
بۇ ئەسەرنىڭ 152-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151-قىسىم
يېڭى ئۆيۈم بەك چوڭ، ئىككى بالا باققۇچى، ئىككى بالا بىلەن مەن تۇرساقمۇ لەيلەپلا قالىدىكەنمىز، شۇڭا مەن مېھراينى يېنىمغا ئەكىلىۋالدىم.
_ نازىيە ئاچا، ئۈمىد ئاكام بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتەتتىڭلارغۇ؟ قانداق بولۇپ ئاجرىشىپ كەتكەنسىلەر؟_ دەپ سورىدى مېھراي مېنىڭ ئۈمىد بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. دۇنيادا سەۋەبىنى دەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ.
_ مىجەزىمىز كېلىشمىدى، شۇڭا ئاجرىشىپ كەتتۇق شۇ_ دېدىم.
ئەتىسى شەھەر گېزىتىنىڭ باش بېتىدە ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆردۈم، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق، تەنناز بىر قىز بىلەن بىر مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىكەن. دېمەك ئۇنىڭغا مەن پۇتلىشىپتىكەنمەن دە. ئۇياقتىن ئاجرىشىپ بۇ ياقتىن قىلىپ يۈرگەن ئىشىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن» دېگەن گەپ بار، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپقۇ ئۆلۈپ قالماسمەن، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلسا راستلا بەك ئىچىمگە ئۆتۈپ كېتىدىكەن.
توغرا، ھازىر ئۇ ئەركىن ئادەم بولدى، ئۇ نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ كىم بىلەن ئارىلىشىۋاتىدۇ، كىم بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتىدۇ، ئەمدى كىم بىلەن توي قىلىدۇ؟ بۇنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، لېكىن ئاغزىمدا بۇنداق دېگىنىم بىلەن يۈرىكىم يەنىلا ماڭا بويسۇنمايتتى.
ھازىر ئۆزۈمنىڭ پىراۋام بار، ماشىنا ھەيدىيەلەيمەن، شۇڭا تۇرسۇنئاينى كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشنى قىلىڭ دېدىم، ئەمما ئۇ يەنىلا سىزگە ئەگىشىمەن دەپ تۇرىۋالدى، مەنمۇ ئۇنىڭ رايىغا باقتىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئامىنە تۇيۇقسىز ئىشخانامغا كەلدى ۋە ئۈستىلىمگە بىر توي باغىقىنى قويدى. نىجات ئىككىسىنىڭ توي باغىقى ئىكەن.
_ ۋاي نىمانچە تېز!؟_ دېدىم، لېكىن ئويلاپ باقسام مەن ئۈمىد بىلەن بۇنىڭدىنمۇ تېز توي قىلغان، نىگارەمۇ شۆھرەت بىلەن تېزلا توي قىلغان، بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوقكەن.
_ شۇ تېزرەك تېگىۋالمىسام قاچۇرۇپ قويماي دەيمەن، ئاران بىر ئالىدىغان ئادەم چىققاندا_ دەپ چاقچاق قىلىپ كۈلدى ئامىنە.
_ ھە، توغرا، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كېرەك _ دېدىم مەنمۇ.
_ ئۈمىد باش دېرىكتور بىلەن بىللە بېرىڭلار جۇمۇ.
_ ئاجرىشىپ كەتتۇق _ دېدىم مەن ئۆزۈمنى پەرۋاسىز تۇتۇشقا تىرىشىپ.
_ ماڭا مۇنداق چاقچاق قىلماڭ ھە. مېنىڭ يۈرىكىم ئاجىز _ دېدى ئامىنە ئىشەنمەي.
_ راست دەۋاتىمەن. راستلا ئاجرىشىپ كەتتۇق.
_ ئەمەلىيەتتە گېزىتتىكى خەۋەرنى مەنمۇ كۆرگەن، بوپتۇلا، كۆڭلىڭىزنى بەك يېرىم قىلىپ كەتمەڭ، ھازىر بۇ شارائىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەرلەرنى تاپالايسىز.
_ تاپاي دېسەم تاپالايمەن، لېكىن مېنىڭ تاپقۇم يوق، بەك ھاردىم، ئەمدى ھەرگىز توي قىلمايمەن.
_ بۇ ئىش تېخى ئەمدى يۈز بەردى ئەمەسمۇ، شۇڭا بۇنداق ئويلىشىڭىزنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئازراق ۋاقىت ئۆتسە ياخشى بولۇپ قالىسىز. لېكىن تويۇمغا سىز بولسىڭىزمۇ بېرىڭ جۇمۇ، بارمىسىڭىز رەنجىيمەن.
ئۈمىد مەن بىلەن بارمىغان ھالەتتىمۇ ئۇ ھامان بارىدۇ، نىجات بىلەن شۇنچە يېقىن دوست تۇرۇپ تويىغا بارماي قالامدۇ؟ مېنىڭ بارغۇم يوق، لېكىن بارماسلىققا كۆرسەتكۈدەك باھانەممۇ يوق. شۇنچە تېزلا ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزنى ئويلىماپتىمەن. لېكىن بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ھازىر ھەر ئىككىمىز كارخانىچى، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرىشىپ قالىدىغان سورۇنلىرىمىز كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى بار دەپ مەن ئۆزۈمنى تارتىشىم ياكى مېنى بار دەپ ئۇنىڭ ئۆزىنى تارتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. رېئاللىققا يۈزلەنمەكتىن باشقا نىمە ئامال بار؟
شۇ كۈنى ئالاھىدە ياساندىم. ئۇلارنىڭ تويى خېلى چوڭ بىر رېستۇرانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. رېستۇرانغا كىرگەن ۋاقتىمدا خېلى كۆپ مېھمانلار كېلىپ بولغان ئىكەن، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يەنە شۇ تۇنۇش سىمانى ئىزدىدى، ئەمما ئۇ يوق، ئۆتكۈرمۇ كەلمەپتۇ. كەچرەك كەلسە كېرەك. خالىغان بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم. قىزغىن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە قىز بىلەن يىگىت زالغا كىردى، ئامىنە بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ نىجاتنى قولتۇقلاپ يېنىمدىن ئۆتىۋاتقاندا مېنى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇلار جايىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېنىغا باردىم.
_ بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز، سىزمۇ بۇرۇنقىدىن سۇمباتلىق بولۇپ كېتىپسىز جۇمۇ! _ دېدى مەن ئۇلارغا قاراپ.
_ ئۈمىدچۇ؟ ئۈمىد بىللە كەلمىدىما؟ ئۇنى كۆرمىدىمغۇ؟_ دېدى نىجات. قارىغاندا ئۇ بىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمىزنى بىلمىسە كېرەك. مەن جاۋاب بېرىپ بولغۇچە ئامىنە مېنى ئوڭايسىزلىنىپ قالمىسۇن دېدىمىكىن:
_ نىجات، نازىيە باش دېرىكتور بىلەن ئايرىم سۈرەتكە چۈشۈۋالايچۇ، سەل نېرىراق ئولتۇرۇپ تۇرۇڭە!_ دېدى.
ئامىنە بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ بولۇپ ئەمدى جايىمغا قايتاي دەپ تۇرسام. نىجات:
_ ئۈمىد كەلدى! _ دېدى. دەرھال ئىشىك تەرەپكە قارىدىم. ئۈمىد بويى ئېگىز، مودا ياسىنىۋالغان بىر قىز بىلەن قولتۇقلىشىپ ئىشىكتىن كىرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگىنى ھېلىقى كۈنى گېزىتكە بېسىلغان قىز شۇ بولسا كېرەك، ئۇ قىز ماڭا تۇنۇش كۆرۈندى، يېڭىدىن تۇنۇلىۋاتقان چولپان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۈمىدنىڭ ئۇ قىز بىلەن قولتوقلىشىپ مېڭىشى شۇنچىلىك تەبىئىي، ئۇنىڭ كۆزى ماڭا چۈشكەندە دەقىقە ئارىلىقتا توختاپ قالدى يۇ يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى.
_ ھۇ ئۈژمە كۆڭۈل، ئاجرىشالماي ئاران تۇرۇپتىكەنمۇ دەيمەن. ئاجرىشىپ نەچچە كۈن بولا بولمايلا قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قارىمامدىغان _ دېدى ئامىنە ئۇلارغا قاراپ.
_ ئۇ دېگەن ھازىر بويتاق، ئەركىن ئادەم، كىم بىلەن ئارىلاشقۇسى كەلسە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى دە.
_ ئۇ چوقۇم سىزنىڭ ئىچىڭىزنى ئېچىشتۇراي دەپ قىلىۋاتقان ئىشى، بۈگۈن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى توي قىلمىغانلارمۇ بار ئىكەن قاراڭ. ئىشلىرى يۈرۈشۈپ خېلى قول ئىلكىدە بار بويتاق ساۋاقداشلىرىمىزدىن بىر نەچچىسى بار، سىزمۇ ئۇلاردىن بىرنى تېپىۋېلىپ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇڭە تازا!_ دېدى ئامىنە.
_ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمايدۇ، ئۇنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلىكىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.
مەنمۇ جايىمغا بېرىپ ئولتۇردۇم، ئۇلارمۇ ماڭا يېقىنلا يەردىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىدى، ئۈمىد ھە دېسە ئۇ قىزنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەيتتى، ئۇ قىز كۈلەتتى، ئۇلارغا شۇنچە قارىماي دەپ تىرىشساممۇ لېكىن ئامالسىز كۆزۈم يەنە شۇ ياققا كېتىپ قالاتتى. بىر چاغدا ئۇ بايىقى قىزنى باشلاپ قىز-يىگىت ئۈستىلىگە بېرىپ نىجات، ئامىنەلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۈرەتكە چۈشتى. ماڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بولىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى. بىر چاغدا يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا بىرى كېلىپ ئولتۇردى، قارىسام ئۆتكۈر ئىكەن، ئۇ بۈگۈن ئاق كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ باشقا ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى.
_ ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ ماڭا كۆيۈنگەن ھالدا. ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تەستە بېسىپ كۈلۈمسىرىدىم.
_ مەن ياخشى.
ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچىلىك تىرىشىۋاتاتتىم، ئەمما كۆزۈم ھە دېسە ئۈمىد بىلەن بايىقى قىز تەرەپكە كېتىۋاتاتتى، ئۇلار تاس قالاتتى بىر بىرىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالغىلى. ئۆتكۈرمۇ ئۇلارغا دېققەت قىلغان بولسا كېرەك:
_ نازىيە، قايتىپ كېتەمسىز؟ سىزنى ئاپىرىپ قويايمۇ؟_ دېدى.
_ ياقەي، تېخى بالدۇرغۇ، مۇراسىم تېخى باشلانمىسا. ھېچقىسى يوق_ دېدىم مەن ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلىپ.
بىردەمدىن كېيىن مۇراسىم باشلاندى. ئاۋۋال بىرەر قۇر سەھنىدە سۈرەتلەرگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قىزنىڭ كەينىگە گۈل تاشلايدىغان باسقۇچىغا كەلدى.
_ يۈرۈڭ، بىزمۇ چىقايلى_ دېدى ئۆتكۈر. قارىسام ئۈمىد بىلەن ھېلىقى قىزمۇ تۇراتتى، ئۆتكۈر بىلەن مەنمۇ چىقتىم.
_تاشلىدىم ھە، ئەمىسە، بىر، ئىككى، ئۈچ!
گۈل ئۇچۇپ كېلىپ مېنىڭ قۇچىقىمغا چۈشتى. گۈلنىڭ مېنىڭ قۇچىقىمغا چۈشكىنىنى كۆرگەن ئامىنە تاس قالدى ئۇچىسىدىكى توي كۆينىكىنى ئۇنتۇپ كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتكىلى. نىجات ئۇنى تارتىپ تۇرمىسا بۈگۈن ئۇ نىمە ئىشلارنى قىلار بولغىيتتىكىن. رىياسەتچى مىكروفوننى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل يېنىمغا كەلدى.
_ خانىم، ئىسمىڭىز نېمە بولىدىكىن؟ ئامىنە خانىمنىڭ دوستى بولامسىز يا نىجات ئەپەندىمنىڭمۇ؟
_ مېنىڭ، مېنىڭ دوستۇم!_ دېدى ئامىنە يەنە ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي.
_ ھە، ئامىنە خانىمنىڭ دوستى بولىدىكەنسىز دە، ئۇنداقتا ئۇلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىز بارمۇ؟
رىياسەتچى مىكروفوننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. ئەتراپىمغا قارىدىم.
_ پۈتۈن دۇنيادا نەچچە مىليارت ئادەم بار، ئاشۇ نەچچە مىليارت ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئۇچرىشىپ توي قىلىپ بىللە ئۆتۈش لاتارىيەدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىش نىسبىتىدىنمۇ تۆۋەن، بۇ تەلەي سىلەرگە كەلگەن ئىكەن، پۇسەتنى غەنىمەت بىلىپ، بىر بىرىڭلارنى قەدىرلەپ مەڭگۈ بەختلىك ئۆتۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەھنىدىن پەسكە چۈشسەم بىر نەچچە ئەر ساۋاقداشلىرىم مېنى ئورىۋېلىپ ئۇنى بۇنى دەپ پاراڭلىشىپ كەتتۇق. بىر چاغدا بايا ئولتۇرغان ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرسام قانداق بولدىكىن، ئۈمىد بىلەن ھېلىقى قىز بىزنىڭ ئۈستەلگە كېلىپ قاپتۇ. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتەي دەپ ئويلىدىم – يۇ، لېكىن ئۈمىدنىڭ ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرغىنىغا قاراپ مەنمۇ ئولتۇرىۋېرەي دەپ ئولتۇردۇم، لېكىن تىكەننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرىۋاتاتتىم. تاماقلار تارتىلدى، ئۆتكۈر ھە دېسە ماڭا قورۇمىلاردىن ئېلىپ بېرەتتى.
_ قېنى بۇنىڭدىن يەپ بېقىڭە، بەك ئوخشاپتۇ، بۇنى يەڭە، باشقا يەردە بۇنداق تەمدە قىلالمايتتى، بۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىكەن.
ئۈمىدمۇ يېنىدىكى قىزغا قورۇمىلاردىن سېلىپ بېرىپ، ھەتتا ئاغزىغا سېلىپ قويغىلى تاس قېلىۋاتاتتى. قىز يىگىت ھەر بىر ئۈستەلگە بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە باشلىدى. بىزنىڭ ئۈستەلگە كېلىپ دەسلەپتە ئۈمىد تەرەپتىكىلەر بىلەن ئاندىن بىر تەرەپتىكىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ نىجاتقا:
_ نىجات، ئامىنە مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم، يېقىن دوستۇم، ئۇنىڭغا ياخشى قاراڭ، بوزەك قىلماڭ ھە_ دېدىم.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، نازىيە، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ياخشى قارايمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دىمىقىمنى قېقىپ قويدۇم.
_ بۇنداق ئالدىراپ مەڭگۈ دەۋەتمەڭ. ئەر كىشى دېگەن ئۆزى ئىگە بولالايدىغان گەپنى قىلىشى كېرەك. مەڭگۈ دېگەن قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت؟ ئەتە قانداق ئىش بولىدىغانلىقىنى بۈگۈن بىلمەيمىز. بىر گەپنى دېمەڭ، دېگەن ئىكەنسىز ئاخىرغىچە ئىگە بولۇڭ. بەختلىك بولۇڭلار! قالغانلار ئولتۇرىۋېرىڭلار، ئەمىسە، مەن ماڭاي. بالىلار يولۇمغا قاراپ ئولتۇرىدۇ_ دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
_ مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي! _ ئۆتكۈرمۇ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۈمىدكە بىرنى ئالىيىۋېتىپ چاپىنىنى قولىغا ئالدى.
ماشىنىدا كېتىۋاتىمىز، كاللامدا ئۈمىد بىلەن ھېلىقى قىز چۆگىلەپلا يۈرىدۇ.
_ ناخشا ئاڭلايلى، ئۆتكۈر! _ دېدىم مەن.
_ قايسى ناخشىنى ئاڭلىغۇڭىز بار؟
_ «شامال» دېگەن ناخشىنى.
«نىمىشقىدۇر شۇنداق كۈنلەردە، سەن يادىمغا يېتىسەن ھامان. پىچىرلايمەن ئىسمىڭنى شۇنداق، سىرلىرىمنى ئېلىپ كەتسۇن شامال» ناخشا تەسىر قىلدىمۇ يا بايىقى ئىشلار تەسىر قىلدىمۇ، تۇيۇقسىز ھۆڭرەپ يىغلىغۇم كەلدى.
_ يىغلىغۇڭىز بولسا يىغلىۋېلىڭ، نازىيە، ئىچىڭىزگە يۇتماڭ! _ ئۇ شۇنداق دەپ ماشىنىنى توختاتتى. قارىسام بىز ئاللىبۇرۇن ماشىنىمۇ يوق دىيەرلىك شەھەر سىرتىدىكى يولغا چىقىپ قاپتىمىز. پەسكە چۈشتۈم، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىراپ يىغلىدىم. يېنىمدا ئۆتكۈردىن باشقا ئادەم يوق، ئۆتكۈر كۆڭلۈمنى چۈشىنىدۇ، مازاق قىلمايدۇ، شۇڭا ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ ئىچ باغرىمنى تۆكۈپ يىغلىۋالدىم. خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ چىققاندىن باشلاپ بۇغۇزۇمدىكى يىغىنى چىقىرالماي يۈرەتتىم. بۈگۈن تازا ياخشى پۇرسەت بولدى. ئۆتكۈر بىلەن بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە پەسكە قاراپ تۇراتتۇق، يىراقتىن بىرىنىڭ كېلىۋاتقىنى كۆرۈندى، يېقىنلاپ كەلگەندە قارىساق ئۇ ئادەم پۇتىغا ئاياق كىيمىگەن، ئۇچىسىدىكى كىيمىمۇ يىلىڭلا ئىكەن. سەل ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتۇق، ئۇ ئۇدۇل يېنىمىزغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنى تۇنۇدۇم، يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى. ئۇ يېڭى يىلدا ئۈمىدكە پىچاق تىقىمەن دېگەندە پىچاقنى مەن توسۇۋېلىپ يارىلانغان چاغدىكى ھېلىقى تايران شۇ ئىدى. ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، «ئۇ مېنى تۇنۇپ قالارمۇ؟»
_ نىمە بولدىڭىز؟_ دەپ سورىدى ئۆتكۈر مەندىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ. ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي چىرايىمنى تۇنۇپ قالمىسۇن دەپ يۈزۈمنى ئۆتكۈرگە قىلىپ تۇرىۋالدىم.
_ تۇنۇمسىز؟_ يەنە سورىدى ئۇ.
_ قايتىپ كېتەيلى! _ دېدىم مەن باشقا گەپ قىلماي. دەرھال ماشىنىغا چىقتۇق، ماشىنىنى تېخى ئوت ئالدۇرماي تۇرۇپ ئۇ ئۆتكۈر تەرەپكە كېلىپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چەكتى. ئۆتكۈر مېنىڭ جىددىيلىشىپ تۇرغىنىمنى بىلگەچكە دەرھال دېرىزىنى ئاچماي ماڭا قارىدى. تايران دېرىزىنى يەنە چەكتى، قارىغاندا ئاچمىساق چېكىۋېرىدىغاندەك قىلاتتى. ئۆتكۈرگە ئېچىڭ دېگەندەك ئىشارەت قىلدىم. ئۆتكۈر ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى پەسكە چۈشۈرىۋىدى، تايران بېشىنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئاۋۋال ئۆتكۈرگە، ئاندىن ماڭا قارىدى.
_ ماشىناڭلارغا چىىۋالسام بولامدۇ؟_ دېدى ئۇ.
ئۆتكۈر قانداق قىلىمىز دېگەندەك ماڭا قارىدى.
_ قەيەرگە باراتتىڭىز؟_ جىددىيلىشىپ سورىدىم مەن.
_ بىپايان شىركىتىگە.
بۇنى ئاڭلاپ ئۆتكۈرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. مەن ئۆزۈمنى تەستە بېسىۋېلىپ جاۋاب بەردىم.
_ كەچۈرۈڭ، يولىمىز بىر ئەمەسكەن، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ھازىر جىددى ئىشىمىز بار ئىدى، ماڭمىساق بولمايدۇ.
ئۇ ھە دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ ئۆرە بولدى.
_ بوپتۇ ئەمىسە، ئاۋارە قىلدىم.
ئۆتكۈر ماشىنىنى قوزغاتتى. كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقىنىمىزغا قاراپ تۇردۇم، لېكىن يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى يەنىلا شۇنداق كۈچلۈك ئىدى.
_ نىمە؟ بەك جىددىيلىشىپ كەتتىڭىزغۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشامسىز؟_ دەپ سورىدى ئۆتكۈر.
_ ياق، تۇنۇشمايمەن_ دېدىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن راستلا تۇنۇشمايمەن، لېكىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىمەن. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ساقچىلار ئۇنى تاپالمىغاچقا ھەممەيلەن ئۇنى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان، لېكىن ئۇ ھايات ئىكەن. ئەتە يېڭى يىل دېگەن كۈنى بىپايان شىركىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رېستۇراندا ئۇ ئۈمىدنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇ كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ تۇنۇۋالالايمەن دېگەن. ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق ئۆچ _ ئاداۋەت بادۇ؟
ئۆتكۈر مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى، ئۇ مېنىڭ ھازىرغىچە ئەسلىمگە كېلەلمەي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ كۆڭلۈمنى ياسىدى.
_ نازىيە، ئۈمىد بۇرۇن بۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى، نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم. كۆڭلىڭىز ئازار يىدى، بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، راستىمنى دېسەم سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم، كۆپ ئويلىماي، ياخشى ئارام ئېلىڭ بولامدۇ؟ ئىككى بالىغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ.
_ ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقىنىنى مەن بىلگەندەك قىلىمەن_ دېدىم مەن ئۆتكۈرگە قاراپ.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















