大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 126 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 126  - قىسىم aybarawazi
2023-10-15
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 127-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

126-قىسىم  

 

     ساتتار دوختۇرنىڭ نەۋرە كېلىنى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە دائىم قاتنىشىپ تۇرىدىكەن، ساتتار دوختۇر نەۋرە كېلىنىگە مېنىڭ ئىشىمنى دېگەن ئىدى، نەۋرە كېلىنى مېنى بىللە ئېلىپ بېرىشقا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. شۇ كۈنى كەچتە مەن كەڭرەك كۆڭلەك كىيدىم، قورسىقىم خېلى يوغىناپ قالدى، گەرچە پۈتۈنلەي چانمىغۇدەك ياپقىلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تومپايتىپ بېرىشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم. 

  ئۇ ماشىنا ھەيدەپ مېنى ئالغىلى كەلدى، ئۇ مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك، ئىنتايىن چىرايلىق ھەم لاتاپەتلىك ئايال ئىدى. بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم، ئۇمۇ جىددىيلىشىۋاتقىنىمنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك:

_ جىددىيلەشمەڭ، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنمۇ بەك ئالدىراپ كەتمەڭ، بەزى ئىشلارغا ئالدىرىغان بىلەن بولمايدۇ، ئاۋۋال شۇنداق سورۇنلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى ھېس قىلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق پۇرسەت دېگەن كۆپ چىقىدۇ.

   يولدا ماڭغاچ ساتتار دوختۇرنىڭ نەۋرە كېلىنى بىلەن پاراڭلاشقاچ ماڭدۇق، ئۇ ماڭا ئۆزى بىلەن يولدىشىنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ خانىمنىڭ ئىسمى ئالىيە بولۇپ، ئاتا ئانىسى بۇ شەھەردىكى ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىكەن ، ئالىيە خانىم ئۆزىمۇ دۆلەت مەمورى ئىكەن، ئۇ يولدىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلمىغان ئىكەن، چۈنكى ئۇ چاغدا ساتتار دوختۇرنىڭ ئوغلى ئەمدىلا تىببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئادەتتىكى پراكتىكانت ئىكەن،  كېيىن ئۇ ئىچكىرىدىكى بىر تىببىي داشۆگە ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، شۇ يەردە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەممە دوختۇرخانىلار تالىشىپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلىنىپتۇ،  شۇنىڭدىن كېيىن ئالىيە خانىمنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلۇپتۇ.  دۇنيادا بىر بىرىگە دەلمۇ دەل ماس كېلىدىغان بىر جۈپلەر بولمايدۇ، ماس كېلىدىغانلارنىڭ بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، پەقەتلا مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، بىر بىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن تىرىشقاندىلا ئاندىن  ھەرقانداق توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ مەڭگۈلۈك ئايرىلماس بىر جۈپلەردىن بولغىلى بولىدىكەن. 

   زىياپەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ مېھمانساراي بولۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ئىكەن، ئۇ يەرگە كىرىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كىيىنىشلىرىدىن قارىغاندا بىر بىرىدىن پۇلدار كىشىلەر ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. مەن ئالىيە خانىمنىڭ كەينىدىن قورۇنۇپراق كىردىم. ئېسىل بېزەلگەن مېھمانساراينىڭ زالىدا مېھمانلار ئىككى ئۈچتىن بولۇپ پاراڭلىشىپ تۇرۇشقان ئىكەن.  ئالىيە خانىم ئىچىگە كىرگەندىن كېيىنلا تۇنۇش-بىلىشلىرى ئۇچراپ ئۇلار بىلەن سالاملاشتى ۋە «غەيرەت قىلىڭ» دېگەندەك قىلىپ مېنىڭ مۈرەمگە يىنىك شاپىلاقلاپ قويۇپ بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.  مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئىچ مىجەز،  بۇنىڭدىن ئېغىزغا تايىنىپ قىلىدىغان ئىشلارغا تازا ئىپىم يوق. يەنە كېلىپ بۇنداق چوڭ سورۇنلاردا سۆز قىلىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەستەك بىلىنىپ جىددىيلىشىپ مېڭىشنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالمايۋاتاتتىم.  مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق پۇلدار كىشىلەر بىزدەك نامراتلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ دەپ قارايتتىم، ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىم  مېنى شۇنداق قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.  بۇرۇن مەن ئۆزۈمنى نامرات بولساممۇ غەيرىتىم بار دەپ پەخىرلىنەتتىم، ئەمدىلىكتە پۇلدارلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزۈمنىڭ قىلىش خىيالىغا كەلگەن چېغىمدا بۇ خىيالىم ئۆزۈمگىمۇ بەك كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما بۇ قەدەمنى باسمىسام بولمايتتى. غەيرەتنى، ئىرادىنى تاماقنىڭ ئورنىدا يىگىلى بولمايدۇ، غەيرىتىم بار دەپ ئولتۇرسام بالامغا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ. پۇرسەت ئاسان كەلمەيدۇ، تەستە كەلگەن پۇرسەتنى چوقۇم قەدىرلىشىم كېرەك.  ئۆزۈمگە ئۆزۈم «غەيرەت قىل» دەپ مەدەت بەرگەندىن كېيىن بىر توپ ئاياللار تۇرغان جايغا ماڭدىم. 

_ خانىملار، ياخشىمۇسىلەر، بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭلارنى ئالسام بولامدۇ؟_ ئۆزۈمدىكى جىددىيچىلىكنى تەستە بېسىپ ئېغىز ئاچتىم. پاراڭلىشىپ تۇرغان بىر نەچچە خانىم ماڭا غەلىتە نەزەردە قارىدى ۋە سىكۇنت ئىچىدە بېشىمدىن ئايىقىمغىچە قاراپ ئۈلگۈردى. بۇنداق جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كۆزدە تۇتىدىغىنى دوستلۇق ئەمەس، بەلكى پۇل ۋە مەرتىۋە. بۇنىسى ماڭا ئايان.  

   مەن ئىنتايىن ئاددى كىيىنگەن، ھېچقانداق زىبۇ زىننەت تاقىمىغان، تۇرقۇمغا قارىسىلا مېنىڭ بىر «نامرات» ئىكەنلىكىم چىقىپلا تۇرىدىغان بولغاچقا ئۇلار ماڭا ئىرەن قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ گەپ قىلىۋەردىم. 

_ ياخشىمۇسىلەر!  مەن سىلەرگە جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش توغرىلىق چۈشەنچە بېرەي دېگەن ئىدىم،  ئاڭلاپ باققۇڭلار بارمۇ؟

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۈرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بىر ئايال دىمىقىنى قاقتى. 

_ بۇ يەرنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ كوچىدا تەشۋىقات قەغىزى تارقاتقاندەك ئۇدل كەلگەن ئادەمگە سۆزلەۋەرسەم بولىدۇ دەپ قالدىڭىزما؟ بۇ دېگەن سودا زىياپىتى جۇمۇ.

يەنە بىر ئايال مېنىڭ ئۈستى بېشىمغا بىر قارىدى، ئۇنىڭ كۆزى قورسىقىمغا چۈشكەندە گۇمان بىلەن مەندىن سورىدى. 

_ سىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، يا بۇ مېھمانساراينىڭ خىزمەتچىسىگە ئوخشىمايسىز. بۇ يەرگە قانداق كىردىڭىز؟ 

_ ھەئە، مەنمۇ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن _ دېدى يەنە بىرەيلەنمۇ. 

   ئۇلارنىڭ بۇنداق قىستاپ سورىشىدىن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم.  تۇيۇقسىز بىر كۈتكۈچى ئالدىمغا كەلدى. 

_ خانىم، دېرىكتورىمىز سىز بىلەن كۆرۈشسەم دەيدۇ. 

_ مەن بىلەنما؟_ دېدىم مەن ھەيران بولۇپ. 

_ شۇنداق ، سىز بىلەن. 

بايىقى مۇلازىمەتچى بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم، جىددىيلىكىم يەنىلا بېسىلمايۋاتاتتى.  مېھمانساراينىڭ دېرىكتورى سىزنى كىم ئەكىردى دەپ سورىسا قانداق قىلارمەن؟ ئالىيە خانىمغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرەمەنمۇ ئەمدى. مۇلازىمەتچى مېنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئەزىز مېھمانلار ئايرىمخانىسىغا باشلىدى ۋە:

_ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، دېرىكتورىمىز ھېلىلا كىرىدۇ_ دېدى. 

ماقۇل دەپ ئولتۇردۇم. ئون مىنۇتلار ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر ئەر كىردى. ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمىدىم. 

_ كەچۈرۈڭ، دېرىكتور. تەكلىپنامەم يوق ئەھۋالدا بۇ يەرگە كىرمىسەم بولاتتى، بۇ خاتالىقىمنى تەن ئالىمەن. ئەمما ماڭا ئىشىنىڭ، مەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن  كەلمىدىم. ئەگەر بۇ يەردە تۇرسىڭىز بولمايدۇ دېسىڭىز ھازىرلا كەتسەممۇ بولىۋېرىدۇ. 

ئالدىمدا تۇرغان ئەر بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ:

_ مەن دېرىكتور ئەمەس، دېرىكتور ياردەمچىسى_ دېدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، ئالدىمدىكى ئەر ئوڭايسىزلانغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇراتتى، ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

_ خانىم،  تەكلىپنامىڭىز يوق ھالەتتە كىرگىنىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ تەن ئالدىڭىز، ئۇنداقتا بۇ يەرگە نىمە مەقسەتتە كىرگىڭىزنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟ 

ئۇ ماڭا شۇنداق ئەدەب بىلەن گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىم كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچقا ئۇ مېنى سوراق قىلىۋاتقاندەك بىلىنپ كەتتى. 

_ مەن......_ قولۇمدىكى خالتىنى كۈچەپ مىجىدىم.  

   شۇنچە چوڭ مېھمانساراينى ئاچالىغان ئادەم چوقۇم ئەقىللىق ئادەم، يەنە كېلىپ ئۇ مېنى ئايرىم چاقىرىپ سۆزلەشكەن ئىكەن، دېمەك ئۇ چوقۇم مېنىڭ مەقسىتىمنى بىلىپ بولدى، شۇنداق تۇرۇپ يەنە يالغان ئېيتسام ئۇنى خاپا قىلىپ قويۇشۇم مۇمكىن.  شۇڭا راست گەپنىلا دېدىم. 

_ مەن جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىنى تەشۋىق قىلغىلى كەلگەن،  دېرىكتورۇڭلارنىڭ روخسىتىنى ئالمايلا كىرگەن خاتالىق مەندە. ئەگەر دېرىكتورۇڭلار  مېنى كەتسۇن دېسە، مەن ھازىرلا كەتسەم بولىۋېرىدۇ.

  ئۇ مېنىڭ جىددىيلىشىۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ خانىم، جىددىيلەشمەڭ. مۇنداق ئىش، دېرىكتورنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن، ئەمما ئۇ مېڭىش ئالدىدا سىزگە سەھنىنى ئون مىنۇت بېرىشىمىزنى ئېيتقان، ئون مىنۇت ئىچىدە تەشۋىقاتىڭىزنى خالىغانچە قىلسىڭىز بولىدۇ.  

 ئويلىغىنىمدەك خۇجايىن مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ بولغان ئىدى، ھېلىمۇ ياخشى بايا يالغان ئېيتماپتىمەن. 

_ ئېلان ھەققى  نەچچە پۇل؟ _ بۇنداق چوڭ مېھمانسارايدا بۇنداق يۇقىرى ئىستىمال سەۋىيىلىك كىشىلەر ئارىسىدا ئون مىنۇتلۇق تەشۋىقاتقا ھەقىچان ئاز پۇل ئالماس دەپ ئويلىدىم. 

_  ئېلان ھەققى يوق_ دېدى بايىقى ئەر بېشىنى چايقاپ. 

قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم، دۇنيادا نەدىمۇ بىكارلىق ئىش بولسۇن؟  مېنىڭ سەل گۇمانسىراپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ، بايىقى ئەر كۈلۈپ كەتتى. 

_ خانىم، خاتىرجەم بولۇڭ، دېرىكتورىمىز بەك ياخشى ئادەم ھەم بەك گېپىدە تۇرىدۇ، ئۇ پۇل ئالمايمەن دېگەن ئىكەن، بىر تىيىنمۇ پۇل ئالمايدۇ. 

بىر تىيىنمۇ پۇل ئالمىسا، ئۇنداقتا بۇ خۇجايىننىڭ باشقا مەقسىتى بارمىدۇ يا؟ مېنىڭ يا پۇلۇم يوق، يا ھوقۇقۇم يوق، يا ۋاھ دېگۈدەك گۈزەل چىرايىم يوق، يەنە كېلىپ بىرلا قارىسا مېنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىم چىقىپلا تۇرىدۇ.  ۋاي ۋۇي، نىمە بولسا بولمامدۇ، ئىشقىلىپ پۇرسەت كەلدى، چىڭ تۇتاي. 

_ چوڭ ئىكراننى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟_ دەپ  سورىدىم مەن.

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ.  ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئون مىنۇتلا ۋاقتىڭىز بار ھە. 

مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ پەسكە چۈشتۈم، ئاۋۋال بىر تال بارماق دېسكىنى ئاۋاز باشقۇرۇش ئۆيىگە بەردىم، ئۇنىڭدا مەن نەچچە ئاخشام ئۇخلىماي ئىشلىگەن تەشۋىقات ماتېرىياللىرى بار ئىدى. بىردەم جىددىيلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى «ئۇف» دەپ بىرنى تىنىۋېتىپ سەھنىگە چىقتىم. 

سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىۋىدىم، ھەممە چىراقلار ماڭا توغرىلاندى.  پەستە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى. مىكروفوننى تۇتۇپ ئون سىكۇنتتەك گەپ قىلماي تۇرىۋالغاندىن كېيىن گېپىمنى باشلىدىم. 

_ كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر.  ماڭا ئايان، بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلغانلار ھەر ساھە ھەر كەسىپتە ئالدىدا مېڭىۋاتقان يولباشچىلار.  سىلەر بولغاچقا شەھىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۈگۈن مەن سىلەرگە جۇڭيى تىبابىتى توغرىلىق سۆزلىمەكچى. 

بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن سەھنىگە چىقىپ سۆزلەش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم، ئەمما تەييارلىقىم بار ئىدى.  نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىدىن شۇنداق بىر يەكۈنگە ئېرىشكەن ئىدىم، يەنى پۇرسەت ھەرقاچان تەييار ھالەتتە تۇرغانلارغا مەنسۇپ.  مەن ئۇنچىۋالا ئەقىللىقلەردىن ئەمەس، لېكىن مەندە تىرىشىش روھى بار. 

مەن تەييارلىۋالغان سۈرەتلىك ماتېرىيال ئارقىلىق كەسپىي نۇقتىدىن چۈشەنچە بېرىش ئارقىلىق مەيداندىكىلەرنى جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش توغرىلىق بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردۇم. ئەڭ دەسلەپتە جىددىيلىشىپ تىترەپ كەتكەن ئىدىم، لېكىن ئاستا ئاستا ئۆزۈمنى قويۇۋەتتىم.  مەن سۆزۈمنى تۈگىتىپ توختىغاندىن كېيىن پەستە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. سەھنىگە چىققان چېغىمدا سائەتكە قاراپ باقماپتىكەنمەن، سەھنىدە تۇرغان ۋاقتىم ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتتىغۇ دەيمەن.  سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ دەرھال سەھنىدىن چۈشتۈم. بىرەيلەن مەندىن كەسىپ توغرىلىق سورىغىلى كەلدى.  مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇكىنىمنىڭ ئەزالىق كارتىسىغا قىممەت تولۇقلىسا سوۋغات تەقدىم قىلىش پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى دەپ بەردىم. بىر توپ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا تۇيۇقسىز بىر  ئايالنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ سىزنىڭ ئۇ سوۋغات دېگەنلىرىڭىزگە بۇ يەردە كىم ھەيران قالىدىغاندۇ؟ باشقىلارنىڭ كۆزىنى بۇياشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كىم بىلمەيدۇ.  تېخى رەسمىي تىجارەت باشلىمىغان تۇرۇپ ئەمەلىي مىساللارنى قەيەردىن تاپتىڭىز؟  بىزنى ئالدىماقچىما؟

گەپ قىلىۋاتقىنى دەل بايا مېنى سۇقۇنۇپ كىرىۋالدى دېگەن ھېلىقى ئايال شۇ ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا دېگەنلىرىدىن قىلچە تەمتىرەپ قالمىدىم.

_ بۇ شەھەردە داڭقى بار ساتتار دوختۇرنى بىلىدىغانسىز؟  بىلمىسڭىز باشقىلاردىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. 

بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ساتتار دوختۇر ماڭا زۆرۆر بولغاندا ئۇنىڭ ئىسمىنى چىقارسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.  دەرۋەقە ساتتار دوختۇرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن باشقىلار قايىل بولغاندەك باشلىرىنى لىڭشىتىشتى، لېكىن بايىقى ئايال يەنىلا توختاپ قالمىدى. 

_ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىنى قىلىدىغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلالىشى كېرەك، ئاۋۋال ئۈستى بېشىڭىزغا بىر قاراپ بېقىڭە، يۈزىڭىزدە تۈزۈك گىرىممۇ يوق. 

مەن بۇيۇمدا بار بولغاچقا تۈزۈك گىرىم قىلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، ئالدىمدا تۇرغان گىرىم دېگەننى بولدى دېگۈچە قىلىدىغان بۇ ئاياللارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن چېنىپلا قالغۇدەك ئىدىم. 

_ مەن 300 كىشىلىك ئەزالىق كارتىسى بىجىرىمەن. 

كەينىمدىن تۇيۇقسىز تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم، قارىدىميۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇچىسىغا كالتەك توپ كىيىمى كېيىپ، قولىدا كالتەك توپ پالىقى تۇتۇپ ماڭا قاراپ كېلىۋاتقان كىشى دەل ھەسەن ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدە كاستيۇم – بۇرۇلكا كىيىۋالغان ئىككى ئەر بار ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى بايا مەن بىلەن پاراڭلاشقان ھېلىقى ياردەمچى شۇ ئىدى. توپلىشىپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە «ھەسەن دېرىكتور كەلدى» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى، بىر ئايال ھاياجانلىنىپ:« ھەسەن ئاكام كەلدى» دېدى. ئۇ ئۇدۇل ئالدىمغا كېلىپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا قارىدى. 

_ ھېچقانداق گىرىمسىز ھالەتتە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئېلان تەشۋىقاتىنى ئىشلىدى دېگەنلىك ئۇ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە تېخنىكىسىغا يۈزدە يۈز ئىشەنچ قىلالايدۇ دېگەن گەپ،  جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش زىيانسىز، ساغلام ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدا يۈزىنى ھەر خىل رەڭدە بوياپ باشقىلارغا ساختا يۈزىنى كۆرسىتىش ھاجەتسىز. ھامىلدارلارمۇ خاتىرجەم ئىشلىتەلەيدىغان مەھسۇلاتنى ئەڭ ساغلام مەھسۇلات دەپ قاراشقا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. 

_ ھەسەن ئاكا، مەن...

مېنى مازاق قىلغان بايىقى ئايال ھەسەننىڭ ئالدىغا يۈگردى. 

_ توختاڭ. 

ئۇ قولىدىكى كالتەك توپ پالىقىنى ھېلىقى ئايالغا تەڭلەپ ئۇنى يېقىن كەلتۈرمىدى ۋە بېشىنى بۇراپ مەندىن:

_ ئەر خېرىدارلار بارسىمۇ بولامدۇ؟_ دەپ سورىدى.

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ_ دېدىم مەن. 

_ ھەسەن دېرىكتور شۇنداق كېلىشكەن، سۇمباتلىق كىشى تۇرۇپ يەنە قەيىرىڭىزنى گۈزەللەشتۈرەي دەيدىغانسىز؟_ دېدى ئارىدىكى بىرى قىزىقچىلىق قىلىپ. 

_ مەن 300 كىشلىك ئەزالىق كارتىسى سېتىۋېلىپ  مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىمەن.  

ئەتراپتىكىلەر «ۋوي» دېيىشىپ كەتتى. 

_ ھېلى ئۇ سوۋغات، ھېلى بۇ سوۋغات بېرىۋېرىپ، خىزمەتچىلەرمۇ زېرىكتى، شۇڭا ئوخشىمايدىغانراق نەرسە مۇكاپات قىلاي دەيمەن. گۈزەللىكنى كىم سۆيمەيدۇ؟ ساغلام بولۇشنى كىم خالىمايدۇ؟  مۇشۇنى مۇكاپات قىلىپ بەرسەم ئەڭ ئەھمىيەتلىك مۇكاپات بولمامدۇ؟

ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپ ھەسەننىڭ مۈرىسىگە يىنىك شاپىلاقلىدى . 

_ ھەسەن دېرىكتورنىڭ بۇ ئامالى بولىدىكەن،  سىز مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلىرىڭىزگە بەرسىڭىز، مەن شىركىتىمدىكى ھەر بىر خىزمەتچىگە بىردىن ئەزالىق كارتىسى مۇكاپات قىلاي. 

شۇنداق قىلىپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. مەن دەسلەپتە بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن، ئون نەچچە كۋادرات مېتىرلا كېلىدىغان كىچىك دۇكىنىمغا بۇنچىۋالا كۆپ خېرىدارنى سىغدۇرالارمەنمۇ دېگەن خىيال كاللامغا كېلىپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.  لېكىن ئالدىمغا كەلگەن سودىنى قاچۇرۇپ قويسام بولمايدۇ-دە، بىر گەپ بولار دەپ ئويلىدىم. بايا مەن بىلەن پۇت تىپىشكەن ئايال بىر چەتتە ئاغزىنى ئۇيان بۇيان قىلىپ ماڭا ئالىيىپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نىمىشقا مەن بىلەن بۇنداق پۇت تىپىشىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن، كېيىن بىلسەم ئۇمۇ مەن بىلەن كەسىپداش ئىكەن.  يەنە كېلىپ بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى ئىكەن.  زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالىيە خانىم مېنىڭ ھەسەن بىلەن تۇنۇشىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، مېنى ساقلىمايلا كېتىپ قاپتۇ.  

مەن بىر يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۈگۈن تىزىملاتقان خېرىدارلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى رەتلەۋاتاتتىم. بۇ خۇجايىنلار ھەقىقەتەن پۇلنى قورقماي خەجلەيدىكەن، ھەممىسى دېگۈدەك ئالتۇن كارتا بىجىردى، بەزى باي خېنىملار ئالماس كارتىمۇ بىجىردى تېخى.  شەخسىي بىجىرگەنلەر نەقمەيداندىلا پۇلنى تۆلىۋەتتى، شىركەتتىكىلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىدىغانلار پۇلنى ئەتىلا ھېساباتىمغا يۆتكەپ  بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. 

شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىر كۈنلۈك سودام  بەش مىليونغا بېرىپ قاپتۇ. 

بۇ ساننى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ چۈچۈپ كەتتىم. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k