大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 128 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 128  - قىسىم aybarawazi
2023-10-17
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 129-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

128-قىسىم  


  _ ئىسمىڭىز نېمە؟_ دەپ سورىدىم. 

_ تۇرسۇنئاي. 

   شۇنداق قىلىپ تۇرسۇنئاي مېنىڭ شوپۇرۇم بولۇپ قالدى. يېڭى ماشىنامنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم. ئۇ ماشىنىنى بەك سىلىق ھەيدەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ھەيدىگەندە پۈتۈن دېققىتى بىلەن ھەيدەيدىكەن، گەپ سورىسام جاۋاب بېرىپ، بولمىسا گەپمۇ قىلمايدىكەن. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭدىن بەكلا رازى بولدۇم.  

6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەن ئىشخانىدا خېرىدارلارنىڭ ماتېرىياللىرى بىلەن ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، كاتىپ قىز كىردى.

_ نازىيە دېرىكتور، ھەسەن ئەپەندىم كەپتۇ. 

_ كىرسۇن_ دېدىم مەن ماتېرىيالدىن بېشىمنى كۆتۈرمەيلا. 

 كاتىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن «تاق تاق» قىلىپ ماڭغان خۇرۇم ئاياقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،  ئاندىن ئاپئاق يەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بىرى كېلىپ ئۈستەلگە قولىنى تىرىدى.  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى ئاپئاق كۆينەك بولدى. ئادەتتە ئاپئاق كۆينەك كىيىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلاتتى. 

_ ھەي ھەي ھەي، ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن كېلىشكەن ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ مېنى كۆرۈپلا ھۇشىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىزمۇ قاملاشمايدۇ. بۇنداق قاراۋەرسىڭىز مەن خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن. 

_ ئىشىڭىزنى قىلىڭە_ يەنە بېشىمنى پەس قىلىپ ماتېرىيالىمنى كۆرىۋەردىم. 

_ ھازىر سىز بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭىز، سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈنمۇ ئۆچىرەتتە تۇرمىسام بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەيلا ئۇنىڭغا دېدىم:

_ بۇنداق زاڭلىق قىلماڭ ھە. مەن ئىشنى ئەمدى باشلىدىم، ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزۈم بېشىدا تۇرمىسام بولمايدىكەن. 

ئۇ تۇيۇقسىز قولۇمدىكى كۆرىۋاتقان دەپتەرنى يېپىۋەتتى. 

_ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ تاماق يىمىسىڭىز بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بويىڭىزدا بار،  سىزنىڭ قۇرسىقىڭىزدىكىسى ئىككى تېخى.  دېققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ. 

   سائەتكە قارىسام دېگەندەك چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بوپتۇ. مېنىڭ قۇرسىقىم ئېچىپ كەتسىغۇ ھېچنىمە بولمايدۇ،  لېكىن بالىلىرىمنى ئاچ قويسام بولمايدۇ-دە.  ھەسەن ئىككىمىز ئىشخانىدىن چىقساق تۇرسۇنئاي دەرھال ئورنىدىن تۇردى. 

_ ئىككى ماشىنا بىلەن ماڭمىساقمۇ مېنىڭ ماشىنام بىلەنلا بارساق بولىدۇغۇ؟_ دېدى ھەسەن.  

_ بولىدۇ، تۇرسۇنئاي، سىزمۇ تاماق يەپ كىرىڭ، مېنى ئالغىلى بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ_  دېدىم مەن تۇرسۇنئايغا قاراپ. 

تۇرسۇنئاي ماڭا ماقۇل دەپ بېشىنى لىڭشىتتى_يۇ، ھەسەنگە قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ ئاندىن چىقىپ كەتتى.  مەن تېخى ھەسەننى مېنى بىرەر رېستۇرانغا تاماققا ئېلىپ بارىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،  لېكىن ئۇ ماشىنىنى داچا رايونىغا ھەيدىدى. 

_ بۇ يەردە نىمە قىلىمىز؟_ دەپ سورىدىم. 

_ ئۆيگە بارىمىز. ھازىر بويىڭىزدا بار، سىرتتىن تاماق يەۋەرسىڭىزمۇ ياخشى ئەمەس،  يەنىلا ئۆيدە ئېتىپ يىگەنگە يەتمەيدۇ، يۈرۈڭ، مەن كۆكتاتلارنى ئېلىپ تەييار قىلىپ قويدۇم. 

ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇ مېنى كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  ئۆي ئىچىگە سەپ سېلىپ قاراپ باقتىم، بۇ يەرنىڭ بېزىلىشى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى داچىسى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئەينەك ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان بىر كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، كىتابنىڭ ئىسمى «ھامىلدارلار ئوزۇقلۇق تائاملىرى» ئىكەن. كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ قارىدىم، ئىچىدىكى بەزى مەزمونلارغا سىزىپ قويۇلۇپتۇ، يەنە بىر نەچچە بېتى قاتلاپ قويۇلۇپتۇ، ئۇ بايا كۆتۈرۈپ كىرىپ كەتكەن كۆكتاتلارمۇ دەل مۇشۇ كىتابتىكى بويىچە سېتىۋېلىنغان ئىكەن.  ئاشخانا ئۆيدىن تۇربىدىن سۇ چۈشكەن ئاۋاز ۋە تەخسىلەرنىڭ بىر بىرىگە ئۇرۇلغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا كىردىم. ھەسەن سۇ كۆلچىكىنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تۇرۇپ كۆكتات يۇۋېتىپتۇ. ئىشىك تۈۋىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، كۆز ئالدىمدا ئۈمىد پەيدا بولدى، كۆكتات يۇۋاتقىنى ھەسەن ئەمەس، ئۈمىدتەك بىلىنىپ كەتتى. 

_ مېنىڭ كېلىشكەن تۇرقۇمغا قاراپ ھەۋەس قىلىپ تۇرۇپ كەتتىڭىزما؟_ دېدى ھەسەن، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئۆزۈمگە كەلدىم. ئۇ يۇيۇپ بولغان كۆكتاتنى ئەمبەلگە قويۇۋاتقان ئىكەن. 

_ بۈگۈن ئۆز قولۇم بىلەن لەغمەن ئېتىپ بېرەي ھە.  تەييار جىزا بار، قورۇمىنى قورۇپ، چۆپنى سالساملا تەييار بولىدۇ، سىز ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىڭ تۇرۇڭ. تاماق پىشقاندا ئالدىڭىزغا ئېلىپلا چىقىمەن. 

كەينىمگە يېنىپ بېرىپ كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتىم. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بىر تەخسە لەغمەن ئالدىمغا كەلدى.  

_ يەپ بېقىڭە، تەمى قانداقراق بولدىكىن؟

لەغمەندىن بىر چوكىنى ئاغزىمغا سالدىم. ھەقىقەتەن ئوخشىغان ئىدى.

_ ۋوي، مۇنداقمۇ ھۈنىرىڭىز بار دەڭە. كۈمۈلۈپ قالغان ئۇستامكەنسىزغۇ؟_ دېدىم مەن. 

_  ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس،  خېلى مەشق قىلدىم جۇمۇ، ئاغزىڭىزغا تېتىغۇدەك ئېتەلىگەن بولسام ئۆگەنگىنىم بىكارغا كەتمەپتۇ. تېتىغان بولسا كۆپرەك يەڭ _ دېدى ئۇ ماختىغىنىمدىن خۇشال بولۇپ.  ئۇ ئۆزىگىمۇ بىر تەخسە لەغمەن سېلىپ ئېلىپ چىقىپ ئىشتىھا بىلەن يىدى. 

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەن كرىسلودا ئولتۇرۇپ ئارام ئالدىم، ئۇ قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيۇپ بولۇپ چىقىپ، تاماكا چەكمەكچى بولۇپ، تاماكىسىنى چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلەپ بولۇپ مېنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىم ئېسىگە كېلىپ قالدىمىكىن، تۇتاشتۇرماي ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتى.

_ ساتتار دوختۇرنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋەرسىڭىز  ئۆزىڭىزمۇ قىسىلىپ قالىسىز،  يەنە كېلىپ گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا سىز ھازىر ساتتار دوختۇر بىلەن كەسىپ جەھەتتە رىقابەتچى بولۇپ قالدىڭىز.  شۇنداق تۇرۇپ يەنە تۇرىۋەرسىڭىز ئۇلار نىمىدەپ قالا؟

_ ساتتار دوختۇر ئۇنداق ئادەم ئەمەس. 

ئاغزىمدا ئۇنداق دېگىنىم بىلەن ئىنچىكىلەپ ئويلاپ باقسام  ھەسەننىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار ئىكەن.

_ ئەمىسە دېققەت قىلىپ قويۇڭە، ئىجارىگە بېرىدىغان مۇۋاپىق ئۆيلەر بولسا ئىجارىگە ئېلىپ كۆچۈپ كېتەي.  بەك چوڭ بولمىسىمۇ تۇرغۇدەك بولسىلا بولىدۇ. 

_ مۇشۇ يەرگىلا كۆچۈپ كېلىڭ، مەن ئىجارە ھەققىمۇ ئالمايمەن_ دېدى ئۇ. 

_ ياق_ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدىم. 

_ ئەمىسە ئىجارە پۇلى ئالاي، باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالسىڭىزمۇ ئالىسىز،  ئۇنىڭدىن كۆرە مېنىڭ ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرسىڭىزلا بولمىدىمۇ. 

_ ياق دېدىم ياق. 

تۇيۇقسىز بىر خېرىدارنىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كەلمەكچى بولغىنى ئېسىمگە كېلىپ قالدى، ئۇنىڭغا ئۆز قولۇم بىلەن يىڭنە سانجىپ داۋالاش قىلماقچى بولغان ئىدىم، شۇنى باھانە قىلىپ ئاستا كېتىۋالدىم. ئەمدى ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە تۇرسۇنئاينىڭ ئىشخانامدىن چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، مېنىڭ بۇنچە بالدۇر قايتىپ كېلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك. 

_ئۇسساپ كېتىپ سۇ ئالغىلى كىرگەنتىم، سىرتتىكى سۇ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ_ ئۇ قىزىرىپ تاتىرىپ تۇرۇپ ماڭا چۈشەندۈردى.  قولىدا راستلا ئىستاكان بار ئىدى. 

_ ھېچقىسى يوق_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

ئىشخانىغا كىرىپ ھەممە نەرسىگە قاراپ چىقتىم. ئىشخانام ئاددىيلا بېزەلگەن بولغاچقا  بىر قاراپلا ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.  مەن ئادەتتە مۇھىم ماتېرىياللارنى تارتمىغا سېلىپ قۇلۇپلاپ قويىمەن،  كومپيۇتېرغىمۇ مەخپىي شىفىر ئورنىتىلغان،  باشقا نەرسىلەرگە قارىسام، ھەممە نەرسە جايىدا تۇراتتى.  شۇڭا ئۇنىڭ راستلا سۇ ئالغىلى كىرگەنلىكىگە ئىشەندىم. 

تۇرسۇنئاينىڭ تەرجىمىھالىدا 24 ياش دەپ يېزىلىپتۇ، لېكىن مەن قارىسام ئۇ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالەتتە سالماق ۋە پىشقان كۆرۈنەتتى، ئۇ ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر، بەزىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە قاراپلا نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلەلەيدۇ. ئۇ قارىماققا قوپال كۆرۈنگەن بىلەن ئىش قىلغاندا ئىنتايىن ئەستايىدىل قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۈستىلىمدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئىسسىق سۈت، كومپيۇتېرنىڭ  يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغان يېشىل ئۆسۈملۈك،  چارچاپ ئۈستەلگە بېشىمنى قويۇپ مۈگدەپ قالغان ۋاقتىمدا ئۈستۈمگە يېپىنچاقلىنىپ قالىدىغان ئەدىيالدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئىنچىكە قىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن خېلى ياخشى بىر ئۆي ئۇچراپ قالدى، ئۆينى ئەمدى بېزەپ بولۇپ تېخى كۆچۈپ كىرمىگەن، ئۆي ئىگىسىگە جىددى پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ سېتىۋەتمەكچى بولغان ئىكەن. ئۆينىڭ بېزىلىشىنى ياقتۇردۇم،  ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئۆي ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزىگە يېقىن ئىكەن، شۇڭا ئىككىلەنمەيلا سېتىۋالدىم.  كۆچۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن  ساتتار دوختۇر ئائىلىسىدىكىلەرنى تاماققا چاقىردىم. مەن دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا ساتتار دوختۇر ماڭا 100 مىڭ يۈەن بەرگەن، مۇنداقچە دېگەندە ئۇ مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئىش باشلىشىمدىكى پۈتۈن مەبلىغىم ئىدى دېسەممۇ بولىدۇ.  مەن ئىش باشلاپ قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇ پۇلنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى تاپتىم، شۇڭا تۇنجى ئايرىلغان پايدا ھېسابىغا 300 مىڭ يۈەنلىك كارتىدىن بىرنى ساتتار دوختۇرغا سۇندۇم، لېكىن ئۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى. 

_ ئىشلىرىڭىز تېخى ئەمدى باشلاندى، ئاۋۋال بىر ئىزىغا سېلىۋېلىڭ، تېخىمۇ كۆپرەك پۇل تاپقاندا ئاندىن ماڭا پايدا ئايرىپ بېرىڭ. 

  بۇرۇن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولساممۇ، لېكىن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن ماڭا ياردەم قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىۋاتقىنىدىن، ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقىنىدىن بەكمۇ خۇش بولىمەن. «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق» دېگەندەك،  قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىم ئاخىرلىشىپ، ئەمدى ئىشلىرىم ئوڭشىلىدىغان ۋاقىت كەلگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ  قالىمەن بەزىدە.  ھازىر بۇ يەردىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ ئىگىلىكىم ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىگىلىك، مەنمۇ  ئىقتىساسلىق ئايال بولۇپ قالغان ئىدىم. ئادەم مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قازانغان چېغىدا بەزىلەر قايىل بولسا  يەنە ھەسەت قىلىدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدىكەن. 

   8 -ئاينىڭ بېشىدىكى بىر كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىز كاتىپتىن تېلېفون كەلدى. كاتىپنىڭ جىددىيلىشىپ تۇرۇپ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال دۇكانغا ماڭدىم.  دۇكاننىڭ ئالدى ۋە ئىشىككە قىزىل سىر چېچىۋېتىلگەن بولۇپ، قارىماققا قان چاچراپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى. خىزمەتچىلەر  ئالاقىزادە بولۇپ بىر يەرگە توپلىشىپ تۇرۇپتۇ، ئەتراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ خېلى بار ئىكەن.  مەن قىلچە تەمتىرىمەي تېلېفونۇمنى چىقىرىپ 110غا تېلېفون قىلدىم.  تېلېفوننى قويۇپ كاتىپقا قارىدىم. 

_ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مېنى زىيارەت قىلماقچى بولغان مۇخبىرلارغا تېلېفون قىلىپ دەپ قويۇڭ، بۈگۈن زىيارەت قىلىشقا ئون مىنۇت ۋاقىت چىقىرىمەن. 

   كاتىپ مېنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق دېگىنىمنى بىلەلمىدى بولغاي، بىردەم ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى، لېكىن يەنىلا ماقۇل دەپ تېلېفوننى قولىغا ئالدى.  مۇخبىرلار بىردەمدىلا يېتىپ كەلدى.  ئۇلار كەلگەندە ساقچىلار ئاللىبۇرۇن كېلىپ سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.  ساقچىلار مەندىن بىر نەچچە ئېغىز گەپ سوراپ بولۇپ كېتىپ قالدى. مۇخبىرلار بۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرسە يايراپ كېتىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇلار كېلىپلا نەقمەيداننى سۈرەتكە تارتقىلى تۇردى. 

_ نازىيە خانىم، سىزنىڭچە بۇ ئىشنى قىلغان كىمدۇ؟ 

_ سىزنىڭ بىرەرى بىلەن ئۆچ ئاداۋىتىڭىز بارمىدى؟ 

_ بۇنى ئېنىقلاش ئىشىنى مەن ساقچىلارغا تاپشۇردۇم،  ئۇلار بىزگە چوقۇم قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىدۇ_ دېدىممەن. 

_ نازىيە خانىم،  نازى دېگەن ماركا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، سىزنىڭچە بۇ ئىشنى قىلغىنى سىلەر بىلەن كەسىپداش رىقابەتچىلەرمىدۇ؟ 

بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ 

_ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. شەھىرىمىزنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر بىر بىرىگە دوستانە مۇئامىلە قىلىشىدۇ، بىر بىرىگە ئورا كولايدىغان، بىر بىرىنى پۇتلايدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ.  يەنە كېلىپ رىقابەتلىشىش يامان ئىش ئەمەس، رىقابەت بولغاندا تەرەققىيات بولىدۇ،  شۇڭا مەن رىقابەتچى بولۇشىدىن ئەمەس، بەلكى رىقابەتچىنىڭ بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن. 

   مۇخبىرلارغا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا كۆزۈم مۇخبىرلارنڭ كەينىدىرەك خۇدۇكسىرەپ ئەتراپقا قاراپ تۇرغان بىرىگە چۈشتى. ئۇ باشقا بىرى ئەمەس، دەل ئالدىنقى قېتىمقى زىياپەتتە  مېنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇپ تۇرىۋالغان ھېلىقى ئايال بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاينۇر ئىكەنلىكىنى  يېقىندا بىلگەن ئىدىم.  مەن ئاستا سائىتىمگە قارىدىم. 

_ بىر مىنۇت ۋاقتىڭلار قالدى. 

  تۇيۇقسىز بىر مۇخبىر مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر سۇئالنى سورىدى. 

_ نازىيە خانىم،  قارىسام ئاي كۈنىڭىز توشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ھامىلدار ئاياللاردىن سىزدەك تىرىشىدىغانلىرى كەم ئۇچرايدۇ، بۇ تەرىپىڭىزگە ھەممىمىز قايىل. ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلىدە يېشىلمەيۋاتقان بىر سىر بار.  نىمىشقا ھازىرغىچە بالىنىڭ دادىسى كۆرۈنمەيدۇ؟ بۇنىڭدا باشقىچە بىر گەپ بارمۇ قانداق؟ 

مۇخبىرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاينۇرنىڭ چىرايىدا مەسخىرە ئىپادىسى ئەكىس ئەتتى.  مەن قۇرسىقىمنى سىلاپ قويدۇم. 

_ ماڭا ئوخشاش تىرىشىدىغان ھامىلدار ئاياللار كەم ئۇچرايدۇ، لېكىن يەنىلا بار،  بەلكىم بۇمۇ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدىكى سەۋەب بولسا كېرەك. بىر مىنۇت توشتى، بۈگۈنكى زىيارەت مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. 

 ئۆرۈلۈپلا مېڭىشىمغا بايىقى مۇخبىرلار يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى ئورىۋالدى. 

_ نازىيە خانىم،  سۇئالىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، بالىنىڭ دادىسى كىم؟ ئۇ نىمىشقا ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ؟ سىز ھازىر شەھىرىمىزدىكى داڭلىق كارخانىچىغا ئايلىنىپ قالدىڭىز، مېنىڭچە سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى بىلىشكە نۇرغۇن كىشى قىزىقىدۇ. دەپ بەرگەن بولسىڭىز. 

_ بالىنىڭ دادىسى مەن. 

 كىشىلەر توپى ئارىسىدىن تۇنۇش بىر ئاۋاز چىقتى، ھەممەيلەن تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى.  مۇخبىرلارمۇ ئاپاراتىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تەييار بولدى.  ھەسەن ئىككى قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ئاغزىدا چوكىلىق كەمپۈتنى شوراپ چىقىپ كېلىۋاتاتتى.  ھەسەنمۇ بۇ شەھەردە خېلى يۈز ئابرويى بار ئادەم ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا مۇخبىرلارمۇ ئۇنى تۇنۇيدۇ ئەلۋەتتە.  ئاينۇر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالدى. 

_ ھەسەن ئەپەندى، بايا دېگىنىڭىز راستمۇ؟ نازىيە خانىمنىڭ ئاشكارىلانمىغان يولدىشى سىزمۇ؟ 

ھەسەن بۇ مۇخبىرلارغا قاراپ قويۇپ ئۇدۇل يېنىمغا كېلىپ قولۇمنى تۇتتى.

_ ئەلۋەتتە راست. ئۇ ھامىلدار بولغاندىن بۇيان تاماكىمۇ تاشلىدىم تېخى. 

ئاينۇر ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېنىدىكى ماشىنىنىڭ چاقىغا بىرنى تەپتى  ۋە ئاچچىقى بىلەن ماشىنىغا چىقىپ ئۇچقاندەك ھەيدەپ  كېتىپ قالدى.  مۇخبىرلار يەنە بىر نىمىلەرنى سورىماقچى بولغان ئىدى، ھەسەن ئۇلارنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى. 

_ بولدى، بولدى، بۈگۈنكى زىيارەت مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،  خانىمىم چارچاپ قالدى، ئەمدى ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلماڭلار. ئۇ ئارام ئالمىسا بولمايدۇ. 

ئۇ شۇنداق دەپ مېنى مۇخبىرلارنىڭ ئارىسىدىن يىتىلەپ ئەچىقىپ كەتتى.  ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم. 

_ ماڭا نىمىشقا بۇنداق قارايسىز؟_ دېدى ئۇ قەستەن بىلمەسكە سېلىپ. 

_ نىمىشقا بالىنىڭ دادىسى مەن دەيسىز؟  ئەمدى ھەممە ئادەم شۇنداق ئويلاپ قالىدىغان بولدى. 

_ باشقىلار قانداق ئويلىسا ئويلىمامدۇ؟ ئەگەر شۇ چاغدا مەن شۇنداق دەپ مەيدەمنى كېرىپ چىقمىغان بولسام سىز نىمىدەپ جاۋاب ېبرەتتىڭىز؟  مۇخبىرلار خەۋەرگە نىمىدەپ يازار بولغىيتتى؟

ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم. 

_ بولدى، بولدى، مەن ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ دەپ قويۇپتىمەن. خاپا بولماڭە. بولدى، بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى، سىزنىڭچە ئۇ قىزىل سىرنى كىم چېچىۋەتكەندۇ؟ 

_ بۇنى مەن سىزدىن سورىسام بولار؟ بىلسەم بىلمىسەم سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن بىرەرىنىڭ قىلغان ئىشىمىكىن.

ئۇ خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى. 

_ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدە كىملىكىنى بىلمەي قېلىۋاتامسىز نېمە؟

_ مەنغۇ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇپ يۈرىدىغان ئادەم، لېكىن كەينىمدىن يۈگۈرىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، مېنى سىزلا ياراتمايسىز _  دېدى ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ. 

ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىۋەتتىم. 

_ مەن سىزنى ياراتمىدىم ئەمەس، سىز دېگەن بىر گۆھەر، بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، مەندەك ئاددى بىر ئايال سىزنى ياراتماسلىققا ھەددىممۇ؟ بۈگۈنكى ئىشتىن ئاياللارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانسىز، تولا ماڭا ئىش تېپىپ بەرمەي مەندىن يىراقراق يۈرۈڭ. 

  ھەسەن يەنە بىزەڭلىك بىلەن ھىجايدى. 

_  ئەمدى پۈتۈن شەھەردىكىلەر قۇرسىقىڭىزدىكى بالىنىڭ مېنىڭ بالام ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدى،  سىزدىن يىراق يۈرسەم ھەممە ئادەم مېنى تىللىمامدۇ؟ 

_ كىم سىزنى ئۇنداق دېسۇن دەپتۇ، ئۆزىڭىزنىڭ شورى _ دېدىم مەن.

كاتىپ مەندىن نىمە ئۈچۈن مۇخبىرلارنى چاقىرغانلىقىمنى سورىدى.  

_ بىرىنچىدىن مۇخبىرلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە بېسىم ئىشلىتەي دېدىم، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىشنى يوغىنىتىشتىن قورقمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قوياي دېدىم، ئۈچىنچىدىن، بەزىدە مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرسە ئەكسىچە بىزگە نىسبەتەن تەشۋىقاتىمىزنى قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ ھەقسىز ئېلان دەڭە. 

كاتىپ باشمالتىقىنى چىقاردى. 

ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەددىدىن ئۇنچىۋالا رەزىللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. 

ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0