
بۇ ئەسەرنىڭ 153-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
152-قىسىم
ئۆيگە كىردىم، ھەممەيلەن ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۆي ئىچى جىمجىت ئىدى. بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ ئىچتىم، لېكىن جىددىيلىكىم ھېچ بېسىلاي دېمەيتتى.راستىمنى ئېيتسام تايراننىڭ پەيدا بولۇشى مېنى چۈچۈتۈپلا قالماي، كاللامدىكى بەزى چىگىشلەرنى يېشىۋەتكەندەك بولغان ئىدى. كرىسلودا بىر سائەتتەك ئولتۇردۇم، تۇيۇقسىز سومكامنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم، ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ئايىقىمنى ئالماشتۇرىۋېتىپ يەنە توختاپ قالدىم. ھېلىقى كۈنى ئايرىمخانىدىكى ماڭا پىچاق تىقىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئاياقنى جايىغا تاشلاپ قويۇپ يەنە مېھمانخانا ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم. لېكىن يۈرىكىم ھېچ جايىغا چۈشەي دېمەيتتى. بىر چاغدا ئۇيقۇم كەلگەندەك بولۇپ قىڭغىيىپلا كرىسلودا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەن بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇلار ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى. كىرىپ بالىلارنى كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزدۇم. بالىلار ھازىر ئۆزى ئوينىيالايدىغان بولغان ئىدى، بىر بىرىنى ئەركىلىتىپ قويىدۇ تېخى. كىچىككىنە ھەرىكەت، ئانچىكى ئاۋازلاردىنمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈنى ھېچيەرگە بارماي بالىلارغا ھەمراھ بولدۇم. مېھراي ئايقىزنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئىشقا كەتتى. مەن بالىلارغا ئۆز قولۇم بىلەن شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ بەردىم، چۈشلۈك تامىقىنى يىگۈزدۈم، كەچتە بالىلارنى يۇيۇندۇردۇم، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم قىلىپ باقمىغىنىمغا قانچىلىك ۋاقىت بولۇپ كەتكىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. شىركەت ئاچتىم دەپ ئالدىراش يۈرۈپ بەك كۆپ ئىشلارغا سەل قاراپتىمەن، بالىلارنى ئۇخلىتىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ تاتلىق ئۇخلاپ كەتكىنىگە قاراپ يۈرىكىم شۇررىدە بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئۇخلاپ قالدى، ئەمما مېنىڭ ئۇيقۇم قاچتى. زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى جىم تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە بۇنچىلىك تىت تىت بولغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. قېيناتامنىڭ دادامنى قەستلىگەنلىكىنى بىلگەن چېغىمدىمۇ بۇ دەرىجىدە تىت تىت بولمىغان ئىدىم. تېلېفونۇمنى ئېلىپ كىمگە تېلېفون قىلىشنى بىلمەي بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم، تۇيۇقسىز ئۈمىدلەرنىڭ دوستلار ئارا بىرەر دوستى توي قىلسا ئىككىنچى كۈنى دوستىنى ئوينىغىلى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادىتى بارلىقى ئېسىمگە كەلدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق قىلسا يېڭى توي قىلغان دوستى خوتۇنىدىن قورقمايدىغان بولىدىكەنمىش. ئامىنەگە تېلېفون قىلدىم.
_ نازىيە باش دېرىكتور، بۇلارنىڭ ئاجايىپ قىلىقى باركەن قاراڭ، تۆنۈگۈن تويىمىز بولغان، ئۆيگە بەك كەچتە كەلدۇق، كەلگەندە نىجات غەرق مەست، ئاران يۆلەپ ياتقۇزىۋالغانتىم. ئەمدى بۈگۈن دوستلىرى چىقمايدىغان بولساڭ «نىجات خوتۇنىدىن قورقىدىكەن» دەپ گەپ تارقىتىۋېتىمىز دەپ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەگەر پەقەت چىقمايمەن دەپ تۇرىۋالسا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە «مەن خوتۇنۇمدىن قورقىمەن» دەپ مەزمۇن يوللايدىكەن. ئۇف، قانداق غەلىتە قائىدىس بار بۇلارنىڭ.
ئامىنە ئارانلا تۇرغانمىكىن، تېلېفوننى ئېلىپلا چۇۋۇرلاپ سۆزلەپ كەتتى.
_ كىملەر بار ئىكەن؟_ دەپ سورىدىم، ئۇدۇللا ئۈمىد بارمىكەن دەپ سوراشتىن ئوڭايسىز ھېس قىلىپ.
_ ئۈمىد بارمۇ دېمەكچىتىڭىز ھە؟ بار، ھېلىقى قىز يوقكەن، ئۇ ئۆزى يالغۇز.
تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ئۇيقۇم كەلمىدى، شۇ پىتى بىر كىرپىك قاقماي تاڭ ئېتىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەن ھەسەن كەلدى، ئۇ بالىلارغا ئۇيۇنچۇق، كىيىم-كېچەك ئېلىپ كەپتۇ. بالىلار چوڭ بولغانچە بەك ئۇماق بولۇپ كېتىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ ئۇلار ئاسان بىرسىنى يات كۆرمەيتتى، ھەسەن كۆتۈرۈپ كەلگەن ئۇيۇنچۇقلارنى كۆرۈپ تايتاڭلاپ بېرىپلا ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ئوينىشىپ كەتتى. ھەسەن ئىككى بالىنى بىراقلا كۆتۈرۈپ بىردەم ئويناتتى. ئاندىن نەزەرگە كىچىك ماشىنىنى، نەزىرەگە قونچاقنى چىقىرىپ تۇتقۇزۇپ قويدى. بالىلار ئۇيۇنچۇققا قىزىقىپ كەتتى. ئۇ نەزىرەنى قۇچىقىغا ئېلىپ قونچىقى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، نەزىرە تۇيۇقسىزلا جىمىپ كەتتى. ئانا بولغان ئادەم بالىلارنىڭ چىرايىغا قاراپلا نىمە بولغانلىقىنى بىلەلەيدىكەن، كۆڭلۈم تۇيۇپ نەزىرەنى ھەسەننىڭ قۇچىقىدىن ئالدىم، نەزىرە چوڭ تەرەت قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشتىنىدىن ئۆتۈپ ھەسەننىڭ ئىشتىنىنىڭ رەڭگىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. ئادەتتە بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقمىساق ئۆيدە ۋاقتى ۋاقتىدا توسۇپ، كۈندۈزى ئاساسەن زاكا ئىشلەتمەيتتۇق.
_ قارا بۇ كاساپەتنى، ماڭا ئامراقلىقى ئوخشىمامدۇ بۇنىڭ، مەن كېلەر كەلمەيلا مېنى مۇكاپاتلاپ ئىشتىنىمنى رەڭلەپ قويدىغۇ؟_ ھەسەن شۇنداق دەپ كۈلدى. بىر بالا باققۇچى بالىنى قولۇمدىن ئېلىپ تازىلىق ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى، ھەسەن ئورنىدىن تۇرىۋىدى، ئىشتىنىنى كۆرۈپ بەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم.
_ ئىچىگىمۇ ئۆتۈپ كەتتى ھەقىچان، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۇيۇپ چىقىڭە بولمىسا!
_ ماقۇل_ ھېچ تەكەللۇپسىزلا ماقۇل بولدى ئۇ ۋە مېنىڭ ھۇجرامدىكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭغا كىيگۈدەك ئىشتان بېرەي دېسەم، ئۆيۈمدە ئەر كىشى بولمىسا، ئەر كىشىنىڭ ئىشتىنى بولسۇنمۇ؟ ئامالسىز ئۇنىڭغا چوڭراق مۇنچا لۆڭگىسىدىن بىرنى تېپىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇپ چىقىپ كېتەي دېيىشىمگە ئۇ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قالدى، شۇنچىلىك ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم ۋە ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمايلا چىقىپ كەتتىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇ چاقىردى، كىرسەم مۇنچا لۆڭگىسىنى شۇنداق چىرايلىق ئورىۋاپتىكەن، يوپكا كىيىۋالغاندەك بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۈلگۈم كېلىپ كەتتى.
_ قىزچاق! _ دېدى ئۇ ئەستايىدىل بىر ئاھاڭدا. ئۇ ھازىرغىچە مېنى قىزچاق دەپ چاقىراتتى ۋە پەقەت ئۇ لا شۇنداق چاقىراتتى.
_ ھە.
_ مەن بىلەن بىللە كېتىڭ، بۇ يەردىن كېتەيلى.
_ قەيەرگە كېتىمىز؟
_ قارىمايغا.
_ ماقۇل.
ئۇ مېنىڭ بۇنداق تېزلا ماقۇل دېيىشىمنى ئويلىمىغان بوسا كېرەك، ھەيران قالدى.
_ نىمە دېدىڭىز؟
_ ماقۇل دېدىم _ دېدى مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
مەن ماشىنىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇڭا ئىمكانىيەت بولسىلا سەپەرگە چىقسام ئايروپىلان بىلەن ماڭىمەن. ھەسەنمۇ مېنىڭ بۇ مىجەزىمنى بىلىدۇ، شۇڭا مەندىن سورىمايلا شۇ كۈنى ماڭىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ ئىشتىنى قۇرۇپ بولغۇچە مەنمۇ نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تەييار قىلدىم. بۇ قېتىم ئۇزۇن تۇرمايدىغىنىمنى بىلگەچكە بەك كۆپ نەرسە ئالمىدىم. ھەسەن ھېچنىمە ئالماي مۇشۇ پېتىلا ماڭىدىغان بولدى.
ئايرۇدرۇمغا باردۇق، ۋاقىت توشۇپ ئايرۇپىلانغا چىقىش ئېغىزىغا قاراپ نەچچە قەدەم مېڭىپلا يۈرىكىم «قارتتىدە» قىلىپ تۇرۇپ قالدىم، چۈنكى مەندىن نەچچە مېتىرلا نېرىدا قارا كۆزەينەك تاقاپ تۇرغان ئادەم تايران ئىدى. ئۇ مېنى باشتىلا كۆرگەنمۇ ياكى ئەمدى كۆردىمۇ، ئىشقىلىپ مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى. ئىككى بالىنى ھەسەن كۆتۈرىۋالغان، مەن قولۇمدا چاماداننى سۆرىگەچ، يەنە بىر قولۇمدا ھەسەننىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى تۇتۇپ چاندۇرماي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ھەسەن مەندىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلىپ قالدىمۇ بېشىنى بۇراپ ماڭا بىر قارىۋېتىپ ئالدىغا قارىشىغا تايران ئالدىمىزغا كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە بىر قارىدى، ئاندىن قولۇمدىكى چامادانغا قاراپ:
_ خانقىز، يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق، سەپەرگە چىقىدىغان ئوخشىمامسىز؟_ دېدى. ھەسەن «تۇنۇشامسىلەر؟» دېگەندەك مەنىدە ماڭا قارىدى. مەن بېشىمنى چايقىدىم.
تايران ھەسەنگە سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:
_ جۆرە ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىڭىز بەك تېزكەن ھە؟ _ دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەسلەپتە لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم، كەينىدىن ئۇ قايسى كۈنى ئۆتكۈر ئىككىمىزنى بىللە كۆرگەچكە شۇنداق دەۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ پەسكويغا چۈشتۈم.
_ قەيەرگە ماڭغانتىڭىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ يەنە. ماڭا ئەمدى راستلا بىنورمال تۇيۇلۇشقا باشلىدى، بۇ ھېچبىر مۇنداقلا سوراپ قويغان گەپتەك قىلمايتتى.
_ تېز بولۇڭ، ئايرۇپىلانغا كېچىكىپ قالىمىز_ دېدى ھەسەن. مەن تايراننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ مېڭىۋەردىم، ئۇمۇ گەپ قىلمىدى. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئويلاپ بولغان، ئايرۇدرۇمدا ئادەم كۆپ، تايران ھەرگىز قالايمىقان ئىش قىلالمايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇ دېگەن تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى، ئۇ بىرەر ئىش قىلسىلا مەن ۋارقىرىسام ئامانلىق ساقلىغۇچىلار كەلسە ئۇ ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
ھېلىلا بىر ئايروپىلان كېلىپ قونغان بولسا كېرەك، بىر مۇنچە ئادەملەر يۈك-تاقىلىرىنى سۆرەپ چىقتى. تايران يۈگۈرۈپ دېگۈدەك مېڭىپ ئالدىمىزغا ئۆتۈپلا بويى ئېگىز، بەستلىك، ئۇچىسىغا پەلتو ، پۇتىغا قارا ئۆتۈك كىيگەن، قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر ئەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن چامادانىنى ئالدى. ئۇ كىشى تايراننىڭ مۈرىسىگە نەچچىنى ئۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دېدى، تايراننىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا ئۇ ئۇ كىشىدىن خېلىلا ئەيمىنىدىغاندەك قىلاتتى. ئەسلى ئۇ شۇ ئادەمنى كۈتىۋالغىلى چىقىپتىكەن دە. تايراننىڭ شۇنچە چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئالدىغا چىقىشىغا ئەرزىگۈدەك ئادەم بولغاندىكىن، دېمەك بۇمۇ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس. ھەسەن ئىككىمىز ئۇلار بىلەن سۈركىلىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتتۇق، ھېلىقى ئەر تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى.
_ ھەسەن ئەپەندى؟
ئۇنىڭ بۇ چاقىرىشى «شۇمۇ ئەمەسمۇ» دېگەن مەنىدە ئىدى، ھەسەن قەدىمىنى توختىتىپ ئۇ ئەرگە قارىدى.
_ سىز؟
ھەسەننىڭ تەمكىن تۇرقىغا قارىغاندا ئۇمۇ بۇ ئادەمنى بايىلا كۆرگەن، ئەمما ئۇلار كونا تۇنۇشمۇ ئەمەسمۇ، بۇنى بىلمەيمەن. ئۇ كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆردۈم. ئۇ 37 38 ياشلار ئەتراپىدىكى كۆزلىرى يوغان، سول قېشىدىن قاڭشىرىغىچە سوزۇلغان تاتۇقى بار، قارىماققا ئادەمگە بىر خىل سۈرلۈك تەسىر بېرىدىغان ئادەم ئىدى.
_ مەن ئەنۋەر_ دېدى ئۇ.
_ ۋوي، ئەنۋەر ئاكام ئىكەنغۇ، تۇنۇماي قاپتىمەن.
ئەنۋەەر ماڭا قارىدى ۋە كاللىسىغا بىر ئىش كەلگەندەك تۇرۇپ قالدى. بىردەمدىن كېيىنلا تاماكىدىن بىر تال چىقاردى ۋە ھەسەنگە بىر تال سۇندى.
_ بۇ نەچچىنچى خوتۇنىڭىز بولىدۇ، ھەسەن ئەپەندى؟
ھەسەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماكىنى ئالمىدى، ئەنۋەرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئايرۇدروم خىزمەتچىسىدىن بىرى كېلىپ ئەدەب بىلەن ئەنۋەرگە:
_ ئەپەندىم، كەچۈرۈڭ، بۇ ئىس-تۈتەكسىز ئايرۇدرۇم، تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ _ دېدى.
_ ئىس تۈتەكسىز ئايرۇدرۇم؟ ھى ھى ھى ، ماقۇل._ ئەنۋەر شۇنداق دەپ قولىدىكى ئەمدى تۇتاشتۇرغان تاماكىنى ئۆچۈرىۋەتتى.
_ ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت، ئەپەندىم! _ ئايرۇدروم خىزمەتچىسى شۇنداق دەپ كەينىگە ياندى.
_ ئەنۋەر ئاكا، بىزنىڭ ئايروپىلانغا چىقىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى، مېڭىۋېرەيلى ئەمىسە! _ دېدى ھەسەن.
_ قەيەرگە ماڭدىڭلار؟_ سورىدى ئەنۋەر.
بۇ سۇئالغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەرسەك بولمايتتى، ھەسەننى نىمە دە دەپ تۇرسام، نەزىرە غىڭشىپ كاسسىسىنى بىر تولغىدى، ھەسەن ئۇنى تۇتىۋالىمەن دەپ قولىدىكى بېلەت چۈشۈپ كەتتى. بېلەتنى ئالاي دەپ تۇرسام ئەنۋەر مەندىن بۇرۇن بېلەتنى ئېلىپ بولغان ئىدى، «ئاپلا» دەپ قالدىم. ئەنۋەر قولىدىكى بېلەتكە قارىدى.
_ سەنياغا مېڭىپسىلەردە؟ ياخشى جاي ئۇ، لېكىن ھازىر بارساڭلار ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى سەل دىمىقمىكىن.
ھەسەنگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم، بىز قارىمايغا ماڭغانتۇققۇ، ئەمدى قانداق بولۇپ سەنياغا ئۆزگىرىپ قالدى؟ ھەسەن ئەنۋەر سۇنغان بېلەتنى ئېلىۋېتىپ كۈلۈمسىرىدى.
_ قەيەرگە بېرىش مۇھىم ئەمەس، كىم بىلەن بېرىش مۇھىم_ دېدى ئۇ. ئەنۋەر كۈلۈپ كەتتى.
_ راست دەيسىز.
_ بىز ماڭدۇق ئەمىسە، ئەنۋەر ئاكا، خوش.
ئۇلار كەينىمىزدىن قاراپلا قالدى.
_ راستلا سەنياغا بارامدۇق؟
ھەسەن قولىدىكى بېلەتنى ماڭا سۇندى، بۇ قارىمايغا بارىدىغان بېلەت ئىدى.
_ بۇ قانداق ئىش؟ چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ؟
_ ھېچقانداق ئىش ئەمەس، پۇلنىڭ كۆپلىكىدىن خەجلەيدىغان يەر تاپالمىغاننىڭ ئىشى_ دېدى ئۇ.
ئەجىبا ھەسەن بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئايرودرومدا ئۇچراپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ شۇڭا قەستەن سەنياغا بارىدىغان بېلەتنى ئۇلارغا كۆرسىتىپتىكەن دە.
_بايىقى ئەنۋەر دېگەن قانداق ئادەم ئۇ؟ _ سورىدىم مەن.
_ چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئادەم _ ھەسەن تومتاقلا جاۋاب بەردى. ھەسەن بۇنداق دېگەن يەردە ئۇ راستلا ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسكەن. يەنە كېلىپ بايا ھەسەن شۇنداق تەمكىن تۇرغاندەك قىلغان بىلەن يەنىلا ئۇنىڭ جىددىيلىشىۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم. بۇ چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئادەم تايران بىلەن بىر يولدىكى ئادەم ئىكەن، بۇنى ئويلاپ سەل قورقۇپ قالدىم.
ئايرۇپىلاندا كېتىۋاتىمىز، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمغا قاراپ چىقارغان قارارىم توغرا بوپتۇ دەپ ئويلىدىم. ماڭا ئەزەلدىن ئۈمىد شۇنچىلىك سىرلىق تەسىر بېرەتتى، ئەمدى ئويلاپ باقسام مەن ئۇنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكەنمەن.
ئايرودرومدىن چىقىپ كۆڭلۈم ۋاللىدە ئېچىلدى، بۇ يەرگە يەنىلا مېھرىم بار ئىكەن. بۇ ئىككى بالامنىڭ تۇغۇلغان جايى، مېنىڭ ئىگىلىكىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ھەسەن مېنى مۇشۇ يەردىكى ئۆيۈمگە كىلىپ قويدى.
_ ئۆيدە ئەر كىشى يوق، ئىككى بالا بىلەن ئۆزىڭىز يالغۇز قىينىلىپ قالىسىز، مەنمۇ كەتمەي_ دېدى ئۇ. مەنمۇ چوقۇم كېتىسىز دەپ تۇرىۋالمىدىم، بۇ ئۆيۈممۇ خېلى چوڭ، يەنە كېلىپ ئۈرۈمچى ئايرۇدرومىدىن ماڭغاندىن تارتىپ يۈرىكىم ئېغىپلا تۇرىدۇ. ھازىر مەنمۇ ئۇنى خېلى چۈشىنىپ قالدىم، ئۇ قارىماققا ھەممە ئىشقا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاپ قىلىدىغان ئادەمكەن.
ئەتىسى بالىلىرىمنى ئېلىپ ساتتار دوختۇرنى يوقلاپ باردىم، ھەسەن بىزنى ئاپىرىپ قويۇپ:
_ مەنمۇ بېرىپ دۇكىنىمنى كۆرۈپ كېلەي، ئۇلار مېنى يوق دەپ ئۆرىتۆپە قىلىۋەتمىگەندۇ؟_ دەپ كەتتى. ئۇنىڭ دۇكان دېگىنىدىن كۈلۈپ كەتتىم. بۇ يەردىكى ئىشىم تۈگىگەندە ئۇ ئالغىلى كېلىدىغان بولدى.
بلگەندەكلا بېرىپتىمەن. شۇ كۈنى ساتتار دوختۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن، بۇرۇن مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغاچقا بالىلىرى بىلەنمۇ تۇنۇشىمەن، يەنە كېلىپ ئۇلارمۇ ئادەمنى يات كۆرمەيدۇ، شڭا ئازراقمۇ قورۇنۇپ قالمىدىم. ساتتار دوختۇرنىڭ كېلىنى ئالىيە خانىم مېنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدى، ئۇ بالىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئويناتتى.
_ شۇ چاغدىلا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىڭىزغا كۆزۈم يەتكەن، ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز ! _ دېدى ئۇ.
تاماق يەپ بولۇپ مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ بۇرۇنقى سۈرەتلەرنى كۆرۈش ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدىكى ئادىتى. ئالىيە خانىمنىڭ يولدىشى ئىلھام ئەپەندى شاڭخەيدە ئوقۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ شاڭخەيدە چۈشكەن نۇرغۇن سۈرەتلىرى بار ئىكەن. ئۇ بىزگە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ ئوقۇۋاتقان چېغىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بىر پارچە ئوپچە سۈرەتنى قولىغا ئالدى.
_ بۇ سۈرەتنى ئەكىلىڭە، مەن كۆرۈپ باقاي_ دېدىم مەن. ئۇ ماڭا سۈرەتنى سۇندى.
_ ئۇنى تۇنۇمسىز؟_ دېدىم مەن سۈرەتتە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ئادەمنى كۆرسىتىپ.
_ ھە، ئەلۋەتتە تۇنۇيمەن. بىز بىر مەكتەپتە ئوقۇغان، ئۇنىڭ ئىسمى ئۆتكۈر، توردىكى ئىسمى چايكا، ھەممىمىز ئۇنى توردىكى ئىسمى بىلەن چايكا دەپ چاقىراتتۇق.
_ ھە؟ توردا «چايكا» دەپ ئىسىم قويغىنى ئۆتكۈرما؟
_ ئۇنى تۇنۇمسىز؟ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى مەكتەپتە بەك كۆپ قىزلار ياخشى كۆرەتتى، لېكىن ئۇ ھېچكىمگە كۆز قىرىنى سالمىغان، ئۇ دائىم يۇرتىدىكى بىر قىزنىڭ گېپىنى قىلاتتى.
ساتتار دوختۇر يىنىك بىرنى يۆتىلىپ قويۇۋىدى، ئىلھام ئەپەندى تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك بولۇپ گېپىنى توختىتىۋالدى.
_ ئىلھام ئەپەندى، ماڭا دەپ بېرىڭە، بۇ توردىكى ئىسمى چايكا دېگىنىڭىزنىڭ كيۇكيۇدىكى ئىسمىمۇ چايكامۇ؟ دەپ بېرىڭە.
ساتتار دوختۇر چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ ئوغلىغا قارىدى.
_ بولدى دەۋەر، ئۇ ئىشلارغىمۇ خېلى بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ئۇمۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى ئەمەسمۇ.
_ ھەئە، ئەمەلىيەتتە سىلەر تۇنۇشىسىلەر.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















