
بۇ ئەسەرنىڭ 101 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
100-قىسىم
ئەتىسى مەن مىنەۋەر خانىمنىڭ ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا باردىم. ھۆسىن تۈزەش ئورنى خېرىدار كۈتمەيدىكەن، ئاساسلىقى شاگىرت تەربىيىلەيدىكەن. بۇ يەردە ئۆگىنىپ چىققان شاگىرتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ مەخسۇس گىرىمچىكى بولىدىكەن. مەن بۇ يەردە ھۆسىن تۈزەشنى ياخشى ئۆگىنىپ، كېين بۇنى جۇڭيى تىبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرسەم چوقۇم ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ دەپ ئويلىدىم، يەنە كېلىپ بۇ ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ئېھتىياجى.
مىنەۋەر خانىم ئۆزى ئالدىمغا چىقىپ مېنى ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئۇ يەردە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق جانلىق، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇن تۇرىدىغان، جەزبىدار قىز، ئاياللار ئىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇلاردىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. مىنەۋەر خانىم كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك:
_ ھۆسىن تۈزىگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا قارشى تەرەپكىمۇ ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ_ دېدى. مەن قىزىرىپ بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ «ماقۇل» دېدىم.
_ نازىيە، جىددىيلەشمەڭ. ھەرقانداق مەسىلىگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشنى ئۆگىنىڭ، شۇنداق بولغاندىلا جەزبىدارلىق دېگەن ئۆزلىكىدىن يېتىلىدۇ. مېنىڭچە سىزنىڭ باشقىلاردىن قېلىشقۇچىلىكىڭىز يوق، پەقەت ئۆزىڭىزدە بەزى جەھەتلەردىن ئۆزگىرىش قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەلەيسىز.
ئادەم بىر ئىشنى يېڭى باشلىغاندا قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، مەن ھەر كۈنى مىنەۋەر خانىمنىڭكىگە ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ماڭىمەن، ھەممىدىن بۇرۇن بېرىپ، ئەڭ كەينىدە قايتىمەن. ھۆسىن تۈزەش كەسپىگە بولغان چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشقانچە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم ئېشىۋاتاتتى. ئۇ يەردە مەن يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئامىنەنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ ھۆسىن تۈزەش ئورنىدا يەردە پوكەيدە تۇرىدىكەن. كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا دەسلەپتە مەن ئۇنى تۇنۇماپتىمەن، ئۇ مېنى تۇنۇپ قېلىپ تۇنۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىكى ئىشلارنى دىيىشىدىغان بولدۇق. ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىنمۇ ئەمەس ئىدىم، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن كونا ساۋاقداش بولغاچقا يەنىلا بەك خۇش بولدۇم. مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىم باشقىلارنىڭكىدەك ئۇنتۇلغۇسىز كۆڭۈللۈك بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۇمۇ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى دە.
بىر كۈنى ئۈمىد مېنى ئالغىلى كەلدى.
_ بۈگۈن تاماقنى سىرتتا يەيلى، ئۆيگە بېرىپ تاماق ئېتىمەن دەپ جاپا تارتىپ كېتىدىكەنسىز_ دېگەنتى، مەن بۇرۇن ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنىڭ يېنىغا بېرىپ ساماۋار شورپىسى يەيلى دەپ تۇرىۋالدىم. دۇكاننى قايتا بېزىگەن بىلەن خۇجايىن يەنىلا بۇرۇنقى خۇجايىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېسىدە بار ئىكەنمەن، بىر كۆرۈپلا مېنى تۇنۇپ قالدى. خۇجايىن ناھايىتى ياخشى ئادەم ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مېنىڭ شەنبە يەكشەنبە، تەتىل كۈنلىرىدە كېلىپ دۇكىنىغا ياردەملىشىشىمگە ماقۇل بولغان ھەم خېلى جىق ئىش ھەققى بەرگەن ئىدى. خۇجايىن مېنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. بىزمۇ دەل تاماق ۋاقتىدا بارغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار كەينى كەينىدىن كىرىپ دۇكاننىڭ ئىچى توشتى. يەيدىغان نەرسىلىرىمىزنى بىرەر قۇر بويرۇپ بولغاندىن كېيىن تازىلىق ئۆيگە كىرىپ چىقسام قىزلار ئىككىدىن، ئۈچتىن بولۇپ ئۈمىدنى كۆرسىتىپ كۇسۇرلاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن ئۇلار ئۈمىدنىڭ كېلىشكەنلىكىگە ھەۋەس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۈمىد ھەقىقەتەنمۇ باشقىلار بىر قارىسا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغۇدەك كېلىشكەن ئىدى. مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم، ئەمما ئۈمىدنىڭ بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق ئىدى.
بىردەمدىن كېيىن ياندىكى ئۈستەلدىكى بىر قىز يېنىمىزغا كەلدى.
_ ياخشىمۇسىز؟ سىز بۇرۇنقى تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى ئۈمىد ئابلەت بولامسىز؟ شۇ چاغلاردا مەن ناخشىڭىزنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ماڭا ئىمزا قويۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟
قىز شۇنداق دەپ قەغەز بىلەن قەلەم ئۇزاتتى. ھازىرغىچە تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنى ئېسىدە ساقلاپ يۈرگەنلەر، يەنە كېلىپ ناخشىچىسىنى بىر قاراپلا تۇنۇۋالىدىغانلار بار ئىكەن دەيمەن. ئۈمىد قەغەز بىلەن قەلەمنى قولىغا ئالمىدى.
_ تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتى ئاللىبۇرۇن تارقىلىپ كەتكەن.
_ بىلىمەن. لېكىن ئۇ مېنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمگە ھەمراھ بولغان، مەن شۇ ئەسلىمىلىرىم بىلەن بىللە تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىمۇ قەدىرلەيمەن. ئىمزا قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز.
بۇ چاغدا ئەتراپتىكى قىزلار ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى، بىرەيلەن تېخى يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى. بايىقى قىز سۇنغان قەغەز قەلەمنى ئۈمىد تۇتمىغاچقا بەكلا ئوڭايسزلىنىپ قالدى، مەن ئۈمىدكە «ئىمزا قويۇپ بېرىڭە» دەپ سالا قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ پورتمالىنى چىقىرىپ 300 يۈەن پۇل چىقىرىپ ئۈستەلگە پاققىدە قويدى ۋە مېنىڭ قولۇمنى يىتىلەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ قولۇمنى يىتىلەپ خۇددى بىرى كەينىمىزدىن قوغلاپ كېلىدىغاندەك شۇنچىلىك تېز ماڭدى. خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن توختاپ، بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
_ ئۆزۈمنى داڭلىق چولپان بىلەن بىللە ماڭغاندەكلا ھېس قىلىپ كەتتىما؟!_ دېدىم مەن.
_ چولپانلار كەينىدىن ئۆسەك سۆز چىقىشىدىن قورقىدۇ، لېكىن مەن قورقمايمەن _ شۇنداق دەپلا مېنى تارتىپ قۇچاقلىۋالدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئەتراپىمىزغا ئولىشىۋالدى، ئۇلارنىڭ تولىراقى ئاياللار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىنمۇ قېچىپ كەتتۇق. كېيىن بىر ئادەتتىكى كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىغا كىرىپ بىر چىنىدىن كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچىپ قورسىقىمىزنى توقلاپ ئۆيگە قايتتۇق.
ئۆيگە بارساق چىراقلار يېنىقلىق، ئىشىك ئوچۇق تۇراتتى. ئاياق ئىشكابىنىڭ يېنىدا پاشنىسى ئون سانتمېتىر كەلگۈدەك بىر جۈپ ئاياق تۇراتتى. مەن ئادەتتە ئۇنداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيمەيمەن، بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ ئايىقىم ئەمەس. ئۆيگە كىم كەلدىكىنە؟ مېھمانخانا ئۆيدە بىزگە كەينىنى قىلىپ بىرى ئولتۇراتتى. ھازىر قىش پەسلى بولسىمۇ ئۇ ئۇچىسىغا نىپىز سۇس چەيزە رەڭ كۆڭلەك كىيىۋالغان، مۈرىسىگىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان دولقۇنسىمان چاچلىرىدىن جەزبىدارلىقى چىقىپلا تۇرىدىغان بىرى ئىدى.
_ كىم بولىسىز؟_ دېدىم مەن. ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆرۈلۈپ بىزگە قارىدى. ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن چىرقىرىۋەتكىلى تاس قالدىم. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۈمىدمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە تىكىلىپ قاراپلا قالغان ئىدى.
« نازىيە؟ ياق، ئۇنىڭ نازىيە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن نازىيەگە نىمانچە ئوخشاش»
ئۇ يېنىمىزغا كېلىپ ھەيران قالغىنىمىزدىن كۈلۈپ كەتتى.
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، قەيەرگە كەتتىڭلار؟ مەن سىلەرنى ساقلىغىلى نەۋاق. مېنى تۇنۇماي قالدىڭلار ھە، ھا ھا ھا.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن، گەپ قىلغاندىكى ھالىتىدىن ئۇنىڭ رازىيە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
_ قاچان كەلگەنتىڭىز؟ نىمىشقا تېلېفون قىلمىدىڭىز؟_ ئۈمىد شۇنداق دېگەچ بېرىپ كرىسلودا ئولتۇردى. مەن ئورنۇمدىن مىدىرلىمايلا تۇراتتىم. رازىيە ماڭا قاراپمۇ قويماي بېرىپ ئۈمىدنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قولىغا ئېسىلدى.
_ سىزنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرىۋېتەي دەپ دېمەيلا كەلگەنتىم.
رازىيە ئەسلىمۇ نازىيەگە بەك ئوخشايتتى، ھازىر ھۆسىن تۈزەش قىلدۇرۇپ پەرقلەندۈرگۈسىزلا بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە تىرىلىپ كېلىپ قالغاندەكلا ھېس قىلدىم. رازىيە فىلىم سۈرەتكە ئېلىشقا مېڭىشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەندەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۈمىد بىلەن ئولتۇرسا ئارىسىدىكى ئون نەچچە ياش پەرق بىلىنمەي، بىرلا قارىغان كىشى ئۇلارنى ئەجەبمۇ قاملاشقان بىر جۈپلەركەن دەپ قالغۇدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى.
مەن ئاستا بېرىپ يالغۇز كىشىلىك كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتىم. ئۈمىد قولىنى رازىيەنىڭ قولىدىن ئاجرىتىپ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى. ئۇ رازىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى سورىدى، مەن تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغىنىم بىلەن قۇلىقىم ئۇلارنىڭ پارىڭىدا ئىدى. فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن رازىيە كورىيەگە بېرىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ نىمە قىلغىلى بارغىنىنى ئۈمىدمۇ سورىمىدى، ئەمەلىيەتتە سورىمىسىمۇ بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. رازىيە ھە دەپ رېژىسورنىڭ ئۆزىنى نىمىدەپ ماختىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ فىلىم بىلەن بىراقلا نام چىقىرىپ چولپان بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى چوڭ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپلا كەتتى.
ئۈمىد ئۇنىڭ گېپىگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي، سائىتىگە قاراپ:
_ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، مەن شوپۇرغا تېلېفون قىلاي، سىزنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويسۇن _ دېدى.
بۇ گەپتىن رازىيەمۇ، مەنمۇ ھەيران قالدۇق. رازىيە بوينىنى تولغىدى.
_ مېنىڭ مېھمانخانىغا كەتكۈم يوق،ئۈمىد ئاكا. ھازىر چىقسام باشقىلار ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىۋالسا قانداق قىلىمەن؟
_ تۇنۇلۇپ قالدىڭىز، باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىشىدىن ساقلانماق تەس، يۈرۈش تۇرۇشىڭىزغا دېققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
ئۈمىد شۇنداق دەپ تېلېفونىنى چىقىرىپ ئالىمغا تېلېفون قىلدى. رازىيە لەسسىدە بولۇپ قالدى، بايىقى جۇشقۇن ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالىم كەلدى، رازىيە ئىنتايىن خۇشياقمىغان بىر ھالەتتە ماشىنىغا چىقىپ ماڭدى. رازىيەنى ئۇزىتىۋېتىپ كىرىپ ئۈمىد يەنە كرىسلودا ئولتۇردى، ئۇنىڭ چىرايىغا خېلى سىنچىلاپ قاراپ باقتىم، ئۇ ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك ئولتۇراتتى.
_ ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى سىز بىلمەمتىڭىز؟_ دەپ سورىدىم مەن. ئۇ بېشىنى چايقىدى.
_ ئۇنىڭ كەلگىنىدىن خۇش بولدىڭىزمۇ؟_ قەستەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىش ئۈچۈن سوراۋاتاتتىم.
_ خۇش بولدىڭىزمۇ دەيسىزغۇ؟ نازىيە تىرىلىپ كېلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ كەتتىم.
_ ئۇ تىرىلىپ كېلىپ قالسا قورقۇپ كەتمەي، تېخىمۇ خۇش بولۇپ كېتەرسىز؟_ تۇمشۇقۇمنى ئۇچلىدىم مەن.
_ ۋىيەي ۋىيەي ۋىيەي، ئۇماق مەلىكەم جۇمۇ سىز، تۇمشۇقىڭىزنى ئۇچلاشلىرىڭىزمۇ شۇنداق ئۇماق. _ ئۇ شۇنداق دەپ يېنىغا تارتىپ مېنى قۇچاقلىدى.
_ مېنىڭمۇ كورىيەگە بارغۇم كېلىۋاتىدۇ_ دېدىم مەن.
_ كورىيەگە نىمىگە بارىسىز؟ ساياھەت قىلغىلىما؟
_ ياق، چىرايىمنى ئۆزگەرتكىلى.
_ ياق. نىمە قىلىسىز بىر چىرايلىق چىرايىڭىزنى ئۆزگەرتىپ. مۇشۇ ھالىتىڭىز ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئۇماق. مەلىكەم، رازىيە بىر كەلسىلا مىجەزىڭىز بۇنداق ئۆزگەرگىلى تۇرسا ئۆزىڭىزمۇ جاپا تارتىسىز، مەنمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كېتىدىكەنمەن، ئۇنداق قىلمايلى، بولامدۇ؟ سىز مېنىڭ ئايالىم، ھازىر ئىككىمىز ئۆي تۇتۇپ ئۆتىۋاتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىدا ياشايلى، بولامدۇ؟
رازىيەنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ كەلگىنى ماڭا نىسبەتەن خېلىلا ئېغىر زەربە بولدى، لېكىن ئۈمىد توغرا دەيدۇ، رازىيە پەيدا بولسىلا مېنىڭ مىجەزىم ئۆزگەرگىلى تۇرسا، ھەر ئىككىمىز جاپا تارتىدىكەنمىز. شۇڭا مەنمۇ ئارتۇق ئويلىماي، ئۇنىڭ چىرايىنى قانداق قىلىشىنى مەن باشقۇرالمايمەن، ئۇنىڭ ئېرىمغا يامان غەرەزدە بولۇشىنىمۇ مەن باشقۇرالمايمەن. ئەمما مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئېرىمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۆيۈمنى چىرايلىق تۇتۇش.
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە رازىيە داچىغا كەلمىدى، ئەمما ئۇ بىپايان شىركىتىگە بېرىپ ئۈمىد بىلەن ئايرىم كۆرۈشتىمۇ يوق، بۇنى بىلمەيمەن. مەن كېچە-كۈندۈز ئۈمىدنىڭ كەينىدىلا يۈرەلمەيمەن دە. ئەگەر ئۈمىدنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈپ قالسا، مەن ئۇنى ئۆيدىن چىقارمىغىنىم بىلەنمۇ بىكار.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شەھىرىمىزدە چوڭ تىپتىكى سودىگەرلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولدى، بۇنى ئاساسلىق ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن بىپايان شىركىتى ئىدى، ئەسلى ئۇ كۈنى مەن ئۈمىد بىلەن بىللە بارماقچى بولغان، لېكىن دەل شۇ كۈنى نىگارەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كېلىپ قالدى. ھەر يىلى نىگارەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مەن ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ئۆتكۈزەتتىم، بۇ يىل تاشلاپ قويسام بولمايدۇ دە.
نىگارەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇلار ئۆيىگىلا بىر نەچچىمىزنى چاقىرىپتۇ. تاماقلارنى شۆھرەت ئۆزى ئېتىپتۇ. ئۇ ھەقىقەتەن تاماققا بەك ئۇستا ئىكەن، تاماقلارنىڭ رەڭگى، تەمى ...ۋاھ ۋاھ ۋاھ. يەنە تېخى نىگارەگە ئاتاپ شۇنداق چوڭ تورت بويرۇتۇپتۇ، ئۈستىگە «نىگارىم، سىزنى سۆيىمەن» دەپ خەت يېزىلغان ئىكەن. ئۇنىڭغا قاراپ شۆھرەتنىڭ ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم. تاماقلارنى يەپ بولۇپ، مېھمانلار بىر بىرلەپ كەتتى. شۆھرەت نىگارەنىڭ مەن يۇياي دېگىنىگە ئۇنىماي قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. شۇ ئارىلىقتا نىگارە بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا رازىيەنىڭ ھۆسىن تۈزەش قىلدۇرغانلىقىنى دەپ بەرسەم نىگارە ھەيران قالدى.
_ ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ مۇنداقمۇ ھۈنەرلىرى بار دېگىنە ئۇ بىر نىمىنىڭ. ئاخىرى سەندىن ئۈمىدنى تارتىۋېلىپ كۆڭلى تىنىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەمما سەن قورقما، ئۈمىد ئۇنى ئۆيدە تۇرۇڭ دېمەي مېھمانخانىغا كىتىڭ دېگەن ئىكەن، دېمەك ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنىلا سەن بار. ئۇ سېنىڭ ئۇ بىر نىمە بىلەن چىقىشالمايدىغىنىڭنى بىلگەچكە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئاياپ ئۇنى ئۆيدىمۇ تۇرغۇزماپتۇغۇ ئەنە. شۇڭا بەك ئەنسىرەپ كەتمە_ دېدى.
گەپ ئارىلىقىدا بۈگۈنكى زىياپەتنىڭ گېپىنى چىقىرىپ ساپتىمەن. نىگارە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
_ ساراڭمۇ سەن؟ زىياپەتكە سەن بارمىساڭ سېنىڭ ئورنۇڭغا ھېلىقى بىر نىمە بارسۇنما؟ كاللاڭنى ئىشلىتىپ باقساڭ بولمامدۇ؟ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە سەن بولمىساڭمۇ ئۆتىۋېرەتتى، مۇھىم ئىشىڭنى قىلماي.
راستىمنى دېسەم مەن ئۇنچىلىك يەرلىرىنى ئويلاپ كەتمەپتىمەن، نىگارە دېگەندىن كېيىن ئاندىن ساراسىمىگە چۈشتۈم.
_ تۇرە، ماڭ، ھازىرلا شۇ يەرگە بارىمىز. شۆھرەت، نازى ئىككىمىز بىر يەرگە بېرىپ كېلەيلى ھە.
_ ھە، بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ_ دېدى شۆھرەت.
نىگارە مەندىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
_ سېنى نىمە دەۋەتسەم بولا. مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى دەپ ئېرىڭ بىلەن زىياپەتكە بارماي يالغۇز يولغا سېلىپ قويغىنىڭنى دەيمەن. بۇ ئېرىڭنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ بەرگەندەكلا ئىش ئەمەسمۇ. بۇرۇنقى توي قىلمىغان ۋاقىتلىرىمىز كەتتى، ھازىر تۇغۇلغان كۈن مۇھىم ئەمەس، ئېرىڭنى يېنىڭدا تۇتۇپ تۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. بۇنداق چوڭ تىپتىكى زىياپەتلەرگە ئادەتتە كاتتا چولپانلارنى چاقىرىدىغان ئىشلار بار، ئەگەر رازىيەمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولسا ئىش ئوخشىدى دېگەن گەپ.
ئەمدى راستلا جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.
زىياپەت ئۆتكۈزۈلىدىغان مھمانساراينىڭ زىياپەت زالىغا كىردۇق. ئۇ يەردە يا ئۈمىد، يا رازىيە كۆزۈمگە چېلىقمىدى، لېكىن ئۇ يەرگە كىرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، بولدى دېگۈچە گىرىم قىلىۋالغىنىنى كۆرۈپ نىگارە ئىككىمىزنىڭ ئۇچىمىزغا قارىدىم. ئىككىمىز تۈزۈك گىرىممۇ قىلمىغان، ئۇچىمىزغىمۇ ئادەتتىكى مايكا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ، مامۇق چاپان ئارتىپلا كەلگەن ئىدۇق. بايا بۇ يەرگە كېلىش بىلەنلا بولۇپ ئۈستى بېشىمىز بىلەن ھېسابلاشماپتۇق ئەمەسمۇ. ئاستا نىگارەنى تارتتىم.
_ نىگار، كېتەمدۇق يا؟
_ نازى، بىردەم تۇرۇپ تۇرە، دادامنى كۆردۈم، ئۇنىڭ يېنىدا نادىرە دېگەن قانجۇق بارمۇ يوق، بىر قاراپ بېقىپ كېلەي.
_ نىگار، ئىتتىكلىك قىلما ھە.
_ خاتىرجەم بولە، ئۈمىد ئەپەندىڭنىڭ ئۇنچىلىك يۈزىنى قىلىمەن مەن.
بىردەمنىڭ ئىچىدە نىگارەمۇ يوقاپ كەتتى. زال بەك چوڭ، ئادەملەرمۇ كۆپ بولغاچقا ئۇنى تاپالمايلا قالدىم. يا ئۈمىدنى كۆرمىدىم. ھازىر مۇھىمى نىگارەنى تېپىۋېلىش ئىدى، ئۇنى ئىزدەپ كېتىۋېتىپ بىرىنىڭ كۆڭلىكىگە دەسسىۋالدىم.
_ ۋايجان، كۆڭلىكىمگە دەسسىۋالدى. ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ بەك قىممەت كۆڭلەك ئىدى بۇ.
ئاھ، تۈگەشتىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















