
بۇ ئەسەرنىڭ 151-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150-قىسىم
تۇرسۇنئايغا تېلېفون قىلىپ ماشىنامنىڭ بار يېرىنى دەپ بېرىپ، ھەسەننىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم، ئۇ مېنى قەيەرگە بارىسىز دەپ سورىماي ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ ماڭدى. كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى، بايىقى ئىشلار چۈشۈم بولۇپ قالغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە. قانچىلىك ماڭدۇقكىن، بىر چاغدا ئېغىز ئاچتىم.
_ مېنى باش شىركەتكە ئاپىرىپ قويۇڭ.
ماشىنا بېرىپ شىركەتنىڭ ئالدىدا توختىدى، ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم.
_ ئاياللار ئەرلەر بولمىسىمۇ گۈلدەك ياشىيالايدۇ.
_ يېنىڭىزدا مەن بار _ دېدى ھەسەن تۇيۇقسىزلا.
_ تۇرسۇنئايچۇ؟ سىز مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك ئادەم ئۇغۇ دەيمەن. سىلەر ئەرلەر ھەممىڭلار ئوخشاش قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەمسىلەر قانداق؟ _ دەپ ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
_ تۇرسۇنئاي ئۇ... ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم.
ئۇنىڭغا سەل ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم، ئەمما ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ تۇنۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇچرىشىپ قالغاندىكى قارىشىشلىرىدىن مەنمۇ گۇمان قىلىپ قالغان ئىدىم، مانا ئەمدى بۇمۇ ئايدىڭلاشتى.
_ ئۇ سىزنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، ئاغزىدىن چىقارمايدىكەن شۇ. سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئايالنى نائۈمىدتە قويماڭ! _ دېدىم مەن دېرىزىدىن سىرتقا قارىغاچ.
_ ئەمىسە سىزمۇ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان مەندەك ئەرنى نائۈمىدتە قويمىسىڭىز بولمامدۇ؟
ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدىم، جاۋاب بەرگۈدەك ھالىممۇ يوق ئىدى. كۆڭلى ئازار يىسە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، شۇڭا ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگۈم يوق. ھەسەن چىرايىمغا قاراپ نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىپ بولغان بولسا كېرەك، قايتا گەپ سورىمىدى.
ئەگەر كۆڭلىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەن ھالەتتىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىكەن. دېمەك ئۈمىدنىڭ كۆڭلىدە مەن يوقمۇ؟ ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئازار يەپ قالامۇ دەپ ئويلاپمۇ قويماي ئىنتايىن رەھمسىزلىك بىلەن ماڭا شۇ گەپلەرنى قىلدى.
_ ئەگەر تۇرىدىغان ئۆي تېپىپ بولالمىغان بولسىڭىز مېنىڭكىگە بېرىپ تۇرۇپ تۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىككى بالا بىلەن كەڭتاشا تۇرالايسىلەر. خاتىرجەم بولۇڭ، مەندە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، سىزگە كۆڭلۈمدە قانداق بولساممۇ سىرتىمغا چىقارمايمەن. _ دېدى ھەسەن تۇيۇقسىزلا.
_ بولدى، رەھمەت. مەن شىركەتكە كىرىپ چىقاي. مۇشۇ شىركەت ئارقىلىقلا ئۆزۈمنىڭ مەغلۇپ بولمىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى تاپالايدىكەنمەن.
_ توختاپ تۇرۇڭە!_ ئەمدى ماشىنىدىن چۈشەي دەپ تۇتقۇچنى تۇتسام ئۇ مېنى تارتىپلا توختىتىپ ماشىنىنى ھەيدەپ شىركەتنىڭ يېنىدىكى بىر سودا ساراينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختىتىپ، مېنى ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قويۇپ ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ سودا سارايغا كىرىپ كەتتى. ئانچە ھايال بولمايلا يەنە قايتىپ چىقتى، قولىدا بىر خالتا بار ئىدى، ئۇ ئۇدۇل مەن ئولتۇرغان تەرەپكە كېلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ئۇ قولىدىكى خالتىدىن بىر ئاياق قېپىنى ئېلىپ، ئىچىدىن پاكار پاشنىلىق بىر جۈپ ئاياقنى چىقاردى، ئاياق شۇنداق چىرايلىق، سۈپەتلىك، بىر قاراشقىلا خېلى قىممەت پۇللۇق ئاياق ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى.
_ پۇتىڭىزنى چىقىرىڭە!_ ئۇ شۇنداق دەپ مېنىڭ ياق دېگىنىمگىمۇ ئۇنىماي پۇتۇمنى تاتىپ ئەكىلىپلا پۇتۇمدىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى سالدۇرىۋېتىپ ئۆزى ئېلىپ چىققان ئاياقنى كىيگۈزۈپ قويدى. ئۇ مېنىڭ نەچچىنچى نومۇرلۇق ئاياق كىيىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىۋالدىكىن، بۇ ئاياق پۇتۇمغا دەل كەلدى. ئۇ پۇتۇمدىكى ئاياققا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
_ ئادەمنىڭ پۇتى چىرايلىق بولسا قانداقلا ئاياق كىيسە يارىشىدىكەن ھە، قاراڭ بۇ ئاياق شۇنداق خوپ كەلدى، بەك ياراشتى. بۇندىن كېيىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى ئاز كىيىڭ، كېيىن پۇتىڭىز ئاغرىيدىغان بولۇپ قالمىسۇن.
ئاياقنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى، پۇتقا چىققاندىمۇ شۇنداق راھەت تۇيغۇ بېرىدىكەن.
_ رەھمەت سىزگە!_ دېدىم مەن مەمنۇنلۇق بىلەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى يەنە شىركەتنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. ئىشخانىغا چىقىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقىپ دېرىزىدىن پەسكە قارىسام ئۇنىڭ ماشىنىسى قىزىل چىراقتا تۇراتتى، مەن يېنىپ چىققىلىمۇ ئون نەچچە مىنۇت بولدىغۇ، ئۇ ئەمدى قوزغالدىمىكىنە؟
قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، يەنە كېلىپ سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئۆيگە تېلېفون قىلسام بالا باققۇچى بالىلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى، مېنىڭ خاتىرجەم بولۇشۇمنى ئېيتتى. ئەسلى ئۈمىدنىڭ قايتىپ بارغان _ بارمىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولغان ئىدىم، لېكىن بۇغۇزۇمدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ گەپ قىلالمىدىم. ئۇ مەن ماڭغاندىمۇ ھاراق ئىچىپ قالغان، لېكىن سىرتتا ھەقىچان ئالىم بار، شۇڭا ئەنسىرەپ كەتمىسەممۇ بولىدۇ. شۇنداق، ئۇ شۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن كۆڭلۈمگە ئازار بەرگەن بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ غېمىنى يەپ ئولتۇرىمەن.
ئىشخانىدىكى كرىسلودا تورۇسقا قاراپ ياتتىم. قانچە ئويلىساممۇ كاللامدىن ئۆتمەيتتى، ئۇ نىمىشقا شۇنچە تۇيۇقسىزلا ماڭا ئاجرىشىپ كېتەيلى دەيدۇ؟ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، بەك قالايمىقان چۈشلەرنى كۆرۈپ كېتىپىمەن. ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ يورۇماستىلا ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. ئاستا تۇرۇپ ئىشخانامنىڭ ئىچىدىكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈز_ كۆزۈمنى يۇيۇپ، چاچلىرىمنى تاراپ گىرىم قىلدىم. ئۇ بۈگۈن خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرگىلى بارايلى دېگەن، ئۇ بۇنداق قەتئىي قارارغا كەلگەن ئىكەن، ئەمدى مەنمۇ كەينىمگە تارتىشسام قاملاشماس. ئايرىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەردانە ھالەتتە ئايرىلاي، باشقىلارغا بىرلا قارىسا ئېرىدىن ئازار يىگەندەك خوتۇندەك تەسىر بېرىپ قويماي چىرايلىق گىرىم قىلىپ چىقاي. خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم. دېمىسىمۇ مەن ئېرىدىن ئازار يىگەن ئايالغۇ. گىرىم قىلىپ بولاي دېگەندە تېلېفونۇم سايرىدى، ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى. تېلېفون ئىكرانىدىكى خەتنى كۆرۈپلا يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. تېلېفوننى ئالدىم.
_ سىز قەيەردە؟_ بىۋاستە شۇنداق دەپلا سورىدى ئۇ.
ئۇ شىركەتنىڭ ئالدىغا مېنى ئالغىلى كېلىدىغان بولدى. خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بىللە بارماقچى بولدۇق، ئۇ مېنى نىيىتىدىن يېنىۋېلىپ بارماي قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەنمىكىن شۇنچە ئەتىگەندە مېنى ئالغىلى كېلىدىكەن. ئۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتسا مەن يەنە نىمىگە تارتىشىمەن؟ لەۋ سۇرۇخلىرىمنىڭ ئىچىدىكى قېنىق رەڭلىك لەۋ سۇرۇخنى ئېلىپ سۈركىدىم. ئىشخانىدىن چىقىشىمغا ئەمدىلا ئىشقا كەلگەن ياردەمچى مېنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى.
_ باش دېرىكتور، نىمانچە بالدۇر كەلدىڭىز؟_ ئۇ گەپ قىلغاچ ئاغزىمدىكى لەۋ سۇرۇخقا دېققەت قىلدى، مەن ئەزەلدىن بۇنداق قېنىق رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ ئىشلەتمەيتتىم. شۇڭا ھەيران قالغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ ماڭدىم.
پەسكە چۈشسەم ئۈمىد شىركەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئاستا بېرىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغا ئۇ چۈچۈپ ماڭا قارىدى، بايا بىرەر ئىشنى خىيال قىلىپ مېنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك. ئۇ لېۋىمدىكى لەۋ سۇرۇخنى كۆرۈپ بىلىنەر بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ ماشىنىنى قوزغاتتى. ئازراق مېڭىپ بىر قىزىل چىراقتا توختىغاندا ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدىن بىر قەغەز خالتىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى.
_ مەڭ، ناشتا قىلمىدىڭىز ھەقىچان.
خالتىنىڭ سىرتىدا «ئۆز تەم ناشتىلىقخانىسى» دېگەن خەت تۇراتتى. ئۇنى كۆرۈپ كۆزۈمگە يىغا ئولاشتى.
_ بايا ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئېلىۋالغان_ دېدى ئۇ ماشىنىنى قوزغاتقاچ.
_ ماشىنىنى توختىتىڭ_ دېدىم مەن. ئۇ سەل ھەيران قېلىپراق ماڭا قارىدى، ئەمما يەنىلا ماشىنىنى يول بويىغا تارتىپ توختاتتى.
_ كېچىچە ئويلاندىم، لېكىن يەنىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. نىمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇنداق بولۇپ قالىسىز؟ ئوتتۇرىمىزدا سىزنىڭ دادىڭىز بىلەن مېنىڭ دادام بار دېدىڭىز، ياق، بۇ سەۋەب بولالمايدۇ، چۈنكى سىز دەسلەپتە بۇنداق پوزىتسىيەدە بولمىغان. بالىنى مېنىڭ ئەمەسمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن دېدىڭىز، ئەمما مەن بالىنى تۇغقان ۋاقتىمدا نىمىشقا بۇنداق دېمىگەن؟ ئەمدىلىكتە بالىلار بىر ياشتىن ئاشقاندا مۇشۇنداق گەپنى قىلامسىز؟ ياق، ياق، مەن بۇلارغا ئىشەنمەيمەن. ماڭا ھەقىقىي سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ! _ مەن سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدىم.
_ سىزگە زادى نىمە ئىش بولدى؟ قانداقلا ئىش بولسا ئىككىمىز بىللە تاقابىل تۇرساق بولىدۇغۇ؟ مەن بۇرۇنقى ھېچنىمىسى يوق نازىيە ئەمەس، ھازىر قولۇمنى قەيەرگە سوزسام شۇ يەرگە يېتىدۇ.
ئۇ قولۇمنى ئاستا بېلىكىدىن ئاجراتتى.
_ ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى.
_ مەن سىزنى سۆيىمەن! _ شۇنچە تەستە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان كۆز يېشىم ئاخىرى ماڭا بويسۇنماي دومىلاپ چۈشتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋالىمەن، مەردانىلىك بىلەن كەينىمگە قاراپمۇ قويماي قايتىپ كېلىمەن دەپ زور ئىرادە بىلەن ئىشخانىدىن چىققان ئىدىم، ئەمما قىلالمىدىم. مەن بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىۋېتىپ بىچارىلەرچە ئۇنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدىم، يىغلىدىم.
_مەن سىزنى سۆيىمەن، سىزدىن ئايرىلالمايمەن، مەن سىزگە موھتاج، ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ، بالىلارغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بالىلار سىزنىڭ، راست دەۋاتىمەن، ئۇلار ئىككىمىزنىڭ بالىلىرى.
ئۇنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ يۈزىگە سۆيدۈم، ئەمما ئۇ منى ئىتتىرىۋەتتى.
_ سىزنىڭ بۇرۇن دېگەن گېپىڭىز توغرىكەن، بىز بىر بىرىمىزگە ماس كەلمەيدىكەنمىز. قارىماققا شۇنداق چىقىشىپ ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن ئارىمىزدا بەك كۆپ ئىختىلاپلار بار.
لەسسىدە بولۇپ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم.
_ مېنىڭ دادام سىزنىڭ دادىڭىزنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپتىكەن، مەن سىز ئۈچۈن ھەقىقەتنى ياقىلايمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ دادامنى ئۆز قولۇم بىلەن ساقچىلارغا تۇتۇپ بەردىم، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئىككىمىز ئەپ ئۆتەلەمدۇق؟ بەختلىك ياشىيالامدۇق؟ نازىيە، مېنىڭ ئەمدى ئۆزۈمنى ئالداپ ياشاۋەرگۈم يوق.
«چۈشەندىم، ئۇ بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىكەن، ئەمدى مەن نىمىلا دېسەم، نىمىلا قىلساممۇ ئۇنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلمەيمەن. شۇڭا ئەمدى بولدى قىلاي. » سومكامدىن ھۆل قەغەز چىقىرىپ بايا مەن ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيگەندە قېپ قالغان لەۋ سۇرۇخ ئىزىنى سۈرتىۋەتتىم. ئۇنىڭ چىرايىغا، كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالمىدىم، ھەر دائىم ماڭا مۇھەببەت بىلەن تىكىلىدىغان بۇ كۆزلەردىن سوغۇق نۇرنى كۆرۈپ قېلىشتىن قورقتۇم.
_ ماڭا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس، بالىلارنى مېنىڭ ئەمەس دەپ گۇمان قىلغان ئىكەنسىز، ئۇلارنى ئالىمەن دەپمۇ تالاشمايسىز ھەقىچان.
_ بولىدۇ.
خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ماشىنىدىن چۈشكەندە ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بايا ئۇ ماڭا بەرگەن ناشتىلىقنى ئاغزىنىمۇ ئاچمىغان ھالەتتە ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم.
_ ئادەم ئۆزگىرىدىكەن، بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يەيتتىم، ئەمدى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قاپتىمەن.
ئالدىمدا ئۇ يېزىپ تەييار قىلغان «ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى» تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭدا داچا بىلەن بالىنى ماڭا بېرىدىغان قىلىپ يازغان ئىكەن، قەلەمنى ئېلىپ داچا توغرىلىق مەزمۇننى جىجىۋېتىپ، ئىمزايىمنى قويۇپ بارمىقىمنى باستىم.
_ مەن دېگەنغۇ، ماڭا بالىلاردىن باشقا ھېچقانداق نەرسە كېرەك ئەمەس.
ئۇنداق دەپ قويغىنىم بىلەن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى قولۇمغا ئالغاندا يۈرىكىم پارە پارە بولۇپ كەتتى. خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن چىقىشىمىزغا بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرگەن ئىدى، قارىسام ھەسەن ئىكەن. ئۈمىد مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.
_ ھازىردىن باشلاپ ئەركىن بولدىڭىز، كىمنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇڭىز بولسا ئەركىن _ ئازادە ئولتۇرىۋېرىڭ_ ئۇ شۇنداق دەپ بېرىپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى، ئەمما ئوت ئالدۇرمىدى، مېنىڭ قايسى ماشىنىغا چىقىشنى تاللىشىمنى ساقلاۋاتقان بولسا كېرەك. تۇيۇقسىز بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك مۇزلاپ كەتتىم، بۇ مۇزلاش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ تىترەپ كېتىۋاتاتتىم. ھەسەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇچىسىدىكى چاپىنىنى سېلىپ ماڭا يېپىنچاقلاپ قويدى.
_ ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ھەر قېتىم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، ئۈمىدۋار بولۇڭ، نازىيە.
ئۇ ماڭا مەدەت بېرىۋاتاتتى. ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىغا قاراپ بىر نەچچە سىكۇنت تۇرۇپ قېلىپ، ئۆرۈلۈپلا ھەسەننىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. ھەسەن ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى، كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قارىسام ئۈمىد تېخىچە ماشىنىنى قوزغاتمىغان ئىدى.
_ ئەگەر بۇ يەردە تۇرغۇڭىز كەلمىسە قارىمايغا كەتسىڭىز بولىدۇ، ياكى باشقا شەھەرگە كېتىمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى. ھازىر رايونىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك تارماق دۇكانلىرىڭلار بار، قەيەرگىلا بارسىڭىز بولىۋېرىدۇ. قەيەرگە بارىمەن دېسىڭىز مەنمۇ سىز بىلەن بىللە بارىمەن_ دېدى ھەسەن.
_ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم قالمىدى، ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ يولىغا ماڭىمىز. ئەمما بۇ يەردە ئۇنى بار دەپلا بۇ شەھەرنىمۇ تاشلاپ كەتسەم، پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىغاندەك ئىش بولمامدۇ؟
_ چوڭ بولۇپسىز، ئەقىل كىرىپتۇ، يارايسىز! _ دېدى ھەسەن باشمالتىقىنى چىقىرىپ.
ياق، مەن بۇرۇن بىر ھاماقەت ئىدىم، ئۈمىد بىلەن تۇنۇشۇپ تېخىمۇ ئەقلىمدىن ئازدىم.
_ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ.
_ قانداق قىلاتتىم، شىركىتىمنى نورمال ماڭغۇزىۋېرىمەن، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشىم تېزرەك بىر ئۆي تېپىپ كۆچۈپ چىقىپ كېتىش.
_ مېنىڭ ئۆيۈمگىلا بېرىڭە بولمىسا. ئۆيۈم چوڭ، قىسىلىپمۇ قالمايسىلەر _ يەنە شۇنداق دېدى ئۇ.
_ ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت. ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىم بىلەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ تۇرسام بىئەپ بولۇپ قالىدۇ.
_ مۇشۇنداق دەيغىنىڭىزنى بىلەتتىم. بوپتۇ، بىرەر ئىشلار بولسا تېلېفون قىلارسىز، ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە.
ھەسەن مېنى داچىغا ئاپىرىپ قويدى. بالىلار قايتىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ تايتاڭلاپ مېڭىپ كېلىپ ماڭا ئېسىلدى.
_ ئاپا، ئاپا.
بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدىغاننى ئويلىسام سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۆيدە بىردەم تۇرۇپلا شىركەتكە كەتتىم. بېرىپلا ياردەمچىمگە ئۆي تېپىپ بېرىشنى ئېيتتىم، شۇ كۈنى كەچتە يەنە شىركەتتە قونۇپ قالدىم. ئەتىسى ياردەمچىم ماڭا خېلى چوڭ بىر ئۆينى تاپقانلىقىنى، ئۆي ئىگىلىرى ئۆينى بېزەپ بولۇپ تېخى كۆچۈپ كىرىشكە ئۈلگۈرمەيلا بىر ئىش بىلەن ساتىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار جىددى ساتماقچى بولۇپ قالغاچقا باھانىمۇ بەك ئۆرە قويۇۋالمىغان ئىدى. ئۆيگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىپلا شۇ ئۆينى سېتىۋېلىش قارارىغا كېلىپ پۇلنى تۆلىۋەتتىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا كۆچۈشكە تەييارلىق قىلدىم. ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇ ماڭا ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆي كۆچۈشكە ياردەملىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
_ ھاجىتى يوق، نەرسە كېرەكلىرىم بەك كۆپمۇ ئەمەس. ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىدىن بىرىنىمۇ ئېلىپ كەتمەيمەن_ دېدىم.
_ بالا باققۇچىلارنىمۇ ئېلىپ كېتىڭ، ياخشى بالا باققۇچى تاپماق تەس، ئۇلار ئۆيۈمدە قالسىمۇ بەرىبىر مەن ئىشلىتىپ بولالمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۇششاق_ چۈششەك نەرسىلىرىم بىلەن ئىككى بالىنى ۋە ئىككى بالا باققۇچىنى ئېلىپ، ھەسەننىڭ ياردىمىدە جاپا تارتمايلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋالدىم.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















