大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 102 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 102 - قىسىم aybarawazi
2023-09-21
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 102 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101


























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

102-قىسىم  


     _ شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد ئىزدىگەن نەرسىسىسنى تاپالىدىمۇ؟

_ تاڭەي، مەنمۇ بىلمىدىم. نازىيە، ئۈمىد سىزگىمۇ بىر خىل سىرلىق بىلىنەمدۇ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاغىنە بولۇپ ئۆتىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولدى. ھازىرغىچە ئۇنى چۈشىنىپ بولالمىدىم، بىر يەرلىرى بىر خىل سىرلىق.

   فەرۇق شۇنداق دەپ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ھاراق بوتۇلكىسىنى پۇكەيگە بىرنى ئۇرغانتى،  بوتۇلكا چۇل چۇل بولۇپ كەتتى. بوتۇلكىنىڭ بىر پارچىسى مەن تەرەپكە ئۇچۇپ كېلىۋىدى، يوغان بىر گەۋدە كېلىپ مېنى توسۇۋالدى.

_ ھە، سىز زىياپەتتە ئىدىڭىزغۇ؟

ئۈمىد ماڭا جاۋاب بەرمەي، فەرۇخقا قاراپ ۋارقىرىدى.

_ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ يۈرۈڭ، ئۆيگە كېتىمىز.

   ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمدىن تارتتى، مەن تېخى قەدەم ئالماي تۇرۇپ فەرۇقنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

_ كېتىدىغان ئىشىڭ بولسىمۇ گەپنى ئوچۇق قىلىۋېتىپ كەت.

_ نىمە بولدى سىلەرگە؟

   مەن تېخى گېپىمنى دەپ بولالماي تۇرۇپلا فەرۇق مۇشتىنى تۈگۈپ ئۈمىدنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى. ئۈمىد ئۇنىڭ مۇشتىنى تۇتىۋېلىپ كەينىگە ئىتتىرىۋەتتى.

_ نىمە بولدى ساڭا؟ كۆپ ئىچىۋالدىڭمۇ نىمە؟

_ ھە، مەن كۆپ ئىچىۋالدىم _ئۇ شۇنداق دەپ كېلىپلا پۇتىنى كۆتۈرگەنتى، ئۈمىد ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، فەرۇقنىڭ پۇتى ئۈمىدنىڭ تىزىغا تەگدى. ئەمدى ئۈمىدنىڭمۇ رەسمى ئاچچىقى كەلدى. ئۇ فەرۇقنى ياقىسىدىن سۆرىگەن پىتى ئاپىرىپ يان تەرەپتىكى ئايرىمخانىغا ئەكىرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.  ئۇ بېشىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە قويۇپ تورۇسقا قاراپ:

_ بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىل. ئالدىنقى قېتىم مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئىشتا سېنىڭ قولۇڭ بار، شۇنداقمۇ؟ _ دېدى. بۇ گەپتىن چۈچۈپ ئۈمىدكە قارىدىم. ئۈمىد قىلچە تەمتىرىمەي، ھودۇقماي:

_ مەن يا ساراڭ بولمىسام ئۇنداق قىلىدىغانغا_ دېدى.

_ ئەمىسە شۇ چاغدا سەنمۇ بار ئىكەنسەنغۇ. ھە بوپتۇ، ئۇنى دېمىسەكمۇ، خەق ماڭا ھاراق ئىچكۈزۈپ، خۇدۇمنى بىلمىگۈدەك قىلىپ قويۇپ يۆلەپ ئېلىپ ماڭغاندا نىمىشقا توسۇۋالمىدىڭ؟ سەن زادى مېنىڭ ئاغىنەممۇ ئەمەسمۇ؟

   قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم. ئەمما ئۈمىد بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بەرمىدى، ئۇ يەنىلا پىتىنى بۇزماي بىر خىل ھالەتتە تۇراتتى. فەرۇق ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈمىدنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.

_ شۇ كۈنكى كامېرا خاتىرىسىنى نەچچە قېتىم كۆرگىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، كامېرادا سېنى كۆرگەن كۆزلىرىم قارىغۇ بولۇپ قالسىچۇ دەپ كەتتىم بىلەمسەن؟ قانداق بولۇپ سېنىڭدەك ئادەم بىلەن دوست بولۇپ قالغاندىمەن دەيمەن.

ئۇ شۇنداق دەپ ئۈمىدنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت سالدى. ئۈمىدنىڭمۇ بۇ قېتىم سەۋر تاقىتى توشتى بولغاي، ئۇمۇ قايتۇرۇپ بىر مۇشت سالدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەن پومىداقلىشىپ كەتتى.

_ بولدى، ئۇرۇشماڭلارچۇ،  نىمە قىلغىنىڭلار بۇ؟ بايا تېخى بىر ئوبدان تۇراتتىڭلارغۇ؟_ مەن بىر ياندا تۇرۇپ ئۇلارغا گەپ قىلىشتىن باشقا ھېچنىمە قىلالمايتتىم. ھەر ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ ھاسىراپ كېتىشكەن ئىدى. بۇ چاغدا نىگارەمۇ يېنىمىزغا كىردى.

_ ھەي ھەي، نىمە ئىش بۇ؟

_ نىگارە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، چىن كۆڭلۈمدىن سۆيىمەن_ دېدى فەرۇق نىگارەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ. ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ ئىچىۋالغان ئىدى.

_ ياخشى كۆرگەن بىلەن، سۆيگەن بىلەن نىمە پايدىسى؟

دەل مۇشۇ چاغدا نىگارەنىڭ تېلېفونى سايرىدى، ئۇ تېلېفوننى قولىغا ئېلىشىغا فەرۇق ئۈمىدنى قويۇۋېتىپ بېرىپ نىگارەنىڭ تېلېفونىنى تارتىۋالدى. تېلېفون ئىكرانىدا «شۆھرەت» دېگەن خەت چىقىپ تۇراتتى. ئۇنى تېلېفوننى ئالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ يۈگۈرۈپ بېرىپ تېلېفونغا ئېسىلدىم، لېكىن ئۇ تېلېفون ئىكرانىدىكى قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىپ تېلېفوننى بىر يانغا تاشلاپ قويدى. نىگارە فەرۇخقا قاراپ بىرنى ئالىيىۋېتىپ بېرىپ تېلېفونىنى ئالدى.

_ فەرۇق، سىز مېنى قانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بەرىبىر، ئەمدى كېچىكتىڭىز. مەن ھازىر توي قىلىپ بولغان ئېرى بار ئايال. بۇنى كاللىڭىزدا ئېنىق قىلىۋېلىڭ.  نازى، مەن ماڭغاچ تۇراي ھە. سەنمۇ بالدۇرراق ماڭارسەن.

نىگارە شۇنداق دەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. فەرۇق ئۇنىڭ كەينىدىن دەلدەڭشىپ يۈگۈردى.

_ نىگارە.

  ئۈمىد ھاسىرىغان پىتى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. بىر چاغدا فەرۇق قايتىپ كىردى ۋە ئۈمىدكە قاراپ قولىنى نۇقۇدى.

_ ئۈمىد ئابلەت. بۈگۈن ساڭا دەپ قوياي. بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ سەندەك ئاغىنەم يوق.

   ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ پۇرلىشىپ كەتكەن كىيىملىرىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن:

_ ئىختىيارىڭ.  سەندەك بىر دوستۇمنىڭ كەملەپ قالغىنىدىن مەنمۇ يالغۇز  قالمايمەن.

   قېرىنداشتەك ئۆتىدىغان ئىككى دوست قانداق بولۇپ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغاندۇ؟ بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن بەك گاڭگىراپ قالدىم. ئىشلار راستلا فەرۇقنىڭ دېگىنىدەكمىدۇ؟ ھېلىقى ئىشتا ئۈمىدنىڭمۇ قولى بارمىدۇ؟

_ مېڭىڭ، كېتىمىز. _ ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى ئۈمىد.

ئۆيگە قايتىپ بارغۇچە يولدا بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن مەن مۇنچىغا كىرىپ چىقىپ قارىسام ئۈمىد يوق، نەگە كەتتىكىنە دەپ قارىسام بالكوندا تاماكا چېكىپ تۇرۇپتۇ. ئاستا يېنىغا چىقتىم.

_ فەرۇقنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ؟_ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

_ ئۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق، فەرۇق خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟

_ ئەمىسە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرسىڭىز بولمامدۇ؟ شۇنچە يىللىق دوست تۇرۇپ، كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىقنى دەپ ئاراڭلاردا زىددىيەت بولۇپ قالسا  قانداق بولىدۇ؟

ئۇ كۆزىنى يىراقلارغا تىكىپ ئۇھسىندى.

_ ھەي... ئۇ مېنى شۇنداق ئويلاپ بولغان ئىكەن، مەن مىڭ چۈشەندۈرسەممۇ بەرىبىر پايدىسى يوق. يۈرۈڭ، كىرىپ كېتەيلى، بۇ يەر بەك سوغۇقكەن، زۇكامداپ قالماڭ يەنە.

  ئۆيگە كىرىپلا ئۇ يېتىۋالدى، مەن كارىۋاتنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

_ بارماق دېسكىنى ئىزدىگىلى بېرىپسىز ھە؟

ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي يەنە يېتىۋالدى.

_ ئۇنىڭدا بەك مۇھىم نەرسە بارمىتى؟

  ئۇ يىنىك بىر يۆتىلىپ قويۇپ سەل ئۆرە بولدى.

_ ھەئە، مۇھىم ماتېرىياللار بار ئىدى، يوقاپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ، لېكىن بۇنداق مۇھىم نەرسە باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ. شۇڭا ئىزدەپ باققانتىم.

_ تاپالىدىڭىزمۇ؟

_ ياق.

_ لېكىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن نەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك_ دېدىم مەن سەل ئويلىنىپراق. مەن گېپىمنى دەپ بولغىچە ئۈمىد ئۇيقۇغا كېتىپ بولغان ئىدى.

ئەتىسى ئەتىگەن ئۈمىد ئاۋۋال مېنى مىنەۋەر خانىمنىڭكىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئىشقا كەتتى. چۈشتە ماڭا بىر ئۇچۇر كەلدى. «سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان بىر ئىش بار، بابىلون چايخانىسىدا سىزنى ساقلايمەن». ئۇچۇر رازىيەدىن كەلگەن ئىدى.  ئۇچۇرنى كۆرۈپ بىردەم ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن سومكامنى كۆتۈرۈپ چىقتىم. ئۇنىڭ مەن بىلەن نىمە توغرىلىق سۆزلەشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،ئەمما باش تېمىسى ئۈمىد ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. ئۇ مېنى تەكلىپ قىلغان چايخانا مىنەۋەر خانىم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. چايخانىغا كىرىشىمگە بۇلۇڭدىكى ئىكى كىشىلىك ئۈستەلدە ئولتۇرغان رازىيە ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتتى. چايخانىنىڭ ئىچى ئانچە يورۇق بولمىسىمۇ ئۇ كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان ئىدى. باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن خېلى نام چىقىرىپ قالدى ئەمەسمۇ. ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلگە بېرىپ ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردۇم، ئۈمىدنىڭ ئالدىدا «ۋاي نازىيە ئاچا» دەيدىغان ئادەم مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپمۇ ئورنىدىن تۇرۇپمۇ قويمىدى. مۇلازىمەتچى كېلىپ نىمە ئىچىدىغانلىقىمىزنى سوراپ يېزىۋېلىپ كەتتى.

   راستىمنى دېسەم ئۇنىڭ قارا كۆزەينەك تاقىۋالغىنىدىن خۇش بولدۇم، چۈنكى يوغان قارا كۆزەينەك ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمىنى توسۇۋالغان ئىدى، ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭ نازىيەگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي قالاتتىم.  مەن بويرۇتقان ئاپلىسىن شەربىتى كەلدى. مۇلازىمەتچىگە رەھمەت ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئىستاكاننى تۇتماي تۇرۇپ رازىيەگە قارىدىم.

_ ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭىز بارمىتى؟

رازىيە ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايدى. ئاندىن ئالدىدىكى ئىستاكاندىكى چاينى بىر ئوتلىۋېتىپ:

_ ئۈمىد ئاكام توغرىلىق سۆزلىشەيلى دەپ چاقىردىم_ دېدى.

_ ھە، ئېرىم ئۈمىد توغرىلىق سۆزلىشەمدۇق؟ ئۇنىڭ سىزگە كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ ھەر قېتىم مېنىڭ مەسلىھەتىمنى ئېلىپ، مەن ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئاندىن قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىش كەتمەيدۇ. ئۈمىد سىزگىلا ئەمەس، ياردەمگە موھتاج ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ.

_ مەن ماقۇل بولغاندىن كېيىن دېدىڭىزما؟ ھا ھا ھا. نازىيە، ئۆزىڭىزنى بەك مۇھىم ئادەم چاغلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟

ۋاي ئاچا دەپ يۈرىدىغان ئادەم ئەمدى بىۋاستە ئىسمىمنى چاقىرىۋاتاتتى.

_ سىزنىڭچە ئۈمىد ئاكام سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئاچامنىمۇ؟

بۇ سۇئال ئۇدۇل يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ سانچىلدى. ئېچىنىشلىق يېرى مەن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. لېكىن رازىيەنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ قالسام بولمايتتى.

_ ئۈمىد بۇرۇن ھەقىقەتەن ئاچىڭىزنى بەك ياخشى كۆرۈپتىكەن، ئەمما ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. يەنە كېلىپ بۇرۇن ئۇنىڭ ياخشى كۆرگىنى سىزنىڭ ئاچىڭىز نازىيە، سىز ئەمەس. سىز چىرايىمنى ئاچامنىڭكىگە ئوخشاش قىلىۋالساملا ئۈمىد ئاكام ئاچامنى ياخشى كۆرگەندەك مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟

_ سىز بىلمەيسىزغۇ دەيمەن، ئۈمىد ئاكام مۇھەببەت ئىشىغا كەلگەندە بەكلا جاھىل. توغرا، مەن ئاچام ئەمەس، ئەمما ھازىر مېنىڭ چىرايىم ئاچامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ. ئاچام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمىد ئاكامنىڭ قانچىلىك ئازابلانغىنىنى بىلەمسىز؟ ئۇ ئاچامنىڭ ھېلىمۇ ھايات بولۇشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

_ لېكىن ئاچىڭىز ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ ئۆلۈپ كەتكىلى 8 يىل بولدى. ئۇنىڭ مۇھەببەت ئىشىدا جاھىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،  مەنمۇ ئۇنىڭ دەل مۇشۇ تەرىپىنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن ئۇ جاھىل بولۇپلا قالماي يەنە كاللىسى ئىنتايىن سەگەك ئادەم، ئۇ ھەرگىز سىزنىڭ چىرايىڭىزنى ئاچىڭىزغا ئوخشايدۇ دەپلا ئۆزىنى ئالداپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس.

بۇ گېپىم بىلەن رازىيەنىڭ چىرايىدىكى ساختا كۈلكىسى ئاخىرى ئۆچتى.  ياندىكى ئۈستەلدىكىلەر بىزگە قاراپ كۇسۇرلاشقىلى تۇردى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىنى ساقلىمىسا بولمايتتى. رازىيە كۆزەينكىنى سەل ئۈستۈن قىلىپ قويۇپ تۆۋەن ئاۋازدا:

_ مەن بىلەن پۇت تېپىشسىڭىز زىيان تارتىپ قالارسىزمىكىن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز چېكىنىپ چىقىڭ، بولمىسا ئۈمىد ئاكام ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندە ئالدى كەينىڭىزنى تاپالماي قالارسىزمىكىن_ دېدى.

بۇ گەپتىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى.

_ ئۈمىد مېنى ھەيدەپ چىقىرامدۇ چىقارمامدۇ، سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن. ئۇ بىز ئەر خوتۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش.

_ ھا ھا ھا، ئاڭلىسام تۇغماسكەنسىزغۇ؟ سىزنىڭچە ئۈمىد ئاكام ئاشۇ شارائىتى بىلەن سىزدەك بىر تۇغماس بىلەن ئۆي تۇتارمۇ؟

ئۇنىڭ بۇ گەپنى قەيەردىن ئاڭلىغىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىمنى تۇتىۋالغان ئىدى. يۈرىكىمنى تۇيۇقسىز يوغان بىر قورام تاش بېسىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ نەپەس ئالالماي قالدىم. ئۇ مېنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، كۆرەڭلىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سومكىسىنى ئېلىپ پورتمالىدىن 100 يۈەنلىكتىن بىرنى ئېلىپ ئۈستەلگە تاشلىدى.

_ مەن مېھمان قىلاي.

ئۇ چىقىپ كەتتى. مەن جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم.

_ ۋوي، نازىيە، راستلا سىزكەنسىزغۇ؟ كەينىڭىزدىن قاراپ شۇمىدۇ دەپ نەچچە قارىدىم.

بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىمگە قارىسام مىنەۋەر خانىمنىڭكدە ئىشلەيدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم ئامىنە ئولتۇرۇپتۇ.

_ ھەي،  بايا سىز بىلەن بىللە ئولتۇرغان  قىز كىمۇ؟ شۇنداق تۇنۇش بىلىندى، لېكىن ھېچ ئېسىمگە ئالالمىدىمغۇ؟

مەن جاۋاب بەرمىدىم، ئۇ دەرھال دېرىزىدىن سىرتقا قاراپلا ھاياجانلاندى.

_ ئەنە، ئەنە، ئاشۇ قىزنى دەيمەن. قارا كۆزەينەك تاقاپ يۈزىنى توسۇۋالغىنى بىلەن چىرايىدىكى گۈزەللىك مانا مەن  دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئىشقىلىپ بىر چولپانغا ئوخشىتىمەن، كىملىكىنى ھېچ بىلەلمەيۋاتىمەن.

_ ئۇنىڭ ئىسمى رازىيە.

_ھە؟ ئۇ راستلا رازىيەما؟ ياشلىق چوقانلىرى مۇسابىقىسگە قاتناشقان رازىيە شۇمۇ؟

مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.

_ ۋاھ، راستلا شۇكەندە. ئۇ مۇسابىقىگە قاتناشقاندىلا ئۇنى بەك ياقتۇرۇپ قالغانتىم. ئۇ ئۆزى چىرايلىق، ناخشىنىمۇ بەك ياخشى ئېيتىدىكەن. ئەمما ئەپسۇس، ئەڭ ئاخىرىدا تاللىنالماي قالدى.  لېكىن ئۇنىڭدەك مۇنەۋۋەر ئادەملەر ھەرگىزمۇ كۆمۈلۈپ قالمايدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئىشلىرى بەك ياخشى ئوخشايدۇ ھە. يېقىندا بىر پروگراممىدا ئۇنى كۆرگەنتىم تېخى. بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ھۆسىن تۈزىتىپتۇمۇ نىمە ھە؟ بىر ئوبدان چىرايىنى ئۆزگەرتىپ نىمە قىلىدىغاندۇ دەيمەن، بۇرۇن ئۇ شۇنداق سەبى، ئۇماق كۆرۈنەتتى، ھازىر قارىغان كىشىگە بىر خىل پىشقان تەسىر بېرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

   ئامىنە بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچە گەپ قىلىۋەتتى. مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۇنىڭغا قاراپلا ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ گېپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.

_ ئاڭلىسام ئۇ يېڭى بىر فىلىمدە باش رولغا چىقىپتۇ ھە، فىلىمنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىكەن دەيدۇغۇ، ۋاقتى كەلگەندە روخسەت سوراپ بولسىمۇ قاتناشمىسام.  ئۇنىڭغا ئىمزا قويغۇزۇپ، بىللە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشقا پۇرسەت بولغان بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى. شۇ چاغدا سىزنىمۇ چاقىرىۋالاي، بىللە بارايلى ھە. ھە راست، ئۇ سىز بىلەن بىللە چاي ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىكىن، ئۇنىڭ بىلەن خېلى يېقىن ئوخشايسىلەر، دوستىڭىزما؟

ئامىنە بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قولۇمغا ئېسىلدى.

_ جېنىم نازىيە، ئۇنىڭغا دەپ ئىمزا قويغۇزۇپ بېرىڭە.

ئامىنەگە ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ چولپان دەپ بۇنداق شالۋىقىنى ئېقىتىپ قالىدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن.

_ ئۇ  مېنىڭ دوستۇم ئەمەس_ ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم.

_ دوستىڭىز بولمىسا نىمشقا بىللە چاي ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟

مەن جاۋاب بەرمىدىم.  رازىيەنىڭ نام چىقىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن «چولپان» دەپ يۈگۈرىدىغانلار چوقۇم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى خالاس، ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئېرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان بىرى ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەس.

  ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا قايتىپ كىردىم، ئەمما روھى كەيپىياتىم بەكلا تۆۋەن ئىدى. تۇيۇقسىز ئۈمىدنى سېغىندىم. ئۇنىڭ يېنىغا بارغۇم كېلىپ مىنەۋەر خانىمدىن روخسەت سوراپ بىپايان شىركىتىگە بارماقچى بولۇپ چىقتىم. مەن چىققان كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، لېكىن بىر نەچچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىنلا ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى. بىر بېكەتكە كەلگەندە بىر ئەر بىرھامىلدار ئايالنى يۆلەپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى. دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھامىلدار ئايالغا ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. ئايال ئورۇندا ئولتۇرىۋېلىپ ماڭا رەھمەت ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ ئەرزىمەيدۇ دەپ ئالدىمغا قاراپ تۇرىۋەردىم.

_ئۇيقۇڭىز كەلسە ماڭا يۆلىنىپ ئۇخلىۋېلىڭ_ بۇ بايىقى ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئايال كۆزىنى يۇمۇپ ئەرگە يۆلەندى. ئۇ بىر قولى بىلەن قۇرسىقىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئەرنىڭ قولىنى تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇلارغا قاراپ شۇنچىلىك ھەۋىسىم كەلدى.

تۇيۇقسىز كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى.  «ئۈمىد مەندەك بىر بالا تۇغالمايدىغان ئايالنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرەلەرمۇ؟ باشقىلارنىڭ بالىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرسە ئۇنىڭمۇ بالىلىق بولغۇسى كېلىدىغاندۇ؟ كېيىن چېچىغا ئاق كىرگەندە، يېنىدا ھېچكىمى قالمىغاندا مەندەك بىر بالا تۇغۇپ بېرەلمەيدىغان ئايال بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتكىنىدىن پۇشايمان قىلىپ كىتەرمۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ كاللام قالايمىقان بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بېرەلمەيدىغان ھالىمغا يەنە ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا يىپىشۋېلىپ نىمىمۇ قىلارمەن؟ 







,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k