
بۇ ئەسەرنىڭ 150-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149-قىسىم
دۇكاننىڭ مەسئۇلى كېلىپ ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.
_ مۇنداق ئىش، باش دېرىكتور. بايا باشقا ئۇستاملارنىڭ ھەممىسى ئىشلەۋاتقان، رازىيە خانىم يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇستامنىڭ ئارام ئېلىۋاتىدۇ دېگەن تاختىيىنى كۆرۈپ، مۇشۇ ئۇستام كېلىپ ماڭا مۇلازىمەت قىلسۇن دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن ئالىيە خانىم بىر ھەپتە بۇرۇن بۈگۈن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ئۇستامغا ئاسراش قىلدۇرىدىغانغا دىيىشىپ قويغان، بۇ ئۇستاممۇ ئالىيە خانىمنى ساقلاۋاتاتتى، ئەمما رازىيە خانىم چوقۇم مۇشۇ ئۇستام مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك دەپ تۇرىۋالدى.
كرىسلودا ئولتۇرغان 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئايالغا قارىدىم، رازىيە بىلەن قىزىرىشىپ قالغان ئايال شۇ ئىدى، ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىستۇرماي ژورنال كۆرۈپ ئولتۇردى. مەن رازىيەگە بىر قاراپ قويۇپ ئالىيە خانىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ قولۇمنى سۇندۇم.
_ ياخشىمۇسىز، ئالىيە خانىم.
ئالىيە خانىممۇ قولىدىكى ژورنالنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قولىنى ئۇزاتتى.
_ ياخشىمۇسىز، نازىيە باش دېرىكتور.
_ ئالىيە خانىم، ئالدىنقى قېتىم شەھەر باشلىقىغا سوۋغا قىلغان جۇڭيىچە دورا تەركىبلىك ئەرلەر يۈزلۈكى شەھەر باشلىقىنىڭ يۈزىگە ياقتىمىكىن.
ئايالنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى.
_ ۋاي ئۇ بەك ياقتۇردى، ئىككى قېتىم ئىشلىتىپلا نەچچە ياش ياشىرىپ كەتتىم دەپ كەتتى، ھەر كۈنى كەچلىكى يۈزۈمگە يۈزلۈك چاپلاپ قويۇڭ دەپ مېنى ئارامىمدا قويماس بولۇپ قالدى. ھى ھى ھى. ئۇ مېنى سىزگە رەھمەت ئېيتىپ قويۇڭ دېگەنتى. ئۇ سىزنى ياش بولغان بىلەن تەجرىبىلىك، ئىقتىدارلىقكەن دەپ ماختىدى تېخى.
ئۆرۈلۈپ رازىيەگە قارىسام ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
_ ئالدىن كېلىشىش خاتىرىسىنى ئېلىپ كېلىڭە! _ دېدىم ياردەمچىگە قاراپ. ئۇ خاتىرىنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن مەن خاتىرىگە قارىدىم ۋە سائىتىمگە قارىۋېتىپ:
_ ئالىيە خانىم، سائەت ئىككىگە دىيىشىپ قويۇپتىكەنسىز، ھازىر 2 دىن 50 مىنۇت ئۆتۈپتۇ، دېمەك سىزنىڭ بىر سائەتكە يېقىن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىپتۇق. بۇ سەۋەنلىك بىزدىن ئۆتۈپتۇ. مۇنداق بولسۇن، سىزگە يەنە ئۈچ قېتىم ھەقسىز ئاسراش قىلدۇرۇشنى سوۋغا قىلايلى، قاچان ۋاقتىڭىز چىقسا ئالدىن دەپ قويۇپ كېلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ھازىر ۋاقتىم بار دېسىڭىز ھازىرلا ئادەم ئورۇنلاشتۇراي! _ دېدىم.
ئالىيە خانىم بۇ نەتىجىدىن رازى بولغان بولسا كېرەك، كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ مىنا شىركىتىنىڭ بۇنچىۋالا تېز تەرەققىي قىلىپ تۇنۇلۇپ كەتكىنى بىكار ئەمەسكەن، ھەرقانداق كەسىپتە يولباشچى بەك مۇھىم، سىز ھەقىقەتەن ئىشلارنى بەك ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدىكەنسىز_ دېدى.
دۇكاننىڭ مەسئۇلى دەرھال ئالىيە خانىمنى ئاسراش قىلدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. رازىيەنىڭ ئالدىغا باردىم، بايا تېخى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغاندەك ھاكاۋۇر ھالەتتە تۇرغان ئادەم ئەمدىلىكتە دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى.
_ رازىيە خانىم، بىزگە ئىشەنگىنىڭىزگە، دۇكىنىمىزدا ئاسراش قىلدۇرماقچى بولغىنىڭىزغا رەھمەت. سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، دكىنىمىزدا ئاسراش قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ كۈن بۇرۇن كېلىشىپ قويۇشىڭىز كېرەك، ئىككىنچىدىن...
ئالدىمغا بىر قەدەم مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ پىچىرلاپ دېگۈدەك دېدىم:
_ بۇ يەرگە كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاددى ئادەملەر ئەمەس، ئېرىڭىزنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئېرىڭىزگە دۈشمەن تېپىپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.
ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ تاقىلداپ مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
باش شىركەتكە قايتقان ۋاقتىمدا سائەت ئۈچ يېرىم بولۇپ بولغان ئىدى. ئىشخانىغا كىرسەم ئۈستىلىمدە بىر دەستە ئەتىرگۈل تۇرۇپتۇ. ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى كەڭ دائىرىدە ئاشكارىلىمىغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر مېنى بويتاق دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا سوۋغات ۋە گۈل تاپشۇرىۋالىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. گۈلنى قولۇمغا ئېلىپ ئارىسىدىكى كارتىنى چىقاردىم. كارتىغا مۇنداق خەت يېزىلغان ئىدى. «مەلىكەم، سىز بىلەن رومانتىك بىر ۋاق غىزادا بىللە بولسام دەيمەن. ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟» كەينىگە مېھمانساراينىڭ ئىسمىمۇ يېزىپ قويۇلۇپتۇ.
ئىشتىن چۈشىدىغانغا ئاز قالغاندا گىرىمىمنى قايتىدىن تۈجۈپىلەپ قىلدىم. ئويلاپ باقسام بۇ ئۇنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق رەسمى يۇسۇندا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىشى ئىكەن، ئۇ ماڭا بۈگۈن بىر ئىش قىلىدىغاندەكلا بىلىنىپ جىددىيلىشىپ كەتتىم ھەم تەقەززا بولۇپمۇ تۇرىمەن. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆزۈم ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ، مۇلازىمەتچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇ زاكاز قىلغان ياتاققا كىردىم. ياتاقنىڭ ھەممە يېرىگە ئەتىرگۈل بەرگىلىرى چېچىلغان، ئۇزۇن تاماق ئۈستىلىدە يوغان ئىككى تال شام ياندۇرۇلغان، ئاۋاز ياڭراتقۇدا لەرزان مۇزىكا ياڭراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ تېخى كەلمەپتۇ. «مەن بەك بالدۇر كېلىۋالدىممۇ نېمە، ئۇنىڭدىن بالدۇر كېلىۋاپتىمەن دېسە. كېتىپ تۇرۇپ ئۇ كەلگەندە ئاندىن كىرەيمۇ يە؟ ھەي، بولدىلا، بىز يا يېڭىدىن تۇنۇشۇپ مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز_ يىگىتلەر بولمىساق، ئۇ مېنى ساقلىسىمۇ، مەن ئۇنى ساقلىساممۇ ئوخشاشلا ئەمەسمۇ!؟» مۇشۇنداق ئويلاپ ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردۇم. «بۇ يەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشدىن قارىغاندا ئۇ ماڭا توي تەكلىپى قويىدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟ قايسى كۈنى ئۇ ماڭا بىر توي مۇراسىمى قەرز دېگەن ئىدى، ئەگەر ئۇ راستلا توي تەكلىپى قويسا قانداق بولۇپ كېتەرمەن؟» ھەرقانداق ئايال كىشى ھەرقانداق يېشىدا يەنىلا مۇراسىم تۇيغۇسىغا زار بولىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ھازىر ئىككى بالىمىز، ئىللىق، بەختىك ئائىلىمىز بار بولسىمۇ يەنىلا ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى تاما قىلىپ ئولتۇرىمەن. ئۇ ماڭا سائەت 7 دە كۆرۈشەيلى دېگەن، سائەتكە قارىسام 6 دىن 45 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. دېمەك دىيىشكەن ۋاقىتقا يەنە 15 مىنۇت قاپتۇ. بەك جىددىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالدىممىكىن، ئۈستەلگە ھېلى پۇتۇم تېگىپ، ھېلى قولۇم تېگىپ، كۆيۈۋاتقان شام قىڭغىر بولۇپ قاپتۇ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى ئوڭشاپ قويدۇم.
سائەت 7 بولدى، ئۇ كەلمىدى، ئون مىنۇت ئۆتتى، يوق، يېرىم سائەت بولغۇچىمۇ كەلمىدى. بايا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى مەنزىرىنى ئويلاپ جىددىيلەشكەن بولسام ئەمدى ئۇنىڭ كەلمىگىنىدىن ئەنسىرەپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. مۇلازىمەتچى كىرىپ تاماقنى تارتىش_ تارتماسلىقنى سورىدى، مەن يەنە بىردەم ساقلايلى دېدىم. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي دەپ تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم، «يەنە بىردەم ساقلاپ باقايمۇ يا؟ ئۇ ئەزەلدىن ۋاقىتقا رىئايە قىلاتتى، چوقۇم مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى، يەنە بىردەم ساقلاي. بۇ يەرنى مۇشۇنچىلىك تۈجۈپىلەپ بېزىگىنىگە قارىغاندا كەلمەي قويمايدۇ. ئىشى چىقىپ قېلىپ كېلەلمەيدىغان ئىش بولسىمۇ چوقۇم تېلېفون قىلىۋېتىدۇ.» ھەر خىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى قايىل قىلىپ ئۇنى ساقلىدىم، ئەمما كۆڭلۈمدىكى ئەنسىرەش، دەككە-دۈككىچىلىك بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. تىكەننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك بىئارام بولۇپ، تولغىنىپ بىر سائەت ساقلىدىم، كەلمىدى. ئاخىرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، تېلېفوننى ئالمىدى.
«نىمىشقا تېلېفوننى ئالمايدۇ؟ يىغىن ئېچىۋاتقانمىدۇ ياكى باشقا ئىش چىقىپ قالغانمىدۇ؟» ئەمدى ئۆزۈمنى بېسىپ ئولتۇرالمىدىم. ئۇنىڭ شىركىتىگە باراي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ئىشىك ئېچىلىپ ئۇ كىرىپ كەلدى. ھازىر ھاۋا خېلىلا سوۋۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاپىنىنى كىيمەي قولىغا ئارتىپلا كەلگەن، ئۇچىسىدا نىپىز ئاق كۆينەك بار ئىدى.
_ بەك ساقلىتىۋەتتىم ھە؟_ دېدى ئۇ كىرىپلا.
_ ياقەي. بەك ئۇزۇن ساقلاپمۇ كەتمىدىم _ دېدىم مەنمۇ تەكەللۇپ يۈزىسىدىن. ئۇنىڭ ساق سالامەت كىرگىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تىندى، باياتىن بېرى بىكاردىنلا ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ. ئۇ كىرىدىغان چاغدا مۇلازىمەتچىلەرگە دەپ قويۇپ كىرگەنمىكىن، ئۇنىڭ كەينىدىنلا تاماقلار كىرىشكە باشلىدى.
ئۇ كېلىپلا مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى، چاپىنىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگىلا ئېسىپ قويغان ئىدى، ئۇ ماڭا نىمە ئۈچۈن كېچىكىپ قالغانلىقى توغرىلىق بىرەر چۈشەنچىمۇ بەرمىدى.
_ قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ، ئاۋۋال تاماق يەيلى! _ ئۇ شۇنداق دەپلا ئالدىدىكى چۈگۈندىن تولدۇرۇپ تولدۇرۇپ ئىككى ئىستاكان چاينى ئىچىۋەتتى، ئاندىن ئالدىدىكى ئۆزى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغان، ئەمما مەن ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىدىن بىر چوكا ئېلىپلا ئاغزىغا سالدى، ماڭا بۈگۈن ئۇ تازا نورمال ئەمەستەك تۇيۇلىۋاتاتتى.
_ يىمەي تۇرىسىزغۇ؟ ھەممىسى سىز ئامراق قورۇمىلار ئىدى، يەڭە!_ دېدى ئۇ مېنىڭ چوكىنى تۇتۇپمۇ قويماي ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ.
_ ھە، مانا ئەمدى يەيمەن.
ئۇ مۇلازىمەتچىنى چاقىرىپ قىزىل ھاراق بويرۇتتى. قىزىل ھاراق بىردەمدە ئۈستەلگە ھازىر بولدى. ئۇ مۇلازىمەتچى ئەكىرىپ قويغان ئىستاكانغا قۇيۇپ كەينى كەينىدىن ئىچىۋەردى.
_ ئاشقازىنىڭىز ياخشى ئەمەس، بولدى ئەمدى ئىچمەڭ_ دېدىم مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ.
_ ئاشقازىنىم ساقىيىپ قالدى، ھېچقىسى يوق.
_ نىمە بولدىڭىز؟ كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەسما؟ شىركەتتە بىرەر ئىش بولدىما؟
ئۇ مېنىڭ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي يەنە ھارىقىنى ئىچىۋەردى. ئاخىرى بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى ئىچىپ تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ماڭا قارىدى.
بۈگۈنكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن خۇش بولدىڭىزمۇ؟
_ ھەئە، خۇش بولدۇم_ دېدىم مەن.
_ خۇش بولغان بولسىڭىزلا بولدى، چىرايلىق باشلانغان، چىرايلىق ئاخىرلاشسۇن دېدىم شۇ.
_ نېمىنى ئاخىرلاشتۇرىسىز؟ _ سورىدىم مەن چۈشەنمەي. ئۇ ئالدىغىراق ئېڭىشىپ ئىككى قولىنى ئۈستەلگە قويدى ۋە بايىقىدىنمۇ كەسكىن، ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا دانىمۇ دانە قىلىپ:
_ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز!_ دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
_ نىمىشقا؟
ئۇ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراپلا قالغان ئىدى، كۆڭلىدە بىرەر ئىشنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك، شۇ ھالەتتە بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاندىن ئېغىز ئاچتى.
_ بۇنىڭغىمۇ سەۋەب كېتەمدۇ؟ باشلىنىشتا ھېچقانداق سەۋەب يوق ئىدى، ئەمدى ئاخىرلاشتۇرغاندىمۇ ھېچقانداق سەۋەب كەتمەيدۇ.
ئىچىمدىن كۈچلۈك بىر يىغا كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلدى، لېكىن يەنىلا كاللامدىن ئۆتمەيتتى ، ئۇ ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ مەندىن ئايرىلىپ كېتىمەن دېيىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئائىلىمىزگە مېھرى بارلىقىنى مەنمۇ ھېس قىلالايمەن، ئەمىسە نىمىشقا؟
_ ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلماڭ، بۇنداق چاقچاقنى كۆتۈرەلمەيمەن_ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشقا پېتىنالمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھېچقانداق ئىككىلىنىش، خۇدۇكسىرەش ئالامەتلىرىنى كۆرەلمەيتتىم.
_ چاقچاق قىلمىدىم، نازىيە. راست دەۋاتىمەن، ئەتە خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىۋېتەيلى.
راستكەن، ئۇ راست دەۋېتىپتۇ، ئۇ مېنى ئالدىماپتۇ، ئۇ راستلا مەن بىلەن ئاجراشماقچى ئىكەن. يۈرىكىم يېرىلىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولدۇم.
_ نېمە ئۈچۈن؟ شۇنچە ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئەمدى تېخى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۇققۇ، مېنىڭ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق _ بۇنداق دېسەم ئۆزۈمنى تولىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق قىلىشقا مەن رازى. شۇ تاپتا كاللامدا بىرلا نىدا«ئايرىلمايمەن، ئايرىلغۇم يوق، ئايرىلسام بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن».
_ ھېلىقى كۈنى ھاممامنىڭ كېلىپ دېگەن گەپلىرى كۆڭلىڭىزگە كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىزغۇ، ھاممام ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى......
_ ياق ، باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش_ گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى ئۇ. ئۇ مېنى گېپىنى چۈشەنمەي قالمىسۇن دېدىمىكىن، ھەر بىر گەپنى دانىمۇ دانە قىلىپ ئايرىپ ئايرىپ دەۋاتاتتى.
مەن گۈلنى تاپشۇرىۋالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ھەتتا ئۇ كەلگۈچە بولغان ئارىلىققىچە ئۇنى ماڭا توي تەكلىپى قويىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدىم، ئەمما ئۇ بۇ گەپلىرى بىلەن مېنى ئېگىز ئاسماندىن يەرگە ئېتىۋەتكەندەكلا بولدى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىش بار ئىكەن؟_ كەلكۈندەك بېسىپ كېلىۋاتقان يىغامنى تەستە بېسىپ سورىدىم. ئۇ بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ چوڭقۇر، چوڭقۇر سۈمۈردى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككىمىزنىڭ دادىمىزنىڭ ئىشى بار.
_ لېكىن ئۇ چاغدا ھەر ئىككىمىز تېخى كىچىك، بىزدە ھېچقانداق خاتالىق يوق، شۇنداققۇ؟
_ مېنىڭ ۋىجدانىم چىدىمايدىكەن.
_ مېنى ئازابلايدىغانغا ۋىجدانىڭىز چىدامدىكەن؟ مەندىن ئايرىلماڭ دېگەن كىم؟ مەڭگۈ ئايرىلماي بىللە ياشايلى دېگەن كىم؟ كېلەر يىلى ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقايلى دېگەن كىم؟ ماڭا ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن كىم؟
ئۇ بىر رومكا قىزىل ھاراق قۇيۇپ قولىغا ئېلىپ بولۇپ يەنە ئۈستەلگە قويدى.
_ بۇلتۇر سىز يېرىم يىلدىن كۆپرەك يوقاپ كەتتىڭىز، كېيىن تۇيۇقسىز ئىككى بالا تۇغدىڭىز، ئۇ بالىلارنىڭ كىمنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟
_ نى....نىمە؟ نىمە دېدىڭىز؟
_ ئاجرىشىپ كېتەيلى دەۋاتىمەن، يەنە چۈشەنمىدىڭىزما؟_ ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپى شۇنچىلىك ئوچۇق، چۈشىنىشلىك چىقىۋاتاتتى.
_ ئۈمىد ئابلەت، دەۋاتقانلىرىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرمۇ؟ مۇشۇ گەپلەرنى ئاغزىڭىزدىن چىقىرىشقا ئۇيالمىدىڭىزما؟
_ نازىيە، مىجەزىمنى بىلىسىز، مەن قارار قىلغان ئىشتىن ھەرگىز يانمايمەن. ھەر ئىككىمىز كىچىك بالا ئەمەس، تەتۈرلۈك قىلماڭ، نىمە كېرەك بولسا دەۋېرىڭ، دېگىنىڭىزنى بېرىمەن.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ سومكامنى ئالدىم، ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولۇپ كەينىمگە قارىدىم.
_ ماڭا سىز كېرەك، بالىلىرىمنىڭ دادىسى كېرەك، مۇكەممەل ئائىلە كېرەك، بېرەلەمسىز؟
ئۇ تاماكىسىنى شوراپ ئىسىنى پۈۋدەپ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك پەرۋاسىز قىياپەتتە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا قاراپ دىمىقىمدا مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتىم.
_ سىزنى مەن ئاپىرىپ قوياي.
_ ھاجىتى يوق، ئۆزۈم ماشىنا ھەيدىيەلەيمەن. _ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. دەسلەپتە تېز تېز ماڭدىم، كېيىن ئاستىراق يۈگۈردۈم، كەينىدىن جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ بىرىگە سوقۇلۇپ كەتتىم، بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەي ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم ۋە ئۇنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋىدىم، ئۇ بېلىكىمدىنلا تۇتتى.
_ نەگە بارىسىز؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.
بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ھەسەن ئىكەن.
_ بولدى، ئۆزۈم ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن.
_ بۇ كەيپىياتىڭىز بىلەن قانداق ماشىنا ھەيدەيسىز؟ بالىلىرىڭىز تېخى كىچىك جۇمۇ، ئاپىسى بولمىسا بولمايدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپى كاللامغا تەسىر قىلدى ۋە پەسكويغا چۈشتۈم. بالىلىرىم دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئەمدى مەندىنمۇ ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ. ھەرقانچە چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىساممۇ چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك!
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















