى يوق، ئۆيگە قايتىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ھەرقايسىڭلارغا مەن ساھىبخان بولىۋېرىمەن جۇمۇ_ دېگەنچە قولۇمدىن تارتتى ئۈمىد.

نىگارەمۇ كەينىمىزدىن ماڭدى. سىرتقا چىقساق فەرۇق ماشىنا بىلەن بىزنى ئالغىلى كېلىپ بوپتۇ. ئۇمۇ يېقىن ئەتراپتا بولسا كېرەك. نىگارە سەل تارتىشىپراق ماشىنىغا چىقتى.

_ خاتىرجەم بولە، ئىككىيلەننى قولۇڭغا ساق سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىمەن_ دېدى فەرۇق چاقچاق قىلىپ.

شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردىن يېنىپ چىقىپ يىنىكلەپلا قالدىم. 520 بەزمىخانىسىغا بېرىپ بۇلۇڭدىكى خالىي ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇق.

بىر چاغدا تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي دەپ كىرىپ، قول يۇيىدىغان كۆلچەكنىڭ ئالماشتۇرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، ھېلىقى بارماق دېسكا مۇشۇ كۆلچەكتىن تېگىگە چۈشۈپ كەتكەن ئەمەسمىتى.  چىقىپ فەرۇقتىن سورىدىم.

_ ئاياللار تازىلىق ئۆيىدىكى قول يۇيىدىغان كۆلچەكنى ئالماشتۇرىۋېتىپسىز ھە؟

_ ھە، ئۈمىد ئىزدەيدىغان بىر نەرسەم بار دەپ چۇۋۇغانتى، شۇ بانادا يېڭىغىلا ئالماشتۇرىۋەتتىم.

_ھە؟___  ئۇ بارماق دېسكىنى ئىزدىمەيمەن دېگەن. قايتا كېلىپ ئىزدەپتۇ، دېمەك چاندۇرمىغان بىلەن بارماق دېسكا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بارماق دېسكىدا زادى نىمە بار بولغىيتتى؟






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k