
بۇ ئەسەرنىڭ 125-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
124-قىسىم
ئۇ بۇ «قىزى»نى بەك ئاسانلا قوبۇل قىلغان ئىدى. دىلدار ماڭا قارىدى، نىگارە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن خۇشال بولۇپ:
_ ئاپامنىڭ دوستىغا قولداش بولالىسام خوش بولىمەن تېخى_ دېدى.
دىلدار ئادۋۇكاتنىڭ يېنىدا قالدى، نىگارە ئىككىمىز يېنىپ چىقتۇق.
_ بەك تەلەيلىك جۇمۇ سەن، بىكاردىن بىكارلا بىر قىزلىق بولۇپ قالدىڭ_ دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ.
_ شۇنى دېگىنە، قىزىمغا ياخشى ئانا بولمىسام بولمايدۇ ئەمدى_ دېدى ئۇ مەغرۇرلارچە. ئۇنىڭ مەغرۇرلىنىۋاتقىنى چوپچوڭ بىر قىزغا ئانا بولۇپ قېلىشى ئەمەس، بەلكى شۆھرەتنىڭ بۇرۇن ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقى ئىدى. مېنىڭچە شۆھرەت ئەسلى ياخشى ئادەم، بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا ئامالسىز مۇشۇ يولغا مېڭىپ قالغان بولسا كېرەك. ۋەلى ئادۋۇكاتنىڭ بىر گېپى بەك توغرا بولدى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىكەن، چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەك.
مەن تېخى نىگارە دىلدارنى ئېلىپ توي مۇراسىمىمغا قاتنىشىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، يەنى توي مۇراسىمىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى نىگارە تۇيۇقسىز ماڭا تېلېفون قىلىپ شۆھرەتنىڭ يۇرتىغا قايتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، شۆھرەتنىڭ دېلوسىنىڭمۇ شۇ جايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنى ئۇزاتقىلى پويىز ئىستانسىسىغا باردىم، ئالىم ماشىنا بىلەن ئاپاردى.
پويىز كۈتۈش زالىدا نىگارەدىن ئايرىلىشقا قىيماي ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم. ئالدىنقى قېتىم نىگارە ماڭا خوشمۇ دېمەي كەتكەن، قايتىپ كەلگەندە قانداق ھالەتتە كېلىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ھەر ھالدا ئىدىيەمدە تەييارلىق بار ئىدى، لېكىن ئۇ بۇ قېتىم كەتسە يەنە قاچان كۆرۈشەلەيمىز، ئۇنى بىلمەيمەن.
_ ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، نىگارىم. شۆھرەتنىڭمۇ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولسۇن.
نىگارە مەندىنمۇ بەكرەك ئۈمىدۋار ئىدى.
_ ياخشى بولسا ئېشىنى يەيدۇ، يامان بولسا بېشىنى دېگەن گەپ بار، نازى. ئۇ خاتا ئىش قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ، ئەمما قىلغان ياخشى ئىشلىرىمۇ تېگىشلىك ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
_ نەتىجە چىققان ھامان ماڭا تېلېفون قىلىۋەت، سەنمۇ سىرتتا يۈرىۋەرمەي بالدۇرراق قايتىپ كەل، يولۇڭغا قارايمەن _ ئۇنىڭغا شۇنداق دەۋېتىپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ تازا يىغلىدىم. ئەمەلىيەتتە نىگارەنىڭمۇ كۆزىگە ياش كەلگەن ئىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا چاندۇرمىدى.
_ ۋاي، مەن قايتىپ كېلىمەن. بالامنى بېقىپ بېرىسەن تېخى.
ئۇ ئاغزىدا بۇنداق دېگەن بىلەن ئەمدى بىر كۆرۈشۈشىمىزنىڭمۇ قىيىنغا چۈشىدىغانلىقى ماڭا ئايان. نىگارە ئولتۇرىدىغان پويىزنىڭ بېلەت تەكشۈرىدىغان ۋاقتى بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. نىگارە ئىككىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق، دىلدارمۇ مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.
ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تۇنۇشىدۇ، دوستلىشىدۇ، ئەمما ھەقىقىي ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، غېمىنى يەيدىغان دوستى يا بىر بولىدۇ يا ئىككى. ئۇلار بىر بىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئازابىغا ھەمدەم بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ يولىغا راۋان بولىدۇ.
نىگارەلەرنى ماڭغۇزىۋېتىپ ئۆرۈلۈپ مېڭىشىمغا يېقىنلا يەردە فەرۇقنىڭ نىگارە كەتكەن تەرەپكە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ ماڭا قاراپ ئاچچىق كۈلدى.
_ بۇ قېتىم راستلا جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىگە كېتىدىغان بولدىمۇ نىمە.
ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئارانلا تۇرغان مەنمۇ ئېتىلىپلا يىغلاپ كەتتىم. ئۇمۇ ئۆزىنى ئاران ئاران تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتى، ئەمما ئىككىمىزنىڭ ھازىر ھېسسىياتى ئوخشىمايدۇ، مېنىڭ ئازابىمدا ئۇنىڭغا بولغان بەخت تىلەش ۋە ئۈمىد بار، ئەمما ئۇنىڭكىدە پەقەت ئۈمىدسىزلىكلا بار. ئۇنىڭغا گەپ قىلمايلا ماڭدىم، ئۇ جايىدىن مىدىرلىماي تۇرۇپلا قالدى. ھازىر ئۇنىڭغا تەسەللىينىڭمۇ كېرىكى يوق، بەزى دىل يارىلىرى پەقەت ۋاقىت ئارقىلىقلا ساقىيىدۇ.
سىرتقا چىقسام ئالىم مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
بىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان مۇراسىم زالىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا قارىسام سىرتىغا گۈللەرنى تىزىپ، شارلارنى ئېسىپ شۇنداق چىرايلىق بېزىۋېتىپتۇ. قارىماققا ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ، ئەتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسەكلا بولىدىغاندەك قىلاتتى. ئىشىك ئالدىغا ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ تويلۇق سۈرىتىمىز تىكلەپ قويۇلۇپتۇ.
شۆھرەت بىلەن نىگارەنىڭ ئىشىدىن كېيىن بەك جىق ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى، بىز ھېچقاچان تۆنۈگۈننى تۇتۇپ قالالمايدىكەنمىز، ئەتە نېمە بولىدىغىنىنى بىلمەيدىكەنمىز، بىردىنبىر قەدىرلەشكە تېگىشلىكى دەل بۈگۈنىمىز ئىكەن. تاللا بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئازراق سەي كۆكتات سېتىۋالدىم. سېزىكىم باشلانغاندىن بۇيان ئۆيدە تۈزۈك تاماق ئېتىپ باقماپتىمەن، تاماق ئېتىلمىگەن ئۆيدە ئىللىقلىقمۇ بولمايدىكەن. ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتۇشنى قارار قىلغان ئىكەنمەن، تۈزۈك تۇتاي. ماينىڭ پۇرىقىنى پۇرىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھۆ تۇتىدىغان بولغاچقا، قورۇغان تاماق قىلماي، چۈچۈرە ئېتەي دەپ كېرەكلىك كۆكتات بىلەن يېڭى گۆشتىن سېتىۋالدىم.
ئۆيگە بېرىپلا خىمىر يۇغۇرۇپ، قىيمىنى قىلىپ تۈگۈپ بولۇپ سائەتكە قارىسام ئەمدى تۆت بوپتۇ، قازانغا شورپىنىمۇ تەييار قىلىپ قويدۇم، ئەمدى ئۈمىد كەلگەندە چۈچۈرىنى سالساملا بولاتتى. ئۈمىدنى ساقلىغاچ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتىم، تېلېۋىزوردا ھېچ كۆرگۈدەك تۈزۈك نەرسە يوق، تېلېفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم. مەلۇم بىر كۆڭۈل ئېچىش دېتالىدىكى ۋىدىيولارنى كۆرىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر ۋىدىيوغا كەلگەندە قولۇم توختاپ قالدى، ياق، قولۇم ئەمەس كاللام توختاپ قالدى. ئۇ بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان سۈرىتى ئىدى، ئۇنىڭ كەينىدە بىر مېھمانساراينىڭ ئىسمى تۇراتتى، ۋىدىيوغا «كاتتا شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى تويىغا بىر كۈن قالغاندا داڭلىق چولپان بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتسا كېرەك» دەپ تېما قويۇلۇپتۇ. سۈرەتتىكى ئايالنىڭ كەينى كۆرۈنۈشىلا چىققان بولسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا تۇنۇپ قالدىم، ئۇ رازىيە ئىدى. كاتتا شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى، تويىغا بىر كۈن قالغاندا... ھازىر پۈتۈن شەھەر دېگۈدەك ئۈمىدنىڭ ئەتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇنداق خەۋەر چىقسا بۇنداق خەۋەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
تېلېفونغا تىكىلىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن، دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇمغا ناتونۇش بىر نومۇردىن بىر ئۇچۇر كەلدى، تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇچۇرنى ئاچتىم، ئۇ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيەنى ياخشى كۆرەمسىز؟_ بۇر ازىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ياق، ياخشى كۆرمەيمەن.
_ ھېلىمۇ ئاچامنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟
_ شۇنداق، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مەڭگۈ.
ئۇنىڭ ئاۋازى يۈرىكىمگە ئەڭ ئارام بېرىدىغان ئاۋاز، ئۇنىڭ ئاۋازىنى خاتا تۇنۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ھەر بىر ئېغىز گەپنى دانىمۇ دانە قىلىپ، شۇنچىلىك ئوچۇق ئېيتتى. ئۆزۈمنىڭ بەك ئاچكۆز بولۇپ كەتكىنىمنى تەن ئالىمەن، قاچانلاردىن باشلاپ ئۇنىڭ چىن مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولغىيتتىمىكىن. راستىمنى ئېيتسام مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما بۇ پۈتۈنلەي خام خىيال ئىكەن. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا، مۇھەببەت ماسلىشىش جەريانى، ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توختىماي ئازار بېرىش ۋە كەچۈرۈش جەريانى بوپتۇ.
بەك ھاردىم!
ھەقىقەتەن بەك چارچىدىم!
ئۇنىڭ «ياخشى كۆرمەيمەن» دېگەن بىر ئېغىز گېپى مېنىڭ ئىرادەمنى پۈتۈنلەي سۇندۇرىۋەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىۋېرىشكە ھېچقانداق باھانەم قالمىدى. ئېغىرلاشقان قەدەملىرىمنى ئاران يۆتكەپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم، مىنەۋەر خانىم ماڭا بەرگەن بارماق دېسكىلارنى بىر چامادانغا سالدىم، ئاندىن بىر نەچچە قۇر كىيمىم بىلەن چايكا ماڭا سوۋغا قىلغان دېسكىنى سېلىپ، پەسكە چۈشۈپ بىر پارچە خەت يېزىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويدۇم.
«مەن بەك چارچاپ كەتتىم، سىز قارار چىقىرالماي قالغان بولسىڭىز قارارنى سىزگە مەن چىقىرىپ بېرەي، مەن كەتتىم»
چاماداننى سۆرەپ ئىشىكتىن چىقىدىغان ۋاقىتتا بۇ ئېسل داچىغا يەنە بىر قېتىم قارىدىم. بۇ يەردە تۇرغىنىمغا بىر يىل بولاي دەپتۇ، ئاستا-ئاستا بۇ يەرنى ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈم دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەمما رېئاللىق ماڭا مېنىڭ بۇ ئۆيگە تەئەللۇق ئەمەسلىكىمنى، بۇ ئۆينىڭمۇ ماڭا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئەمدى كاللامنى سىلكىۋېتىدىغان ۋاقتىم بولدى.
داچىدىن چىقىپ ئالدى بىلەن چېقىپ كۆچۈرۈش ئىشخانىسىغا باردىم. كېيىن مەيلى قانداقلا ئىش قىلاي، قولۇمدا پۇل بولمىسا بولمايدۇ دە. ھەممە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغاندىن كېيىن قول قويىدىغان چاغدا تامغىنىڭ ئۈستىدە «بىپايان شىركىتى» دېگەن خەتنى كۆرۈپ قالدىم. مەسئۇل خادىم ماڭا بۇ قېتىمقى چېقىپ كۆچۈرۈش ئۈچۈن بىپايان شىركىتىنىڭ زور مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېيتتى. قول قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بولغان قەلەمنى جايىغا قويۇپ قويدۇم.
_ بولدى، بۇ پۇلنى ئالمايمەن.
مەسئۇل خادىم ماڭا كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپلا قالدى. ئۇ مېنى چوقۇم كاللىسىنىڭ دەردى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىغۇ دەيمەن. ئۇ يەردىن چىقىپ كونا ئۆيىمىزگە باردىم. ئالايچۇ دېسەم ئېلىپ كېتىدىغان نەرسىلىرىم بەك كۆپكەن، ئەمما دادام بىلەن ئاپامنىڭ بىر پارچە سۈرىتىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئالمىدىم. چىقىپلا بىر تاكسى توسۇپ پويىز ئىستانسىسىغا ماڭدىم، يولدا كېتىۋاتقاندا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى، قارىسام ئۈمىدتىن كەلگەن ئىكەن، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۈستەلگە قويۇپ قويغان خېتىمنى كۆرۈپ تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك. تېلېفوننى دەرھال ئېتىۋەتتىم ئاندىن تېلېفون كارتىسىنى چىقىرىپ دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتىم. شۇ تاپتا يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئاغرىپ كېتىۋاتقىنىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن پاك پاكىزە قول ئۈزۈش قارارىغا كەلگەن ئىكەنمەن، ئەمدى كەينىمگە قارىماسلىقىم كېرەك. ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىكىم مۇمكىن، ئەمما ئۇ يوق كۈنلەرگە ئاستا ئاستا كۆنۈپ كېتىمەن.
پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ بېلەت سېتىۋېلىش كۆزنىكىگە باردىم، لېكىن قەيەرگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن 20 مىنۇتتىن كېيىنلا ماڭىدىغان بىر پويىزنىڭ بېلىتىنى ئالدىم، ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قارىسام مېنىڭ ئالغىنىم شىخەنزىگە بارىدىغان بېلەت ئىكەن. پويىز بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇقراقلا ۋاقىتتا بارغىلى بولىدىكەن.
پويىزدىن چۈشكەن ۋاقتىمدا خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى. پويىز ئىستانسىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ قالدىم، ئەمدى قەيەرگە باېرىشىم كېرەك؟ توغرا، ئالدى بىلەن بىر مېھمانخانا تاپاي، بۈگۈن كېچىنى تاڭ ئاتقۇزىۋالسام ئەتە كېيىنكى قەدەمدىكى پىلاننى تۈزەي! ئەتراپىمغا قارىدىم.
_ خانىم، ماشىنا لازىممۇ؟
_ خانىم، قەيەرگە بارىسىز، مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟
قولۇمدىكى يۈك تاقىلارنى كۆتۈرىۋالغۇدەك بولۇپ كەتكەن شوپۇرلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئادەم يوق، بوش يەرگە چىقتىم. شۇ يەردە تۇرسام بىر قارارماشىنا كەلدى، ئۈستىدە تاكسى دېگەن تاختىيىمۇ يوق ئىدى.
_ خانىم، ماشىنا لازىممۇ؟
ئۇ ماشىنىدىنمۇ قېچىپ ئالدى تەرىپىمگە قاراپ قاچتىم. قېچىپ بىر كوچىغا كىرىپ قالدىم، بىر چاغدا كەينىمدىن بىر كىملەرنىڭ ئەگىشىپ كلىۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم، ئەمما كەينىمگە قاراشقا پېتىنالمايتتىم. كوچىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە بارغاندا كەينىمدىكىلەر ماڭا يېتىشىۋالدى ۋە كېلىپلا بىرى سومكامغا ئېسىلدى، بىرى كېلىپ گېلىمنى بۇغدى.
_ ئاۋازىڭنى چىقارما. سېنى ھېچنىمە قىلمايمىز، پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلىرىڭنى چىقار.
قورققىنىمدىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى. ئۇلار چامادانىمنى ئاختۇرۇپ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە تاپالماي ئۈستى بېشىمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. يانچۇقۇمدىكى ئازراق پۇل بىلەن تېلېفونۇمنى ئېلىۋېلىشتى، ئاندىن قۇلىقىمدىكى ھالقامنى يۇلۇپ ئېلىۋالدى، ئەڭ ئاخىرىدا بوينۇمدىكى زەنجىرگە ئېسىلغاندا چىدىيالمىدىم.
_ ياق، بۇنى ئېلىۋالساڭلار بولمايدۇ.
_ باشقا نەرسىلىرىنى ئېلىۋالساق جىم تۇرغان، زەنجىرنى ئالماڭلار دېگىنىگە قارىغاندا بۇ زەنجىر ئەڭ پۇلغا يارايدىغان نەرسىسى بولسا كېرەك، ئېلىۋالايلى_ دېدى ئارىدىكى بىرى.
_ ئۆتۈنۈپ قالاي، پۇل، تېلېفون ھەممە نەرسىنى ئېلىڭلار، لېكىن زەنجىرىمنى ئېلىۋالماڭلار، بۇنى ئېلىۋالساڭلار بولمايدۇ.
ئۇلار مېنىڭ زەنجىرنى ھەرقانچە چىڭ تۇتىۋالغىنىمغا قارىماي بوينۇمدىن يۇلۇپلا ئېلىۋالدى ۋە ئىككىيلەن تەڭلا كوچىنىڭ سىرتىغا قاراپ يۈگۈردى. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىدىم. كوچىنىڭ ئاغزىغا باراي دېگەندە ئىككى ساقچى پەيدا بولدى.
_ ئاشۇ ئايال شۇ، مېنىڭ پورتمالىمنى ئوغرىلىۋالغان ئايال ئاشۇ شۇ.
كەينىمدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن پاكارراق بىر ئەر مېنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى.
_ ياق، مەن ئەمەس، ئۇلار مېنىڭ نەرسىلىرىمنى بۇلاپ ئېلىۋالدى.
_ كىملىكىڭىزنى كۆرۈپ باقاي_ دېدى ساقچى. مەن كىملىكىمنى چىقىرىپ ساقچىغا بەردىم.
_ بۇ يەرلىك ئەمەسكەنسىز ھە؟
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ _ بۇ سۇئالغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمىدىم، چۈنكى بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلگىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
_ ساقچى يولداش، پورتمالىم چوقۇم ئۇنىڭ چامادانىدا_ دېدى بايىقى پاكارراق ئەر.
_ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بېرىڭ، چامادانىڭىزنى ئېچىڭ، قاراپ باقايلى.
ئامالسىز چاماداننى ئاچتىم، ھېلىقى پاكارراق ئەر قولىنى سوزۇپلا بىر پورتمالنى ئالدى.
_ ساقچى يولداش، مانا مېنىڭ پورتمالىم مۇشۇ شۇ، ئىچىدە 250 يۈەن نەقپۇل بىلەن كىملىكىم بار ئىدى، مانا قاراپ بېقىڭلار.
«ئوغرى ئوغرىنى تۇتۇڭلار دەپ ۋاقىراپتۇ» دېگەندەكلا ئىش بولدى. ساقچى بايىقى ئەرنىڭ قولىدىن پورتمالنى ئېلىپ كىملىكنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قاراپ باققاندىن كېيىن ماڭا قاراپ:«_ خانىم، سىزنى ئوغرلىىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىمىز، ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشىمىزگە ماسلاشقان بولسىڭىز.
ئۆزۈمنى ئاقلاشقا راستلا ئامالسىز قالغان ئىدىم.
_ مەن ئوغرىلىمىدىم.
_ راستلا سىز ئوغرىلىغانمۇ ئوغرىلىمىغانمۇ، بىز بۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايمىز، ئاۋۋال بىز بىلەن مېڭىڭ، خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بېرىڭ.
ساقچى ئىدارىسىغا بارغاندىن كېيىن ساقچى مەندىن بولغان ئىشلارنى سورىدى، مەن بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردىم، ساقچى ماڭا ئائىلەمدىكىلەرگە تېلېفون قىلسام ، مېنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمما مەن كىمگە تېلېفون قىلىمەن؟ ئائىلەمدە ھېچكىم يوق دېسەم ساقچىنىڭ مەندىن تېخىمۇ گۇمان قىلىپ قالىدىغىنى ئېنىق، ھازىر مەن ئۈمىد بىلەن نىگارەنىڭ تېلېفون نومۇرىنىلا يادقا بىلىمەن، تېلېفونۇمنى بايىقىلار ئېلىۋالدى. نىگارە يىراققا كەتتى، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلساممۇ كېلەلمەيدۇ، ئۈمىدكە تېلېفون قىلىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئويلا ئويلا ئاخىرى شەنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش لىنىيىسىگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئۇلىنىشىغىلا بىرى ئالدى.
_ ۋەي، ياخشىمۇسىز، شەنخۇا دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى.
_ ئانار ھەدە، مەن نازىيە.
_ نازىيە ئۇكام، نىمە بولدىڭىز؟
ئانار ھەدەم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ كەتتى، قانداقلا بولمىسۇن مېنىڭ ئۇرغىنىم جىددى قۇتقۇزۇش لىنىيىسى ئەمەسمۇ.
_ مەن ھېچنىمە بولمىدىم، ئانار ھەدە. جىددى بىر ئىش بىلەن ئۆتكۈر دوختۇرنى ئىزدىمەكچىتىم، تېلېفون نومۇرىنى يادقا بىلمەيدىكەنمەن، يان تېلېفونۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، شۇڭا سىزنى ئۇنىڭ نومۇرىنى تېپىپ بېرەرمىكىن دەپ تېلېفون قىلغانتىم.
_ ئۇف، ياخشى بولسىڭىزلا بولدى، ئۇكام، توختاڭ ھە، ئۆتكۈر دوختۇرنىڭ نومۇرى مەندە بار.
ئانار ھەدەم ئۆتكۈرنىڭ نومۇرىنى دەپ بەردى، ھازىر مېنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ياردەم سورىغۇدەك ئادىمىممۇ يوق ئىدى. ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دەپ بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساقچىلار چىقىپ كەتتى، سوراقخانىدا مەن يالغۇز قالدىم. سوراقخانىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلدى.
_ نازىيە، كەتسىڭىز بولىدۇ.
سوراقخانىدىن چىقىپلا ئۆتكۈرنى كۆردۈم. ئۇنىڭ چىرايىدىن مەندىن ئەنسىرىگەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى، مېنىڭ چىققىىنمنى كۆرۈپ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كۆڭلى تىندى. مەن يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم.
_ يۈرۈڭ، سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى_ دېدى ئۆتكۈر.
بىز ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ بىر نەچچەيلەننى تۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىۋاتقىنىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، بىر قاراپلا تۇنۇپ قالدىم، ئۇلار مېنىڭ نەرسە كېرەكلىرىمنى بۇلاپ ئېلىۋالغانلار ئىدى. دەرھال بېرىپ ئارىدىكى بىرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم.
_ نەرسە كېرەكلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر.
_ نىمە بولدىڭىز، نازىيە؟_ ئۆتكۈر كەينىمدىن كەلدى.
_ نەرسىلىرىمنى مۇشۇلار بۇلاپ ئېلىۋالغان.
ئەمما ئۇلار بىز ئەمەس دەپ تۇرىۋالدى.
_ پۇلنى ئالمايمەن، تېلېفونمۇ كېرەك ئەمەس، لېكىن زەنجىرنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
ساقچىلار قاتتىق سوراق قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار تېلېفون بىلەن زەنجىرنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم.
_ زەنجىرنى سىزگە ئۈمىد سوۋغا قىلغانمىتى؟_ دەپ سورىدى ئۆتكۈر. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ ئاۋۋال سىزنى بىرەر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي، قالغان گەپنى ئەتە دىيىشەيلى.
بىز ئاۋۋال بىر ئاشخانىغا باردۇق. لېكىن مېنىڭ گېلىمدىن ھېچ بىر نەرسە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس. ئۆتكۈر مېنى ھە دەپ ئازراق بولسىمۇ يىيىشكە زورلايتتى. ئۇنىڭ تاماق يەۋاتقان ھالىتىگە قاراپ خىيالغا پاتتىم، مەن ئۆتكۈردىن بەكمۇ مىننەتدار، ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم يېرىم كېچىدە كېلىپ ماڭا ياردەم قىلىشى. بىرىنچى قېتىم ئەزىمەت بىلەن ئۇنىڭ ئاتا_ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتىمدا، ئىككىنچى قېتىمدا ئۈمىد بىلەن خاپىلىشىپ قېلىپ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ ئۆيىنى تاپالمىغاندا، ئەمدى بۇ ئۈچىنچى قېتىملىقى بولدى.
_ ئۆتكۈر، رەھمەت سىزگە! _ ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا نىمىمۇ دىيەلەيمەن.
ئۇ ئاغزىدىكى تاماقنى يۇتۇۋېتىپ بولۇپ ماڭا قارىدى.
_ ياقەي، نېمىگە رەھمەت دەيسىز؟
تاماق يەپ بولۇپ يېقىنلا يەردىكى بىر مېھمانخانىغا كىردۇق. مېھمانخانىدا بىرلا ياتاق قالغان ئىكەن. باشقا يەرگە چىقايلى دەپ ئۆرۈلۈپ ماڭاي دەپ تۇرسام، ئۆتكۈر قولۇمنى تۇتۇپ كىملىكىنى مۇلازىمەتچىگە سۇندى.
_ بىزگە شۇ ياتاقنى ئېچىپ بېرىڭ.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















